|
|
|
|
ئۇستاز رەسسام ئابدۇكېرىم نەسرىددىن يېڭى شاگىرتلىرىنى ئۇچۇرما قىلدى خەلقىمىزگە «يۈسۈپ خاس ھاجىپ»، «كومراجىۋا»، «ئاماننىسا خانىم»، «مەشرەپ»، «مۇقامچى تۇرداخۇن ئاكا»،«مەھمۇت كاشىغەرى» قاتارلىق نادىر ئەسەرلەرنى سۇنۇپ، مەدەنىيەت تارىخىمىزدا يېگانە ئورۇن تۇتقان مەشھۇر ئۇستاز رەسسامىمىز رەسساملىق سەنئىتىمىزنىڭ كېلەچىكىگە يەنىمۇ پۇختا ئاساس سېلىش مەقسىتىدە، بۇلتۇر «ئابدۇكېرىم نەسرىددىن ماي بۇياق ئىجادىيىتى ئالى كۇرسى»نى ئېچىپ، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىن 12نەپەر شاگىرىت تاللاپ سەنئەت ئىنىستوتىدا دەرس باشلىغان، بىر يىلغا يېقىن ئىلمى ئىزدىنىش، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇب-شىمالىغا چوڭقۇر چۆكۈپ تۇرمۇش ئۆگىنىش، ئۇستاز يېتەكچىلىكىدە ئىجادىيەت رەسىمى تاماملاش قاتارلىق باسقۇچلارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك بېسىپ كۇرس تاماملانغانىدى. 4-ئىيۇن كۈنى شىنجاڭ سەنئەت ئىنسىتىتوتى كۆرگەزمە زالىدا ئوقۇش پۈتتۈرۈش كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى، كۆرگەزمىگە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى پارتىيگورۇپپىسىنىڭ شۇجىسى خۇاڭ يوڭجۈن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئازات سۇلتان، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق سەنئەت ئىنىستوتىنىڭ رەھبەرلىرى قاتناشتى، ئۇستاز رەسسامىمىزنىڭ ئەجرىگە رەھمەت تەشەككۈرلەر ئېيتىلىپ، ئۇنىڭ رەسساملىق سەنئىتىمىزگە قوشقان تۆھپىلىرى نىشانلىنىپ تون كىيگۈزۈلدى. تۆۋەندە تورداش قېرىنداشلىرىمىزنىڭ دىققىتىگە رەسىملىك كۆرۈنۈشلەرنى سۇنىمىز.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @1 d8 y( r# o# [, r9 `
|
|
|
|
|
|