|
|
|
|
ئەسسالامۇئەلەيكۇم! ئەقلىي قۇۋۋىتى ئۇرغۇپ تۇرغان، قەلىمى ۋە سۆزى ئۆتكۈر قەدىرلىك ئاقىل تورداشلار، ياخشىتۇرۇپسىلەرمۇ؟ ئۇزۇندىن بۇيان ئۇشبۇ مۇنبەرلەرگە ئۈزلۈكسىز يوللاۋاتقان نادىرئەسەرلىرىڭلاردىن تولىمۇ سۈيۈنۈپ كېلىۋاتىمەن. يېقىندىن بۇيان ‹تۇزلۇق چاڭ-توزان›ھەققىدە تەتقىقاتلار بىلەن شۇغۇللىنىپ، ياراتقان نەتىجىلىرىمىزنى توپلاپ بىر پەننىئومۇملاشتۇرۇش خاراكتېرلىك كىتاب چىقارماقچى ئىدىم (شەخسىي نامىمدا)، ئۇنىڭئاساسىي مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە: تۇزلۇق چاڭ-توزان ئاساسلىقى قۇرغاق ۋە يېرىم قۇرغاق رايونلاردىكى تۈگەنچى كۆلى (ئاخىرقى كۆلى) تۇز كۆل بولغان قۇرۇپ كەتكەن كۆل تېگىدىكى تۇزلۇق ئۇششاق دانىچىلىقچۆكۈندىلەرنىڭ شامالدا ئېروزىيەلىنىشى، كۆل تېگىدىكى چۆكۈندى ماددىلار تەركىبىدىكى تۇز دانىچىلىرى ھەمدە باشقا خىمىيەلىك توزانلار شامالغا ئەگىشىپ كېڭىيىشىدىنشەكىللەنگەن بىر خىل ئالاھىدە توزانلىق بوراننى كۆرسىتىدۇ. ئۇ، ئالاھىدەجۇغراپىيەلىك مۇھىت ۋە كىلىمات-گىدرومېتېئورولوگىيە شارائىتىدا شەكىللەنگەن بىرخىل ئاپەت خاراكتېرى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان تەبىئىي ھاۋارايى ھادىسىسى. ئادەتتىكىتوزانلىق بورانغا سېلىشتۇرغاندا تۇزلۇق چاڭ-توزان تەركىبىدە زىچلىقى ئىنتايىنيۇقىرى، دانىچە دىئامېتىرى ئىنتايىن كىچىك بولغان سۇلفاتلار ۋە خىلورىدلارقاتارلىق تۇزلۇق توزانلىرى ھەمدە قۇرت ئۆلتۈرۈش دورىسى ۋە Mn، As، Rb، Pb، Sr، Cr قاتارلىق زەھەرلىكئېغىر مېتالوئىد ئېلېمېنتلار بار. تۇزلۇق چاڭ-توزان تەركىبىدە تۇز مىقدارى كۆپبولغانلىقتىن ئاق رەڭدە ئىپادىلىنىدۇ، ئۇ يۈز بېرىدىغان رايوندىكى يەر يۈزى بىرقەۋەت ئاق رەڭلىك توزان بىلەن قاپلىنىدۇ. شۇڭا، تۇزلۇق چاڭ-توزان بەزىدە ئاق بورانياكى خىمىيەلىك بوران دەپمۇ ئاتىلىدۇ. تۇزلۇق چاڭ-توزان تەركىبىدىكى كۆپمىقداردىكى ئۇششاق دانىچىلىق تۇزلۇق-ئىشقارلىق توزانلار تۇپراقنىڭ شورلىشىشى ئېغىرلاشتۇرىدۇ، يەر يۈزىدىكى يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرگە زىيان يەتكۈزىدۇ، قۇرغاقرايونلاردىكى بوستانلىقنىڭ ئېكولوگىيەلىك بىخەتەرلىكىگە ئېغىر تەھدىت ئېلىپكېلىدۇ. ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئېلىمىزنىڭ غەربىي شىمال رايونلىرىدا تۇزلۇقچاڭ-توزانلىق ھاۋارايى كۆپ كۆرۈلىدۇ، ئۇ پەقەت رايونلۇق مەسىلە بولۇپلا قالماي،رايونلۇق ياكى يەر شارى خاراكتېرلىك ئېكولوگىيەلىك ئاپەت بولۇپ قالدى. چاغاننۇركۆلىنىڭ قۇرۇپ كەتكەن كۆل قىنىدىكى ئۇششاق دانىچىلەر تۇزلۇق دانىچىلىق توزاننىڭ يۆتكىلىش مۇساپىسىدىن قارىغاندا بېيجىڭ، تيەنجىن ۋە شىمالىي جۇڭگو رايونىغا تەسىركۆرسەتتى. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئارال دېڭىز بىلەن كافكاس ئارىلى قۇرۇپ كەتكەن كۆلتېگى يوللىغان كۆپ مىقداردىكى تۇز دانىچىلىق توزان ۋە قاتتىق ھالەتتىكى ئائېروزول(تۈتەكلەشتۈرۈلگەن ئېرىتمە) لار پامىر ۋە تەڭرىتاغ رايونىدىكى تۆۋەن قاتلامدىلىكى بۇلۇت مىقدارى ھەمدە كىسلاتالىق يامغۇرنىڭ يېغىشىنى ئاشۇرىۋەتتى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكىئېبنۇر كۆلى قۇرۇپ كەتكەنلىكتىن، كۆل تېگى ئېچىلىپ قېلىپ، تۇزلۇق چاڭ-توزان ئاپىتىنى پەيدا قىلدى، بۇ ھەتتا ئۈرۈمچىگىچە تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ. بۇ يىلمۇ4-ئايدا گەنسۇ، سىچۈەن قاتارلىق جايلاردا چىققان قاتتىق بوراننىڭ تەسىرىدەكۆتۈرۈلگەن چاڭ-توزان ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ جەنۇب-شىمالىغا ئېغىر زىيانلارنى ئېلىپ كەلدى (بىر ھەپتە داۋاملاشتى). بۇ قېتىملىق تەتقىقاتىمىزنىڭ ئاساسلىق مەقسىدى شۇكى، ئەنە شۇ ئاپەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋەزىيىنىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈش ئىدى. شۇڭا، خەلقىمىزنىڭ بۇ خىل ئاپەتلەرنىچۈشىنىپ بېقىشى ئۈچۈن بۇ كىتابنى تەييارلىغان ئىدىم. كەڭ سۆزى ۋە كۆزى ئۆتكۈرتورداشلىرىمىزنىڭ ياردىمى ئارقىلىق ئۇشبۇ كىتابقا بىر مۇۋاپىق تېما قۇيىۋالغان بولسام دېگەن ئۈمۈدتىمەن. رەخمەت! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ahmatjanxp تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-9 01:04 PM بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @" b0 @% Q& p) l+ s' E. ?
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @" O5 s% k) y* @0 j; i
|
|
|
|
|
|