مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1492|ئىنكاس: 19

مېنىڭ ھېكايەم(ئەنسارى) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93166
يازما سانى: 171
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1286
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 665 سائەت
تىزىم: 2013-3-12
ئاخىرقى: 2015-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-6 09:36:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

مېنىڭ ھېكايەم

مەن سىزگە بۈگۈن ھېكايىدىكى «مەن»نى ئەمەس بەلكى ئەمەلىيەتتىكى «مەن»نى سۆزلەپ بەمەكچى.

1

ئىسمىم ياسىن، دادامنىڭ ئىسمى مەمەت، بۇ يىل يىگىرمە ياش،بىغى پىشمىغان سويمىكەن دەپ قالدىڭىز ھەقاچان، يېشىم كىچىك بولغان بىلەن بىر بالام با.كەسپىم دېھقان،ئىككى ئۈچ يۈز مو يەرنىڭ ئىگىسى( يەر دادامنىڭ نامىدا بولسىمۇ ئاساسلىق ئەمگەك كۈچى مەن.) ھېكايەمنى بۇنداق باشلىسام چۈشەنمىدىڭىز بولغاي، مەن يەنىلا باشتىن باشلاپ سۆزلەي.

مەن بۇنىڭدىن مۇقەددەم يىگىرمە يىل بۇرۇن يەنى 1994-يىلى باش باھاردا تۇغۇلغان. ئۆيۈم جەنۇبىي شىنجاڭدىكى چەت بىر يىزىنىڭ كىچىك كەنتىدە.مەن ئۆيدە بالىنىڭ ئەڭ كىچىكى، بىز جەمئىي تۆت بالا بولۇپ،ئۈچ ئاچام بار.بالىنىڭ كىچىكى ھەم بار يوقى بىر ئوغۇل بولغاچ ئۆيدىكىلەرنىڭ ئەتىۋارلىق بەگزادىسى ئىدىم.  پەپىلەش ئاستىدا نەچچە يىل ئۆتۈپ كەتتى،دادام-ئاناملار بار يوقى بىر ئوغلىمىز، بىز جاپا تارتساقمۇ سىنى چوقۇم ئوقىتىمىز دەپ دائىم مېنى ئۆگىنىشكە زورلايتتى. ئۇلارنىڭ زورلىشىغا باقماي ئۆگىنىشىم تازا ياخشى ئەمەستى. شۇنداق سۆرۈلۈپ يۈرۈپ تولۇقسىز ئىككىنچى يىلللىققا چىققاندا زىرىكىشلىك مەكتەپتىن ئاخىر قۇتۇلدۇم.سەۋەبى مۇنداق:

تولۇقسىز ئىككىنچى يىللىققا چىققاندا تۇيۇقسىز ئاۋازىم پۈتۈپ قىلىپ، بىشىم چىڭقىلىپ ئاغرىيدىغان بولۇپ قالدى، پۈتۈپ قالغان ئاۋازىم ئاسانلا ئەسلىگە كەلگەن بولسىمۇ ،لىكىن بىشىمنىڭ ئاغرىقى جىق ئەلەم قىلدى، خېلى دوختۇرخانىلارغا بارغان بولساممۇ ھىچ كار قىلمىدى. بىشىمنىڭ ئاغرىقى تۇتقاغلىق بولۇپ، ھەر قىتىم بشىىمنىڭ ئاغرىقى تۇتقاندا، ھېچنىمە كۆزۈمگە كۆرۈنمەيتتى، شۇڭا كىمنى كۆرسەم شۇنىڭغا چىچىلاتتىم.بارا-بارا بۇ كېسەل ئېغىرلىشىپ كەتتى،بۇنداق بولۇشىغا قارىماي دوختۇرلار سەۋەبىنى تاپالماي يۈرەتتى، ئاخىرى خوتەنگە بىرىپ مىللىي تىبابەتنىڭ دورىلىرىنى ئىشلىتىپ ساقىيىپ قالغان بولدۇم، لىكىن ساقايغىنىمدا نۇرغۇن ئادەملەر ئىسمدە قالماپتۇ، دادام، ئانام، بوۋام ئۈچىدىن باشقىسى ئاساسىي جەھەتتىن ئىسىمدە قالمىغان ئىكەن.ساقايغاندىن كىيىن باشقا ئۇرۇغ-تۇققان دوست-يارەنلەرنى قايتا تونۇدۇم، جاپا تارتىپ مەكتەپتە ئۆگەنگەن «بىلىملىرىممۇ» يوق بولغانىدى، چۈنكى مەن خەت يېزىشنىمۇ ئۇنتۇپ قالغانىدىم.

شۇنىڭدىن كىيىن يېڭى خاتىرەم بىلەن يېڭىچە تۇرمۇشقا قەدەم قويدۇم. جەمئىيەتكە چىقتىم(توغرىسىنى ئېيتقاندا ئېتىزلىققا چىقتىم) دادام كەنتىمىزنىڭ كەنىت باشلىغى بولغاچ تېرىيدىغان يىرىمىز بەكلا جىق ئىدى، قەيەردە يەر بولسا شۇ يەردە بىزنىڭ يە بار،ئۇنىڭ ئۈستىگە سۇغا ئوڭ، تۇپرىقى ياخشى يەرلەر شەكسىز بىزنىڭ ئىدى. يېڭى ئېتىز ئىشلىرىغا قەدەم قويغاندا ئۇ قاقىرامدا چىداپ بولالماي دائىم دادامدىن يەرنى ئازراق تېرىشنى تەلەپ قىلاتتىم، لىكىن قوشۇلامدۇ دەيسىز، مېنىڭ دەۋىلىپ ئىچىمنى بوشىتىۋالغىنىم قالاتتى خالاس. ئېتىزنىڭ ئىشلىرىنى ئىشلەمچىلەر قىلاتتى، مەن شۇ ئۇلارنى ھورۇنلۇق قىلىپ، ئېتىز باشلىرىدا، قىرنىڭ تۈۋىدە ئۇخلاپ، كۈنلۈك پۇلنى بىكاغا ئالمىسۇن دەپ، ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشىغا كۆز قۇلاق بولغاچ ئانچە- مۇنچە ئىش قىپ قوياتتىم.

  ئۇ چاغلاردا 15 ياشلاردا ئىدىم، تەڭتۈشلۈرۈم  تېخىچىلا مەكتەپتە ئوقۇيتتى، ئۇلار ئاددى-ساددا مەكتەپ ھاياتىنى داۋاملاشتۇرسا. مەن جەمئىيەتكە چىقىپ ھەشەمەتلىك تۇرمۇشۇمنى باشلىۋەتكەن ئىدىم. تەڭتۇشلۇرۇم دادىسدىن ئون يۈەن ئىلىپ خاتىرجەم خەجلىيەلمەيدىغان چاغدا، مەن يىنىمغا تۆت بەش يۈزنى سىلىپ يۈرۈپ خەجلەيتتىم. مانا مۇشۇنداق قىلىپ تېزلا چوڭ بولۇپ كەتتىم، قانداق دىسىڭىز دائىم ئۆزەمدىن چوڭلار بىلەن ئالاقە قىلاتتىم، تەڭتۈشلۈرۈم كىچىك ئەمەسمۇ تېخى، ئامال يوق.

  بىشىمنىڭ ئاغرىقىدىن قالغان تەرسالىقىم چوڭ بولغانسىرى كۈچىنى كۆرسىتىشكە باشلىدى، ئۆزۈم قىلىمەن دېگەن ئىشنى قىلمىغىچە بولدى قىلمايتتىم، ئۆيدىكىلەرمۇ جىق ۋاقىتلاردا ھە دەپ ئۆتكۈزىۋىتەتتى. لىكىن كىيىن ئۇلار بۇنداق قىلشىقىنىغا كۆپ پۇشايمان قىلىشتى. بارا- بارا مەنمۇ يامانغا ئۆگەندىم، يامان دېسەم قانچىلىك ياماندۇ دەپ ئويلاپ يۈرمەڭ، شۇ كەچلىرى بولسا دىسكوخانىغا كىرەتتىم، لىكىن ئىچمەيتتىم، چەكمەيتتىم. كۆرۈنگەن تاغ يىراق ئەمەس دېگەندەك ئۇ كۈنلەگىمۇ ئاسانل ائۇلىشىۋالدىم. شۇنداق قىلىپ مېنىڭ يەنە بىر يېڭىچە تۇرمۇشۇم باشلاندى، كۈندۈزى ئىشلەمچىلەرگە باشلىق بولسام ، كەچلىرى دىسكوخانىلاردا بىر نەچچە پۇلۇمغاكۆيىدىغان ئاغىينەمگە چۆپقەت بولاتتىم. يېڭى شۇنداق ئىشلارنى قىلىشقا باشلىغاندا دادامنىڭ تازا ئاچچىغى كىلىپ يۈزۈمنى قىلماي قولمۇ تەككۈزدى، لىكىن مېنىڭ ئۇشۇغلۇقۇم غالىب كەلدى. كىيىنچە مەن بىرەر يەگە مىڭىشتىن بۇرۇن بىر مۇنچە تاپاقىلاتتى، كەلگەندىن كىيىن بىرمۇنچە تاپا قىلاتتى، لىكىن ماڭا ئانچە تەسىر قىپ كەتمەيتتى.

2

ئۇنداقتا سەندەك بىر قارا قورساق دېھقان قانداقسىگە تورغا چىقىسەن، ئۇيغۇرچىنىمۇ ئوقۇشنى ئۇنتۇپ قالغانتىڭغۇ دەپ ئويلاپقالغانسىز ھەقاچان، بۇمۇ سىر بولۇپ قالمىسۇن، سۆزلەپ بىرەي.

  ئەينى ۋاقىتتا بىشىمنىڭ ئاغرىقى ساقايغاندىن كىيىن مەن قايتا ئۇيغۇرچىدىن ساۋادىمنى چىقاردىم، ئاسانلا ئۆگىنىۋالدىم. قانداق قىلىپ تورغا چىقىش، ھەمدە ئۇيغۇرچە خەت بىسىپ تېما يوللاشقا كەلسەم، بۇ ئىشلار مېنىڭ نەۋرە ئاكام بىلەن مۇناسىۋەتلىك. مېنىڭ نەۋرە ئاكام ئالىي مەكتەپ ئوقوغۇچىسى، مەندىن ئۈچ ياش چوڭ.مەن شۇ ئىشلەمچىلەرگە باش بولۇپ، يۈگەنسىز ياش بولۇپ يۈرگەن ۋاقىتلىرىمدا ، دادامنى زورلاپ كومپىيۇتېر ئالغىلى سالدىم، ئالغان بىلەن ئىشلىتىشنى ئۇقمايتتىم، شۇ ئويۇن قاچىلاپ ئويۇن ئوينايتتىم، ئانچە- مۇنچە كىنو قاچىلاپ كىنو كۆرەتتىم. ھەقىقىي مەنىدىن ئېيتقاندا بۇ پەقەت كۆز- كۆز قىلىشقا ئىلىنغان دېسىمۇ ئارتۇق كەتمەيتتى.چۈنكى بىزنىڭ ئۇ كەنىتتە بىرەرسىنىڭ كومپىيۇتېرى يوق ئىدى. كىيىن نەۋرە ئاكام تەتىلدە قايتىپ كىلىپ، تورغا چاتقۇزۇپ بەردى، ھەمدە ئۇيغۇرچە تور بەتلەرگە چىقىشنى ئۆگىتىپ قويدى.(خەنزۇچىنى بىلمىگەچ چىقاي دېسەممۇ چىقالمايمەن ئەلۋەتتە) شۇ تەتىلدە ئاكام ماڭا يەنە ئۇيغۇرچە خەت بىسىشنى ئۆگىتىپ قويدى. باشتا ئۇيغۇرچە تور بەتلەرگە چىققاندا كىنو كۆرەتتىم، ئۇلىنىشنى بىر ئېچىۋالسام، ھىلى ئۇيەرنى چىكىپ، ھېلى بۇيەرنى بىسىپ ۋاقىت ئۆتەتتى.

ۋاقىت شۇ يەرگە يەتتىكى، ئۆيدىكىلەر تويۇڭنى قىپ قويىمىز دەپ چىڭ تۇرىۋالدى، مەن سەل ئەسكى كۆنىۋالغاچقا، ئۇلار تويىنى قىلىپ قويساق تۈزۈلۈپ كىتىدۇ دەپ ئويلايدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە دادام ماڭا شوپۇرلۇق كىنىشكىسى ئېلىپ بىرىمەن دەپ يېشىمنى چوڭايتىپ قويغاچقا، بۇ ئىشلاردىن چوڭ چاتاقمۇ چىقمايتتى. لىكىن مەن قەتئىي قوشۇلمۇدۇم، چۈنكى مېنىڭ جەمئىيەتتىكى شۇ كۆزنىڭ يېغىنى يەيدىغان چىرايلىق نازىنىن قىزلاردىن تاللاپ ئالغىم بار ئىدى. ئەمما ئىشلارمەن ئويلىغاندەك بولمىدى. بىزنىڭ بىر تۇغقىنىمىز بار بولۇپ قارىي ئادەم ئىدى، بىر قىزى بولۇپ  خىلى ئىلمى بار بولغاچقا بارلىق تۇققانلار شۇنى ئىلىپ بىرىمىز دەپ تۇرىۋالدى، دېيىشىچە ئۇ قىزنى ئالسام، ئۇقىز ماڭا قۇرئان ئۆگىتەمىش، ھەقنى بىلدۈرەمىش، ئۆزىمۇ ئۆي ئىشلىرىغا چاققانمىش...ئاخىرى ئۇنىمىغىنىمغا قارىماي ئۆيدىكىلەر مېنى زورلاپ تويۇمنى قىلىپ قويدى. لىكىن ئۇلار مېنىڭ جاھىللىقىمنى ئۇنتۇپ قىلىشقانىدى. توي قىلغان كۈندىن باشلاپ مەن ئايالىمغا تۈزۈك چىرايىمنى ئىچىپ قاراپ باقمىدىم، دائىم قوپاللىق قىلىپ دەشكۈللىدىم، نېمە ئىش بولسا زىتىغا تەگدىم، بۇنداق قىلىشىمنىڭ ھەممىسى مېنى زورلىغان دادام- ئاناملارغا بولغان نارازىلىقىم ئىدى. ھېسمۇ قىلغانسىز بەلكىم، بۇئۆيدىن مېنىڭ تازا كۆڭلۈم سۇ ئىچمىدى، باشقىلار ھەممىسى ئايالىڭ ئۇنداق ياخشى بۇنداق ياخشى، ئۆزىمۇ چىرايلىق، نېمىشقا قەدىرلىمەيسەن دەپ ئۇ ئايالىمنىڭ تەرىپىنى قىلىشىپ كىتىدۇ. لىكىن مەن قەتئىيلا ھېس قىلالمىدىم، راستىنلا، قەتئىي ھېس قىلالمىدىم.

  توي قىلغاندىن كىيىن ئىشلىرىم تېخىمۇ ئالغا باسمىغاچ ، مىجەزىم تېخىمۇ چۇسلىشىپ كەتتى. يەنە بۇرۇنقىدەك سورۇنلاردا، تۈگىمەس ئاغىينىلەنىڭ ئارىسىدا قاتراپ يۈردۈم، ئايالىممۇ ئۆزىنىڭ نامىزىنى ئوقۇپ،ئىشلىرىنى قىلىپ يۈرىۋەردى. شۇ كۈنلەردە مەن مۇشۇ مۇنبەر دېگەن نەرسە بىلەن ئۇچراشتىم.

  ھەممە نەرسە يېڭى ۋاقتىدا ئادەمگە باشقىچە تۇيۇلىدىكەن، مۇنبەرمۇ ئەنە شۇنداق. ئىشلىرىمنى تۈگىتىپ ئۆيگە كىرگىنىمدە، ماڭا ھەمراھ بولىدىغىنى ئايالىم بولماي كومپىيۇتېر بولاتتى. شۇنداق قىلىپ پات- پات مۇنبەر ئارىلايدىغان بولدۇم، تۈزۈك بىلىمىم بولمىغاچ سەل ئەستايىدىلراق يېزىلغان تېمىلارنى ئەسلا ئوقۇمايتتىم، شۇ يۇمۇردەك، شېئىردەك، تاققۇ- تۇققۇدەك بىرنېمىلەرنى كۆرۈپ قوياتتىم. ئىچكىرلەپ كىرگەنسىرى ھەيرانلىقىم ئاشتى، مېنى ھەيران قالدۇرغىنى مۇنبەرنىڭ ئەمەلىيەتتىكى تۇرمۇشغا ئوخشىمايدىغان يەنە بىر دۇنيا ئىكەنلىكى ئىدى.

مۇنبەردە دائىم ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەش قوغداش توغۇرلۇق تېمىلارنى ئۇچرىتىمەن، چۈشكەن ئىنكاسلارغا قارىساممۇ باشقىلار شۇنداق ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپتۇ. لىكىن مەن كومپىيۇتېرىمنى شۇنداق بىر ئىتىۋىتىپ سىرتقا چىقىدىغان بولسام، ئۆزۈمگە تەئەللۇق بولغان ئەمەلىي تۇرمۇشۇمغا قارايدىغان بولسام،چوڭدىن كىچىككىچە ھىچكىم ماڭا ئانا تىلنى قەدىرلەش توغۇرلۇق بىرەر ئېغىز گەپ قىلمايدۇ( ھە راس، ھېلىقى نەۋرە ئاكام ئانچە- مۇنچە قىپ قويىدۇ)بىز چىلاندەك بىرنەسىلەرنى قاچىلايدىغان سېۋەتنى كاڭزا دەيمىز، بىخەتەرلىك لىمىنى بوشىيەنگاڭ،ئارقىنى كۆرۈش ئەينىكىنى خوشىجىڭ.. دېگەندەك ، يەنە نۇرغۇن سۆزلەر بار بىز بۇيەردىكىلەر يا ئۇيغۇرچە ئەمەس يا خەنزۇچە ئەمەس ئىسىملار بىلەن ئاتايدىغان. ئەلۋەتتە بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ماڭا نەۋرە ئاكام دەپ بەرگەن.

  مۇنبەردە يەنە دىن توغۇرلۇق، قىز ۋەئوغۇللاردىكى شەرمى-ھايا توغۇرلۇق تېمىلار كۆپ ئۇچرايدۇ. بەزىدە مۇسۇلمانمۇ ئۇيغۇرمۇ، گۇناھ ئەركەكلەردىمۇ يا قىزلاردىمۇ دېگەندەك گەپلەر ئۈستىچە جىق دەتالاشلاربولىدۇ. ئىسلام يولىدا ماڭمىغانلارنى، ئۆز ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيىتىنى ئۇنتۇپ ، مودا قوغلىشىپ يۈرگەنلەرنى توغرا يولدا مېڭىشقا ياڭراق ئاۋازدا چاقىرىشىدۇ. لىكىن بۇلارنى مەنلا بىلىمەن، مەن ياشاۋاتقان بۇ تۇرمۇشتا ، بۇ كىشىلەر توپى ئارىسىدا تورغا چىقىپ، مۇنبەر ئارىلاپ بۇنداق تېمىلارنى كۆرىدىغان، ئويلاپ تەپەككۈر قىلىدىغانلار يوق. دېھقانلار ئاساسىي جەھەتتىن ئۇنداق قىلمايدۇ، مەن بىللە ئوينايدىغان ئاغىينىلىرىم، كوچا چىڭدايدىغان ئاتالمىش مودا قىزلىرىمىز ئۇ تېمىلارنى كۆرمەيدۇ، ئۇلارنىڭ ۋاقتى ئۆزىنى پەردازلاپ بازارغا چىقىش بىلەن ئاۋارە،بىز بولساق شۇلارنى قولغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن ئاۋارە. شۇڭا مۇنبەردە شۇنداق تېمىلارنى كۆرگىنىمدە ئىچىم تولىمۇ ئاچچىق بولىدۇ، خۇددى بۇ گەپلەر بىزلەرگە دىيىلمىگەندەك.

  يەنە شۇنداق جىق بىر قىسىم تېمىلار كىتاب ئوقۇپ، بىلىم ئىلىش توغۇرلۇق. مۇنبەرگە قاراپ مەن نۇرغۇن مۇنبەرداشلارنىڭ كىتاب ئوقۇيدىغانلىقىنى بىلىمەن، ھەم ئۇلارمۇ باشقىلارنىڭ شۇنداق قىلىشىنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىدۇ. لىكىن ئەمەلىيەتتە بۇ ئارزۇنى يەنىلا مەنلا بىلىمەن. چۈنكى ئەتراپىمدىكىلەر بۇ ئارزۇدىن، بۇ خىتابتىن بىخەۋەر. بىزنىڭ ئۆيدە تۈزۈك بىر كىتاب يوق،ئۇزۇندىن بىرى ساقلاپ قويغان بىر تال قۇرئان ۋە بىر تال ھەپتىيەكتىن باشقا شۇ دادامنىڭ سىياسى ئۆگىنىش قىلىدىغان كىتابلىرى بار. ئەتراپىمدىكى باشقىلارمۇ شۇ،تۈزۈك بىرەرسىنىڭ كىتاب ئوقوغۇنىنى بىلمەيمەن. دېھقانچىلىق قىلىدىغىنى دېھقانچىلىق قىلىدۇ، ئوينايدىغانلىرى ئوينايدۇ،ھەممىسى ھەر كۈنلۈك ئىشلىرى بىلەن ئاۋارە، لىكىن كىتاب ئوقۇش ئېسىگە كىلىپ چىقمايدۇ. ھىلىقى نەۋرە ئاكامنىڭ ئۆيىدىكىلەر بۇنىڭ سىرتىدا، ئاكامنىڭ بىر مۇنچە كىتابلىرى بار، تاغاممۇ مەسجىدنىڭ ئىمامى بولغاچ دىننىي كىتابلارنى جىق ئوقۇيدۇ، ئۇ ئۆي ئەتراپىمدىكى ئۆيلەگە ئوخشىمايدىغانبىردىنبىر ئائىلە.

   مانا مۇشۇنداق، ئويلاپ باقسام، تورغا چىقىدىغان،مۇنبەر ئارىلايدىغانلارنىڭ ھەممىسى خىلى بىر نەرسىلەرنى بىلىدىغان، ئاز تولابىلىمى بار( مەندىن باشقا)، كاللىسى خىلى ئوچۇق بىر تۈركۈم كىشىلەر ئىكەن. مېنىڭ ئەمەلىي تۇرمۇشۇمدا بولسا ھەممىسى تۇرمۇشنىڭ قايناملىرىدا يۆنىلىشىنى بىلەلمەي تىپىرلاۋاتقانلار ئىكەن. شۇڭا بۇ مۇنبەردە تۈركىيە قىزغىنلىقى تەنقىدلەنسە،سەلتەنەتلىك يۈز يىل فىلىمى قاتتىق قارشىلىققا ئۇچرىسا ، مېنىڭ ئەتراپىمدىكى كىشىلەر كەينىدىن ئىت قوغلىغان گاچىدەك بار سۈرئىتى بىلەن ئۆزىنى شۇ قىزغىنلىققا،شۇ كىنولارغا ئاتىدىكەن. قىسقىسى شۇ ئىشنىڭ ماھىيىتى توغۇرلۇق ئويلىنىپ قويمايدىكەن.ئىشقىلىپ مۇنبەردىكى بارچىكى ئىدىيەلەر مۇنبەردىلا قالىدىكەن، ئەتراپىمدىكىلەر ئۆزلىرىنىڭ بۇرۇنقى ئىددىيىسى بىلەن ياشاۋىرىدىكەن.

   مۇنبەرگە كىرگەندىن بىرى مەن ئاز تولا ئۆزگەردىم، خىلى تېمىلارنى كۆرۈپ ئاز- تولا نەرسىلەرنى ئۇقتۇم، ئەتراپىمدىكى كىشىلەرنى بىرەر سائەت يىنىمدا ئولتۇرغۇزۇپ،دۇنيا يېڭىلىقى دەپ ئۇ يەدىن بۇ يەدىن سۆزلەپ ئاغزىمغا قارىتالايدىغان بولدۇم. ئەڭ مۇھىمى چەكمەيدىغان ئىچمەيدىغان بولدۇم. ماشىنا ھەيدىسەم يامان تېز ھەيدەيتتىم، دادام تولا تەربىيە قىلدى ئاستا ھەيدە دەپ، لىكىن ئاڭلىمىدىم، شۇنىڭ بىلەن مانا ھازىر ھادىسە چىقىپ دوختۇرخانىدا يىتىپتىمەن.تۈركلەردە شۇنداق بىر ھېكمەت بار: مىڭ نەسىھەتتىن بىر مۇسىبەت ئەلا. ھازىردوختۇرخانىدا يىتىپ كۆپ پۇشايمان قىلدىم، دادامنىڭ شۇنچە نەسىھىتى قۇلاققا كىرمەي ئاخىرى بىر قىتىملىق ھادىسە ئارقىلىق ئۆزۈمنى تۇيىۋالىدىغان بولدۇم.

  مانا بۇ مېنىڭ ھېكايەم. ھازىر بۇرۇنقىغا قارىغاندا كۆپ تۈزۈلۈپ كەتتىم، بىر بالام بولدى، ئايالىمغا دېگەندەك ئامراق بولمىساممۇ بۇرۇنقىدەك ئۆچلۈك قىلمايمەن. سورۇندىكى ئاغىينىلىرىمنىڭ جىق ئولتۇرۇشلىرىغا بارماي جىقلىرى مەندىن خاپا، سەپرا مىجەزىمنىمۇ ئۆزگەرتىشكە تىرىشىۋاتىمەن. بىرنەچچە ئاغىينەمگە توغرا گەپ قىلسام لوبەن باللا(خوجايىن باللا) بىر كىچىدىلا قارىم بولاپ كەتتىمۇ نېمە دەپ گەپلىرىمگە ئىرەن قىلمىدى. نەۋرە ئاكامنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن دوختۇرخانىدا ئىچىم پۇشۇپ كىتىپ ئۆمرۈمدە تۇنجى قىتىم بىر كىتابنى پۈتۈنلەي ئوقۇۋەتتىم. بەلكىم سىز بىردەمدە 180 گىرادۇس ئۆزگىرىپتىغۇ دىيىشىڭىز مۇمكىن،ئەمەلىيەتتە پۈتۈنلەي ئۇنداق ئەمەس، لىكىن ئۆزۈممۇ سۇ يۇقمايدىغان ئۆردەك بولمىغاچ، ئاز-تولا تەسىرگە ئۇچرىدىم خالاس.

   مانا بۇ مېنىڭ ھېكايەم، پاساھەتلىك سۆز-ئىبارىلەر يوق، ئاخىرى قانداق بولار دەپ ئىنتىلدۈرىدىغان ئۇنداق كۈچمۇ يوق،ئادەمنى شېرىن تۇيغۇغا باشلايدىغان مۇھەببەت يوق، لىكىن بۇ يىگىرمە ياشلىق ياسىن مەمەتنىڭ ھېكايىسى. ساقايسام يەنە چىقىپ ئىككى ئۈچ يۈز مو يەرنىڭ ئىگىسى بولۇپ  ، بالامغا دادا بولۇپ ھاياتىمنى داۋاملاشتۇرىمەن. ئەلۋەتتە، مۇنبەرگە كىرىپ تۇرىمەن، ئۆزۈم چۈشەنگۈدەك تېمىلاربولسا ئوقۇپ تۇرىمەن، توغرىلىققا قاراپ يول ئىلىشقا تىرىشىمەن.

ھېكايەم تامام!


مەنبە:ئۆزۈم

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەنسارى. تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-6 09:54 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
musilina + 100 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 100   باھا خاتىرىسى

مىللەتنىڭ يىلتىزى ئانىلار باغرىدا شاخلايدۇ،ئاتىلار ئەجىرىدە مېۋە بېرىدۇ.

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12548
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32340
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4573 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-6 10:42:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يازمىڭىزدىن قىلچىمۇ ساختىلىق ئارىلاشمىغان،ساپ،ئاقكۆڭۈل ھېسلىرىڭىزنى كۆردۈم....

ئادەم يالغاندىن ئالىجاناپ قىياپەتكە كىرىۋالماسلىق كېرەك.مۇنبەر سىزنى خېلى كۆپ ئۆزگەرتىپتۇ،مانا  بۇ مۇنبەرنىڭ پايدىسى،سىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تۇرمۇشىىڭزغا بەخت تىلەيمەن......


بولسا ئايالىڭىزنى قەدىرلەڭ،ئۇنىڭغا كۆيۈنۈڭ.....

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93166
يازما سانى: 171
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1286
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 665 سائەت
تىزىم: 2013-3-12
ئاخىرقى: 2015-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-6 10:54:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
musilina يوللىغان ۋاقتى  2014-6-6 10:42 PM
يازمىڭىزدىن قىلچىمۇ ساختىلىق ئارىلاشمىغان،ساپ،ئاقكۆ ...

كەچۈرۈڭ، بۇ يەردىكى مەن يەنىلا مەن ئەمەس. لىكىن ئەمەلىيەتتە شۇنداق بىر مەن با، شۇڭا شۇنداق يازغانتىم، سىزگە كۆپ رەھمەت

مىللەتنىڭ يىلتىزى ئانىلار باغرىدا شاخلايدۇ،ئاتىلار ئەجىرىدە مېۋە بېرىدۇ.

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12548
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32340
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4573 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-6 11:01:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەنسارى. يوللىغان ۋاقتى  2014-6-6 10:54 PM
كەچۈرۈڭ، بۇ يەردىكى مەن يەنىلا مەن ئەمەس. لىكىن ئەمەل ...

كەچۈرۈڭ بەك ھاياجانلىنىپ كېتىپ ،بېشىدىكى ئەسكەرتىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن ئەمەسمۇ؟

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87102
يازما سانى: 721
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1265
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1317 سائەت
تىزىم: 2012-11-11
ئاخىرقى: 2014-7-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-6 11:06:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھەيتى ياخشى يىزلىپتۇ ، باشتىن ئاخىر كۆزۈمنى ئۈزمەي ئۇقۇۋەتتىم .
تۇرمۇشىڭىزنىڭ ئايغى مۇشۇ يازمىىڭىزدەك سەمىمىلىك بىلەن ئۆتسۇن. تىرشىڭ.

اقْرَأْ وَرَبُّكَ الْأَكْرَمُ ﴿٣﴾(ئوقۇغىن، پەرۋەردىگارىڭ ئەڭ كەرەملىكتۇر (3))سورة العلق
مَا أَنتَ بِنِعْمَةِ رَبِّكَ بِمَجْنُونٍ ﴿٢﴾((ئى مۇھەممەد!) سەن پەرۋەردىگارىڭنىڭ نېمىتى بىلەن، (مۇشرىكلار ئېيتقاندەك) مەجنۇن ئەمەسسەن (2))سورة القلم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101634
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 625
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 114 سائەت
تىزىم: 2014-1-1
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-6 11:44:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىككىمىزنىڭ كۆپ پەرقىمىز يوقكەن،مەن تۇللۇقسىزنى پۈتتۈرۈپ ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائىي سەۋەبلەر تۈپەيلى داۋاملىق ئوقۇمىدۇم.بۇ يىل 22 ياشقا كىردىم.بىراق،مەن سىزگە ئوخشاش «بالا خوجايىن» ئەمەس؛ دادام بىر ئاددىي دېھقان،مەنمۇ شۇ.يېرىمىز يىگىرمە مۇغا يەتمەيدۇ ئەمما،يېرىمدىن كۆپرەكى ئۈنۈمسىز قۇم تۇپراق.شۇڭا مەن بۇ ئائىلە ئۈچۈن دادام بىلەن تەڭ تۇرۇپ جان تىكىپ تىرىكچىلىك قىلمىسام بولمايدۇ.ئۆزۈمنى ماختىغىنىم ئەمەس،مەن مەكتەپتە ئەلا نەتىجە بىلەن ئوقۇيتىم،بەك كۆپ نەرسىلەرگە قىززىقاتتىم،بۇلۇپمۇ ماتىماتىكا ۋە فىزىكا،خېمىيە قاتارلىق تەبئىي پەنلەرگە.جەمىيەتكە چىقىپلا يېشىمنىڭ كىچىكلىكىگە باقماي،تۇرمۇش قايناملىرىغا باشچىلاپ چۆكۈپلا كەتتىم.دېھقانچىلىقتىن سىرىت چاغلاردا باشقىلارغا كۈنلۈك ئىشلىدىم،ئىشلەتكەن خەق بىكار قويامدۇ دەيسىز؟ كەتمەننى شۇنداق چاپاتتىمكى چوڭلارمۇ ھېرىپ ئولتۇرغاندا مەن يەنىلا شۇنداق چاپاتتىم،بەلكىم بۇ بىر خىل ئۆزىنى كۆرسىتىش تۇيغىسى بولسا كېرەك،ئىشقىلىپ ھەممە ئىشتا ئۆزۈمدىن چوڭلار بىلەن ئىشتا بەسلىشەتتىم،قۇرلۇش ئورۇنلىردىمۇ ئىشلىدىم،يەنە بۇلارنى دېسەم مېىنى راسا قاتتىق كۈنگە قاپتىكەندە دەپ قالماڭ،ھە_ئىشقىلىپ شۇنداق بولدى،ئاپام بەزىدە ئىچ ئاغرىتىپ ئۇنچە ئۆزۈمنى ئۇرماسلىقنى ئېيتسىمۇ مەن يەنىلا جاھىللىق قىلىپ تۇرۋالاتتىم.باشقىسى ئۈچۈن ئەمەس ئۆزۈمنى چېنىقتۇرۇش ئۈچۈن،جاپالىق شارائىتتىمۇ ئۆز نېنىمنى ئۆزۈم تېپىپ يېيەلەيدىغان بولۇش ئۈچۈن،مەن شۇ چاغدا شۇنداق ئويلايتىم.شۇنىڭ بىلەن ئەشۇنداق جاپالىق شارائىتتا نۇرغۇن نەرسىلەرنى بىلگەن،چۈشەنگەن،ئۈگەنگەن بولساممۇ بىراق،جىسمانىي جەھەتتىكى ھەددىن ئارتۇق بېسىم بەدىنىمگە چوڭ تەسىر كۆرسەتتى،مەن تا ھازىرغىچە 52 كىلوگىرامدىن ئېشىپ باقمىدىم،مەكتەپتىن چىققاندىمۇ 50 كىلوگىرام ئەتراپىدا ئىدىم،بوي ئىگىزلىكىم شۇ بىر ئىزدىلا ئالتە يىلنىڭياقى 1.72 مىتىر،ھازىر قانچە قۇۋەتلىك يېسەممۇ يەنىلا سەمىرمىدىم.چۈنكى كۆپ ئوي ئويلاپ غەم قايغۇنى كۆپ قىلىپ دائىم جىددىيلىشىپلا يۈرگەچكە ئاشقازان ئىقتىدارىم ناچارلاپ ئۈچ يىلنىڭ ئالدىدا ئاشقازان ياللۇغى بوپ قالدىم.ئەشۇ ساراڭدەك بۇلۇپ يۈرگەن چاغلىرىمدا تاغام ئالەمدىن ئۆتتى،ئۇ بىر تالانىت ئىگىسى ئىدى،تۇللۇقسىزنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئوقىمىغان بولسىمۇ،ئۆزلىكىدىن رۇس،تۈرك،ياپۇن تىللىرنى خېلى بىر سەۋيەگىچە ئۆگەنگەن.جۇغراپىيە ۋە تارىخ ئۇنىڭ ئەڭ كۈچلۈك تەرىپى ئىدى.
گەپنىڭ قىسقىسى ئۇنىڭدىن ماڭا نەق بىر ساندۇق كىتاب مىراس قالدى(كۆپىنچىسىنى بۇرۇن سېتىۋىتىپتىكەن بولمىسا بىر كىتاپ ئىشكابى لىق ئىدى).ئاساسەن تارىخقا ئائىت كىتابلار ياكى تارىخىي رومانلار،چەتئەل ئەدەبىياتىدىكى داڭلىق ئەسەرلەرمۇ بار.باشتا رومانلارنى تاللاپ ئوقۇدۇم كېيىن تارىخقا بۇلۇپمۇ ئۇيغۇر تارىغا بارغانسىرى كىرىشىپ قالدىم شۇنىڭ بىلەن بىر يىلغا بارماي بىر ساندۇق كىتاپ تۈگىدى.ئۆزۈم ئەزەلدىن ئۆگۈنۈشكە ھېرىس بولغاچقا مەنۋىي ئېھتىياجىم نەزەر دائىرەمنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ ئاشتى،قولۇمدىكى ۋە ئەتراپىمدىكى چەكلىك مۇھىتتىن كېلىدىغان بىلىم بارغانسىرى مىنى قاندۇرالمىدى،شۇنىڭ بىلەن كومپىيوتېر ئېلىش كويىغا چۈشتۈم،ئۆيدىكىلەرگە تولا دەپ يۈرۈپ ئاخىرى كومپىيوتېرنىمۇ ئالدىم تورغىمۇ چاتتىم،مانا شۇنداق قىلىپ توردۇنيادىسىدىن ئىبارەت يېڭى بىر بوشلۇق،ماڭا بىردەملىك بولسىمۇ كۆز ئالدىمدىكى رىئال دۇنيادىن ئايرىلىشقا،غەم-قايغۇدىن قۇتۇلۇشقا پۇرسەت يارتىپ بەردى.
راسىت يەنە بىر ئوخشىمايدىغان يېرىمىز مەن تېخى بويتاق،ماڭا سىزنىڭكىدەك ياخشى بىرسى تېخى ئۇچرىمىدى،شۇڭا يېنىڭىزدا بارنىڭ قەدرىگە يېتىڭ.كەلگۈسى بەختىمنى يەنىلا ئاللاھتىن تىلەيمەن. ھېكايىڭىزنى ئوقۇپ مەنمۇ ئىختىيارسىز ئۆز كەچۈرمىشىمنى تۆكىۋەتتىم،تېمامنى ئەخلەت قىلىۋەتتى دەپ ئاغرىنمىغايسىز.

رەزىللىككە تولغانكەن دۇنيا،
قىسمەتلەرگە تەن بەردىم ئاخىر.
ئېيتە نىچۈن ھالىم بۇ قەدەر؟
_مەۋجۇدلىقىڭ گۇناھىڭ ئېغىر.

ھىچنىمە دىگۈم يوق

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49
يازما سانى: 2274
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6711
تۆھپە نۇمۇرى: 697
توردا: 7027 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-6 11:50:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جەمئىيەتكە چىقتىم(توغرىسىنى ئېيتقاندا ئېتىزلىققا چىقتىم) دادام كەنتىمىزنىڭ كەنىت باشلىغى بولغاچ تېرىيدىغان يىرىمىز بەكلا جىق ئىدى، قەيەردە يەر بولسا شۇ يەردە بىزنىڭ يە بار،ئۇنىڭ ئۈستىگە سۇغا ئوڭ، تۇپرىقى ياخشى يەرلەر شەكسىز بىزنىڭ ئىدى......
.... مۇشۇ ئابزاس ماڭا بەكرەك تەسر قىلدى..

مۇشت ئاتمىغان ئادەمنى كىم ئاجىز دەيدۇ؟بەلكىم ئۇنىڭ قوينىدا خەنجەر بولىشى مۈمكىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87455
يازما سانى: 127
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 697
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 330 سائەت
تىزىم: 2012-11-19
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-7 12:24:43 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياسىن مەمەت !!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100211
يازما سانى: 782
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2746
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 905 سائەت
تىزىم: 2013-11-28
ئاخىرقى: 2015-2-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-7 12:52:04 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك چىن ھېسسىياتلىق چىقىپتۇ،،

گۈل ئۈزەي دېگەنتىم سانجىلدى تىكەن
تىكەنلىك بولاركەن ئەسلى گۈل دېگەن.
ئارقىمغا يانغانتىم دېدى گۈل كۈلۈپ،
تىكەندىن قورققانغا گۈل قەيەردىكەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104752
يازما سانى: 134
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 385
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 42 سائەت
تىزىم: 2014-3-12
ئاخىرقى: 2014-10-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-7 01:20:02 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سەمىمىي،چىن قەلپ بىلەن يېزىلىپتۇ

چىتلاق مۇستەھكەم بولسا ، لالما ئىت، تالا مۈشۈكلىرى كىرەلمەيدۇ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش