بازارغا چىقىش
تېنىمدىكى پارازىت قۇرتلارنىڭ ياۋايى تالاشلىرىدەك،
چىڭقى چۈشتىكى قورساقنىڭ كوكىرىشىغا زەن سالدىم.
ئىچىمدە بىر ئاۋاز ئۆركەشلىمەكتە:
مەن غالىب بىر ئەرمەن زەبەردەس تېنىقلار مەندە مۇجەسسەم.
تىنجىق ھاۋا يۈرىكىمنى ئەسمەكتە:
مەن نورمال ئادەملەردەك بۇ بازادا پەيدا بولدۇم.
ئىگىز بويلۇق، ئۇزۇن پۇتلۇق ئاۋۇ ئايالغا قارىغاچ،
كاۋاپ يىدىم، دۇغ ئىچتىم، بىر تال تاماكىنى لەززەت بىلەن تۇتاشتۇردۇم.
نۇرغۇن نەرسىلەرنىڭ ماڭا تەۋە بولمايدىغانلىقىنى بىلىمەن،
بۇ ناھايىتىمۇ قورقۇنچلۇق ھەقىقەت.
2014-يىلى،5-ئاينىڭ29-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچتە،
ئۆز-ئۆزۈمنى بوغۇزلىدىم نەچچە رەت.
كەبى
بىرمۇ قىز بالا يوقتۇر مېنىڭ بۇ سەرسانلىقىمدەك،
پايانسىز توپا ياغار ئىككىنجى يارنىڭ ئاپتىپى.
مەن پىشايۋان گىرۋەكلىرىگە ئۇۋا سالغان قۇشقاچتەك،
قايتىپ كەلدىم سۆيگۈ ئۈچۈن مىڭ يىل ئىلگىرى.
مەن تور توقۇشنى بىلمەيمەن،
بىلىدىغىنىم: كەم-كۈتىسىز ئامالسىزلىق ھەمدە ھەشەمەتلىك غېرىبلىق.
مەن سېنى مەدھىيلىمەيمەن!
قارماققا ئىلىنماس ئەي، ئالتۇن بېلىق.
چۆچەكلەر- يالغانچىلىقىنىڭ بالىياتقۇسى،
شېئىر- تۇغۇشچان ئايال.
بارلىق نەرسىلەردىن نەپرەتلەنگەن كەبى،
پارچە-پارچەبولىمەن چۇقۇم!
يەكشەنبە
مەن قۇرغاق بۇشەھەرنىڭ ئارامخۇش ئاخشاملىرىنى سۆيىمەن،
بىرمۇ يۇلتۇز يوق، ئاسمان ھەققىدە خىيال سۈردۈم.
تۈن سېغىنىشنىڭ رەڭگىدە مەي باغلىدى،
مەن يەنە تەنھالىققا تۇتۇندۇم.
تىنجىق ھاۋا كوچىلاردا مەسىت-ئەلەس،
مىغىلدىغان ئادەملەرنىڭ ئارىسىدا ئەرۋاھمەن.
بىر گۈزەل قىزنىڭ تەبەسسۇمىغا،
بىر پارچە شېئىرنى قۇشۇپ مۇھەببىتىمنى ئىپادىلەيمەن.
ئاسمان يەنە ئاسمان پېتى قالدى،
قىزىل گۈل قاننىڭ ھىدىنى ئالدى.
مەن زېرىكىشلىك بۇ يەكشەنبىدە كوچىلاردا چىقىپ كەتتىم،
كۆزلىرىم تالدى.....
مەنبە: ئۆزۈم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-7 01:53 AM