مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 14091|ئىنكاس: 92

تىلەمچىنىڭ ئوغلى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93747
يازما سانى: 101
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 574
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 211 سائەت
تىزىم: 2013-3-22
ئاخىرقى: 2014-7-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-5 01:14:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

تىلەمچىنىڭ ئوغىلى

   ھېكايە

شۇنداق قىلىپ ئاخىرى مەنمۇ توي قىلالايدىغان بولدۇم . قانچىلىك خوشھاللىقىمنى بىر ئۆزۈم، بىر ياراتقان ئاللا بىلىدۇ دەپ ئويلايمەن ،تۇرۇپ تۇرۇپلا بار ئاۋازىمنى  قويۇپ بېرىپ توۋلىغۇم كېلىدۇ. بارچە خالايىققا مىنىڭ ،توغرىراقىنى ئېيتقاندا بىر تىلەمچىنىڭ ئوغۇلىنىڭ توي   قىلماقچى بولغانلىغىنى بار ئاۋازىم بىلەن جاكارلىغۇم كېلىۋاتاتتى... ئاڭلاڭلار خالايىق سىلەر بىلىدىغان ھېلىقى بازار دوقمۇشىدا دائىم تىلەپ ئولتۇرىدىغان ھېلىمخان تىلەمچىنىڭ ئوغۇلى توي قىلماقچى دەپ ھەممەيلەننى خەۋەردار قىلغۇم كېلەتتى ... تۇرۇپلا بۇ ئۆڭۇممىدۇ ياكى چۈشۈممىدۇ دەپ ھېچ ئىشەنگىم كەلمەي ئۆز ئۆزۈمنى چىمدىپ باقاتتىم .ياق-ياق بۇچۇش ئەمەس ،بۇ رىئاللىق ئىدى  .يەنە كېلىپ ئۆزۈم ياقتۇرغان ،ئۆزۈم ئوت پىراقىدا كۆيۈپ قانچە كېچىلەرنى ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزۈشۈمگە سەۋەپچى بولغان مىنىڭ ،جۇملىدىن ئائىلىمىزنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىشكە سەۋەپ بولغان سۆيۈملۇك قىزئاينۇر  ياق-ياق كۆكتىن چۈشكەن  پەرىشتە ئىدى ...
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @' h/ e, b% m; J

ئەتە توي ،مەن چىرايلىق سەرەمجانلاشتۇرۇلغان  ئۆيىمىزنىڭ مېھمانخانىسىدىكى سافادا ئولتۇرۇپ، ئۇدۇل تامدىكى ئاينۇر ئىككىمىزنىڭ بەختىيارلىق بالقىپ تۇرغان كۆزلىرىمىزنى بىر بىرىمىزگەتىككەن ھالدا چۈشكەن توي سۆرىتىمىزگەقاراپ  بىر تەرەپتىن خوشھال بولسام يەنە بىر تەرەپتىن ئۆتكەن كۈنلەرنى، ئەشۇ كىشى قەلبىدىن چىقماس ئاچچىق ئەسلىمىلەرنى بىرمۇ بىر كۆز ئالدىمدىن ئۆتكۈزمەكتىمەن ...

     ئېسىمنى بىلسەم بىزنىڭ ئائىلىدە دادام،ئاپام ،ئاچام ،مەن يەنە ئىنىم بولۇپ 5 جان ئادەم بولۇپ ،ئۆيىمىز  توخۇ كاتىكىدەك كىچىك ئىدى.  بىر ئۆيدە قىستىلىشىپ  ناھايتى غۇربەتچىلىكتە تۇرمۇش كەچۈرەتتۇق.   ھەر كۇنى   سەھەردە ئالدىنقى كۈنى كىشىلەر بەرگەن قاتتىق نانلارنى داغ سۇغا چىلاپ قارسىلدىتىپ يەپ قورساقنى توقلىۋېلىپ  دادام بىر ئەسكى خۇرجۇننى مۇرىسىگە تاشلاپ چىقىپ كېتەتتى . ئاندىن ئاپام داستىخاننى يىغۇشتۇرۇپ بولۇپ بېشىغا  رەڭگى ئۆڭۈپ كەتكەن كونا بىر رومالنى ئارتىۋېلىپ ئاچام ئىككىمىزنى ئەگەشتۈرۈپ ئۇكامنى كۆتۈرۈپ بازار ئالدىدىكى ئادەملەر ئەڭ كۆپ كېلىپ –كېتىپ تۇرىدىغان دوخمۇشقا بىر پارچە كونا خالتىنى سالاتتى –دە ، ئۇكامنى قۇچىقىغا ئېلىپ ئولتۇراتتى ئاچام ئىككىمىز ئاپامنىڭ يېنىدىن نېرى كەتمەي ئويناپ ھېرىپ قالغاندا ئاپامنىڭ يېنىدا داق يەردىلا ئۇخلاپ كۇننى كەچ قىلاتتۇق .ئۆتكەن كەچكەنلەرنىڭ  بىزگە ئىچ ئاغىرتىش نەزىرىدە قاراپ ئانچە مۇنچە پارچە پۇرات پۇللارنى ئاپامنىڭ ئالدىدىكى ھېلىقى ئەسكى خالتا ئۈستىگە تاشلاپ قويسا ئاپام ئىككى قولىنى ئىگىز كۆتۈرۈپ ئۇزۇندىن ئۇزۇن دۇئا كىلىپ كېتەتتى ، بىزمۇ ئاپامنى دوراپ قولىمىزنى كۆتۈرەتتۇق ...

    ئادەتتە چۈشتىن كىيىن  كىشىلەر ئاسان پۇل بەرمەيتتى  .جۈمە كۇنى بولسا بىزنىڭ ئورنىمىز  ناھىدىكى چوڭ مەسچىت ئالدىغا يوتكىلەتتى بۇ كۇندە ئاپام ئاچام ئىككىمىزنىڭ ئوينىشىمىزغا رۇخسەت قىلمايتتى ئەكسىچە بىزمۇ ئالدىمىزغا بىر دىن خالتا قويۇپ ئاپام بىلەن تەڭ قاتاردا تىزىلىپ ئولتۇراتتۇق بۇ كۈندە قولىمىزغا باشقا كۈندىكىدىن جىقراق پۇل كىرىپ قالاتتى . بەزىدە تېخى بەزى ساخاۋەتلىك كىشىلەر بىزگە سامسا ،گۆش گىردە قاتارلىقلارنىمۇ ئانچە –مۇنچە بېرەتتى .بەك قەغىشلىك قىلىپ تۇرۋالساق ئاچام ئىككىمىزگە چوكامۇز ئېلىپ بېرىپ ئۆزى سوەۇق سۇ بىلەن نان يەپلا ئۆتەتتى .دادام  بەزىدە مەسچىتتە نەزىر بولۇپتۇ دەپ ئانچە مۇنچە ئاشقان پولۇلارنى كۆتۈرۈپ كېلەتتى .بۇنداق چاغدا بىزنىڭ ئۆيدە ھېيت بولغاندەك خوشال بولۇپ چوقۇرىشىپ كېتەتتۇق ...

كۈنلەر ئاشۇ تەرىقىدە نەچچە  ياز نەچچە قىشنى ئۇزۇتۇپ مەنمۇ ئانچە مۇنچە بىر نەرسە ئۇقىدىغان بولدۇم .ھەر كۈنى ئاپامنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ ئۆتكەن كەچكەنلەرگە نەزەر سالاتتىم . مەن بىلەن تەڭ دېمەتلىك ،چىرايلىق كىيىنىپ قولىدا ئويۇنچۇق كۆتۈرۋالغان بالىلارنى كۆرسەم ئىختىيارسىز ئارقىدىن ئەگىشىپ خېلى بىر يەرلەرگىچە باراتتىم ...ئەتىراپىمىزدا بىزدەك ئولتۇرۇپ كىشىلەردىن سەدىقە تىلەيدىغان كىشىلەر كۆپ ئىدى بەزىلىرى ئېسىلراق كىيىنىۋالغانلارنى كۆرسە ئاجايىپ چاققانلىق بىلەن ئۇلارنىڭ ئالدىغا سوزۇلۇپ ئۆلىرىنىڭ جاھاندىكى ئەڭ بىچارە كىشى ئىكەنلىگىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن جىمى ھۈنەرلىرىنى ئىشقا سالاتتى ،ئەمما ئاپام ئۇنداق قىلمايتتى مەيلى خەق ئاز بەرسىدۇ،كۆپ بەرسىدۇ ئۇزۇن دۇئالار بىلەن رەخمەت ھەشقاللىسىنى بىلدۈرۈپ بارىغا شۈكۈرى قىلىپ ئولتۇراتتى ..بەزىدە ئېسىل كىيىنگەن بالىلارنى كۆرسۇتۇپ تۇرۇپ :

   -ئاپا قارىغىنا ئاۋۇ بالىنىڭ  قولىدىكى ئويۇنچۇققا ئاپىسىمۇ بەك چىرايلىق كىيىۋاپتۇ .سىز  نىمىشقا شۇنداق كىيمەيسىز؟مىنىڭمۇ ئويۇنچۇق ئوينىغىم بارتى   دىگىنىمدە ئاپام ،چوڭقۇر ئۇھ تارتىۋېتىپ بېشىمنى سىلاپ قوياتتى ،ئاپامنىڭ كۆزلىرىدىن تۆكۈلۈپ تۇرغان مۇڭغا قاراپ بىزنىڭ مەڭگۈ شۇ كىشىلەرگە ئوخشاش يۈرەلمەسلىگىمىزنىڭ تېگىگە ئانچە يېتەلمىسەممۇ ئەمما تۈرمۇشىمىزنىڭ ئۇلارغا ئوخشىمايدىغانلىغىنى ئازتولا چۈشۈنۈپ قالاتتىم- دە ئارتۇق گەپ سورۇمايتتىم .

  ھېيت بايرامدا ئاز تولا ساخاۋاتلىك باي كىشىلەر ئۈچۈن كونا ئەمما بىز ئۈچۈن ‹‹يېڭى ››ھېيتلىق كىيىمىمىزنى كىيىپ بولۇپ باشقىلاردەك خوشھال خورام ھېيت ئوينىماستىن ئەتتىگەندە ئاپام سالغان پوشكالنى جىق يېۋېلىپ خۇداغا شۈكۈرىلەر ئېيتىپ   يەنىلا بۇرۇنقىدەك بازاردا ئولتۇراتتۇق .بۇنداق كۈندە چۈشىدىغان پۇلمۇ ئادەتتىكىدىن كۆپ بولاتتى ئاپام بىركۈن كەشكىچە ئولتۇرۇپ چۈشكەن پۇلدىن ئازراق ئايرىۋېلىپ ئۇن،گۆش ،ماي سېتىۋېلىپ بىزگە تاماق ئېتىپ بېرەتتى مىنىڭ نەزىرىمدىكى ئەڭ خوشاللىق ئىش ئاپام ئەتكەن  ئىسسىق تاماقنى  يىيىش ئىدى . دادام ئادەتتە ئۆيگە ناھايتى كەچ كېلەتتى ،كېلىپلا ئاپامنىڭ بوغچىسىنى ئاختۇرۇپ شۇ كۇن چۈشكەن پۇلنى ساناش بىلەن ئاۋارە ئىدى ،ئاچام ئىنىم ئۈچىمىز پومداقلىشىپ ئويناپ ھېرىپ  ئۇخلاپ قالاتتۇق ...

كۈنلەر ئەنە شۇنداق بىر خل رېتىمدا ئۆتمەكتە ئىدى گايى چاغلاردا بازار باشقۇرغۇچىلار ئالا بۇلىماچ كالتەكلىرىنى كۆتۈرۈشۈپ كېلىپ بىزنى يىراقلارغا قوغلىۋېتەتتى ،ئەمما بىز ئەتىسىلا ئۇ يەرگە يانا پەيدا بولاتتۇق...

كۈنلەر ئايلارنى ئايلار يىللارنى قوغلىشىپ مەنمۇ 7-ياشقا كىرىپ قالدىم.بىر كۈنى   كەچ ئەمدى بازاردىن يېنىپ تۇرساق  ئۆيىمىزگە رەتلىك كىيىنگەن ئىككى ئادەم كىرىپ كەلدى . ئۇلار نى ئاپام سەل ھۇدۇقۇش ئىچىدە ئۆيگە باشلىدى  .

- ھە ھېلىقى ئىسمى نىمىدا؟- دەپ سورىدى ئىگىز بويلۇق كادىر سۇپەت بىرسى يانا بىر ئاق سېرىق كەلگەن سەل ياشراق بىرسىدىن .

ياشراق كىشى قولىدىكى سومكىدىن يوغان بىر خاتىرە دەپتەرنى چىقىرىپ :

-مۇھەممەت غوجى ئىكەن .-دىدى .ياشتا سەل چوڭراق ئادەم گېلىنى قىرىپ قويۇپ ئاپامغا قاراپ :

-يائاللا، سىلەرنىڭ ئۆينى يامان تەستە تاپتۇق ھېلىمخان ئاچا   بۇمۇنداق ئىشتى دەپ ئەسكى پالاز تاشلاپ قويولغان سۇپىدا زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ گەپ باشلىدى  ،-ئىككى يىل ئاۋال قىزىڭىز مەكتەپ يېشىغا توشۇپ ئېشىپ كېتىپتۇ دەپ  كەلسەك ئوقۇتالمايمىز دەپ قىزلىرىنى مەكتەپكە بەرمىگەن ئىدىلە  ئەمدى ماۋۇ مەمىتاخۇن (ئۇ مىنى كۆرسۈتۈپ تۇرۇپ)بۇيىل 7 ياشقا كىرىپ قاپتۇ . بالىنى مەكتەپتە ئوقۇتمىساڭلار قەتئى بولمايدۇ . ھۆكۈمەتنىڭ بۇنىڭغا قارىتا ھۆججىتى بار مانا... ئۇ قولىدىكى ئاللىقانداق قەغەزلەرنى كۆرسۈتۈپ بىرمونچە گەپ قىلىپ ئاپامغا نۇرغۇن چۈشەندۈرۈشلەرنى قىلدى ئاپام ئائىلە ئىقتىساتىمىز ناچار ... دىگەندەك نۇرغۇن باھانە سەۋەپلەرنى كۆرسۈتۈپ باققان بولسىمۇ ئۇلار ‹‹مەجبۇرى مائارىپ قانۇنى  ››دەمدۇئاللىقانداق  بىر قانۇننىڭ گېپىنى قىلىپ ئاپامنى ئازراق پەسكارىغا چۈشۈردى  ئاپام   كەچۈرۈڭ كادىر ئەپەندىم بۇ ئىشقا مەن بىر نىمە دىيەلمەيمەن دادىسى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ ئەتە جاۋابىنى بەرسەك دەپ ئۇلارنى ئاران يولغا سالدى . ..

    -ئاپا مەكتەپ دىگەن نىمە ئۇ ؟ سورىدىم مەن قىزىقىپ ئاپام بىر دەم تۇرۇپ كېتىپ:

- ئوقۇيدىغان يەر  ،-دەپ جاۋاپ بەردى .

-ئوقۇپ نىمە قىلىدۇ؟  سورىدىم مەن يەنە

- ئوقۇپ كادىر بولىدۇ .دىدى ئاپام پەرۋاسىزلا

- ئاشۇلاردەكمۇ ؟  مەن بايا ئۇلار چىقىپ كەتكەن تەرەپلەرنى كۆرسىتىپ سورىدىم

-ھەئە

-ئۇنداقتا مەنمۇ ئوقۇپ كادىر بولايچۇ؟ ئاپا ماقۇل دەڭە مەنمۇ ئوقۇي.. ئەتىدىن كەچكىچە بازاردا ئولتۇرىۋېرىپ زېرىكتىم ماقۇل دەڭە ئاپا مەن ئاپامنىڭ بوينىغا ئېسىلىپ يالۋۇرۇشقا باشلىدىم ئاپام گەپ سۆز قىلماستىن بۇرۇنقىدەك بېشىمنى سىيلاپ قويۇپ ئۇلۇق كىچىك تىنىپ:

- داداڭ كەلسۇن ،بىر گەپ بولار، بېرىپ ئۇخلا -  دىدى .  مەن ئاپامنىڭ گېپىنى ھەرۋاقىت ئاڭلايتتىم شۇڭا ئارتۇق گەپ قىلمايلا ئورنۇمغا بېرىپ ياتتىم ئەمما كۆزۈمگە ھېچ ئۇيقۇ كېلىدىغاندەك ئەمەس دادامنىڭ كېلىشىنى مىنى ئوقۇسا ئوقۇسۇن دىيىشىنى ئاڭلاشنى ئارزۇ قىلىپ پات پاتلا ئىشىككە قاراپ قوياتتىم ئەمما ھەر كۇنى بالدۇرلا كېلىدىغان دادام ھېچلا كەلمەيۋاتاتتى ..  قايسى ۋاخلاردا ئۇخلاپ قالغىنىمنى بىلمەيمەن ئەمما چۈشۈمدە مەنمۇ ئوقۇپتىمىشمەن ،جىق بالىلار بىلەن بىر سىنىپتا ناھايتى كۆڭۇللۇك ئويناپتىمىز ...نۇرغۇن دوستلىرىم ..نۇرغۇن ئويۇنچۇقلىرىم بار بولۇپتۇ ....

      داۋامى بار

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-5 05:19 PM  بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @) @. l7 @! x7 L7 a/ \# l) k
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @, p7 \6 H4 p$ N9 b

ۋاي ئىششىڭنى قىلە...

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32958
يازما سانى: 792
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5418
تۆھپە نۇمۇرى: 191
توردا: 2183 سائەت
تىزىم: 2011-3-7
ئاخىرقى: 2014-8-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-5 06:17:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىغا قىزىقىپ قالدىم....ياخشى چىقىپتۇ

ئىشىڭنى قىل.................!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100207
يازما سانى: 48
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 280
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 223 سائەت
تىزىم: 2013-11-28
ئاخىرقى: 2014-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-5 06:28:10 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىغا   تەشنامىز
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @1 z/ S* [) y+ L* m# fبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @$ ~: Y1 h" }# G" J

[

سۆيۈلۈش ئۈچۈن سۆيۈش كېرەك .

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98944
يازما سانى: 1725
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5524
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 782 سائەت
تىزىم: 2013-10-24
ئاخىرقى: 2014-8-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-5 06:52:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ساقلاپ dەششەت كۆنەپ كەتكەن ئادەممەن......ساقلاي...... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nurjahan0997 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-5 07:34 PM  
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @1 b& D& V/ |1 tبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @/ s/ ]. X2 U3 t6 q/ E! H0 f) e6 M

ئىككى مۆچەلنى ساق توشقۇزۇشقا نسىپ قىلدىڭ .....12 يىللىق ئارزۇيۇم كۆپۈككە ئايلىنىپ قالمىسىكەن،پەقەت سەندىنلا ئاسانچىلىق تىلەيمەن يا رەببىم.....!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102100
يازما سانى: 364
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2755
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 305 سائەت
تىزىم: 2014-1-10
ئاخىرقى: 2014-8-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-5 07:09:17 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھاھا ھا  ھىلى قىزى دەۋاتقان .. ھىلى ئوغلى    نىمىشقا تىلەمچىنىڭ ئۈزىنى يازمايسىلە؟

bukunlemu otup  ketar

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1629
يازما سانى: 87
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8976
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 30 سائەت
تىزىم: 2010-5-30
ئاخىرقى: 2014-6-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-5 07:11:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرى يوقما

ھايات بىر شام ئۇ

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60842
يازما سانى: 698
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3880
تۆھپە نۇمۇرى: 688
توردا: 355 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2014-8-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-5 07:19:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
nurjahan0997 يوللىغان ۋاقتى  2014-6-5 06:52 PM
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @& ^' R- D; K1 O; ?5 Xمەن ساقلاپ سەششەت كۆنەپ كەتكەن ئادەممەن......ساقلاي......

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @& z0 I7 a* ?+ Nما تىلەمچى   قىزنىڭ  ئاخىرنى  تولا  ساقلاپ  ساقال  بۇرتۇم  ساڭگىلاپ  كەتكەن  ئىدى  ، ئەمدى ما بالنىمۇ  ساقلايدىغان بوپتۇقتە  ،  ساقلايلى  

ئۆتكەن كۈنۈڭ  جەبرىنى،  يالغۇزلۇقنىڭ دەردىنى، مەن تاتلىقنىڭ قەدرىنى ، بىل

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105948
يازما سانى: 145
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 362
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 240 سائەت
تىزىم: 2014-4-12
ئاخىرقى: 2014-7-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-5 08:11:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرنى ئوقۇپ بولغۇچە بېشىنى ئۇنتۇپ قالىدىغان ئىشلار يەنە بولىدىكەندە،بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @5 ^  j8 _8 K) I& H
ھېچ بولمىغاندا كۈندە بىر قىسىم يوللىنىپ تۇرارمۇ ؟تولا كىرىپ -چىقىپ باشلىرىمىز قېيىپ، پۇت قوللاردا ماغدۇر قالمايدىكەن.

ھەركىم ئۆز تەقدىرىنىڭ تۆمۈرچىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102857
يازما سانى: 1611
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1819
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1016 سائەت
تىزىم: 2014-1-27
ئاخىرقى: 2014-8-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-5 08:12:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
heslirim يوللىغان ۋاقتى  2014-6-5 07:19 PM
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @# E$ b9 Z2 E9 J5 nما تىلەمچى   قىزنىڭ  ئاخىرنى  تولا  ساقلاپ  ساقال  بۇرتۇ ...
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @* U4 G! A$ Q$ y2 {) R2 m' m% k0 W- ~- O
ساقىلىڭلا نىمانداق ئۇزۇن دەيمە  بايا توكسىكىلىت بىلەن كىلىۋاتسام  چوڭ يولدا       تۆت كۇچىنى بىر تۇتام ساقال  تۇسىۋاپتىكەن      يولنىڭ ياقىسىدىكى تىرەكلەرگە   چىرمىشىپ  ئورمانچىلىق ئىدارىسىنىڭ ئادەملىرى كىلىپ  كۆرۈپ    ما ساقال كىمنىڭ بولسا     ئىگىسىنى تېپىڭلار  ساقالنىڭ يېرىمىنى كىسىپ     ئايپاڭ بېشىمغا   ئورنىتىۋالاي    دىيىشىپ تۇراتتى        .           ھىكايىڭىزنىڭ  داۋامىنى ئولتۇرۇپ ساقلامدۇق  ياكى     ئۈزۈپ تاشلاپ  تىزراق يازامسىز    دەپ قۇيىمىزچۇ    چاخچاق قىلىپ   

[كۆڭلى قارىنىڭ يۈزىدە خەت يوق يۈرىكىدە نەشتىرى بار

تەقدىرسىز قىل تەۋرىمەيدۇ...

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105125
يازما سانى: 783
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 1532
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 583 سائەت
تىزىم: 2014-3-21
ئاخىرقى: 2014-7-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-5 08:16:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

سەندە يوق خىسلەت بىلەن سېنى تەرىپلىگەن كىشى، سەندە يوق ئىللەت بىلەن سېنى قارلايدۇ.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش