مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1373|ئىنكاس: 5

دۇنيادىكى ئەڭ بەختلىك ئايال (6) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102290
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1078
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 15 سائەت
تىزىم: 2014-1-15
ئاخىرقى: 2015-2-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-7 03:29:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بېشى ئالدىنقى ساندا...

                 دۇنيادىكى ئەڭ بەختلىك ئايال

             ئاپتورى: ئائىز قەرنىي (سەئۇدىي ئەرەبىستان)
             تەرجىمە قىلغۇچى: ئويچى

                        ئون بىرىنچى باب

«مۇۋەپپەقىيەت ۋە كۆڭۈللۈك ئىشلارنى ئېسىڭىزدە تۇتۇڭ، مۇسىبەت ۋە ئازابلىق ئىشلارنى ئۇنتۇپ كېتىڭ.»

*********************************************************
« سەن ئۇلار ئۈچۈن قايغۇرمىغىن، ئۇلارنىڭ سۇيقەستى تۈپەيلى بىئارام بولمىغىن.» (127  :16)

                                       1
                              كىم ئەڭ سۆيۈملۈك

پەيغەمبەر سۆيگۈسى ھەرقانداق ئىنسان سۆيگۈسىدىن مۇقەددەستۇر. سىز ئۆزىڭىزدىن سۇراپ باققانسىز؟ سىزنىڭ ئاللاھنىڭ ئەلچىسىگە بولغان مۇھەببىتىڭىز زادى قانچىلىك؟ بۇ مۇھەببەتنىڭ ئالامىتى نېمە؟ بۇنى بىلەمسىز؟ ئەمەلىيەتتە ئۇ بۇيرىغاننىڭ ھەممىسىنى قىلىش، ئۇ تۇسقاننىڭ ھەممىسىدىن يېنىش بۇ مۇھەببەتنىڭ ئالامىتىدۇر. ھېس-تۇيغۇڭىزنى قايتىدىن كۆزىتىپ، ئۇنى ئالدى بىلەن ئاللاھنى ئاندىن ئاللاھ بىزنى ئازغۇنلۇققا چۈشۈپ قېلىشتىن ساقلاشقا ئەۋەتكەن پەيغەمبەرلەرنى قىزغىن سۆيۈشكە توغۇرلاڭ. مۇبادا ئۆزىڭىزنىڭ جەننەتتە يۈكسەك دەرىجىگە ئېرىشىشىنى خالىسىڭىز مۇنۇ ھەدىس ئېسىڭىزدە بولسۇن: « ھەر بىر كىشى ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئادىمى بىلەن بىللە بولىدۇ.» ئەمما بۇ خىل سۆيگۈنىڭ بىرىنچى ئىپادىسى پەيغەمبەرنىڭ بۇيرىقىغا رىئايە قىلىشتۇر. پەيغەمبەرنى ياخشى كۆرىمەن دەپ تۇرۇپ، قانداقمۇ پەيغەمبەر بۇيرىغاننىڭ ئەكسىنى قىلالايسىز؟ پەيغەمبەرنىڭ كۆرسەتمىسىگە ئەگەشمەي تۇرۇپ ، قانداقمۇ پەيغەمبەرنىڭ يۇلىدا چىڭ تۇرالايسىز؟ پەيغەمبەر تەرجىمىھالىدىن بىرەرنى ئۇقۇڭ. قاراڭ، پەيغەمبەرنىڭ كۆز قارىشى نېمىدىگەن ئۇلۇغ! پەيغەمبەرنىڭ سۆزلىرى نېمىدىگەن قىممەتلىك ۋە ئېسىل! پەيغەمبەر تەۋسىيەلىرى كۆيۈنۈشكە نەقەدەر تولغان-ھە! پەيغەمبەر ئاللاھتىن قانداق قورقۇپتۇ؟ دۇنيانى قانداق مەنسىتمەپتۇ؟ پوزىتسىيىڭىزنى توغۇرلاڭ، ئۇنى سۈننەتكە تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇڭ.

« نۇھ ۋە لۇتنىڭ ئاياللىرى ئەرلىرىدىن يۈز ئۆرىدى ( ئۇلارنىڭ تەلىماتىنى ئىنكار قىلدى ) شۇڭلاشقا ئۇلار ئاللاھنىڭ ئالدىدا ھېچنېمىگە ئەرزىمىدى. ئەمما ئاسىيە بىلەن مەريەم ئاللاھقا ئىشەندى. شۇڭلاشقا ئۇلار شان-شەرەپكە ئېرىشتى.»

ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
« مەن ھەقىقەتەن يېقىندۇرمەن، دۇئا قىلغۇچىنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىمەن.»  (186  :2)

                                       2
                    بەختنىڭ باي، نامرات بىلەن كارى يوق

بىرناردشو مۇنداق دەيدۇ: « مەن ئۆزۈمنى نامراتلىقنىڭ تەمىنى ھەقىقى تېتىغان دېيەلمەيمەن. مەن يېزىقچىلىق بىلەن جان بېقىشتىن ئىلگىرى، دائىم بىر چوڭ كۈتۈپخانا ــ ئەنگىلىيە مۇزىيىنىڭ ئاممىۋى كۈتۈپخانىسىغا ۋە ترافالگار مەيدانى يېنىدىكى ئەڭ ياخشى گۈزەل-سەنئەت كۆرگەزمە سارىيىغا باراتتىم. مەن پۇلنى نېمىگە ئىشلىتىمەن؟ سىگارت چىكەمدىم؟  ئەمما مەن تاماكا چەكمەيمەن. شامپان ئىچەمدىم؟ ئەمما مەن ھاراق ئىچمەيمەن. ئەڭ يېڭى پاسۇندىكى كىيىمدىن بىر قۇر سېتىۋالامدىم؟ ئۇنداقتا مەن ناھايىتى تىزلا بار كۈچۈم بىلەن قاچىدىغان ئاشۇ كىشىلەر تەرىپىدىن قەسىر-داچىلاردىكى كەچلىك زىياپەتلەرگە تەكلىپ قىلىنىمەن. ئات سېتىۋالامدىم؟ ئەمما ئۇلار خەتەرلىك. ماشىنا ئالامدىم؟ ئەمما ئۇلار مېنى ئاۋارە قىلىدۇ. ھازىر مېنىڭ بۇ نەرسىلەرنى سېتىۋالغۇدەك پۇلۇم بار. ئەمما مەن پەقەت  نامرات ۋاقتىمدىمۇ سېتىۋالالايدىغان زۆرۈر تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنىلا سېتىۋالىمەن. مېنىڭ بەختىم يەنىلا مەن نامرات ۋاقىتتا ماڭا ياردەم قىلغان ئاشۇ نەرسىلەردىن كېلىدۇ: ئۇقۇشقا ماس كېلىدىغان بىرەر كىتاب، چوڭقۇر ئويغا سالىدىغان بىرەر پارچە ماي بۇياق رەسىم، يازغۇدەك بىرەر پىكىر. بۇنىڭدىن باشقا مېنىڭ مول تەسەۋۋۇر كۈچۈم بار، ئوڭدا يېتىۋېلىپ ئۆزۈمنىڭ ئۇسۇلى بۇيىچە خىيال سۈرۈش، تەسەۋۋۇرۇمدا خالىغان ئىشنى قىلىشتىن باشقا يەنە نېمىگە مۇھتاج بولغانلىقىمنى ئەسلىيەلمەيمەن.  ئۇنداقتا، سودا كوچىلىرىدىن سېتىۋالىدىغان ئاشۇ ھەشەمەتلىك بۇيۇملارنىڭ ماڭا نىسبەتەن نېمە پايدىسى بولسۇن!؟

« ئۆيىڭىزنى جەڭگى-جىدەلنىڭ سورۇنىغا ئەمەس، تېنىچلىقنىڭ جەننىتىگە ئايلاندۇرۇڭ، چۈنكى تېنىچلىق بەختتۇر.»

ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
« پەرۋەردىگارىم، دەرگاھىڭدا، جەننەتتە مەن ئۈچۈن بىر ئۆي بىنا قىلغىن.» (11  :66)
                     
                                     3   
                ئەجىبا ئاللاھ تەشەككۇرگە ئەڭ لايىق  ئەمەسمۇ

ئاللاھ ــ شەپقەتلىك خۇداغا تەشەككۇر ئېيتىش خۇشاللىققا ئېرىشىش ۋە تەشۋىشنى يۇقۇتۇشنىڭ ئەڭ ياخشى، ئەڭ ئاددى ئۇسۇلى. چۈنكى سىز ئاللاھتىن مىننەتدار بولغاندا، ئاللاھ سىزگە ئاتا قىلغان نىئمەتلەرنى ئەسلەيسىز، بەھرىمەن بولغان نىئمەتلەرنى قەدىرلەيسىز. ئۇلۇغلاردىن بىرى ئېيتقان: « ناۋادا سەن ئاللاھ ساڭا بەرگەن نىئمەتلەرنى بىلمەكچى بولساڭ، كۆزۈڭنى يۇمۇپ، ئاللاھنىڭ ساڭا قۇلاق، كۆز، ئەقل، ئىمان، پەرزەنت، رىزق ۋە گۈزەل تۇرمۇش ئاتا قىلغانلىقىنى ئويلاپ كۆر.»
بىر قىسىم ئاياللار ئۆزلىرى بەھرىمەن بولۇۋاتقان بەختنى ناھايىتى ئاز ئويلايدۇ. مۇبادا ئۇلار نامرات، كېسەل، ئۆي-ماكانسىز، يارىدار كىشىلەرگە قارىغان بولسا ئاللاھ ئۆزلىرىگە ئاتا قىلغان نىئمەتلەرگە تەشەككۈر ئېيتقان بولاتتى، گەرچە ئۇلار كىگىز ئۆيلەردە، تام ئۆيلەردە ياكى قۇملۇقتىكى بىر تۈپ دەرەخ سايىسىدا بولغان تەقدىردىمۇ. ئۆزىڭىزنى جىسمى مېيىپ، ئەقلى زەئىپ ياكى قۇلىقى گاس، ئېغىزى گاچا ئاشۇ كىشىلەر بىلەن سېلىشتۇرۇپ بېقىڭ ياكى سۆيۈملۈك پەرزەنتىدىن ئازاب بىلەن ئايرىلغان كىشىلەر بىلەن سېلىشتۇرۇپ بېقىڭ، دۇنيادا بۇنداق ئاياللار تۇلا.

« ياخشى سۆز بىلەن سۆيۈملۈك پەرزەنتىدىن ئايرىلغان كىشىلەرگە تەسەللى بېرىڭ، سەدىقە بىلەن كەمبەغەللەرنىڭ كۆز يېشىنى سۈرتۈڭ.»

ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
« ھازىرقى ئەھۋالنى ئۆز پېتى ساقلاپ قېلىش مۇمكىن بولمايدىغان  ئىش.»

                                     4
            بەختىيار ئايال ئەتراپىدىكى كىشىلەرنىمۇ بەختىيار قىلىدۇ

ئورىزۇن سىۋىت مۇنداق دەيدۇ:
ناپالېئون ئەڭ ئالى ھۇقۇقنى قولغا ئېلىشتىن بۇرۇن، گەرچە قاتمۇ-قات رىقابەتكە دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ بەختكە يارىشا جوزفىن خانىش بىلەن توي قىلغانىدى. جوزفىننىڭ مۇلايىم تەبىئىتى ۋە گۈزەل خىسلىتى ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاز بولمىغان سادىق قوللىغۇچىلارنى قولغا كەلتۈرۈپ، نۇرغۇن ئىخلاسمەن ئەرلەرنى ئۇنىڭ كەينىگە توپلاپ بەردى. جوزفىن دائىم ئەتراپىغا خۇشاللىق تارقىتاتتى، ھەتتا قول ئاستىدىكىلەرگىمۇ بىۋاستە بۇيرۇق قىلىش شەكلىنى قوللانمايتتى. ئۇ ئىلگىرى بىر دوستى بىلەن پاراڭلاشقاندا بۇنى مۇنداق چۈشەندۈرگەنىدى: «ماڭا كېرىكى پەقەتلا ئەتراپىمدىكى كىشىلەرنىڭ خۇشاللىقى»، خۇددى ئەنگىلىيەلىك بىر شائىر شېئىرىدا تىلغا ئالغاندەك:
« ئۇ بىر ئەتتىگىنى يولدىن ئۆتۈۋىدى، شۇ ئەتتىگەننىڭ بەركىتىدىن پۈتۈن بىر كۈن ئۇلۇغلاندى .»
ئەمەلىيەتتە، دوستۇم، دوستانىلىك ئارىمىزدا خۇشاللىق تارقىتالايدۇ، ھەتتا جانسىز نەرسىلەرگىمۇ. دوستانىلىك بىر خىل شەكىلسىز، چەكسىز گۈزەللىكتۇر. ئەرلەرگە نىسبەتەن ئۇ گۇيا ئاياللارنىڭ گۈزەللىكىگە ئوخشايدۇ، ئاياللارغا نىسبەتەن ئۇ گۇيا مەڭگۈ ياشلىق باھارىنى ساقلاشنىڭ ئېپى.

«ئىپلاسلارغا ئۆزىنىڭ گۈزەللىكىنى، ئاچكۆزلەرگە ئۆزىنىڭ جەلپكارلىقىنى نامايەن قىلغان ئايال بەختلىكمۇ؟»

ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
« ئۇڭۇشلۇق پەيتلەردە ئاللاھقا شۈكۈر قىلىڭ، قىيىن پەيتلەردە ئاللاھ سىزگە ياردەم بېرىدۇ.»
                              
                                    5  
      رازى بولۇڭ، چۈنكى ھەر ئىش ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن بولىدۇ.

دالې گارنىكنىڭ بەزى سۆزلىرى ئىسلامنىڭ تەقدىر قارىشىنىڭ دەل مۇۋاپىق شەرھىسىدۇر. ئۇ مۇسىبەتكە ئۇچرىغۇچىدىن ئاپەتكە يۈزلىنىپ، قايناپ كەتمەسلىكنى تەلەپ قىلىدۇ، خۇددى سۇ كالىسى ۋە دەرەخ غۇلىغا ئوخشاش. ئۇنىڭ بۇرۇنقى ھالىتىنى قانداق بايان قىلغانلىقىغا قۇلاق سالايلى: « مەن ئىلگىرى ئۆزۈم دۇچ كەلگەن، ئۆزگەرتكىلى بولمايدىغان ئىشلارنى قۇبۇل قىلىشنى رەت قىلغانىدىم. ئۇ نېمىدىگەن ئەخمەقلىق-ھە! مەن نارازى بولدۇم، ئاچچىقلاندىم، چېچىلدىم، كېچىلىرى ئوڭ-سولغا ئۆرۈلدۈم. بىر يىل روھى ئازاب چەككەندىن كېيىن، تەن بەردىم ۋە بىردىنلا ھازىرقى ئەھۋالنى ئۆزگەرتىشكە ئامال يوقلۇقىنى بىلىشكە باشلىدىم. بەلكىم شائىر ۋالىت ھويتماننىڭ تەكلىپى تېخىمۇ مۇۋاپىق بولسا كېرەك: ‹ ھايۋانات ۋە دەل-دەرەخكە ئوخشاش زۇلمەت، بۇران-چاپقۇن، ئاچارچىلىق، ئاپەت، ئەيىبلەش، كايىش... قاتارلىقلارغا يۈزلىنىش تېخىمۇ ياخشى ئەمەسمۇ؟›»
«مەن 12 يىل ۋاقىتنى كالىلار بىلەن بىرگە ئۆتكۈزدۈم. ئەزەلدىن بىر كالىنىڭ ئوتلاقنىڭ كۆيۈپ كەتكەنلىكى ياكى قەھەتچىلىك بولغانلىقى ۋە ياكى ئۇينىڭ باشقا بىر ئىنەككە يېقىنلاشقانلىقى سەۋەبىدىن غەزەپلەنگەنلىكىنى كۆرمىدىم. ھايۋانلار دائىم تېنىچ شەكل بىلەن زۇلمەت، بۇران-چاپقۇن ۋە ئاچارچىلىققا تاقابىل تۇرىدۇ. شۇڭلاشقا ھايۋانلاردا روھى تەڭپۇڭسىزلىق ياكى ئاشقازان  يارىسىغا گرىپتار بولۇش ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ.»

« مۇۋەپپىقىيەت ۋە كۆڭۈللۈك ئىشلارنى ئېسىڭىزدە تۇتۇڭ، ئاپەت ۋە كۆڭۈلسىز ئىشلارنى ئۇنتۇپ كېتىڭ.»

ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
« ئاللاھنىڭ ھامىيلىقى يىتەرلىكتۇر.»  (81 :4)

                                  6
                        ئۇممۇ ئەممارەنىڭ بايانى

نەسىبە ( يەنى ئۇممۇ ئەممارە ) ئۇھۇد كۈنىسىدىكى ھېكايىنى بايان قىلىپ بەردى، ئۇ دەيدۇ:
مەن بىر تۇلۇم سۇنى ئېلىپ مۇسۇلمانلارنىڭ جەڭ ۋەزىيىتىنى كۆرگىلى باردىم. ئەينى چاغدا، ئاللاھنىڭ ئەلچىسى بىر قىسىم ساھابىلەر بىلەن بىللە قان كېچىپ جەڭ قېلىۋاتقان ئىكەن. باشتا مۇسۇلمانلار ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللىدى. كېيىن ئۇرۇش ۋەزىيىتى مۇسۇلمانلارغا پايدىسىز بولدى، بۇچاغدا، مەن ئاللاھنىڭ ئەلچىسىگە قۇشۇلۇپ جەڭگە قاتناشتىم. قېلىچ چاپتىم، ياچاق ئاتتىم ھەتتا يارىلاندىم.
كىشىلەر توپ-توپ بولۇپ چىكىنگەن ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىسىدىن ئايرىلغان پەيتتە، ئىبنۇ قەمىئە ۋارقىرىدى: «مۇھەممەدنىڭ نەدىلىكىنى ماڭا ئېيتىپ بېرىڭلار، يا مەن ئۆلىمەن يا ئۇ ئۆلىدۇ». مەن مۇسئەب بىلەن بىرگە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇردۇم. ئۇ مېنىڭ مۆرەمگە بىر قېلىچ سالدى، مەنمۇ ئۇنىڭغا نەچچە قېلىچ ئۇردۇم، ئەمما ئۇ ئىككى قات ساۋۇت كىيىۋالغان ئىكەن.............
مانا بۇ ئۇممۇ ئەممارە. ئاللاھنىڭ ئەلچىسى مۇنداق دېگەن: «ئۇھۇد كۈنى مەن قاياققا قارىماي ئۇنىڭ مېنى قوغداپ ئۇرۇش قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم.»

«ۋاراڭ-چۇرۇڭ، غەلۋە-غۇدۇردىن ھەزەر ئەيلەڭ، ئۇ ھېرىپ-چارچاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يولسىزلىقتىن يىراق تۇرۇڭ، ئۇ ئازابتىن بىشارەتتۇر.»

ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
« گۈزەل ئەخلاقنىڭ ئوندىن توققۇزى كەڭ قۇرساق بولۇشتا.»

                                     7
                    خەير-ئېھسان قايغۇ-ھەسرەتنى يۇقۇتىدۇ

كۆپلىگەن ھەدىسلەر ئاياللارنىڭ سېخى، شەخسىيەتسىزلىكىنى تەرىپلەيدۇ. ئىسلام  دىينى ئاياللارنى سەدىقە بېرىشكە رىغبەتلەندۈرىدۇ، ئاياللارنىڭ مەردلىكىنى مەدھىيەلەيدۇ، ئۇلارنىڭ مېھمانلارغا ۋە دوست-يارەنلەرگە قىلغان  خالىسلىقىغا يۇقۇرى باھا بېرىدۇ.
مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشەنىڭ رىۋايەت قىلىشىچە، ئۇلار بىر قوي  سويغان بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ؛ « نېمە قالدى » دەپ سورىغان. ئۇ: « پەقەتلا تاغىقى قالدى » دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام : « ئاشۇ تاغىقىدىن باشقا ھەممىسى قاپتۇ» دېگەن.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئائىلىسىدىكىلەرگە چۈشەندۈرۈپ ئېيتقان: ئۇلار سوۋغا قىلغان نەرسىلەر ئالماشقان ساۋاب قىيامەت كۈنىدە ساقلىنىپ قالىدۇ، ئۇلار ئېلىپ قېلىپ، بۇ دۇنيادا باشقىلارغا قارىماي مۇستەقىل  بەھرىمەن بولغان نەرسىلەر ساۋاب ئېلىپ كېلەلمەيدۇ ھەم قىيامەت كۈنىسى ئۇلارغا ئەسقاتمايدۇ. بۇ  خىل دانا كۆرسەتمە بىزنى سەدىقە قىلىشقا، ئاللاھنىڭ رىزاسىنى ئىزدەشكە ئىلھاملاندۇرىدۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەسما ــ ئائىشەنىڭ ئاچىسىغا ئاللاھنىڭ كۆپ ئىنئامىغا ئېرىشىش ئۈچۈن كۆپ سەدىقە بېرىشنى تەۋسىيە قىلغان. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: « ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ماڭا سەدىقە بېرىشتە بېخىللىق قىلما، بولمىسا ئاللاھ ساڭا رىزىق  بېرىشتە بېخىللىق قىلىدۇ، دېگەن.»

«قارڭغۇ كېچە ھامان تاڭ ئاتىدۇ، ئازاب-ئۇقۇبەت چۇقۇم ئاخىرلىشىدۇ، بالا-قازا مۇقەررەر ئۆتۈپ كېتىدۇ، جاپا-مۇشەققەت ئۆزلىكىدىن يۇقۇلىدۇ.»

ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
«نىئمەت گۇيا يېڭى كېلىنگە ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ تويلۇقى شۈكۈر قىلماقتۇر.»

                                   8
                       زىياننى پايدىغا ئايلاندۇرۇڭ

پەند-نەسىھەتلەر:
پۇتلىشىپ ئورەككە چۈشۈپ كەتسىڭىز ئۈمۈتسىزلەنمەڭ، چۈنكى سىز ئورەكتىن چىققاندا بۇرۇنقىدىن بەكرەك كۈچلىنىپ كېتىسىز، ھەممىگە قادىر ئاللاھ ھامان چىدامچانلار بىلەن بىللە.
ئەڭ يېقىن كىشىلىرىڭىز تەرىپىدىن قەستكە ئۇچراپ يارىلانغاندا ئەپسۇسلانماڭ، سىز چۇقۇم سىزگە ياردەملىشىپ  ئاشۇ زەھەرلىك يا ئۇقىنى ئېلىۋېتىپ، يارا ئېغىزىنى داۋالاپ، ھاياتلىق ۋە كۈلكىنى ئەتراپىڭىزغا قايتۇرۇپ كېلىدىغان بىر كىشىنى  تاپالايسىز.
خارابىنىڭ يېنىدا بەك ئۇزۇن تۇرماڭ، بۇلۇپمۇ شەپەرەڭ قونغان، جىن-ئالۋاستىلار گاھ پەيدا بولۇپ،گاھ غايىپ بولىدىغان جايلاردا، ئەكسىچە نۇرلۇق تاڭدىن  بىشارەت بېرىدىغان قۇشلارنىڭ سايراشلىرىنى ئىزدەڭ.
ئاشۇ ئاللىقاچان رەڭگى ئۆڭگەن، تۇتۇق، قۇرلىرى ئارىسىغا دەرت-ئەلەم، غېرىبلىق سىڭىپ كەتكەن خەتلەرگە قارىماڭ، سىز بۇلارنىڭ سىز يازغان ئەڭ ياخشى خەتلەر ئەمەسلىكىنى، شۇنداقلا سىز يازغان ئەڭ ئاخىرقى قۇرلار ئەمەسلىكىنى بىلىپ قالىسىز.
كۆك قۇتانغا ئوخشاپ قالماڭ، ئۇ ناخشا ئېيتقاندا قان ئاقىدۇ، ھالبۇكى بۇ دۇنيا سىزنىڭ بىر تېمىم قان تۆكىشىڭىزگە ئەرزىمەيدۇ.

«  شامال تېرىغان كىشى  بۇران ئالىدۇ،»

ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
« ئۇلار گۇيا ئەتىۋارلاپ ساقلانغان تۈگە قۇشنىڭ تۇخۇملىرىغا ئوخشايدۇ.»  (49  :37)

                               9  
                 ۋاپا قىممەتلىك، ۋاپادارلار قېنى؟

ئەييۇب ئەلەيھىسسالام مول بىلىم ئىگىسى ئىدى. ئۇ ئاللاھنىڭ ئىرادىسىگە بويسۇناتتى، ئاللاھنىڭ ھۆكمىنى قۇبۇل قىلاتتى. ئۇ تەن سالامەتلىك، مال-مۈلۈك، بالا-چاقا جەھەتلەردىكى سىناقلارغا ئۇچرىغانىدى. ئۇنىڭ قەلبىدىن باشقا پۈتۈن بەدىنىدە  ساق يەر قالمىغانىدى. دۇنيالىقتا ئايالىدىن باشقا ھېچقانداق ياردەمچىسى قالمىغانىدى. ئۇنىڭ ئايالى ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ ئەلچىسىگە بولغان ئىمانىغا  تايىنىپ ساداقەتمەنلىك بىلەن ئۇنى كۈتەتتى.  بۇ ئايال مالاي بولۇپ ئىشلەپ پۇل تېپىپ، ئۇنىڭ  ھالىدىن ئون  سەككىز يىل خەۋەر ئالدى. ئىشقا بارغاندىن سىرت، ئۇنىڭدىن ئەسلا ئايرىلمىدى. بۇ خىل قىيىن ئەھۋال ئۇزۇن يىل داۋام قىلدى، تاكى بەلگىلەنگەن  ۋاقىت يېتىپ كەلدى. ئۇ ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى، پەيغەمبەرلەرنىڭ ئىلاھى، ناھايىتى شەپقەتلىك ئاللاھقا يالۋۇردى. ئۇ نىدا قىلىپ ئېيتتى: « ھەقىقەتەن مېنى كېسەل ئورىۋالدى، سەن ئەڭ مەرھەمەتلىكسەن.»  (83  :21)
شەپقەتلىك، مېھرىبان ئاللاھ ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلدى، ئۇنى دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ پۇتى بىلەن يەرنى تېپىشكە بۇيرىدى، ئۇ شۇنداق قىلدى، ئاللاھ بىر بۇلاقنى ئېتىلدۇرۇپ چىقىرىپ بەردى ۋە ئۇنى بۇلاق سۈيى بىلەن يۇيۇنۇشقا بۇيرىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ تېنى سىرتىدىكى بارلىق كېسەللەر يۇقالدى. ئاندىن كىيىن، ئاللاھ ئۇنى باشقا بىر يەرگە تېپىشكە بۇيرىدى، يەنە بىر بۇلاق ئېتىلىپ چىقتى، ئۇ بۇيرۇق بۇيىچە بۇلاق سۈيىدىن ئىچتى. شۇنىڭ بىلەن تېنى ئىچىدىكى بارلىق كىسەللەر يۇقالدى. ئۇنىڭ سالامەتلىكى بۇرۇنقى ئەسلىگە قايتتى. بۇلارنىڭ ھەممىسى سەۋر، ساۋاب تىلەش، ئاللاھنىڭ ئىرادىسىنى قۇبۇل قىلىشنىڭ نەتىجىسى ئىدى.

« ئىنسان سۆزلىگىنىگە پۇشايمان قېلىشى مۇمكىن، ئەمما سۈكۈت قىلغىنى ئۈچۈن ئەسلا پۇشايمان قىلمايدۇ.»

ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
« ئايال  بەختنىڭ بۇلىقى.»

