مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1510|ئىنكاس: 24

ۋىيەي،ئاداش!(ساتىرا) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79364
يازما سانى: 414
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8922
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 707 سائەت
تىزىم: 2012-4-26
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-8 02:03:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ۋىيەي،ئاداش!

(ساتىرا)

مەقسۇت ئەمىن ئەركيار

     
       ياش دوستىغا

ۋىيەي ئاداش، بۇ ئۆتۈكۈڭ مەتوكەن،
يوپكا بىلەن قاملىشىسەن قانداقمۇ؟
ۋىيەي ئاداش،پات-پات يېڭى كىيىپ تۇر،
تاشلىۋەتكەن بارمۇ ئۆزنى شۇنداقمۇ...

ۋىيەي ئاداش،سەھرالىقتەك يۈرگۈچە،
كەستۈر چاچنى، چىپار قىلىپ بويايمىز.
ئوت چىقىرىپ ئەركەكلەرنىڭ كۆزىدىن،
بەلنى ئېتىپ تانسا،دېسكو ئوينايمىز.

ۋىيەي ئاداش،كۈندە كىتاب ئوقۇيسەن،
رېئاللىقتا ياشىمامسەن ئادەمدەك.
ۋىيەي ئاداش،جاھان نەدە،سەن نەدە
ئۆزۈڭنىچۇ، چوڭ تۇتمىغىن ئۇنداق بەك.

ۋىيەي ئاداش،خەققە نېمە بىزگە شۇ،
بىزنىڭ ئەرلەر بەكلا ياۋاش،ياۋايى.
تاتلىق سۆزى يوق پەقەتلا،بەك قوپال،
نامرات بولسا ئۇ ئۆزىنىڭ گۇناھى.

ۋىيەي ئاداش،تېپىش كېرەك پۇللۇقنى،
ھالقا،زەنجىر ئۈزۈكلىرىڭ ئاز ئىكەن.
ۋىيەي ئاداش، تۆنۈگۈنكى ئاق پىشماق،
«شىيۇشەن»①كىيىم كىيگەن بالا ساز ئىكەن.

تۇرمۇش قۇرغان دوستىغا

ۋىيەي ئاداش، ئۆيۈڭلارنىڭ «جاڭشوسى»②،
زەپ سىغمىدى قارىغانچە كۆزۈمگە.
راست،ئاچماپتۇ ئالغان جاھازلىرىڭمۇ،
دوستۇم دېسەڭ كىرگىن مېنىڭ سۆزۈمگە.

توڭلاتقۇغا يەڭگۈشلىگىن چوڭىنى،
ئىچىگە تارت تام ئىشكاپنىڭ تېڭىنى.
ۋىيەي ئاداش،مودا نېمە بىلەمسەن،
يۈزدىن ئاشۇر تېلۋىزۇرنىڭ سۇڭىنى.

زۆھرە ئاپتۇ،سەن نېمىشقا ئالمايسەن،
ئايسەم ئاپتۇ،سەنمۇ چېنىپ قالمايسەن.
ئېرىڭ ئالسا سەن نېمىگە قاخشايتىڭ،
ۋىيەي ئاداش،بېشىڭغا غەم سالمايسەن!

     جۇۋان دوستىغا

ۋىيەي ئاداش،ماكچىيىپلا كېتىپسەن،
ئۆلۈپ بەرمە ئەمدى ئەر دەپ، بالام دەپ.
چاي ئوينىغان گۈلبەھرەملەر،بېرىپ قوي،
بىزنىڭ بويتاق تاپسىلارغا سالام دەپ.

ۋىيەي ئاداش، جان بازارغا كىرەمتى،
بالاڭنى قوي،بىللە ئويناپ كۈلىمىز.
كىم بىلىدۇ ئېرىڭ نەدە سىرتتا،
بىزمۇ چۇ،ھايات پەيزىن سۈرىمىز.

ۋىيەي ئاداش،ۋىيەي سېنىڭ بۇ ھالىڭ،
قارا سېنى! خەت ئۆگىتىپ بالاڭغا.
چوڭ بولىدۇ ئۆلمىسە بۇ ھارمىلار،
چاكارمىدىڭ ئېرىڭ دېگەن ساراڭغا.

ۋىيەي ئاداش،ئىچ-ئىچىمدىن ۋاي،ۋىيەي،
نەرىمىز كام دەيمەن زادى ئەرلەردىن.
خەق ئالقاندا پەپىلەيدۇ،قوللايدۇ،
ئۆگىنەيلى ياتتىن،باشقا ئەللەردىن.

ۋىيەي ئاداش،بىز ئاياللار دۆت خەقتە،
نەۋاققىچە بېقىنىپلا يۈرۈيمىز.
ۋىيەي ئاداش،ئەكەل قولنى بىرلىشىپ،
ئەرنى،يۇرتنى قۇل قىلىمىز، ئۆرۈيمىز...

① راھەت كىيىم.بۇزۇپ ئېيتىلغان تىل ئادىتىنى ۋە چىنلىقنى كۆزدەتۇتۇپ ئەسلىسى بويىچە ئېلىندى.
② بېزىلىشى. بۇزۇپ ئېيتىلغان تىل ئادىتىنى ۋە چىنلىقنى كۆزدەتۇتۇپ ئەسلىسى بويىچە ئېلىندى.



مەنىۋى تەرەققيياتنىڭ ئۈچ شېخى:ئىلىم-پەن،پەلسەپە،دىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105713
يازما سانى: 114
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 505
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 165 سائەت
تىزىم: 2014-4-5
ئاخىرقى: 2015-4-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-8 02:51:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى يىزىلىپتۇ ، قوللىرىڭىزغا دەرت يەتمىسۇن  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105938
يازما سانى: 45
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 127
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 68 سائەت
تىزىم: 2014-4-11
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-8 03:21:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك  ئېسىل  يېزىپسىز  ، ئۇلۇغ ئاللاھ  زېھنىڭىزنى  تېخىمۇ  ئۆتكۈر  قىلسۇن   

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105991
يازما سانى: 151
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 991
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 467 سائەت
تىزىم: 2014-4-13
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-8 03:43:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن  ياخشى   يېزىلغان  شئېر    ئىكەن     قەلەم  تۇلپارىڭىز    ھارمىغاي   

گۈلنىڭ  ئۆمرى  قىسقا  ھەممىگە يارىغاچ، تىكەننىڭ ئۆمرى ئۇزۇن ھەممىگە  سانجىلغاچ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106095
يازما سانى: 475
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1573
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 163 سائەت
تىزىم: 2014-4-16
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-8 04:28:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياىشى يىزىپسىز.باشقا گەپ قىلاي دىگەن لىكىن بۇنى ئوقۇغىغان ھەربىر ئادەم سىزنىڭ ۋە مىنىڭ نىمە دەيدىغىنىمىزنى ئوبدان بىلىدۇ.

ئادەمنىڭ پوزىتسىيەسى تەقدىرىنى بەلگىلەپ قويىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30924
يازما سانى: 56
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4207
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 441 سائەت
تىزىم: 2011-2-18
ئاخىرقى: 2014-11-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-8 04:35:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىپسىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104515
يازما سانى: 83
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 507
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 305 سائەت
تىزىم: 2014-3-7
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-8 04:58:20 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەمدى بەزىلەر مۇشۇنداق قىلىدىغان ئوخشايمىز دەپ قالمىغىيدى

مىللىتىم ئــۇيــغــۇر مــاكــانىم شىنجاڭ.  دىنىمدۇر ئــســلام

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97620
يازما سانى: 192
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4437
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 107 سائەت
تىزىم: 2013-9-5
ئاخىرقى: 2015-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-8 06:00:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىجادىيەتلىرىڭىز تېخىمۇ بەركەتلىك بولغاي .

ئەمەتجان زۇنۇن ئارتۇچ  

چ چ  ؛  2536190268  .   يانفۇن  ؛ 15699088894

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100211
يازما سانى: 782
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2746
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 905 سائەت
تىزىم: 2013-11-28
ئاخىرقى: 2015-2-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-8 06:10:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى چىقىپتۇ   ،،ھارمىغايسىز

گۈل ئۈزەي دېگەنتىم سانجىلدى تىكەن
تىكەنلىك بولاركەن ئەسلى گۈل دېگەن.
ئارقىمغا يانغانتىم دېدى گۈل كۈلۈپ،
تىكەندىن قورققانغا گۈل قەيەردىكەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82554
يازما سانى: 1990
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7432
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1181 سائەت
تىزىم: 2012-7-6
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-8 06:47:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سەت پەيزى يېزىۋىتىپسىزغۇ دەيمە،سەت قامچا بولاپتۇ جۇماااا لىكىن.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش