پۇلنىڭ قۇلى ئەمەس بىز
يازنىڭ ئىسسىق بىر كۈنى ئىدى ،بازاردىن نەرسە -كىرەك سېتىۋىلىپ قايتىش يولىدا، ئوڭ قولۇمدا ئۇچ خالتا ،سول قولۇمدا ئىككى خالتا نەرسىنى كۆتۈرۈپ كىتىپ بارىمەن .توساتتىن ئارقامدىن بىر ماشىنا سىگنالى ئاڭلاندى. كۈلۈمسىرىگەن بىر شوپۇر ماڭا ماشىنىغا چىقىۋىلىشنى ئىشارەت قىلىپ، مىنىڭ ئالدىمغا كېلىپ توختىدى، مەن ئۆز كۆڭلۈمدە " بۇ ئىسسىقتا ئەجەپ ياخشى كەلگەن كىراكەش بولدى "دەپ ئويلاپ گەپ- سۆز قىلمايلا چىقتىم .
-ئەسسالامۇئەلەيكۇم، نەگە بارسىز ، مەن ئاپىرىپ قوياي.
- ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، سايباغغا بارىمەن، ئۆيۈم شۇ يەردە .
- ھە ،مەنمۇ دەل شۇ تەرەپكە كىتىپ بارغان ھازىر ،يولىمىز بىر ئىكەن.
شۇنىڭدىن كىيىن ئانچە كۆپ پاراڭمۇ بولمىدى، شوپۇر بولسا شۇنداق ئەستايىدىللىق بىلەن ماشىنىنى ھەيدەۋاتاتتى، 20مىنۇتلاردىن كىيىن مەنمۇ ئۆيۈمگە كىلىپ قالغانىدىم.
-مۇشۇ يەردە توختاپ قويغان بولسىڭىز.
-بولىدۇ ، ئۆيىڭىز مۇشۇ يەردىمۇ.
-شۇنداق، ئاۋۇ ئۇدۇلدىكى ئىشىك بىزنىڭ ئۆي بولىدۇ،
مەن ماشىنىدىن چۈشۈپ شوپۇرنىڭ يېنىغا باردىم،دە- قانچە پۇل بولاپتۇ،
- بولدى،يولىمىز بىر ئىكەن، مەن سىزنى ئەكىلىپ قويغان بولاي، دەپ ماڭا قاراپ كۈلۇمسىردى،
-ۋاي،ياق ئۇنداق قىلساق بولمايدۇ ،ماۋۇ ماشىنىغا ماي كۆيدىغان تۇرسا ،شۇ پۇلنى بولسىمۇ ئېلىڭ ،بولمىسا مەنمۇ خىجىل بولىمەن.
-ھىچقىسى يوق سىز چىقمىغان بولسىڭىزمۇ كۆيىدىغان ياغتى ئۇ، بولدى سىزمۇ ئۆيگە كىرىپ دەم ئېلىڭ ئەمسە.
- ۋاي رەھمەت ئەمسە ،ئۆيگە كىرىپ چاي ئوتلاپ ماڭمامسىز،
ئەمما شوپۇر ئۇستام رەت قىلىپ كېتىپ قالدى، مەن بولسام بىر خىل خىجالەت بولغان ،باشتا ئويلىغان خىياللىرىمغا پۇشايمان قىلغان ھالدا ئۆيۈمگە كىرىپ كەتتىم. كۆڭلۈم بۇ ئىللىق چىرايدىن سۆيۈندى. ھەمدە باشقىلارنى سۆيۈندۈرۈشكە قارار ئالدى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-6 12:27 AM