2014- يىلى پۈتۈن مەملىكەت ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بۈگۈن (6-ئاينىڭ 7-كۈنى )باشلاندى ،9 مىليۇن 390 مىڭ ئوقۇغۇچى بۇ قىتىمقى ئىمتىھانغا تىزىملاتتى .يات يۇرتتا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بىرىش ئاساسى جەھەتتىن ئومۇملاشتى ،ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا نۇمۇر قوشۇپ بىرىش تۈرلىرى كەڭ كۆلەمدە ئازايدى ،ھۆكۈمەت كۆپ تەرەپلىمە تەدبىر قوللىنىپ تىخمۇ ئادىل بولغان ئىمتىھان مۇھىتى ياراتتى .10 مىليۇنغا يىقىن ئوقۇغۇچى ئوخشاش بىر نوقتىدىن يولغا چىقماقتا .كۆپ قىسىم رايۇنلار ئىمتىھان رايۇنىنىڭ ئامانلىقىنى قوغداشنى كۈچەييتتى،بىيجىڭ ،نەنجىڭ قاتارلىق كۆپ قىسىم شەھەرلەر خەلق ساقچىسىنى كۆپەيتىپ قوراللىق چارلاش ئىلىپ بارماقتا. مائارىپ ئورۇنلىرىنىڭ 6-ئاينىڭ 6-كۈنى ئىلان قىلغان 2014 –يىلى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىغا قارىغاندا پۈتۈن مەملىكەت بويىچە قوبۇل قىلىدىغان ئوقۇغۇچى سانى 6 مىليۇن 980 مىڭ ،بۇنىڭ ئىچىدە تولۇق كۇرسقا قوبۇل قىلىدىغان ئوقۇغۇچى سانى 3 مىليۇن 630 مىڭ ،مەخسۇس كۇرسقا قوبۇل قىلىدىغان ئوقۇغۇچى سانى 3 مىليۇن 350 مىڭ بولىدىكەن .
5 يىلدىن بۇيان ئالىي مەكتەپكە تىزىملاتقانلارنىڭ سانى ئۈزلۈكسىز ،ئەمما بۇ يىل تۇنجى قىتىم ئۆرلىشى ئىكەن .مائارىپ ئورۇنلىرى ئىلان قىلغان 2014 –يىلى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ستاستىكا قىىلىش دوكىلاتىدىن قارىغاندا ،بۇ يىل ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملاتقانلارنىڭ سانى ئالدىنقى يىللارغا قارىغاندا 270 مىڭ ئادەم كۆپ بولۇپ جەمىئى 9 مىليۇن 390 غا يەتكەن . سەل قاراشقا بولمايدىغان ئەمەليىەت شۇكى ،گەچە كۆپ قىسىم رايۇنلار ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىش پىلانىنى بەلگىلىك دەرىجىدە تەڭشىگەن بولسىمۇ لىكىن كۆپ قىسىم رايۇنلار قوبۇل قىلىش پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان . دوكىلاتتىن قارىغاندا 2008 –يىلدىن كىيىن ،ئەگەر شاڭخەي قوبۇل قىلىش پىلانىنى ۋاقتىدا ئازلاتمىغان بولسا ،0 نۇمۇر بىلەن ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈشتەك مۈشكۈل ئەھۋالدىن ساقلىنىپپ بولغىلى بولمايتتى . 2014 –يىلى شاڭخەيدە ئالىي مەكتەپكە تىزىملاتقانلارنىڭ سانى ئاران 52000 يەتكەن .2006 يىلى شاڭخەيدە 113800 ئادەم ئىمتىھانغا تىزىملاتقان ،بۇ 8 يىل جەريانىدا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملاتقانلارنىڭ سانى 50 پىرسەنىت ئازايغان. باشقا رايۇۇنلارمۇ مۇشۇنداق ئەھۋالغا يولۇققان ،2013 –يىلى خىنەن ئۆلكىسىنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى 606000 بولغان ،ئەمما ئەمەليى قوبۇلغان ئوقۇغۇچى 536000 بولغان ،بۇنىڭ ئىچىدە مەخسۇس كۇرسقا قوبۇل قىلغىنى 245000 ،2013 –يىلى ئومۇمى پىلاننىڭ ئاران 75 پىرسەنتىنى ئورۇنلىيالىغان . شەندۇڭ ئۆلكىسى ئۇدا 3 يىل ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىنى ئورۇنلىيالمىغان ،2013 –يىلى شەندۇڭ ئۆلكىسى 63000 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىپ ئومۇمى پىلاننىڭ ئاران 12 پىرسەنىتىنى ئورۇنلىغان . تەھىلىل قىلىشلارغا قارىغاندا ،تۇرۇشلۇق رايۇن مەسىلىسى ۋاقتىنچە ھەل قىلىنغان بولسىمۇ ،ئاليى مەكتەپتىكى بەزى ئەھۋاللار تىخمۇ جىدىدىلىشىشكە باشلىدى ،جوڭگودىكى بەزى ئالىي مەكتەپلەر ئۆزىنىڭ ئورنى ۋە ئالاھىدىلىكىنى قايىتىدىن تەڭشىگەن ..ئوقۇغۇچى ۋە ئاتا ئانىلار ئاكتىپ ھالەتنى ئىگەللىگەن ،ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئۇنۋان ساتىدىغان كۈنلىرى ئەمدى قايتا تەكرارلانمايدۇ .
مەنبە -تەرجىمە قىلىنغان .تەرجىمە قىلغۇچى :ئۆزۈم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مەتنياز تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-8 01:37 PM
|