مېنى ئەسلەپ تۇردۇڭمۇ قەلەم
بۇ ھاياتنىڭ داۋانلىرىدا،
بۇران-چاپقۇن شاماللىرىدا،
تۇرمۇش-خىزمەت قاتلاملىرىدا،
تورسىز ئۆتكەن ھەرۋاقلىرىمدا،
مېنى ئەسلەپ تۇردۇڭمۇ قەلەم.
ھەر ھىكايىلەر يېزىلغان سەندە،
ھەربىر كۈنىڭ ئايرىلماي تەندە،
شېئىر، نەسىر يالىتىپ قەندە،
شۇنداق ئىلھام قالدۇرۇپ مەندە،
مېنى ئەسلەپ تۇردۇڭمۇ قەلەم.
ئىككى يىللىق ئوقۇشقا بېرىپ،
ھەتتا بىر يىل خىزمەتنى قېتىپ،
تۇرمۇشنى دەپ سەندىن ۋاز كېچىپ،
خوش دېگەنتىم قىيالماي كېتىپ،
مېنى ئەسلەپ تۇردۇڭمۇ قەلەم.
مانا ھەممە ئىزىغا چۈشۈپ،
سېنى ئالدىم خاتىرجەم كۈلۈپ،
قارشى ئالغىن ئۈمىدلەر كۈتۈپ،
ئايرىلمايمەن رىشتىمنى ئۈزۈپ،
مېنى ئەسلەپ تۇردۇڭمۇ قەلەم.
ئاپتۇرى: ئابدۇخېلىل ئابدۇراخمان (قاشتېشى)
2014-يىلى 6-ئاينىڭ 6-كۈنى قەشقەر شەھىرى