                                     10
                       ئەستايىدىل، ئېھتىياتچان بولۇڭ

بارلىق ئىشلارغا ئەستايىدىللىق بىلەن مۇئامىلە قىلىڭ، مەسىلەن: بالىلارنى تەربىيەلەش، پايدىلىق ئىشلارنى ئۆزۈلدۈرمەي قىلىش، قۇرئان تىلاۋەت قىلىش، كەمتەرلىك، ھۇزۇرى قەلب بىلەن ناماز ئوقۇش، ئاللاھنى ياد ئېتىش، سەدىقە بېرىش، ئۆي ئىچىنى پاكىز، رەتلىك تۇتۇش، كىتاب جاھازىسىنى رەتلەش...قاتارلىقلار. بۇنداق دۇرۇس ئىشلارنى قىلىش سىزنىڭ قايغۇ-ھەسرەت ۋە غەم-ئەندىشىلىرىڭىزنى ئاخىرلاشتۇرىشىڭىزغا ياردەم بېرىدۇ.
مۇئمىن ئاياللار تۈگۈل كاپىر ئاياللارغا قاراڭ، ئۇلارنىڭ ئەستايىدىللىقى ۋە تېرىشچانلىقىغا قاراپ بېقىڭ، گەرچە  ئۇلار توغرا يولدىن چىققان بولسىمۇ. ئۆلۈپ كەتكەن ئىسرائىلىيەنىڭ سابىق زۇڭلىسى مېيئىرغا قاراڭ، ئۇ ئۆز تەرجىمىھالىدا ئۆزىنىڭ ئارمىيىنى باشقۇرۇشتىكى ئېھتىياتچانلىقى، ئەرەبلەر بىلەن بولغان ئۇرۇشقا تۇتقان پوزىتسىيىسىنى بايان قىلغان، ھەتتا ئۇنىڭ مىللىتى ئىچىدىمۇ ئۇنىڭغا يىتەلەيدىغان  ئەرلەر دېگۈدەك يوق، گەرچە ئۇ كاپىر، ئاللاھنىڭ دۈشمىنى بولسىمۇ.

« بەخت سېھىر ئەمەس، مۇبادا شۇنداق بولغان بولسا قىلچە قىممىتى بولماس ئىدى.»  

ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ  

                           ئون ئىككىنچى باب

   « گۈزەل بولۇشنى ئويلىسىڭىز، ئالدى بىلەن گۈزەل پىكىر قىلىڭ.»


**********************************************************
‹‹ئاللاھ ھەقىقەتەن تەقۋادارلىق قىلغۇچىلار ۋە ياخشى ئىش قىلغۇچىلار بىلەن بىرگىدۇر.››  (128 :16)

                                   1
             قەيسىرانە مەۋقە تۇرغۇزۇپ، ئۆزىڭىزنى تەكشۈرۈڭ


    ئۆزىڭىزدىن تۆۋەندىكى سۇئاللارنى سوراپ، تەمكىنلىك بىلەن جاۋاب بېرىپ بېقىڭ.
    سىز ئۆزىڭىزنىڭ بىر قېتىملىق بارسا-كەلمەس سەپەرگە مېڭىۋاتقانلىقىڭىزنى بىلەمسىز؟ بۇ سەپەر ئۈچۈن پۇختا تەييارلىق قىلدىڭىزمۇ؟
قەبرىدە ئۈلپەت بۇلۇپ، غېرىبلىق ھېس قىلدۇرماسلىقى ئۈچۈن، بۇ قىسقىغىنا ھاياتلىق دۇنياسىدا، ياخشى ئەمەللەردىن ئۇزۇق-تۈلۈك راسلىۋالدىڭىزمۇ؟
قانچە ياشقا كىردىڭىز؟ يەنە قانچىلىك ياشىيالايسىز؟ ئەجىبا ھەر بىر باشلىنىشنىڭ ئاخىرلىشىشى بارلىقىنى، ئاقىۋەت جەننەت ياكى جەھەننەم ئكەنلىكىنى بىلمەمسىز؟
  مالائىكىلەر جېنىڭىزنى ئالغىلى كەلگەن ۋاقىتتا بىخۇد تۇرىۋاتىدىغانلىقىڭىزنى ياكى ئۇيۇن-تاماشا بىلەن بولىۋاتىدىغانلىقىڭىزنى تەسەۋۋۇر قىلىپ باقتىڭىزمۇ؟ شۇ ئەھۋال قانداق بولار؟ ئاشۇ كۈننى، ھاياتىڭىزدىكى ئەڭ ئاخىرقى دەقىقىلەرنى، ئائىلىڭىزدىن، بالىلىرىڭىزدىن، ئەڭ يېقىن كىشلىرىڭىزدىن ئايرىلىدىغان چاغنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟ ئۇ نىھايەت مۇشەققەتلىك ئۆلۈم، جان تەندىن چىقىدىغان چاغدىكى  دەھشەتلىك ئازاب... ئۇ بولسا ئۆلۈم...
روھىڭىز تېنىڭىزدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، يۇيۇلىسىز، كىپەنلىنىسىز، مەسجىدكە ئېلىپ بېرىلىسىز، نامىزىڭىز چۈشۈرۈلىدۇ. ئاندىن كىشلەرنىڭ مۆرۈلىرىگە چىقىسىز... قەيەرگە ئېلىپ بېرىلىسىز؟ قەبرىگە، ئاخىرەتنىڭ تۇنجى باسقۇچىغا. ئۇيەر جەننەتتىن بىر باغچا ياكى جەھەننەمدىن بىر ئازگال بولىدۇ.
   
‹‹مەغلۇبىيەتتىن ساۋاق ئېلىڭ››

ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
‹‹ئۇلار (يامغۇرنىڭ يېغىشىدىن) ئۈمىدسىزلەنگەندىن كىيىن، ئاللاھ ئۇلارغا يامغۇر ياغدۇرۇپ بېرىدۇ.››  (28 :42)

                                    2
                               ئاگاھ بۇلۇڭ

    جاھىل ۋە ئەخلاقسىز ئەر-ئاياللارنى دورىماڭ. ‹‹ئاللاھ ئاياللارنى دورىغۇچى ئەرلەرگە ۋە ئەرلەرنى دورىغۇچى ئاياللارغا لەنەت قىلىدۇ.›› دېگەن ھەدىس بار. مانا بۇ ھەدىسكە ئاساسەن ئاللاھنىڭ غەزىبىنى كەلتۈردىغان بارچە ئىشلاردىن پەخەس بۇلۇڭ. بىر قىسىم ئىشلار ھەدىسلەردە چەكلەنگەن، مەسلەن: ئەرلەرگە ئوخشاش ياسنىۋېلىش، نامەھرەملەر بىلەن ئايرىم ئۇچرىشىش، مەھرەمسىز سەپەرگە چىقىش، ئاياللىق سالاپىتىنى يوقىتىپ، يېرىم-يالىڭاچ كىينىش، ياراتقان رەببىنى ئۇنتۇش... قاتارلىقلار. بۇنداق ئىشلار كۆڭۈل ئازابىنى، دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ زۇلمىتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
    بۇ خىل قېلىقلار، مېھرىبان ئاللاھ ساقلىغانلاردىن سېرت، بىر قىسىم مۇسۇلمان ئاياللاردىمۇ كۆرۈلدى.

‹‹گۈزەل بولۇشنى ئويلىسىڭىز ئالدى بىلەن  گۈزەل پىكىر قىلىڭ.››

ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
‹‹پەرۋەردىگارىمىز! گۇناھلىرىمىزنى، ئىشىمىزدا چەكتىن ئاشقانلىقىمىزنى مەغپىرەت قىلغىن››  ( 147 :3)                                                                 

                                3
      ئېھسان قىلغۇچىغا تەشەككۇر ئېيتىش بىر خىل بۇرچتۇر
     
    خەيزۇران خەلىفە مەھدى قۇل سودىگىرىدىن سېتىۋالغان بىر دېدەك ئىدى.  خەلىفە ئۇنى ئازاد قىلغاندىن كېيىن، نىكاھىغا ئالدى . ھەمدە ئۇنىڭ دېگىنى بۇيىچە  ئىككى ئوغلىنى تەخىت ۋارىسى قىلدى.
ئەمما ئۇ ئاچچىقىلانغاندا، خەلىفىگە: ‹‹مەن سەندىن ئازراقمۇ ياخشىلىق كۆرۈپ باقمىدىم ›› دەيتتى.
    بەرمۇكىيەمۇ ئېلىپ- سېتېلىدىغان دېدەك ئىدى. كېيىن ئۇ ماراكەش خانى  مۇئتەمىد بىن ئىباد تەرىپىدىن سېتىۋېلىنىپ، خانىشلىققا تەيىنلەندى، بىر قېتىم ئۇ چۆرىلەرنىڭ لاي ئويناۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۆتمۈشىنى سېغىندى ھەم ئۇلاردەك لاي ئوينىغۇسى كەلدى. شۇنىڭ بىلەن خان ئۇنىڭ ئوينىشى ئۈچۈن  زور مىقداردىكى خۇشبۇي ماددىلاردىن لاي تەييارلاپ بەردى. بىراق ئۇ خانغا خاپا بولغاندا : ‹‹مەن سەندىن ھېچقانداق ياخشىلىق كۆرۈپ باقمىدىم.›› دەيتتى. خان بولسا كۈلۈپ تۇرۇپ: ‹‹لاي ئوينىغان كۈندىچۇ؟!›› دەيتتى.
    ئازغىنىسىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئاياللارنىڭ تەبىئىتى ئەرلىرىنىڭ ئۆزلىرىگە قىلغان مۇئامىلىسىدە سەللا بىخەستىلىك كۆرۈلگەن ھامان، ئۇلارنىڭ  قىلغان پۈتكۈل ياخشىلىقىنى ئۇنتۇپ قېلىشتۇر. ‹‹ھەدىس شەرىف››تە مۇنداق كەلگەن: ‹‹ئى ئاياللار جامائەسى، سىلەر سەدىقە بىرىڭلار، چۈنكى مەن دوزاخ ئاھالىسىنىڭ كۆپىنچىسىنى ئاياللار كۆردۈم. ئۇلار: ‹يا رەسۇلۇللاھ نېمىشقا بۇنداق؟› دەپ سوراشتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: چۈنكى سىلەر ئالدىراپ قارغايسىلەر، تۇلا بۆھتان قىلىسىلەر، ئەرلىرىڭلارنىڭ قىلغان ياخشىلىقىغا تانىسىلەر، دېدى.››
    پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە مۇنداق دېگەن: ‹‹مەن جەھەننەم ئەھلىنىڭ كۆپنىچىسىنىڭ ئاياللار ئىكەنلىكىنى كۆردۈم، چۈنكى ئۇلار ئەرلىرىگە تانىدۇ، مۇبادا سەن ئۇلارنىڭ بىرىگە بىر ئۆمۈر ياخشىلىق قىلىپ، كېيىن سەندىن ئازراقلا ياقتۇرمايدىغان ئىشنى كۆرۈپ قالسا: ‹مەن سەندىن ئەزەلدىن ھېچبىر ياخشىلىق كۆرۈپ باقمىدىم › دەيدۇ.››
ئەرلەر ئاياللارنىڭ خۇيىنى بىلىشى كېرەك ، شۇندىلا ئاياللار ئاندا-ساندا تۇزكورلۇق قىلىپ سالسا ياكى يالغان جۆيلۈپ قالسا ئاچچىقلىنىپ، ئەنسىرەپ يۈرمەيدۇ.
   
‹‹ئەرلىرى ئۈچۈن دۇئا قىلىدىغان، ئەرلىرىنىڭ ماختىشىغا نائىل، قولۇم-خۇشنىلىرىنىڭ ياخشى كۆرىشىگە، دوسلىرىنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر ئاياللار مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئاياللاردۇر.››

ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
‹‹ رەھمىتىم غەزىپىمدىن غالىپ كەلدى.››  (ھەدىس قۇددۇس)

                                4
         روھ تەندىنمۇ بەكرەك كۆڭۈل بۈلۈشكە ئەرزىيدۇ

     ئۆمەر ئىبنۇ ئابدۇلئەزىز خەلىپىلىك قىلىۋاتقان دەۋردە بىر كىشىنى بۇيرۇپ سەككىز دەرھەمگە  بىر تون سېتىۋاپتۇ ۋە توننىڭ ئۈستىگە قولىنى قۇيۇپ تۇررۇپ:                                          
  ـ   نېمىدىگەن يۇمشاق، نېمىدىگەن ئېسىل تون-ھە!، ـ  دەپتۇ.                    بۇنى كۆرگەن ھېلىقى كىشى كۈلۈپ ساپتۇ،                             ـ  -نېمىگە كۈلىسەن؟ ـ دەپ سوراپتۇ خەلىپە. ئۇ ئادەم:                        ـ ئى مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى سىلى خەلىپە بولۇشتىن ئىلگىرى مېنى مىڭ دەرھەمگە بىر يىپەك تون سېتىۋېلىشقا بۇيرىغان ئىدىلە، شۇ ۋاقىتتا سىلى قوللىرىنى ئۇنىڭ ئۈستىگە قۇيۇپ ‹‹نېمىدىگەن قوپال توقۇلغان-ھە!›› دېگەن ئىدىلە، ئەمدى سىلى ئۈچۈن سەككىز دەرھەمگە سېتىۋېىلىنغان تون شۇنچە يۇمشاق بىلىنىپ كەتتىمۇ؟ ـ دەپتۇ.                                 ـ قارىشىمچە، مىڭ دەرھەمگە بىر تون سېتىۋالغان ئاشۇ كىشى ئاللاھتىن قورقمايتتى، ـ  دەپتۇ خەلىپە، - مەندە ھازىر ئۇلۇغۋار غايە ۋە يۈكسەك ئىرادە بار، ھەر قېتىم بىر يېڭى مەرتىۋىگە ئىرىشسەم ئۇنىڭدىنمۇ ئالىراقىنى ئىستەيمەن، ئەمىر بولغىنىمدا، خەلىپە بولۇشنى ئويلايتتىم، ھازىر خەلىپە بولدۇم، روھىم تېخىمۇ يۇقۇرىغا ئىنتىلمەكتە، ئۇ بولسا جەننەتتۇر.

«بىزنىڭ باشقىلارنى سوتلاش ھوقۇقىمىز يوق، باشقىلارنى جازالاش مەسئۇليىتمىز تېخىمۇ يوق.»

ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
«ئاللاھ ئالدىدىكى بۇرچىڭىزنى ئادا قىلىڭ، ئاللاھ سىزنى قوغدايدۇ.»

                                 5
         ئۆتمۈش ياكى كەلگۈسىنى قۇيۇپ، بۈگۈن ئۈچۈن ئالدىراڭ
   
     ھەسرەت بىلەن يۈزلەرگە ئۇرۇپ، ياقىلارنى يىرتقاننىڭ يوقاتقان نەرسىلىرىڭىز ۋە ئۇچرىغان مۇسىبەتلىرىڭىزگە قارىتا نېمە پايدىسى بولسۇن؟ ئاللىقاچان ئۆتۈپ كەتكەن ئشلار ئۈچۈن ئاھ ئۇرۇشنىڭ ئۆز ئازابىنى ئاشۇرۇپ، روھىنى گۇمران قىلىشتىن ئۆزگە يەنە نېمە ئەھمىيتى بولسۇن؟
مۇبادا بىز ئۆتمۈشكە قايتالىغان، ئۆزىمىز ياقتۇرمايدىغان ئىشلارنى ئۆزىمىز  ياقتۇرىدىغان شەكىل بويىچە تۈزىتەلىگەن بولساق ئىدۇق، ئۇ ھالدا، بىز بەس-بەستە قايتقان، ئادەمنى نەپرەنلەندۈرىدىغان ئىشلارنى ئۆچۈرۈپ تاشلاپ، بەخىت-تەلىيىمىزنى تېخىمۇ ئاشۇرغان بۇلار ئىدۇق. ئەمما،بۇ  مۇمكىن ئەمەس. شۇڭلاشقا بىز پۈتۈن زېھنىمىزنى يىغىپ ئوبدان ياشىغىنىمىز تۈزۈك. پەقەت بۇلا بىردىنبىر قىلغىلى بولىدىغان تولۇقلىما.
   مانا بۇ، «قۇرئان كەرىم» دە ئوھۇد غازىتىدىن كېيىن ، كىشلەرنىڭ سەمىگە سېلىنغان بىر  ئىش. ئەينى چاغدا، ئاللاھ يارىلانغان-شەھىد بولغانلار ئۈچۈن يىغلىغان ۋە جىھادقا چىققىنىغا پۇشايمان قىلغان كىشىلەرگە شۇنداق دېگەنىدى: «ئېيتقىنكى، ئەگەر سىلەر ئۆيلىرىڭلاردا بولغان تەقدىردىمۇ (ئاراڭلاردىكى) ئۆلتۈرۈلۈشى پۈتۈۋېتىلگەن كىشلەر چۇقۇم ئۆزلىرىنىڭ ئۆلىدىغان جايلىرىغا بېرىشىدۇ.»  (154 :3)

« بەخت گۇيا ئېچىلىپ توزىيدىغان گۈلدۇر.»

ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
«كىمكى مېنىڭ زىكرىمدىن يۈز ئۆرۈيدىكەن، ئۇنىڭ ھاياتى تار (يەنى خاتىرجەمسىز) بولىدۇ.»  (124 :20)

                               6
                مۇۋەپپىقىيەت يۇلىدا مۇسىبەت تۇلا

    ئۇممۇ ئەلا ئېيتىدۇكى: «مەن ئاغرىپ قالغاندا، ئاللاھنىڭ ئەلچىسى يوقلاپ كېلىپ مۇنداق دېگەنىدى :‹ئى ئۇممۇ ئەلا، خۇرسەن بولغىن، چۈنكى، ئوت كۈمۈشنىڭ غەل-غەشلىرىنى يوق قىلىۋەتكەندەك، ئاللاھ مۇسۇلماننىڭ گۇناھىنى كېسەل بىلەن ئۆچۈرۋىتىدۇ.›»
    كېسەللىك گۇناھلاردىن پاكلايدۇ، ئەمما بۇ ھەرگىزمۇ بەدىنمىزدە كېسەللىك مىكروبلىرىنى يىتىشتۈرشىمىز كېرەك، دېگەندىن دېرەك بەرمەيدۇ ياكى كېسەل بولغاندا دوختۇرغا كۆرۈنمەڭ، داۋالانماڭ دېگەننىمۇ بىلدۈرمەيدۇ. بەلكى ئاكتىپ داۋالىنىش بىلەن بىرگە سەۋر قىلىشىمىز، ئاللاھتىن ساۋاب تىلىشىمىز كىرەك. شۇنداقلا ئۇنى ياخشى ئەمەللەر دەپتىرىمىزدىكى زاپاس بايلىق، دەپ قارىشىمىز لازىم. سالىھە ئايال ئۇممۇ ئەلانىڭ بىزگە ئۆگەتمەكچى بولغىنىمۇ مانا مۇشۇ.
ئايال ئېرى، بالىسى كەبى يېقىن كىشىلىرىدىن ئايرىلىپ قالغاندا سەۋر قىلمىقى لازىم. «ھەدىس»تە مۇنداق دېيىلگەن: «ناۋادا بىر كىشىنىڭ ئەڭ يېقىن ئادىمى ئالەمدىن ئۆتسە، ئۇ بۇنى سەۋىرچانلىىق ۋە ساۋاب تىلەش بىلەن قۇبۇل قىلسا، ئۇنداقتا ئاللاھ ئۇ مۇئمىن بەندىسىگە جەننەتنى بەرمەي قويمايدۇ.»
    بىر ئايال ئېرىدىن ئايرىلىپ قالغان بولسا، بۇ ئاللاھ تائالا نىڭ ئۆز بەندىسىنى چاقىرغانلىقى ئۈچۈندۇر، ئاللاھ تائالانىڭ بۇنداق قىلىش ھوقۇقى بار. مۇبادا بۇ ئايال «مېنىڭ ئېرىم ياكى مېنىڭ بالام» دېسە، ياراتقۇچى ئاللاھ «ئۇ مېنىڭ بەندەم، ئۇنىڭغا مەن باشقىلاردىن بەكرەك ھەقلىق» دەيدۇ. دېمەك، ئەر ئۆتنە، بالا ئۆتنە، قېرىنداش ئۆتنە، ئاتا-ئانا ئۆتنە، ئايال ھەم ئۆتنە.

