|
|
|
|
شىنجاڭ پۇتبۇل ئەزىمەتلىرى يەنە شەرەپ قۇچتى
ئىختىيارى مۇخبىرىمىز تاھىرجان ئاتاۋۇللا خەۋەر قىلىدۇ. 2014-يىللىق مەملىكەتلىك ياش –ئۆسمۈرلەر مەكتەپ پۇتبۇلى چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسى 2014-يىلى 5-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن 6-ئاينىڭ 2-كۈنىگىچە چىڭخەي ئۆلكىسىنىڭ شىنىڭ شەھرىدە ئۆتكۈزۈلدى.
بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە شىنجاڭ، چىڭخەي،شەنشى،گەنسۇ،جىياڭسۇ قاتارلىق بەش ئۆلكە ئاپتۇنۇم رايۇندىكى 12 شەھەردىن كەلگەن 20 كوماندا ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ گورپىسى بويىچە قاتناشتى. ھەرقايسى كوماندىلار ئۈچ كۈن جىددىي ئېلىشىش ئارقىلىق باشلانغۇچ مەكتەپ گورپىسى ئىچىدە قەشقەر شەھەرلىك 14-ئوتتۇرا مەكتەپ كوماندىسى (باشلانغۇچ مەكتەپ قىسمى) ،ئوتتۇرا مەكتەپ گورپىسى بويىچە، قەشقەر شەھەرلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ئۈرۈمچى شەھەرلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپ كوماندىسى ئايرىم ئايرىم ھالدا چىمپىيۇنلۇققا ئېرىشىپ، ئاپتۇنۇم رايۇنمىزدىكى ھەرمىللەت خەلقى ئۈچۈن شان شەرەپ كەلتۈردى.
سۈرەتتە: قەشقەر شەھەرلىك 14-ئوتتۇرا مەكتەپتىكى پۇتبۇل ئەزىمەتلىرى شەرەپ گۇۋاھنامىسىنى تاپشۇرۇپ ئالماقتا. مۇخبىر: قەشقەر شەھەرلىك 5-ئوتتۇرا مەكتەپتىن.
|
|
|
|
|
|