بىلمىگەن بولساڭ
بۇ ھاياتقا قاناتتىم بەلكىم،
تاتلىققىنە كۈلمىگەن بولساڭ.
ئازاپلاردا قالماستىم يالغۇز،
خىيالىمنى بۆلمىگەن بولساڭ.
قۇلۇمنى تۇت دىمەيمەن ھەرگىز،
ئەگەر دىلدىن سۆيمىگەن بولساڭ.
تەسەللىيدىن ياخشى ئايرىلىش،
جاپالارغا كۆنمىگەن بولساڭ.
ئىزدەرمىدىم كۈندە نەچچە رەت،
چۈشلىرىمگە كىرمىگەن بولساڭ.
يالغانچى دەپ قالارسەن بىر كۈن،
ۋاپا نىمە بىلمىگەن بولساڭ.
كۈتمەس ئىدىڭ باھارنى دائىم،
زىمىستاننى كۆرمىگەن بولساڭ.
بەخىت شۇنداق ئازاپقا يانداش،
ھۇزۇرىنى سۈرمىگەن بولساڭ.
شىرئەلى مەمەت 2014.06.08
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا شىرئېل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-8 07:52 PM