«تۆھمەتتىن خۇددى ۋابادىن قاچقاندەك قېچىڭ.»

ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
«مېھرىبان كىشىلەرگە مېھرىبان ئاللاھ مېھرىبانلىق قىلىدۇ.» «ھەدىس»

                                7
          رەھىمدىل بەندىلەر ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشدۇ

     ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ھەدىستە ئانىنىڭ بالىغا بولغان مېھرى-مۇھەببىتىنى ئېنىق تەسۋىرلەپ بەرگەنىدى. ئەنە شۇ  مۇكەممەل مېھرى-مۇھەببەتنىڭ بۇلىقىدۇر. پەيغەمبىرىمىز ئۇنى بىر جانلىق مىسال قىلىپ تۇرۇپ، ھەممىگە قادىر، شەپقەتلىك ئاللاھنىڭ ئۆز بەندىلىرىگە بولغان مىھرىبانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتكەن.
    ئۆمەر ئىبنى خەتتاب مۇنداق رىۋايەت قىلىدۇ: ئەسىر ئېلىنغان بىر قىسىم ئاياللار ئاللاھنىڭ ئەلچىسىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىنگەنىدى، ئۇ بىر ئايالنىڭ ئەسەبىلەرچە پىرقىراپ ئۆز بالىسىنى ئىزدەۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالدى.  نىھايەت ئۇ ئايال بالىسىنى تېپىپ، باغرىغا بېسىپ، ئېمىتىشكە باشلىۋىدى. رەسۇلۇللاھ: «سىلەرچە بۇ ئايال بالىسىنى ئوتقا تاشلارمۇ؟» دەپ سورىدى. بىز: «ھەرگىز ئۇنداق قىلمايدۇ» دېدۇق. شۇ ئاندا ئۇ: «ئاللاھ بەندىلىرىگە بۇ ئانا بالىسىغا كۆيۈنگەندىنمۇ بەكرەك كۆيىنىدۇ»دېدى.
    بۇ ئايال ئەسىرگە چۈشكەن، ھالى خاراب. ئىلگىرى ئۇ بىر ئائىلىنىڭ خۇجايىنى، قەبىلىسىدىكى ئەرلەرنىڭ ھىمايىسىدىكى ھۆر ئادەم ئىدى، پەقەت ئېرىگىلا ئىتائەت قىلاتتى. ئەسىرگە ئېلىنىش ئۇنى خار دېدەككە ئايلاندۇرۇپ قويدى، ھەر قانداق ئادەم ئۇنىڭدەك ھالغا چۈشۈپ قالسا، ئەتراپىدىكى ئىشلارنى ئۇنتۇپ كېتىدۇ، قەلبى ئازابتىن ئۆرتىنىدۇ، يۈرىكى دەرت-ئەلەمگە تۇلۇپ تاشىدۇ. لىكىن بۇ ئىشلارنىڭ ھېچ قايسىسى  ئۇنى بالىسىغا ـ جىگەر پارىسىغا بولغان مېرى-مۇھەببەتتىن توسۇپ قويالمىدى. ئۇ ھەممە يەرنى باقتى. تاكى بالىسىنى تاپقانغا قەدەر ئىزدىدى. تاپتىمۇ باغرىغا باستى. بۇ ئايال بالىسنىڭ ھەرقانداق بىر كۆڭۈلسىزلىككە ئۇچراپ قېلىشىغا قەتئى ئۇنىمايدۇ. بۇ ئايال بالىسىنى بارچە زىيانلاردىن قوغدايدۇ. ھەتتا بالىسى ئۈچۈن ئۆزىنى قۇربان قىلىشنى خالايدۇ.

«قۇپال تىلنىڭ ئۆز ئىگىسىگەكەلتۈرىدىغان ئاۋارچىلىقى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارغا كەلتۈرىدىغان زىينىدىنمۇ ئېغىردۇر.»

ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
«ئاللاھقا بولغان مىننەتدارلىق ئاللاھنىڭ غەزىپىدىن ساقلايدۇ.»

                                 8
           ئۈمىدۋار كىشلەرلا دۇنيانىڭ گۈزەللىكىنى كۆرەلەيدۇ

     قار-مۇزلار دەرۋازىڭىزنى توسۇۋېلىپ، سىزنى قاماپ قويسا، ئۇنداقتا باھارنىڭ كېلىشنى كۈتۈڭ. دېرىزىڭىزنى ئېچىپ، ساپ ھاۋادىن نەپەسلىنىڭ، يىراقلارغا نەزەر سېلىڭ. شۇندىلا قۇشلارنىڭ بەس-بەستە سايراۋاتقانلىقىنى، ئالتۇندەك قۇياش نۇرىنىڭ دەرەخ شاخلىرىدىن مارىلاۋاتقانلىقىنى كۆرەلەيسىز، شۇندىلا يېڭى ھايات، يېڭى ئىستەك، يېڭى قەلىبكە ئىگە بولىسىز. چۆل-باياۋاندىن گۈل-گۈلىستان ئىزدىمەڭ، ئۇ يەردىن غېرىبلىقتىن باشقا ھېچ نەرسە تاپالمايسىز. سىزگە سايە ۋە مېۋە بېرىدىغان دەرەخلەردىن بەھرلىنىڭ. شاخلىرىغا قونغان قۇشلار بىلەن بىرگە خۇش ناۋا ئەيلەڭ.
  تۈنۈگۈنگە ۋە ئۇنىڭدا يۇقاتقانلىرىڭىزغا قارىماڭ، ھاياتتا، دەرەخنىڭ يوپۇرمىقى تۆكۈلدىمۇ مەڭگۈ ئەسلىگە قايتمايدۇ، ئەمما ھەر باھاردا يېڭى ياپراق ئۆسۈپ چىقىدۇ. نەزىرىڭىزنى بۈك-باراقسان دەرەخلەرگە تاشلاڭ، خازان  بولغان ياپراقلار بىلەن كارىڭىز بولمىسۇن.
ئۆتمۈش ئاللىبۇرۇن ئۆتۈپ كەتتى. بۈگۈنلا سىزنىڭ كۆز ئالدىڭىزدا، مۇبادا بۈگۈنمۇ ئۆتۈپ كەتسە، سىزنىڭ يەنە ئەتىڭىز بار. تۈنۈگۈن ئۈچۈن قايغۇرماڭ، چۈنكى ئۇ مەڭگۈ قايتىپ كەلمەيدۇ. بۈگۈن ئۈچۈن ئەپسۇسلانماڭ، چۈنكى ئۇمۇ تىزلا ئۆتۈپ كېتىدۇ.گۈزەل ئەتىنى ۋە پارلاق قۇياشنى كۈتۈڭ.

«سۇخەنچىلىك كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاپەت تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز بولىدۇ.»

ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
«ئاياللار ئەرلەرنىڭ يېرىمى.»  (ھەدىس)

                                       9                           
    ئاسانچىلىقتا ئاللاھقا شۈكۈر قىلىڭ، قىيىنچىلىقتا ئاللاھ سىزگە ياردەم بىرىدۇ

    يۇنۇس ئەلەيھىسسالام بېلىقنىڭ قارنىدا قاتمۇ-قات قاراڭغۇلۇق- دېڭىزنىڭ قاراڭغۇلۇقى، بېلىق قارنىنىڭ قاراڭغۇلۇقى، كېچىنىڭ قاراڭغۇلۇقى تەرىپىدىن قاپسىلىپ، ھەسرەت-نادامەت ۋە غەم-ئەندىشىگە چۆمگەندە، ھەممىگە قادىر، ناھايىتى شەپقەتلىك ئاللاھقا، چۈشكۈنلەشكەنلەرگە ياردەم بىرىپ، غەم-قايغۇدىن خالاس قىلىدىغان، مېھرىبان، تەۋبىلەرنى قۇبۇل قىلغۇچى پەرۋەردىگارغا ئىلتىجا قىلدى.
    «ئۇ قاراڭغۇلۇقتا (يەنى بېلىقنىڭ قارنىدا): ‹پەرۋەردىگارىم)سەندىن بۆلەك ھېچ بىر مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، سەن جىمى كەمچىلىكتىن پاكتۇرسەن، مەن ھەقىقەتەن  ئۆز نەپسىمگە زۇلۇم قىلغۇچىلاردىن بولدۇم،› دەپ نىدا قىلدى»  (87 :21).
ئىجابەت ناھايىتى تېز بولدى. ئۇلۇغ ئاللاھ ئېيتتى: «ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلدۇق، ئۇنى (بېلىق يۇتقان چاغدىكى غەمدىن) خالاس قىلدۇق، شۇنىڭدەك مۇئمىنلەرنى (ئېغىرچىلىقلاردىن) خالاس تاپقۇزىمىز.»  (88 :21)
    ئاللاھ بېلىققا يۇنۇس ئەلەيھىسسالامنى بىر پارچە قاقاس ئارالغا تاشلاشنى ئىلھام قىلدى، يۇنۇس ئەلەيھىسسالام قىرغاققا يامىشىپ چىققاندا، ناھايتى زەئىپ ئىدى، بىراق ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمىتىنى ياغدۇردى. ئاللاھ تائالا يۇنۇس ئەلەيھىسسالام چۈشكەن يەرگە بىر تۈپ كاۋىنى ئۆستۈرۈپ بەردى، ئۇنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلدى، ھاياتلىقىنىڭ ئالامىتى كۆرۈلۈشكە باشلىدى.
ئەنە شۇنىڭدەك، ئاسانچىلىقتا شۈكۈر قىلغان كىشىگە، ئاللاھ قىيىنچىلىقتا ياردەم بىرىدۇ.

«پەقەت ھاياتنى باشقۇرالىغاندىلا، ئاندىن ئۆزىنى باشقۇرغىلى بولىدۇ.»

ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
«خوتۇنسىز ئەر بىچارە.»

                                 10
               دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت باھالىق تويلۇق.

    ئەبۇ تەلھە ئۇممۇ سۇلەيىمگە توي تەلىپى قۇيۇپ، قىممەتلەك تويلۇق تەڭلىدى. ئەمما ئۇنى ھەيران قالدۇرغىنى، ئۇممۇ سۇلەيىم مەغرۇرانە ھالدا ئۇنىڭ ھەممە نەرسىسىنى رەت قىلىۋەتتى ۋە: «مەن ھەرگىزمۇ بىر مۇشرىككە تەگمەيمەن، سەن بىلمەمسەن؟ ئەي ئەبۇ تەلھە! سېنىڭ ئۇ ئىلاھلىرىڭنى فالان-فالان ئائىلىنىڭ قۇللىرى ئويۇپ ياسىغان، سەن ئۇلارنى ئوتقا سالساڭ، كۆيۈپلا تۈگەيدۇ.» دېدى.
    ئەبۇ تەلھە ئىلاجسىز قايتىپ كەتتى، ئۇ قاتتىق ئازابلاندى، بۇنداق زەربە ئۇنىڭغا ئېغىر ھار كەلدى. بىراق چىن مۇھەببەت ئۇنى ئىككىنچى كۈنى تېخىمۇ ئېسىل تويلۇق بىلەن ئېلىپ كەلدى. ئۇ بۇ تويلۇقلارنىڭ ئۇممۇ سۇلەيمنى تەسىرلەندۈرۈپ، ئۆزى بىلەن توي قىلىشقا ماقۇل كەلتۈرىشىنى ئۈمىد قىلاتتى. بىراق بۇ قېتىم ئۇممۇ سۇلەيم ئەدەپ بىلەن:
-ئەي ئەبۇ تەلھە! سەن ئەسلىدە رەت قىلىنىدىغان ئەرلەردىن ئەمەس ئىدىڭ، بىراق سەن بولساڭ كاپىر ئەر، مەن بولسام مۇسۇلمان ئايال، مېنىڭ ساڭا تېگىشىم دۇرۇس بولمايدۇ،- دېدى.
-مەن ساڭا ساپ-سېرىق ئالتۇن، ئاپ-ئاق كۈمۈشلەرنى بېرىمەن.-دېدى ئەبۇ تەلھە.
-ماڭا نە سېرىق ئالتۇن، نە ئاق كۈمۈش كېرەك ئەمەس، مەن سەندىن مۇسۇلمان بولۇشىڭنى ئىستەيمەن.
-كىمگە مۇراجىئەت قىلىمەن.؟
-ئاللاھنىڭ ئەلچىسىگە.
... شۇنىڭ بىلەن ئەبۇ تەلھە ئاللاھنىڭ ئەلچىسىنى ئىزدەپ كەلدى، بۇ چاغدا ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ساھابىلىرى بىلەن بىرگە ئىدى، ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئۇنى كۆرۈپ: «ئەبۇ تەلھە كەلدى، چۈنكى ئۇ ئىسلامنىڭ نۇرىنى كۆرۈپ يەتتى.» دېدى. ئۇ ئاللاھنىڭ ئەلچىسىگە ئۇممۇ سۇلەيىمنىڭ سۆزلىرىنى يەتكۈزدى ۋە ئىسلامغا كىردى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار رازىمەنلىك بىلەن تۇرمۇش قۇردى.
     بۇ ئايال شان-شەرەپ ۋە گۈزەل ئەخلاق ئىزدىگۈچىلەرنىڭ نەمۇنىسى. ئۇنىڭ تۇرمۇش شەكلىگە قاراڭ، ئۇ قانداق قىلىپ ئۆزىنىڭ ئىمانىنى ۋە ئالىجانابلىقىنى نامايەن قىلالىدى، ئۇ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن كۆپلىگەن ئەجىرگە ئېرىشتى، ئۇنىڭ قالدۇرغان گۈزەل ئەسلىمىلىرىگە قاراڭ، كىشلەر ئۇنى ياد ئېتىدۇ، ئۇنى مەدھىيلەيدۇ. ئۇ رەببىگە، ئۆزىگە ۋە باشقىلارغا بولغان ساداقىتى سەۋەبلىك كاتتا ساۋابقا، زور بەختكە نائىل بولدى.
«بۇ كۈن (يەنى قىيامەن كۈنى)راستچىللانىڭ راستچىللىقى ئۆزىگە پايدا يەتكۈزىدىغان كۈندۇر»    (119 :5)
    شۇڭلاشقا ئۇ جەننەت بىشارىتىنى ئالدى، مەڭگۈ شۇ ماكاندا ياشايدۇ، غەلبە ھۇزۇرىنى سۈرىدۇ.

  «باشقىلارنىڭ سىزگە تەبەسسۇم قىلشىنى ئۈمۈد قىلسىڭىز، ئاۋۋال سىز ئۇلارغا تەبەسسۇم قىلىڭ.»

داۋامى بار...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98669
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 46
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 30 سائەت
تىزىم: 2013-10-13
ئاخىرقى: 2014-6-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-7 05:06:47 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت . اللە رەھمەت قىلسۇن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100776
يازما سانى: 482
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1571
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 87 سائەت
تىزىم: 2013-12-12
ئاخىرقى: 2014-8-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-7 08:41:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ بىلىمىڭىزنى،دىننىي ئىتقادىڭىزنى تېخىمۇ مۇستەھكەم قىلسۇن قېرىندىشىم..رەخمەت.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90534
يازما سانى: 959
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10810
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2010 سائەت
تىزىم: 2013-1-24
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-7 10:15:11 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

تويلۇقنى يەڭگىل قىلىشنىڭ سۈننەتلىكى توغرىسىدا

سوئال :
جەمئىيەتتە بەزى كىشىلەرنىڭ تويلۇقنى ھەددىدىن زىيادە ئاشۇرىۋەتكەنلىكىنى كۆرۈۋاتىمىز، بۇنداق قىلىش سۈننەتكە ئۇيغۇنمۇ؟ تويلۇق مېھرى ئۈچۈن شەرىئەتتە مەلۇم چەك بېكىتىلگەنمۇ؟ بۇ ھەقتە تەپسىلى چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمىز.

جاۋاپ :
بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر.
توي قىلىش ۋە تۇرمۇشلۇق بولۇش ئاللاھنىڭ كاتتا نېمەتلىرى ۋە ئالامەتلىرىنىڭ بىرىدۇر. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: « ئاياللار بىلەن ئۇنسى - ئۈلپەت ئېلىشىڭلار ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ) ئۇلارنى سىلەرنىڭ ئۆز تىپىڭلاردىن ياراتقانلىقى، ئاراڭلاردا (يەنى ئەر - خوتۇن ئارىسىدا) مېھر-مۇھەببەت ئورناتقانلىقى ئاللاھنىڭ(كامالى قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەتلىرىدىندۇر، پىكىر يۈرگۈزىدىغان قەۋم ئۈچۈن، شەك - شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار.» [رۇم سۈرىسى 21-ئايەت].
ئاللاھ تائالا مۆمىن بەندىلەرنى قول ئاستىدىكىلەرنى تۇرمۇشلۇق قىلىشقا بۇيرۇپ مۇنداق دەيدۇ: «ئاراڭلاردىكى بويتاق ئەر، ئاياللارنىڭ ۋە ياخشى قۇل ۋە ياخشى چۆرىلىرىڭلارنىڭ بېشىنى ئوڭلاپ قويۇڭلار؛ ئەگەر ئۇلار يوقسۇز بولىدىغان بولسا (ئۇلارنىڭ يوقسۇزلۇقى سىلەرنىڭ ئۇلارنىڭ بېشىنى ئوڭلاپ قويۇشۇڭلارغا توسۇق بولمىسۇن)، ئاللاھ ئۇلارنى ئۆز كەرىمى بىلەن باي قىلىدۇ، ئاللاھنىڭ (كەرىمى) كەڭدۇر، ئاللاھ بەندىلەرنىڭ مەنپەئىتىنى بىلگۈچىدۇر.» [نۇر سۈرىسى 32-ئايەت].
نىكاھلىنىش ئارقىلىق ئىنسانىيەتكە كۆپ مەنپەئەتلەر ھاسىل بولىدۇ، ئىسلام ئۈممىتى كۆپىيىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممىتىنىڭ كۆپلۈكى بىلەن پەخىرلىنىشى روياپقا چىقىدۇ. شۇنداقلا ئەر-ئاياللارنىڭ ئەخلاقى ۋە ئىستىلى بۇزۇلۇشنىڭ ئالدىنى ئىلىش قاتارلىق نۇرغۇن ياخشىلىقلار بارلىققا كېلىدۇ.
نۇرغۇن كىشىلەر قىزلىرىنىڭ تويلۇق مېھرىنى زىيادە قىلىۋېتىش ئارقىلىق تۇرمۇش قۇرغۇچىلارنىڭ يولىنى قىيىنلاشتۇرۇپ قويدى. شۇ سەۋەپتىن كۆپلىگەن ياشلار تۇرمۇش قۇرۇشتىن ئاجىز كەلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار دىنىمىزدا چەكلەنگەن يوللار ئارقىلىق ئازغۇنلۇق ۋە ئەخلاقسىزلىقتىن ئىبارەت ئىستىلى بۇزۇقچىلىققا گىرىپتار بولدى، نەتىجىدە جەمئىيەتتە ئەخلاقسىزلىق ۋە ئىجتىمائى ئالاقىدا ئىزتىراپلىق پەيدا بولىدۇ.
تويلۇق ۋە مېھىر ئاياللارنىڭ ھەققى بولۇپ، بۇنى ئىسلام شەرىئىتى بەلگىلىگەن، بۇ ئەرلەرنىڭ مەزكۇر قىز بىلەن توي قىلىشقا بولغان رىغبىتىنى ئىپادىلەشتىن ئىبارەتتۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئاياللارغا ئۇلارنىڭ مەھرىلىرىنى خۇشاللىق بىلەن سوۋغا قىلىپ بېرىڭلار. ئەگەر ئۇلار ئۇنىڭدىن بىر قىسمىنى سىلەرگە ئۆتۈنۈپ بەرسە، ئۇنى مەززىلىك، سىڭىشلىق (يەنى پاك - ھالال بىلىپ) يەڭلار.» [سۈرە نىسا 4-ئايەت].
بۇنىڭدىن ئاياللارنى سېتىلىدىغان تاۋار دېگەنلىك ئىپادىلەنمەيدۇ، بەلكى بۇ ئاياللارنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتى، ئەرنىڭ توي قىلىشقا كەسكىن بەل باغلىغانلىقى ۋە تۇرمۇشنىڭ ئېغىرچىلىقىنى كۆتۈرۈشكە تەييار ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلىدۇر.
شەرىئەت مەلۇم مىقداردا تويلۇق ھەققى بەلگىلەپ بەرمىدى، شۇنداقلا  تويلۇقنى ئاسانلاشتۇرۇپ، مېھىرنى يەڭگىللىتىشكە رىغبەتلەندۈردى.
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «نىكاھنىڭ ئەڭ ياخشىسى قولايلىق بولغىنىدۇر.» [ئىبنى ھىببان رىۋايەت قىلغان]. يەنە بىر ھەدىستە:«مېھىرنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئاسان بولغىنىدۇر» دېگەن. [ھاكىم ۋە بەيھەقىي رىۋايەت قىلغان].
يەنە بىر ھەدىستە  پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام توي قىلىشنى تەلەپ قىلغان بىر كىشىگە: «تۆمۈر ئۈزۈكتەك بىر نەرسە بولسىمۇ تويلۇق بەرگىن» دېگەن. [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس].
بۇ ئىشتا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىسلام ئۈممىتىگە نەمۇنىلىك ئۈلگە بولدى ۋ ە جەمئىيەتتە بۇ پرىنسىپنىڭ رېئاللىققا ئايلىنىشى ئۈچۈن ئەمەلىي ئاساسنى كۈچەيتتى. كىشىلەر ئارىسىدا يەڭگىللىك ۋە ئاسانلاشتۇرۇش روھىنى تاراتتى.
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئەلى رەزىيەللاھۇئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن پاتىمە رەزىيەللاھۇئەنھا بىلەن توي قىلغان ۋاقتىمدا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! بىزگە رۇخسەت قىلسىلا دېسەم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئۇنىڭغا تويلۇق بىر نەرسە بەرگىن دېدى، مەن: يېنىمدا ئۇنىڭغا بېرىدىغان ھېچنەرسە يوق دېسەم، تۆمۈر كىيىمىڭ قىنى؟ (يەنى ئۇرۇشتا كىيىدىغان قالقان كىيىم) دەپ سورىۋىدى، مەن: يېنىمدا بار دېدىم. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئۇنى پاتىمىگە بەرگىن دېدى. [نەسائىي رىۋايەت قىلغان]. مانا بۇ جەننەت ئاياللىرىنىڭ سەردارى بولغان پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قىزى پاتىمە رەزىيەللاھۇئەنھانىڭ تويلۇق مېھرىدۇر.
بۇنىڭدىن ئىسلامدا مېھىرنىڭ ئۆزىلا مەقسەت قىلىنمايدىغانلىقى تەكىتلىنىدۇ.
ئۆمەر رەزىيەللاھۇئەنھۇ كىشىلەرگە خىتاب قىلىپ: "ئاياللارنىڭ تويلۇق مېھرىنى ئاشۇرۇۋەتمەڭلار، ئەگەر بۇ ئىش دۇنيادا ئىززەتلىك ۋە ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ھۆرمەتلىك بولىدىغان بولسا ئېدى، بۇ ئىشقا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بەك لايىق ئېدى، ئۇ ئۆزىنىڭ ئاياللىرى ۋە قىزلىرى ئۈچۈن 12 ئۇقىييە )480 دىرھەمگە باراۋەر يەنى 135 كۇمۇش تەڭگە(دىن ئارتۇق تويلۇق مېھىر سالمىدى . كىمكى قىزلىرىنىڭ مېھرىنى ئىغىرلاشتۇرىدىكەن، توي قىلغۇچىنىڭ كۆڭلىدە ئۇ ئايالغا نىسبەتەن ئۆچمەنلىك پەيدا بولىدۇ ۋە  سەن بىلەن توي قىلىش ئۈچۈن نۇرغۇن قىيىنچىلىققا ئۇچرىدىم، قەرزدار بولدۇم دەيدۇ. ]ئىبنى ماجە رىۋايەت قىلغان[.
شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە پەتىۋالار توپلىمىنىڭ 32 -194-بەتلىرىدە مۇنداق دەيدۇ: "قىزلىرىنىڭ تويلۇق مېھرىنى پۈتۈن ئالەمدىكى ئاياللارنىڭ ياخشىسى ۋە ئاياللارنىڭ سەردارى بولغان پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قىزلىرىنىڭ ۋە ئاياللىرىنىڭ تويلۇق مېھرىدىن ئاشۇرۋىتىدىكەن، ئۇ ئەخمەق ۋە جاھىل ھېسابلىنىدۇ. بۇ قۇدرىتى يېتىدىغان كىشىلەر ئۈچۈندۇر. ئەمما كەمبەغەللەر ئۆزلىرىنى مۇشەققەتكە تاشلىماستىن بەلكى قۇدرىتىنىڭ يېتىشچە تويلۇق بېرىشى كېرەك.
" پەتىۋا كۇبرا" ناملىق ئەسەردە، ئىمام ئەھمەدنىڭ قادىر بولغۇچىلارنىڭ ئاياللار تويلۇق مېھىرىنى400 دىرھەمدىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىكى ياخشى دەپ قارالغان كۆزقارىشى قەيت قىلىنغان.
ئىبنى قەييۇم "زادۇلمەئاد" ناملىق ئەسىرى5-توم 178 -بەتتە: تويلۇقنى يەڭگىل قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈلگەن بەزى ھەدىسلەرنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: "بۇ ھەدىسلەرنىڭ مەزمۇنىدىن قىزغا بېرىلىدىغان مېھىر ھەققىنىڭ ئەڭ ئاز مىقدارى   بېكىتىلمىگەن. تويلۇقنى ئېغىرلاشتۇرۇش نىكاھدا ياخشى كۆرۈلمەيدىغان ئىشلاردىن بولۇپ، تويلۇق ئاز تەلەپ قىلىنغان تۇرمۇشتا ئاسانلىق ۋە بەرىكەت بولىدۇ" دەيدۇ .
بۇنىڭدىن ھازىر كىشىلەرنىڭ تويلۇقنى خالىغانچە ئېغىرلاشتۇرۇشىنىڭ شەرىئەتكە خىلاپ ئىكەنلىكى ئوچۇق نامايەندە بولىدۇ.
تويلۇقنىڭ يەڭگىل بولۇشىنى تەۋسىيە قىلىشتىكى ھېكمەت:
كىشىلەر ئارىسىدا تۇرمۇشلۇق بولۇشنى ئاسانلاشتۇرۇش، تويلۇقنىڭ ئېغىرلىقى سەۋەبىدىن ئۇلارنىڭ نىكاھلىنىشتىن باش تارتىپ جەمئىيەتتە تۈرلۈك بۇزۇقچىلىققا چۈشۈپ قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتۇر.

جانابى ئاللاھنىڭ ھەربىر ئورۇنلاشتۇرغان ئىشى ھېكمەت بىلەن تويۇنغاندۇر.....

مەنبە؛
ئۇيغۇر بىلىم سالۇنى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104553
يازما سانى: 182
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 652
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 26 سائەت
تىزىم: 2014-3-8
ئاخىرقى: 2015-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-8 02:56:26 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تېمىنى ياقتۇردۇم...

ئويۇڭ يەتكەن يەرگە قولۇڭمۇ يېتىدۇ، بۇ پەقەت ۋاقىت مەسىلىسى، خالاس...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89563
يازما سانى: 1715
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8967
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 355 سائەت
تىزىم: 2013-1-4
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-9 12:08:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تولىمۇ ياقتۇردۇم

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش