دۇنيا پۇتبول لوڭقىسى پائالىيەت قوللانمىسى
قېنى، ئاۋال دۇنيا پۇتبول لوڭقىسى مەزگىلىدىكى قىزلار بىلىۋېلىشقا تىگىشلىك ئىشلارنى بىر كۆرۈپ چىقايلى.
1. بۇ يىلقى مۇسابىقە بىرازىلىيەدە ئۆتكۈزىلىدۇ.
2. مۇسابىقە ۋاقتى كەچقۇرۇندىن تاڭ ئاتقۇچە ئارىلىقتا بولىدۇ.
3. بۇ يىل ئېنگلاند كوماندىسىدا بېكھام يوق.
4. بۇ يىل چېمپيون بولۇش ئېھتىماللىقى ئەڭ يۇقىرى كوماندىلار بىرازىلىيە، ئىسپانىيە، ئارگېنتىنا ۋە ئوغۇل دوستىڭىز قوللايدىغان كوماندا.
5. مۇسابىقە كۆرۈۋاتقاندا ھەرگىز «نېمە ئىش بۇ، 10 نەچچە ئادەم بىر تال توپنى قوغلاپ يۈرۈپ نېمە دىگەن مەنىسىز» دېگەندەك گەپلەرنى قىلىپ سالماڭ، بولمىسا يىگىتىڭىزنىڭ ئاچچىغى 80 گە چىقىشى مۇمكىن.
6. دۇنيا پۇتبول لوڭقىسى مەزگىلىدە، يىگىتىڭىز پەقەت بۈگۈچ كەچ ۋە ئەتە كەچتىكى مۇسابىقە ۋاقتى ۋە كوماندىلارنىڭ ئىسمىنى يادىدا تۇتالايدۇ. بۇ چاغدا ھەرگىز ئۇنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى سىنايمەن دەپ ئاۋارە بولماڭ، مەسىلەن، 6-ئاينىڭ مەلۇم كۈنى نېمە كۈن دېگەندەك سوئاللارنى ئۇنىڭدىن سوراپ يۈرمەڭ، ئۇ كۈن ئىككىڭلارنىڭ توي خاتىرە كۈنى بولسىمۇ مەيلى. چۈنكى ئۇ سىزگە «سائەت 12 دە ئىسپانىيە بىلەن گوللاندىيەنىڭ مۇسابىقىسى بار» دەپ جاۋاپ بېرىشى مۇمكىن، ناۋادا شۇنداق بوپ قالسا، كۆڭلىڭىز چوقۇم قاتتىق يېرىم بولىدىغۇ دەيمەن.
7. يىگىتىڭىزنى ئەڭ سېغىنغان ۋاقتىڭىز، دەل توپ باشلىغان ۋاقىتقا توغرا كېلىدۇ. ئازراق ئۇۋالچىلىق تاتسىڭىزمۇ، بىراق تۆت يىلدا پەقەت بىر قېتىملا تارتىدىغان ئۇۋالچىلىق بولغاچقا، ئۇنى كەچۈرىۋېتىڭ.
8. ئۈستىدىكىگە ئوخشاش، يىگىتىڭىز بىلەن تېلېفون پاراڭلاشقىڭىز كەلگەن ۋاقىتمۇ دەل توپ باشلايدىغان ۋاقىتتۇر. شۇڭا…
9. ناۋادا يىگىتىڭىز قاتتىق خۇشاللىق ۋە ھاياجان بىلەن سىزگە بىر دۆۋە چەتئەللىكنىڭ ئىسىملىرى ۋە كوماندىلارنىڭ جەڭ تاكتىكىلىرى، شۇنىڭدەك بىر قىسىم كەسپىي ئاتالغۇلارنى سۆزلەپ كەتسە، جىم ئولتۇرۇپ ئاڭلاپ بېرىڭ. چۈشەنمىسڭىزمۇ ھېچنىمە سورىماڭ، چۈنكى نېمە دەۋاتقانلىقىنى ئۇ ئۆزىمۇ بىلمەيدۇ. سىز پەقەت ئۇنىڭغا «ۋاھ جېنىم، سىز نېمە دېگەن قالتىس» دېگەن چىراي ئىپادىڭىزنى كۆرسەتسىڭىزلا، دۇنيا لوڭقىسىدىن كېيىن مول-ھوسۇل ئاىدىغان پەيت كېلىدۇ.
10. ناۋادا يىگىتىڭىز قوللاۋاتقان كوماندا شاللىنىپ كەتسە، ئۇنىڭدىن بەك ئەنسىرەپمۇ كەتمەڭ. چۈنكى، ھەر تۆت يىلدا ئۇ چوقۇنىدىغان كوماندىلار شاللىنىپ تۇرىدۇ، بۇنىڭغا ئۇ كۆنۈك.
11. ناۋادا يىگىتىڭىز قوللاۋاتقان كوماندا بىلەن سىز قوللاۋاتقان كوماندا ئارىسىدا پەرق چىقىپ قالسا، ئۇنىڭدا ئىچىڭىزدە بىلىپ ئۇ قوللاۋاتقان كوماندىنىڭ يېڭىشىنى تىلەڭ. چۈنكى، سىز پەقەت كۆڭلىڭىزدە قوللايسىز، يىگىتىڭىز بولسا، يېنىدىن پۇل چىقىرىپ قوللاۋاتقان بولۇشى مۇمكىن.
12. يىگىتىڭىز قايسى كوماندىلارنى ياقتۇرىسىز دەپ سورىسا ھەرگىزمۇ مانچېستېر، خان جەمەتى مادرېد كوماندىسى دەپ سالماڭ، چۈنكى بۇلار دۆلەت كوماندىسى ئەمەس.
13. مۇسابىقە ئويناۋاتقان ۋاقىتتا ھەرگىزمۇ يىگىتىڭىزدىن ئوفسايد(越位) دېگەن نېمە دەپ سوراپ سالماڭ، Google دىن ئىزدەپ بىلىۋالسىڭىز بولدى.
14. ناۋادا يىگىتىڭىز تۈز ھەم چىرايلىق بېرىلگەن پاسلارنى ياقتۇرسا، ئىسپانىيەلىك Xavi دىن باشقا يەنە ئېنگلادتىكى Gerrard نى ئۇنىڭغا تەۋسىيە قىلسىڭىز بولىدۇ.
15. بۇ قېتىمقى دۇنيا لوڭقىسى برازىلىيەدە ئۆتكۈزىلىدۇ. برازىلىيەنىڭ جەنۇبىي يېرىم شاردا ئىكەنلىگىنى كۆزدە تۇتقاندا، يىل ئوتتۇرىسى قىش پەسلىگە توغرا كېلىدۇ، شۇڭا تېلىۋېزوردا توپچىلارنىڭ 6~7-ئايلاردىمۇ ئۇزۇن يەڭ توپ كىيمى كىيىپ يۈگۈرەپ يۈرگەنلىكىنى كۆرسىڭىز ھەيران قالماڭ. ئەلۋەتتە، برازىلىيەنىڭ بىر قىسىم ئىسسىق جايلىرىمۇ بار. شۇڭا بۇ مەسىلىگە سىزنىڭ بەك كۆڭۈل بۆلۈشىڭىز ھاجەتسىز.
16. نۇرغۇن ياخشى مۇسابىقىلەرنىڭ ۋاقتى ئوتتۇرا كېچىگە توغرا كېلىدۇ. بۇ چاغدا يىگىتىڭىز بىلەن تېلىفون پاراڭلىشىدىغان ياخشى پەيت. ناۋادا قاتتىق مۇڭدىشىۋېتىپ يىگىتىڭىز تۇيۇقسىز ئاغزىنى بۇزۇپ سەت تىللاپ كەتسە، ھەرگىزمۇ بۇنى يىگىتىڭىزنىڭ مۇسابىقىسىگە تەسىر يەتكۈزگەنلىكتىن دەپ ئويلىماڭ. گەرچە ئەمەلىيەت ھەقىقەتەن شۇنداق بولسىمۇ…
17. ناۋادا يىگىتىڭىز بىلەن پاراڭلاشقاندا دىققىتى تازا جايىدا بولمىسا، بۇنىڭدىن بەك ئەجەپلىنىپ كەتمەڭ. بۇ ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ كۆڭلىدە باشقا بىرىنىڭ پەيدا بولغانلىقى ئەمەس، پەقەت بىر پۇتبول كوماندىسىنىڭ كۆپەيگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
18. مۇسابىقىگە 32 دۆلەت كوماندىسى قاتنىشىدۇ. شۇڭا سەمىڭىزگە يەنە سالاي، قايتا سوراپ يۈرمەڭ، بۇ مۇسابىقىدە بارسېلونا ياكى مادرېد يوق.
19. كېلىشكەن يىگىتىلەر ئەڭ كۆپ كوماندا ئىسپانىيە كوماندىسى. بىراق يىگىتىڭىز سوراپ قالسا، ئىسپانىيە كوماندىسىنىڭ تېخنىكىسىنى ياقتۇرىدىغانلىقىڭىزنى دەپ قويسىڭىزلا بولدى.
20. قايسى توپچىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭىزنى سورىسا ھەرگىزمۇ كىرىستىيان رونالدو دەپ سالماڭ، دروگبا ياكى ياكى رىبېري دېسىڭىز باشقىلارغا تېخىمۇ ئۆزگىچە تەسىر بېرىشىڭىز مۇمكىن.
21. ياپونىيە ياكى كورىيە كوماندىسىدا كېلىشكەن يىگىتلەر يوق، شۇڭا جىق ئويلىماڭ.
22. بىر مەيدان پۇتبول مۇسابىقىسىدە 22 ئادەم 11 دىن ئىككى كوماندىغا بۆلۈنۈپ 1 تال توپنى قوغلاپ ئاخىرىدا قارشى تەرەپنىڭ ۋارتاسىغا كىرگۈزۈپ ئوينايدۇ. بۇ خۇددى بىر توپ قىزلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر تال باھاسى چۈشۈرۈلگەن داڭلىق ماركىدىكى سومكىنى تالاشقىنىغا ئوخشاپ كېتىدۇ، شۇڭا بەك ئەجەپلەنمەڭ.
23. توپنى كۆپ كىرگۈزگەن كوماندا يەڭگەن ھېسابلىنىدۇ.
24. يىگىتىڭىزنىڭ كۆرگەن نەچچە 10 مەيدان مۇسابىقىسىنىڭ ۋاقتىنى قوشسا، سىزنى ساقلىغان ۋاقتىدىن خېلىلا ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن. شۇڭا كۆڭلى كۆڭسىڭىزنى كەڭرى تۇتقايسىز، ئاياللار يېرىم دۇنيا ئەمەسمۇ…
قىزلارنىڭ تۈگەپمۇ قاپتۇ، ئەمدى ئوغۇللارنىڭ دۇنيا پۇتبول لوڭقىسى مەزگىلىدە بىلىۋالىدىغان ئىشلىرىنى كۆرۈپ باقايلى.
1. ئاۋال، ئەڭ ئاۋال ھە…سىزنىڭ بىر قىز دوستىڭىز ياكى ئايالىڭىز بولۇشى كېرەك، بولمىسا كېيىنكى تارماقلىرىنى يېزىشنىڭ ھاجىتى يوق.
تۈگىدى.
مەنبە:تورخۇمار تور بېتى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا پەرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-7 05:59 PM