ئەي كۆڭلۈم
تۇرساڭچۇ ئەي كۆڭلۈم شۇنچىلىك جىمجىت،
ئاڭلانسا يۈرەكنىڭ تىپچەكلىگىنى .
بىر دەستە گۈل تىكىپ قويسام يېنىڭغا ،
شامال بوپ يەلپىتىپ قويساڭ بەرگىنى .
تۇرساڭچۇ ئەي كۆڭلۈم شۇنچىلىك جىمجىت.
ئاڭلانسا يىغلىغان كىشىنىڭ زارى .
شۇ تىككەن گۈلۈمدىن تۇتسام بىر غۇنچە.
ئايلانسا كۈلكىگە ئازاپ ئاۋازى .
تۇرساڭچۇ ئەي كۆڭلۈم شۇنچىلىك جىمجىت،
گۈلۈمنىڭ ئاشىقى كەپتۇ دەپ بىلەي .
بۇلبۇلمۇ سەيلە قىپ باقسۇن بىر مەھەل،
كۆرمىگەن مۇھەببەت پەيزىنى سۈرەي .
تۇرساڭچۇ ئەي كۆڭلۈم شۇنچىلىك جىمجىت،
ئاڭلىغۇم بار بۇلبۇل ئېيتقان ناخشىنى .
مۇراتقا يېتەرمىش ناخشىسىدىن گۈل ،
ئېچىلىپ تۇرارمىش كۈندۈز ئاخشىمى .
تۇرساڭچۇ ئەي كۆڭلۈم شۇنچىلىك جىمجىت،
ئويغىنىپ كەتمىسۇن گۈلنىڭ تىكىنى .
كۆرسىتىپ دېگۈم بار سۆيگەن يايرىمغا ،
مەنمۇ ھەم سۆيەتتىم بۇلبۇلدەك سېنى .
مەنبەسى:ئەپچىلەم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا XERHAN تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-6 05:46 PM