مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3764|ئىنكاس: 15

ھوۋقۇش ھوۋلىغان كېچەلەر(روماندىن پارچە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98045
يازما سانى: 94
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1152
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 67 سائەت
تىزىم: 2013-9-21
ئاخىرقى: 2015-1-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-6 09:08:43 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھوۋقۇش ھوۋلىغان كېچە
بىرىنچى ئىشىك-فىتنە سىنىقى
1
سەن ئۇنىڭ يەردىن ئۈنگەندەكلا كۆزئالدىڭدا پەيدا بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدىڭ. بۈگۈن سەندە ئۇنى ئۇچرىتىپ قالىدىغاندەك سېزىممۇ ھەم بولۇپ باقمىغان ئىدى. بولمىسا باشقا چاغلاردا ئۇنى ئۇچرىتىپ قېلىشتىن خېلى بۇرۇنلا سېزىملىرىڭ سېنى نىمىگىدۇر تەقەززا قىلاتتى، بۇنداق چاغلاردا يۈرەكلىرىڭ ئەنسىزغىنە سوقۇپ تىپىرلاپ كېتەتتى، ئاشۇنداق غەلىتە سېزىم بولۇپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۇنى ئۇنداق ياكى مۇنداق شەكىلدە ئۇچرىتىپ قالاتتىڭ. لېكىن، بۈگۈن ئۇنى ئۇچرىتىپ قېلىشنى ئېسىڭگىمۇ ئېلىپ قويمىغان. ئۇشتۇمتۇتلا ئۇ كۆزئالدىڭدا لىپپىدە پەيدا بولۇپ قالغاندا بولسا، دەسلەپ ھەيران قالدىڭ، كېيىن بولسا قەلبىڭدە ئەمدىلا ئازراق پەسەيگەن ئاشۇ شىرىن سېزىملىرىڭ يەنە غەليان كۈتۈرۈپ سېنى ھاياجانغا سالدى،  لېكىن، ئۇ سېنى ھېچ كۆرمەيۋاتاتتى،  ئۇ نىمىشقىدۇر ناھىيە بازىرىدىكى سەن ماڭىدىغان يولنىڭ ئۇ تەرىپىدە ئۇياق- بۇياققا قارايتتى، ئەنە، ئۇ كىملەر بىلەندۇر قول ئېلىشىپ كۈرۈشتى، ئاندىن ئۇلار بىلەن كۈلۈشۈپ ئاللىنىمىلەرنى دىيىشتى، ئاندىن ئۇلار بىلەنمۇ خوشلاشتى. ئۇ كىشىلەرمۇ كوچا ئاپتۇبۇسىغا چىقىشىپ غايىپ بولۇشتى، ئەمما، ئۇ كوچا ئاپتۇبۇسىغىمۇ چىقمىدى، كىراچى ئۈچ چاقلىق توك ھارۋىلىرىغىۇ ئولتۇرمىدى، خېرىدار ئىزلەپ يۈرگەن ئىككى چاقلىق موتۇتسىكىلىت كىراكەشلىرىگىمۇ پىسەنت قىلمىدى،  پەقەت ئۇ نىمىنىدۇر ياكى كىمنىدۇر ساقلاۋاتقاندەك ياكى ئىزدەۋاتقاندەك قىلاتتى،  ‹شۇتاپتا ئۇ مېنى تۇيدى، لېكىن، كۆرمىدى› دەپ ئويلىدىڭ سەن، سەن نىمىشقىدۇر گېلىڭنى قىرىپ ئۈنلۈككىنە يۈتەلدىڭ، لېكىن، ئۈنۈڭنى كوچىدا ئۈتۈشۈپ تۇرغان قاتناشلارنىڭ شاۋقۇنىغا قوشۇلغان  شامال ئۇچۇرۇپ كەتتى. سەن پىيادىلەر يولى بۇيىدىكى چىملىقتىن يۈگۈرۈپ ئۆتتۈڭ، ئۆتتۈڭ-يۇ، توختاپ قالدىڭ، ‹يالغۇز بولمىسام مەن يا بۇيەردە، يېنىمدىكى ئىككىيلەن نىمە دەپ قالىدۇ؟ كىم ئۇ دەپ سورىسا نىمە دەيمەن؟ مەن ئەزەلدىن يالغاننى قاملاشتۇرالمايدىغان تۇرسام، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئىككىسى مېنىڭ پات ئارىدا توي قىلىدىغانلىقىمنى ئۇبدان بىلىدىغان تۇرسا، تېخى بۇلار بۇنىمۇ، ئاندىن مېنى ئالماقچى بولغان ئۇ قارىمنىمۇ ئۇبدان بىلىشىدۇ، ناۋادا مېنىڭ بۇنىڭ بىلەن كۈرۈشكىنىمنى ئۇنىڭغا دەپ قويسا  ... ئىشنىڭ ئەپلەشمىگىنى… لېكىن، ئۇ ھامان مېنى كۈرۈپ قالىدۇغۇ؟› قەدىمىڭ ئىختىيارسىز توختاپ قالدى، ئەنە ئۇ تاكسى توسۇپ نەگىدۇر كېتىپ قالدى. كۆڭلۈڭ يېرىم بولغىنىنى قېشىڭدىكىلەرگە تۇيدۇرمىدىڭ؟ ئۇئىككىسىنىڭمۇ سەندىن ئۇشۇق گەپ سورىمىغىنىدىن ئۆزۈڭچە خوشھال بولدۇڭ. پەقەت يېنىڭدىكى ھەمراھىڭنىڭ بىرىنىڭ ئۆز ئېرى، قېيىنئانىسى، تويىنىڭ ئالدىدىكى ئىشلار، ئېرىنىڭ نەدىندۇر كۈڭۈل خوشى تېپىۋالغىنى، يەنە بىرىنىڭ بولسا مال باھاسىنىڭ ئۈسۈپ كېتىۋاتقانلىقى، ئەينى چاغدا ئۆزىنىڭ نەھايتى نەچچە يۈز كويلۇق تويلۇققا پەللىنىپ ئەرگە تېگىپ سالغانلىقى، «ئەرزان  گۆشنىڭ شۇرپىسى يوق» دىگەندەك ئېرىنىڭ ئۆزىنى بىربالا بىلەن بالدۇرلا ھەيدەپ قويغانلىقى توغرىسىدىكى تاقا-تۇقا پاراڭلىرىغا قولاق سالغان قىياپەتتە ئۆز خىيالىڭنى سۈرۈپ پىيادە مېڭىۋەدىڭ. ئۇلارنىڭ گېپىنىڭ ئايىغى تۈگىمەيلا سەن نامدا ئوقۇيدىغان ھېلىقى مەكتىپىڭنىڭ بېكىتىگە بارىدىغان كوچا ئاپتۇبۇسىنى ئاران تېپىپ قاتتىق ئۇرۇندۇققا ئۆزۈڭنى تاشلىدىڭ، ‹نىمىشقا مېنى كۆرمەيدىغاندۇ؟ ئىلگىرى ئۇ مېنى خېلى يىراقتىنلا كۆڭلى تۇيۇپ ئۈلگۈرەتتى، نىمىشقا ھازىر قاراپمۇ قويمايدۇ؟ بەلكىم كۆرمىگەندۇ، ئۇ مېنىڭ بۇيەردىلىكىمنى قانداق بىلىدۇ؟ ھەرقانچە بولسا ئۇ موللا تاپقاق ئەمەسقۇ؟ لېكىن، ئۇ بۇيەردە نىمىگە دىلىغۇل بولۇپ يۈرۈيدىغاندۇ، ئۇ بۈگۈن ئىشلەيتتى، ئۇنىڭ ھەپتە بەش كۈننىڭ ھەممىسىدە دەرسى بار ئىدى… بىرەر ئىشقا چىققاندۇر بەلكىم،  ئاشۇنداق بولسا ئۇدۇل ئۆز ئىشىغىلا مېڭىۋېرەتتىغۇ؟ ... شۇنچە ئۇزۇن قاراپ تۇرسام قاراپمۇ قويمىغىنىنى، دىمەك، ئۇ بىرىنى ئىزلەۋاتىدۇ، لېكىن، ئىزدەۋاتقىنىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى ئۆزىمۇ بىلەلمىگەن گەپ، ئاشۇ ئىزدىگىنى مەن ئىدىم، مەن ئاۋۇ يەردە ئۇنىڭغا تېلېفۇن بېرىپ ئەھۋال سوراپ قويغان بولسام ئۇ چوقۇم خوش بولۇپ كېتەتتى، بىر چاغلاردىغۇ شۇنداق ئىدى، ھازىرمۇ مېنى مەن ئۇنى ئەسلىگەندەك ئەسلەمدىغاندۇ؟ ئۇ ئۆزگىرىپ مېنى ئۇنتۇپ كەتكەنمىدۇ-يا، ناتايىن…  ھەي-ي-ي، ئۆزگىرىپ كەتسە- كەتمىسە ئالەم بۇ چاغ بولغاندا مەن بەرىبىر ئۇنىڭغا تېگەلەمتىم، ئۇنىڭ بىرەر ۋاقلىق تامىقىنى تەييارلاپ بېرەلەمتىم، تاھارىتىگە سۇ بىرەلەمتىم… ھازىر دىگەن مېنىڭ لايىقىم بار تۇرسا… نىمانچە ئاغرىناتتىم…›  سەن گادىرماچ خىياللار ئىچىدە لايىقىڭغا تېلىفۇن قىلدىڭ، ئۇنىڭغا ئۆزۈڭنىڭ ناھىيە بازىرىغا كەلگىنىڭنى، ئاۋۋال كەسپىي مەكتەپكە بېرىپ ئاندىن بانكىغا بېرىپ پۇلنى ئېلىپ بولغاندىن كېيىن بازار ئارىلاپ كەچكە يېقىن قايتىدىغانلىقىڭنى سۆزلىدىڭ. ئۇ سەن بىلەن كۈرۈشكىلى كەلمەكچى بولدى، لېكىن، سەن ‹ئۇستىڭىز رۇخسەت بەرمەي قويسا خىجىل بولۇپ قالىسىز، ھەپتىدىن كېيىن ئۆيگە قايتىسىز، شۇ چاغدا كۈرۈشكىچە تەخىر قىلىڭ› دەپ تەسەللىي قىلدىڭ، ئۇ بولسا سېنى سېغىنغانلىقىنى، كۆرگۈسى كەلگەنلىكىنى ئېىتىپ ئەركىلىدى.
-ئاكىڭىزنىڭ تويىنى پاتراق قىلىۋەتسە، قىشقىچە بىزنىڭ تۇيىمىزنىمۇ قىلىۋېتەرمىكىن دېسەم ئۇلار يوقىلاڭ ئىشلارنى دەپ يېنىشىپ كېتىپ ئولتۇردى ئاينا، ئامال يوق، بىر مەزگىل تەخىر قىلىپ چىداپ تۇرۇڭ، توي قىلغاندىن كېيىن مەن سىزنىڭ بۇلىمەن، يېنىڭىزدىن بىرقەدەممۇ نېرى كەتمەي سىزگە ھەمراھ بولىمەن، بارى- يۇقۇمنىڭ ھەممىسى سىزگە مەنسۇپ بولىدۇ، ھېچيېرىمنى سىزدىن باشقىغا كۆرسەتمەيمەن دەپ يۈزۈمنى يۆگىۋالغان تۇرسام مەن، ... بارمايمەن دەپ شۇنچە كەينىگە تارتىپ باقتىم ئاينا، لېكىن، بۇكەمدە پۇل بولمىسا تېخى ھېچ ئىش ئوخشىمايدىكەن، خۇجىغىمۇ پۇل، سوپىغىمۇ پۇل، شۇجاڭغىمۇ پۇل، كوجاڭغىمۇ پۇل، شاڭجاڭغىمۇ پۇل، تاڭجاڭغىمۇ پۇل، ئاشىققىمۇ پۇل، مەشۇققىمۇ پۇل دىگەن گەپكەن ئاينا، پۇل دىسە شەيتانمۇ ئۇسسۇلغا چۈشۈپ كېتىدىكەن بۇ جاھاندا… ئۇنىڭ ئۈستىگە شوجاڭ مېنى ئەڭ كۆپ پۇل بېرىدىغان يەرگە تىزىملاپ قويدۇم دىگەن، بىكار كېلىدىغان بىرەرمىڭ كوي دىگەننى ئالماي تېخى چىدىغىلى بولمىسا، شۇنداق بولغاندىكىن ماۋۇ يەرگە كەلمەي بولمىدى يەنە ئەمدى، «مۇت، زەھەر بولسىمۇ يۇت» دەپتىكەن، مەكتەپكە كىرگەندە ئېچىۋېتىپ پۇلنى ئېلىپ بولۇپلا يەنە يۆگىۋالىمەن، سىزمۇ ھۈنىرىڭىزنى تىرىشىپ ياخشى ئۈگىنىڭ، كېيىنچە جىق- جىق پۇل تېپىپ مېنى، بالىلىرىمىزنى باقمىسىڭىز بولماس....كىم دەيدۇ مېنى توغالمايدۇ دەپ، بولسا توققۇز ئوغۇل توققۇز قىز توغقۇم بار مېنىڭ…›
سەن ئەنە شۇنداق قىزغىن پاراڭ ئىچىدە لايىقىڭ بىلەن خوشلاشتىڭ، كوچا ئاپتۇبۇسىدا لىققىدە ئادەم، ھەممىسىلا نىمىگىدۇر ئالدىراش، ھېچكىمنىڭ يېنىدىكىگە قاراپ باققىلىمۇ چولىسى يوقتەك. سېنىڭ چىرايىڭدا كۈلكە، لېكىن، كۆڭلۈڭنىڭ بىريەرلىرى يەنىلا خامۇش، ‹نىمىشقا ئۇ مەن تەرەپكە قارىمايدىغاندۇ؟ مېنى كۆڭلى تۇيمىغانمىدۇر؟ تېلېفۇن قىلىپ سوراپ باقايمۇ يا؟ ياق، بۇ يەردە ئونىڭ بىلەن سۆزلەشسەم بولمايدۇ. ...› ئەنە شۇ  خامۇش خىياللار بىلەن ھېلىقى سەن ئىسمىنىلا ئاڭلىغان مەكتىپىڭگە تۇنجى قېتىم كېلىپ توققۇز تۆشۈكتىن ئۈتۈپ مەۋسۇملۇق ئوقۇش ياردەم پۇلىنىڭ چېكىنى ئېلىپ ئۇنى بانكىدا نەقلەشتۈرۈپ بازار چۆرگىلەپ  ئۇنى- بۇنى ئېلىپ ئاندىن ‹باشلىق ئاكاڭ› غا تېلېفۇن قىلدىڭ. ئۇ ئەينى چاغدا ئۆيۈڭگە نەچچە قىتىم تېلېفۇن قىلىپ ئۆزى مۇدىرلىق قىلىدىغان يېزا ئوتتۇرا مەكتىپىگە كېلىشكە دەۋەت قىلغان ئىدى، ئۇ يەرگە بارغان بولساڭمۇ يەنە ئاران شۇ چەكنىلا بېرىدىكەن شۇ، ئۇندىن كۈرە ئۇيەرگە بارمىغىمىممۇ ئوبدان بوپتىكەن، شۇ باھانىدە شەھەرنى يەنە بىر چۆرگىلەپ ئوينىۋالىدىغان بولدۇم دەپ ئويلىدىڭ… خىياللىرىڭنىڭ ئاخىرى چىققىچە «باشلىق ئاكاڭ» مۇ يېنىڭدا ئۈنۈپ بولدى. لېكىن، ھېلىقى ئىككى ھەمراھىڭنىڭ سودىلىقى تۈگىمەي ئۇلارنى بىردەم كۈتۈپ ماشىنىدا ئىككىڭلار ئولتۇردۇڭلار. دەسلەپتە ھېلىقى «ئاكاڭ» سېنىڭ بۈگۈنكى ئىشلىرىڭنى سورىدى. سەنمۇ ئۇدۇللۇق جاۋاب قايتۇردۇڭ.
-ھەي، ئەدىلە، پۇلنىمۇ ئاپسەن، ئەمدى ئىككىمىز بىريەرلەرگە بېرىپ مۇنداق بىر ئويناپ كەلسەك بولمامدۇ،- دەپ سوراپ قالدى ئوشتۇمتۇت سەندىن.
-نەگە بارىمىز؟-سەن ئۇنىڭ بۇ سۇئالىدىن ئانچە ئەندىكىپمۇ كەتمىدىڭ. ئۇ بۇنداق گەپلەرنى ساڭا كۆپ قېتىم دىگەن، بولۇپمۇ، تېلېفۇندا سېنى نەلەرگىدۇر بېرىپ ساياھەت قىلىپ ئويناپ كۈڭۈل ئېچىپ كېلىشكە تالاي قېتىملاپ تەكلىپ ئەتكەن، لېكىن، سەن خوشنىلىرىڭدىن زىمىننىسەنى، ئايشەمگۈلنى ياكى سالىھەنى بىللە ئاپىرىشنى دەپ تۇرۇۋالاتتىڭ، ئۇ بولسا سېنى يالغۇزلا ئاپىرىشنى خالايتتى…
-ناھايتى چىرايلىق يەرلەرگە. ئۇلۇغ ئاتىغا، كوھمارىمغا، سەھۋالىمغا، چىنار تۈۋىگە، باغچىلارغا، ئاندىن يەنە باشقا گۈزەل مەنزىرىلىكلەرگە بارىلى، كاسىكۆلگە ياكى لالىكۆلگە بارساقمۇ بولىدۇ، خالامسەن؟
-ئەلۋەتتە خالايمەن-دە، ماشىنىنى سىز ھەيدەيسىز، پۇل تۈلىگىلى سىز بار، ماڭا نىمە غەم؟
-قاچان بارىمىز ئەمىسە؟
-قاچان بارىمىز دىسىڭىز مەن تەييار.مەن، سالىھە، ئايشەم تۆتەيلەن بېرىپ ئوينايلى، ئۇلارمۇ سىزگە خېلى قىزىيدۇغۇ؟ تېخى سالىھە ئەمدىلا بىر ئەردىن چىققان، يېشىمۇ يىگىرمىگە بارماقلىق، مەندىن  ناھايتى نەچچە ياشلا چوڭ، ئۆزىمۇ شوخ، ئىككىڭلار تازا قاملىشىپ قالىسىلەر، سىلەرگە ئانچە كۆپ تۇسالغۇمۇ يوق، سىلەر ياشىۋالغىچە بىز چۆرگىلەپ تۇرىمىز…
-بىز ئىككىمىزلا بارساق بولىدۇ مۇنداق. ئۇلارنىڭ ماڭا قىزىشى ئۆزىنىڭ ئىشى، مەن ساڭىلا قىزىيمەنچۇ؟
-ھوي، شۇجاڭ، ئەمىسە ئۆتكەندە بۇلاقچۆلدىكى بېغىڭىزنىڭ يېنىدىكى بۇغداينى ئۇتاپ ئولتۇرسام ئۇنى ئۆيىڭىزگە ئەكىرىپ كېتىۋاتمامتىڭىز؟ توۋۋا، بەك كىچىك يا دۆتكەنمەن، يولدىن موتوتسىكىلىتلىق ئۈتۈپ كېتىشتىڭلار، مەن بېرىپ قارىغىچە ئىشىكنى ئېتىۋاپتىكەنسىز، ئاتايىن ئۆيىڭىزنىڭ كەينىدىكى دەرىزىسىدىن ماراپ بېقىپتىمەن، ئۆز كۈزۈم بىلەن كۆرمىگەن بولسام ئىشەنمەستىم…
-ئاپلا، مەخپىي كىنويىمىزنى كۈرۈپ قاپسەن-دە، قارىغاندا سەنمۇ مېنى ياخشى كۈرىدىكەنسەن، شۇنداقمۇ، ئاپپىقىم؟
-نىمىگە قاراپ ئۇنداق دەيسىز؟
-ھەركىم ئۆزى قىزىغان كىشىسىنى خەقتىن كۈنلەيدۇ ئەمەسمۇ؟
-شۇنداقمۇ؟ ئۇنداق بولسا سىز راستلا ماڭا قىزىمسىز؟
-راست بولمايچۇ، ساڭا يۈز سىلسىيە گرادۇس قىزىيمەن دىگىنە، گۈزىلىم؟ بولمىسا خەقنىڭ بالىلىرىغا 750كوى بىرىدۇ، سەن بۈگۈن نەچچە پۇل ئالدىڭ؟ بىرمىڭ بەش يۈز كوي ، شۇنداقما؟ ئەگەر ساڭا مەن يۈرىكىمنىڭ بېغىدىن قىزىمايدىغان بولسام بىكارلا ئاشۇنداق ياخشىلىقلارنى قىلىپ يۈرەمتىم؟ ناۋادا بىرمىڭ بەش يۈز كوينى مۇشۇنداق ئالقىنىغا نەق تۇتقۇزسام قېنى قانداق بىر تومۇچۇق ئالقىنىمدا سايرىمايدۇ، دىگىنە، بۇنىڭ ھەممىسى پەقەتلا بىر سەن ئۈچۈن ئەمەسمۇ، يالغانمۇ يا، ناۋادا ساڭا ئاشۇنداق قىزىمىسام مۇشۇنداق قىلىپ يۈرەرمىدىم…- باشلىق ئاكاڭنىڭ كۆزلىرى ئويناقشىپ، چىرايلىق سۆزلىرى قولاق تۈۋىڭدە يېغىپ كەتتى.
-ئادىلەم ئاچامغىچۇ؟
-ئۇ دىگەن مېنىڭ خوتۇنۇم. بالىلىرىمنىڭ ئانىسى.
-ئۇنىڭغا قىزىمامسىز؟ ھە… …ھەي، ئۇ دىگەن سىزنىڭ ئۈچ بالىڭىزنىڭ ئانىسى، چىرايىمۇ ئۇز، بويىمۇ زىلۋا، گەپ- سۆزلىرى جايىدا، يەنە سىزگە ئوخشاشلا مائاش ئالىدۇ. تېخى ئۇ سىزگە ئىككىنچى توغۇتىدا قوشكېزەك ئوغۇل توغۇپ بەردى، كىمنىڭ خوتۇنى ئېرىگە شۇنداق قىلىپ بېرەلىدى؟... بۇ كەمدە سىزدەك بۇنداق مائاشچىلاردىن كىمنىڭ بىر قىز، ئىككى ئوغلى بار دەڭە؟
-بولدى، ماڭا خۇددى چوڭ قېينئاتامدەكلا  نەسىھەت قىلىپ كەتتىڭغۇ سەن، ئۇنى چۆرۈپلا تاشلىۋېتىمەن دىگەن گەپ ئەمەس...
-ئۇنداقتا مېنىچۇ؟
-سەن بىلەن يېقىن بولىلى دەيمەن شۇ.
-ھازىرمۇ يېقىنغۇ بىز؟
-بۇنىڭدىنمۇ بەك يېقىن بولساق، خۇددى سۈت بىلەن قايماقتەك… ئۇنىڭ ئۈستىگە پات ئارىدا توي قىلغۇدەكسەن،
-قىزبالا دىگەن چوڭ بولسا ئەرگە تېگىدۇ شۇ.
-تويۇڭ بولغىچە مۇنداق بىرەر قېتىم سۈت- قايماقتەك بولۇۋالساق بولاتتى...
-كېيىنچە بىرگەپ بولسۇنچۇ؟
-قاچان؟ تويدىن كېيىنمۇ؟
-ھە!
-ئۇنداق تەييار تاماق دىگەن ئەتراپىمدا كۆپ، ماڭا شۇ سېنىڭ ئاشۇ بىرلا يېرىڭ لازىم ئىدى.
-كەم بولار؟! قارىمنى قورۇق ئۆستەڭگە مىراپ بولسۇن دەمسىز؟… بەك سۇيۇق سىز، ھە، شۇجاڭ، خۇددى«ئالىم بولساڭ ئالەم سېنىڭكى، شۇجاڭ بولساڭ خانىم سېنىڭكى» دىگەن گەپنى خەقلەر سىز ئۈچۈنلا دىگەندەك.
-ناۋادا سېنى دىمەيدىغا بولسام ھېلىقى قارىمەكنى يەر ئاستى دىنىي مەكتەپتە ئوقۇغان دەپ چېقىپ ھېلىقى ساقالدىمانلىرى بىلەن قوشۇپ نەچچە يىللىق سۇلىتىۋېتەتتىم دىگىنە…
-نىمە ئۈچۈن؟
-شۇ يەنىلا سەن ئۈچۈن…
-ئۇنداق ئەمەستۇر؟
-راست…
-ئەمىسە نىمىشقا ئۇنداق قىلمىدىڭىز؟
-بۇمۇ شۇ يەنىلا سەن ئۈچۈن… سېنىڭ شۇ ھېلىقى مەن ئامراق قايمىقىڭ ئۈچۈن ئەينا. ناۋادا مەن ئۇنداق قىلسام سەن مەندىن يىرگىنىپ قالىسەن، ئۇچاغدا ئارىلىقىمىز يىراقلىشىپ قالىدۇ، مەن ئۇنى خالىمايمەن، سەن بىلەن مەڭگۈلۈك ئاشىق- مەشۇق بولۇپ ئۆتكۈم بارچۇ مېنىڭ… سېنى ئەرگە بەرگىلى قانداق چىدارمەن دەيمەن … بۇنداق بولۇشىنى بۇرۇنراق بىلگەن بولسام ھېلىغىچە توي قىلماي بويتاقلا يۈرگەچ تۇراركەنمەن…-ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلىغانچە كۈلگۈڭ كەلدى، تۇرۇپلا ئۇنىڭ يىپقا تىزىپ قويغان مارجاندەك قاتارلىشىپ چىقىۋاتقان سۆزلىرىگە قاراپ كۆڭلۈڭدىكى ئادىمىڭنىڭ بۇنى «توخۇ شورپىسى» دەپ تىللىشىنى ئېسىڭگە ئالدىڭ، «مەيدانسىز، يۇمىلاق دىگەن گەپ، بۇھال بارلىق بارلىق ئەمەلكەشلەرگە ئورتاق بولغان بىر مىجەز… » دېگەن ئىدى ئۇ ساڭا بۇ سۆزنى ئىزاھلاپ بېرىۋېتىپ، ئىشقىلىپ، ئۇ بۇ كىشىنى ئانچە بەك ياقتۇرۇپ قالمايتتى.  
-سىزگە مېنىڭ شۇ ھېلىقى ئاشۇ بىر يېرىملا لازىم، سىز پەقەت ئەشۇ يېرىمگىلا قىزىيسىز، شۇنداقمۇ؟
-ئەلۋەتتە شۇنداق.
-…ھىم… ئۇسساپسىز، ئۇ سىزگە مەڭگۈ نېسىپ بولمايدۇ.
-سېنى بىرەرسى جايلاپ بولمىغاندۇ؟
-ئېغىزىڭىز بەك بىزەپ بولۇپ كەتتىمۇ-نىمە، شوجاڭ. ئېغىزىڭىزغا ئىككى تال تاختاينى قويسا خالجاي بولغىدەك، مۇشۇ ئېغىزىڭىز بىلەن قانداقمۇ بىر مەكتەپنى باشقۇرغانسىز؟ قانداقمۇ ئادەم تەربىيىلىگەنسىز؟ سىز تەربىيىلىگەن ئاشۇ بالىلارغا ئىستەي! بىز تېخى ئۆتكەندە تېلېفۇندا ئاكا- سىڭىل بولۇشمىغانمىدۇق، سىڭلىڭىزغىمۇ مۇشۇنداق گەپ قىلامسىز؟ مەنمۇ ئۆز سىڭلىڭىز ئايسىماھقا ئوخشاشلا سىڭىل، ماڭا ئاشۇنداق گەپ قىلسىڭىز بولامدا؟ قەيېرىڭىز ئاكا سىزنىڭوي؟!…-، ئۇ سېنىڭ ئۆڭگەن چىرايىڭغا تىكىلىپ قارىدى، ئېغىزىنى ئۆمەللەپ تۇرۇشىغا ماشىنىنىڭ ئىشىكى ئېچىلىپ ھېلىقى ئىككى ھەمراھىڭ «ئۇھ، ھەجەبمۇ ھاردۇق» دېگىنىچە بازاردىن سېتىۋالغان نەرسىلىرىنى كۈتۈرۈشۈپ  ماشىنىغا كىرىپ ئۆزىنى تاشلىدى. باشلىق ئاكاڭ تەلەپپۇزىنى باشلىققا خاس ئاھاڭغا ئۆزگەرتىپ:
-ماڭامدۇق؟-دىدى ۋە ماشىنىنى قوزغاتتى. ئاخىرقى سۆھبىتىڭلاردىن كۆڭلۈڭ يېرىم بولدى، لېكىن، چاندۇرمىدىڭ، ئاشىقىڭ بىلەن ئۈچ يىللاپ ئارىلىشىپ ئۈتۈپ ئۇنىڭدىن بىرەر قېتىممۇ كۆڭلۈڭنى غەش قىلىدىغان بىرەر قوۋز گەپ ئاڭلاپ باقمىغان ئىدىڭ… ئەمما، سەن ئۇنىڭ كۆڭلىنى تالاي قېتىملاپ غەش قىلغان ئىدىڭ، ساۋاقداشلىرىڭ ئۇنىڭغا قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايدىغان  گەپلەرنى بالىلارنىڭ ئالدىدىلا سۆزلەشكە، ئۆزەڭنى كۆرسىتىشكە ئامراق ئىدىڭ، لېكىن، ئارقىدىنلا ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم سورىماي چىدىمايتتىڭ، ئەمما، ئۇ كۈلۈپلا قوياتتى، «سېنىڭ كۆڭلۈڭ خوش بولىدىغانلا ئىش بولسا مەيلىغۇ، خوغ بولدۇڭمۇ» دەپلا قوياتتى، شۇمۇ ئوقۇتقۇچى، تېخى سىنىپ مەسئۇلىڭ ئىدى… ئۇ سېنى بەك ئاسرايتتى، سېنىلا ئەمەس، ھەممىڭلارنى ئاسرايتتى، لېكىن، ساڭا باشتىن تارتىپلا ئالاھىدە ۋاي دەيتتى، سەن ئاتا-ئاناڭدىن كۆرمىگەن خەيرخاھلىقنى، مېھرىبانلىقنى ئۇنىڭدىن كۈرەتتىڭ، ئۇ سېنى خوش قىلىش ئۈچۈن قىلمىغىنى قالمايتتى، بارا-بارا سەن ئۇنىڭغا بەكمۇ ئېچەكىشىپ قالدىڭ، ئاخىرقى يىللىققا چىققان يىللاردىن تارتىپ مەكتەپتىن كېلىپلا ئۇنىڭغا تېلېفۇن قىلىپ تېنچ –ئامان ئۆيگە كېلىۋالغىنىڭنى دەۋالمىساڭ كۆڭلۈڭ تىنمايدىغان بولدى… ئۇ سېنىڭ خىيالىڭدا ناھايتى بىلىملىك، لېكىن، نامرات، بەختسىز كىشى ئىدى، ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىنى بەك ئەسكى، تەييارخۇمار، ئانىسىنىمۇ بەك ئازازۇل دەپ ئويلايتتىڭ، شۇڭا سەن ئۇنىڭ كۆڭلىگە تەسەللىي بېرىشنى ياقتۇراتتىڭ، لېكىن، بۇكىشى تولىمۇ سويۇق، چاكىنا، لېكىن، باي، خاتىرجەم، بەختلىكلەردىن ئىدى، ھېچبولمىغاندا ئۇ بۇ كىشىنى شۇنداق باھالايتتى، سەن بۈگۈن ئۇنىڭ باھاسىغا قايىل بولۇپ قالغاندەك قىلدىڭ. ئۇ ئەتىگەن سېنى ئالغىلى ئاتايىن ئۆيۈڭنىڭ كەينىدىكى تاشيول بۇيىغا كېلىپ سائەتلەپ ساقلىغان ۋە تېلېفۇندا كەچتە سېنى ئەكىلىپ قويىدىغانلىقى توغرىسىدا تالاي ۋەدىلەرنى قىلغان ئىدى، ئەپسۇس، ئۇ بۇ قېتىم ئەتىگەن سېنى ئۆيۈڭنىڭ كەينىدىكى تاشيول بويىدىن ئاتايىن ئەكەتكىنىدەك ئاشۇ يەرگە ئەكىلىپ قويۇش توغرىسىدىكى ۋەدىلىرىنى ئۇنتۇپ قالدى، ئۇ سېنى  ئۆيۈڭدىن ئون نەچچە كېلومېتر يىراقتىكى بازارنىڭ دوقمۇشىدا تاشلاپ قويۇپ ماشىنىسىنىڭ ئىشىكىنى جاڭڭىدە يېپىپ خوشمۇ دىمەي ئۆيى تەرەپكە  كەتتى. چۈنكى، سەن ئۇنىڭ يالغۇز چىقىش توغرىسىدىكى ئۈتۈنۈشلىرىگە ‹ھە-ھە› دەپ قويۇپ ئاۋۇ ئىككېيلەننى زورۇقۇپ تەييارلاپ ئاندىن بىرمۇنچە يوق باھانىلەرنى ياساپ ئۈچەيلەن بولۇپ ماڭغان ئىدىڭ. ھېلىقى ئىككى ھەمراھىڭمۇ بازار دوقمۇشىدا نىمىنىدۇر باھانە قىلىپ قېپقالدى، ناۋادا ئابىيامقى گەپلىرىگە ‹بولىدۇ، چاتاق يوق، سىز نىمە دىسىڭىز شۇ…› دەپ غىلجىڭشىيالىغان بولساڭ ئۇنداق سوغۇقتا قالمايدىغانلىقىڭ ئۆزەڭگە ئايان. باش قىش كۈنلىرىدىكى كەچلىك سوغۇق سېنى خېلى توڭدۇردى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھېلىقى قاسماق باسقان موتۇچى كىراكەشمۇ سېنى خېلى يىراق دوقمۇشتا تاشلاپ قويۇپ كۆزىدىكى چاپاقنى ئېرتىشنىمۇ ئۇنتۇپ دىرىلداپ تىتىرىگىنىچە كېتىپ قالدى. قولۇڭدىكى بۈگۈن بازاردىن سېتىۋالغان نەرسىلەرنى سالغان سومكىنىڭ ئېغىرلىقى بىلەن سوغۇقتا توڭۇشلىرىڭ قوشۇلۇپ بىرەر ئېشەك ھارۋىسى بولسىمۇ ئۇچراپ قالارمىكىن دىگەن تەمە بىلەن ئالدى-كەينىڭگە نەچچە قارىدىڭ، ئۆيۈڭگە كەلگۈچە مەكتەپتە ئوقۇيدىغان چاغلاردا سېنى ئۆيۈڭنىڭ ئالدىغىچە ئەكىلىپ قويىدىغان، ئەتراپىڭدا پەرۋانە بولۇشىدىغان كىراكەش تازلار كۈزۈڭگە گۈل كۈرۈندى. ئەتىگەن ھېلىقىنىڭ ماشىنىسىغا ئىشەنچ قىلىپ يېلىڭ كېينگىنىڭگە تازا تويدۇڭ. دوككانلاردىن ئۇنى- بۇنى سېتىۋالغىنىڭدا يەنە ئۇنى ئۆيۈڭنىڭ يېنىغا بولسىمۇ ئەكىلىپ قويۇشىغا ئىشەنچ قىلىپ سالغىنىڭغا ئەپسۇسلاندىڭ. ‹ئىشەنگەن تاغدا كىيىك ياتماپتۇ› دىگەندەكلا بولدى دىسە،  ھەجەب سۇيۇق ئادەم بۇ شۇجاڭ دىگەن… «مۇشۇ تاپتا ئۇنىڭغا تېلېفۇن قىلىپ كېلىڭ دىسەم ئۇ نەدە بولسۇن بىردەمدىلا بۇيەرگە ئۈنۈپ بولىدۇ، ئابىياممۇ ئۇنىڭغا قاراپ كۈزۈم تېشىلگۈدەك بولدى، لېكىن، ئۇ ماڭا قارىمىدى، مېنى ئۇنتۇپ كەتكەنمىدۇ، ياق، ئۇ چوقۇم كۆرمىدى، كۆرگەن بولسىدى، قاتتىق خوش بولۇپ كېتەتتى. ئۇنىڭ بىلەن كۈرۈشمىگىلى، مەن ئۇنى كۆرمىگىلى قانچىلىك بولغاندۇ، ئىشقىلىپ، خېلى ئۇزۇن بولدى. تېلېفۇن دىگەن نەرسىمۇ خېلى بولۇپ قويىدىكەن، ئۇ بولمىغان بولسا نىمىش قىلار ئىدىم، ھەنىمىدۇر تېلىفۇندا بولسىمۇ كۈرۈشۈپ ئۇنىڭ ئۈنىنى ئاڭلاپ تۇرۇۋاتىمەن، خۇداغا شۈكۈر... بۈگۈن- ئەتە تېلېفۇندا ئۇنى تازا بىر ئەدەبلىمىسەم… ھەي،ي، بۇ شۇجاڭمۇ راستلا مېنى ياخشى كۈرۈپ قالغانمىدۇيا، ئەگەر ئۇنداق بولمىسا ماڭا شۇنچە شاپاشلاپ كېتەرمىدى، راست، ئۇمۇ مېنى ياخشى كۈرىدۇ، بولۇپمۇ، ئۇ مېنىڭ قىزلىقىمغا كۆز تىككەن، شۇنىڭغىلا قىزىيدۇ، ئەمما، ئۇ… ھەي… تىنچ- ئامان بىر توي قىلىۋالسام بولاتتى، لېكىن، بۇ ئىشلار تولىمۇ كەينىگە كېتىۋەردى… خۇدايىم ئۆزى ساقلار…»
   ئۆيۈڭگە كېلىپ ئوھ دىگۈچىلا ئۆيۈڭنىڭ تېلېفۇنى سايراپ كەتتى، لايىقىڭنىڭ تېلىفۇنىنى ئېلىپ ئۇنىڭغا يەنە بىرمۇنچە تەسەللىي قىلغان بولدۇڭ، ئۇ توي توغرىسىدا سۆزلەپ يەنە كۆڭلى يېرىم بولدى، بۇنداق چاغدا سەن ئۇنىڭ كۆڭلىنى كۈتىرىپ قويۇشقا خېلى ئېپىڭ بار، ئاتىسىغا دەپ تويغا ئالدىرىتىش توغرىسىدا بىرمۇنچە يول كۆرسىتىپ باقتىڭ. ئۇ بۇيەردە يىڭى، ئەمما، غەلىتە بىر گەپنى قىلىپ ئۇھسىندى:
- سەككىزىنچى يىللىقتا ئوقۇيدىغان ئىنىم بىلەن مېنىڭ ئىسمىم نۇپۇس دەپتىرىدە ئالمىشىپ قاپتىكەن، نۇپۇس دەپتىرىدىكى يېشىم تېخى ئون تۆتنى تۈگىتىپتۇ، ئىنىمنىڭ بولسا يىگىرمە ئىككىگە كىرىپتۇ، دادامنىڭ بۇ يەردە بېشى بەك قېتىپتۇ، مېنىڭمۇ كاللامغا ھېچبىر ياخشى چارە كەلمەي ئىچىم پۇشۇپ كەتتى،- دىدى لايىقىڭ، ئۇنىڭ ئاخىرقى گەپلىرىنى دەۋاتقاندا ئۈنى ئاستا-ئاستا پەسلەپ كەتتى.
-ساقچىخانىغا بېرىپ ئانچە-مۇنچە پۇلنىڭ مېھرىدىن كېچىپ ئوڭشاتسۇن ئەمدى، بولمىسا خەتنى قانداق ئالىمىز؟-دىدىڭ سەن ئۇنىڭغا يول كۆرسىتىپ.
-ئۇنى قىلمامدۇ، دادام ئامال تاپالماپتۇ. ھېچكىم قىلىپ بەرگىلى ئۇنىماپتۇ ئۇنى.
-ۋاي، خۇدايىم، ئەمدى قانداق قىلارمىز؟-شۇلارنى دەۋاتقاندا ئېسىڭگە ئاشىقىڭ كەلدى. ئەتە ئۇنىڭغا تېلېفۇن قىلىپ مەسلىھەت سوراپ بېقىشنى نىيەت قىلدىڭ ۋە لايىقىڭغا،- بولمىسا مەن ئەتىگىچە ئوبدانراق بىر ئويلاپ باقاي، ياخشى چارە تاپالىسام سىزگە تېلېفۇن قىلاي، لېكىن، كۆڭلىڭىزنى خاتىرجەم تۇتۇڭ، ھەرقانداق قىيىنچىلىق بىزگە توسالغۇ بولالمايدۇ، … لېكىن، مەن دىگەن قىزبالا، مېنىڭ ئامالىم شۇنچىلىكلا، لېكىن، دادىڭىز تېخى ئاكىڭىزغا خەت ئېلىشالماي يوقىلاڭ ئىشلارنى ناقا قىلىشىپ يېنىشىپ ئولتۇرۇپتۇ ئەينا، ئۇنىڭغا ئەمدى نەدىن لايىق تاپىدىكىن، بىلمىدىم، ئۇنىڭغا قاچان خەت ئالىدۇ، باشقا ئىشلىرى قانداق بولىدۇ، ئۇ ئىشلارمۇ خۇدايىمنىڭ ئۆزىگە ئامانەت،  لېكىن، قانداقلا ئىش بولسۇن، سىزنى ساقلايمەن، گەپ ھەممىسى سىزگە باغلىق بولۇپ قالدى، سىز يېنىۋالسىڭىز مېنىڭ ئامالىم يوق، …ھە، شۇنداقما، ئۇنداق بولسا سىز ئۈزىڭىزگە ئىشىنەلىسىڭىزلا ماڭىمۇ ئىشىنىڭ، ئىشلىرىڭىزنى ئوبدان قىلىڭ، خۇدايىم بىزنىڭ ئىشلىرىمىزنىڭمۇ ۋاقتىنى بىرەر… ھە، ئەمىسە كۆڭلىڭىزنى توق تۇتۇڭ، كىيىملىرىڭىزنى رەتلىك، پاكىزە كىيىڭ، روھلۇق بولۇڭ، مەن بولغۇسى ئېرىمنىڭ جۇشقۇن يۈرۈشىگە ئەمراق. ئەمىسە كۈرۈشكىچە خۇدايىمغا ئامانەت… ھېلى بىكار تېلېفۇنىڭىز توختاپ قالمىسۇن يەنە…- تورۇپكىنى قويدۇڭ.
-توۋۋا، ئوغۇل بالا دىگەن كىچىڭ بالىغىلا ئوخشايدىكەن، دەڭە، ئانا،- دىدىڭ سەن مەشنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇۋېتىپ ئاناڭغا ئەركىلەپ.
-راست، شۇنداق بولىدۇ، تويۇڭ بولغىچە سەن ئۇنىڭ ئېغىزىغا ئۇز گەپلەرنى قىلىپ ئېمىزگۈ سېلىپ قويغاچ تۇرغىن ئاشۇنداق،-دىدى ئاناڭ ھىجىيىپ.
-توي بولغاندىن كېيىنچۇ ئاندىن؟
-ئۇچاغدا ئۇنىڭ ئېغىزىغا راست ئېمىزگۈڭنى سالىسەن شۇ، ئىش ئاشۇنداق...-دىدى ئاناڭ بىلەن كوتۇلدىشىپ ئولتۇرغان ئايال خوشناڭ بەخىرامانغىنە ساڭا قاراپ.
-قېلىن گەپ قىلماڭە، پاتمىخانۇي! قىزبالىنىڭ قولىقىنى قاتۇرۇپ،-دىدى ئاناڭ.
-ھو-و-ي، ئون سەككىزگە كىرگەن قىزنىڭ مۇشۇ چاغقىچە قولىقى قاتماي قالغانمىدۇ، پاتەمخان؟! قولىقىلا ئەمەس باشقا يەرلىرىمۇ خېلى ئوبدان قاتقاندۇر بۇچاغقا. بۇزاماننىڭ بالىلىرىنى سەل كۆرگىلى بولمايدۇ. ھېلىقى قارىم دىگەنمۇ بوش ئەمەس، ئۇنىڭ قولاقلىرىدىن تارتىپ ئەمچەكلىرىنى مۇجۇپ- چىشلەپ سۇزۇپ ئۇيان- بۇيان قىلىۋەتمىگەنلا بولسا مەيلىغۇ…
بۇ يۇرتتا ئوخشاش ئىسىملىكلەرنىڭ شۇقەدەر كۆپلۈكىدىن ھېچكىم ھەيران قالمايدۇ. سېنىڭ ئىسمىڭ بىلەن ھېلىقى «باشلىق ئاكاڭ» نىڭ ئايالى ئىسمداش، بولغۇسى لايىقىڭ بىلەن ئاشىقىڭ ئسىمداش. سېنى تۇغقان ئاناڭ بىلەن باققان ئاناڭ ئىسىمداش، ئۇلار بىلەن ئاشۇ تاپتا كوتۇلدىشىپ ئولتۇرغان تام ئېلىشما ئايال خوشناڭمۇ ئىسمداش، مەكتەپلەردىمۇ ئىسمى-ئاتىسى ئوخشاش بالىلار قەدەمدە ئوچراپ تۇرىدۇ. مۇئەللىملەرمۇ ئۇنى چوڭ، كىچىك، ئۇرۇق، سېمىز دىگەندەك سۈپەت ناملىرى بىلەن، يەنە بەزىدە بالىلارنىڭ ئاتا جەمەت لەقەملىرى بىلەن پەرقلەندۈرۈپ ئاتايدۇ. ئىشقىلىپ، ئۇنى ھېچكىم ئەيىپ ئالمايدۇ ھەم غەلىتىلىك ھېس قىلمايدۇ. سېنىڭ مەھەللەڭدىكى ئېرىنىڭمۇ، ئايالىنىڭمۇ  ئىسمى-ئاتىسى ئوخشاپ كېتىدىغان، دىيىشىپ قويغاندەكلا ئاشكارە- يۇشۇرۇن توغۇۋالغان بەش بالىسىنىڭ ئۈچىنىڭ ئىسمى ئوخشاپ كېتىدىغان بىرجۇپ ئائىلىنىڭ بارلىقىنى باشقا يەرلىكلەر ئاڭلىسا كۈلۈپ ھېق بولۇپ كېتەرمىكىن.
-نىمانچە قېلىن خوتۇنلاربۇ، مەن دىگەن تېخى يۈزى ئېچىلمىغان قىزبالا تۇرسام ئۇزراق بىر گەپ قىلىشساڭلارچۇ مۇنداق،- سەن ئورنۇڭدىن تۇرۇپ بېرىپ كېيىم ئالماشتۇرۇشقا تۇتۇندۇڭ، يېنىڭدا ئاناڭ، سىڭلىڭ ھەم ھېلىقى قاشاڭ گەپ قىلىدىغان تۇل خوشناڭلا بولغاچقا سەن تۈزۈت قىلىپ كەتمىدىڭ،
-ئوھوي، پاتەمخان، بۇ ئادىلەم ئەرگە تەگسە قانداقمۇ قىلار دەيمىنا؟ بۇ قىزبالىنىڭ بەدىنى كونا غارالدەكلا ئۇرۇقكەن، بۇنى ئالغان ئادەم ئۇنىڭ نىمىسىنى قۇچاقلاپ ياتار دەيمەن؟ بۇنىڭ ئەمچەكلىرىمۇ يىگىلەپ كەتكەن ئالمىدەكلا تۇرۇپتۇ، بۇنىڭ ئېرى ئۇنىڭ قەيىرىدىن راھەت كۈرەركىن ؟ بىرەرسى بۇنىڭ ماۋۇ يەرلىرىنى ئولغاپ مۇجۇپ باقمىدىمىكىن تېخى…، بولمىسا ئانچە- مۇنچە يۇغىناپ قولغا چىققۇدەك بولۇپ قالار ئىدى…-سىڭلىڭ سىرتقا چىقىپ كەتكەن بولدى، «بۇ ئالتە ياشلىق قىزمۇ ئانچە- مۇنچە بىرنىمىنى چۈشىنىپ قاپتۇ، شۇڭا ، ئۇ ئۆزىنى بۇ بولماس پاراڭلاردىن قاچۇردى» دەپ ئويلىدىڭ سەن.
-ھوي، بىر ئۇزراق گەپ قىلىڭلارچۇ ماۋۇ بالىلارنىڭ ئالدىدا، پاتمىخان؟
-راست ئەمەسمۇ، پىچاقنىمۇ ئىشلەتكەنسىرى ئىتتىكلەيدۇغۇ، بۇ ۋىجىك مەممەڭنى تېخى بىركىم مۇجۇپ-تارتىپ  ئويناپ باقمىدىما، ھوي، ئادىلەم…؟
-كىم ئوينايتتى ئۇ بىرنىمىسىنى، ھېلىقى قارىمى بار بۇنىڭ، بارلىقىنى شۇنىڭغا ئاتىغان بۇ، لېكىن بۇ قارىمنى بەك يۇۋاش كۈرىمەنچۇ پاتمىخان، توي ئاخشىمى ئۇ تارتىنىپ يوتقاننىڭ ئايىغىغا بېرىپ ئولتۇرارمىكىن دەيمەن.
-ۋاي، ناتايىن جۇمۇ، بۇكەمنىڭ ياش بولىلىرى قارىماققا يۇۋاش كۈرۈنگەن بىلەن بىردەمدىلا بۇ ئەتىۋارلاپ باققان قىزنى يۇۋاشلىتىپ قۇيارمىكىن دەيمىنا، بۇكەمدە شەھەرلەردە ئالامەت كىنولار بارمىش، ھەممە ئىشنى ئەينەن كۆرسىتىپ ئۈگىتەرمىش، ئۇنداق كىنولارنى بىرەر-ئىككى قېتىم كۆرگەن ئوغۇل بالا دىگەن باشى بولۇپ كېتىدىكەن دەپ ئاڭلايمەن، بىزلەر چوڭ بولغان چاغلاردىكى ئىشلار دىگەن بۆلەكچە ئىدى، خېلى چوڭ بولغىچە ھېچقانداق بىر ئىگىز-پەس گەپ-سۆزلەرنىمۇ ئاڭلاپ قالماي چوڭ بولۇپتىمىزكەن، ئوغۇللارمۇ، قىزلارمۇ بەك ھايالىق ئىدى، مەنمۇ دەسلەپ ئەرگە تەگكەندە توققۇزياشتا ئىدىم، ئېرىم ئون ئىككى ياشتا ئىدى، توي قىلىپ بىرەر- ئىككى ئايغىچە قېيىنئانامنىڭ يېنىدا ياتقان، بارا-بارا ئىككىيلەن ھېيىقىشمايدىغان بولدۇق، ئىككىمىز مۈكۈشمەك، چامغۇر يۇلۇش ئويۇنى  ئوينىدۇق، ئاندىن بىر ئۆيدە ياتىدىغان بولدۇق، توي قىلغىلى ئالتە ئاي بولغان مەزگىلدە بىر كۈنى بىز يېتىپ بولۇپ ئۇيقۇمىز كەلمىدى، خەقلەردىن ئۇنى- بۇنى ئاڭلاپ قولاقلىرىمىزمۇ ئانچە- مۇنچە قاتقانمىدىكىن- تاڭ، ئۇيقۇمىز كەلمىگەندىكىن  ئىككىمىز دىيىشىپ خامباسماق ئۇيۇنى ئوينىدۇق، ئۇ كىم يىڭىلىپ قالسا يەڭگىنىنىڭ كىيىمىنى سالغۇزۇپ قويۇش شەرتىنى قويدى. مەن قوشۇلدۇم، ئىلگىرى خامباسماق ئوينىغانلىرىمىزدا مەن كۆپىنچە ئۇتۇۋالاتتىم،  ئۇ چاغلاردا يا مېنى ئاياپ كۆندۈرۈش ئۈچۈن ئاشۇنداق قەستەن يېڭىلىپ بېرەمدىكىن،-تاڭ، ئۇ كۈنى دەسلەپتە ئۇ ئاستىمدا ياتتى، مەن ئۇنىڭ ئىككى بېلىكىدىن تۇتۇپ كۆرپىگە مەھكەم باستىم، لېكىن، ئۇ ئۈچ قېتىمنىڭ ھەممىسىدە مېنى كۈتۈرۈۋەتتى، بىرىنچى قېتىم مەن ئۇنىڭ كىيىمىنى سالغۇزدۇم، ئىككىنچى قېتىم ئۇنىڭ تەلىپى بۇيىچە ئۈزەمنىڭ كىيىمىنى سېلىۋەتتىم، ھەرئىككىمىز توي قىلىپ تۇنجى قېتىم ئانىدىن تۇغما بولدۇق، لېكىن، ئەتراپ قاراڭغۇ بولغاچقا ھېيىقىشمىدۇق، نۆۋەت ماڭا كەلدى، مەن ئۇنىڭ ئاستىدا ياتتىم، ئۇ مېنىڭ بېلىكىمدىن تۇتۇپ باستى، مەن ئۈچ قېتىمنىڭ ھەممىسىدە ئۇنىڭغا بېسىلىپ كەتتىم، لېكىن، يېڭىلگىنىمگە تەن بەرمىدىم، بىرىنچى قېتىم كۈتىرىۋېتەلمىگەندىن كېيىن «بۇ قېتىمدا چوقۇم كۈتۈرۈۋېتىمەن» دەپ تۇرۇۋالدىم، ئۇ «بۇ قېتىم ماڭا  يېڭىلىپ قالساڭ سېنى سۈيۈۋالىمەن، يىغلىمايسەن» دەپ شەرت قويدى، لېكىن بۇقېتىممۇ مەن ئۇنى كۈتۈرۈۋېتەلمىدىم، شۇچاغدا ئۇمېنىڭ ئىككى قولۇمنى مەھكەم بېسىپ تۇرۇپ تۇنجى قېتىم سۈيۈۋالدى، دەسلەپ ئېڭىكىمگە، ئاندىن لېۋىمگە شۇراپ سۆيدى، شۇ چاغدا يۈرىكىم چايغا سالغان ناۋاتتەك شۇررىدە قىلىپ قالدى، ئۈزۈمنى ئۇنتۇپلا كېتىپتىمەن، ئۇندىن كېيىن ئاخىرقى قېتىم بىر مەرتىبە ئۇينايلى دەپ تۇرۇۋالدىم، بۇ قېتىم مەن قاتتىق تىرىشتىم، لېكىن، يەنىلا يىڭىلىپ قالدىم، نىمىشقا دىسەڭلار، ئاشۇ چاغدا مەن ئۇنى كۈتىرىۋېتىمەن دەپ تازا كۈچەۋاتسام نەرىمدۇر بىر يېرىم ۋاژژىدە قىلىپ ئېچىشىپ تاتلىق ئاغرىپ كەتتى، مەن ‹ۋايجان› دەپ توۋلاپ سالدىم، شۇ چاغدا ئۇ پېسە قىزلىقىمنى ئېلىۋاپتىكەن. ئۇنداق چاغدا ئادەم دىگەن بۇشىشىپ ئۆزىنى ئۇنتۇپ كېتىدىغان گەپكەن، ئەتىسى قارىسام كۆرپىدە بىرمۇنچە قان دېغى تۇرىدۇ… ئەرگە تېگىپ بەش- ئالتە ئايغىچە ئەر-خوتۇنچىلىق دىگەننىڭ قانداقلىقىنى بىلمەي يۈرۈپتىكەنمىزچۇ ئۇچاغلاردا؟
-مەنچۇ تېخى، ئىككى قېتىم ئەرگە تېگىپ ساق چىققان، تۇنجى ئېرىم بىلەن بىريېرىم يىل، ئىككىنچى ئېرىم بىلەن بىر يىلدىن ئارتۇقراق ئۆي تۇتقان بولمىسا، ئۈچىنچى قېتىم ئىككى قېتىم خوتۇن ئالغان بىر قاقۋاشقا تېگىپ قاپتىمىكەن…تۇنجى كېچىسىلا ئالداپ- شىلاپ بىردەمدىلا ئىشنى جۆڭشەپ بولغان گەپ…
-نىمانچە پاسماق گەپ توشۇپ كەتكەن بۇ خوتۇنلارنىڭ زۇۋانىغا، ئاشۇنداق قاشاڭلىقىڭىزدىن تۇل قالغان خوتۇن سىز…، سىزمۇ يىغىڭە زۇۋانىڭىزنى، ھەجەپمۇ بىر چوڭ ئىش قىلىشىپلىكەنا، بۇنداق گەپلەرنى قىلىشمىساڭلار بىركىم سىلەرنى گاچىكەن دەپ قالارمىكىنە- دەپ زەردە قىلدىڭ سەن. ئۇلار بىرنىمە دېگىچە ئۆي تېلېفۇنۇڭ يەنە چىرقىراپ كەتتى. ئۆيگە كەلگەن تېلېفۇننى ئېلىش يېقىننىڭ مابەينىدە سېنىڭ ئىشىڭ بولۇپ قالغان ئىدى، سەن تېلېفۇننى ئالدىڭ،  تېلېفۇننى تاغاڭ- ئاناڭنىڭ ئاكىسى خاجى ئاكاڭ بەرگەن ئىدى. توروپكىنى ئاناڭغا بەردىڭ. ئاناڭ ئۇنىڭ بىلەن ئۇزاق پاراڭلاشتى. ئاناڭ ئۈنىنى ئامال بار پەس چىقىرىشقا تىرىشتى، لېكىن، ئاپاڭنىڭ دىگەنلىرىنى ئىككىڭلار ئاڭلاپ تۇردۇڭلار.
-ھە، كۈرۈشتىڭىزما، ئاچامنىڭ ئۈيىگە باردىڭىز؟ رېقىپجاننى ئۇردىڭىز؟ ۋاي خۇدايىم، ئەمدى قانداق قىلارمەن؟ ئاچامنىڭ چىرايىغا قانداق قارارمەن ئەمدى، ماۋۇ كۇۋسۇپ دىغراپ قالغان قانچۇقمۇ يا مۇنداق بىر ئاشۇ بىر ئېغىز گېپىدىن يانغىلى ئۇنىمىدى، قولۇمدىن كېلىدىغانلا ئىش بولسا مەن چوقۇم ئاشۇنداق قىلار ئىدىم، ئەينى چاغدا ئۇ ئاچاممۇ يا مۇنداق بىر تېلېفۇن قىلىپ ماڭا : «ئۇكام، ھازىر قولۇم سەل قىسقا بولۇپ قالدى، دادىسى كېسەل بولۇپ يېتىپ نەچچە يىل ئۇنى بېقىپتىمەن، مەن قانداق قىلىشىمنى بىلەلمەي قالدىم» دەپ راست گېپىنى قىلغان بولسا بەش يۈز كوي ئەمەس بەم مىڭ كوي بولسىمۇ مەن يېنىمدىن سېلىپ بۇ ئىشنى ئادىلەمگە ئۇقتۇرمايلا جۆندەپ كېتەر ئىدىم، ئەينى چاغدىمۇ مەن ئادىلەمگە مالامەتنى قاتتىق سېلىپ، چاچلىرىدىن تۇتۇپ تاملارغا ئۈستۈرۈپ تۇرۇپ :‹گېپىمنى ئاڭلامسەن- ئاڭلىمامسەن؟ ئەگەر رېقىپجانغا تەگسەڭ مەن سېنىڭ قەدرىڭنى راۋرۇس قىلىپ كېمىڭنى بېرىپ بىر ئۆيگە سۇلايمەن، بولمايدىكەن، سېنى چاشقاننىڭ بالىسىدەك چېغىڭدىلا خەقنىڭ ئۈيىدىن ئەكىلىپ جاپايىڭنى تارتىپ باقتىم، ساڭا قىلغان ئەجرىمگە ئىككى دۇنيادا رازى ئەمەسمەن، نەگە بارغۇڭ كەلسە بېرىۋەر، قىيامەت كۈنى تۈمۈر تىرنىقىم بوينۇڭدا› دەپ بېسىمغا ئېلىپ تاناۋىنى تازا تارتىپ ئاندىن ‹ۋاي، ماقۇل ئانا، مەن ئۇنىڭغا تېگەي، سەن نىمە دىسەڭ شۇ بولسۇن، ئۈلۈپ قالماسمەن، ۋاي ماقۇل، مەن ئۇنىڭغا تىگەي، تويغا تەييارلىق قىلىڭلار› دەپ مەجبۇرىي دىگۈزگەن ئىدىم، بىچارە قىزىمغا شۇچاغدا ئۇنى ئاشۇ ئاچامغا كەنجى كېلىن قىلىپ بېرىش ئۈچۈنلا، شۇ رېقىپجانغا خوتۇن قىلىپ بېرىش ئۈچۈنلا، ئون سەككىز يىل يىمەي يىگۈزۈپ، كېيمەي كېيگۈزۈپ، كەپتەرنىڭ باچكىسىدەك ھېقىل تىلىمدىن ياندۇرۇپ باققان قىزىمغا بەك كۆپ ئۇۋال قىلغان ئىدىم، شۇ قىلغانلىرىم ئۈچۈن بىچارە قىزىمغا ھېلىمۇ ئىچىم كۈيىدۇ،- ئاناڭ مېشىلداپ يىغلاپ كەتتى،  ھېلىقى تۇل خوشناڭمۇ غىپپىدە ئۈيىگە ماڭدى، ئاناڭ سۆزىنى داۋام ئەتتى،-رېقىپجان دىگەنمۇ مۇنداق قوش مۇبارەكلىگەن ئوغۇل بالا بولغاندىكىن «ماڭە، بېرىپ تويلۇققا بەرگەن پۇلنى ياندۇرۇپ چىق » دەپ ئاچام چىقارتسىمۇ ماۋۇ ئۆيگە كىرىپ «ئانام مېنى مۇنداق دەپ ئەۋەتتى، لېكىن، مېنىڭ ئادىلەمگە كۆڭلۈم بار، مەن بۇ توينى چوقۇم قىلىمەن، ئۇرۇق- تۇغقانلار ماڭا ھە-پە دىيىشىپ بېرىڭلار» دىگەن گەپنى قىلغان بولسىمۇ بۇ توي شۇ چاغدا يېنىپ كەتمەيتتى، ئادىلەممۇ ئۇ چاغدا تەگمەيمەن دەپ تۇرۇۋالمايتتى، بۇنى دىيەلمەي «بەرسەم يىمەيدۇ، تام تۈشۈكىدىن مارايدۇ» دىگەندەك، ئەمدى خەققە ئەھدى قىلىپ يانغىلى بولمايدىغان يەرگە بېرىپ بولغاندا بۇنداق قىلىپ يۈرگىنى نىمىسى ئۇ رېقىپجاننىڭ، ئالەم بۇ چاغ بولغاندا ئۆيگە تەھدىت سېلىپ تېلېفۇن قىلسا قانداق بولىدۇ ئەمدى…- سەن نىمىگىدۇر سىرتقا چىقىپ كىردىڭ،- ھە،…ماقۇل ئاكا،…ماقۇل، شۇنداق بولسۇن، ئەمىسە خۇدايىمغا ئامانەت …،- ئاپاڭ ئاستاغىنە تورۇپكىنى قويدى.
-نىمە بوپتۇ؟- سورىدىڭ ئاناڭدىن.
-ئاكام ئاخشام ئاچامنىڭ ئۈيىگە بېرىپتۇ. رېقىپجاننىڭ تەھدىت سېلىپ تېلىفۇن بەرگەنلىكىنى ئېيتىپ ئاچامنى:« نىمىشقا سەن بالىلىرىڭنى باشقۇرالمايسەن؟ نىمە قىلغىنى ئۇ رېقىپجان دىگەن كالۋانىڭ؟» دەپ ئۇنى تىللاپتۇ. ئەمما، رېقىپجان بۇنى تەن ئالماپتۇ، مەن ئۇلارغا ئۇنداق تېلېفۇن قىلمىدىم دەپ تۇرۇۋاپتۇ. « سەن قىلمىساڭ كىم قىلىدۇ؟ نىمىشقا بۇنداق تېلېفۇندىكى تەھدىت تېلېفۇنى ئىلگىرىمۇ ، كېيىنمۇ ئەمەس دەل ئادىلەمنى خەققە ئەھدى قىلىپ بېرىپ تويى بولغىلى قوپقاندا  كېلىدۇ ئەمىسە؟ سەن خەق يا تەييار پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇشالمايسەن، يا ئەمدى كۈتۈڭنى غىت قىسىشالمايسەن» دەپ ئۇلارنى تىللاپتۇ، لېكىن، رېقىپجان تەن ئالماقتا يوق، ئاكامغا گەپ ياندۇرۇپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاكام ئۇنى بىرنەچچە شاپىلاق ئۇرۇپتۇ. ھەممىسى ھۈ تارتىشىپ يىغلىشىپ كەتكەن ئوخشايدۇ، ئاچام ؛« ئەينى چاغدا مەن بەزىبىر ئىگىز-پەس گەپ- سۆزلەرنى ئاڭلاپ قېلىپ ئاچچىقىم كېلىپ تۇرغاندا ئادىلەم ‹يەنە بەش يۈز كوي بەرسۈن› دەپ گەپ ئەۋەتىپتىكەن، ئاچچىقىمدا شۇنداق قىلىپ ساپتىمىكەن، نىمە دەپ ئۇنداق قىلغان بولغىيدىم، ئەينى چاغدا مەن بەش يۈز كويغا پايلىمىغان بولسام مانا ئەمدى مەن ئۇنىڭغا يەنە بەش مىڭ بەش يۈز كوي قاتاي، ئۇرۇق-تۇغقانلار ھەممىڭلاربىر بولۇپ ئادىلەمنى كۆندۈرۈڭلار، مەن پاتەملەرگە چاي قۇياي، پۈتۈن چوڭ ئۆي ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق بولۇپ ئايرىلغان يەرلەرنىڭ ھەممىسىنى مەن رېقىپجانغا قالدۇراي› دەپ بەك جىق سۆزلەپ يالۋرۇپ كېتىپتۇ.
-سىز بايام نىمىگە ماقۇل دىدىڭىز؟
-ئاكامنىڭمۇ ئويى شۇكەن، ئادىلەمگە سۆزلەپ باققىن دەيدۇ.
-كېچىكتى،- دىدىڭ سەن كەسكىن ئاھاڭدا،- تۇغقانكەن دەپ بىر قېتىم مەيلى دىگەنتىم، ماقۇل دىگىنىمگە غىق تويغۇزدىيا ئۇ خەق، قاراپ تۇرۇپ تويغا بارغاق تارقىتىپ بولۇپمۇ يېنىۋالامدا، ئۇغۇل بالا دىگەن ھەرقانچە ئاسمان بېسىۋالدىغان ئىش بولسىمۇ بىر قېتىم چىدىۋەتكەن بولسا بۇ چاغقا باشقىچە ئىش بولاتتى، ئۇنداق قىلماقتا يوق، تېخى ئۇلارنىڭ بىزگە قىلغان ئازارى ئازمۇ، تۈكۈرگەن تۈكۈرۈكنى ئېغىزىغا ئالغىلى بولمايدۇ، ئەمدى مۇمكىن ئەمەس.
-لېكىن، مىڭ قىلغان بىلەن ئۇ مېنىڭ ئاچام، ‹تۇغقان دىگەننىڭ بېغى بەك› دىگەن گەپ بار، ئابلائاكاممۇ ھايات چېغىدا ساڭا بەك ئامراق ئىدى، دۇختۇرخانىدا ياتقان چاغلىرىدىمۇ سەن ئۇنى بېقىپ كۆپ رەھمىتىنى ئالغان ئىدىڭ، ئۇنىڭمۇ سېنىى كېلىن قىلغۇسى بار ئىدى، ئۇ ئۆيىدىكىلەرگىمۇ شۇنداق ۋەسىيەت قىپتىكەن، شۇڭا، ئاچام بۇ قېتىم ئۇنمىڭ كويلۇق تويلۇق ئالاي دەپتۇ، مەنمۇ ئونمىڭ كويلۇق تويلۇق ئالاي، يىگىرمەمىڭ كوي خەجلىسەك سەن بىلەن ئالتۇن بىلەن يۆگىلىپ كېتىسەن، تېخىمۇ ھۆرمەتلىك كەنجى كېلىن بولىسەن…
-مەن ئالتۇن ئۈچۈنلا ئەرگە تېگەمتىم؟
-ئالتۇن دىگەنمۇ قىز بالا دىگەنگە بولمىسا بولمايدۇ.
-ئالتۇن ئۈچۈنلا ئەرگە تېگىدىغان ئىش بولسا مېنى ھېلىقىغا بېرىڭ ئەمىسە، ئۇ ماڭا «ساڭا خاس يىگىرمە مىڭ كويلۇق ئالتۇن، يەنە يىگىرمە مىڭ كويلۇق كىيىم-كېچەك  ئالىمەن… سېنى پادىشاھنىڭ مەلىكىلىرىدەك ياسىۋېتىمەن… بارلىقىم سەن ئۈچۈن، مەن پەقەت سەن بىلەنلا مەن، پەقەت سەن بىلەنلا ئەركەكمەن› دەپ بىز دەسلەپ گەپلەشكەن چاغدىلا شۇنداق دىگەن…- سەندە شۇچاغدا ئاناڭنىڭ چىراي ئىپادىلىرىگە دىققەت قىلغۇدەك ھىممەت يوقالغان، ئۇنىڭ ئورنىنى قىزلارچە بىرخىل شەرم- ھايا تويغۇسى ئىگەللىگەن، خىجىللىقتىن چىرايىڭنىڭ قىزارغىنىنى ئۈزۈڭ تۇيغان ئىدىڭ، سەن يەرگە قاراپ تىرنىقىڭنى تاتىلاپ ئۇلتۇرۇپ كۆزلىرىڭنى يۇمۇۋالغان ئىدىڭ.،
-ئۇنىڭغا راستلا كۆڭلۈك بارمۇ؟-ئاناڭ كۈيۈنگەن تەلەپپۇزدا سېنىڭ قولۇڭنى تۇتۇپ تۇرۇپ سورىدى. سەن سەن ئاناڭغا لەپپىدە قارىۋېلىپ ئاندىن يەنە يەرگە قاراپ تىرنىقىڭنى تاتىلاپ باش لىڭشىتتىڭ.
-ئۇ سەندىن چوڭ، بىر قېرى گاداي  تۇرسا…
-چوڭلۇقىنى ئۈزى كۈتۈرىدۇ، نىمە بولسا مەيلى، ناھايتى ئون نەچچە ياش چوڭ شۇ.
-قىزبالا دىگەن ئۆزىدىن چوڭغا تەگسە تىز چۈشۈپ قېرىپ كېتىدىغان گەپ …
-مەن نىمە بولسام مەيلى ئىدى… ھەركىم ئۆزىنىڭ پىشانىسىدىكىنى كۈرىدۇ، ئىشقىلىپ، ئۇ مېنى خۇشھال قىلالايدۇ، بەختلىك قىلالايدۇ،- ئىچ-ئىچىڭدىن قاپساپ چىقىۋاتقان بىر يىغىنى بوغۇزۇڭدىن تەستە يۇتۇۋېتپ تۇرۇپ ئاناڭغا تىكىلىپ قاراپ دىدىڭ، ئاۋازىڭ تىتىرەپ چىقتى.
-بالام، ئۇ دىگەن ئاكامنىڭ ئوغلى ئەلشىردىنمۇ چوڭ ئادەم تۇرسا…
-ئۇلارئىككىسى ئوتتۇرا مەكتەپتە بىر سىنىپتا ئوقۇپتىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنى ئۇ ئاكىڭىزنىڭ ئوغلىغا سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ.
-جىق گەپ قىلمىغىنە سەن، نىمىشقا سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ ئۇنى؟ئۇ ناھايتى بىر دادىسى يوق يىتىمەك گادايغۇ؟
-دادىسىزلىق ئۇنىڭ گۇناھى ئەمەس، ئۇ دىگەن ناھايتى ئەدەبلىك ھەم بىلىملىك، توغرا-خاتانى، گۇناھ- ساۋابنى  ئوبدان بىلىدۇ ھەم  بىلگىنىگە ئەمەل قىلىدۇ، ئاكىڭىزنىڭ ئوغلىچۇ، مەكتەپتىكى يىڭى كەلگەن ھېلىقى پالانچى خانىم بىلەن مۈكۈشمەك ئويناپ يۈرگىنىنى ھەممە بىلىدۇ، ئۇ ھېلىمۇ تېخى ئاشۇ تاماشىلىرىدىن قول ئۈزەلمەي يۈرىدۇ. خوتۇنى، بالىسى بار تۇرسا ئۇنىڭ، تېخى خوتۇنى ئۇنى كۈنلىگىنى ئۈچۈن ئۇرۇپ قاش- قاپاقلىرىنى كۈكەرتىپ قويغىنىنى سىز ئۇقمامسىز؟ ئۇ خۇتۇنىنى ئاشۇنداق ياقا يۇرتلۇق بىچارە كۈرۈپ بوزەك قىلغىنى بىلەن ئۇنىڭمۇ بىر قىزى بارغۇ، كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇنىڭ قىلمىشلىرى ئۇنىڭ قىزىغا يېنىپ قالمىسا مەيلى ئىدى…
