Abdul يوللىغان ۋاقتى 2014-6-8 01:37 AM
قاشلىرىمۇ قاشتاشلىرىمۇ ؟ ياكى ئىككىسى بىر گەپمۇ ؟
قاشگەرلەرگە تەكلىپ
(6)
ئاپتۇر:ئۇيغۇر قاشتېشى تورىمىزنىڭ ئالاھىدە تەكلىپلىك قاشتېشى مەدەنىيىتى مۇتەخەسسى-ئابدۇرىشات مۇساجان توغرۇل
قاشتېشى بۇنىڭدىن 7 مىڭ يىللار ئىلگىرى خوتەن بوستانلىقىدا ياشىغان خەلقلەر تەرىپىدىن بايقىلىپ ۋە ئىشلىتىلىپ، بۇنىڭدىن 6 مىڭ يىللار ئىلگىرى «ئات ئۈستىدىكى قەۋىم»ئاتالغان تارىملىقلار تەرىپىدىن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايۇنلىرىغا توشۇلۇشقا باشلىغان. ئەينى دەۋىرلەردە خوتەنلىكىلەر، جۈملىدىن تارىم ۋادىسىدىكى خەلق خوتەندىن چىقىدىغان قاشتاشلىرىنىڭ سورتى، رەڭگى قاتارلىقلارغا ئاساسەن، تۈرلۈك ئىسىملارنى قويۇپ ئىشلەتكەن بولسىمۇ، كېيىنكى دەۋىرلەردە بۇ ئىسىملار ئۇنتۇلۇپ كېتىپ، خەنزۇچە ئاتالغۇلار قوبۇل قىلىنىشقا باشلىغان. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە،قاشتېشىنىڭ بىرمۇ ئۇيغۇرچە ئىسمى ئىشلىتىلمەي خەنزۇچە ئاتىلىدىغان ھالغا چۈشۈپ قالدى.
يەنە كېلىپ، بىر قىسىم تاشچىلار قاشتېشىغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق سۆزلەرنى، ھەتتا ئۇيغۇرچە ئاتالغۇسى بار سۆزلەرنىمۇ خەنزۇچە ئاتاشنى مودا قىلىۋالدى. بۇ ھال ئانا تىلىمىزنىڭ ساپلىقىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇپلا قالماي، تۈپ ماھىيىتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ قاشتېشى مەدەنىيىتىنى ئىنكار قىلىشقا تولۇق پاكىت تەييارلاپ بىرىۋاتىدۇ. چۈنكى ئۆزىدە ئىسمى ياكى ئاتالمىسى يوق مەدەنىيەتنى شۇ مىللەتنىڭ مەدەنىيىتى دىگىلى بولمايدۇ.
تارىخى ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، خوتەندە 3 دەريا بولۇپ، شەرقىدىكى دەريادىن قويمېيى رەڭگىدىكى ئاق قاشتېشى چىققاچقا، «ئاق قاشتېشى دەرياسى» دېگەن مەنىدە«ئۈرۈڭقاش ئۆگۈز»؛ يەنە بىرىدىن يېشىل قاشتېشى چىقىدىغانلىقى ئۈچۈن «يېشىل قاشتېشىدەرياسى» دىگەن مەنىدە «يېشىلقاش ئۆگۈز»؛ غەربىدىكى دەريادىن قارا قاشتېشى چىققاچقا«قارا قاشتېشى دەرياسى» دىگەن مەنىلەردە «قاراقاش ئۆگۈز» دەپ ئاتالغان.
«تۈركى تىللار دىۋانى»دىكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ئادەتتىكى تاشلار «تاش» دەپ ئاتالغانبولسا، قاشتېشى «قاش» دەپ ئاتالغان. بۇنىڭدىن باشقا قىممەتلىك تاشلارمۇ «ھېقىق»،«ياقۇت»، «كەھرىۋا»، «چەش»، «كاۋاش»، «چاقماق» دىگەندەك ناملار بىلەن ئاتالغان.شۇڭا «قاشتېشى» دەپ ئاتاش – زورلاپ سۆز تېڭىپ ئاتاشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. «تاش»دەپلا ئاتىغاندا، ئادەتتىكى تاش بىلەن قاشتېشىنى پەرق ئەتكىلى بولمايدۇ. شۇڭا:
1.«قاشتېشى» دىگەن ئىسىمنى ئەسلى ئاتالمىسى بىلەن «قاش» دەپ ئاتىساق؛
2.قوي مېيى رەڭگىدىكى ئاق قاشنى خەنزۇچە «ياڭزىيۈ» دەپ ئاتىماي، ئەسلى ئاتالمىسى بويىچە «ئۈرۈڭقاش» ياكى ھازىرقى دەۋىر تەلەپپۇزى بويىچە «يۇرۇڭقاش» دەپ ئاتىساق؛
ئاق قاشنى «بەييۈ» دىمەي، «ئاققاش» دەپ ئاتىساق؛
3.يېشىل قاشتېشىنى «بىيۈ» دىمەي، ئەسلى ئاتالمىسى بويىچە «يېشىلقاش» دەپ ئاتىساق؛
4.قارا قاشتېشىنى «مويۈ» دىمەي، ئەسلى ئاتالمىسى بويىچە «قاراقاش» دىسەك؛
5.باشقا رەڭلەردە كۆرۈلىدىغان سورتلىرىنىمۇ يوقارقى ئۇسسۇل بويىچە رەڭگى ياكى سورتىنى بىلدۈرىدىغان سۈپەتنىڭ كەينىگە «قاش» سۆزىنى قوشۇپ ئىسىم ياساپ ئىشلەتسەك؛
6.دەريادىن چىقىدىغان قاشلارنى «زىر»، «زىرە» دىگەندەك سۆزلەر بىلەن ئاتىماي،ئومۇملاشتۇرۇپ «دەريادىن چىققان قاشتېشى» دىگەن مەنىدە «ئۆگۈزقاش» دەپ ئاتىساق.ئەگەر بۇ خىل ئاتاشقا تىلىمىز كەلمىسە ۋە ياكى بىئەپ بولسا، «ياقاش» ياكى «دەرقاش»دەپ ئاتىساقمۇ ئوخشاشلا شۇ مەنىنى بىرىدۇ. كىچىكلىرىنى تاشلارنى تۈرلەپ ئاتاش ئادىتىمىزبويىچە، چوڭ كىچىكلىكىگە ئاساسەن ياڭاق- گۈلە چوڭلۇقىدىكىلىرىنى «خەشەكقاش»، ئۇنىڭدىنمۇكىچىكلىرىنى «شىغىلقاش» دەپ ئاتىساق؛
7.كاندىن قېزىۋېلىنغانلىرىنى «شەنلىياۋ» دىمەي، «كانقاش» دەپ ئاتىساق؛
8.يەنە باشقا سورتلىرىنىمۇ يوقارقى ئۇسسۇللار بويىچە ئۇيغۇرچە ئىسىم ياساپ قوللانساق.