مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 849|ئىنكاس: 5

ئىلىكتىرىك كەپشەر ۋە ئىئونلۇق كىسىش ماشنىسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92141
يازما سانى: 1879
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2263
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 3071 سائەت
تىزىم: 2013-2-23
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-6 01:19:24 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

  مىتاللارنى كەپشەرلەش ۋە كىسىشتە ھازىر كۈپىنچە ئىشلىتىلىۋاتقان كەپشەرلەر يۇقىرى چاستوتىلىق بۇلۇپ، ئادەتتە ئاكۇمۇلياتوردىن چىقىدىغان تۇراقلىق توكنى ئۆزگەرتىپ 220 ۋە ئۈچ فازىلىق 380 ۋولىتلىق تۇراقسىز توكقا ئۆزگەرتىدىغان تەتۈر ئۆزگەرتكۈچ تېخنىكا ئاساسىدىن پايدىلىنىپ ئىش ئۈنىمىنى ئاشۇرغان ھەم ماسسىسى ھەجىمىنى ھەسسىلەپ يىنىكلەتكەن.
magintsizlandurux.jpg

  بەزىلېرىدە يەككە ئىىقتىدار بار، خاس كەپشەرلەش (يۇقىرى ئىقىملىق توك بىلەن مىتال ۋە كەپشەر چۇكىسىنى قىسقا تۇتاشتۇرۇپ ئېرىتىپ ئۇلاش) ياكى كىسىش (يۇقىرى بىسىملىق ئىلىكتىر ئۇچقۇنى ھاسىل قىلىپ شۇ ئۇچقۇن ئىچىدىن پىرىسلانغان ھاۋانى ئۈتكۈزگەندە ھاۋا تىمپىراتورىسىنى يۇقىرلىتىپ، ئاندىن مىتالغا سۇقۇلغاندا رىئاكسىيە ھاسىل بۇلۇپ يۇقىرى تىمپىراتورىلىق ھاۋا سۇقۇلغان جايدىكى مىتال ھاۋا تەركىبىدىكى ئوكسىگىندا كۈيۈپ كىسىلىدۇ) . بەزىلېرى بولسا كەپشەرلەش، كاربونلۇق كەپشەرلەش، كىسىش، بىر گەۋدىلەشكەن كۆپ ئىقتىدارلىق ماشىنا. يەككە ئىقتىداردىكى كىچىك كەپشەرلىگۈچ ئىككى كىلوگىرام كىلىدىغىنىغىچە بار، ھەم ھەجىمىمۇ ئىكى توكسىكىلىت زەرەتلىگۈچىنى قاتىغانچىلىك كىلىدۇ.
  كەسپى ئورۇنلار چىدامچانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ يەككە ئىقتىدارلىقىنى ئىشلىتىدۇ. يەنە بەزىلەر بولسا ئۈزلۈكسىز ئىشلەتكەندە ئىسسىق يەرلەردە قۇغدىنىش ھالىتىدە تۇرىدىغان ۋاختى ئۇزۇنراق دەپ كونا تىپتىكىسىنى ئىشلىتىدۇ. ئادەتتە شامالدۇرغۇچ تۇكىنى ئۈز-چاتنىڭ توك كىرىدىغان ئۇچىغا ئۇلاپ قويسا تىز سۇۋۇپ قىسقا ۋاقىتتا ئەسلىگە كىلىدىغان بۇلىدۇ.
  مەن 2006-يىللېرى يۇرتىمىزدا 5.6كىلوۋاتلىق كىچىكىنى كۆرگەن ئىدىم، كۈپىنچە موس قۇۋۋەت لامپىسى كۈيۈپ كىتەتتى، ھازىرمۇ كۈپىنچە قۇۋۋەت لامپىسى كۈيۈپ كىتىدۇ، ئالماشتۇرۇپ قويسىلا ئوڭشىلىپ قالىدۇ.
  مەن قىسقىچە قىلىپ كۆپ ئىقتىدارلىقىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۈتەي؛ 2010-يىللېرى مەن ct-416 تىپلىق كۆپ ئىقتىدارلىقتىن بىرنى ئالغان ئىدىم، يىقىندا بۇزۇلۇپ قىلىپ شۇ كاشلىنى ئوڭشىغاچ ئاندىن ئۇنىڭ ئىش پىرىنسىپلېرىنى تەھلىل قىپ چىقتىم. كەپشەرلەش ھالىتىدە ئىككى يۇقىرى چاستوتىلىق تىرانسىفورماتوردىن چىققان توك ئىقىمى يۇقىرى چاستوتىلىق ئىككى قۇتۇپلۇق لامپىدىن رەتلىنىپ ئۈتۈپ يانداش ئۇلىنىپ ئاندىن كەپشەرلەش سىمىنى ئىنىرگەيە بىلەن تەمىنلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە بىر يۇقىرى بىسىم ھاسىل قىلىدىغان تىرانسىفورماتوردا يۇقىرى بىسىم ھاسىل قىلىپ، كەپشەر سىمى كەپشەرلىنىدىغان مىتالغا يىقىن بارغان ھامان ئۇچقۇن بىلەن كەپشەر سىمى ئۇچىنى قىزىتىپ، كەپشەر چۇكىسىنىڭ مىتالغا چاپلىشىپ قىلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. كەپشەرلىنىۋاتقاندا بولسا ئۇچقۇن ئورامىنىڭ قىزىپ كىتىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىشتا رەڭلىك تىلۋىزوردا ماگىنىتسىزلاندۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان ماگىنىتسىزلاندۇرۇش قارشىلىقى ئارقىلىق ئالدى ئىلىنىدۇ.
   يۇقىرى بىسىملىق ئۇچقۇن بىلەن كەپشەرلەشتە بولسا يۈتكىلىشچان ئۈز-چات شۇ خىل ھالەتكە تەڭشەلگەندىن كىيىن ئىككى تىرانسىفورماتوردىن چىقىپ رەتلەنگەن توكنى ئارقىمۇ-ئارقا ئۇلانغان ھالەتكە كىرگۈزىدۇ،  شۇنىڭ بىلەن پەقەت توك ئىقىمىلا كونتۇرول قىلىنىدىغان بۇ ئەسۋاپتىن چىققان توك بىسىمى قاتلىنىپ ئۇچقۇن ھاسىل قىلىدۇ. بۇ چاغدا كەپشەرلەش ھالىتىدە ئۇچقۇن ھاسىل قىلىدىغان تىرانسىفورماتورغا توك ئۈتمەيدۇ.
[25]CT416.jpg

ئارقىمۇ-ئارقا ئۇلاش ، يانداش ئۇلاش ۋە ئۇچقۇن ئورامىنى ئۇلاش ھەممىسى ئىلىكتىر ماگىنىتلىق رېللىق كۆپ يوللۇق ئۈز-چات ئارقىلىپ
ق تاماملىنىدۇ. توك يۇلى بىرسى بىرسىگە ئۇخشاپ كەتمەيدۇ، بەزىلېرىدە بەك نازۇك كونتۇرول توك يۇلى ئىشلىتىلىدۇ.
YVDV9@TMU~$%VZ_704}KBDH.jpg

بۇ ئورامنىڭ رولىمۇ بوش ئەمەس، بۇ ئورامنىڭ كەسمە يۈزى ۋە ئىندوكتىپلىقى نورمال بولمىغاندا رەتلىگۈچ ئىككى قۇتۇپلۇق لامپا ئاسان كۈيۈپلا كالماي يەنە قۇۋۋەت لامپىسىمۇ ئاسان كۈيۈپ كىتىدۇ.
`1[JZQV2}HI%FZ)EATBYGIX.jpg



تولۇقلىما مەزمۇن (2014-12-7 06:10 PM):
مەسلە بولسا بۇ توپتڭن سوراڭ؛群名称是焊机维修交流 310209215
ئىلىكتىر ئىلمى بۇيەردە:http://www.xjefan.com/
  اشقىلارنى باھالاشتىن بۇرۇن ئۆزىڭىزنى باھالىۋىتىڭ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92141
يازما سانى: 1879
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2263
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 3071 سائەت
تىزىم: 2013-2-23
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-6 01:40:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  رەسىمدىكى 315تىپلىقى قۇم چۇكىنى پاياتلايدۇ. توك ئىقىمى 250 ئامپىرغا يىتىدۇ. ھەم ئىش ئۈنىمى %85كە يىتىدۇ، ئادەتتىكىلېرىنىڭ بولسا %50كە يەتمەيدۇ...
   ئادەتتە بۇ خىل ئۈسكىنىلەرنى ئىشلىتىشتە قايسى خىل ھالەتكە تەڭشەشمۇ دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك بىر نۇقتا، تۇغرا تەڭشىيەلمىسىمۇ شۇنداق كەپشەرلىيەلمەيدۇ...
مىنىڭكىنىمۇ بىرى ئېپ كىتىپ كۈچى يوقكەن، ئىشلىتەلمىدىم دەيدۇ، قارىسام ئىئونلۇق كىسىش ھالىتىگە تەڭشەپ قۇيۇپ كەپشەر چۇكىسى ئىشلىتىپتۇ...
مەن ئىشلىتىۋاتقان 416مۇ قۇم چۇكا ئىشلىتەلەيدۇ  بوشىۇگاڭ پاياتلىيالايدۇ...
   بىزنىڭ لەمجىن بازىرىدىمۇ 315 تىپلىقىنى 1500يۈەنگە يىڭىسىنى بېرىدۇ...

ئىلىكتىر ئىلمى بۇيەردە:http://www.xjefan.com/
  اشقىلارنى باھالاشتىن بۇرۇن ئۆزىڭىزنى باھالىۋىتىڭ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99246
يازما سانى: 68
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 232
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 83 سائەت
تىزىم: 2013-11-4
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-6 02:23:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  مەن يۇرتىمىزدا تۆمۈرچىلىك قىلىمەن  مەنمۇ ئىلىكترلىك كەپشەرلەش ماشىنىسى ۋە ئىئۇنلۇق كېسىش ماشىنىسىنى ئىشلىتىۋاتقىلى 3يىل بولدى .يىقننىڭياقى كەپشەرلەش ماشىنىسىنى ئىشلىتىۋاتقاندا پات-پات توختىۋېلىپ ،سېرىق چىرىقى يىنىۋالىدىغان ،بىردەمدىن كىيىن ئۆزلىكىدىن ئوڭشىلىپ نورمال ئىشلەيدىغان بوپ قالدى .بۇنىڭ سەۋەبى نىمىدۇ ؟چۈشەندۈرۈپ قويسىڭىز بوپتىكەن .

ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ھەقتۇر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99246
يازما سانى: 68
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 232
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 83 سائەت
تىزىم: 2013-11-4
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-6 02:28:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە بىرى كېسىش ماشىنىسىنىڭ نورمال توك ئۆتسىمۇ ،ھاۋا بولسىمۇ كەسمەي ئۇچىىنىڭ چاپلىشىۋىلىشى نىمە سەۋەپتىن ؟

ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ھەقتۇر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92141
يازما سانى: 1879
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2263
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 3071 سائەت
تىزىم: 2013-2-23
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-7 07:14:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
tumurqi998 يوللىغان ۋاقتى  2014-6-6 02:28 PM
يەنە بىرى كېسىش ماشىنىسىنىڭ نورمال توك ئۆتسىمۇ ،ھاۋا ب ...

  ھاۋا بىسىمى يىتەرلىك بولمىسىمۇ شۇنداق بۇلىدۇ، باش قىسمى قىززىپ ئېرىپ كىتىدىغان ئەھۋاللارمۇ بۇلىدۇ.
بۇ نەرسىنىڭ شۇ كۈپىنچە قۇۋۋەت لامپىسى كۈيىدۇ، ئونۋىرسالمىتىرنىڭ ئىككى قۇتۇپلۇق لامپا ئۆلچەش خوتىدا ئۆلچىسە بۇزۇلغان لامپا بار گۇرۇپتىكى (ھەر ئۈچ لامپا يانداش ئۇلىنىپ بىر گۇرۇپپا بۇلىدۇ، تۆت گۇرۇپپا قۇۋۋەت لامپىسى كۆۋرۈكسىمان ھالەتتە ئىشلەيدۇ) قىسقا يول بۇلۇپ ئىپادىلىنىدۇ، شۇ يەردىن لامپىنى قۇمۇرسىڭىز كۈپىنچە بىر تاللا لامپا تۇتىشىپ قالغان بۇپ چىقىدۇ. بۇ خىل لامپا توردىن ئەكەلدۈرسە 4يۈەندىن 10 يۈەنگىچە كىلىدۇ. ئۆلچەملىك دىگەن خەتكە دىققەت قىلىش كېرەك.

ئىلىكتىر ئىلمى بۇيەردە:http://www.xjefan.com/
  اشقىلارنى باھالاشتىن بۇرۇن ئۆزىڭىزنى باھالىۋىتىڭ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92141
يازما سانى: 1879
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2263
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 3071 سائەت
تىزىم: 2013-2-23
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-16 07:43:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
tumurqi998 يوللىغان ۋاقتى  2014-6-6 02:23 PM
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  مەن يۇرتىمىزدا تۆمۈرچىلىك قىلىمەن ...

ئىشلەۋاتقاندا قىززىپ كەتسە يۇقىرى تىمپىراتورىدىن ئاپتۇماتىك تۇختاش ھالىتىگە كىرىپ، تىمپىراتورا ئەسلىگە كەلسە يەنە ئىشلەيدۇ، شامالدۇرغۇچىنى تۇختىماي ئايلىنىدىغان قىلىپ ئۇلاپ قۇيۇڭ.

تولۇقلىما مەزمۇن (2015-1-4 11:14 PM):
如:有一款微型真空泵VM8001的绝对压力为80KPa,则它的相对真空度约为80-100=-20Kpa,(测量地点的气压假设为100KPa)在普通真空表上就该显示为-0.02MPa。

تولۇقلىما مەزمۇن (2015-1-4 11:17 PM):
1MPa=1000KPa
  1KPa=1000Pa
  1大气压=100KPa=0.1MPa
  1大气压=1公斤(Kgf/cm2)=760mmHg
  1大气压=14.5PSI
  1KPa=10mbar
  1bar=1000mbar

ئىلىكتىر ئىلمى بۇيەردە:http://www.xjefan.com/
  اشقىلارنى باھالاشتىن بۇرۇن ئۆزىڭىزنى باھالىۋىتىڭ....
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش