قەرزقىلماڭ(سانائىل ھەرىپتىن تۈزۈلگەن سۆز ئويۇنى)
قېرىنداشلار!قۇرلىرىمدىكى قەيت قىلىنغىنى قىينچىلىقتا قالغانلارغا قەرىز قىلىپ،قويمىچىلارغا قويۇلۇپ قېلىپ،قان قۇسقان قېرىنداشلارنىڭ قىسمەتلىرىدۇر.قۇرلىرىمدىكى قىسمەتلەردىن،قېرىنداشلىرىمنىڭ قويمىچىلارنىڭ قىلچىمۇ قىزارمايدىغان قېلىن،قاشاڭ،قاراملىقىنى قەلبىدە قىياس قىلىپ، قوينىدىكى قىزىل قەغەزلەرنى قانداقتۇر قىينچىلىققا قالغان قېرىنداشلىرغىمۇ،قويمىچىلارنىڭ قىلغان قەسەملىرىدىن قايمۇقۇپ قېلىپ قەرز قىلىپ قالماسلىقىغا قارتىلغاندۇر.
قېنى قېرىنداشلار!قويمىچىلارنىڭ قەبىھلىكىنى قاتۇرغان قۇرلىرىمدىن قىياس قېلۋېلىڭ.
قۇمتاغدىكى قوغۇنچى قاۋۇلجان قۇمتاغنىڭ قىلۋە قىسمىدىكى قاقاسلىقنى قىدىرىپ،قېزىپ،قىغلاپ،قۇمساڭغۇ قاقاسلىققا قۇم قوشۇپ،قاقاسلىقتا قۇملارنى قاتۇرۇپ قوغۇنلۇققا قوشام قىلىپ،قاملاشتۇرۇپ قوغۇنلۇق قىلدى.قاۋۇلجاننىڭ قىزىقىپ قېتىرقىنىشىدا قاقاسلىقتىكى قوغونلىرىمۇ قاملىشىپ قىزىل قەغەزلەرنىڭ قۇدرىتىدىن قۇمتاغدىكى قەدىر-قىممەتلىكلەر قاتارىغاقوشولدى.قاۋۇلجان قۇمتاغدا قانات قېقىۋاتقاندا قۇمتاغدىكى قوشنىسى قيىنچىلىقتا قالغانلىقىنى، قاۋۇلجانغا قايتا-قايتاقەيىت قىلىپ،قاۋۇلجاندىن قىرىق قەغەزنى قەرىزقىلدى.قەرىزنى قىينچىلىقتىن قۇتۇلسۇن،قۇتۇلمىسۇن قىسقا قەرەلدە قايتۇرۋىتىدىغانلىقىنى قەغەزچە قەسەم قىلماققا قوينىدىن قەغەز-قەلىمىنى قىمىرلىتىۋاتقاندا،قاۋۇلجان،قەتئىيلىكتە قەغەزچە قەسەم قىلمىسىمۇ قەزىرنى قەرەلىدە قايتۇرۇشنى قۇشۇمچە قىلىپ قويدى.قوشنىسى قاۋۇلجانغا قايتا-قايتا قوش قوللاپ قەسەم قىلىپ قىزىل قەغەزلەرنى قوينىغا قوينىغا قىستۇرۇپ قوروسىغا قايتتى.قەرىزقايتۇرىدىغان قەرەلدە قوشنىسى قېلىنلىق قىلىپ قەرزنى قاۋۇلجانغا قايتۇرمىدى.قېرىشقاندەك قاۋۇلجاننىڭ قىزى قەمبەرنىسا قوغونلۇقتىن قايتىۋاتقاندا،قەيەردىندۇر قارا قانجۇق قاۋغىنىچە قەمبەرنىسانى قاساپ قۇرسىقىنى قانىۋەتكەنلىكتىن،قاۋۇلجان قىزى قەمبەرنىسانى قۇتقۇزۋېلىشقا قاترىدى.قاپچۇقلىرىدىكى قىزىل قەغەزلەر قالمىغاچقا قاۋۇلجان قوشنىسىدىن قەرىزنى قىستىدى.قەرزنى قىستىغانسىرى قوشنىسى قەرىزنى قايتۇرماستىن،قاۋۇلجاندىن قېچىۋالدى.قاۋۇلجان قىزىل قەغەزدىن قىينالغانسىرى،قوشنىسغا قەرىزنى قايتۇرمىسا قوشنىسىنى قانۇنغا قارار قىلىدىغانلىقىنى قەيىت قىلىۋىدى،قوشنىسى قوشۇمىلىرىنى قېقىشتۇرغىنىچە،-قانداق قىلساڭ قىل،قەرىز قىلغىنىمغا قارتا قەلەمچە قەسەمنامە قىلمىغان،قانۇنغا قاقشىساڭمۇ قەرىزنى قايتۇرمايمەن،قانۇنمۇ قەلەمچە قەسەم قەغىزىگە قاراپ،قەرىزنى قايتۇرغۇزىدۇ،قەرىزنى قايتۇرمايمەن،قەلبىمنى قوداڭشىتماي قورويىڭغا قايىت.
