بىلىم يېنىپ تۇرغان چىراغ،
ھۈنەر ئېقىپ تۇرغان بۇلاق.
بىلىكى چوڭ بىرنى يېڭەر،
بىلىمى چوڭ مىڭنى.
بىلمەسلىك ئەيىب ئەمەس،
سورىماسلىق ئەيىب.
بىلگىنىڭنى ئەلدىن ئايىما.
ئەمگەك بىلەن ئەر كۆكىرەر،
يامغۇر بىلەن يەر.
ئەمگەكنىڭ تېگى راھەت.
ئەلنىڭ قۇلىقى ئەللىك.
ئەلنىڭ غېمىنى يىگەن ئەر ئۆلمەس.
ئەل ئىچى ئالتۇن بۈشۈك.
ئەلگە قوشۇلساڭ ئەر بولۇسەن،
ئەلدىن ئايرىلساڭ يەر.
ئەل قارغىغاننى خۇدا قارغاپتۇ.
پىيازنىڭ پوستى تولا،
ئەخمەقنىڭ دوستى.
پىلانسىز ئىش،
قېلىپسىز خىش.
پىچاقنى ئۆزۈڭگە سال،
ئاغرىمىسا كىشىگە.
پىچاق يارىسى ئۇنتۇلار،
تىل يارىسى ئۇنتۇلماس.
پايدا بىلەن زىيان بىر تۇققان.
بىر ياماننى كۆرمىگۈچە،
بىر ياخشىنىڭ قەدرىگە يەتمەس.
بىر ھارغانغا گەپ قىلما،
بىر ئاچقانغا.
بىرلىك بولماي،
تىرىكلىك بولماس.
بىرگە جازا،مىڭغا ئاگاھ.
بىر سەر ئالتۇنىڭ بولغۇچە،
بىر مىسقال ئەقلىڭ بولسۇن.
قىرىق قۇتان مېلىڭ بولسىمۇ،
ياخشى خوتۇن بولمىسا بىكار.
قىز چوڭ بولسا كۆز تولا،
ئوغۇل چوڭ بولسا سۆز.
قىزدىن ئارتۇق جۇۋان بار،
ئاتتىن ئارتۇق غۇنان.
قىزنى ئانىسى ساقلىسۇن،
ئوغۇلنى ئاتىسى.
قىزنىڭ ياخشىسى كېلىن بولغاندا بىلىنەر.
ياماننى ئايىساڭ ياخشىلىق يوق.
يامانغا يولۇقساڭ يالىسى يۇقار،
قازانغا يولۇقساڭ قارىسى.
يامان بىلەن يولداش بولما،
نادان بىلەن سىرداش.
يالغۇز ئاتنىڭ چېڭى چىقماس،
چېڭى چىقسىمۇ دېڭى چىقماس.
يالغانچىنىڭ قۇيرۇقى بىر تۇتام.
يىقىلغان چېلىشقا تويماپتۇ.
يىقىلغاننى تەپمە،
قاچقاننى قوغلىما.
يىراقتىكى سۇدا ئۇسسۇزلۇق قانماس.
يىراقتىكى تۇققاندىن يېقىندىكى قوشنا ياخشى.
يېنىكلىك شەيتانلىق،
ئېغىرلىق رەھمانلىق.
يىمەي يىققاننىڭ يىگۈچىسى چىقار،
كىيمەي يىققاننىڭ كىيگۈچىسى.
يىغا ياندىن قوپار،
بالا قېرىنداشتىن.
يېتىپ يىسە تاغ توشۇماس.
يولۋاس ئىزىدىن قايتماس،
يىگىت سۆزىدىن.
يۇرت قوغدىساڭ ئۆسەرسەن،
قوغدىمىساڭ ئۆچەرسەن.
ئىناق ئەلدە بالا يوق.
ئىناۋەت ئالتۇندىن قىممەت.
ئىش ئۆملۈكتە،
كۈچ بىرلىكتە.
ئىشلىگەننىڭ يۈزى يورۇق،
ئىشلىمىگەننىڭ يۈزى چورۇق.
ئىشچان ئېشىنى يەر،
ھورۇن بېشىنى يەر.
ئىش پەم بىلەن ،
ئىشىك دەم بىلەن.
ئىشەنگەن تاغدا كىيىك ياتماپتۇ.
ئىچتىم شاراپ، بولدۇم خاراپ.
ئىتنىڭ قارغىشىغا پىت ئۆلمەس.
ئىتمۇ ئۆز يالىقىنى قورۇيدۇ.
ئېيتقان يەردىن قالما،
ئېيتمىغان يەرگە بارما.
ئېيتقان سۆز……ئاتقان ئوق.
ئېغىزنى ساقلىغان جاننى ساقلار.
ئىشەك بىلمەس تۆشەك قەدرىنى،
مۈشۈك بىلمەس سۆڭەك قەدرىنى.
ئۈمىد ياشنىتار،
غەم قاخشىتار.
ئۆمۈر ……ئاتقان ئوق.
ئۆلۈمنىڭ كۆزى يوق.
ئۆلگەندىن كېيىن يىغلىغۇچە،
ئۆلمەستىن بۇرۇن سەۋەپ قىل.
ئۆزىنى سورىغان يۇرت سورار.
ئۆزۈڭنى ئەر چاغلىساڭ،
باشقىنى شىر چاغلا.
ئويلىماي قىلغان ئىشىڭدا،
كۈندە غوۋغا بېشىڭدا.
ئوقۇغان ئۇزار،
ئوقۇمىغان توزار.
ھۈنەرلىك ئادەم
مىۋىلىك دەرەخ.
ھۈنەر……تۈگىمەس گۆھەر.
ھۆرمەت قىلساڭ ھۆرمەت كۆرىسەن.
ھەسەلنىڭ ھەرىسى بار،
گۈلنىڭ تىكىنى.
ھايۋاننىڭ ئالىسى تېشىدا،
ئادەمنىڭ ئالىسى ئىچىدە.
ھايا كەتسە بالا كېلىدۇ.
نىيىتى ياماننىڭ قازىنى تۆشۈك.
نىمە تېرىساڭ شۇنى ئالىسەن.
نەسىھەت ئاچچىق،مىۋىسى تاتلىق.
نادانلىق قاراڭغۇدىن يامان.
مىڭ ئاڭلىغاندىن بىر كۆرگەن ئەلا.
مۇساپىر بولمىغۇچە،
يۇرتنىڭ قەدرىنى بىلمەس.
مەنمەنلىك……شەيتانلىق.
مەستلىك……پەستلىك.
مەردنى مەيداندا سىنا.
گۈل گۈلى بىلەن،
مال خىلى بىلەن.
گۆھەر ياتىدۇ سايدا ،
تونۇمىساڭ نېمە پايدا.
مەنبە:ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى ئىزاھلىق لۇغىتى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا پەرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-7 04:48 PM