شۇڭا دەيمەن...
ئازاپلار قىينىدى چەشلەپ،چۈشۈپ باشقا تۈمەن سەۋدا،
پىراقتا ئۆرتىنىپ يۈركۈم،گۈزەلگە چىن بولۇپ شەيدا.
نىدايىم يەتتى ئىقلىمغا،بىراقسەن بىخەۋەر يارىم،
كوچاڭدا سەرسانە بولدۇم،كۆزۈمدە ئەگىدى ياشىم.
سېھىرلىدىڭ بىھۇشلاندىم،سىنىڭدىن ئۆزگە رايىم يوق،
ۋېسالىڭسىز بىتاپدۇرمەن،سىنىڭسىز ئاھ ! شىپاگەر يوق.
كۆرۈندۈڭغۇ كۆزۈمگە ئاي،نازىڭ دىلىمغا سالدى ئوت،
ئەقىدەم بولدى مىڭ پايخان،تاپالمىدىم سىنىڭدىن قۇت.
قۇرۇقدالسا يېنىم گاھى، تۈرۈلدى مۇز كەبى قاپقىڭ،
تومۇزدا تىترىدى جىسمىم،يېقىلسا گەر ماڭا باغرىڭ.
روھىم بوغۇلدى قولۇڭدا،تېنىمدە ھەم يوقتۇر مادار،
قارا بۇلۇت ئەگىپ باشىمدا ، پاتتى دەرت،يىدىم ئازار.
كۆزۈم كوركەن،يۈرەكىممۇ،كۆيۈپ شەيتانغا ئاھ ئۇردۇم،
جانان نەشتىرى پاتقاندا،ئەقىل ئويغاندى،قول ئۈزدۈم.
شۇڭا دەيمەن ئەزىز دوستلار،كۆڭۈل كەينىگە كىرمەيلى!
پەرىشتىدەك جانان تاللاپ،تامان مەنزىلگە ئۆرلەيلى!
مەنبە:ئىجادىيتىم
(چىمەنگۈل مۇھەممەد)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا چىمەنA تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-8 09:40 PM