-ئاغزىڭنى ئۇۋىلىۋېتىمەن ھېلى بىكار سېنىڭ، ئاشۇ توخۇنىڭ قوڭىدەك ئانىسىغا گەپ ياندۇرۇپ توختىماي موتۇلدىغان ئاغزىڭنى… ئوغۇل بالا دىگەن ئاشۇنداق ئوينايدۇ ئاينا، ئاكام ئوغۇل بالا دەپ تاپقاندىكىن ئوينايدۇ ئاشۇنداق، ئوينىسا سېنى ئوينىمىغاندىكىن نىمە كارىڭ سېنىڭ؟ ئۆزەڭنى بىل ئۆزگىنى قوي دىگەننى ئۈگىتىپ قويىمەن ھېلى بىكار ساڭا …-بىر ئوبدان ئۇلتۇرغان ئاناڭ بىردىنلا پەيلىنى بۇزۇپ چۈجىلىك توخۇدەك ھۈرپىيىپ كەلدى.
–ئەمىسە بارغۇ، ‹ئۆزەڭنى بىل، ئۆزگىنى قوي، ھوي تاز، قوڭۇڭنى قىس، يولۇڭغا ماڭ› دىگەننى بىلسىڭىز سىزمۇ ئۇبدان ئاڭلاڭ، مەن ئالتۇن ۋە تويلۇق ئۈچۈنلا ئەرگە تەگمەيمەن. سىز مېنى ئۆز رايىمغا قويمىغاندىكىن، قارىمنىڭ دادىسى بولغان ئاخۇنۇمنى سىز بىلەن يېقىن ئۆتىدۇ، شەرىئەت ھەم تەرىقەتتىن بىلىمى بار،  شۇڭا، ئانامنىمۇ يەرگە قاراتماي، ئۆزەمنىمۇ خار قىلماي، قولمۇ، زىخمۇ كۆيمىۇن، ئىشەكمۇ ئۆلمىسۇن ھارۋىمۇ ئۆرۈلمىسۇن دەپ، ھېچبولمىسا ئاخىرەتلىكىمگە پايدىسى يېتەر دەپ  قارىمنى ئىلمى ۋە ئەقىدىسى ئۈچۈن تاللىدىم، ئۇنى مەن ئانچە بەك چۈشىنىپ كەتمەيمەن بولمىسا… ھېلىقى تايىنى يوق رېقىپجاندىن يېنىشقاندىن كېيىن ئۇنىمۇ سىز تۇنۇشتۇرۇپ تەۋسىيە قىلغانغۇ؟  ناۋادا ئەينى چاغدا مېنى ئۆز رايىمغا قويغان بولسىڭىز ئۇنىڭ بىلىمىمۇ، مېنى باققۇچىلىك پولىمۇ بار، ھەممىدىن مۇھىمى، ئۇنىڭ ماڭا بولغان تەڭداشسىز مۇھەببىتى بار ئىدى، مەن بۇدۇنياغا قىز بولۇپ توغۇلۇپ ماڭا ئۇنىڭدىنمۇ بەك كۈيىدىغان يەنە بىرىنى تاپالمايمەن، ئۇ شۇ ناھايتى مەندىن سەل چوڭ ئىدى. ئۇنى چوڭ كۆردىڭىز ئاينا،  ئاشۇ رېقىپجان دىگەن دۆشىنى كۆرمەك تۈگۈل، ئىسمىنى ئاڭلىساممۇ ئاچ قورسىقىم تۇيۇپ قالىدۇ مېنىڭ، يا بىر بىرەر ئىغىز تاتلىق گېپى بولمىسا ئۇنىڭ، يا بىر نەچچە موچەنلىك ئەقىدىسى بولمىسا، ئون مېتر نېرىدىن مەينەتچىلىك پۇراپ تۇرىدىغان ھالىتىگە تېخى نىمە دەرمەنا، ئەمما، شۇ سىزنىڭ رايىڭىز ئۈچۈنلا ئامالسىز ئاخىرى «ئۇنىڭغا بىرتىگەي، ئۈلۈپ قالماسمەنا، ئۆلۈپ قالسام جان خۇدانىڭ » دەپ ماقۇل بولۇپتىم، ئاينا قىلغان ئىشى، تۆت يېرىم مىڭ كويغا قانچىلىك بىرنىمە كېلىتتى بۇكەمدە، تويلۇقنى يا ئۈزى ئالسۇن، يا تويلۇق تۇلىنى بەش مىڭ كوي تولۇق قىلسۇن دېگىنىم شۇنچە يامان گەپمىدى مېنىڭ، ئالتۇننىڭ گرامى ئۈچ يۈز مانچە كوي تۇرسا،… تېخى ئۇنىڭ خىجىلمۇ بولماي ئاشۇ ئىككى-تۆت تال پۇلىنى ئەكىتىپ ئەلكۈننىڭ ئالدىدا توينى بىكار قىلىۋەتكەنلىرىنى  سىز ئۇنتۇغىنىڭىز بىلەن مەن تېخى ئۇنتۇپ قالمىدىم. ئۇنداق قىلىشنىڭ ئۇرنىغا يانچۇقتا بار پۇل مۇشۇ ئىدى، كېمىنى كېين تولۇقلاپ بىرىلى دەپ گەپ سۇنغىلىمۇ يارىمىدۇقيا بىز ئاينا، تېخى ئاتايىن ئۇزاتقىلى يولغىچە چىقسا كەينىگە قاراپ خۇش دىگىلىمۇ يارىمىغاندۇ. باغاقلىنى تارقىتىپ بولغاندا يېنىۋالسا مەن ئەلكۈننىڭ ئالدىدا خاپا بولمىدىمما؟ شۇ چاغدا بارغاقلىنى تارقىتىپ بولغاندىكىن بىر غېرىچ قالغاندا توشقان تېرىسىچىلىك چىدىۋەتكەن بولسا بىر ئاي رامىزاندا سوھۇرلۇق، ئىفتارلىققا تاماقلىرىنى ئېتىپ، ئەتىگەن كەچتە مەدىكار بولۇپ خىزمىتىنى قىلىپ، خوتۇن بولۇپ ھاجىتىدىن چىقىپ، كۈزدە پاختا تەرگىلى چىققان بولساق ئىككى- ئۈچ ئايدا ئىككىمىز توققۇز-ئون مىڭنى تېپىپ كېلەر ئىدۇق، ئۇلارنىڭ تويلۇققا خەجلىگەن پۇلىنى ئاشۇ ئىككى ئايدا مەن ئۆزەم يالغۇز تېپىپ قايتۇرۇپ بەرسەم ئۇندىن كېيىن مەن ئۇلارغا گۇگۇتنىڭ تېلىدىنمۇ ئەرزان مۇت مەدىكارلىققا قالماسمىدىم، بۇ چاغقىچە قورساقلىرىم تومپىيىپ، ئالدىرىسام بۇ چاغقىچە بىرەرنى تۇغۇپ بېرىپ بولار ئىدىم… رېقىپجان دىگەن بىرنىمە تارقىتىپ بولغان بارغاقنى ياندۇرۇۋېتەلەيدىغان نوچى بولغاندىكىن ئاۋۇ لەيلەيخانىلارغا بىرەر قىتىم بېرىپ باقسۇنچۇ، بىر دەملىك ھۇزۇر ئۈچۈن خەق ئۇنىڭ يانچۇقىنى قانچىلىك قۇرۇقداپ قويىدىكىن… ئەمدى كېلىپ يەنە شۇنىڭغا تەگ دىسىڭىز، تۈكۈرگەن تۈكۈرۈكنى ئېغىزغا ئالغىلى بولمايدۇ،  ئۇ مۇمكىن ئەمەس…
-مۇمكىن ئەمەس دەيدىغانغا ھەددىڭ ئەمەس!
-ھەددىممىكىن ياكى ئەمەسمىكىن، ۋاقتى كەلگەندە كۈرەرمىز…
-مەجبۇرلىسام نىمە قىلىسەن؟
-دەپ بەرمەيمەن تازا.
-ئۈلۈۋالىسەن؟
-ھەئە.
-ئاپىرىپ كۈمۈپ قۇيۇۋېرىمەن، بىزنىڭ مازارلىق ئازادە، دوڭ كەڭرى، شامگۆردىن نەچچىنى ئارتۇق كولاپ قويۇقلۇق، ماڭا غەم يق. ھېلىقى رەيھان دىگەن ئادىشىڭنىڭ سىڭلىسى لەيلىگۈلنىمۇ ئاپىرىپ يەتتە كەتمەن تۇپىنىڭ ئاستىغا كۈمۈپ قويدى، ئاينا، بىلىدىغانسەن ئۇنى.
-مەن ئۇنداق يوقىلاڭ ئىشلار ئۈچۈن ئۈلۈۋېلىپ دەۋزىخى بولغۇم يوق. قېچىپ كېتىمەن، ئۈيىڭىزدىن چىقىپ كېتىمەن، خەققە تويلۇقنى تازا ئالغۇزۇپ يۇشۇرۇن نىكاھ ئوقۇتۇپ ئولتۇرىۋىرىمەن، قورسىقىمنى دومبايتىپ بىر-ئىككىنى تۇغۇۋېتىپ ئاندىن ئۈزەمنى ئاشكارىلايمەن، قېنى قانداق قىلىسىزكىن.
-ۋاي سەندەك بىرنىمىلەر نەگە بارالايتتىڭوي؟ پۇت-قولۇڭنى چۈشەپ قويىمەن.
-قولىڭىزدىن كەلگىنىنى قىلىپ بېقىڭ، نەگە بارالايدىغانلىقىمنى تېخى بىلمەيسىز، نى- نى يەرلەرگە كېتەلەيمەن، تېخى باشقا چاغدا ئەمەس، ئاشۇ توي كۈنى نىكاھ ئوقۇتۇشتىن سەل بۇرۇن قاچىمەن، سىزنى ئەلكۈننىڭ ئالدىدا باش كۈتۈرەلمەس قىلىۋېتىمەن.
-ھېلىقى مۇئەللىم دىگەن شۇرۋىچى گۇينىڭ قېشىغا قاچامسەن؟
-ھازىرچە نەگە كېتىشىمنى دەپ بەرمەيمەن دىدىمغۇ مەن.
-ئۇنىڭ ئۈيىنى تاپالمامتۇق بىزوي؟ تويغۇزۇۋېتىمىز ئۇنى…
-ھە شۇنداق قىلارسىز يا… قېنى ۋاقتى كەلسۇنچۇ؟
-ۋا…ي، چاخچاق قىلىپ قويدۇم، بالام، جاتىرجەم بول، مەن سەن تەرەپتە تۇرىمەن، سېنىڭ رايىڭغا قارايمەن،- ئاناڭ بولۇتلۇق ئاسماندەك لىپپىدە ئېچىلدى.
-داداممۇ مەن تەرەپتە تۇرىدۇ.
شۇئارىدا ئاناڭنىڭ يانفۇنى غەزىلىنى باشلىدى. ئۇ تېلېفۇننى ئېلىپ تاشقىرىقى ئۆيگە چىقىپ كەتتى. ئۇ سىرتتا ئۇزۇن پاراڭلاشتى. ئاڭغىچە سەن جاي سېلىپ ئۆزەڭنى تاشلىدىڭ. سىڭلىڭمۇ خوشنىلارنڭ ئۈيىدىن كىرىپ ئاناڭنىڭ يوتقىنىغا كىردى. ئاپاڭ نەگىدۇر يول ئالدى. سىڭلىڭ يېنىك خورەككە چۈشتى. سەن ئۆيدە يالغۇز قالدىڭ. تۇرۇستا چاشقانلارنىڭ كىتىرلىغان ئاۋازلىرى دىققىتىڭنى چېچىپ تۇرىدۇ. سەن ئاستا ئورنۇڭدىن تۇردۇڭ. ئۇنىڭغا تېلېفۇن قىلماقچى بولدۇڭ. ‹كەچۈرۈڭ، سىز ئۇرغان تېلېفۇن ئېتىك ئىكەن…› سەن تورۇپكىنى قويدۇڭ ۋە ئاستا كۆزۈڭنى يۇمدۇڭ. ئىشىكنىڭ تىرىقلىغان ئاۋازلىرىمۇ سېنى ھاياجانلاندۇرىدۇ، ئاناڭنىڭ نەگە بېرىشلىرى ساڭا ئايان، بەلكىم ئۇنى ھېلىقىسى نەگىدۇر تەكلىپ قىلغاندۇ… سېنىڭمۇ كۈزۈڭدىن ئويقۇ قاچقان، پەقەت يەتتە ياشلىق سىڭلىڭلا يىنىك پۇشۇلداپ ئويقۇغا كەتكەن. خىيالىڭدا ئۈچ كىشى تەڭلا چۆرگىلەيدۇ. بىرى قايمىقىڭنىلا شۇرىماقچى، لېكىن، ئۇ جايىنى تېپىپ بولغان… بىرى سېنى نىكاھىغا ئالماقچى، يەنە بىرى يىراقتىن ساڭا قولىنى سۇنىدۇ، سەنمۇ ئۇنىڭغا داپشىنىسەن، ئەمما، ئارىلىقتا ئۆتكىلى بولمايدىغان يوغان بىر توسۇق سىلەرنى ئايرىپ تۇرىدۇ. تېلېفۇن ئۇشتۇمتۇت سەت چىرقىرىدى، خىيالىڭ بۈلۈندى، ئالدىراپ بېرىپ ئۇنى ئالدىڭ.
-ۋەي، كىمۇ؟- تېلېفۇندىن قوپالغىنە بىر ئاۋاز ئاڭلاندى.
-كىمگە ئالغانتىڭىز؟-دىدىڭ سەن .
-سىزگە ئالغان…
-ئەمىسە كىمۇ دەيسىزغۇ؟
-ئەمىسە نىمە دەيمەن؟
-ئاۋۇ ئاينا غوجام، تېلېفۇندا گەپ قىلىشنى ئۈگىنىپ بولۇپ ئاندىن تېلېفۇن قىلسىلا ، بولامدا؟
-ئاۋۇ ئاينا، خېنىم، گەپ قىلىشنىغۇ خېلى ئوبدان بىلىتتىم، ئوتىڭىز يامانكەن، ئۈنىڭىزنى ئاڭلاپ بولغىچە ھۇشۇمنى يۇقىتىپ نىمە دىيىشىمنى بىلەلمەي دەيدىغان گېپىمنى ئۇنتۇپ قالدىم ئاينا.
-مېنىڭ ئوتۇم تېخى ئوچىقىمدا دەپ قويسىلا، ماقۇلما؟
-سېلىنىڭ ئوتلىرىدا ماۋۇ يۈرەكتە چۆگۈن قىينىغىلى تۇردىيا، ئاينا…
-ھەرقانچە داشقازان قايناپ كەتكەن بولسىمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئىشى، غوجام، سىلىگە دەپ قوياي، بىرەرسى سوراپ قالسا سەۋزىدىن خەۋەرسىز گۇرۇچ دەم يەپ قاپتۇ دىسىلە…
-ئۇنداق ئەمەستۇ.
-مەن پات ئارىدا توي قىلىمەن… مېنىڭ بېشىم باغلاقلىق.
-تېخى بىرسى سىزنى يېنىشىپ كەتتى، بېشى ئۇچۇق دەپ گېپىڭىزنى قىلىپ بېرىپتى، شۇڭا، تېخى سىز بىلەن بىر كۈرۈشۈپ باقسام دىگەن ئويدا تېلېفۇن قىلغان گەپتى، ئاينا.
-سىز مېنى تۇنۇمسىز؟
-تۇنۇمىساق تۇنۇشارمىز،  سىزنى بەك چرايلىق دەپتى، كۆرمەيلا كۈيۈپ يۈرۈپتىمەن، بولمىسا ئۇنىڭدىنمۇ يېنىشىپ كېتىڭە، مەنلا ئالاي سىزنى، مەنمۇ ئانچە سەت ئەمەس.
-ئونداق قىلمايلىيا ئەمدى…خۇدايىم سىزگىمۇ…
-ئېلىپ قوياي دىسە تېخى ناز قىلغىنىنى … ئەر ئالمىغان پاسماق جالاپ…- دەپ ئۇشتۇمتۇت تىل سالدى قارشى تەرەپ.
-جالىپىڭنى تېپىپ جالاپ دەۋال، ھۇ، شۇرۋىچى،… ھېجىقىز،… قوڭچى… ئاقچى- كۆكچى …- سەنمۇ بوش كەلمىدىڭ، ئېغىزىڭنى قويۇۋېتىپ بىرمۇنچە تىللاپ بولۇپ توختىغىنىڭدا تېلېفۇن تورۇپكىسىدىن تىرت-تىرت قىلغان ئاۋازنى ئاڭلىدىڭ.…
-قويۇۋېتىپتۇ دىسە، ھۇ، ھارامدىن تۈرىلىپ قالغان گۇينىڭ بالىسى،- دەپ بىرمۇنچە تىللاپ توختىدىڭ، ئىچىڭ بوشايدىغان ئەمەس… ‹ئاشىقىڭ› غا تېلېفۇن قىلدىڭ، يەنىلا ئېتىك بولۇپ چىقتى، لايىقىڭغا تېلېفۇن قلدىڭ، ئۇمۇ ئېتىك بولۇپ چىقتى، قولۇڭ باشقا بىر نومۇرغا يۈگۈرۈپ كەتتى-يۇ، تورۇپكىنى قويۇۋەتتىڭ،- ئانامنىڭ ئۇيۇنى قاچان تۈگەيدۇ، ئۇنى بىلگىلى بولمايدۇ، بۇ ئادەم تېلېفۇنىنى ئەتمەيدۇ، ناۋادا ئۇ مېنىڭ ئۆيدە يالغۇزلۇقۇمنى بىلىپلا قالسا ئون مىنۇتقا قالماي بۇيەرگە ئۈنۈپ بولىدۇ،  ئانام قايتىپ كېلىپ بولغىچە نىمە ئىشلار بولۇپ كېتىدۇ، بۇ كىشىنىڭ خوتۇنىغا بىرەر ئېغىز يالغان ئېيتىپ ئۆيدىن چىقىشى دىگەن ئاسانلا ئىش تۇرسا… سىڭلىمنىغۇ بار دىگەندىمۇ ئۇ ئۇيقۇسىنى ئۇخلاۋەرسە… كېچە بىرچاغ بولدى … بۇنداق چۈغدا ئەر كىشى دىگەنگە ئامالسىز قالىدىغان ئىش بولۇپ قالسا… ئۇ چاغدا قانداق قىلىمەن،… يەنىلا يوتقانغا كىرىپ كۈزۈمنى يۇماي،- سەن قولچىراقنى ياندۇرۇۋېلىپ ئاندىن بېرىپ ئاستاغىنە توكنى ئۈچۈردۈڭ ۋە كۈزۈڭنى يۇمدۇڭ، لېكىن،  ئۇيقۇ يوق، سەن بىردىن تارتىپ مىڭغىچە ساناپ چىقتىڭ، لېكىن يەنىلا ئۇخلىيالمىدىڭ. …‹ئۇ ھازىر نىمە قىلىۋاتقاندۇ؟ بىچارە ، ئامالسىز ئاخىرى يەنە ئاشۇ ھازازۇل خوتۇنى بىلەن يارىشىپ قالدى، ئانام قوشۇلغان بولسا چوڭ بولسىمۇ، بالىسى بولسىمۇ مەيلى دەيتتىم، … بەلكىم ئۇ بۇ چاغقىچە ئۇخلاپ قېتىپ كەتكەندۇر… ۋە ياكى… بولدىلا، لەيلىگۈل دىگەن بۇ قىزبالا نىمىشقا چاشقان دورىسى يەۋالغان بولغىيتى، تېخى ئاران ئونبىر ياشقا كىرگەن تۇرسا، نىمىشقا ئۈلۈۋېلىش يولىنى تاللىغاندۇر…› سەن بۇ ئىشنى ئاشىقىڭغا ئېيتقىنىڭدا ئۇ بۇ ئىشنى غەلىتىلا تەھلىل قىلغان ئىدى…
-قانداق قىز ئىدى ئۇ، سەن بىلەمسەن؟-دەپ سورىغان ئىدى ئۇ.
-ساختىپەز، قويمىچى، لېكىن، بەك چىرايلىق قىز بالا ئىدى، مەن قىزبالا جېنىمدا ئۇنىڭ كۆزلىرىگە قاراپ- قاراپ قالاتتىم.
-سەنمۇ ئاشۇنداق ئۇز ئەمەسمۇ، ئەمدى بۇ نىمە دېگىنىڭ؟ سەن ئۇنى تىللاۋاتامسەن ياكى ماختاۋاتامسەن؟
-مەنمۇ شۇنداق بولغىنىم بىلەن ئۇقىزنىڭ ئالدىدا ھېچنىمە دەڭە، ئۇ مەنچىلىك 17-18  ياشلارغا كىرسە قانچىلىك ئوغۇللارنى داغدا قويار ئىدىكىن-تاڭ، لېكىن، ئۇ قىز ئىككىنچى سىنىپتا ئوقۇۋاتقاندا مېنى تازا قاملاشتۇرۇپ بىر ئالدىۋەتكەن ئىدى.
–قانداق ئالدىغان سېنى؟
-مەن سىزگە ئۆيدىن يەرلىك تۇخۇمدىن بەشنى ئەكىلىپ بېرىمەن، ماڭا بەك زۈرۈر پۇل لازىم بولۇپ قالدى دەپ مەندىن ئىككى كوي پۇل ئالغان، نەدىكىنى، ئۇ تۇخۇم مانا ھازىرغىچە يوق دەڭە، بۇ قويمىچىلىق ئەمەسمۇ؟
-ئۇنى ئۆزەڭدىن كۆر، ناھايتى ئىككى كوي پۇل ئۈچۈن خەقنى قويمىچى دەپ ئەيىپلىسەڭ بولمايدۇ،-دە.
-ھە، ماقۇل، دېگىنىڭىزدەك بولسۇن،  پەرىزىمچە، ئاتا- ئانىسىنىڭ قول ئىلكىدە يوقراق، دىمەكچى بولغىنىم ئۇنىڭغا پارچە- پۇرات جەج- خىرات ئۈچۈن ئانچە كۆپ پۇل بەرمىسە كېرەك ، بولمىسا ئۇنداق ئازغىنە پۇل ئۈچۈن ئىشلارنىمۇ قىلماس ئىدى.
-دىمەك، ئۇ خەقلەر بەرگەن پۇلغا كىچىكىدىنلا كۆنگەن گەپ…
-ئىھتىمال…
-سەن ئۆزەڭنى ئۇنىڭ ئورنىدا قويۇپ ئويلاپ باققىنە، تېخى ئون بىر ياشقا كىرگەن ئاشۇنداق بىر كىچىك قىز قانداق ئەھۋالدا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالار؟
-ئۇ راستلا باشقىلار تەرىپىدىن بوزەك قىلىنغانمىدۇر؟
-مەنچە شۇنداق، ئاشۇنداق بىر ئىشلار بولغان بولۇشى مۇمكىن، بولغاندىمۇ بىر قېتىملا ئەمەس، شۇنىڭ بىلەن كۈنلەر ئۆتكەنسىرى ئۇنىڭ گۇناھ ۋە خورلۇق تۇيغۇسى ئۇنى ئاشۇنداق بىر پاجىئەگە سۆرەپ بارغان بولۇشى ئېھتىمالغا بەكمۇ يېقىن…
-ئۇ تېخى بىر نەچچە كۈن بۇرۇن چوڭ ئانىسىغا :«مەن ئۈلۈپ قالسام مېنى كۆرگۈڭىز كېلەمدۇ» دەپتىكەن، ئۇچاغدا ئۇ ئايال:«بالام، سەن تېخى كىچىك، خۇدايىم ئۆمرۈڭنى ئۇزۇن قىلار، ئۇنداق ئىشلارنى ئويلىمىغىن» دىگەن ئىكەن، يەنە تېخى :«ئادەم جۈمە كۈنلۈكتە ئۆلسە گۇناھى ئەپۇ قىلىنىدۇ دەپ ئاڭلىدىم، راستمۇ ئانىكا» دەپ سۇرىغان ئىكەن. ئۈلۈشتىن بىركۈن بۇرۇنقى بازار كۈنى بازاردىن ئاتايىن چاشقان دورىسى ئەكەپتىكەنمىش، ئۇ جۈمە كۈنلۈكتە دادىسى مەسجىدكە ماڭغاندىن كېيىن دورىنى ئۆيىنىڭ كەينىگە چىقىپ ئولتۇرۇپ يەپتۇ، بىردەمدىن كېيىن جۆمەكتىن سونى ئېغىزىغا ئېلىپ ئېغىزىنى چايقاپتۇ، ئاندىن قولىنى ئېغىزىغا تىقىپ قوسماقچى بولغان ئوخشايدۇ، لېكىن، قوسالماپتۇ، ئاشۇ يەردە جان تالىشىۋاتقاندا چوڭ ئانىسى كۈرۈپ قاپتۇ، ئۇ نەۋرىسىنىڭ ئېغىزىدىن كۈپۈكتەك بىر نەرسىلەرنىڭ بۇژغۇنلاپ ئېقىۋاتقانلىقىنى كۈرۈپ ئادەم چاقىرىپتۇ، لېكىن، ئۇچاغ دەل جۈمە ۋاقتى بولغاچقا ئەركىشى تېپىلماپتۇ، بىرچاغدا بىركىملەر يۈگۈرۈشۈپ كېلىپ ئۇنى ئېشەك ھارۋىسىغا سېلىپ كەنت دوقمۇشىدىكى دۇختۇرنىڭ دوختۇرلۇق دۇككىنىغا ئەكىلىشىپتۇ، دوختۇر ئۇنى كۈرۈپ :«بۇ قىز زەرھەرلىنىپتۇ، مەن ئالدىنى ئالالمايمەن، دەرھال دۇختۇرخانىغا ئاپىرىڭلار» دەپتۇ، ماشىنىغا سېلىپ يېزا دۇختۇرخانىسىغا ئاپىرىشىپتۇ، ئۇلار ئۇنى ناھىيىگە بۇيرۇپتۇ، شۇنىڭ بىلەن يولدا ئۇ نەپەستىن قاپتۇ. كېيىن ئۆيىدىكىلەر ئۇنىڭ كىيىمىنىڭ يانچۇقىدىن بىرۋاراق قەغەز ئۇچرىتىپتۇ، ئۇنىڭغا :«مېنىڭ ئۆلۈمۈمنىڭ ھېچكىم بىلەن ئالاقىسى يوق، ئوشۇق گۇمان قىلماڭلار، ھەممىڭلار مەندىن رازى بولۇڭلار»دەپ يېزىلغان ئىكەن…
-قارىغاندا، ئۇ قىز ھەممە ئىشنى بىر ئۆزى ئېلىپ كېتىپتۇ، ھەقىقىي ئەھۋالنى بىر خۇدا بىلىدۇ، … ئۇنىڭ مۇلاھىزىلىرى بەكمۇ قىزىقارلىق ھەم غەلىتە ئىدى، مەكتەپتىمۇ ئۇنى خەقلەر ساراڭ دەيتتى، دىمىسىمۇ ئۇ يالغۇزلا ماڭاتتى، يالغۇزلا ئولتۇراتتى، ئۇ ئانچە-مۇنچە ئارىلىشىدىغانلارمۇ ئانچە كۆپ ئەمەس ئىدى، لېكىن ئۇ خەقنىڭ ئۇنداق پاراڭلىرىغا پەرۋامۇ قىلىپ قويمايتتى، سەن ئۇ توغرىلىق سورىغىنىڭدا ئۇ كۈلۈپ كەتكەن ھەم:«مەن ئەزەلدىن باشقىلارنىڭ باھاسى ئارقىلىق ئۆزەمنى دەڭسىمەيمەن، خەق نىمىنى دېمەيدۇ، ئىت نىمىنى يېمەيدۇ» دىگەن ئىدى، … سەن شۇنداق تاقا-تۇقا خىياللار ئىچىدە قاچاندۇر ئۇخلاپ قالدىڭ. ئاللىكىمنىڭ موتۇتسىكىلىتلىق كېلىپ ئىشىكىڭنىڭ ئالدىدا توختىغىنىنى تۇيۇپ سەگەكلەشتىڭ، بىردەمدىن كېيىن ئاناڭ ئىشىكنى قاقتى، سەن تۇيماس بولۇپ ئۇزۇن ياتتىڭ، ئاندىن ئۇرنۇڭدىن تۇرۇپ كۈزۈڭنى ئۇۋىلاپ چىقىپ ئىشىكنى ئاچتىڭ.
-نەگە باردىڭىز ، ئالەم بۇچاغ بولغاندا؟-سورىدىڭ ئەسنەپ تۇرۇپ.
-سۇ بۈلۈمدىكى ئاۋۇ ھېلىقى سوجاڭ تېلېفۇن قىپتىكەن…-دىدى ئۇ ئۆيگە كىرىۋېتىپ.
-نىمە دەپ تېلېفۇن قىپتۇ ئۇ مىراپ بېگىم؟
-نەچچە كۈننىڭياقى ئاياغقا سۇ ئېقىغلىقكەن، ئەتە ئاشۋاقتى بىلەن سۇ توختايدىكەن، شۇڭا، باغدىكى يەرگە كېچىچە سۇ ئېچىپ بىرەي دەپتى، شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ ‹مەن يالغۇز، كېچىچە سۇلاغ قىلىدىغان ئەر كىشى يوق› دەپ ھال ئېيتىپتىم، ئۇ بىر ئادەم تېپىپ سۇلاغنى قىلدۇرۇپ بېرىدىغان بولدى…
-شۇنىڭ بىلەن سىز ئاتايىن بېرىپ ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئېلىپ كەلدىڭىز؟-سەن غۇدۇراپ قويۇپ يوتقانغا كىرىپ كۈزۈڭنى زورىغا يۇمدۇڭ.
-ئاۋۇ ئاينا، سەن ئاۋۇ مىت- مىت ئېغىزىڭنى يىغىپ كۈزۈڭگە ئۇخلىغىنە مۇنداق بىر، سەنمۇ ئوخشاش، سەنمۇ ئاينا باشقا بىرىنى ‹ۋاي، مەن سىزگە مەنسۇب، سىزگە تېگىمەن ئاينا، توينى پاتراق قىلساق بولاتتى ئاينا، دادىڭىز ئالدىرىمىدى ئاينا› دەپ گىلدىڭشىتىپ يۈرۈيسەن، يەنە ھېلىقى بىرسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىڭنى تېخى ئۈزەلمەيسەن، يا ئۇنى ئۇنتۇيالمايسەن، خاتا دىدىممۇ يا؟ ئىككىڭلارنىڭ ئىشلىرىنى مېنى بىلمەيدۇ دەمسەن! ئۇنىڭ بىلەن بولغان ھېلىقىدەك ئىشلىرىڭنىڭ نەدىن نەگىچە بارغانلىقىنى مەن ئوقالمامدىمەن، سەنمۇ تېخى توي قىلمىغىنىڭ بىلەن… ھىم… قىزلىقىڭنىڭ نەلەردە قالغىنى ئۆزەڭگە ئايان، قىزبالا دىگەننىڭ بىرنىمىسىگە يا قۇلۇپ سېلىپ قويغىلى بولمايدۇ ئاينا، … ماڭا نىمە ئامال، شۇڭا سېنى مۇنداق ۋاقتىدا بىر ئەرگە بېرىۋالاي، ئېرىڭ باشقۇرسۇن، نىمە ئىشى بولسا بولسۇن، كۈزۈم كۆرمىسۇن دىسەم يا بۇ ئىشلىرىڭ يۈرۈشكىلى ئۇنىمىدى، ئاۋۇ پۇق ساقال موللىمۇ يا سېنىڭ بېشىڭنى باغلىۋېلىپلا كىرپىدەك تۈگۈلۈپ سېلىنىۋالدى، بولمىسا سېنى بۇچاغقا قانداق قىلسام قىلىپ ئەرگە بېرىپ …ھە، ئەر كىشى دىگەن مانا، تويە تازا دەپ ئاشۇ…- ئاناڭ چېچىلىپ قالدى، سەن بولساڭ يوتقانغا بېشىڭنى پۈركەپ جىملا يېتىۋالدىڭ.
-مېنى بىلمەيدۇ دىمە، سەن ئۇنىڭغا بۈشۈكۈڭدىلا كۈيۈپ قالغانسەن، كۈيۈككە سۇ چېچىپ ئۈچۈرگەن بىلەن بەرىبىر ئونىڭ كۈلى قالىدۇ، قىزبالا دىگەن دەسلەپ قىزلىقىنى ئالغان كىشىسىنى ھەرگىز ئېسىدىن چىقارمايدۇ، سەندەك كۈيۈپ پىشىپ تۇرۇپ ئۆزى خالاپ قىلغان ئىش ئەمەس، ھەتتا مەجبۇرىي قىلىنغان بولسىمۇ شۇنداق بولىدۇ، سەن ئۇنى ھەرگىز ئۇنتۇيالمايسەن، ئەمما، مەن سېنى بەرىبىر ئۇنىڭغا بەرمەيمەن، بۇ مۇمكىن ئەمەس.
-مەنمۇ ئۇنىڭغا تېگىتتىم دەپ تۇرۇۋالمىدىيا ئاينا سىزگە…
-ماۋۇ گېپىڭ جايىدا، …راست، ئوڭلۇق قىزىم،- ئاپاڭنىڭ تەلەپپۇزى بىردىنلا پەسكۇيغا چۈشتى،- ئۇنىڭ ساڭا بولغان ئەقىدىسى زادى ھەرقانداق بىر ئايال زاتىنى تەسىرلەندۇرىدۇ. ئەمما، ئۇنىڭ ئاشۇ بالىسى بولمىغا بولسا نىمە بولسا بولسۇن دەپ سېنى ئۇنىڭغا بېرەتتىم، چوڭ بولسا چوڭلۇقىنى ئۈزى كۈتۈرەتتى. داداڭمۇ مەندىن كىچىك ئەمەس، قىز بالا دىگەن ئۆزىدىن كىچىك ئەرگە تەگسە خار بولۇپ قالىدۇ، ئەمما، ئۈچ-تۆت ياش، بوپتۇ، يەتتە-سەككىز ياش چوڭ بولسىمۇ نورمال بولىدۇ، بولدى، ئۇنىڭدىنمۇ چوڭ بولسىمۇ كۈزۈمنى يۇمۇپ مەيلى دەر ئىدىم، لېكىن، ئۇنىڭ ئاشۇ بالىسى تاقىشىدۇ… ھازىر بۇ گەپلەرنى دىيىشمەيلى، ‹قول قولنى يۇيسا قول قوپۇپ يۈزنى يۇيىدۇ › دىگەن گەپ بار، ئوماق قىزىم، سەنمۇ بەزىبىر ئىشلارنى كۆرمەسكە، ئۇقماسقا سالدىڭ، شۇڭا مەنمۇ سېنى ئۇنىڭ بىلەن تېلېفۇندا كۈرۈشۈشۈڭگە يول قويدۇم، بۇندىن كېيىنمۇ شۇنداق بولسا ياخشى، بولمىسا، ئىشقىلىپ مەندىن ياخشىلىق كۆرمەيسەن، مەنمۇ بۇ ئىشلارنى داداڭغا بېقىپ قىلىمەن، داداڭنىڭمۇ نۇرغۇن تۇمۇچۇقلىرى بار، ئۇنى سەن بىلمەيسەن، ئۇ خالىغاندا خالىغان يەردە كۆڭلىنى خوش قىلالايدۇ.
- بولدى سۆزلىمەڭ،  مېنىڭ بۇ ئىشلارنى بەك جىق بىلىپ كەتكۈم يوق.
-ھە، ماقۇل، ئەمىسە گېپىمىز گەپ - ھە؟- دىدى ئاناڭ ۋە يوتقانغا ئاستاغىنە ئۈزىنى تاشلىدى.
سەن قاچاندۇر كۈزۈڭنى غۇۋا ئېچىپ ئاناڭنى جاينامازدا كۆردۈڭ، شۇ چاغدا سائەت ئۈچ بولغان ئىدى. سەن ئۈستەل سائىتىگە قاراپ قويۇپ يەنە كۈزۈڭنى يۇمدۇڭ.