قاۋۇلجان قوشنىسىنىڭ قوپاللىقىدىن قېنى قىززىپ،قۇمتاغ قانۇنچىلىقىغا قوشنىسىنىڭ قەرىز قايتۇرمىغىنىغا قارتا قوشنىسىنى قارلىدى.
قۇمتاغ قانۇنىدىكىلەر قاۋۇلجاننىڭ قوشنىسىنى قىچقارتىپ،قاۋۇلجاندىن قەرىز قىلغان قىزىل قەغەزلەرنى قايتۇرۋىتىشكە قىستىۋىدى،قاۋۇلجاننىڭ قوشنىسى،قىزارماستىن،-قاۋۇلدىن قاچان ،قانداق قەرەلدە،قانچە قىزىل قەغەزنى قەرىزقىلىپتىمەن؟قېنى قاۋۇلجان قەرىزقىلغاندا قىلغان قەسەم قەغىزىنى قانۇنغا قويسۇن.
قانۇندىكىلەرمۇ قاۋۇلجانغا قارىدى.قوشنىسى قەرىزقىلغاندا قول قويغان قەغەزنى قانۇنغا قويۇشنى قەيىت قىلدى.قول قويغان قەغەزنى قويالمىسا قوشنىسىدىن قەرىزنى قايتۇرۋالالمايدىغانلىقىنى، قانۇنمۇ قەغەزگە قارايدىغانلىقىنى قاۋۇلجانغا قوشۇمچە قىلىپ قوشوپ قويدى.قاۋۇلجان قىينالدى.قوشنىسى قەرىز قىلغان،قەلەمچە قەغەزگە قول قويمىغانلىقىنى،قەرىزنى قەرەلىدىلا قايتۇرۋىتىدىغانلىقىنى قەسەميات قىلغانلىقىنى قانۇنغا قايتا-قايتا قەيىت قىلسىمۇ قانۇنمۇقاۋۇلجاننى قوغداپ قالالمىدى.قانۇن قاۋۇلجاننى ،قوشنىسىنى قاراۋۇلخانىدىن قورويىغا قايتۇرۋەتتى. قاۋۇلجاننىڭ قوشنىسى قاقاقلىغىنىچە قاۋۇلجانغا قەرىزنى قايتا قىستىماسلىقىنى قەيىت قىلىپ قورويىغا قايىتتى. قانۇننىڭ قوغداپ قالالمىغانلىقىدىن،قەرىزنى قايتۇرۋالالمىغانلىقىدىن، قوشنىسىنىڭ قاقاھلىشىدىن قېنى قىززىغان قاۋۇلجان،قاش قاريىپ قۇمتاغنى قاراڭغۇچىلىق قاپلىغاندا، قازنىقىدىكى قىزىل قاپلىق قىلىچىنى قوينىغا قىستۇرغىنىچە قوشنىسىنىڭ قورويىغا قەدەم قويدى. قوشنىسىنىڭ قورويىنىڭ قاسنىقىدىكى قاپتالغا قوشقاچتەك قاپسىلىپ،قوشنىسىنى قىچقاردى.قاراڭغۇدا قىچقىرىشتىن قاڭقىپ قوپقان قوشنىسى،قاراڭغۇدىن قورقۇپ،قامچىسىنى قاماللىغىنىچە قورويىدىن قارشىسىدىكى قاپتالغا قارىدى.قوشنىسى قىچقىرغۇچىنى قارارلاپ،قاپتالغا قەدەم قويۇشىغا قاۋۇلجان قاپلاندەك قاڭقىپ،قوينىدىكى قىلىچنى قوشنىسىغا قاراتتى،قىلىچنى قاڭقىتىپ قوشنىسىنىڭ قاڭشىرىنى قىرىۋەتتى.قاۋۇلجان قوشنىسىغا قايتىدىن قىلىچنى قارارلاۋاتقاندا قاڭشىرىنىڭ قانىشىدىن قىينالغان قوشنىسى قاماللىۋالغان قامچىسىدا قاۋۇلجاننى قايتا-قايتا قاراسلىتىۋەتتى.قامچىلاشتىن قوۋۇرغىلىرى قاراسلىغان قاۋۇلجان قىلىچىنى قايتىدىن قوشنىسىغا قارتىپ قاراملىقتا قوشنىسىنىڭ قورسىقىنى قىلىچتا قوچىۋەتتى.قوشنىسى قانسىراپ قىقىردى.قاۋۇلغان قوشنىسىنىڭ قىياپىتىدىن قورقۇپ،قولىدىكى قىلىچنى قاياققىدۇر قاڭقىتىۋىتىپ،قۇمتاغدىن قاچتى.قىياسىمىزنى قاۋۇلجاننىڭ قوشنىسىغا قاراتساق،قاراڭغۇدىكى قىقاس-قىيالاردىن قايمۇققان قۇمتاغلىقلار قوپۇپ،قانسىراپ قىينالغان قوشنىسىنى قانچە قىلىپمۇ قۇتقۇزۋالالمىدى.قوشنىسى قان قۇسقىنىچە قىيامەتكە قارارقىلدى. قانۇندىكىلەر قەدەممۇ-قەدەم قىدىرىپ قوغلاپ، قاچقۇن قاۋۇلجاننى قارامايدىن قولىغا قىسماقنى قىستۇرۇپ،قۇمتاغ قاراۋۇلخانىسىغا قامىدى.قاۋۇلجان قانۇندىن قېچىپ قۇتۇلالمىدى.قانۇن قاۋۇلجاننىڭ قىلمىشىنى قانۇنسىز قىلمىش قىلغانلىقىغا قارتا قانۇن قامۇسىنىڭ قىرىقىنجى قامۇسىغا قارارلاپ،قاۋۇلجاننى قاراقېچىنغا قامىۋەتتى.
قاراڭ؟قاۋۇلجاننىڭ قىينالغىنىغا.قەرىزقىلسىڭىز،قەرىزقىلغانلار قايتۇرماي قېلىنلىق قىلسا قانداق قىلىسىز؟قاۋۇلجاندەك قىلىچتا قەرىزدارنىڭ قۇرسقىنى قوچوۋىتىپ قاراقېچىنغا قامىلامسىز؟قايتاقەيت قىلاي،قېرىندىشىم،قەرىزقىلماڭ.قەرىزقىلغۇچىلار قىينچىلىقتا قالغانلىقىنى قەيت قىلىپ قەرىز قىلىۋالىدۇ.قايتۇرمايدۇ. قەرىز قىلغانلارنىڭ قىسمەنلىرىغۇ قايتۇرار.قايتۇرمايدىغان قېلىنلار قايتۇرمايدۇ.قايتۇرمىسا قانۇنسىز قىلمىشلارنى قىلىپ قېلىپ،قامىلىپ قالىسىز.
ئاپتۇرى:كىرىمجان ياسىن (زەپەر)