خوتەن قاشلىرىنىڭ دائىرىسى بىر قەدەر كەڭ بولۇپ ،ئۇ دىيارىمىزدىن چىقىدىغان ئاساسىي تەركىبى تېرمولىت بولغان قاشلارنى كۆرسىتىپلا قالماستىن،چىڭخەي ئۆلكىسى،روسىيە،كورىيە،كانادا...قاتارلىق دۆلەتلەردىن چىقىدىغان ئاساسىي تەركىبى تېرمولىت بولغان قاشلارنىڭ ئومۇمى ئاتىلىشىدۇر.بىز بۇ ماقالىمىزدا دىيارمىزدىنلا چىقىدىغان خوتەن قاشلىرىنىڭ 30 نەچچە يىللىق باھا ئۆزگىرىش ئەھۋالىنى تۇنۇشتۇرىمىز.
(بۇ ماقالىدىكى پۇل سوممىسى خەلق پۇلىنى كۆرسىتىدۇ)
1980-يىلى بىرىنچى دەرىجىلىك خوتەن زىرە قاشنىڭ ھەر كىلوسى 100 يۈەن بولغان.
1990-يىلى بىرىنچى دەرىجىلىك خوتەن زىرە قاشنىڭ ھەر كىلوسى 1500-2000 يۈەنگىچە بولغان.
1995-يىلى بىرىنچى دەرىجىلىك خوتەن زىرە قاشنىڭ ھەر كىلوسى 6000 يۈەن بولغان.
2000-يىلى بىرىنچى دەرىجىلىك خوتەن زىرە قاشنىڭ ھەر كىلوسى 10000-12000 يۈەنگىچە بولغان.
2003-يىلى بىرىنچى دەرىجىلىك خوتەن زىرە قاشنىڭ ھەر كىلوسى 30000-35000 يۈەنگىچە بولغان.
2004-يىلى بىرىنچى دەرىجىلىك خوتەن زىرە قاشنىڭ ھەر كىلوسى 60000-80000 يۈەنگىچە بولغان.
2005-يىلى بىرىنچى دەرىجىلىك خوتەن زىرە قاشنىڭ ھەر كىلوسى يۈز مىڭ يۈەندىن ئاشقان.
2006-يىلى بىرىنچى دەرىجىلىك خوتەن زىرە قاشنىڭ ھەر كىلوسى 300 مىڭ يۈەن بولغان.
سۈپىتى ئالاھىدە ياخشىلىرىنىڭ باھاسى گىرىمى بويىچە ھېسابلانغان.
2007-يىلى بىرىنچى دەرىجىلىك خوتەن زىرە قاشنىڭ ھەر كىلوسى 300000-500000 يۈەنگىچ بولغان.
سۈپىتى ئالاھىدە ياخشىلىرىنىڭ باھاسى گىرىمى بويىچە ھېسابلانغان.
2009-يىلى بىرىنچى دەرىجىلىك خوتەن زىرە قاشنىڭ ھەر كىلوسى بىر مىليوننىڭ ئۈستىدە بولغان.
سۈپىتى ئالاھىدە ياخشىلىرىنىڭ باھاسى گىرىمى بويىچە ھېسابلانغان.
2011-يىلى يىگىرمە گرام قىزىل چاپان زىرە قاش ئىككى مىليون يۈەنگە سېتىلىپ ،ھەر گرامى ئوتتۇرچە يۈز مىڭ يۈەندىن بولغان.
ئالدىنقى يىلى بېيجىڭ خەلقئارا جاۋاھىرات (ئۈنچە-مەرۋايىت،قاشتېشى) كۆرگەزمىسىدە ‹شىنجاڭ خوتەن قاشتېشى بازار ئۇچۇرى بىرلەشمە مەركىزى› كۆرگەزمىگە قويغان يۇقارقى سۈرەتتىكى 59 گىرام خوتەن زىرە قاش ھەر گرامى 25400 يۈەن ھېسابىدا بىر مىليون بەش يۈز مىڭ يۈەنگە سىتىلىپ كۆرگەزمىنىڭ قىزىق نۇقتىسى بولۇپ قالدى.
كان قاشنىڭ باھاسىمۇ زىرە قاشنىڭ باھاسىنىڭ ئۆسىشىگە ئەگىشىپ مۇناسىپ ھالدا ئۆسمەكتە.ئاساسلىقى كېرىيە 95 نىڭ ئاق كان قاشلىرىنىڭ باھاسى ئىنتايىن يۇقىرى بولماقتا.ھازىرقى بازاردا شۇ قاشنىڭ ھەر كىلوسى 500 مىڭ يۈەن ئىكەن.
تەرجىمە قىلىپ رەتلىگۈچى:ئۇيغۇر قاشتېشى تورىدىن ئابلىكىم ئاۋۇت جىياڭسۇ ئۆلكىسى ۋۇشى شەھىرى 2014-يىلى 6-ئاينىڭ 7-كۈنى
ئۇيغۇر قاشتېشى تورى ئۈندىدار سالونى
ئىزدەش نۇمۇرى:UYHQT
ئىككىلىك كود ئارقىلىق قۇشۇلۇش 二维码扫描
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا WWW.UYHQT.COM تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-8 11:48 AM
|