-توۋۋا خۇدايىم، چاتاق ئىشنى تېخى توختاتمىغان، تۈن يېرىمدا قوپۇپ ناماز ئوقۇپ گۇناھىنى تىلەشنى ھەم ئونتۇمىغان، قىزىق ئانامچۇ بۇ،- سەن يەنە كۆزۈڭنى يۇمدۇڭ، قاچاندۇ ئاناڭ سېنى ئويغاتتى. نۇرغۇن ئىشلاردا ساڭا قوپاللىق قىلىپ سالغىنى بىلەن سەھەرلەردە سېنى ھەم سىڭلىڭنى ئويغاتقاندا سەن ئۇنى پەرىشتىدەكلا سېزىسەن، ئاۋۋال ئۇ سېنىڭ دۈمبىلىرىڭنى ئاۋۋال يېنىك، بارا-بارا بېسىپ- بېسىپ سىلايدۇ، ئاندىن يېنىڭ قاشلايدۇ، ئاناڭنىڭ بۇ قىلىقلىرى ساڭا بەك خوشياقىدۇ، سەن ئۇخلاۋېتىپ ئۇنىڭ بۇ مېھرىبانلىقىدىن ئالەمچە ھۇزۇرلىنىسەن، ئاندىن يۈزلىرىڭنى يېنىك سىلاپ پىشانەڭگە يېنىش- يېنىشلاپ سۈيىدۇ، شۇنىڭ بىلەن سەن ئاستا كۈزۈڭنى ئاچىسەن، شۇنىڭ بىلەن ئاناڭ ‹قىزىم، ئۇرنۇڭدىن تۇرغىن، چاققان بول›دەيدۇ، بۈگۈنمۇ شۇنداق قىلدى، لېكىن، سەن بىردەم سۇنايلىنىپ يېتىۋالدىڭ. ئاناڭ ئۈچىنچى قېتىم سېنى چاقىرىپ ‹ئادىلەم، مۈرەڭدىكى شەيتىنىڭ كۈچلىنىۋالمىسۇن، قىزىم، دىككىدە تۇرۇپ كەت› دىگىنىدە سەن سوزۇلۇپ ئەسنىۋېلىپ:
-سائەت نەچچە بولدى؟-دىدىڭ ئاناڭغا ئەركىلەپ تۇرۇپ.
-يەتتىدىن ئاشتى، قوپۇپ بامدات ئۇقۇغىن ئەمدى،- دىدى ئاناڭ خېمىر يۇغۇرۇپ تۇرۇپ.
- نىمىشقا بالدۇرراق ئويغاتمىدىڭىز مېنى؟ تۈنۈگۈنكى دەرسلەرنى تەكرارلىمىغان ئىدىم، ئۇستازدىن يەنە تەنقىد ئاڭلايدىغان بولدۇم- دەپ غۇدۇڭشىدىڭ سەن.
-بىر ئوبدان ئۇخلاۋېتىپتىكەنسەن، ئويغاتقۇم كەلمىدى،-دىدى ئۇ.
ئەتىگەن ناشتا قىلىپ بولۇپ توك ھارۋىسىنى ھەيدەپ يولۇڭغا ماڭدىڭ. ئاشۋاقتى بولغاندا سەن قايتىپ كەلدىڭ، ئاناڭ ماياقدۆڭدىكى كېۋەزنىڭ ئاخىرقى تېرىمىنى تەرگىلى بارىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى. سەن ئالدىراپ تاماققا تۇتۇندۇڭ. خېمىرغا قولۇڭنى تىقىۋىدىڭ، تېلېفۇن ئەنسىز چىرقىراپ كەتتى، تۈنۈگۈنكى ساۋاقنى جايىدا تەكرارلاپ بىرەلمىگەنلىكىڭ ئۈچۈن ئەتىگەن ئاڭلىغان تەنقىدتىن كەيپىياتىڭ ئوسال ھالدا قايتقان ئىدىڭ، سەن بەرھال بېرىپ سول قولۇڭ بىلەن تۇرۇپكىنى قولۇڭغا ئالدىڭ،
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،-دىدىڭ سەن ئالدىراپ.
-ۋەي، سۈيۈملۈكۈمما؟-دىدى بوغۇق بىر ئاۋاز. دەقىق ئىچىدە بۇ ئاۋازنى كىملەرنىڭدۇ ئۈنىگە ئۇخشاتقۇڭ كەلدى، لېكىن ھېچكىمنىڭكىگە ئۇخشىتالمىدىڭ.
-كىمۇ سىز؟
-تۇنۇيالمىدىڭىزما مېنى؟
- ئۇچرىغانلا ئادەمنىڭ ھەممىسىنى تۇنۇۋىرەلمەيمەن مەن…كىم ئۆزىڭىز؟
-خېنىمۇي، ھەجەب خەقنى تۇنۇيدىكەنسىز-يۇ، بىزلەرنى تۇنۇيالمايدىكەنسىزيا؟
-مەن ئاشۇنداق نۇرغۇنلارنى تونۇيمەن، يەنە نۇرغۇنلارنى تونۇمايمەن، ھەركىم بولسىڭىز گېپىڭىزنى تاق- تاق دەڭە، قولۇم خېمىز يۇقى، قازانغا ياغ قۇيغان، ياغ قىزىپ ھېلى قازانغا ئوت كېتىدۇ بىكار…
-سىزنىڭ قازىنىڭىزغا ئوت كەتسىغۇ مەيلى، لېكىن، مېنىڭ ماۋۇ يۈرىكىمگە ئوت كەتكىلى نەۋاق، ئانچە مۇنچە سۇ چېچىپ سۇۋۇتۇپ قويايمۇ دىمىسىڭىز مەنمۇ كۈل بولۇپ كېتىمەن بىكار، ئۇ چاغدا ماڭا بەك ئوۋال قىلغان بولمامسىز؟
-ئۇنداق بولسا بۇ تېلېفۇننى خاتا ئېلىپ قاپسىز، مەن سىزگە ئوت كەتكەن يەردىكى ئوتنى ئۈچۈرۈپ بېرىدىغان تېلېفۇن نومۇرىنى دەپ بېرەي، تېلېفۇن قىلىپ باقامسىز؟
-ماقۇل، ئەمىسە دەپ بېرىڭە.
-سىز بىريۈزئون توققۇزغا تېلېفۇن قىلىپ دەپ بېقىڭ. ئۇلار كېلىپ ئۈچۈرۈپ بەرسە ئەجەپ ئەمەس، خوش…،- سەن تورۇپكىنى تاققىدە قويدۇڭ. لېكىن، تېلېفۇن ئارقىدىنلا يەنە توۋلاۋەردى، ئەمما، سەن تېلېفۇننى ئېلىشنىڭ ئورنىغا خېمىرىڭنى يۇغۇرۇۋەردىڭ، خېمىرنى يۇغۇرۇپ بولۇپ قولۇڭنى يۇيۇپ تۇرغىنىڭدا ئاناڭ ئىشىكنى تاققىدە ئېچىپ كىرىپ كەلدى،
-ئون قېتىم تېلېفۇن قىلغاندىمەن، نىمانداق تېلېفۇننى ئالمايسەن؟- دەپ كايىدى ئۇ.
-سىز كەلگۈچە تاماق پىشۇراي دەپ قولۇمنى خېمىرغا ئەمدىلا تىقىپ تۇرسام بىرساراڭ تېلېفۇن قىپتىكەن، ‹يۈرىكىمگە ئوت كەتتى-يەي،› دەپ تۇتامى يوق گەپلەرنى قىلىپ تۇرۇۋەردى، تىللىسا يا گەپ ئۆتمەيدىكەن خەققە، شۇڭا خېمىرنى يۇغۇرۇپ بولغىچە توۋلاپ بىر تۇرسۇنا دەپ ئالماپتىم، سىزمۇ تېلېفۇن قىلغانما ئەسلى، سىزنىڭ تېلېفۇن قىلىشىڭىزنى ئوقسام ئالمامتىم مەن…- تېلېفۇن يەنە توۋلىدى، تېلېفۇننى ئاناڭ ئالدى.
-ھوي،-دىدى ئاناڭ تورۇپكىنى قولىغا ئېلىپ ۋە دەرھال ئېغىزىنى يامغۇردەك قويۇۋەتتى،- سۈيۈملۈكۈڭنى تېپىپ ئاندىن شۇنداق دەۋال، مېنىڭ ئۈيۈمدە سېنىڭ سۈيۈملۈكۈڭ يوق، …ھۇ خالجاي تاختىسى شورۋىچى، ماتاڭ كەكىسى ھېجىقىز، يۇندىخور شاپاقچى، …قوڭۇڭنى قىرىپ دوغاپ ئېتىپ ئىچىپ ئىشىڭنى قىل، ماز قوڭچى، بېلىگە سويقاش بارمىغان لاتا قاسقاس ھېجىقىز، بوك-بوك توخۇ قېرىنىڭ بالىسى…ھارامدىن بولغان، دادىسىنى تاپالماي قالغان يۇندىپۇرۇش ھەزىلەك…يەنە مېنىڭ ئۆيۈمگە مۇنداق ماز گەپ قىلىپ تېلېفۇن قىلىدىغان بولساڭ چېتىڭغا پاتماي قالغان ھېلىقى بىرنىمەڭنى كۈتۈڭگە قىستۇرۇپ قويىمەن سېنىڭ… ئاقچى- كۆكچى…- قاچاندۇر ئاناڭ تورۇپكىنى قويۇپ ئۇلۇغ كىچىك تىندى.
-ئوھۇي، ئېغىزىڭىز دەريا بولۇپ كېتىپتۇيا سىزنىڭ، بۈگۈن ئەتىگەن نىمە يىگەن ئىدىڭىز،- دەپ چاخچاق قىلدىڭ ئاناڭغا.
-ئاۋۇ يەردە بىر شورۋىچى بىلەن سوقۇشۇپ قورسىقىم بوشىماي كەلسەم ماۋۇ يەردە بىرغۇرا يەپ چۈش كۈرۈپ قالغىنى دەل ئۈلگۈرۈپ ‹سۈيۈملۈكۈمما› دەيدىيا، ئانا- مانىسىنى قويدۇم ئەينا،-دەپ ئۇلۇغ كىچىك تىندى ئاناڭ.
-باياتىن تېلېفۇن قىلغىنى شۇكەن ئەمىسە، مېنىمۇ شۇنداق دەپ گەپكە تۇتۇپ كاشىلا قىلغان ئۇ ساراڭ.
-ئۆيگە كەلگەن بولسا تاماق ئەتكەچ تۇرسۇن دەي دەپ تېلېفۇن قىلسام ئالمىدىڭ، شۇنىڭ بىلەن مەن تېخى سېنى كەلمىگەن چېغى دەپ ئالدىراپ ئۆزەم تاماق ئېتەي دەپ كەلگەن، ھەنىمە بولسا خېمىرنى بولسىمۇ يۇغۇرغاچ تۇرۇپسەن، مەن ئالدىراپ سەي قورۇي، سەن خېمىرنى پىلتە قىلغىن، ئالدىراپ بىر لەغمەن سالىلى.
-ھە، ماقۇل،-دىدىڭ سەن ۋە يۇغۇرغان خېمىرىڭنى پىلتە قىلىشقا تۇتۇندۇڭ. ئاناڭ بولسا ئېغىل تەرەپكە ماڭدى. شۇ ئارىدا تېلېفۇن ئەنسىز چىرقىرىدى، سەن بولساڭ ئىشىڭنى قىلىۋەردىڭ، ناۋادا ئۇ توۋلاپ-توۋلاپ توختاپ قالسا كۆڭلۈڭ ئېچىلىپ قالاتتى، لېكىن، ئۇ توختاپ قالمىدى، سەن بېرىپ تېلېفۇننى ئالدىڭ.
-ئەسسالامۇئەلەيكۇم،-دىدىڭ سەن ئۈنۈڭنى نازلىق چىقىرىپ.
-گۈزىلىمما،-دىدى قارشى تەرەپ، سەن ئۇنى ئاۋازىدىن تۇنۇدۇڭ.
-ھە،-دەپ سوزۇپ ئېيتتىڭ.
-سېنىڭ ئاشۇ ئوماق ئاۋازىڭنى بىر ئاڭلىۋالاي دەپ تېلېفۇن قىلغان دىگىنە.
-ئاڭلىۋالغانسىز تۈنۈگۈن، زىمىن كەينىڭىزدىن كەتكەن ئىدى، باردىمۇ.
-زىمىن ئەمەس، سالىھە كەپتىكەن، بىرەر سائەت ئولتۇرۇپ قايتتى، لېكىن، نىمىلا دىگەن بىلەن ئۇنىڭ ئاۋازى سېنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ دىگىنە، سېنىڭكىنىلا ئاڭلىغۇم بار مېنىڭ، سېنى ياخشى كۈرۈپ قالغىلى نەۋاق ماڭا، يۈرەكتە پىژ-پىژ، ئۆپكىدە غىژ بولۇپ كېتىپ بارىمەن ، دەردىم بەك يامان.
-راستما؟
-ئەلۋەتتە، چوقۇم راست بولىدۇ، سىنى سۈيىمەن، ماڭا ئىشەنگىن، يۈرىكىمنى يېرىپ كۆرسىتەيمۇ ساڭا. بىرەر ئىغىز يۈرەككە تەگكۈدەك تاتلىق گەپلىرىڭمۇ يوقاپ كەتتى بۇ كەمدە. ناۋاتتەك گەپلىرىڭدىن بىرەر ئېغىز قىلىپ بەرگىنچۇ؟
-نىمە دەپ بەرسەم بولىدۇ سىزگە؟
-مەنمۇ سىزنى سۈيىمەن دە، مانا بۇ گىپىڭ دۇنيادىكى ئەڭ ئۇز گەپ ماڭا.
-راست گەپ قىلىپ بېرەيمۇ ياكى يالغان بولسىمۇ بولامدۇ؟
-راستىنى دە.
-راست گەپ قىلسام، مەنمۇ سىزگە ئامراق، خۇددى ئۆز ئاكامغا ئامراق بولغاندەك، بىز ئاكا- سىڭىل بولۇشقانغۇ ئۆتكەندە.
-راست بولمىسىمۇ بىر دىگىنە، يالغان گەپنى بىرنەچچە قېتىم دىسە راست بولۇپ قالىدۇ دەپ ئاڭلىغان ئىدىم، كېيىنچە راست بولۇپ قالسا ئەجەب ئەمەس.
-ماقۇل ئەمىسە، مەنمۇ سىزنى سۈيىمەن، لېكىن، بۇ گېپىم راست ئەمەس. بۇ گەپنىڭ ئامالسىزلىقتىن سىزنىڭ كۆڭلىڭىزنى ئاياپ دىيىلگەن يالغان گەپ ئىكەنلىكىگە ئىشىنىڭ، سۈيۈملۈكۈم.
-لېكىن، مېنىڭ ساڭا ئاشىق ئىكەنلىكىمدىن گۇمانلانما، بولامدۇ، سۈيۈملۈكۈم.
-ئۇنىڭغا ئىشەنگەچ تۇراي، لېكىن، ماڭا ئامال يوق.
-نىمىشقا ئامال يوق؟
-چۈنكى، مېنىڭ كۆڭۈل بەرگەن ئادىمىم بار.
-ئۇ ھېلىقى قارىيچاق ئەمەس، باشقا بىرسى، توغرىمۇ؟
-ئۇ بولمىسا كىم ئەمىسە؟
-كىملىكىنى بىلمەيمەن، ئىشقىلىپ، ئۇ مەن بولۇپ قالسامكەن دەيمەن.
-ئۇنداق ئەمەس، مېنىڭ لايىقىم دىمەك كۆڭلۈمدىكى ئادىمىم شۇ، مەن دىگەن بەك بەختلىك، ياخشى كۆرگەن ئادىمى بىلەن توي قىلىش دىگەن بەخت ئەمەسمۇ، مەن پات ئارىدا ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىمەن، ئۇنىڭغا تېگىمەن، ئۇنىڭ شەخسىي مۈلكى بولىمەن، قانداق، شۇنداق قىلسام بولمامدۇ سىزچە،- دىدىڭ، ئۇ بىرنىمىلەرنى دىمەكچى ئىدى، لېكىن، سەن ئۇنىڭ بىلەن يەنە تالىشىپ تۇرۇۋېرىشنى خالىمىدىڭ.
-ماڭا ئەمدى تېلېفۇن قىلىۋەرمەڭ. ۋاقتى كەلگەندە مەن تېلېفۇنىڭىىزنى توۋلىتىمەن، شۇچاغدا قايتۇرۇڭ، ئانام كەپقالدى، خوش،- سەن ئۇنىڭدىن ئىنكاس كۈتمەيلا تورۇپكىنى تاققىدە قويدۇڭ. شۇئارىدا ئاناڭ قايتىپ كىردى. سەن ئاڭغىچە ئاشتاختىنىڭ يېنىغا بېرىپ بولدۇڭ.
-تېخىچە خېمىرنى پىلتە قىلىپ بولالماي مىسىلداپ ئولتۇردۇڭما سەن؟-دەپ كايىپ قويۇپ ئاشخانىغا ماڭدى ئاناڭ.
-مانا ئاز قالدى، بىردەمدىلا قىلىپ بولىمەن،-دىدىڭ سەن. ئىككىڭلار بىردەمدىلا ئوخشىتىپ لەغمەن ئېتىپ بولدۇڭلار، سەن بىر قاچا لەغمەننى داستىخانغا ئەكىلىپ قولۇڭغا چوكىنى ئالدىڭ. لېكىن، ئاناڭ تاماق يىمەكنى قويۇپ داسقا قۇتىدىكى سويۇقلاندۇرۇلغان ئاشتۇزىنى قويدى ۋە ئازراق سەيلان قىلىۋېتىپ ئۇنىڭغا ئۇن ئالغىلى قازناققا ماڭدى.
-ھەي ي…، نەچچە ۋاق بولغاندۇ بۇ ئانام ئۇ ئادەم بىلەن يۇچۇن ئالاقە قىلىپ يۈرگىلى، ئەينى چاغدا نىمىشقا ئۇ كىشىگە تەگمىگەن بولغىيدى، بەلكىم ئۇ تۇنجى مۇھەببىتىدۇر،-سەن چوكىنى تۇتۇپ خىيالغا پاتتىڭ،-تۇنجى مۇھەببەت، سەن نىمانچىمۇ شىرىن، نىمانچىمۇ ئاچچىق- چۈچۈك بولىدىغانسەن، بۇئالەمدە قانچىلىك ئادەملەر ئۆزىنىڭ تۇنجى كۆيگەن ئادىمى بىلەن توي قىلىپ ۋىسالىغا يىتەلىگەندۇ. سىز ھازىر نىمە قىلىۋاتقانسىز-ھە، سۈيۈملۈكۈم، مېنىڭ ئەتكەن تامىقىمغا بەكلا ئامراق ئىدىڭىز… راست، ئۇ ھازىر نىمە قىلىۋاتقاندۇ، تاماق يىگەنمىدۇ، ئۇ ھەمىشە تاماق يىيىشنى ئۇنتۇپ قالاتتى، توختا، ھازىرلا چىقىپ تېلېفۇن قىلىپ سوراپ باقاي، تاماق يىدىمىكىن، ناۋادا تاماق يىمىگەن بولسا كىلىپ بىرتەخسە لەغمەن يەپ كېتىشكە تەكلىپ قىلاي،- سەن ئالدىراپ تېلېفۇن قويۇلغان ئىچكىرىكى ئۈيۈڭگە كىردىڭ. «كەچۈرۈڭ، سىز ئۇرغان تېلېفۇن ۋاقتىنچە…» ،-نىمىشقا ئۇلانمايدىغاندۇ، يانفۇنىنىڭ توكى قالمىغان چېغى … ،-قاچاندۇ بىرچاغدا سەن ئۇنىڭغا مانا مۇشۇنداق ئوخشىتىپ لەغمەن ئېتىپ بەرگەن، تېخى ئۇنىڭ ئېغىزىغا ئۆز قولۇڭ بىلەن مۇشۇنداق سېلىپ قويغان ئىدىڭ، سەن شۇ چاغدىكىنى دۇراپ لەغمەننىڭ ئىككى تال چۆپىنى بېشىڭدىن ئىگىز كۈتىرىپ چۆپنىڭ ئۇچىنى ئېغىزىڭغا سېلىپ شۇراپ- شۇراپ يەۋېتىپ كۈلۈپ تاشلىدىڭ. بۇ خىل ئۇسۇلدا يىيىلگەن تاماق بەك تاتلىق، خۇددى ئۇنىڭ ئەينى چاغدىكى سېنى سۈيۈشلىرىدەكلا ھوزۇرلۇق تۇيۇلدى، ئاشۇ چاغدا ئۇنىڭ ئاشخانىلىرى بەك رەتسىز ئىدى، سەن ئۇنىڭ قاچا- قۇچىلىرىنى بىرقۇر تۈزەشتۈرۈپ ئاندىن خالتىدىكى ئاشتۇزىنى ئاشتاختىنىڭ ئۈستىدىكى قۇتىغا قۇيۇپ سۇيۇلدۈرۈپ خېمىر يۇغۇرۇشقا تەييارلىغان داسقا  ئۇ تۇزنى قويۇپ سەيلەن قىلىۋاتاتتىڭ، تويۇقسىز بىر قول سېنىڭ كۈزۈڭنى تۇتتى، سەن ئۇ قولنى تۇتۇپ يېنىك تارتىۋىدىڭ، ئۇنىڭ قولى سېنىڭ سول كۆكسۈڭدە- يۈرىكىڭنىڭ ئۈستىدە توختىدى، نەپەسلىرىڭ قىسىلدى، يۈرىكىڭ ئەنسىز تىپچەكلەپ كەتتى، سەن ئاڭسىزلا ئاستا ئۆرۈلۈپ ئۇنىڭ كۆزىگە تىكىلدىڭ.
-ئادىلەم-سۈيۈملۈكۈم، ئومىقىم، بۇدۇنيادىكى پەرىشتەم، دېگىنە.
-نىمىنى دەيمەن؟
-بۇ مېنىڭ چۈشۈم ئەمەستۇر.
-ياق، بۇ سىزنىڭ چۈشىڭىز ئەمەس، تېخى كەچ بولمىدى، ھازىرچە ئۇخلاشقا رۇخسەت يوق سىزگە.
-مەن ساڭا كۈيىمەن ئادىلەم، مەڭگۈلۈك ئاشىقمەن ساڭا.
-ئۇنى بىلىمەن، مەنمۇ سىزگە ئاشىق،-سەن ئۇنىڭ كۆكسىگە بېشىڭنى قويدۇڭ.
-راستما؟
-راست،-سەن ئۇنىڭغا تىكىلدىڭ، كۆزلىرىڭلار ئۇچراشتى، لەۋلىرىڭلار جۈپلەشتى، ئۇ سېنى قۇۋۇرغىلىرىڭ غىرىسلاپ كەتكۈدەك چىڭ قۇچاقلىدى، سەنمۇ ئىككى قولۇڭ بىلەن ئۇنى مەھكەم قاماللىۋالغان، ئوڭ قولۇڭ بىلەن ئۇنىڭ بوينىدىن، سول قولۇڭ بىلەن بېلىدىن تۇتۇپ مەھكەم چاپلاشقان ئىدىڭ.
-مۇشۇنداق بەختلىك كۈنلىرىمىز مەڭگۈلۈك بولىدىغان چاغلارمۇ كېلەرمۇ؟
-كېلىدۇ، بىز چوقۇم بىرگە بولىمىز،-بۇ گېپىڭ ئۇنىڭ قېنىنى قىزىتتى، ئۇ سېنى تېخىمۇ چىڭ قۇچاقلىدى، سېنى كۈتىرىپلا كاتقا ياتقوزدى، قولىنى كۆينىكىڭنىڭ ئىچىگە تىقىپ سول تەرەپ كۆكسۈڭگە قويدى، ئاندىن ئۇنى چىڭ سىقىپ مەھكەم مۇجۇدى، سەن تاتلىق سۈيۈلۈش ھۇزۇرىدا تۇرۇپ ئۇنىڭ ھازىرقى ئىشنى ئاشۇرۇۋېتىشىدىن توختاتماقچى بولدۇڭ.
-ھە راست، سىز تاماق ئىشىنى قانداق قىلىۋاتىسىز ھازىر،-دەپ سورىدىڭ.
-كۆپىنچە، ئۆزەم ئېتىپ يەيمەن.
-ھەقىقەتەن، ئاسان ئەمەس-ھە. توختاڭ مەن سىزگە خېمىر يۇغۇرغاندا قولاي بولىدىغان بىر ئىشنى ئۈگىتىپ قوياي،- سەن كارىۋاتتىن غىپپىدە سۇغۇرۇلۇپ چۈشۈۋالدىڭ. ئۇ سېنىڭ نىمە دىيىشىڭنى كۈتۈپ ساڭا قاراپقىنە تۇردى.
-خېمىر يۇغۇرۇشتىن ئاۋۋال، قاراڭ،- دىدىڭ سەن دەيتۇچە تەلەپپۇزدا،- داسنى چايقاپ بولۇپلا ئۇن ئېلىشتىن ئاۋۋال داسقا سۇيۇقلاندۇرۇلغان تۇزنى قويۇپ سەيلەن قىلىۋېتىپ ئاندىن ئۇنىڭغا ئۇن ئېلىپ يۇغۇرسىڭىز خېمىر داسقا پەقەت چاپلاشمايدۇ، ئۇقتىڭىزما.
-ئوقتۇم، ئەقىللىق شەيتىنىم،-سەن ئۆزەڭچە كۈلۈپ قويدۇڭ.
-ئوھۇ، نىمىگە ھىجىيىپ ئولتۇردۇڭ، تېخىچە يەپ بۇلالمىدىڭما بىرقاچا تاماقنى،  مەن خېمىر يۇغۇرۇپ يەنە قىيما قىلىپ بولدۇم،-دەپ كايىدى ئاناڭ.
-نىمە قىلىسىز ئۇنى؟
-قىيما كۈمەچ سالىمەن، سۇ ھەيئىتىلەرنى ئاشۇنداق ئۇبدان باقمىساق ئېتىزغا سۇ بارمايدۇ،-دىدى ئاناڭ ئالدىراش ھالدا. سەن قاچاڭنى كۈتىرىپ ئاناڭنىڭ كەينىدىن ئاشخانىغا كىردىڭ. ئاناڭ ئوچاقنىڭ تېگىدىكى ئوتلارنى ئېچىۋاتاتتى.
-ھەراست، ئابىيام بىرسى بىلەن سوقۇشۇپ قالدىم دەۋاتاتتىڭىز، كىم بىلەن سوقۇشۇپ قالدىڭىز؟- دەپ سورىدىڭ.
-گېپىنى قىلما ئۇنىڭ، خەققە بىرپاتمان خۇشامەت قىلىپ ساقىلىنى سىلاپ ئاران ئالغان سۇنى خەق بۈگۈۋالسا تىللىماي قانداق قىلىمەن. كىچىچە باغنىڭ توڭ سۈيى قويۇلۇپ بولۇپتىكەن، سۇنى ئۆزەم يالغۇز مىڭ جاپادا ماياقدۆڭدىكى كېۋەزلىككە ئاپاردىم، خەق كېچىچە بىزگە مۇت سۇلاغ قىلىپ بەرسە كۈندۈزىمۇ قىلىشىپ بەر دېگىلى بولمايدىكەن. مۇشۇنداق چاغدا يا ئاكاڭ كارغا كەلمىدى، مىڭ بالادا ئاپارغان سۇ بىرەر- ئىككى ئېتىز يەرنىڭ ئېچىقىدىن ئازراق ئېشىپلا يەنە ئاز قالدى، سۇنى ياقىلاپ بارسام شوردۆڭلۈك بىر پوقساقال بىرمۇنچە بۈگەچنى ئېرىققا كەپلەپ سۇنى تازا بۈگۈپ غىمىدە يوق ئولتۇرۇپ سۇلاغ قىلغىلى تۇرۇپتۇ، نىمە دەيدۇ تېخى:«سېنىڭ شەخسىي سۈيۈڭمىدى بۇ، ئېرىققا كەلگەن سۇدا سۇغارمىسام قاچان سۇغىرىتتىم، مەنمۇ ساڭا ئوخشاش مۇشۇ يۇرتتا توغۇلغان، بىريەردىن كەپقالمىدىم » دەپ كاركىرايدۇ. سوجاڭغا تېلېفۇن قىلىپ بولغان ئىشنى دەپ ئۇنى ئەكەلدۈردۈم، ئۇ كېلىپ ئۇنىڭغا «خەقنىڭ سۈيىنى ئوغرىلاپ ئىچىپسەن» دەپ بىرمۇنچە جەرىمانىنى بىر قويۇپتى، ئاندىن يۇۋاشلاپ :«ۋاي جېنىم پاتەمخان، مەن سېلىنىڭ سۇلاغلىرىنى تۈگىگىچە قىلاي، سوجاڭغا بىر گەپ قىلسىلا، بىكاردىن بىكار بىرمۇنچە جەرىمانە تۈلەپ كەتمەي» دەپ كۈچۈكلىنىپ كەتتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇنى سۇلاغ قىلغىلى قويۇپ مەن تاماق ئەتكىلى كەلگەن گەپ، سوجاڭ سۇ ياقىلاپ قالدى.
-مۇنداق دەڭ، ھەجەپ ئۇڭلۇق سوجاڭكىنا ئۇ، ئۇ ھەممە ئادەمنىڭ سۈيىنى ياقىلامدۇ ياكى بىزنىڭلا سۇنى ياقىلامدۇ؟
-سوجاڭ دىگەن سۇ ياقىلايدىغان ئادەم، خەقنىڭكىنىمۇ ياقىلايدۇ، بىزنىڭكىنىمۇ ياقىلايدۇ.
-بولۇپمۇ، بىزنىڭكىنى ئۇبدانراق ياقىلايدۇ…
-بالامۇي، تولا گەپ قىلماي ئاۋۇ تامىقىڭنى يىگىنە، ئامال يۇق، قولنى كەسمىسە قان چىقمايدۇ، جاھاننىڭ بىر چىچار يېرىگە كېلىپ ئولتۇرۇپتىمىز، مۇشۇ قېتىم ئېتىزغا ئۆستەڭ سۈيى قويۇۋالساق يەنە كەلكۈن ۋاقتىغىچە ئۆستەڭ سۈيى كۆرمەيدۇ، كونىلاردا:«ئاكاڭنى مىراپ قىلغۇچە يېرىڭنى باشتا قىل» دىگەن بىر گەپ بارغۇ، ئاشۇنداق بولغاچقا سېنىمۇ باش تەرەپكىراق ئەرگە بېرەرمەن دەپ ئارزۇيۇم بار ئىدى، ئاچامنىڭ ئۆيىمۇ ھەرھالدا خېلى ئۇبدان يەردە ئىدى، لېكىن، سەن ئۇلارنى ياراتماي بىزنىڭمۇ ئايىغىمىزدىكى بىر جاڭگاللىقنى تاللاپ ئولتۇردۇڭ ئاينا، خۇدايىم رىزقىڭنى كەڭ قىلار، بۇ قارىمغا تېخى ئانچە چوڭ ئىشەنچىم يوق مېنىڭ…
ئاناڭ ئالدىراپ تامىقىنى يەپ بولۇپ كۈمەچنى داستىخانغا يۆگەپ ئېغىزلىق قاچىغا لەغمەننى ئېلىپ ئۈستىگە قورۇلغان كۆكياشنى مول ئۇسسۇپ ئاندىن ئۇ نەرسىلەرنى ئىشەك ھارۋىسىغا قويۇپ ساڭا بىرتالاي ئىشلارنى جېكىلەپ ئىشەكنى ھەيدەپ نەگىدۇر يول ئالدى. سەن ئۆيدە يالغۇز قالدىڭ. سەن يەنە ئۇنىڭغا تېلېفۇن قىلدىڭ، «كەچۈرۈڭ، سىز ئۇرغان تېلېفۇن ۋاقتىنچە ئۇلانمىدى…»
-بىچارە يانفۇنىنى تېخى ئاچماپتۇ دىسە، توۋۋا، نىمىشقا ئاچمىغاندۇ- سەن قاچا- قۇچىلارنى يىغىشتۇرۇپ ئۆيلەرنى تەپسىلىي سۈپۈرۈپ سۇ چاچتىڭ، سەل تۇرۇپ ئۆزۈڭ قانائەتلەنمىگەندەك ھويلىلىرىڭنى يەنە قايتا تازىلاپ چىقتىڭ، ئاندىن تەھارەت ئۈچۈن ئوچاقنىڭ تېگىدىكى ئوتقا چۆگۈندە سۇ قويدۇڭ. سۇ ئىسسىغىچە ئېغىلغا چىقىپ قوي-كالىلارغا ئوت- سۇ بېرىپ كەلدىڭ، ئاندىن ھويلىدىكى كاتقا ئۆزەڭنى تاشلاپ سەل قىڭغايدىڭ. «دادام نىمە قىلىۋاتقاندۇ، راستلا ئۇنىڭمۇ ئەتراپىدا سايراپ بېرىدىغان تومۇچۇقلىرى بارمىدۇ، ئانامنىڭمۇ دادام بىلمەيدىغان ئىشلىرى بار يەردە دادامنىڭ بولسا نىمە بوپتۇ، ئۇ دىگەن راۋرۇس ئەركىشى تۇرسا، لېكىن، دادامغىمۇ ئۇۋال، ئۇنىڭ ئۆز پۇشتىدىن بولغان ئاكامدىن باشقا بالىسى يوق، لېكىن، ئاكام ئانامغا ئۆگەي، بۇ ئانام بولسا تۇغماس ئايال، ئۇ سىڭلىم ئىككىمىزنى ئۆز بالىسىدەك پەپىلەپ بېقىپ چوڭ قىلدى، مېنىڭمۇ ئۇنىڭ ئالدىدا ئۆتەيدىغان مەجبۇرىيەتلىرىم تېخى كۆپ، لېكىن، مەن ئانامنى خوش قىلىتتىم دەپ ئۆزەمنىڭ بەختىنى قۇربان قىلىۋەتسەم بولمايدۇ، ناۋادا ئانام نىكاھ ئىشىمدا مېنى ئۆز رايىمغا قويغان بولسا… ئۇبدان بولاتتى، ناۋادا مەن ئۇنىڭغا تېگەلىگەن بولسام چوقۇم ئۇ مېنى بەختلىك قىلاتتى، ئاۋۇ رېقىپ دىگەن بىتايىن تويلۇقۇمغا بەش يۈز كوي خەجلەشكە چىدىماي توي باغىقىنى تارقىتىپ بولۇپ يېنىۋالغىنى بىلەن ئۇ ماڭا ئاشۇ چاغدىكى تويلۇق سوۋغات ئۈچۈنلا ئۈچ مىڭ كويلۇق نەق ئالتۇن زىبۇ-زىننەت بويۇمى ئېلىپ بەردى ئەمەسمۇ، بۇنىڭغا كىم چىدايدۇ بۇكەمدە. مۇھەببەت دىگەن مۇشۇنداق بولىدۇ، ئۇ شۇچاغدا شەھەردە بىردەم ۋاقىت چىقىرىپ پاراڭلىشىپ ھال- مۇڭ قىلىشىپ ئولتۇرۇۋېلىشنى كۆپ ئۈتۈنگەن، لېكىن، مەن ئۇنىمىدىم، ماقۇل دىگەن بولسام، ئۇنىڭ بىلەن بىردەم بىللە ئولتۇرۇپ قالغان بولساق يەنە چاتاق چىقاتتى، ھەر ئىككىمىز ئۆزىمىزنى تۇتالماي گۇناھ قىلىپ سالاتتۇق… توختا، بۇقېتىم دادامنىڭ قېشىغا بارغاندا مەن چاندۇرماي ئۇنىڭ يانفۇنىنى تەكشۈرۈپ باقايچۇ، قىزىق ھېكايىلەر چىقىپ قالامدۇ تېخى…» تېلېفۇننىڭ ئەنسىز چىرقىرىشى دىققىتىڭنى چاچتى، بېرىپ تېلېفۇننى ئالدىڭ.
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،-دىدىڭ.
-ۋەئەلەيكۇمۇسسالام،-تېلېفۇن قىلغىنى ئاناڭ ئىدى،- سەن دەرھال بېرىپ چوڭ تاختىدىكى كېۋەزنىڭ قالدۇق تېرىمىدىكى ئېچىلغان پاختىلارنى تېرىپ كەلگىن، مەن كەچكىچە بۇيەرنىڭ سۇلىغىنى ئاران قىلىپ بولغۇدەكمەن…،-سەن ‹ماقۇل› دەپ تېلېفۇن تورۇپكىسىنى قويدۇڭ. ئەمدىلا چىقىپ ئوچاقتىكى چۆگۈننى ئېلىپ سۇنى دومبىغا قويۇۋاتقىنىڭدا تېلېفۇن يەنە ئەنسىزچىرقىرىدى.
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،-دىدىڭ تېلېفۇن تورۇپكىسىنى قولىقىڭغا تۇتۇپ.
-ۋەئەلەيكۇمۇسسالام،-دىدى قارشى تەرەپ،-قانداق ئۇبدان تۇرۇۋاتامسىز؟
-ياخشى، سىزمۇ ئۇبدان تۇرغانسىز،قانداق، دادىڭىز بىلەن كۈرۈشتىڭىزمۇ، بىرەر ياخشى ئامال تېپىپتۇمۇ؟-تېلېفۇن قىلغىنى لايىقىڭ ئىدى.
-تېخى كۈرۈشمىدىم، سىزنىڭ كاللىڭىزغا بىرەر ياخشى چارە كەلگەنمىدىكىن، ئۇقۇپ باقاي دەپ تېلېفۇن قىلغان ئىدىم…
-ماڭا ئاخشامنىڭياقى تېخى ئۇ ئىشلارنى ئويلاپ ئاخىرىغا ئاچىقىپ بولالمىدىم، قاچانلا قارىسا يېنىشىپ كېتىشنىڭ غەلۋىسى كاللامنى ئوچاق قىلىۋەتتى، مىڭ قىلغان بىلەن مەن دىگەن بىر قىز بالا تۇرسام مېنىڭ كاللام نىمىگە ئىشلەيتتى، دادىڭىز دىگەن بۇ يۇرتنىڭ ئۆلىماسى، ئىلمىمۇ بار، يۈز- ئابرويىمۇ بار، ئاشۇنداق تۇرۇپ كاللىسىنى ئىشلىتەلمىسە مەن قانداق چارە تاپارمەن دەڭە.
-ئۇنداق دىگىنىڭىز بىلەن بۇرۇنقىلاردا «ئەقىل ياشتا ئەمەس، باشتا» دەيدىغان ھېكمەت بارغۇ، مەن سىزنى بەك ئەقىللىق دەپ بىلىمەن، سىزنى ئىشلارنى ئەتراپلىق ئويلىيالايدۇ دەپ ئويلايمەن.
-ھە، ماقۇل، خۇدايىم دېگىنىڭىزدەك بولغىلى نېسىب ئېتەر، مەنمۇ ئەتىگىچە يەنە ئويلاپ باقاي، سىزمۇ كەچتە خۇپتەندىن كېيىن ئىستىخار سېلىپ بېقىڭ، خۇدايىم بىرەر ياخشى چارە بىشارەت قىلىپ بەرسە ئەجەپ ئەمەس.
-ماقۇل، بۇمۇ بولىدىغان چارىكەن، لېكىن بېشىم بەك قاتتى، مەن ئالدىرىغانسىرى بۇ ئىشلاردىن قەدەمدە تۈك چىقىپلا تۇرغان… ھەراست، مەن شەنبە كۈنى رۇخسەت سوراپ ئۆيگە كىرىمەن، شۇچاغدا سىزنى يوقلاپ بارسام قوغلىۋەتمەسسىز.
-نەدىكىنى، ئۆيىڭىزگە قايتىپ تۇرۇقلۇق مېنى يوقلاپ كەلمىسىڭىز رەنجىيمەن سىزدىن، سىز دىگەن مېنىڭ توي قىلىدىغان لايىقىم تۇرسىڭىز.
-ماڭا ئاچچىق-چۈچۈك قىلىپ ئوخشىتىپ لەغمەن ئېتىپ مېھمان قىلىسىز ئەمىسە.
-ئۇنىڭدا چاتاق يوق.
-سىزنىڭ ئۆز قولىڭىز بىلەن ئەتكەن تاماقلىرىڭىزدىن يىگۈم بار،-دەپ ئەركىلىدى ئۇ.
-خۇدايىم بۇيرۇسا ئاز كۈندىن كېيىن مەن سىزگە ھەركۈنى ئۈچ ۋاق  لەغمەن ئېتىپ بېرىپ سىزنى تويغۇزۇۋېتىمەن، ئۇچاغدا ئۆچ بولۇپ قالمىسىڭىزلا مەيلىغۇ… شۇنداقمۇ، مەڭگۈ قانمايمەن دەڭ، ئەر كىشى دىگەنغۇ ئاشۇنداق ئاچكۆز بولىدۇ، … لېكىن، نەچچە كۈندىن كېيىنلا كۆزىڭىزگە سەت كۈرۈنۈپ قالارمەنمىكىن دەپ ئەنسىرەيمەن… ماقۇل ئەمىسە، ئىنشائاللا، دىگىنىڭىزدەك بولار،- سەن ئۇنىڭ بىلەن خوشلىشىپ ئاندىن يەنە ئاشىقىڭغا تېلېفۇن قىلدىڭ. لېكىن، ئۇ ھېلىھەم بايىقىدەك ھالىتىدىن ئۆزگەرمىگەن ئىدى. سەن ئاستاغىنە خالتىنى كۈتىرىپ پاختىلىققا ماڭدىڭ. كەچكىچە پاختا تېرىپ خالتىنى يۇدۇپ قايتىىڭ ۋە ھارغىنلىقتا بالدۇرلا ئۇخلاپ قالدىڭ.
ئەتىسى يەنىلا تۈنۈگۈن تېرىپ بولالمىغان پاختىلارنى تېرىش بىلەن مەشغۇل بولدۇڭ، قايسى كۈنى كېچىدە ئۇشتۇمتۇت ماڭغان ئۈششۈك كېۋەزنىڭ يۇپۇرماقلىرىنى دىگۈدەك ئۈششۈتۈۋەتكەن ئىدى، ئەمدى ئېچىلىپ بولالمىغان كۇراكلارنى دەرھال ئۈزۈۋالماي بولمايتتى، شۇڭا ئېچىلىپ بولغان پاختىلارنى تېرىۋېلىش زۈرۈر بولۇپ قالغان ئىدى، كۇراكلارنى ئۈزگەندە ئۇلار پەرسۇدە بولۇپ كېتىپ كېيىن تېرىۋېلىش قىيىن بولۇپ قالاتتى. ئەتىگەندە قولۇڭغا ئازغىنا قورۇق ناننى ئېلىپ سەھەرنىڭ شەبنەم ئارىلاش سۇغۇقىدا پاختىنى ئاۋۇتۇۋېلىش ئۈچۈن ئالدىرىغان ئىدىڭ، مانا ھازىر چۈش ئۆتۈپ ئەسىر ۋاقتى بولۇپمۇ قالدى، ئەتىگەن ئاناڭنىڭ بۇيرۇغىنى بۇيىچە بۇ ئېتىزدىكى پاختىلارنى تېرىپ بولۇشۇڭ كېرەك ئىدى، لېكىن ئۈششۈكتىن كېيىن غۇژژىدە ئېچىلىپ كەتكەن پاختىلارنى ھەرقانچە ئالدىراپمۇ تېخى ئاران يېرىمىنى تېرەلىدىڭ، ئاڭغىچە قورساقلىرىڭ ئېچىپ پۇت-قوللىرىڭنىڭ مادارى قاچتى، سەن ئالدى-كەينىڭگە ئۇبدان بىرقېتىم قاراپ قويۇپ ئاستا قاشتا ئولتۇردۇڭ.
«ھەرقانچە ئالدىرىساممۇ بەرىبىر بۈگۈن تۈگىمىگۈدەك، تېخى ئەتىمۇ بىركۈن بۇيەردە دوڭغاقلاپ يۈرگۈدەكمەن، ئەڭ ياخشىسى، ئۆيگە قايتىپ قورساقنى توقلاپ نامىزىمنى ئوقۇپ ئارام ئالاي، ئەتە بىر گەپ بولار» سەن بايىلا لىقلاپ توشقۇزغان بىرخالتا پاختىنى سۆرەپ ئېرىقنىڭ قېشىغا ئاچىقىپ پەم بىلەن يۈدۈۋالدىڭ، ئۆيگە كەلگۈچە چېكەڭدىن تەرلەر پۇرقىراپ ئاقتى. خالتىنى ھويلىغىلا قويۇپ ئۆزەڭنى كارىۋاتقا تاشلىدىڭ. قاچاندۇر بىرى سېنى ئويغاتتى، سەن چۈچۈپ ئورنۇڭدىن تۇرۇپ كەتتىڭ، سېنى ئويغاتقىنى مەھەللىدىشىڭ سالىھە ئىدى.
-مۇشۇنداقمۇ ئۇخلىغان بارمۇ، ئادىلە، مېنىڭ ئۇرنۇمدا شۇجاڭ بولۇپ قالغان بولسا بۇچاغقىچە چاتاق چىقىپ بولاتتى.
-ئۆتەپ بارغىنە ھوي، بۇچاغدا شۇجاڭ نىمە ئىش قىلىدۇ بۇيەردە. ئۇنىڭ ئۈستىگە مېنىڭ شوجاڭ بىلەن نىمە ئىشىم بار، مەن يا سەن بولمىسام،-دىدىڭ غۇدىراپ.
-ھوي، ئونداق دىمىسىلە بۇلار، ئادىلەم خېنىم، ئۇنىڭ ئۆزلىرىنى ‹كۆيدۈم-پىشتىم دەپ› قوغلىشىپ يۈرگىنىنى بىلمەسمەنما مەن.
-بولدى، ئۇ گەپلەرنى دىيىشمەيلىيا، مۇشۇ تۇرقۇمدا قورساق ئېچىپ ئۈچەيلىرىم تارتىشىپ كەتكەندە، بىكار گەپتىن جىگدە ياخشى دەپتىكەن كونىلار.
- چۈشتەتاماق يىمىگەنمۇ؟
-نەدىكى چۈشكىنە ئۇ، ناشتا قىلغانمۇ دەيسەن مۇنداق، ئەتىگەن تاڭ سۈزۈلمەستە ئالقانچىلىك تومناننى ئېلىپ كېۋەزلىككە چىقىپتىم، پاختىنى بىر تېرىپ تۈگىتىۋېتەي دىسەم، نەدىكىنى، بەك ئېچىلىپ كېتىپتۇ ئۇ پاختىلار، تېخى بايام ماۋۇ خالتىنى يۈدۈپ كېلىۋىدىم، قانداق ئۇخلاپ قالغىنىمنى بىلمەيمەن، ھارغىنلىقتا ئۇيۇپ كېتىپتىمەن.
سەن قازناقتىن مۇناقىدىن بىر ساپ ئاچىقتىڭ، ئاندىن ئاشخانىدىن قېتىپ قالغان تومتاننى سۇغا چىلاپ ئەكەلدىڭ، ئىككىڭلار قوشۇپ يىيىشتىڭلار.
-قايسى كۈنى ئىككىڭلار چاسىدا قېپقالغان، شوجاڭنىڭ ئۈيىگە كىردىڭلارما؟
-ئايشەمگە تېلېفۇن قىپتىكەن، ئۇ مېنى ئۆيۈمگە بىر كېلىپ كەتسۇن دەپتۇ، ئىككىيلەن بارىلى دىسەم ئايشەم دىگەن ئەسكى ئۇنىمىدى، ئاخىر ئامالسىز باردىم. بەك ئەسكى ئادەمكەن ئۇ.
-ساڭا ئەسكىلىك قىلدىما؟
-ئەسكىلىكقۇ قىلمىدى-يۇ، ئىشقىلىپ.
-ئىككىڭلار …ئوينىدىڭلارما.
-ھەي، ئۇنىڭ ئۈيى بەك پوزۇركەن، ئادىلە، ياتاق ئۆيلىرىنىڭ راھەتلىكىنى دېمەيسەن، سەن ئۇنىڭ ياتاق ئۆيلىرىگە كىرىپ باققانمىدىڭ؟
-مەن نىمە قىلىتتىم ئۇيەردە.
-ئۇ سېنىڭ گېپىڭنى قىلدى، ماڭا سېنى ئىندەككە كەلتۈرۈشكە ياردەم قىلىشىمنى سورىدى.
-ئەمىسە سەن ماڭا خىزمەت ئىشلىگىلى كىرىپسەن-ھە.
-ئۇنداق ئەمەس، يولدىن ئۈتۈپ كېتىۋاتقان، كۈرۈشۈپ ئۆتەي دەپ كىرگەن.
-ئۇنداق شوخلۇق قىلىپ يۈرۈۋەرسەڭ گۇناھ بولمامدۇ، ئاداش، لايىقىدا بىر ئەرگە تېگىۋالساڭچۇ؟
-گۇناھ بولۇشى بولىدۇ، لېكىن، ماڭا نىمە چارە، مەكتەپتە ئوقۇي دىسەم ئانام بىلەن دادام ئوقۇتمىدى، ھۈنەر ئۆگىنىسەن دەپ قويۇپ ئىككى ئاي ھۈنەرگە بېرىپلا ئەرگە بەردى، ئۇ ئىككى ئايدا مەن ئاران شۇ تىكىمچى ئۇستامنىڭ بالىسىنى بېقىشنى ئۈگەنگەن، ئۈچ يىل ئېرىمگە ئىشلەپ بىر بالا تۇغۇپ بولغاندا بالامنى تارتىۋېلىپ قاقسەنەم قىلىپ ھەيدەپ قويدى، ئۆيدىكىلەر ئالەم ماۋۇ چاغ بولغاندا ماڭا ھەپتىدە بېرىدىغان پۇلى ئون- يىگىرمە كويدىن ئاشمىسا، بىريەرلەرگە بېرىپ كۈنلۈك ئىشلەي دىسەم دادام گۇناھ بولىدۇ دەپ قويمىسا، يا مېنىڭ بۇ خەجىم توختىمىسا قانداق قىلىمەن، ئاشۇنداق بەزى چاغدا ھەسەلدىن قىل ئايرىپ يۈرگىنىمىز بىلەن بەزىدە ھۆپۈپنى يۇڭدىماي يەپ سالىدىكەنمىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە سەندەك ئەرگە تەگمىگەندە ھېچنىمىنى ئوقماي يۈرۈۋەرگەن بىلەن ئەرگە تېگىپ نەچچە يىل ئەرنىڭ راھىتىنى كۈرۈپ كۈنۈپ قالغاندا تۇيۇقسىز ئاجرىشىپ مۇنداق ئولتۇرۇپ قالساڭ كېچىلىرى يالغۇزلۇقتا ۋاسا ساناپ يېتىپ تاڭ ئاتقۇزماق  ئاسانغا چۈشمەيدىغان گەپكەن، ئەرگە تىگەي دىسە بىزلەردەك بىرنى تۇغقان جۇۋانلارغا  يېشىمىزغا باب كېلىدىغان بىرى خېرىدار بولمايدىكەن، يا بىز كۆڭلىمىزگە ياققانغا تاللاپ تېگەلمەيدىكەنمىز، خۇدايىم رىزقىمنى بەرسە مۇۋاپىق بىرى خېرىدار بولسا تېگىۋالسام ھەممە ئىش ئوڭشىلىپ كېتىدۇ.
-مەن ساڭا بىر لايىق تۇنۇشتۇرايمۇ؟-دىدىڭ سەن، ئۇ سېنىڭ چىرايىڭغا لاپپىدە قارىدى، ئېغىزىغا سالغان بىرلوقما ناننى يۇتۇپ بولغۇچە يانفۇنى سايراپ كەتتى، ئۇ تېلېفۇن ئىكرانىغا بىر قاراپلا چىرايىغا كۈلكە يۈگۈردى ۋە : «كېيىن كۈرۈشكەندە دىيىشىلى» دەپ ئالدىراپ سىرتقا ماڭدى.
-بۇزۇقلار،-دەپ غۇدۇرىدىڭ ئۆزەڭچە،- قىلىشقان سەتچىلىكىنى ماڭا ئاتايىن دەپ بەرگىلى كەپتىكەن- دە، بۇ، نىمە كارىم مېنىڭ، لېكىن، بۇ شۇجاڭنىڭ مېنى ياخشى كۈرىدىغانلىقىدا گەپ يوق،  لېكىن،… شۇمۇ ياخشى كۈرۈش بولدىمۇ، ئۆزىنىڭ خوتۇن-بالىلىرى بار تۇرسا، يەنە تېخى نەدە چىرايلىق، كىچىك قۇشقاچلارنى تاپسا قولدىن بەرمەي كۈڭۈل ئاچسا، شۇڭا ئۇ بۇ شوجاڭ دىگەننى توخۇ شورپىسى دەيدىكەن ئۇ. ھەقىقىي ياخشى كۈرۈش دىگەن ئەنە ئۇنىڭدەك بولىدۇ، بۇ ھاياتىمدا مېنى ئۇنىڭدەك ياخشى كۈرىدىغان يەنە بىرەرىنى ئۇچرىتالارمەنمۇ، بەلكىم قارىممۇ مېنى ياخشى كۈرىدۇ، لېكىن، ئۇنىڭدەك بەدەل تۈلەشكە ھەرگىز بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ. مەنمۇ ئۆزەم خالاپ ياتلىق بولارمەن، لېكىن، ئۇنىڭغا كۆيگەنچىلىك ئېرىمگە كۈڭۈل بېرەلەرمەنمۇ. نەچچە كۈن بولدى، ئۇنىڭ ئۈنىنى ئاڭلىماپتىمەن، ئۇ نەچچە يىل مابەينىدە پەقەت مەن ئۈچۈنلا تېلېفۇنىنى كېچە- كۈندۈزلەپ ئوچۇق قوياتتى، لېكىن، ئۈچ كۈن مابەينىدە نىمىشقا ئۇلانمايدىغاندۇ، ئۇنىڭغا بىر ئىش بولغانمىدۇ يا، ئۇنىڭغا مۇنۇنى سايە قىلىپ باقسام يارىتىپ قالارمۇ، بۇ خوتۇنمۇ ئۆزى كېلىشكەن، يېشى ئەمدى يىگىرمىگە ئۇلاشقان، ياقتۇرۇپ قالسا توي قىلغان بولسا ئۇنىڭمۇ مۇنداق بىر بېشى ساق بولار ئىدى، ئۇنىڭغا بىر دەپ باقايچۇ، ماقۇل دەپ قالسا ئەجەب ئەمەس، ئەتىگەن- كەچتە ئۇنىڭغا ھەمراھ بولىدىغان خوتۇنى بولسا، كېيىم- كېچەكلىرىنى ۋاقتى- ۋاقتىدا يۇيۇپ تامىقىنى ئېتىپ بەرسە ھېچبولمىسا مەن ئۇنىڭدىن خاتىرجەم بولۇپ قالاتتىم. بۇ خوتۇنمۇ چوڭ- كىچىك گۇناھلاردىن ساقلىنىپ ساۋاب تاپاتتى، توختا يەنە بىر بېسىپ باقاي، ئۇلىنىپ قالسا ئەجەب ئەمەس.
ئويلىغىنىڭدەك، بۇ قېتىم ئۇنىڭ تېلېفۇنى ئۇلاندى:«سۈيۈملۈكۈم، يانفۇنۇمنىڭ ئىشىكى سىز ئۈچۈن ھەرۋاقىت تەشنالىق بىلەن ئوچۇق…» سەن تورۇپكىنى تاققىدە قويدۇڭ. «نومۇرنى خاتا بېسىپ قالمىغاندىمەن، ھەجەب ئۇنىڭ رەڭلىك قوڭغۇرىقى بۇنداق ئەمەستىغۇ» خىيالىڭنىڭ ئاخىرى چىققىچە تېلېفۇن توۋلىدى، سەن تورۇپكىنى ئالدىڭ.
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.
-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام.
-بارمۇ سىز،-دىدىڭ سەن تۈزلا.
-ئەرزانغۇ، سەنچۇ؟
-مەنمۇ بار شۇ، ئۈچ كۈننىڭياقى تېلېفۇنىڭىزنى پەقەت ئاچمىدىڭىز.
-تېلېفۇن قىلدىڭما.
-ھەئە.
-نىمىشقا؟
-سىز بىلەن كۈرۈشەي دەپ شۇ. سىزدىن بەك ئەنسىرىدىم.
-نىمىىشقا ئەنسىرىدىڭ.
-بىرەر كۈڭۈلسىزلىك ياكى باشقا بىر ئىش بولغانمىدۇ دەپ، ئادەتتە تېلېفۇنىڭىزنى پەقەتلا ئەتمەيتتىڭىزچۇ، شۇڭا…
-مەندىن ئەنسىرىشىڭنىڭ ھاجىتى يوق، مەن دىگەن يىپى يوق لەگلەكتەك، قاسقىنى يوق ئەگلەكتەك ياشاپ كۈن نەدە كەچ بولسا شۇيەردە يۇرىدىغان سەۋدايى تۇرسام، لېكىن، مەن بەك خوش بولدۇم.
-نىمىدىن.
- سىنىڭ مېنى ئەسلەپ قويغىنىڭدىن، بۇ ئالەمدە مېنى ياراتمىسىمۇ ئېسىگە ئېلىپ قويىدىغان بىر گۈزەل ئادىلەمنىڭ بولغىنىدىن…، بىلەمسەن، ئادىلەم، مۇشۇ كەملەردە مەن سېنىڭ ئىلھامىڭ ۋە مەدىتىڭ بىلەنلا ياشاۋاتىمەن.
-مەن سىزنىڭ كۆكرىكىڭىزنى كېرىپ جۇشقۇن ياشىسىكەن دەيمەن، ناۋادا مەن سىز بىلەن توي قىلالىغان بولسام سىزنى بۆلەكچە ياشارتىۋېتەر ئىدىم، ئامال يوق، ھە راست، دەڭە، نەچچە كۈندىن بېرى نىمىشقا تېلېفۇنىڭىز ئېتىك؟
-توكى تۈگەپ قاپتىكەن، توك قاچىلاشنى خالىماي قالدىم شۇ.
-كۆڭلىڭىزنى چۈشىنىمەن، مەندىن رەنجىپ قالدىڭىز، توغرا دىدىممۇ؟
-ئۇنداق ئەمەس، مەن ئاغرىنىش دىگەننى كاللامدىن ئۈچۈرۈۋەتكىلى ئۇزۇن ۋاقىت بولدى، سەندىنمۇ، يەنە بىركىمدىنمۇ، ھەتتا ئانامدىنمۇ ئاغرىنمايمەن.
-ئانىڭىزدىن ئاغرىنمايدىغان بولدىڭىزما؟
-ئۇنىڭ مەن ئۈچۈن قىلىپ بەرگەن ئالا- يېشىل كۆڭلىنىڭ توغرا- خاتالىقىنى خۇدايىم ئۆزى ئايرىغاي، ئىشقىلىپ، مەن پەقەت ئانامدىن ئەپسۇسلىنىپلا قالىمەن، خالاس.
-ئۈلۈشكۈن نەگە بارغان ئىدىڭىز؟
-ھېچيەرگە بارمىدىم، ئىشلىدىم، ئاندىن ئۇخلىدىم شۇ.
-يالغانچى، مەن سىزنىڭ بۈگۈنلا بىر قېتىم يالغان ئېيتقىنىڭىزنى ئاڭلىدىم.
-بۇ نىمە دېگىنىڭ؟
-مەن سىزنى شەھەردە كۆردۈم.
-ئوخشىتىپ قاپسەن جۇمۇ.
-بۇنداق بۇلۇشى مۇمكىنمۇ؟ ماڭىمۇ ئىشەنمەيۋاتامسىز؟
-ئۈلۈشكۈن دىگەن پەيشەنبە، توغرا، ئۇنتۇپتىمەن، ئەمدى ئېسىمگە كەلدى، ئۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن دەرسىم يوق ئىدى، بىر كۈچ مېنى نەگىدۇر ماڭ دىگەندەك تارتتى، تاساددىپىي يىغىن ئېچىلپ قالمىسىلا ھېچ ئىش بولۇپ كەتكەيدۇ دېگىنە، شۇنىڭ بىلەن تەۋەككۇل قىلىپ ھېچبىر سەۋەبسىزلا بېرىپ ئايلىنىپ كەلگەن ئىدىم، سەن ئۇ يەردە نىمىش قىلاتتىڭ؟
-كەسپىي مەكتەپتىن بېرىدىغان پۇلنى ئالغىلى بارغان.
-مۇنداق دە، خەقنىڭ راھىتىنى كۈرەي دەپسەن-ھە، مېنى كۆرگەندىكىن نىمىشقا ماڭا تېلېفۇن قىلمىدىڭ؟
-يالغۇز ئەمەس ئىدىم، يېنىمدا يەنە ئىككىيلەپ بار، پاراڭلىشىشقا بىئەپرەك ئىدى،
-بىلگەن بولسام ئۈچىڭلارنى بىر قېتىم مېھمان قىلىپ قويار ئىكەنمەن.
-ۋاقتى كەلگەندە مېھمان قىلىۋالىسىز، يالغۇز بولغان بولسام قېشىڭىزغا باراتتىم، سىزنى ئۇ يەردە نىمە قىلىپ يۈرىدىغاندۇ دەپ جىق ئويلاپ كەتتىم، راستنى دىسەم سىز بىلەن بەكمۇ كۈرۈشكۈم كەلدى، سىزنى مەن تەرەپكە قاراپ سالارمىكىن دەپ قاراپ كۆزۈم تېشىلگۈدەك بولدى، لېكىن، سىز قاراپمۇ قويمىدىڭىز، نەدىكى بىركىملەر بىلەن كۈرۈشۈپ كاسىلدىشىپ ئۇزۇن تۇرۇپ كەتتىڭىز بولمىسا، مېنى ئۇنتۇپ قالغانمىدۇ دەپ كۆڭلۈم بەك يېرىم بولدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۈچ كۈن بولدى، يانفۇنىڭىز ئېچىلىپمۇ سالمىدى…
-مېنى ياخشى كۈرەمسەن، ئەدىلەم؟
-شۇنىمۇ سۇرامسىز… ئۇنداق بولمىسا سىز ئۈچۈن قايغۇرۇپ كۆڭلۈمنى يېرىم قىلىپ يۈرەمتىم.
-ئۇنى بىلىمەن، لېكىن ئاشۇ بىر جۈملە گېپىڭگە خۇمار بولۇپ قالدىم، يەنە ئاڭلىغۇم بار شۇ ئاينا.
-ماقۇل، سىزنى سۈيىمەن.
-ئەمىسە ماڭا تەگكىن، بىز توي قىلايلى، بولامدۇ؟
-لېكىن، بۇنىڭغا ئامال يوق، سۈيۈملۈكۈم، مېنى چۈشىنىڭ، سىزنى ياخشى كۈرۈشۈم يۈرىكىمنىڭ مەخپىيىتى، راست، سىزگە قانچىلىك كۈيىدىغىنىمنى، سىز ئۈچۈن قانچىلىك بەدەل تۈلىگىنىمنى ئۈزىڭىز ئوبدان بىلىسىز، لېكىن، بەزىدە نىكاھ دىگەن باشقا گەپ بولۇپ قالىدىكەن، سىز مېنى ئۆيدىن چىقىپ كەت دەيسىز، مەن سىز ئۈچۈن بەدەل تۆلەشنى خالايمەن، لېكىن، مېنى بېقىپ چوڭ قىلغان ئاتا- ئانامنى، ئورۇق-تۇغقانلىرىمنى، يەنە مېنى بۇدۇنياغا ئاپىرىدە قىلغان ئۆز ئاتا- ئانامنى، ئۇيەردىكى ئۇرۇق- تۇغقانلىرىمنى، ئۇلارنىڭ ھۆرمىتىنى، غۇرۇرى ھەم ئىززىتىنى ئويلىمىسام بولامدۇ، ئۇچاغدا ئەل يۇرت ماڭا نىمە دەيدۇ، قولنى يۇيغان باشقا، پولو يىگەن باشقا دەيتتىڭىزغۇ سىز، بۇ ئىشتا مېنى كەچۈرۈڭ، ماقۇلمۇ؟
-سېنى جاھاندىكى بارچە ئەرلەردىن، ھەتتا ھويلاڭدىكى خۇرازدىنمۇ كۈنلىگۈم كېلىدۇ، بولۇپمۇ ھېلىقى سۇيۇق گۇيدىن ئەنسىرەيمەن، ئۇ ساڭا يىراقتىن قارماق تاشلاۋاتقىلى خېلى بولدى، لېكىن، سەن ئۇنىڭ قارمىقىنى چىشلەپ بولۇپسەن، بۇ ئالەمدە بەدەلسىز ھالاۋەت بولمايدۇ، ھېچكىم ساڭا بىرەر تىيىننى، بىر قاچا تاماقنى بىكارغا بەرمەيدۇ، ھامان بىركۈنى سەن ئۇنىڭ بەدىلىنى تۈلەپ قالمىساڭلا مەيلىغۇ.
-ئۇنداق بولمايدۇ، ھەراست، سىزدىن سورايدىغان ئىشلار بار ئىدى، لېكىن، ھازىر قىلىدىغان بىرئاز ئىشىم بار. سەل تۇرۇپ تېلېفۇن قىلاي بولامدۇ.
-ماقۇل، لېكىن، ئومىقىم، ئاشۇ كۈزۈڭ بىلەن بىر دېڭىزسەن، مەن ئۇندىكى بىر نىمجان بېلىجانمەن، سېنى سۈيىمەن…
-توغرا ئەمەس، سىزنىڭ يۈرىكىڭىز دەريا، مەن ئۇنىڭدىكى سىزگە كۈيىدىغان ئاجىز بىلىجانمەن، لېكىن، ئۇ بېلىجاننى خەق قارماق تاشلاپ سۈزۈۋالماقچى…-ئىككىڭلار قىزغىنلىق بىلەن قاھ- قاھلاپ كۈلۈشتۈڭلار.
-بايام ‹سىزنى سۈيىمەن› دىدىڭغۇ، ئەمىسە سۈيۈپ قويمامسەن.
-مۇشۇ تېلېفۇندىما؟
-ئەمىسە ئۈيۈڭگە بارايمۇ يا.
-ياق… كەلمەڭ.
-ئەمىسە باشلا…
-نىمانچە ئاچكۆز بولۇپ كەتكەنسىز…
-سەن ئاينا مېنى ساڭا تويماس قىلىپ قويغان…
سەن تورۇپكىنى قويۇپ ھويلا-ئاراملىرىڭنى يىغىشتۇرۇپ سۈپۈرۈپ قوي-كالىلارغا ئوت-سۇ بېرىپ ئۆيگە كىرىپ تاماق قىلىشنى ئويلاپ تۇرغىنىڭدا تېلېفۇن يەنە توۋلىدى. شۇندىن كېيىن سەن تاماق ئېتىشنى، يەنە ئۆيۈڭدىكى باشقا ئىشلىرىڭنى ئۇنتۇپ ئايۋاننىڭ ئىشىكىنى ئىچىدىن ئىلدۈرۈپ ئېتىپ كېرىپ تېلېفۇننى ئالدىڭ، سەن قايسى كۈنى شەھرىستانغا نىمىشقا بارغىنىڭنى، ھېلىقى ياش مۇدىر ئاكاشنىڭ ماشىنىسىدا ئۇنىڭ بىلەن نىمىلەرنى دىيىشكىنىڭنى، قايتىشتا قانچىلىك جاپا تارتقىنىڭدىن تارتىپ ئۈيۈڭدىكى ئىككى ئايالنىڭ سەن توغرىلىق نىمىلەرنى دىيىشكەنلىرىنى، لايىقىڭنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى، ئاناڭنىڭ تاماشالىرىنى، ئۇنىڭ سۇ بۈلۈمنىڭ مىراپ بېگىنى سۇ ياقىلىغىلى سالغانلىرىنى، قاچان كىملەرنىڭ تېلېفۇن قىلىپ نىمىلەرنى دىگەنلىرىنى، سېنىڭ دىگەنلىرىڭنى،  ئىشقىلىپ، كۆرگەن- ئاڭلىغانلىرىڭنى، ئويلىغانلىرىڭنى، كۆرگەن چۈشلىرىڭنى  … چالا قويماي سۆزلىدىڭ، ھېلىقى ئاللىكىملەرنىڭ ساڭا تېلېفۇندا تەھدىت سېلىپ «سەن توي قىلىپ بولغۇچە سېنى ئېلىشقا جۈرئەت قىلغان ھېلىقى كىشى ھايات قالالارمۇ» دىگەنلىكىنى دەپ بولغىنىڭدا ئۇ ھېلىقى تەھدىت سېلىپ تېلېفۇن قىلغان كىشىنىڭ كىملىكىنى ئېنىقلاپ باقىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ھېلىقى تېلېفۇن نۇمۇرىنى سورىدى، سەن ئونى ئېيتىپ نەردىڭ، سەن لايىقىڭنىڭ نۆۋەتتىكى توي خېتى ئېلىش ئىشىدىكى باش قېتىنچىلىقىنى ئېيتىپ ئۆزەڭنىڭمۇ بېشىڭنىڭ تازا قاتقانلىقىنى ئېيتتىڭ، ئۇ ساڭا ئەقىلغە مۇۋاپىق بولغان چارىلەرنى كۆرسەتتى، پاراڭلىرىڭلار يەتمىش بەش مىنۇتقا بارغاندا تېلېفۇن ئۈزۈلدى، ئارىدىن ئازراق ۋاقىت ئۈتۈپ ئۇ يەنە تېلېفۇن قىلدى، ئۇ تېلېفۇننىڭ توكىنىڭ تۈگەپ قالغانلىقىنى، ھازىر ماي ئالماشتۇرۇپ تېلېفۇن قىلغانلىقىنى ئېيتتى، تېلېفۇندا ئىككىڭلار رېئاللىقتىن ھالقىغان شېرىن مۇھەببەتلىك پاراڭلارنىڭ پەيزىنى سۈرۈۋاتقىنىڭلاردا تۇرۇپكىدىن :«كەچۈرۈڭ، سىز تېلېفۇن قىلغان ئابۇنت نىسىي قاپتۇ…» دىگەن كۆڭۈلنى غەش قىلىدىغان ئاۋازنى ئاڭلاپ تورۇپكىنى قويدۇڭ. ئاندىن لايىقىڭغا تېلېفۇن قىلدىڭ، :«كەچۈرۈڭ، سىز ئۇرغان تېلېفۇن ئېتىك ئىكەن» . «بوپتۇلا، ئالدىراش چېغى…» سەن ئاستا داسنى كۈتىرىپ ئاشخانىغا ماڭدىڭ.  خېمىر يۇغۇرۇۋېتىپ ئۆزەڭچە ئوخشىتىپ ئۈگرە ئېتىشنى خالاپ قالدىڭ، سەن خېمىرنى يۇغۇرۇپ بولۇپ داسنى يۆگەپ تۇرغىنىڭدا ئاناڭ ئىشىكتىن كىرىپ كەلدى.
-ئەتىگەننىڭياقى تەرگەن پاختاڭ مۇشۇمۇ سېنىڭ،-دەپ كاركىرىدى ئاناڭ ۋە سېنىڭ بىرنىمە دىيىشىڭنى كۈتمەيلا ئەيىپلەشلەرنى ياغدۇرۇۋەتتى،-نامازشام بولغىلى قوپتى، يا بىر مۇنداق بىرەر قاچىدىن لەغمەن ئېتىپ بولالماپتۇ بۇ ئەرگە تەگكۈسى كېلىپ دىغراپ تۇرالماي قالغان بىرنىمە … قوي بولغان بولسىمۇغۇ بازاردىن شاش قوچقاردىن بىرنى ئەكىلىپلا ئېغىلغا سولاپ قويسام، كۈيلىكىنى قاندۇرار ئىدى، ھو فالان-پۇستانچى سەت پاسكىنا، مەن بۇ ئۆيدە يا ئانا بولالمىسام، يابىر بالا بولالمىسام، ئاۋۇ دادىسى بولغان شورۋىچىمۇ خوتۇن- بالىلىرىنى تاشلاپ قويۇپ بىر كېتىۋالسا بىرەر ئايدىمۇ بىر كېلىپ قوياي دېمىسە، شۇنداقمۇ تۇيۇپ كەتتىم مەن بۇ ئۆيگە، ئېتىزغا چىقسا قورساق قالسا، قازان بېشىغا كەلسە ئېغىلنىڭ ئىشى قاراپ تۇرسا…- سەن ئۇنىڭ ئېغىزىغا قاراپ جىملا تۇردۇڭ، ئاناڭ ئاشۇنداق غۇدۇرىغىنىچە ھاجەتخانا تەرەپكە ماڭدى، بۈگۈن ئۇنىڭ كەيپىياتى ئوسالدەك قىلاتتى، ‹قارىغاندا ئۇ يەنە بۈگۈن مەن بىلەن زورۇقۇپ سوقۇشىدىغان ئوخشايدۇ، يا بۇ رېقىپ دىگەننىڭ غەلۋىسى بىر تۈگىمىدى، خۇدايىم، ئۆزەڭ بار، ئەڭ ياخشىسى مەن تاش چىشلەپراق تۇرۇۋالاي› سەن ئاستا چىقىپ ئوچاققا قالىغۇلۇق ئەكىردىڭ ۋە قازاننى سەيلان قىلىپ ئازراق سۇ قويۇپ ئوچاققا ئوت ياققىلى قوپقىنىڭدا ئاناڭ كىرىپ سورىدى:
-نىمە ئېتىسەن؟
-سىز نىمە دېسىڭىز شۇنى ئېتەي.
-ئەتمە بۇ چاغقىچە ئېتىپ بولالمىغان ئۇنداق تامىقىڭنى.
-نىمە يەيمىز؟
-شامال يە،-سەن ئاناڭنىڭ چىرايىغا قاراپ قويۇپ ئاستاغىنە سەرەڭگىنى ئوچاقنىڭ يىنىدا قويدۇڭ ۋە ئېغىل تەرەپكە ماڭدىڭ، كەچقۇرۇن ئاناڭ نەگىدۇر ماڭغان ئىدى، سەن ئاچ قورساق، مادارسىز ھالدا بېشىڭنى ياستۇققا قويدۇڭ.

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12435
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32507
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4492 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-6 01:38:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق بېرىلىپ ئوقۇدۇم،تىلى قىزىقارلىق چىقىپتۇ...


داۋامىنىمۇ يوللامسىز يا؟

راست ،بۇ روماننىڭ ئاپتورى كىمدۇ؟......

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

كېيىنكى ئەۋلاتل

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95
يازما سانى: 1301
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13606
تۆھپە نۇمۇرى: 798
توردا: 4805 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-6 01:52:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىنى ئۇقۇپ ئاندىن ئىنكاسنى تولۇق يوللاي ...............................

قۇياش مەڭگۈ زىمىننىڭ بىرتەرىپىنىلا يۇرۇتمايدۇ ،تىرىشساڭلا ، مۇۋەپىقىيەت قۇچىقىنى كەڭ يايىدىغان پۇرسەت كېلىدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98045
يازما سانى: 94
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1152
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 67 سائەت
تىزىم: 2013-9-21
ئاخىرقى: 2015-1-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-7 12:38:17 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

2
قاچاندۇر ئاناڭنىڭ كىملەر بىلەندۇ گۇڭۇرلىشىۋاتقان ئۈنى ئاڭلاندى، ئاناڭ بىلەن پاراڭلىشىۋاتقىنى ئۇنىڭ ئاچىسى، سەن بودەك ئانام دەيدىغان ئالتۇنخان ھامماڭ ئىدى.
-ئاچاملارنىڭ يەنە گېپى شۇ،- دەيتتى ئاناڭ،-ئادىلەمنى ياندۇرۇڭلار، مەن بۇرۇن قىلمىغاننى ئەمدى قىلسام، ئاقىلەي، كۆكىلەي دەيدۇ.
-بالىنىڭ رايىچۇ؟
-ئۇنىڭ رايىغا قوياي دىسەمغۇ خوشلۇقتىن ئېغىزى قولىقىغا يېتىدۇ،  بۇ قىزبالا دىگەننى يا باغلاپ قويغىلى بولمىسا، مەكتەپتە ئوقۇغان چېغىدا كاللىسىغا ئازراق خىيال كىرىپ قاپتىكەن بۇنىڭ، ئەينى چاغدا بۇ ئوڭلۇق ئاچامنىڭ قولىقىغا ئاشۇ ئىشلارنى مەكتەپتە ئىشلەيدىغان خانىم تۇغقىنىمىز سورۇپ بېرىپتىكەن، شۇنىڭ بىلەن رايى قايتىپ ئاشۇ توينى ياندۇرۇۋەتكىنى ئىكەن.
-بۇ قانداق گەپلەر بولۇپ كەتتى ئەمدى؟
-قايسى يىلى سىز ئاغرىپ قېلىپ دۇختۇرخانىدا بىر مەزگىل يېتىپ داۋالاندىڭىزغۇ، شۇ چاغدا ئادىلەم بىر مەزگىل مەكتەپتە ئوقۇغاچ سىزگە قارىغان ئاينا، ئاچام بىلەن ئىككىمىز سىزنى يوقلاپ بارغاندا، ئادىلەممۇ مەكتەپتىن چىقتى، شۇ ياتاقتىكى  خوشنا كارىۋاتتا يۈرەك كېسىلى بولۇپ قېلىپ داۋالىنىۋاتقان بىر قاراموتۇق ئايال ئىسىڭىزدە بارغۇ، ئادىلەمنىڭ كۆڭلى چۈشۈپ قالغىنى دەل ئاشۇ ئايالنىڭ قىزىنى ئېلىپ قويۇۋەتكەن كىشىكەن…
-مۇنداق دەڭ، ھوي، پاتەم، ئۇدىگەن ئادىلەمنىڭ مۇئەللىمى ئەمەسمىدى؟ توۋۋا، ئادىلەمدىن خېلىلا چوڭ ئادەم ئەمەسمۇ ئۇ؟
-چىۋىننىڭ كۆڭلى پوققا چۈشۈپتۇ دىگەن شۇ ئەمەسمۇ؟
-قىز بالا دىگەنغۇ بىر كۆۋرۈككە ئوخشايدىكەن، ئۇنىڭدىن قېرىنىڭمۇ، ياشنىڭمۇ، چوڭنىڭمۇ، كىچىكنىڭمۇ بىر ئۆتۈپ باققۇسى كېلىدىكەن ئەمدى، لېكىن، دىگىنە، بۇلاردىن ئاۋۋال كىم  كىمگە قىزىغان بولغىيدى؟
-بىر مۇئەللىمنىڭ ئوقۇغۇچىسىغا قىزىپ قېلىشى دىگەن ئەقىلغا سىغمايدىغان بىر ئىش، مېنىڭچە، ئادىلەم ئاۋۋال ئونىڭغا قىزىغان گەپ، قىزبالىنىڭ قىزىتمىسىنىڭ ئېشىپ قالغىنىنى تۇيغان ئەر كىشى دىگەن ئۇنىڭغا قىزىماي قويامدۇ؟ ساغلىق قىزىمىسا قوشقار ئېسىلمايدۇچۇ؟
-بۇ خۇددى بىزنىڭ رابىيخاننىڭ ئىشلىرىغا ئوخشاپ قالغىلى قوپۇپتۇ، لېكىن، ئايىغى ئوخشاش بولۇپ قالماس، خۇدايىم، رابىيەنى بىز ھېلىقى ئەكبەر مۇئەللىم دىگەننى قاماقتىن ھېچقانداق پىكرىمىز يوق دەپ گۇۋاھلىقتىن ئۈتۈپ ئاچىقتۇرۇپ ئاندىن تويلاپ بەرگەن ئىدۇق، ئۇچاغدا بىز ئۇنى ئاشۇنداق قىلمىساق بولمايدىغان بولۇپ قاپتىكەن. ئۈچ ئۇغلى بىلەن تۇل قالدى ئاينا ئۇ بىچارە، خۇدايىم ئۇ مۇئەللىمنىڭ ئۆمرىنى كوتا قىلىپتىكەن، يۈرەك كىسىلى بولۇپ قازا قىلغاندا ئۈچىنچى ئوغلىغا قورساق كۈتۈرگىلى تېخى نەچچە ئايلىق بولۇپتىكەن، ئاشۇ بالىمۇ تۇغۇلۇپ ئاينا خېلى چوڭ بلۇپ قالدى، لېكىن رابىيەن بۇجەرياندا نىمە جاپالارنى تارتمىدى، ئۆزىدىن چوڭ ئادەمگە تەگسە قىز بالا بەك تىز قېرىپ چۈشۈپ كېتىدىكەن. ئالدىمىزدىن بىر قېتىم ئۆتكەندىكىن، ئادىلەمنى ئۇنداق ئۆز رايىغا قويۇپ بەرمىگىنىڭ ئۇبدان بولۇپتۇ، ئۇكام، لېكىن… كونىلاردا :«ئويقۇ جاي تاللىماس، مۇھەببەت چىراي تاللىماس» دەيدىغان بىرگەپمۇ بار، پاتەم، مېنىڭ ئاڭلىغىنىمدا ئۇ كىشىغۇ خېلى ئوڭلۇق ئادەم، ئەمما…
-ئۇ گەپلەرنى بىر قىلىپ سالماڭ، بۇ ئىككىسىنىڭ مۇھەببىتى بەك چىڭ، ھەركۈنى ئۇلار تېلېفۇندا كۈرۈشۈپ تۇرىدۇ. توسۇپ ھالىم قالمىدى، توسىغانسىرى يۇشۇرۇن تېلېفۇنلىشىدىكەن، ئادىلەمگە : «كۈرۈشمەيسەن» دەپ بەك قاتتىق زەردە قىلدىم، ئۇنداق قىلغان بىلەن بالا دىگەننى باغلاپ قويغىلى بولمايدىكەن، بازار كۈنلىرى مەن بازارغىمۇ بارماي ئۇنىمۇ بارغۇزماي قولتۇقۇمغا قىسىپ يۈرۈپ باقتىم، ھەمىشە ئۇنداق قىلىپ بولغىلى بولمايدىكەن، ھېچبولمىسا ھاجەتخانىغىمۇ بىللە ئاپىرىپ بولغىلى بولمايدىكەن، ئۆيدە لەزىم بولىدىغان ئۇ-بۇ نەرسىلەرنى ئەكەلگىن دەپ دوقمۇشلارغا ئېۋەتىپ سالىدىكەنمەن، ئاشۇنداق چاغلاردا تېلېفۇندا كۈرۈشۈۋېرىدىكەن، تېلېفۇننىڭ پۇلى تۈگەپ توختاپ قالسا كۈرۈشمەسمىكىن دىسەم، نەدىكىنى، بىزنىڭ بۇ تېلېفۇن ھەرگىز توختاپ قالمايدۇ، ئاخشىمى توختاپ قالسا ئەتىسى قاقپودا يەنە ئېچىلىپ بولىدۇ، بىر كۈنى كىسەل يوقلاپ كەتتىم، دادىسى جۈمە ئوقۇغىلى كەتكەن پۇرسەتتە ئۇ كېلىپ كېتىپتۇ، يوغان قوغۇندىن ئىككىنى ئەكىلىپتۇ، ئادىلەمنىڭ قوغۇن دىسە ئۈزىنى ئاتىدىغانلىقىنى ئۇ بىلىدىكەن دىگەن گەپ. بۇ ئۆيدە ئۇ ئىككىسى ئاران كۈرۈشكەندە نىمە ئىشلارنى قىلىشمىدى، خۇدايىم ساقلار، بۇ گەپلەرنى دىسەك گەپ جىق، ھېلىقى رېقىپجان بىلەن توي قىلىدىغان بولغاندا ئادىلەم شەھەردە ئىدى ئاينا، توينى بىز چارشەنبىگە توختاتتۇققۇ، ئادىلەم شەھەردىن قايتىشىدا ئون ئىككى گرام كېلىدىغان بىر ئالتۇن بىلەيزۈكنى قولىغا سېلىپ كەپتۇ، قاراڭ ئاچا، ئۇ ئۈزۈكنى ئۇ ئادەم ئادىلەمنىڭ تويىغا سوۋغا قىپتۇ، ئۇنىڭ ئادىلەمگە قىلغانلىرى بەك جىق، بۇنى رايىغا قويسامغۇ ھازىرلا ئۇنىڭ يېنىغا كەتكۈسى بار. ئەمدىكى گەپ ئادىلەمنى قارىم بىلەن بولغان تويدىن ياندۇرۇشقا ئۇنىڭدىن باشقا كىشى يۈلەك بولالمايدۇ، ئۇ ئۇنىڭدىن باشقىنىڭ گېپىنى ئاڭلىمايدۇ، ئەينى چاغدىمۇ ئاشۇ تويغا قايىل قىلىش ئۈچۈن ئۇ كىشىگە تېلېفۇن قىلىپ :«…تويدىن كېيىن مەن سىلىگە كۆپ خىزمەت قىلاي، ئاۋۋال قىزىمنى بىر ئەرگە بېرىۋالاي، ھازىر بۇ ‹ھېچكىمگە تەگمەيمەن، ئەرگە تەگمەيمەن› دەپ ئولتۇرۇۋالدى، ئاچاملار تېخى ئالدىراپ قالدى، مەن بەك تەڭقىسلىقتا قالدىم، ئادىلەم سىلىنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ قالارمىكىن دەيمەن، بۇ قىلغانلىرى ئۈچۈن كېيىن ئادىلەم بىلەن ئىككىڭلارنىڭ كۆڭلى ئېچىلغۇدەك شارائىت يارىتىپ بېرىمەن، سىلىنىڭ قىلغانلىرىنى ئۇنتۇپ قالمايمەن» دەپ يۈزۈمنى قىزارتىپ كۆپ سۆزلىگەن ئىدىم، ئارىدىن بىرمەزگىل ئۈتۈپ ئۇ ئاسانلا بۇ تويغا قوشۇلۇپ قالغان ئىدى، بولمىسا مەن بۇ جاھىل قىزنى ئۇرۇپ- تىللاپ چاچلىرىدىن تۇتۇپ تاملارغا ئۈستۈرۈپ، سۆرەپ  قىلمىغىنىم قالمىغان ئىدى. ئۇنىڭ ئاشۇ ئەلپازىدا ئۇنى قىيناپ ئۆلتۈرۈۋەتسەممۇ ماقۇل دىگۈزەلمەسكەنمەن، ئەمدى يەنە سۆزلە، قايىل قىلىپ بەر، ئۇ يەنە ھېلىقىدىن يانسۇن،  مانىڭغا تەگسۈن دىسەم نىمە دەيدۇ، بىلگىلى بولمايدۇ مانا.
-ئادىلەمنى ئۇ كىشى راستلا قايىل قىلالايدىغانلىقىغا ئشەنچ قىلالامسەن، پاتەم؟
-نىيەت قىلسىلا قايىل قىلالىشىدا شەك يوق.
-ئەمىسە ئۇكىشىگە بىرەر ئىككى يۈز كوي پۇل بەرسەك قايىل قىلىپ بەرمەسمۇ، ناھايتى ئېغىزىنىڭ يېلى كەتكەندىكىن.
-بۇ ئىشقا بىرەرئىككى يۈز كوي ئەمەس، بىرەر ئىككى مىڭ كوي بەرسەكمۇ ماقۇل دىيىشى قانداق بولاركىن. ئۇنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق پۇلى بار، ئۇنىڭ ئادىلەم ئۈچۈن خەجلىگەن پۇلىمۇ ئاز ئەمەس، ئۇ بىز بېرىلى دىگەن ئىككى توك- توك پۇلغا ھاجەت ئەمەس.
-ئەمىسە ئويلىغىنىڭ بارمۇ؟
-پەقەت بىرلا يول بار، ئۇ ھازىر ئادىلەمگە كۈيۈپ قېلىغلىق، بىز ئۇنى ئادىلەم بىلەن بىرەر ئىككى- ئاخشام بىللە قويساق قانداق بۇلاركىن، ئۇنىڭغا ھازىر مۇشۇ گەپلا ئەڭ تېتىيدۇ، باشقا چارە ئاقماسمىكىن، ئاچا.
-لېكىن، چاتاق يېرى، بۇنداق قىلغىلى بولمايدۇ ئەمەسمۇ. ناۋادا بىز ئۇ كىشى بىلەن بىزنىڭ سالىھەنى تۇنۇشتۇرۇپ باقساق يارىتىپ قالسا سالىھەنى بېرىپ كۈيئوغۇل قىلىۋالاتتۇق. ئۇ چاغدا ئۇنىڭ بۇ ئىشىمىزغا ياردەم قىلىپ قېلىشىمۇ مۇمكىن ئىدى، ناھايتى بىز ئۇنىڭغا تويلۇقنى ئازراق ئالغۇزۇپ كۆپ چىقىمدار قىلماي ھۆرمىتىنى تازا قىلىپ قوياتتۇق شۇ…
-سالىھەنىڭمۇ يېشى ئانچە چوڭ ئەمەس، ئۈزىمۇ ئۇز، بۇي-بەستى ھەرھالدا كېلىشكەن، ھەر ئىككىسىنىڭ بىرەردىن بالىسى بولغاندىكىن ماقۇل دىسىغۇ چىقىشىپ قالسا ئەجەب ئەمەس ئىدى، لېكىن، ئۇ نىمە دەركىن، ئاچا. مەن ئەتە ئادىلەمگە دەپ باقاي، ئۇ سۆزلىسە قايىل بولۇپ قالارمىكىن- تاڭ،-ئۇلارنىڭ گېپى شۇ يەرگە كەلگەندە سەن ئازراقلا مىدىرلاپ سالدىڭ، ئۇلار سېنىڭ ئويغاقلىقىڭنى مۆلچەرلەشتى، ھامماڭ ئاناڭ بىلەن نىمىنىدۇر قۇلاقلىشىپ ئالدىراپ ئۆيىگە قايتتى. ئۆيۈڭدە ئاجىز يېنىۋاتقان قىرىق ۋاتلىق لامپا ئۆچتى. بىردەمدىن كېيىنلا ئاناڭ يىنىك خورەكنى باشلىدى. باياتىن ئۇلار ئۇنىڭغا تونۇشتۇرماقچى بولغان لايىق سالىھەنىڭ گېپىنى ئابايام سەن تېلېفۇندا ئۇنىڭغا دىگەن ئىدىڭ. ئۇ بولسا يا ھە يا ياق دېمەي، ۋەيا ئويلىنىپ باقايمۇ دىمەي ئۆزىنى قاچۇرغان، قايتىلاپ سورىغىنىڭدا بولسا :
-ئۇنىڭ چىرايى ساڭا ئوخشامدۇ،- دەپ سورىغان ئىدى.
-كۆرسىڭىز بىلىسىز،-دىگىنىڭدە بولسا، ئۇ:
-ئۇنداقتا، قانداق بولىدۇ، شۇنداق قىلسام سەن خوش بولامسەن،-دىگەن ئىدى.
–مېنىڭ خوش بولۇشۇم مۇھىم ئەمەس، ئويلىغىنىم، ئۇ خېلى چىۋەر، ئاش- تاماققا ئۇستا، ئۇنى ئالسىڭىز ئاچ- توق يۈرمەيسىز، كىيىملىرىڭىزنى پاكىز كېيىسىز، ئاندىن بىز ئۇرۇق- تۇغقان بولىمىز، بۇ يەرلەرگە كەلسىڭىز ھېچكىم سىزدىن ئارتۇقچە گۇمانلارنى قىلىپ يۈرمەيدۇ، ئۇ چاغدا بىز پات- پات كۈرۈشۈپ تۇرالايمىز دەپ ئويلىغان ئىدىم. مەسىلەن سىز ھازىر بىزنىڭ ئۆيگە كېلىش ئەمەس ئۆينىڭ كەينىدىكى تاشيولدىن ئۆتسىڭىزمۇ خەق بىز ئىككىمىزدىن گۇمانلىنىدۇ، ئۆتكەن يىلى كۈزدە سىز مۇشۇ يولدىن ئۈتۈپ ھېلىقى جىنلىق كۆۋرۈكنىڭ يېنىدا بىردەم تۇرۇپ كەينىڭىزگە يېنىپسىزكەنغۇ، شۇ كۈنى مەھەللىدىكى بىر ئالاقاغا دادامغا يەتكۈزۈپتۇ، كەچقۇرۇن دادام مەن يېتىپ بولغاندا چېچىمدىن تۇتۇپ سۆرەپ ھويلىغا ئاچىقىپ تاملارغا ئۈستۈرۈپ زەردە قىلىپ ئېغىزدىن چىققۇسىز گەپلەر بىلەن تىللاپ تۇغۇلغىنىمغا غىق تويغۇزغان، مەن دادامدىن قورقىمەن، ئانامدىن بولسا تېخىمۇ قورقىمەن، ياش ئون يەتتىدىن ئاشقاندا ئۇنداق زەردە قىلسا ئادەمگە بەك ئېغىر كېلىدىكەن، خۇدانىڭ غەزىپىدىن قورقمىغان بولسام شۇ چاغدا بوينۇمغا سىرتماق سېلىپ ئېسىلىپلا ئۈلۈۋالاتتىم ياكى بولمىسا قازناقتىكى چاشقان دورىسىنى يېۋېلىپلا خاپىلىقتىن قۇتۇلاتتىم دەڭە، شۇڭا ئاشۇنداق ئويلاپ سالغان ئىدىم، ئەگەر مۇۋاپىق كۆرسىڭىز سىزگىمۇ، ماڭىمۇ ياخشى بولاتتى…
-سەنچە، ناۋادا شۇنداق قىلساق ئۇ توي قىلىپ بولغاندىن كېيىن ھېلىقى سەن دىگەندەك ئىشلاردىن قول ئۈزۈشى مۇمكىنمۇ؟
-ئۇنىڭغا ھۆددە قىلالمايمەن، بوپتۇ، خالىمىسىڭىز مەنمۇ بۇگەپنى دىمىگەن بولاي، سىزمۇ ئاڭلىمىغان بولۇڭ … راستىنى دىسەم، سىزنىڭ باشقا بىرى بىلەن توي قىلغىنىڭىزنى ئاڭلاشنى خالىمايمەن… مەيلى قارىمغا تىگەي ياكى باشقا بىرى بىلەن ياشاي، ھەتتا نەچچىنى تۇغاي، سىزنى داۋاملىق ئەسلەپ تۇرىمەن.
-ئەمىسە مەنچۇ، مەن نىمە قىلىمەن، ئۆمرۈمنىڭ ئاخىرىغىچە ساڭا قارىلىق تۇتۇپ ياشامدىم.
-ئۇنى مەنمۇ ئۇقمىدىم، مۇشۇ ئىشلارنى ئويلىسام بېشىم بەك قاتىدۇ…
-بوپتۇلا، سەن خالىمىغاندىكىن بۇ گەپلەرنى ئەمدى دىيىشمەيلى… ھەراست، ئادىلەم، مېنى راستلا چىن دىلىڭدىن سۈيەمسەن؟
-ھەئە، خۇددى سىز ماڭا كۆيگەندەكلا…سىزنى مەڭگۈ سۈيىمەن…
-مەنمۇ سېنى مەڭگۈ سۈيىمەن، مەن ساڭا ئاشىق…
-لېكىن، بىزنىڭ توي قىلىشىمىشغا مۇمكىنچىلىك يوق، ھېچبولمىسا تۇنجى تويۇمدا…
-نىمىشقا؟ سەن ئۆيۈڭدىن قېچىپ چىقىشقىلا ئىشەنچ قىلغان بولساڭ مۇمكىن بولمايدىغان ئىش بولمايتتىچۇ…
-قاراڭ، سىزگە بىر گەپ قىلىپ بېرەي…
-يەنە ھېلىقى توغراقدۆڭدىكى تۇغقىنىڭنىڭ تويىنى سۆزلەيسەنغۇ.…
-مېنىڭ ئاشۇ قىز بالىدەك بىچارە بولۇپ قالغۇم يوق، ئۇنىڭمۇ ياخشى كۈرۈپ قالغان ئادىمى ئۆزىدىن سەل چوڭراقكەن، ئاتا- ئانىسى شۇ سەۋەبتىن بەرمەپتىكەن، لېكىن، ئۇ ئەقىلسىز قېچىپ كېتىپتۇ، ئۇلارنى نەدىندۇر تېپىپ كەلگەندە ئۇنىڭ قورسىقىغا نەچچە ئايلىق بولۇپتىكەن، ئامالسىز ئېغىزىغا تۇپىنى سۇۋاپ تويىنى قىلىپ بېرىشتى، توۋۋا دەڭ، ماتەممۇ ئۇنىڭدىن كۈڭۈللۈكرەك بولار. يەنە بىرى، بودەك ئانامنىڭ رابىئە دەيدىغان بىر قىزى بارئىدى، ئۇ تۇلۇقسىزنىڭ ئۈچىنچى يىللىقىدا ئوقۇغان چېغىدا مەكتەپتە مۇئەللىملىك قىلىدىغان باشقا يەردىن كەلگەن بىرسى بىلەن ئارىلىشىپ قاپتىكەن، ئۇلار ھېلىقىدەك ئىشلارنى قىلىشىپمىدىكىن-تاڭ، ئىشقىلىپ، ئۇنىڭ ئىشلىرى ئاشكارىلىنىپ قاپتۇ، نۇرغۇن باش قېتىنچىلىقلاردىن كېيىن ئۇنى ھېلىقى مۇئەللىمگە بېرىپتىكەن، ئۇنىڭ ھازىر ئۈچ بالىسى بار، لېكىن، ھېلىقى مۇئەللىم يۈرەك كېسىلى بىلەن قازاقىلىپ كەتكىلى خېلى ئۇزۇن بولدى، ئۇنىڭمۇ ھالى خاراپ ھازىر، مېنىڭ ئۇنىڭدەك بولۇپ قالغۇم يوق…
-بولدى، چۈشەندىم، سەن دىگەن تىلى بەك تاتلىق قىزبالىسەن، نەگىلا بارساڭ ھەركىشىدىن نېنىڭنى تېپىپ يىيەلەيسەن، مەن سېنىڭ كېيىنلىكىڭدىن شەكلەنمەيمەن، ماقۇل ئەمىسە، مەن سېنى ياخشى كۆركەندىكىن سېنىڭ كۆڭلۈڭ ئۈچۈن مەن بىرمەزگىل يىپى يوق لەگلەكتەك، قاسقىنى يوق ئەگلەكتەك يۈرگەچ تۇراي، لېكىن، سەنمۇ تويۇڭنى ئالدىراپ قىلىۋال، ئىشقىلىپ سېنى ياخشى كۈرىدىغان ئادەمگە تەگكىن، ئۇندىن كېيىن مەنمۇ ئۆزەم چاغلاپ بىرەر ئىش قىلارمەن، تويدىن كېيىن سېنىڭ مېنى ئېسىڭگە ئېلىشىڭغا ئانچە كۆپ پۇرسەتمۇ چىقىپ قالمايدۇ، ئەڭ ياخشىسى ئۇ چاغدا مېنى ئېسىڭگە ئېلىشنى ئويلىمىغىن،-دىگەن ئىدى.
-سىزنى داۋاملىق سېغىنىپ ئەسلەپ تۇرىمەن…
-دېگىنىڭدەك بولار، لېكىن، ھەرقانداق ئەھۋالدا ئېرىڭگە ساداقەتمەن بولغىن، بولامدۇ؟…
سەن تويۇڭ توغرىسىدىكى نۆۋەتتىكى قىيىنچىلىقلاردىن دادلاپ نۇرغۇن سۆزلىگەن ئىدىڭ…
قورسىقىڭ ئاچ، بەدىنىڭ مادارسىز ئىدى. شىپىرلاپ ئورنۇڭدىن تۇرۇپ ئىشكاپنى، ئاشخانىدىكى ھەممە يەرنى چالا قويماي ئىزدىدىڭ، قاتتىق قۇرۇق نانمۇ ئۇچرىمىدى، ئاخىر بولماي نەچچە كۈن بۇرۇن قازناققا يېيىپ قويغان قىزىل ئۈزۈمدىن بىر ساپاق ئاچىقىپ يۇيۇپ يەپ يوتقانغا كىردىڭ، كۆزئالدىڭدا ئۇنىڭ بىلەن ئىككىڭلارنىڭ ھۇزۇرلىنىپ تاماق يىگەن چاغلار كەلدى، سەن جاپا تارتقاندا ئاشۇ گۈزەل چاغلار دەپ قارايدىغان ئۇنتۇلغۇسىز ۋاقىتلىرىڭنى ئەسكە ئېلىپ كۆڭلۈڭنى ئاۋۇندۇراتتىڭ، مولچىلىق داستىخانلاردا بولسا يەنە ئۇنى ئېسىڭگە ئالاتتىڭ :« بىچارە، شۇ تاپتا قورسىقى ئاچمىدۇر يا توقمىدۇر، ئامال بولسا ئۇمۇ مۇشۇ داستىخاندا بولغان بولسا بىللە تاماق يىگەن بولساقچۇ، مۇشۇ لوقمىنى ئېغىزىغا ئۆز قولۇم بىلەن سېلىپ قويغان بولسام…ئۇ قانچىلىك ھۇزۇرلىنىپ يەپ كېتەر ئىدى، ناۋادا ئانام ئۇنىغان بولسىدى، چوڭلۇقىنى ئۆزى كۈتۈرەتتى، ئۇنىڭ مۇھەببىتى بولسىلا ماڭا يىتەرلىك ئىدى» سەن قاچاندۇر قايسىبىر بېلىق كۆلى ئەتراپىدىكى قومۇشلۇقتا كاۋاپ، چاي تۇخۇم، نان، چاي دىگەنلەرنى تىزىپ تاماق يىيىشكەن كۈڭۈللۈك چاغلىرىڭ، يەنە قايسىبىر ئاشخانىدا ئىككىڭلار قارىشىپ ئولتۇرۇپ تاماق يىيىشكەن چاغلىرىڭ، يەنە قايسىدۇر بىر چاغلارنى خىيالىڭغا كەلتۈرۈپ  يېتىپ قاچاندۇر ئۇيقۇغا كەتتىڭ. ئەتىگەندە ھالسىز ئورنۇڭدىن تۇردۇڭ، ئاناڭغا نىمە بولدىكىن، ئۇ ئاشخانىدا تاماق ئېتىۋاتاتتى، ئاشخانىدىن لاغمەننىڭ سوزۇلغان پىلتىسىنى تاختىغا ئۇرغاندا چىقىدىغان تارس-تارس-تارس قىلغان ئاۋازنى ئاڭلاپ ئەسنىگەن پېتى ئاشخانىغا كىردىڭ.
-ئۈزىڭىز يالغۇز ئەتتىڭىزما؟مېنىمۇ ئويغاتسىڭىزچۇ؟بىللە قىلار ئىدۇق…
-ئاخشام ئاچ قورساق يېتىپ ئۇخلاپ قالغان ئىدىڭ، ئويغىنىپ بولغۇچە لەغمەننى پىشۇرۇپ بولاي دىدىم…
سەن ئوشۇق گەپ قىلماي ناشتا قىلىپ يەنە خالتىنى كۈتىرىپ تۈنۈگۈن ئېشىپ قالغان پاختىنى تەرگىلى ماڭدىڭ. ئاپاڭ سەندىن ئۇشۇقچە گەپ سوراپمۇ ياكى ئىش تاپىلاپمۇ قويمىدى، دىگەر ۋاقتى بولۇپ ئاشقىچە نىشانلىغان يەردىكى پاختىلارنى ئۆزەڭ يالغۇز تېرىپ يىغىشتۇردۇڭ ھەم شۇ يەردىكى يولدىن ئۈتۈۋاتقان بىر خوشناڭنىڭ ھارۋىسىغا خالتىلىرىڭنى سېلىۋېلىپ ئۆيۈڭگە ئاسانلا كېلىۋالدىڭ. ھويلا ئىچى تىپتىنچ ئىدى، سەن ئۆيگە كىرىپلا تېلېفۇننىڭ ئىكرانىدىكى تونۇش نومۇرغا كۆز يۈگۈرتتۈڭ، چىرايىڭغا كۈلكە يۈگۈردى، سەن نىمە قىلىشنى ئويلاپ بولغۇچە سىرتتىن ئاناڭنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى. ئۇ سېنى چاقىردى، سەن يۈگۈرۈپ ئۇنىڭ ئالدىغا چىقتىڭ. ئاناڭ ئىشەكنى ئېغىل ئالدىدىكى تۈۋرۈككە باغلاۋاتاتتى، ئۇ سېنى كۈرۈپ :
-ھە، كېلىپ بولغانمىدىڭ، مەن تېخى سىنى پاختىلىقتىمىكىن دەپ ئويلىغان، كەلمىگەن بولساڭ ھارۋىدىكى نەرسىلەرنى ئېلىۋېتىپ ھارۋىدا بېرىپ پاختىلارنى ئەكىلەيمىكىن دەپ چاقىرىپ باققان ئىدىم، -دىدى. ئۇنىڭ كەيپىياتى يامان ئەمەستەك قىلاتتى.
-مەنمۇ ھازىرلا كېلىپ تېخى ئىشىكنى ئېچىپ تۇرغان،  تەرگەن پاختىنى ئاۋۇ ۋايىتىكامنىڭ ھارۋىسىغا سېلىۋالدىم، ئۇ مېنى ئۆيگە ئەكىلىپ قويدى.
-ماۋۇ ھارۋىدىكى نەرسىلەرنى ئۆيگە ئەكىرگىن،- ئۇ ئۆيگە ماڭدى، سەن ئېشەكنى ھارۋىدىن چىقىرىپ ئاندىن ئېشەكنى ئېغىلغا سۇلاپ ئۇقۇرغا سامان قويۇپ بېرىپ ئاندىن ھارۋىدىكى داستىخانغا يۆگەلگەن زەللىنى ئۆيگە ئەكىردىڭ.
-ئېشەكچۇ؟
-ئېشەكنى چىقىرىپ ئېغىلغا سۇلىۋېتىپ يىگەچ تۇرسۇن دەپ ئوقۇرغا سامان قويۇپ بېرىپ كىردىم، بۇ ئېشەك نىمە بولدىكىن، جۇمبۇرىنى يەشكىلى قوپسام بىر پۇشقۇرۇپ مېنى چىشلىۋالغىلى قىل قالدى…
-ھاڭگا ئېشەك دىگەنغۇ قېرىغانسىرى خۇي چىقىرىپ قالىتتى، بۇ دىگەن مادا ئېشەك تۇرسا، تېخى باياتىن يولدا كەلگۈچە تېزەك پۇراپ نەچچە يەردە توختىۋالدى، ئۇدۇل كەلگەن يەردە ھاڭراپ تېخى بېشىمنى ئاغرىتىۋەتتى، ھاڭگىغا يانغىلى قوپتىمىكىن ئۇ.
-ئۇنىڭ تەخىيىنى ساتمىغان بولساق، ئۇنى ئېپقېلىپ ئانىسىنى سېتىۋېتەركەنمىز، ئەمدى كېلەر يىلى تەخىيى مادا بولۇپ قالسا ئېپقېلىپ ئاندىن ساتىلىمىكىن؟
-بۇيىل سېتىۋېتىمىز، كىم باقىدۇ بۇ قېرى مادىنى ئەمدى.
-ھازىر سېتىپ ئەتىيازدا ئالساق ئېشەكلەر كۈزدە بەك ئەرزان، ئەتىيازدا قىممەتلىشىپ قالىدۇ. ئۇ چاغدا زىيان بولمامدۇ؟
-ئەمدى ئالمايمىز.
-يەرلەرنى قانداق تېرىيمىز؟
-كەچتە داداڭ كېلىدۇ. ئۇ ھازىر شەھەردىن يولغا چىقىپتۇ.
-نىمانداق ياخشى، دادام ئۆينى ئۇنتۇپ قالماپتۇ-ھە.
-ئۇنتۇپ قالامتى، شىركەتتە كۈزدە ئىشلار جىق بولۇپ قالىدۇ، تاغاڭ ئالغان نەچچە يۈز توننا چىلاننى خىللاپ تۈرگە ئايرىپ  يەشىكلەرگە قاچىلاپ ئاندىن ئۇنى ئىچكىرىدىن چىققان خوجايىنلارغا ئۆتكۈزۈش  دىگەندەك ئىشلارنىڭ ھەممىسىگە داداڭنى مەسئۇل قىلىغلىق تۇرسا، مەسئۇلىيەت دىگەننىڭ ھۆددىسىدىن چىقماي بولمايدۇ، شۇڭا كېلەلمىگەن گەپ.
-ئەمىسە چىلاننىڭ ئىشلىرى تۈگەپتۇمۇ؟
-ياقەي، تېخى نەدە تۈگەيدۇ، كېلەريىلى بەشىنچى ئايلاردا بىرقۇر ئاياقلاشتۇرالىساق چوڭ گەپ دەيدۇ. ئۇ بىرەر كۈن تۇرۇپلا يەنە قايتىپ كېتىدىكەن.
-تېلېفۇن قىلىپتۇمۇ؟
-ياقەي، مەن تۈنۈگۈن تېلېفۇن قىلغان، ئۆينى ئۇنتۇپ قالمىغان بولسىلا مۇنداق بىر كىلىپ كەتسىلە دىگەن.
-دادامنىڭ كېلىشى بىلەن ئېشەكنى باقماسلىقنىڭ ئالاقىسى بارمۇ؟
-داداڭ بىلەن تېلېفۇندا دىيىشتۇق، ئېشەكنى، قويلارنى سېتىۋېتىپ، باغ- ئېتىزلارنىڭ كۆكىنى سېتىپ كېلەريىلى ئەتىيازدىن تارتىپ داداڭنىڭ قېشىغا كېتىپ شۇ يەردە ئىشلەيدىغان بولدۇق.
-مەنچۇ؟ مەنمۇ كېتەمدىم.
-تويۇڭ بولمايلا قالسا سەنمۇ كېتىسەن.
-سىز كەتسڭىز نىمىش قىلىسىز ئۇيەردە.
-شىركەتتە ئىشلەيدىغانلارغا چۈشتە بىرۋاق تاماق ئېتىپ بېرىدىكەنمەن. داداڭ كەچتە كەلسە، ئەكبەر تاغاڭمۇ ئەتە بالا-چاقىلىرى بىلەن كېلىپ بىركۈن ئويناپ ، كەچقۇرۇن داداڭمۇ ئۇلار بىلەن بىللە كېتىدىكەن، لەيغەزەل موللام يا مۇنداق بىر قوڭىنى تاق- تاق كۆتۈرمىدى ھازىرغىچە، بولمىسا تويلىرىڭمۇ بولۇپ بولار ئىدى بۇچاغقىچە… ئۇ چاغدا مەنمۇ ئاچامنىڭ مىشىلداپ يىغلاپ تۇرۇپ قىلىدىغان غەلۋىسىدىن  ئاجراپ بولار ئىدىم، يا سەنمۇ بىرەر قېتىم مېنىڭ گېپىمنى ئىلىك ئېلىپ قۇيۇشنى بولسىمۇ ئويلاشمىدىڭ ئاينا.
-بۈگۈنمۇ يەنە شۇنداق گەپلەر بولغان چىغى؟
-ھەئە، بۈگۈن ھۆرىيەت ئاچاڭنى تۇغدۇرغىلى ئەكىلىشكە بېرىپتۇقچۇ، يەنە ئاچامنىڭ گېپى شۇ… ئامالسىز بېشىمنى ئىچىمگە تىقىپ جىم ئولتۇرۇۋالدىم،- ئاناڭ ئۆينىڭ بۇلۇڭىغا يىغىشتۇرۇلغان ياتاقلارنىڭ ئۈستىدىن بىر ياستۇقنى پەسكە ئېلىپ ئۆزىنى تاشلاپ كۆزىنى يۇمدى، سەن  ئاستاغىنە ئورنۇڭدىن تۇرۇپ سۈپۈرگىنى قولۇڭغا ئېلىپ ھويلىغا ماڭدىڭ. سەن ھويلا-ئاراملارنى بىر قۇر سۈپۈرۈپ ئاندىن قويلارغا ئوت- سۇ بېرىپ ئاستا قەدەملەر بىلەن ئۆيگە كىردىڭ، ئاناڭ يېنىك خورەككە چۈشكەن ئىدى، سەن مەشكە ئوت قالاپ كۈمۈر سېلىپ ئاندىن مەشنىڭ يېنىدا جىمغىنە ئولتۇردۇڭ. تېلېفۇن ئىككى قېتىم توۋلاپ توختاپ قالدى، سەن ئاستاغىنە ئاناڭنىڭ ئۈستەل ئۈستىدە قويۇپ قويۇلغان تېلېفۇنىنى ئېلىپ سىرتقا ماڭدىڭ، سەن ھاجەتخانىدا ئولتۇرۇپ ئۆزەڭنى تەڭشىگەچ ئاشىقىڭغا تېلېفۇن بېرىپ بۈگۈن تېلېفۇن قىلماسلىقنى دەپ سەۋەبلىرىنى چۈشەندۈرۈپ قويدۇڭ. ئۆيۈڭگە كىرىپ تۇرغىنىڭدا تېلېفۇن يەنە توۋلىدى، سەن بېرىپ تېلېفۇننىڭ نۇمۇرىغا قارىۋېلىپ تېلېفۇننى ئالدىڭ.
-ئەسسالامۇئەلەيكۇم،-دىدىڭ.
ۋەئەلەيكۇمۇسسالام، قانداق ئەھۋالىڭىز؟
-خۇدايىمغا شۈكۈر، يامان ئەمەس، سىزنىڭچۇ؟…
-مېنىڭمۇ ياخشى، سىز بىلەن كۈرۈشەي دەپ تېلېفۇن قىلغان ئىدىم…
-دادام كەلمەكچىكەن… ھە، بۈگۈن كەچتە… شۇڭا، كېيىن ياكى سىز كەلگەندە ئاندىن قالغان ئىشلارنى دىيىشسەك، ماقۇلمۇ، ئەمىسە خۇدايىمغا ئامانەت،-سەن تورۇپكىنى ئاستاغىنە قويدۇڭ. بۇ قارىينىڭ كاللىسىنى ئىشلەتمەي سەندىن مەسلھەت سوراۋېرىشىنى ئويلىمىغان ئىدىڭ، دېمىسىمۇ نۇرغۇن ئىشلاردا سەن ئۇنىڭغا بەزى جىددىي ئىشلاردا مەسلھەت كۆرسىتىپ قالاتتىڭ، ئەمما، سەنمۇ بۇ ئىشلارنى باشقا بىرسىدىن يەنى ئاشىقىڭدىن مەسلىھەت سوراپ ئاندىن ئۇنىڭغا يەتكۈزۈپ بىلەرمەن بولۇپ قالىدىغانلىقىڭنى ئۆزەڭلا بىلەتتىڭ، بۇ قېتىمقى قىيىنچىلىق لايىقىڭنىڭ دەل نۇپۇس دەپتىرىدىكى ئىسمىنىڭ ئىنىسىنىڭ ئىسمى بىلەن ئالمىشىپ قېلىشى ئۇلارنىڭ بېشىنى قاتۇرغان ئىدى، سەنمۇ باشقىچە ئەقىلنى تاپالمايۋاتاتتىڭ، لېكىن، تۈنۈگۈن سەن تېلېفۇندا بۇ ئىشلار توغرىسىدا مەسلىھەت سورىغان ئىدىڭ، ئۇنىڭ كۆرسەتكەن  چارىلىرى ھەرھالدا لايىقىڭغا نىسبەتەن قورقۇنچلۇق ئەمما، قىلغىلى بولىدىغان چارىلار ئىدى.  لېكىن، ھازىر ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىپ تۇرۇش ئاناڭنىڭ ئاچچىغىنى كەلتۈرۈپ قويۇشى مۇمكىن ئىدى، سەن داداڭ ئامراق تاماق بولغان
لەغمەنگە تەييارلىق قىلماقنى ئويلىدىڭ، «بىر ھىسابتا ئۇنىڭ مۇشۇ كەمدە نۇرغۇن ئىشلاردا مەندىن مەسلىھەت سورىغىنىمۇ ئۇبدان بولدى، بۇ بەلكىم كېيىنكى تۇرمۇشىمىزدىمۇ ئۇنىڭ مەندىن مەسلىھەت سورايدىغان بىر ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشىگە پايدىلىق بولۇپ قالار،- سەن خېمىرنى يۇغۇرۇۋېتىپ ئۆزەڭگە ئۈنسىز سۆزلەپ قالدىڭ،- دۇنيادا مۇتلەق پايدا ياكى مۇتلەق زىيان بولمايدۇ دەۋاتاتتى مەكتەپتە بىر مۇئەللىم…» سەن خېمىرنى پىلتە قىلىپ ئۇنى يالتىراق بىلەن يۆگەپ قويۇپ ئاندىن كۆكياشلارنى ئاقلاۋاتقىنىڭدا ئاناڭ ئۆيدىن چىقتى.
-داداڭ كېلىپ بولاپتۇ،-دىدى ئۇ خوشھاللىقىنى ئىپادىلەپ.
-راستما،-دىدىڭ سەنمۇ خۇشال بولۇپ،-نەگە كەپتۇ ھازىر؟
-ئۇ تېلېفۇندا ئۆزىنىڭ يېزىدىكى بېكەتتە ماشىنىدىن چۈشۈپ بىر ئۈچ چاقلىق كىرا موتوسىدا ئۆيگە مېڭىپ بولغانلىقىنى ئېيتتى.
-ئەمىسە يېرىم سائەتلەردە  كېلىپ بولغۇدەك، بىز دادام كەلگۈچە تاماقنى پىشۇرۇشقا ئالدىرايلىچۇ، ئۇ كېلىپلا ئۆينىڭ تامىقىنى يېسە ناھايتى خوشال بولىدۇ.
كۆكياشلار قورۇلۇپ ئۇنى ئىغىزلىق داسقا ئېلىپ بولۇپ قازانغا سۇ قويۇپ تۇرغىنىڭلاردا داداڭ ئىشىكتىن كىرىپ كەلدى، ھەممىڭلار ناھايتى خوشھال ھالدا بىر ۋاقلىق جەم بولۇش تامىقى يېدىڭلار، تاماقنىڭ ئاخىرىغا ئاناڭنىڭ ئاچىسى بودەك ئاناڭ ئالتۈنخان ھامماڭ ئۆيگە كىرىپ كەلدى، داستىخانلار يىغىشتۇرۇلۇپ بولغاندىن كېيىن بودەك ئاناڭنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن ھەممىڭلار ئۇنىڭ ئۆيىگە جەم بولدۇڭلار. پاراڭلار تاغدىن-باغدىن تاققا-تۇققا ھالدا باشلىنىپ ئەڭ ئاخىرىدا كىمنىڭدۇر ساڭا تەھدىت تېلېفۇنى  بېرىپ سېنى قورقۇتقانلىقىغا كېلىپ توختىدى.
-بۇنداق ئىشنى رېقىپجان قىلىشى ناتايىن،-دىدى داداڭ.
-ئەمىسە كىم قىلار بۇ ئىشنى؟
-بەلكىم يەنە باشقىلارمۇ بولۇشى مۇمكىن،-دىدى تاغاڭ،-رېقىپجان بەك يۇۋاش بالا تۇرسا ئۇ، ئۇنىڭ قۇلىدىن بۇنداق قاراملىق كەلمەيدۇ.
-ۋاي تاڭ، دادا، يۇۋاشنىڭ مۈڭكۈزى ئىچىدە،-دىدى بودەك ئاناڭنىڭ چوڭ ئوغلى ئابلىز،-ئۇ بىر مۈرىمەس بالا، ئەينى چاغدىمۇ ئاچام ئۇنى توينى بۇزۇۋېتىپ تويلۇقنى قايتۇرۇۋېلىپ يېنىپ چىق دىسە پوق يەپ قالمىغاندىكىن پاتەم ئاچامنىڭ قىشىغا كىلىپ ئىشنى بۇزۇشنىڭ ئورنىغا ھېچ بولمىسا مېنىڭ قېشىمغا كېلىپ ‹ئاكا، ماڭا بىرئاز ياردەم قىلغىن، مەن بۇ توينى قىلىۋالاي، چوڭلارغا گەپ قىلغىن، ئانامغا سۆزلىسۇن› دىگەن بولسا بۇچاغقىچە بىرەر بالىلىق بولۇپ بولار ئىدى، مانا ئەمدى ئۇنى خەققە بەرگىلى قوپساق چىدىماي تەھدىت سالسا قانداق بولىدۇ، ئادىلەم توي قىلغىلى قوپسا چىدىمايدىغىنى قىلىدۇ بۇ نداق قاراملىقنى، ۋاي تېخى، سېنى ئېلىشقا جۈرئەت قىلغان كىشى سەن بىلەن تىنىچ ئامان توي قىلىپ بولغۇچە ئۆزىنى گۆردە كۈرىدۇ، ئۆلگىنىنى تۇيماي قالىدۇ دىگىنىنى قانداق قىلارمەن،  بۇ كەمدە ئۇنداق تەھدىتلەردىن كىم قورقىدۇ، تونۇمايدىغان ياكى بۇنداق لەڭ-لەڭ كۆۋرۈككە بىرەر قىېتىم پۇتى سېپىلىپ باقمىغان كىشى بۇنداق ئىشلارغا ئۆزىنى ئۇپرىتىپ يۈرمەيدۇ، ناۋادا مۇشۇ ئىشنى پاكىت قىلىپ دىلو مەلۇم قىلىدىغان بولساق ئۇنداق تەھدىتچىنى ساقچىخانا بىردەمدىلا تېپىۋالىدۇ، تېخى خىيالىدا :«تېلېفۇن دىگەندە ئىز قالمايدۇ، دەپ ئويلىغۇدەك ئۇ پوقچىلار، بىر ئادەمنىڭ ئېغىزىدىن چىققان بىرئېغىز گەپ نەچچە تۈشۈكتىن ئۈتۈپ نەچچە قىسماقچىنىڭ قىسماقلىرىدىن ئېشىپ ئاندىن يەنە بىرىنىڭ قولىقىغا بارىدۇ ئۇ، يەنە شۇ رېقىپجان بولۇپ قالمىسۇن يەنە دەيمىز، بولمىسا… ئۇنداق خالجايدا نەشىكەشنىڭ خىيالىنى قىلىپ ئاسمانغا تۈكۈرۈپ ئۇرلتۇرىدىغان پۇكانچىلارنىڭ تۈكۈرۈكى بىردەمدىلا ئۆزىنىڭ يۈزىگە چۈشۈپ بولىتتى…
-بولدى، بۇگەپلەرنى قىلىشمايلىيا ئەمدى،-دىدى ئاناڭ. سەن ئاستاغىنە ئورنۇڭدىن تۇرۇپ ئىچكىرىكى ئۆيگە كىردىڭ، ئۇيەردە بالىلارغا ئۇرۇن سېلىپ بېرىلگەن بولۇپ سېڭلىڭمۇ شۇلار ئارىسىدا ئۇخلاۋاتاتتى، سەن ئاستاغىنە سىڭلىڭنىڭ يېنىغا كىرىپ كۆزۈڭنى يۇمدۇڭ. نەدىندۇر ئاڭلانغان ئەزان ئاۋازىنى ئاڭلاپ كۈزۈڭنى ئاچقىنىڭدا چوڭلارنىڭ سېنى ئويغاتمىغىنىنى، سېنىڭ ئاخشام بودەك ئاناڭنىڭ ئۆيىدە سىڭلىڭ بىلەن قونۇپ قالغانلىقىنى ھېس قىلدىڭ، سەن ئۆزەڭچە پىسسىڭڭىدە كۈلۈپ قويدۇڭ ۋە ئاستاغىنە ئورنۇڭدىن تۇرۇپ سىرتقا ماڭدىڭ، سەن ھويلىدا بودەك ئاناڭ بىلەن دۇقۇرۇشۇپ قالدىڭ.
-قوپتۇڭمۇ، قىزىم،-دىدى ئۇ،-سېنى سەل تۇرۇپ ئويغىتاي دەپ تۇرغان ئىدىم…
سەن تاھارەت ئېلىپ بامداد ئوقۇپ بولغۇچە تاڭمۇ سۈزۈلۈپ قالدى، سەن بودەك ئاناڭنىڭ ھويلىلىرىنى ئىنچىكىلەپ سۈپۈرۈپ سۈپۈندىلەرنى ئېلىپ ئانچە-مۇنچە سۇ چېچىپ تۇرغىنىڭدا بودەك ئاناڭنىڭ ئاشخانىدىن سېنى چاقىرغان ئۈنى ئاڭلاندى، سەن سۈپۈرگىنى قويۇپ ئاشخانىغا كىردىڭ.
- قولۇڭنىڭ باشقىچە تەمى بار، بالام، سېنىڭ، سەن ماۋۇ خېمىرنى يۇغۇرغىن، مەن ئۇچاقنىڭ يېنىغا باراي، ئىككىمىز قول- قولچە بىر ناشتىلىق ئىتىلى،- دىدى ئۇ ساڭا بۇغداي ئۇنى ئېلىنغان داسنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ. سەن قولۇڭنى باشقىدىن يۇيۇپ «بىسمىللاھىررەھمانىررەھىم»دەپ خېمىر يۇغۇرۇشقا تۇتۇندۇڭ. ئۈگرە پىشىپ قازان ئوچاقتىن چۈشۈرۈپ بولدى.
-سوغۇق بولۇپ قالدى، بودەك ئانا، ئەمدى مەش قويۇپ قىشلىق ئۆيگە كۆچسىڭىز بولاتتى، ھېلىمۇ قىشلىق ئۆيگە كۈچۈپ بولالمىغاندىن سىز قالدىڭىزمىكىن بۇ مەھەللىدە،-دىدىڭ سەن، قاچا- قۇچىلارنى باشقىدىن سەيلەن قىلىۋېتىپ.
-ئابلىز بالام مەشنىغۇ قويۇپ بەرگەن، لېكىن، ھازىر تاماقنى قىشلىق ئۆيدە ئەتسەك ئۆي چىۋىن بولۇپ قالىدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە تالا سوغۇقراق بولسىمۇ ئازادە تىنىپ ئولتۇرغىلى بولىدىكەن، كېسىلىم بارلىقىنى بىلىسەن، بالام ئەينا، ئازراقلا ئىسسىقنى كۆرسەم دېمىم تۇتۇلۇپ تىنالماي قالىمەن. بالام، سەن ئاشتىن ئېلىپ ئىچكەچ تۇرغىن، مەن چىقىپ بالىلارنى ئويغىتاي،- ئۇ چىقىپ كەتتى، شۇ ئەسنادا تاغاڭ مەسجىدتىن قايتىپ كەلدى ۋە ئاشخانىغا كىردى.
-كېلىڭ دادىكا، مەيەردە ئولتۇرۇڭ، مەن سىزگە ئاش ئېلىپ بېرەي، ناشتا قىلىۋېلىڭ،-دىدىڭ سەن ۋە ئۇنىڭغا تاماق ئۇستۇڭ ۋە داستىخان سېلىپ ئاشنى قويدۇڭ.
-باشقىلارچۇ؟-دىدى ئۇ ۋە ئاشخانا سۈكىسىدىكى كىگىزدە يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ ‹ئەئۇزۇبىللا يىمىنە ششەيتانىررەجىيم، بىسمىللاھىررەھمانىررەھىم › دەپ قوشۇقنى قولىغا ئالدى.
-بودەك ئانام بالىلارنى ئويغىتىمەن دەپ ماڭدى ھازىر،-دىدىڭ سەن ئورنۇڭدا ئولتۇرۇۋېتىپ، سەن ئۇنىڭ غەلەت ئوقۇغان بايىقى كەلىمىسىنى ئۆزەڭچە توغرىلاپ ئۈنسىز ئوقۇپ قوشۇقنى قولۇڭغا ئالدىڭ. كىچىك نەۋرىلەردىن ئابلىز ئاكاڭنىڭ بالىسى زۇلپىقار، ئاندىن سىڭلىڭ رۇقىيەلەر ئويغىنىپ چىقىپ يۈز- قوللىرىنى يۇيۇشۇپ داستىخانغا كەلدى، لېكىن، سالىھە بامدادنى ئوقۇپ بولۇپلا يەنە ئويقۇسىنىڭ چالىسىغا چۈشكەن بولۇپ چوڭلار ئۇ توغرىلىق گەپ-سۆز قىلىشمىدى، ھەممىڭلار ناشتا قىلىپ بولغاندىن كېيىن سەن سىڭلىڭنى يېتىلەپ ئۆيگە قايتتىڭ.
ئۆيگە قايتىپ كەلگىنىڭدە ھويلا-ئاراملار پاك- پاكىزە سۈپۈرۈلۇپ سۇ چېچىلغان ئىدى، سەن ئۆزەڭچە ئۈنسىز كۈلۈپ قويدۇڭ، چۈنكى، ئاناڭنىڭ قولىغا سۈپۈرگە ئېلىپ باقمىغىنىغا خېلى چاغلار بولغان ئىدى، ئۆي يىغىشتۇرۇش، ئۆيلەرنى، ھويلا-ئاراملارنى سۈپۈرۈش، سۇ چېچىش دىگەندەك ئىشلار سېنىڭ دائىملىق ئادىتىڭگە ئايلىنىپ كەتكەن ئىدى، ئىككىڭلار ئاستاغىنە ئىشىكنى ئېچىپ قىشلىق ئۆيگە كىردىڭلار،  مەشتە ئوت گۈرۈلدەپ كۈيۈۋاتاتتى، قورۇلغان كۆكياشنىڭ مىزىلىك ھىدى ئۆي ئىچىنى لىق ئالغان ئىدى، سەن كىرىپلا مەشكە ئېسىلغان قازاننىڭ تۇۋىقىنى ئاچتىڭ، قازاندا ۋاراقشىپ سۇ قايناۋاتاتتى، سەن تۇۋاقنى يېپىپ تۇرۇشۇڭغا ئاناڭنىڭ سىرتتىن كىردى ۋە :
-قازان قايناپتۇما؟-دەپ سۇرىدى.
-قايناپ بېشى ئايلىنىپ كېتىپتۇ،دىدىڭ سەن ئاناڭغا قاراپ.
-ئەتىگەنرەك كېلەرمىكىن دىسەم ھازىر كەلدىڭلارما؟-دىدى ئاناڭ.
- ئاخشام يا مېنى ئويغىتىۋالماپسىز، بىللە يېنىپ كېلەر ئىدىم، ئەتىگەن قوپۇپ بودەك ئانام بىلەن بىرقازان ئۈگرىنى پىشۇرۇپ ئۆيدىكىلەرگە ناشتىلىق بېرىۋېتىپ ئاندىن كەلدۈك ئەينا،-دىدىڭ سەنمۇ غۇدۇرىغاندەك ئاھاڭدا.
-ئاخشام قارىسام ئۇخلاپ قاپسەن، قىچقىرسام ئويغانمىدىڭ، تازا تاتلىق ئۇخلاپ كېتىپسىلەر، شۇڭا ئۇيقۇڭلارغا پايلىماي ئەتتىگەندە بارسۇن دەپ يېنىپ كېلىۋەرگەن، مەن تېخى سىلەرنى ناشتىسىز كەپقالسا ئېغىزىغا تېتىتارمەن دەپ ئەتىگەن جاينامازدىن قوپۇپلا لەغمەنگە ئەمگىلىپتىم، مانا قازانمۇ قايناپتۇ، پىلتىنى تارتساقلا ئاش پىشىدۇ دىگەن گەپ ، داداڭمۇ تېخى ناشتا قىلمىدى. سەن سۇپۇرىنى يېيىپ ئاۋۇ كاساڭدا پىلتە قىلىپ قويۇقلۇق، ئېلىپ تارتقىلى تۇرغىنە، مەن ئاش سۈزىدىغان داس بىلەن  چويلىنى تەييار قىلاي، ئەتىگەندە ئۇبدان ناشتا قىلىۋېلىپ ئاندىن ئىشقا چۈشۈپ كېتىلى، بۈگۈن كەچكىچە پالاقشىپ مىھمان ئۇزىتىدىغان گەپ،-دىدى. سىڭلىڭ داستىخاننى تاشقىرىقى ئۆيدىن ئەكىرىپ سوپىغا ساللدى، ئاپاڭ سەن ئىنچىگە قىلىپ تۈجۈپىلەپ سوزۇپ قازانغا سالغان ئاشنى چوكىلاپ پىشقانلىرىنى سۈزۈپ داستىكى سوغۇق سۇدا چايقاپ قاچىلارغا سېلىپ ئۈستىگە ئېغىزلىق قاچىغا ئېلىپ قويغان قورۇمىلاردىن ئۇسۇپ تەييار قىلدى ۋە سىڭلىڭغا قاراپ:
-رۇقىيەم، قىزىم، دادىڭىزنى ئويغىتىڭە، ئەمدى قوپۇپ تاماق يىسۇن، تاماق پىشتى دەڭە،-دىدى. سىڭلىڭ داداڭنىڭ يېنىغا كېلىپ:«دادا، تاماق پىشتى، قوپۇپ تاماق يەڭە» دەپ ئويغاتتى، داداڭ كۆزىنى ئېچىپ سىڭلىڭنىڭ قولىدىن تۇتۇپ تۇرۇپ ئۇرنىدىن تۇردى ۋە سىڭلىڭنى قوچىقىغا ئولتۇرغۇزدى.
-روقىيەم، مېنى كۆرگۈڭ كەلدىمۇ، قىزىم؟-دىدى ئۇ.
-ھەئە، كەلدى، كەلسىمۇ يا مېنى يېنىڭىزغا ئاپارمىسىڭىز،-دىدى سىڭلىڭ.
-ئەمدى ئاپىرىمەن، خوش بولدۇڭمۇ؟
-ھەئە، خوش بودۇم.
-ئەمىسە ماۋۇ ئېڭىكىمگە بىرنى سۈيۈپ قويۇڭە-دىدى داداڭ. سىڭلىڭ داداڭنىڭ ساقال باسقان ئېڭىكىگە سۈيۈپ قويدى، داداڭ :«مەن رۇقىيەم قىزىمنى شەھەرگە ئاپىرىمەن» دەپ ئۇنى چىڭ قۇچاقلىۋېلىپ قويۇق كالتە ساقاللىرىنى سىڭلىڭنىڭ يۈزىگە سۈركەپ ئويناشقىلى تۇردى، سىڭلىڭ بولسا:« داداڭ، ماۋۇ ساقاللىرىڭ يۈزۈمنى ئاغرىتىۋەتتى» دەپ قاقشىدى، ھەممىڭلار كۈلۈشتۈڭلار. تاماقلار يىيىلىپ بولدى. داداڭ دۇئاغا قول كۈتۈردى، ھەممىڭلار ئۇنىڭغا ئەگەشتىڭلار، داداڭ ئاخىرىدا :«…ئەرھەمەررەۋھىمىيىن، ئاللاھۇئەكبەر» دىگەننى ھەممەيلەن ئاڭلىغۇدەك ئاۋازدا دەپ ئىككى ئالقىنىنى قويۇپ ساقال باسقان يۈزلىرىگە سۈركەپ دۇئانى ئاياقلاشتۇردى، داستىخان  يىغىلدى،  سەن قاچا-قۇچىلارنى يۇيۇۋاتقىنىڭدا داداڭ تۇيۇقسىز ئاناڭنى چاقىرىپ قالدى:
-ھاي پاتەم، مەن بۇ ئادىلەمنى ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە كۆكياش يىمەي ئۈتۈپ كېتىدىغان بولدى دەپ ئويلاپ قالغانچۇ، بۇ بالاممۇ ھەنىمەبولسا يىيىشنى ئۈگىنىپ قالدى، بۇ گىجىڭ قىزبالىنى كىچىك چاغلىرىدا شىلاپمۇ، يالۋۇرۇپمۇ، ئۇرۇپ- تىللاپمۇ كۆكياش يىيىشنى ئۈگىتەلمەپتۈك بىز…
-شۇ ئەمەسمۇ…-دەپ قويدى ئاناڭ ساڭا قاراپ قويۇپ.
-قانداق بولۇپ ئۈگىنىپ قالدىڭ، ئادىلەم، بىر دەپ بەرگىنە شۇ كۆكياش يىيىشنى.
-ۋايجان، دادوي، ھەرقېتىم بىللە لەغمەن يىسەم بىر سۇرايسىز، مانچە قېتىم دەپ بېرىپ بولدۇم سىزگە مەن، گەپ دىگەننى تەكرارلاۋەرسە تەمى قالمايدۇ…
-قانداق تىۋىپ بولغىيدى دەيمىنا، ساڭا بىر ئېغىز گەپ بىلەنلا كۆكياش يىيىشنى ئۈگىتىۋېتەلەيدىغان، بۇرۇنراق مىجەزىڭ يوق بولۇپ قالسىچۇ، سەن بۇرۇنراق ھېلىقى تېۋىپنىڭ قېشىغا بېرىپ ئۆزەڭ دۇرا ئالساڭچۇ، ئۇچاغدا سەن بۇرۇنراق لەغمەن يىسەڭ كۆكياش ئۇسماي خېمىرنى خېمىر پېتى يەيدىغان ئادىلەمدىن ھازىرقىدەك تاماق خىللىمايدىغان قىزىمغا ئۆزگىرەر ئىدىڭ، ئۇچاغدا ھازىرقى مۇنداق سوقچى قۇزىدەك ئۇرۇقلۇقۇڭ سەل ئاز قېلىپ  ئازراق سەمرىپ بودەكشىگەن بولساڭ ئۇبدان بولاتتى دەيمىنا.
-نۇرغۇن قېتىم مىجەزىم يۇق بولۇپ قالغان، ئۇ چاغدا ھەرقايسىڭلار پايپىتەك بولۇپ مېنى دۇختۇرخانىلاردا بېقىپ مىدىرلىغۇزمايتتىڭلار ئاينا.
-شۇ بىزنىڭ ئەتىۋارلىق خانقىزىمىز بولغاندىكىن ئاشۇنداق قىلىپتىمىزكەن، قىلغىنىمىز يامان بولمىغاندۇر ساڭا،-دىدى ئاناڭ كايىپ.
-مەن يامان قىلدىڭلار دىمىدىم، ئانا، مەن ئاشۇنداق ئەركە چوڭ بولغاندىكىن ئاشۇنداق ئۇرۇق بولۇپ قاپتىمەن ئەينا، سەل چوڭ بولۇپ قارىسام كۆكياش ئايرىيدىغان چوڭ بولۇپتىمەن، مەكتەپتە ئاداشلىرىممۇ مېنى سەي يىمەيدۇ، ئۇرۇق، ئاۋاق، پىنگىۋىنغا ئوخشايدۇ دەپ مەسخىرە قىلىشىدۇ، سىنىپتا مەندەك كۆكياش يىمەيدىغاندىن قىز- ئوغۇل بولۇپ ئۈچ-تۆتىمىز بار ئىكەنمىز، مۇئەللىملەرمۇ تېخى ھەر دەرستە نەقىل ئېلىپ مازاق ئېتىدۇ، گاھىدا تېخى ئوڭ-تەتۈر تەنقىدلەيدۇ، ئاخىرى ئۈگىنىپ قالدىم مانا ئۇنىمۇ، تازا تاتلىق، يىيىشلىك ئىكەن ئەسلى، مانا ھازىر خېلى بودەكشىپ قالدىم، بەك سەمىرىپ كاۋىدەك بولۇپ قېلىشىمدىن ئەنسىرەۋاتىمەن.
-بۇرۇنراق بودەكشىگەن بولساڭ چوڭ چاتاق چىقاركەن چىغى…
-مەسىلەن قانداق چاتاق چىقىدۇ؟-سورىدى داداڭ كۈلۈپ كېتىپ.
-ئۇچاغدا بىزنىڭ ئۆينىڭ تېمىنى چۆرگىلەيدىغانلار، كېچىلەردە كېلىپ دەرىزە چىكىدىغانلار  ھازىرقىدىن جىق بولۇپ كېتەتتى، سېنى ئەرگە بەرمەكمۇ ئاسانراق بولاتتى…
-ئەرگە بېرەلمەي قالدىڭىزما مېنى،-دىدىڭ سەن ئاناڭغا ئاچچىقلىغاندەك توۋلاپ،-باقالماي قالغان بولسىڭىز مەن بۇ ئۆيدىن كېتەي.
-ئەرگە بىرەلمەي قالغىنىمىز يوق،  باقالماي قالغىنىمىزمۇ يوق، لېكىن، ئەلكۈننىڭ ئالدىدا بارغاق تارقىتىپ بولۇپ يېنىشىپ كېتىپ بەك سەت بولدى، ۋاي ماقسۇت ئاخۇن دىسە يۇرتتا مۇنداق قىچقىرسا ئېتى، تۇتسا سېپى بار ئادەمچۇ ماۋۇ سېنىڭ داداڭ،  شۇڭا دەيمەن مۇنداق. ئاچاملارنىڭ قاراپ تۇرۇپ شۇنداق قىلغىنىغا مانا ئەمىسە دەپ ۋاش-ۋۇش توي قىلىپ سەن چالما كۆرسەڭ ئالما كۈرىدىغانلارمۇ بارمىكەن دەپ بوينۇمنى ئۈستۈن تۇتۇپ يۈرەرمەنمىكىن دىسەم بۇ ئاخۇنۇممۇ سېنىڭ بېشىڭنى مۇنداق بىر باغلىۋېلىپ بېشىنى ئىچىگە تىقىپ كىرپىدەك تۈگۈلۈپ ئولتۇرۇۋالغىلىمۇ بىرەر يىل بولۇپ قالدى، يا سەنمۇ شۇ ئاخۇنۇمنىڭ قارىمىدىن بۈلەكنى تېخى خالىماس بولۇپ كەتتىڭ، گېلىڭدىن نىمە ئۆتكۈزۈۋالدىكىن ئۇ خەقلەر سېنىڭ… يا بېشىڭدىن تىلتۇمار ئۆرۈۋالغانمىكىن، نەچچە يىل جاپا تارتىپ بالا باققاندىكىن داقا-دۇمباقنى چېلىپ توي قىلىشنى خالىمايدىغان ئاتا- ئانا بۇلامدۇ جاھاندا؟
سەن داداڭنىڭ ئالدىدا ئوشۇق گەپ قىلىشنى خالىمىدىڭ.
-ۋاي، بولدى قىلىڭلار، پاتەم، بىر ئېغىز مۇنداق گەپ قىلىپ قويسام توختىماي كوتۇلداپ كەتتىڭلار، ھەممە ئىشنىڭ ۋاقتى بار، ۋاقتى كەلگەندە بولىدۇ ھەممە ئىش، بۈگۈن بىكار گەپنى قويۇپ ماۋۇ ئۆيلەرنىڭ ئىش- كۈشلىرىنى ئوبداق قىلىڭلار، ھېلى شەھەردىكى تۇغقانلار كېلىدۇ، قالغان گەپلەرنى مېھمانلارنى ئۇزىتىپ بولۇپ دىيىشەرمىز.
-سىلى ئۇلار بىلەن بىللە كەتمەملا؟-دىدى ئاناڭ.
-ئۇنداق قىلسام بولمىغۇدەك، رۇخسەت قىلسا بىرەر ھەپتە، بولمىسىمۇ ئىككى-ئۈچ كۈن تۇرۇپ ئۆينىڭ يىغىشتۇرىدىغان ئىشلىرىنى يىغىشتۇرۇپ ئاندىن ئىمكان بولسا ھەرقايسىڭلارنى ئېلىپ بىر يولى كېتەيمىكىن دەيمەن.
-بولسىغۇ شۇنداق قىلسىڭىز بەك ئوبدان بولاتتى، دادا،-دىدىڭ سەن.
-تۈنۈگۈن تېلېفۇندا تېخى ئۇلاربىلەن بىللە قايتمىسام زادى بولمايدۇ دەۋاتمامتىلە؟-دىدى ئاناڭ.
-شۇنداق دىيىشىمنىغۇ شۇنداق دىگەن، لېكىن، ئۆيگە كېلىپ بولۇپ خوتۇن- بالىلىرىمغا قىيمايۋاتىمەنچۇ، ئۇلار بىلەن نەچچە كۈن بىللە تۇرۇپ ئۆينىڭ ئىشلىرىنى يىغىشتۇرۇۋېتىپ ھەممىڭلارنى ئېلىپ بىريولىلا كېتىمەن.
-بىزمۇ سىزنىڭ قېشىڭىزغا كېتەمتىمىز،دادا،-دەپ ئەركىلەپ كەتتى سىڭلىڭ رۇقىيەممۇ.
-سەن ئۆيدە قالغىنە بولمىسا، قالامسەن؟-دىدى داداڭ رۇقىيەم بىلەن قېرىشىپ.
-ئانامچۇ؟
-ئاناڭ بىلەن ئاچاڭنى ئەكىتىمەن، سەنلا قالىسەن.
-ياق، مەنمۇ قالمايمەن، مېنىمۇ ئەكىتىڭە، دادا، مەن قورقىمەن…-رۇقىيەمنىڭ چىرايى بۇزۇلدى.
-ماقۇل، بالام، ئاچاڭ قالسۇن، ئاناڭ بىلەن سېنى ئەكىتەي،-دىدى داداڭ رۇقىيەمنىڭ يۈزىنى سىلاپ ئەركىلىتىپ تۇرۇپ. رۇقىيەم كۈلدى:
-ئاچام ئۆيدە يالغۇز قالسا قورقمامدۇ؟-دىدى ئۇ.
-ئاچاڭنى ئەرگە بېرىمىز، ئۇ ئېرىنىڭكىدە تۇرىدۇ، ئۇنى ئېرى باقىدۇ.
-نەدىكى گەپلەرنى قىلمىسىلا، ئۇ تېخى كىچىك،-دىدى. شۇ ئارىدا بودەك ئاناڭ ئۆيگە كىردى، ئارقىدىن سالىھە كىردى. ئاناڭ ئاچىسى بىلەن دۈگۈنكى داستىخانغا نىمىلەرنى تەييارلاش، مېھماننى قانداق ئۇزىتىش مەسىلىلىرىدە مەسلىھەت قىلىشىپ شۇ بۇيىچە تەييارلىققا چۈشۈپ كەتتىڭلار. چاشكاھ ۋاقتى بولغاندا ئۆينىڭ ئالدىدا پوزۇر بىر ماشىنا توختاپ داداڭنىڭ ئانا بىر قانداش ئىنىسى ئەكبەر ئەپەندى، خانىمى ۋە ئىككى قىزى، بىر ئوغلى ماشىنىدىن چۈشتى.
ئەتىگەندىن كەچكىچە مېھمان كۈتۈشلەر بولدى، ، داداڭ ئاكاڭنى تونۇرغا ئوت يېقىشقا بۇيرۇپ خوشناڭنىڭ ئېغىلىدىن سۈت ئېمىۋاتقان بىر ئوغلاقنىڭ نەرقىنى ئېتىپ ئاچىقىپ سويدى ۋە ئۇنى پۈتۈن پېتى تونۇرغا تىقىپ تونۇرنىڭ ئېغىزىنى كۆمدى، سەن ئاناڭ ۋە ھامماڭنىڭ دېگىنىنى قىلىپ ئاشخانا بىلەن مېھمانخانا ئارىسىدا قاتراپ يۈردۈڭ. تاماقلار ئارقا-ئارقىدىن، ھەتتا ئىككى-ئۈچ قازاندا بىرلا ۋاقىتتا ئېتىلدى، بۈگۈن سەن ئاناڭنىڭ پۇختىلىقىغا تېخىمۇ ھەيران بولدۇڭ، ئۇ سىڭلىڭ ئىككىڭلارغا ئۇقتۇرمايلا توڭلاتقۇنىڭ تېگىگە كۆكياشنىڭ قانىتىغا يۆگەپ ساقلىغان غۇرىلارمۇ بۈگۈنكى سۇيقاشنىڭ قازىنىدىن ئورۇن تاپتى، چۈشتىن كېيىنلەردە قولۇڭ سەل بۇشىدى، چۈنكى مېھمانلار ھامماڭنىڭكىگە ماڭدى، ئۆيدە سەنلا ئۆي يىغىشتۇرۇش دىگەندەك ئىشلارنى قىلىپ قالدىڭ، چۈنكى، ئۇلار سەل تۇرۇپ يەنە قايتىپ كېلىشەتتى. سەن سەل ئارام ئېلىۋېلىپ ئاشخانىدا قاچا يۇيۇشقا تۇتۇندۇڭ،
-ھە، ئادىلەم، يالغۇز ئۇلتۇرۇپ ئىشلەپ كەتتىڭما؟-دەگەن ئۈننى ئاڭلاپ ئورنۇڭدىن تۇردۇڭ ۋە يېنىك كۈلۈپ تۇرۇپ «ھەئە» دىدىڭ. ئۇ سەن ئەكبەرجان دادام دەپ ئاتايدىغان تاغاڭنىڭ ئوغلى نەزەرجان ئىدى.
-سەنمۇ بىز بىلەن بېرىپ ئالتۇنخان ئاناملارنىڭكىدە مېھمان بولۇپ ئۇينىماي بۇيەردە تەنھا ئولتۇرساڭ قانداق بولىدۇ ؟-دىدى ئۇ. سەن ئۇنىڭ تەنھا دىگەن گەپنى ئۇرغۇلۇق ئېيتىشىدىن نىمىنىدۇر ھېس قىلىپ ئۈلگۈردۈڭ.
-شۇئاينا،-دىدىڭ سەن ئارتۇق گەپنى مۇۋاپىق كۆرمەي.
-سېنىڭ يالغۇز قالغىنىڭنى كۈرۈپ مەن ساڭا بىردەم ھەمراھ بولاي دەپ شىپپىدە قايتىپ كەلدىم، بولاپتۇما؟-دەپ كۈزۈڭگە مەنىلىك قارىدى ئۇ. شۇئارىدا ئۇنىڭ يانفۇنى سايراپ كەتتى، ئۇ تېلېفۇننى ئېلىپ سىرتقا ماڭدى، سەنمۇ دەرھال قولۇڭنى چايقاپلا سىرتقا چىقتىڭ، ئۇنىڭ ساڭا باشقىچە كۆز بىلەن قاراۋاتقانلىقىنى بايىلا بىلگەن ئىدىڭ، سىرت ساڭا ئاشخانا ياكى ئۆي ئىچىدىن بىخەتەررەك ئىدى، سەن ئۇنىڭ ئۆينىڭ كەينى تەرىپىدە كىملەر بىلەندۇر سۆزلىشىۋاتقانلىقىنى كۆردۈڭ ۋە ئاستا ئۇنىڭغا يېقىنلاشتىڭ، ئۇ كىم بىلەندۇر سۆزلىشىۋاتاتتى، بارا-بارا ئۇ كايىپ كىملەرنىدۇر تىللىدى، چىرايى غەزەبلىك تۈس ئالدى، سەن ھويلىدىن چىقىپ يول تەرەپتىكى ئېغىلغا كىرىپ ئۇلارغا ئوت-سۇ بېرىشنى ئويلىدىڭ، سەن قويلارغا سۇ قۇيۇۋاتقىنىڭدا ئۇ قېشىڭغا كەلدى.
-تىللىشىپ بولدىڭىزما؟-دىدىڭ سەن ئۇبىڭ بىلەن چېقىشىپ.
-خەقلىنىڭ تاياق يىگۈسى كەپقاپتۇ مۇنداق، پىتكە تىللاپ ئوسمىسىنى قاندۇرۇپ قويدۇم.
-كىم ئۇ بىچارە؟
-سورىمىغىنە ئۇ ئىشلارنى… ھەي، ئادىلە، بىر گەپنى دەيمۇ ساڭا.
-مېنى يىقىن كۆرسىڭىز دەڭ.
-سەن بەك ئۇ بولۇپ كېتىپسەن…
-ۋاي خۇدايىم، دىمەكچى بولغان گېپىڭىز مۇشۇمىدى؟
-راست، بەكلا…
-قوللىرىڭمۇ بەك تېتىملىقكەن، مەن شەھەردە يىگەن ھەر-ھەر ئىسىل تائاملاردىنمۇ بەك تېتىغان تاماقلار بولدى بۈگۈنكى داستىخاندا…
-راستما؟… مەسىلەن قايسى تاماق؟
-ئادەتتە بىزنىڭ ئۆيلەردىمۇ داۋاملىق يەيدىغان لەغمەننى مىسال ئالساق شۇنداق مىزىلىك، باشقا يەرلەردە يىگەن لەغمەنلەرنىڭ تەمىگە پەقەتلا ئوخشىمايدۇ دىگىنە ؟
-شۇنداقمۇ؟
-يەنەبار، مەن بۈگۈنكى تاماقلارنىڭ ئىچىدە ئېغىزىمغا چىش چىقىپ يەپ باقمىغان بىر خىل تاماقنى كۆردۈم، ھېلىقى … نىمە دەيمىز ئۇنى ؟ قارىساق ئوماچقا ئوخشايدۇ، لېكىن، ئوماچتەك قويۇق ئەمەس، سۇيۇقراق…قوناق ئۇچرىدى ئۇتاماقتا…
-ھە، قوناق ئېشىنى دەمسىز؟
-ھە، قوناق ئېشى دەمدۇ ئۇنى؟ماڭا بەك تېتىدى ئۇ. يەنە بىرسى بار، ھېلىقى قوناق ئۇنىدا ئەتكەن تاماقچۇ؟
-ئۇنى يەرلىك تىلىمىزدا سىقماق دەيمىز، چۈنكى ئۇنى بىز قوناق ئۇنى خېمىرىنى سىقىپ چىقىرىمىز. شەھەرلىكلەر ئۇنى قوناق ئۈگرىسى دەرمىكىن؟
-ھە شۇ، كەچكۈزدە قوناق ئۈگرىسىدە غۇرا كۈرۈپ ھەيران قالدىم، يەنە تىخى غۇرا سېلىپ ئۈگرىمۇ ئېتىپسىلەر ھە؟
-ھازىر نىمە ئىش قىلىۋاتىسىز؟
-تاشچىلىق قىلىۋاتىمەن، پايدىسى ئۇبدان ھازىر، بىرەر-ئىككى مىليۇندەك شەخسىي پۇلۇم بار.
-يائاللا، بىرەر-ئىككى مىليۇن دەڭ…
-لېكىن، دادام بەك چېپىلىۋالىدۇ…
-يىگىرمىلەرگە كىرگەنسىزمۇ؟
-ھەئە، بۇيىل يىگىرمىدىن ئۆتتۈم… ھەي، ئادىلە، مەن سېنى بۇيەردىن ئەكەتسەم قانداق بولار؟ ماقۇل دىگىن ، مەن سېنى بۇيەردىن ئەكىتەي…
-قانداق ئەكىتىسىز؟… مېنى يالغۇز ئەكىتەمسىز ياكى…
-سېنى ياخشى كۈرۈپ قالدىم. بىز توي قىلايلى، بولامدۇ؟
-ئۇنداق قىلساق يەڭگەم چاچلىرىمنى توخۇ يۇڭدىغاندەك يۇڭدىۋېتەر…
-ئۇ ئۇنىسا ئۇنايدۇ، ئۇنىمىسا كەشىنى قولتۇقىغا قىستۇرۇپ يولىنى توغرىلاپ قويىمەن.
-خاپا بولماڭ، نەزەرجان، بۇرۇن مەن سىزدىن خېلى تەمە قىلىپ باققان، لېكىن قىز بالا دىگەن بىركىمنى قوغلاشقىلى بولمايدىكەن، رېقىپ دىگەن كومشالار ماڭا گۈل قويۇشتىن بۇرۇن مەن شەھەردە بىر مەزگىل تۇرۇپ ئۇنى بۇنى ئوقۇپ يۈردۈم، ئۇ چاغلاردا سىز چۈجىلىك تۇخۇدەك  كەينىڭىزگە مانچىنى سېلىپ لايىق تاللا بولالماي يۈردىڭىز، مەن سىلەرنىڭ ئۈيۈڭلاردا تاماق ئېتىپ، ئۆي يىغىشتۇرۇپ، كىريۇيۇپ يۈرگەن چاغلاردا مەكتەپ بالىلىرىنى سەپكە تىزغاندەك تىزىپ قويۇپ ئارىلىشىپ سىنايدىغان ئوبىكىتلىرىڭىزنىڭ قاتارىغىمۇ كىرەلمىگەن، رېقىپتىن يېنىشىپ كەتكەندىن كېيىنمۇ سىز تېخى توي قىلمىغان ئىدىڭىز، شۇچاغلاردا بولۇپ قالغان بولسىمۇ مەن«جان»  دەپ ماقۇل بولىتتىم،ھازىر مېنىڭمۇ بېشىم باغلاغلىق، سىز بۇچاغقىچە بىرەر بالىلىق بولۇپ بولغىلى قوپتىڭىز،سىزمۇ ئاللا بەرگەن بەختىڭىزنى چىڭ تۇتۇڭ، ھېچقانداق ئىش تۇنجىسىغا يەتمەيدۇ، مەنمۇ سىزگە تۇنجى قېتىم ئازراق قىزىغان، لېكىن، سىزنىڭ تۇنجى بەختىڭىزنى ئاللاھ باشقا يەردىن بەردى ئاينا، مېنىڭمۇ رىزقىمنى باشقا يەرگە چاچتى، بۇ دىگەن تەقدىر، ئۇنىڭغا ئامال يوق.
-ئامال يوق ئىش يوق، ئەركىشى دىگەن تۆت خوتۇن ئالسا دۇرۇس بولىدۇ…
-لېكىن، ئۇنداق بولغان بىلەن ھېچقانداق بىر قىز ئىككىنچىسى بولۇپ قېلىشنى خالىمايدۇ، قىيامەتتىمۇ بىرىنچىسى بولغانلاردىن باشقىلارغا بۈۋى فاتىمەم شاپەئەت قىلمايدۇ. مېنىڭمۇ بىر ناننى پۈتۈن يىگۈم بار…
-پەقەت جاپا تارتقۇزمايتتىم، راھاتلا كۈرۈپ ياشايتتىڭ، ماڭا پەقەت بالا تۇغۇپلا بەرسەڭ بولاتتى…
-سىز بۇ ئىشلارغا ئارا تۇرالمايسىز، جاپا تارتىش ياكى راھەت كۈرۈش ئاللىبۇرۇن قىسمەت دەپتىرىمىزگە پۈتۈۋېتىلگەن، سىز-بىزنىڭ قولىمىزدىن پەقەت «بارىغا شۈكۈر، يوقىغا سەبر» دەپ ياشاشلا كېلىدۇ، ئەمدى سىز دىگەن بۇ ئىشلار غەيبكە تەئەللۇق ئىشلاركەن، «رىزق غايىب، نىكاھ غايىب، ئۈلۈم غايىب» دەيدىكەنغۇ؟
-ۋاي ئاللا، كاللام چۆرگىلەپ كەتتى، مەن سىنى بۇنداق ۋەز ئېيتىپ بېرەر دىمىگەن ئىدىم، دىندا خېلى ئوقۇغان تىرناقتا توختىغۇدەك نى-نى بۈۋىملەرنىڭ بىرەر يۈز كوي پۇل ئۈچۈن ئالقانلىرىمغا قونۇپ يىلاندەك تولغانغانلىرىنى كۆپ كۆرمەن، شۇلاردىن بىرەرىنى ئېلىپ قوياي دىسەمغۇ بۆكىنى ئاسمانغا ئاتىتتى.
-خاپا بولماڭ، لېكىن، مەن ئۇنداق قىلالمايمەن…
-ئەمىسە سىنىڭ كۆڭلۈڭنى تازا بىر ئېلىپ قوياي، دېگىنە، نىمە ئىش قىلىپ بېرىمەن، ئەينى چاغدا كۆڭلۈڭنى چۈشەنمەي دىلىڭغا ئازار قىلىپتىمەن… بىلگەن بولسام سەن سەھرا گۈزىلىنىلا ئالاتتىم.
-نىمە ئىش قىلىپ بېرەلەيسىز؟
-ئالتۇن زەنجىر ئېلىپ بېرەيمۇ ياكى ئالتۇن ئۈزۈكمۇ، يا بولمىسا نوكا چاپان كىيەمسەن، ئىشقىلىپ ئۈزەڭ تاللىغىن، دىگىنىڭنى قىلىپ بېرىمەن…
-بۇدۇنيادا بىكارغا بېرىدىغان بىرەر ۋاقلىق تاماقمۇ يوق دەپ ئاڭلىغان ئىدىم، ھېچقانداق شەرتسىز ئېلىپ بېرەمسىز ياكى …
-ۋاي خۇدايىم، سەن يەتتە قات يەرنىڭ تېگىدە ياتقان يىلاننىڭ كۆشۈگىنى تۇيىدىغان قىزبالا ئىكەنسەن، بىكار ئىش زادى ھېچيەردە يوق، مەنمۇ سېنىڭ كۆڭلۈڭنى ئالاي. سەنمۇ تۇنجىلىقىڭدا مېنىڭ كۆڭلۈڭنى بىر قېتىم ئالغىن دىمەكچىدىم.
-ئەڭ ياخشىسى، ئەكبەرجان داداملار بىلەن سىزنى بۈگۈن راسا مېھمان قىلايلى، ئۇندىن باشقا ئىشلاردا سىزمۇ بۈگۈن كەچتە ئۈيىڭىزگە يېرىپ زەنجىر ئەپبەرسىڭىزمۇ ياكى باشقا بارسە ئەپبەرسىڭىزمۇ يەڭگەمگە ئېپبېرىپ ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئېلىڭ، مەنمۇ ئۈيۈمدە ئومىچىمنى ئىچىپ ئۇخلاپ قالاي،
-ئەمىسە سەن بىلەن بىر قېتىملىققا ئۇنىغىن…سەندىن خوش بولۇپ كېتەي
-كەچۈرۈڭ…
- مەن ھازىرقى خوتۇنۇمدىن ئاجرىشاي ئەمىسە، سەنمۇ ھېلىقىڭدىن يېنىشقىن، بىز توي قىلايلى؟ بۇنداق دىسەمغۇ خوش بولۇپ ماقۇل دەرسەن…
-كەچۈرۈڭ، ئۇشۇق ئاۋارىچىلىققا مەن بەك تويۇپ قالدىم، مېنىڭ يەنە ئاۋارىچىلىق تارتىۋەرگۈم يوق.
-ئۇنى ئاۋارىچىلىق دىمەيمىز، ئۇ دىگەن سېنىڭ بەختىڭ…
-سىز ئۇنى ئاۋارىچىلىق دىمەيسىز، سىز دىگەن ئەر كىشىغۇ، ئۇنداق ئىشلار سىزدەك پۇلى بار، يولى بار ئوغۇل بالىغا نىسبەتەن قول يۇيغاندەكلا ئاددىي ئىش، شۇڭا، بەلكى سىزنىڭ نەزەرىڭىزدە ئۇ مېنىڭ بەختىمدۇر، لېكىن، ماڭا نىسبەتەن ئۇ گۈرۈلدەپ ئوت كۈيۈۋاتقان تۇنۇرغا ئۆزەمنى تاشلىغان بىلەن باراۋەر ئىش، ئۇنداق قىلىپلا قالىدىغان بولسام، مەن يەڭگەمنى ئۇبدان بىلىمەن، ئۇ سىزگە بەكلا كۈيىدۇ، ئۇنىڭ ئانىسى جاھاندىكى موللا-ساھىرلار، پالچىلار بىلەن ئالامەت يېقىن ئۈتىدىغان، ئۆزىمۇ ھەم جاينامازدىن، تەسۋىي قولىدىن چۈشمەيدىغان تەقۋا ئايال، ئاچچىغى كەلسە مۈشۈكمۇ يولۋاسنىڭ قويرۇقىنى چىشلەيدۇ دىگەن گەپنى ئاڭلىغانمەن،  ئۇلار مېنى جۈدە قىلىپ ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ… قېيىنئاتىڭىزمۇ سىزگە ئوخشاشلا تاشچى، ئۇنىڭمۇ قۇرۇۋالغان شىركىتى بار، خوتۇنىڭىزمۇ ئاپتاپ كۆرمىگەن سۈزۈك، بەك چىرايلىق ھەم دىيانەتلىك يالغۇز ئەركە قىز، مەن ئۇنىڭغا يېتىشەلمەيمەن، ناۋادا سىز ئۇنىڭدىن ئاجراشسىڭىز سىزنىڭ تاشچىلىق سودىڭىزمۇ ئاخىرلىشىدۇ، قېيىنئاتىڭىز سىزنى يىراقتا تۇرۇپ بىر تىزگىنەك بىلەنلا ۋەيران قىلىۋېتەلەيدۇ، سىز ئۇنى ئۇبدان بىلىسىز، شۇڭا، مېنى بۇنداق گەپلەر بىلەن ئالداشنى خىيال قىلماڭ… خۇدايىم بەرگەن بەختىڭىزنى قەدىرلەڭ…
-ۋاي خۇدايىم، سەن ئۇلارنى قانداق بىلىسەن؟
-شەھەردە ئوقۇپ يۈرگەنلىرىمدە مەن ئۇلارنىڭ ئۈيىدە بىرمەزگىل تۇرغان، يەڭگەم بىلەنمۇ ساۋاق ئاداش ئىدىم، ئۇ تېخى مەندىن خېلى ئۇبدان كىچىك دەڭە…
-ئۆتەپ بارغىنە، ھوي؟
-ئۇ تولۇقسىزدا ئوقۇمىغان، مەن بولسام توققۇزىنچى سىنىپنى پۈتتۈرگىلى ئۈچ يىل بولدى، ئۇلارنىڭ ئۈيىدە قىزلار خالىغانچە سىرتقا چىقالمايدۇ، شۇڭا ئۇ سىرتلاردا لەيلەپ يۈرگەن شەھەر نامراتلىرىغا ئوخشىمايدۇ، ئۇ ئونبەش ياشنى تۈگەتمەي تۇرۇپلا سىزگە ياتلىق بولدى، ئۇ ئۆزىنىڭ ھاياتتىكى بارلىق قىممەتلىق بايلىقىنى سىزگە ساقلىغان، بۇ گەپكىغۇ ئىشىنىدىغانسىز، سىز دىگەن ئۇنىڭ پادىشاھى، ئىشەنمىسىڭىز سۇراپ بېقىڭ… ئۇنى مانا بۈگۈن بىزنىڭ ئۆيگىمۇ ئەكەلمەپسىزغۇ، باياتىن تېلېفۇن قىلغىنى شۇمۇ ئەمەسمۇ؟
-راستلا موللا تاپقاقكەنسەن، شۇ خوتۇنۇم تېلېفۇن قىپتۇ، نەگىلا بارسام تېلېفۇن قىلىپ «پات كېلىڭ، پات كېلىڭ »دەپ ئىچىمنى پۇشۇرىدىغان بولۇپ قالدى ئۇ، تېخى تېلېفۇننى ئېتىۋالسام دادامغا تېلېفۇن قىلىپ يىغلىغىلى تۇرىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن ئۆيگە كېلىپ بولغۇچە دادام «بىر خوتۇننىڭ كۆڭلىنى ئېلىپ بولالمايدىغان ھالىڭغا نەلەردە كۇۋسۇك پۇراپ يۈرىسەن؟» دەپ تاناۋىنى تارتىۋاتقان…
-سىزىككە چۈشتىمۇ قاندق؟
-ئايال كىشىنىڭ قورسىىدا قالسا ئاشۇنداق غەلىتە-غەلىتە بىر مىجەزلىرى پەيدا بولۇپ قالارمىش، ئۇنى سېزىك دەيدىكەن.
-دېمىسىمۇ يېقىننىڭياقى ئۇ كۆڭلۈم ئېلىشىپ قالدى دەپ تاماقتىن قالغاندەك كۈرۈنەتتى، يەنە ماڭا بۇرۇنقىغا باققاندا بەكرەك يېپىشىپ قاراپلا ئولتۇرغىنى ئولتۇرغان، «نىمانداق قىلىسەن؟» دىسە «سىرتقا چىقىپ كەتسىڭىز كۆرگۈم كېلىپ پەقەت چىدىيالماي قالىدىكەنمەن، شۇڭا كۈزۈمنى قاندۇرۇۋالاي دەپ قاراپ ئولتۇردۇم، يېنىمغا كېلىپ بېردەم ئولتۇرۇپ بېرىڭە، ئېرىمگە قاراپ بىردەم ئولتۇرۇۋالاي» يىغلايدىغان بولۇپ قالغان ئىدى، ئۇنىڭدا باشقىلاردەك ئۇنداق ياسالما نېزىقاش يوق، پەقەتلا شۇنداق دەپ يىغلايتتى، بۇنداق ۋاقىتلاردا ئۇنىڭ بىلەن ھېلىقىدەك بىرنەچچە قېتىم بىر ئىش قىسىمۇ ئۇ يەنە يۈرىكىنى يېقىپ قۇچاقلاپ ياتقىنى ياتقان، مۇشۇنداق چاغلاردا ئاندىن ئەڭ تاتلىق، ئەڭ ھۇزۇرلۇق ئۇخلايدىغانلىقىنى ئېيتىپ :«سىزگە تەگكىنىم مېنىڭ ئەڭ چوڭ بەختىم، سىزمېنىڭ تەختىم، سىزمېنىڭ جەننىتىم، سۇلتانىم…» دەپ يەنە ھۈ تارتىپ يىغلايتتى، ئۇنىڭدا نېزىقاش، نازلىنىش يوق ئىدى، پەقەت بوغۇلۇپ-بوغۇلۇپ يىغلايتتى، بۇنى چوڭلارغا قانداق چۈشەندۈرگۈلۈك، ئۇلار تېخى :«سوقۇشۇپ قالسەن، خوتۇنىڭنى ئۇرۇپسەن …» دەپ ماڭا كايىغان، ھەر ھالدا ئۇ بوغجۇمىسىنى يۈدۈپ يامانلاپ ماڭمىغاندىكىن، ياكى ئۇنىڭ يۈزلىرىدە تاياق ئىزى قالمىغاندىكىن ئۇلار كايىپ-كايىپ توختاپ قالىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ئولتۇرسا-قوپسا ماڭا تېلېفۇن بېرىش بىلەنلا ،«ئىتتىك كېلىڭ، چاققان كېلىڭ، سىزكەتكىلى نەۋاق» دەپلا يۈرگىنىنى ئانچە- مۇنچە ئاڭلاپ تۇرغاندىكىن ئارتۇقچە كايىمايدىكەن. تېخى باياتىنمۇ بىرمۇنچە تىللىغان ئىدىم ئۇنى ، سىزىك دىگەندە ئاشۇنداق ئېرىگە ھەددىدىن زىيادە ئامراق بولۇپ قالارمۇ؟
-چوڭلارنىڭ دىيىشىچە، سىزىك دىگەننىڭ ئۇمۇمەن مۇقىم قېلىپى بولمايدىكەن، ئادەتتە كۈندەشلىكى يامان ئاياللارنى سىزىكىدە  بىرنەچچە ئاي قۇسىمىش دەپ ئاڭلىغان ئىدىم، ئۇندىن باشقا يەنە بەزىلەر ئېرىگە ئۆچ بولۇپ قالارمىش، بەزىلەر ئۆزى ئەتكەن تاماققا ئۆچ بولۇپ قالارمىش، يەبە بەزىلەر نىمىگىدۇر ئامراق، يەنە بەزىسى بولسا نىمىگىدۇر ئۆچ بولۇپ قالارمىش ئىشقىلىپ بىر ئايالنىڭ سېزىكى يەنە بىر ئايالنىڭكىگە، يەنە بىر ئايالنىڭ بىرىنچى قېتىمقى سېزىكى كېيىنكىسىگە ئوخشىماسمىش، …قاراڭ، مېھمانلار كەلدى…- دىدىڭ سەن ۋە چىلەكنى كۈتىرىپ ئاستاغىنە تۇرۇبا كاتىكىگە قويۇپ جۆمەكنى ئاچتىڭ. سۇ ئاز-ئازدىن جىرقىراپ چىلەككە چۈشكىلى تۇردى.
-نەلەردە يۈرۈپ بۇنچىۋالا قېرىپ قالغان سەن، ھوي ئادىلە، ئۈزەڭ كىچىكلا تۇرىسەن، بىلمەيدىغان ھېچنىمەڭ يوقكەن، يېزىلىقلار شەھەرلىكلەردىنمۇ يامانمۇ نىمە؟ مېنىڭ خوتۇنۇم ئىشلارنى مۇنچىۋالا ئەتراپلىق ئويلاپ كېتەر بولسا ئىشىم چاتاق… قېيىنئاتامنىڭ چوڭ شىركىتىگە باشقۇرغۇچى بولساڭ بولغۇدەك سەن!- شۇ چاغدا ئەكبەر ئەپەندىنىڭ ماشىنىسى ئۆينىڭ ئالدىدىكى يولدىن ئاستا قايرىلىپ ئېغىل ئالدىدىكى بوش يەرگە كېلىپ توختىدى
-ئوخ…خو ، دادا، قاراڭ، ئەتىگەن يۇيغۇزغان ماشىنا بىردەمدە قارىغۇسىز بولۇپ كېتىپتۇيا؟-دىدى نەزەرجان ماشىنىنىڭ يېنىغا بېرىپ ماشىنىدىن چۈشۈۋاتقان دادىسىغاقاراپ.
-يېزا دىگەندە ئۇنچىلىك ئىشلاردىن ساقلىنىپ بولغىلى بولمايدۇ، كەچتە ئۆيگە بارغاندا يەنە يۇيغۇزۇۋالارسەن، بالام،- دىدى ئۇ ئىشىكىنى يېپىۋېتىپ. ئۇلار دىگەر نامىزىنى ئوقۇشۇپ ئۆيىگە قايتىشقا تەمشەلدى.
-ئەكبەرجان ئاخۇن، ماۋۇ ئادەم «ئەكبەرجان بىزلەرنىمۇ كېلىپ شىركەتتە ياردەملىشىپ بەرسۇن دىدى» دەپ ئاڭلاپ بەك خوش بولدۇق، ئۆتكەندە باغ- ۋارانلاردىن چىققان چىلانلىرىمىزنى ئۇبدان بىر پۇل قىلىپ بېرىپ كۆڭلىمىزنى خوش قىلىپتىڭىز ئاينا، ئەمدى بۇقىېتىم بىز ئۇيەرگە بارساق قانداق بۇلاركىن دەپ مەسلىھەتتە قالدىم مانا…دىدى ئاناڭ گەپ تېشىپ.
-ئەمدى كۈزلۈك يىغىملىرىڭلارمۇ ھەرھالدا بىريەرلەرگە بارغاندۇ بۇچاغقا، ماخسۇتىكامنىڭ شىركەتتە ئىشلەۋاتقىنىغىمۇ خېلى ئۇزۇن بولۇپ قالدى، ئەسلى سىزلەرنىمۇ بۇرۇنلا ئەكىتىشىم كېرەك ئىدى، ئەر- خوتۇنلارنىڭ بۇنداق ئايرىلىپ تۇرۇشى ئۇنچە ياخشى ئەمەسقۇ، سىز بۇيەردە جاپا تارتىپ يۈرسىڭىز، ئاكام ئۇيەردە يالغۇزلۇق تارتىپ يۈرسە… بۇرۇنراق شۇنداق قىلىلى دىسەم ئاكام ئېتىز- ئېرىقنىڭ ئىشى تاشلىنىپ قالىدۇ دەپ ئۇنىمىغان ئىدى، ئەمدى بولسىمۇ ئائىلىدىكىلەربىلەن جەم بولۇپ بىللە ئىشلىسۇن دىيىشكەن…
-بىز كەتسەكقۇ ئۇبدان بولىتتى، بىزمۇ مۇنداق بىر جاپادىن نېرىراق تۇرىتمىزكەن…
-مانا ئەمدى ئۇبدان گەپ قىلدىڭىز، سىزگىمۇ ئايرىم ھەق بېكىتىپ بېرىمىز، شىركەتتە ئىشلەيدىغان توختاملىق ئىشچىلارغا چۈشتە بىرۋاق تاماق ئېتىپ بېرىسىز… ئۇنچىلىك ئىشلارنى سىز ئەلۋەتتە قىلىپ كېتەلەيسىز، باشقا چاغلاردا شىركەتنىڭ دەرۋازىسىغا قاراپ بېرىسىز شۇ…
-ئۇ ئىشلار دىگەن ھەرقانچە تەس بولسا بۇيەردە ئېتىزدا يۈگۈرۈپ يۈرۈپ سۇلاغ قىلىشتىن تەس ئەمەستۇر، ئۇنىڭدا گەپ يوق، ئەمما، ماۋۇ قوي، كالا، توخۇ-ئۆردەك، ئىشەك دىگەن ئۇچارلىق- تىنارلىقلىرىمىزنى پەيشەنبە كۈنى بازارغا ئاپىرىپ پۇل قىلىپ ئاندىن ئۆيلەرنى يىغىشتۇرۇپ ئىشىكنى مەھكەم ئېتىپ ئاندىن لازىماتلىقلاردىن ئانچە- مۇنچە ئېلىپ بارمىساق بولماس، ئۇيەردىمۇ گال ئۈچ ۋاق ئاچار ھېلى، ئۆيدە بۇغداينى تاغاردا چاشقانغا قويۇپ بېرىپ شەھەردە بازاردىن ئۇن ئېلىپ يۈرسەكمۇ بولماس ئەمدى، شۇڭا دادىسىغا بىرەر ھەپتە روخسەت قىلسىڭىز مۇشۇ ئىشلارنى جەمسىرىشىپ بەرمىسە مەن يالغۇز قىسىلىپ قالغۇدەكمەن…
-ئوخخو…، ما گەپنى ئەمدى، ماقۇل دىسەم، شىركەتنىڭ ئىشلىرى ئاقسايدۇ، ئاكام ھەپتە قالسا بىز تۆت يۈز توننا چىلاننى ۋاقتىدا خىللاپ قاچىلاپ ۋاڭ خوجايىن بىلەن تۈزگەن توختامنىڭ ئىچىدە تەييارلاپ بولۇشقا ۋاقتىمىز چىقىشماي قالىدۇ، مۇنداق بولسۇن، پەيشەنبىگىچە يەنە ئىككى كۈن بار ئىكەن، بۇ ئىككى كۈندە قىلىدىغان ئىشلارنى قىلىپ تۈگىتىپ، ھە راست، ئاكا، ماۋۇ ئېغىلدىكى ماللارنى بىدىك قىچىرىپ ساتساقمۇ بولىدۇ، ھە، چالا قالغانلىرىنى بازاركۈنى ئېلىشىغا سېتىپ جۈمە كۈنى جۈمە نامىزىنى ئاقتاشتا ئوقۇشقا نىشاننى توغرىلارسىز، ئەمىسە، خۇدايىمغا ئامانەت،- ماشىنا ئاستا قوزغىلىپ بىردەمدىلا ئۆينىڭ ئالدىدىكى تاركوچىدىن چوڭ يول تەرەپكە قايرىلىپ غايىپ بولدى. سىلەر ئۆيگە قايتىشتىڭلار، داداڭ قىشلىق ئۆيگە كىرىپ يۇمشاق كۆرپىگە ئۆزىنى تاشلاپ ئارامغا كۆزىنى يۇمدى. ئاپاڭ ئىككىڭلار قاچا-قۇچىلارنى يۇيۇش، ئۆيلەرنى يىغىشتۇرۇش دىگەندەك ئىشلار بىلەن كەچنى قىلدىڭلار.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107190
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 210
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 162 سائەت
تىزىم: 2014-5-27
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-11 01:00:11 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماۋۇ روماننىڭ ئاخىرى يوللانسا بەك ياخشى بولتىـ

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12435
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32507
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4492 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-11 03:58:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايىتى قىزىقىپ ئوقۇۋاتىمەن...

كۆپ جاپا چەكتىڭىز....

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

سۆيۈلۈش ئۈچۈن سۆيۈش كېرەك .

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98944
يازما سانى: 1890
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5097
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1289 سائەت
تىزىم: 2013-10-24
ئاخىرقى: 2015-4-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-11 04:05:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتورى كىمۇ قېرىدىشىم،بىر ئۇچۇرىنى بەرسىڭىز بوپتىكەن؟

ئاللاھ خالىسا مەن چوقۇم قىلالايمەن......!

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12435
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32507
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4492 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-19 04:16:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ روماننىڭ ئاخىرى تېخى يوللانماپتىغۇ؟.......

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43043
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3164
تۆھپە نۇمۇرى: 141
توردا: 39 سائەت
تىزىم: 2011-6-3
ئاخىرقى: 2014-11-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-19 04:18:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرىنى قاچان يوللايدۇ؟؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107882
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 40
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 20 سائەت
تىزىم: 2014-6-19
ئاخىرقى: 2014-7-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-25 05:52:02 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ya alla yana ahiri yokkku

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش