|
|
|
|
بۇ ئىرانلىق ئەر ياش ۋاقتىدا بىر كۆڭۈلسىز كىلىشمەسلىككە ئۇچرىغاندىن كېيىن تەركى دۇنيا بولۇپ دۇنيادىن ئايرىلغان ھالدا ياشىغان، ئۇنىڭ تۇرقىدىن ھازىرقى مەدەنىيەت ئىزناسىنى تاپقىلى بولمايدۇ، ئۇ 60 يىلدىن بۇيان بىر قىتىممۇ مۇنچىغا چۈشۈپ يۇيۇنمىغان ، باشقىلار ئۇنى ھەقسىز يۇيۇپ قوياي دىسىمۇ ئۇ قاتتىق رەت قىلغان. ئۇ 60يىلدىن بۇيان دالىدا يىتىپ قوپۇپ تەركى دۇنيا بولۇپ دەرۋىشتەك ياشاپ كەلمەكتە. ئۇ دۇنيادا 38يىلدىن بۇيان يۇيۇنمىغان بىر ھىندىستانلىقنىڭ رىكورتنى بۇزۇپ تاشلىغان.
ئۇنىڭ بىردىن بىر بىساتى بىر غاڭزا
ئۇ بۇ غاڭزىدا تاماكا ئەمەس بەلكى كالا تىزىكىنى تىرىپ چىكىدۇ.
بەزىدە كىشىلەر بەرگەن تاماكىنىمۇ چىكىپ قويىدۇ.
ئۇنىڭ تۇرالغۇسى
بەزىدە ئاق كۆڭۇل كىشىلەر ئۇنىڭغا يەيدىغان نەرسە بىرىپ تۇردۇ.
ئۇ نەدە ئۇيقۇسى كەلسە ئاسماننى يىپىنچا يەرنى سىلىنجا قىلىپ ياتىدۇ.
ئۇ يۇيۇنمىغان بىلەن لىكىن يولدا توختىغان ماشىنىڭ ئەينىكىگە قاراپ تۇرۇپ چاچ ساقىلىنى ئىلىۋالىدۇ.
ئۇ 60 يىلنى مانا مۇشۇنداق يالغۇزلۇق ۋە تەنھالىقتا ئۆتكۈزدى......
بۇرۇن مەن قەشقەر شەھىرى ئاۋات يولىدا تونۇيدىغان بىر بوۋاي بولدىغان ئۇ كىشىمۇ پۇتىغا قىشى ياز ئاياغ كەيمەي چاچلىرىنى قويۇپ بىرىپ يۈرۈيدىغان.... ئۇ ئادەممۇ مۇشۇ بوۋايغا ئوخشاپ قالاتتى...
تولۇقلىما مەزمۇن (2014-6-7 01:11 PM):
بۇ بوۋاي قازا قىلغاندا بوۋاينىڭ مىيىتىنى يۇغان ئادەم كاتتا ساۋاپ تاپقۇسى......
|
|
|
|
|
|