|
|
|
|
ئىران قەدىمكى مەدەنىيەتلىك دۆلەتلەرنىڭ بىرى . تارىختا بىرقانچە قىتىم پارىسلارنى مەركەز قىلىپ دۆلەت قۇرۇلغان .مەسىلەن :ئەھمانىلار خانلىقى ،پىرىسىيە ئىمپىرىسى ،ساسانىيلار خانلىقى قاتارلىقلار.ئۇيەنە ئالىكساندىر ئىمپىرىسى ، ئەرەپ ئىمپىرىسى ،مۇڭغۇل ئىمپىرىرىسى قاتارلىقلارغا بىقىنغان .ھازىر ئىسلام دۆلەتلىرى ئارىسىدا تۈركىيىدىن قالسىلا ھەربىي ئىشلار كۈچى چوڭ دۆلەت .ئۇ1920-يىللاردا رۇسىيىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى زىمىنىغا قوشۇن چىقارغان .1933-يىلى ھىتلىر (ئەسلى ئىسمى شۇنداق) تەخىتكە چىققاندىن كىيىن ،ئران بىلەن مۇناسىۋەت ئورناتقان ،مەقسىتى ئراندىن نىفىت ۋە باشقا سانائەت خام ئەشيا سىتىۋىلىش ئىدى .ئەينى ۋاقىتتا كۆپلىگەن ئوتتۇرا شەرىقدىكى دۆلەتلەر ئەنگىلىيە ۋە فىرانسىنىڭ مۇستەملىكىسى ئىدى .ئەينى ۋاقىتتا ئران گەرچە پادىشاھلىق تۈزۈمدە تۇرسىمۇ،لىكىن نىفىت سانائىتى تەرەققى قىلغان ئىدى.گىرمانىينىڭ كۆپلىگەن ھەربىي پاراخوتلىرى ۋە چۆكمە پاراخوتلىرى ئىراندىن نىفىت توشۇغان .2-دۇنيا ئۇرۇشى پارتىلغاندىن كىيىن ئران گىرمانىيىنى قوللىغان. 1941-يىلى 6-ئايدا گىرمانىيە سوۋېت ئىتتىپاقىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلدى .سىتالىن بولسا قانداق تاقابىل تۇرۇشنى ئويلىشىپ ،ئاخىرى گىروزىيە ۋەتۇركمەنسىتان يۆلىنىش ئارمىيىسىگە ئرانغا ھۇجۇم قىلىشىغا بۇيرۇق بىرىدۇ.سوۋېت قوشۇنلىرى ئراننى ئىشغال قىلىدۇ.شۇنىڭ بىلەن گىرمانىينىڭ خام ئەشيا مەنبەسى ئۈزۈلۈپ قالىدۇ.سوۋېت ئىتتىپاقى ئراننى ئۆزلىرى بىلەن نىفىت سودا كىلىشىمى ئىمزالاشقا مەجبۇرلايدۇ.1943-يىلى 11-ئايدا ئىتالىيە تەسلىم بولدى. بۇۋاقىتتا ئامىركا خەلىقئارالىق يىغىندىن بىرنى ئاچماقچى بولدى .لىكىن سىتالىن بىلەن جىياڭ جىشى ئوتتۇرىسىدا زور ئىختىلاپلار بارئىدى .شۇڭا يىغىننى ئىككىگە بۆلۈپ ئاچماقچى بولىدۇ . بۇدەل قاھىرە يىغىنى ۋە تىھران يىغىنى .تىھران يىغىندىن كىيىن سوۋېت ئىتتىپاقى ئراندىن ئەسكەرلىرىنى تامامەن چىكىندۈرىدۇ.ئرانمۇ گىرمانىينىڭ مەغلۇبىتىنى تونۇپ يىتىپ ،ئىتتىپاقداش ئارمىيە تەرەپكە ئۆتىدۇ .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا akbarjan2015 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-8 09:06 AM
|
|
|
|
|
|