مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4744|ئىنكاس: 20

ئالى مەكتەپكە ئۆتەلمىگەنلەرنىڭ يېڭى چىقىش يولى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1487
يازما سانى: 827
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10910
تۆھپە نۇمۇرى: 478
توردا: 3827 سائەت
تىزىم: 2010-5-30
ئاخىرقى: 2014-12-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-7 11:35:57 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

12 يىللىق ئوقۇش ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ئالىي مەكتەپ ئىمتاھاننى ئەمدىلا ئاياقلاشتۇرغان بارلىق ئىنى-سىڭىللىرىمىز تەققەززالىق بىلەن قايسى ئالىي مەكتەپتىن چاقىرىق كېلىدىغانلىقىنى كۈتمەكتە. يۇقىرى نۇمۇر ئالغان دوسلىرىمىزغۇ  ئالغان يۇقىرى نۇمىرى بىلەن ئۆزى ئارزۇ قىلغان ئالىي مەكتەپكە ئۆتۇپ كېتەر‹ئاللاھ نىسىپ قىلسۇن›. بىراق ھەرخىل سەۋەپلەر تۇپەيلىدىن ئىمتاھاندا تۆۋەن نۇمۇر ئېلىپ قالغانلارچۇ؟ بۇلارنىڭ چىقىش يولى زادى قانداق؟   ئائىلىنىڭ بېسىمى،جەمىيەتنىڭ بېسىمىنى قانداق يىنىكلىتىشىنى بىلمەي ئاتا -ئانىسىدىن ،تۇنۇش-بىلىشلەردىن قېچىپ تورخانا ياكى باشقا ئۇيۇنچۇقخانىلارغا كىرىپ ئويناشمۇ؟ ياكى ئەمدىلا 18 ياشتىن ئاشقىنىغا قارىماي ھەرخىل ئىچىملىك-چىكىملىك سورۇنلىرىدا يۇرۇشمۇ؟
ئۆزىنىڭ مىللىي كىملىكى، ‹ئۇيغۇر›لىقىنى ياخشى بىلىدىغان ھەربىر كىشىللىرىمىزنىڭ مىللىتىمىزگە ئازدۇر-كۆپتۇر ھەسسە قوشقۇسى بار.بەزىللىرىمىزنىڭ ئەمىلى ياردىمى بولغان بولسىمۇ ، بەزىللىرىمىزنىڭ قۇربى يەتمەيدۇ. ئەمدى مەن ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانىدا تۆۋەن نۇمۇر ئېلىپ قالغان ئىنى-سىڭىللىرىمىزغا چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇش تەكلىپىنى بەرمەكچى. بۇ ھەقتە مىنىڭ ئويلىغانلىرىم ۋە كۆرگەنلىرىم.
دۆلىتىمىزنىڭ مائارىپ ساھەسىدىكى يېڭى تۈزۇملەرنىڭ ئارقا-ئارقىدىن مەيدانغا كىلىش ئاستىدا چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇش ئارقىلىق نۇرغۇن ياشلىرىمىزنىڭ ۋە ئاتا-ئانىللىرىمىزنىڭ ئارزۇسى ئىشقا ئاشقان بولسىمۇ، يەنە بىر قىسىم ياشلار قايسى يوللار ئارقىلىق چىقىپ ئوقۇش.قايسى كەسىپتە ئوقۇش ،قانداق مەكتەپلەردە ئوقۇش نۇرغۇنلىرىمىزنىڭ بېشىنى قاتۇردى.ۋاستىچىلىق شىركەتلىرىنىڭ ھەددىدىن زىيادە ئاچكۆزلىكى ،بىزنىڭ ياخشى سىياسەتلەردىن توغرا پايدىنىلالماي ھەمدە بۇ ھەقتىكى بىلىملىرىمىزنىڭ ئاز بۇلۇش سەۋەبىدىن چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇش دىسلا كۆز ئالدىمىزغا باغلام-باغلام پۇللار كىلىۋېلىپ ئارزۇلىرىمىزنى بارغانسىرى يوق قىلماقتا. ئەمىلىيەتتە جۇڭگۇدىكى بۇلۇپمۇ شىنجاڭدىكى نورمال سەۋىيەدىكى ئائىلىلەرگە نىسپەتەن باللىرىنى چەتئەلدە ئوقۇتۇش ھەرگىزمۇ قىيىن ئەمەس. ئەلۋەتتە سىزمۇ يۇقىرى ئىقتىسادى سەۋىيە تەلەپ قىلىدىغان ئامىرىكا،ئەنگىلىيە ۋە فىرانسىيەلەرنى ئويلاشمايسىز. ئەمسە قايسى رايۇنلاردىكى ئالىي مەكتەپلەرنى ئويلىشىسىز؟
مەنچە سىز ئوتتۇرا شەرىق يەنى ئەرەپ دۆلەتلىرى،ئاسىيادىكى مالايسىيا،ھىندىنوسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنى ئويلاشقىنىڭىز ياخشىراق.بۇ يەرلەرنىڭ ئىستىمال سەۋىيىسى جۇڭگۇدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭكىدىن ئانچە پەرىقلەنمەيدۇ. بەزى ئەرەپ دۆلەتلىرىدە سىز ھەقسىز ئوقۇش ۋە ھەقسىز ياتاق-تاماققا ئېرىشەلىشىڭىزمۇ تەس ئەمەس. ئەرەپ دۆلەتلىرى دىسەم بەزى دوستلارنىڭ كاللىسىغا ‹دىن› ئوقۇش كەلگەن بۇلىشى مۇمكىن.دوستۇم سىز كاللىڭىزدىكى بۇ خىياللارنى چىقىرىۋېتىڭ. بۇ يەردىمۇ نۇرغۇنلىغان ئىلغار ئوقۇش سەۋىيەسىگە ئېگە پەننىي مەكتەپلەرمۇ خېلى كۆپ يەنى كېلىپ بۇ ئالىي مەكتەپلەر دۇنيادىكى ئالدىنقى قاتاردىكى ئالىي مەكتەپلەردىن سانىلىدۇ.
ئەگەر سىزنىڭ ياۋرۇپالاردىكى داڭلىق ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇش ئارزۇيىڭىز بار،لىكىن  ئىقتىساد سەۋەبىدىن بارالمىغان بولسىڭىز يەنىلا سىز ئوتتۇرا شەرىقتىكى ئەرەپ دۆلەتلىرىنى تاللاڭ.چۇنكى بۇ دۆلەتلەردە شۇ  ياۋرۇپالاردىكى داڭلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تارماق مەكتەپلىرى بار. بۇمۇ سىزنىڭ يېڭىچە تاللىشىڭىز. سىز ئەرەپ دۆلەتلىرىدىكى ئەنگىلىيە ئۇنۋېرسىتى،ئامىرىكا ئۇنۋىرسىتىدا  بىرنەچچە يىل ئوقىغاندىن كىيىن سىز   ياۋرۇپالاردىكى داڭلىق ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇش ئارزۇيىڭىزغا چىقىم تارىتمايلا يېتەلەيسىز. بۇ نىمە دىگەن ياخشى پۇرسەت ھە؟ ‹تۆۋەن ئىقتىسادى چىقىم،يۇقىرى ئۇنۇملۇك مائارىپ›.
بۇ يەردە ئالاھىدە تەكىدلەپ ئوتىدىغان مەسىلە مىسىردا ئوقىغان شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلار ئۇچۇن يىلدا ئۇقۇش مۇكاپات پۇلى بىرىلىدۇ. بىرىنجى دەرىجىلىك ئوقۇش مۇكاپات پۇلى 10000يۇەن خەلىق پۇلى. بۇنى شىنجاڭدىن كېلىدىغان نەچچە يۇز مىڭ سومدىن ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى بىكىتكىنى بويىچە نۇرغۇن بالىلار بۇ پۇلغا نەتىجىسى ئارقىلىق ئېرىشەلەيدۇ. بۇ پۇرسەتلەر سىزنى كۇتمەكتە


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105524
يازما سانى: 755
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2125
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 653 سائەت
تىزىم: 2014-3-31
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-7 12:54:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تەكلىپ بوپتۇ……بۇرۇن ئالى مەكتەپلەرنى پۈتتۈرسىلا خىزمەتكە بۆلگەن بىلەن، 1998-يىلدىن بۇيان ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ، يەنە قايتا نەزىريە ، ئەمىلىيەت ئىمتىھانلىرىنى ئېلىپ، مەلۇم سان ، نىسبەت بويىچە ئاندىن خىزمەتكە ئېلىۋاتىدۇ……يېقىندىن بېرى رايۇنىمىزدىكى شەخسى كارخانىلارمۇ خېلى كۆپلىگەن ياشلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۋاتىدۇ……
ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىدىن ئۆتەلمەسلىك……ھەممە ئىشنىڭ ئاخىرلاشقانلىغى ئەمەس، بۇ تېمىدا دىيىلگەندەك ئاسىيادىكى دۆلەتلەردە ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلىش،  رايۇنىمىزدىكى شەخسىلەر ئاچقان مەكتەپلەردە بىرەر ياخشى كەسىپنى تاللاپ ئوقۇش، شوپۇرلۇق مەكتەپلىرىدە ئوقۇش، ھەر خىل ھۈنەر ئۈگۈنۈش، دۇكان ئېچىش، باشقىلارغا ئىشلەش……ئىشقىلىپ ئۆزىمىزنى تاشلىۋەتمەي ، ئاللىكىملەرگە خاپا بولۇپ يۈرمەي،تىرىشىپ -تىرماشساقلا، ھايات بىزگە قۇچاق ئاچىدۇ……
بۇ يىللىق ئالى مەكتەپ ئىمتىھانى بۈگۈن باشلاندى.خەۋەرلەرگە قارىغاندا ، مەملىكەت بويىچە 9 مىليۇندىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى ئىمتىھان بېرىدىكەن، دۆلەتنىڭ پىلانى 6مىليۇن ئەتراپىدا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشكەن……

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81938
يازما سانى: 207
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3766
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 99 سائەت
تىزىم: 2012-6-22
ئاخىرقى: 2015-2-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-7 01:07:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالىي مەكتەپ پەقەت بىر كىچىك جەمىيەت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92852
يازما سانى: 280
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 644
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 57 سائەت
تىزىم: 2013-3-7
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-7 01:11:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيغۇر  ياشلىرىمىزنىڭ  بۇ  ئىمتىھاندىن  لاياقەتلىك  ئۆتۈپ كىتىشىگە تىلەكداشمەن .

مۇھاببەت  دوسىتلۇقتىن  باشلىنىپ  ، سۆيۈشتىن  تەرەققى  قىلىپ  كۆز  يىشى  بىلەن  ئاخىرلىشىدۇ !!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103628
يازما سانى: 177
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1616
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 630 سائەت
تىزىم: 2014-2-15
ئاخىرقى: 2015-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-7 02:08:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىزنىڭ قىممەتلىك ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىگىنىڭىزگە رەھمەت ، ئەمما چەتئەلدە ئوقۇيمەن دەپلا چىقىپ ئوقۇيدىغان يەر ئەمەس ، چەتئەلگە چىقىشتىن بۇرۇن قىلدىغان نۇرغۇن ئىشلار بار ، چەتئەلدە ئوقۇپ بولغاندىن كىيىن نىمە ئىش قىلىش مەسىلىسى ، ياۋروپا ، شىمالىي ئامېركا ، ياپوبىيەدە ئوقۇپ كەلسىڭىز ھۆكۈمىتىمىز ئېتىراپ قىلدۇ ، بىرەر ھۆكۈمەت ئورنىغا كىرىپ ئىشلەيسىز ، ياكى بىرەر شىركەتتە ئىشلەيسىز ، ۋە ياكى بىرەر تىل تەربىيلەش مەركىزىگە كىرىپ ئوقۇتقۇچى بولسىڭىزمۇ بولدۇ ، ئەمما ئوتتۇرا شەرىق دۆلەتلىردە ئوقۇپ كەلگەندىن كىيىن نىمە ئىش قىلىسىز ؟ شۇڭا ئوتتۇرا شەرققە چىقىپ  ئوقۇماقچى بولغان قېرىنداشلار ياخشى ئويلۇنۇپ ئاندىن چىقىڭلار ، ، ،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100504
يازما سانى: 41
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 317
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 96 سائەت
تىزىم: 2013-12-5
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-7 02:59:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مانا مەنمۇ ئالى مەكتەپتە ئوقۇۋاتمەن ،ئانچە ئارزۇلاپ كەتكۇدەك يەر ئەمەس بۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94058
يازما سانى: 47
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 375
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 266 سائەت
تىزىم: 2013-3-29
ئاخىرقى: 2014-7-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-7 03:18:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، تىما ئىگىسىدىن سوراپ باقسام مىسىردا ئوقۇش مۇكاپاتى دەيدىغان ئۇقۇم بارمۇ؟ ئەگەر شۇنداق ئىش بولسا ماڭغا تەپسىلاتىنى دەپ بەرگەن بولسىڭىز. ئاللاھ رازى بولسۇن .

سۆيۈلۈش ئۈچۈن سۆيۈش كېرەك .

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98944
يازما سانى: 1888
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5081
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1273 سائەت
تىزىم: 2013-10-24
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-7 03:41:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەمەتجان ئابدۇقادىرنىڭ   مەن ھايات  دېگەن ناخشىسىدىكى   يېڭىلىش مەن ئۈچۈن يوقۇلۇش ئەمەس دېگەن مىسرالار كۆز ئالدىمغا كېلىپ قالدى........

ئاللاھ خالىسا مەن چوقۇم قىلالايمەن......!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92141
يازما سانى: 1879
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2265
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 3073 سائەت
تىزىم: 2013-2-23
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-7 03:52:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تىمىڭىزدا قانداق قىلىپ ئۇ پۇرسەتكە ئۇلىشىۋىلىنى تىلغا ئالماپسىزغۇ؟ پۇرسەت بىلەن شۇ باللار بىر-بىرىگە تەلمۈرگەن بىلەن ئۇتتۇردا ئالاقە يوقتە...

ئىلىكتىر ئىلمى بۇيەردە:http://www.xjefan.com/
  اشقىلارنى باھالاشتىن بۇرۇن ئۆزىڭىزنى باھالىۋىتىڭ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82720
يازما سانى: 1185
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5131
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1081 سائەت
تىزىم: 2012-7-10
ئاخىرقى: 2014-8-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-7 05:45:49 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش