|
|
|
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز قېرىنداشلار، 5- ئاينىڭ 8- كۈنىدىكى ئۈرۈمچى تېلۋىزىيەسىنىڭ چىن يۈرەكتىن چىن سۆزلەر پىروگراممىسىدا ‹ يېڭى ھادىسە - تۈركىيە مەدەنىيتى قىزغىنلىقى › ئاساسىي تېما قىلىنغان بىر قېتىملىق سۆھبەت ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى، ئالدىراشچىلىقلار تۈپەيلىدىن ،تورغا ۋاقتىدا يوللاپ تورداشلار بىلەن ئۇچراشتۇرالمىغان ئىدۇق . بۈگۈن فىلىم تورغا يوللىنىپ كۆرۈرمەنلەر ھوزۇرىغا سۇنۇلدى ..
پىروگراممىدا داڭلىق ئوبزورچى يالقۇن روزى ئاكام بىلەن بىرگە تۈركىيە ناخشىچىلىرى، تۈركىيە مەدەنىيتى، تۈركىيە كىنو فىلىملارغا بولغان قىزىقىشلارنىڭ ئىجابىي ۋە سەلبىي تەرەپلىرى توغرىسىدا سۆھبەتلەر بولۇنۇپ بۇ مەسىللەرگە ئۇستاز يالقۇن روزىنىڭ بىرقىسىم خۇلاسە پىكىر تەلەپلىرى، بىزلەردىن كۈتىدىغان ئۈمىدلىرى بايان قىلىندى، ھەم توردىكى تۈركىيە قىزغىنلىقلىرى، تۈركىيەنى قوللاش ۋە قارشى تۇرۇش تەرەپدارلىرىنىڭ ئىنكاسلىرى مۇنازىرە قىلىنىپ ئۆتۈلدى ، تۈركىيە قىزغىنلىقىنى قايسى تەرەپتىن تەرەققىي قىلدۇرۇش ، قايسى تەرەپلەرگە دىققەت قىلىش توغرىسىدا بىرقەدەر كەڭ دائىرلىك سۆھبەتلەر بولۇندى..
فىلىم ھوزۇرۇڭلاردا.....
نورمال چىقمىسا ياكى، IPAD,IPHONEلاردا كۆرمەكچى بولسىڭىز بۇ خەتنى چىكىش ئارقىلىق كۆرسىڭىز بۇلىدۇ...
فىلىمدىكى بىر قانچە جۈملىلەر :
ئالىي مەكتەپنىڭ كارىدورلىرىدىن چىقىۋاتقان ،كېتىۋاتقان قىزلىرىمىزغا قارايدىغان بولساق بۇلار خۇيزۇلارنىڭ تولغىما قۇيماقلىرىدەك تولغۇشۇپ كۈلۈشۈپ كېتىدۇ ...
بىزنى بەك ئەنسىرتىۋاتقان ،بىزگە ناھايىتى زىيان بولىۋاتقىنى تۈركىيەگە ئوقۇشقا چىقىش قىزغىنلىقى ،بۇنىمۇ مودىغا ئايلاندۇرۋالساق ، سىزنىڭ بالىڭىز چىقسا مەنمۇ بالامنى چىقىرىمەن دىسەم مانا بۇ نادانلىق بولىدۇ. شۇڭا چەتئەلگە ئوقۇشقا چىقىش كېرەك ،كۆپلەپ چىقىش كېرەك .چىققاندىمۇ ئۇنداق باشقۇرالمىغان بالىسىنى چىقىرۋىتىدىغان مودا قوغلىشىپ چىقىرۋىتىدىغان ئۇنداق ئەخمەقلىق بىلەن ئەمەس،بىر ئوقۇش قىزغىنلىقى بىلەن ،ئوقۇش نىشانى بىلەن چىقىش كېرەك ..
ھەرقانداق بىر دۆلەتتىن بىر مەدەنىيەت ئالماشتۇرغۇچىلار كەلسە بىز ھەرقاچان كۈتىۋىلىشىمىز كېرەك، بىراق ھەرقانداق ئىشنىڭ چېكى بولىشى كېرەك .
بىر ئادەمدىكى مەسىلنى ،بىر خەلىققە يۈكلەپ تۇرۇپ تەنقىدلەش ئۇ نورمالسىزلىق ...
فىلىمگە مۇناسىۋەتلىك بىرقىسىم رەسىملەر؛
مىسرانىم ئۇيغۇرچە ئۇنۋېرسال تور بېكىتى
|
|
|
|
|
|