شەرق تىللىرى ئىنىستىتۇتىدا
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @1 o% d: N. f5 l
دۈشەنبە كۈنى سەھەردە مېترو ئارقىلىق سىتوكھولىم ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ شەرق تىللىرى ئىنىستىتۇتىغا باردىم . ھاۋا يەنىلا تۇتۇق ،سۇس تۇمانلار ئەتراپتىكى قويۇق ئورمانلىق ئۈستىدە لەيلەپ تۇراتتى . ئىنىستىتۇت كۆل بويىغا جايلاشقان بولۇپ ، غەربچە ئۇسلۇبتا سېلىنغان ئۈچ قەۋەتلىك چىرايلىق بىنا ئىكەن .
بىرگىت خانىم ئىنىستىتۇت ئالدىدا مېنى ساقلاپ تۇرغان ئىكەن ، يىراقتىن مېنى كۆرۈپلا ئالدىمغا كەلدى ۋە تۈرۈكچە سالام بەردى :
- مەرھابا گۈزەل كۈنلەر !
- گۈزەل كۈنلەر ! – دېدىم مەنمۇ تۈركچە جاۋاب قايتۇرۇپ .
- ئالدى بىلەن بىز ئۈچىنچى قەۋەتتىكى ئىشخانىغا چىقايلى ، سىز ئىشخانىڭىزنى كۆرۈڭ ، ئاندىن مەن سىزنى ئىنىستىتۇتتىكىلەرگە تونۇشتۇراي .
- بۇلىدۇ !
مەن بىرگىت خانىمنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ ئۈچىنچى قەۋەتكە چىقتىم . بۇ بىنانىڭ بىرىنچى قەۋىتىگە ياپۇن تىلى فاكۇلتېتى بىلەن ھىندى تىلى ۋە مەدەنىيتى فاكۇلتېتى ؛ئىككىنچى قەۋىتىگە جۇڭگو تىل – ئەدەبىياتى فاكۇلتېتى .ئىنىستىتۇت باشلىقى ئىشخانىسى ھەمدە كاتىپ ۋە باشقا مەمۇرىي خادىملارنىڭ ئىشخانىلىرى ؛ ئۈچىنچى قەۋەتكە بولسا كورىيان تىلى ۋە مەدەنىيتى فاكۇلتېتى بىلەن ئوتتۇرا ئاسيا تىل مەدەنىيتى بۆلۈمى جايلاشقان ئىكەن . پۈتۈن ئىنىستىتۇت قارمىقىدا ئاسيادىكى چوڭ تىللاردىن خەنزۇ ، ھىندى ، ئەرەب ، ياپۇن ، كورىيان ۋە تۈكىي تىللىرى ئۈچۈن مەخسۇس فاكۇلتېت – بۆلۈملەر تەسىس قىلىنغان ئىكەن . ئاسيا تىللىرىدىن يەنە پارىس تىلى ئۇپسالا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ، موڭغۇل تىلى لۇند ئۇنىۋېرسىتېتىدا تەسىس قىلىنغانلىقى ئۈچۈن مەزكۇر ئىنىستىتۇتتا مەخسۇس بۆلۈم تەسىس قىلىنمىغان ئىكەن .
ئۈچىنچى قەۋەتتىكى ئانچە چوڭ بولمىسىمۇ ، لېكىن پاكىز ۋە رەتلىك ئۇرۇنلاشتۇرۇلغان ئىشخانىلارغا كىردۇق . زالنىڭ سول تەرىپىدىكى ئىشخانىنى ماڭا ئورۇنلاشتتۇرغان ئىكەن ، ئىشىككە ئالدىن ئېسىپ قويۇلغان ئىسىم كارتىسى كۆزۈمگە چېلىقتى :
بۇ ئىشخانا ئوتتۇرا ئاسيا بۆلۈمىگە تەۋە بولۇپ ، ئۈچ تامدىكى جاھازدا لىپمۇلىق كىتاب تىزىلغانىدى .ئىشخانىنىڭ خىزمەت ئەسلىھەلىرى تولۇق ، مۇھىتى ئازادە ئىدى .
- مانا بۇ سىزنىڭ ئىشخانىڭىز ! – دېدى بىرگت خانىم ئىش ئۈستىلدىكى كومپىيوتىرنى قوزغىتىپ ، - ئالدى بىلەن كومپىيوتېرنى سىناپ كۆرۈڭ ،ئىشخانىدىكى بارلىق كومپىيوتېرلار ئادەتتە 24 سائەت ئىنتېرنىت تورىغا ئۇلاقلىق تۇرىدۇ . سىز كىلىشتىن ئىلگىرىلا بىزنىڭ ئىنىستىتوتنىڭ ئومۇمىي تور پونكىتىدىن سىزگە ئېلېكتىرونلۇق خەت ساندۇقى ئىچىپ قويغان . ئىنىستىتوتتىكى ھەممەيلەننىڭ ئادېرىسىمىز ئوخشاش بۇلۇپ ، پەقەت ئىسىم - فامىلىمىزلا پەرقلىنىدۇ . سىزنىڭ ئادېرىسىڭىز مانا مۇنداق ، ئېسىڭىزدە بولدۇن ، « asad。sulayman@orient.su.se . .ئادەتتە ئىنىستىتۇتنىڭ ئۇقتۇرۇش ۋە ھۆججەتلىرى ، تەتقىقات ئۇچۇرلىرى ، دەرسلىك پىلانلىرى ، ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىنىڭ چاقىرىقلىرى ۋە باشقا زۆرۈر ئىشلار ئاپتوماتېك ھالدا ھەر كۈنى مۇشۇ ئادىرېسىڭىزغا يوللىنىپ تۇرىدۇ . شۇڭا ھەر كۈنى ئىشقا كىلىپ بىرىنچى قىلىدىغان ئىشىمىز ئېلىكتېرونلۇق خەت ساندۇقىمىزنى ئېچىپ كۆرۈش بۇلىدۇ . سىزنىڭ پايدىلىنىشىڭىزغا ئاسان بولسۇن ئۈچۈن كومپىيوتېرىڭىزغا ئىنگىلىزچە ۋە شىۋېتچە ئىككى خىل سىستېما قاچىلاپ قويغان . ئىنگىلىزچىنى ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ .
بىر ئازدىن كېيىن بىرگىت خانىم مېنى ياندىكى بۆلۈمگە باشلاپ چىقتى . بۇ يەردە چوڭ تىپتىكى پرىنتېر ، فاكىس ماشىنىسى ۋە باشقا ئەسلىھەلەر قويۇلغان ئىكەن . بۇلارنى قانداق ئىشلىتىشنى ئۆگەتتى . ئاندىن ماتېرىياللارنى كۆپەيتىش توغرا كەلگەندە ھەر ۋاقىت ئىشلىتىشىم ئۈچۈن كۆپەيتىپ بىسىش ماشىنسىنىڭ خاس نۇمۇر تاختىسىدىن بىرنى بەردى . ئادەتتە ئىنىستىتوتتىكىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ھېساباتى ئايرىم بۇلۇپ ، مۇشۇ مەخپىي نۇمۇرغا ئاساسەن ھېساباتى ئاپتوماتىك ھېسابلىنىپ ماڭىدىكەن .
ئاندىن ئوتتۇرىدىكى زالغا يانداش سېلىنغان ئاشخانا ئۆيگە كىردۇق . بۇ ئۆيمۇ ئازادە ۋە پاكىز ئورۇنلاشتۇرۇلغان بۇلۇپ ،ئادەتتە تاماقلارنى ئىسسىتىپ يېيىش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان مىكرو دولقۇنلۇق قىزىتقۇ ،توك ئوچاق ، توڭلاتقۇ ، قەھۋە قايناتقۇچ ،چاي قايناتقۇچ ، ۋېلكا – پىچاق ۋە ئاشخانىغا مۇناسىۋەتلىك باشقا ھەممە ئەسلىھەلەر تەل ئىكەن . بىرگىت خانىم ماڭا بۇلارنى بىر قۇر كۆرسەتكەندىن كېيىن ، قەھۋە دەملەشكە تۇتۇش قىلدى .
- سۇلايمان بەي ،قەھۋە ئىچەمسىز ياكى چايمۇ ؟
- چاي ئىچەي ! – دېدىم مەن كۈلۈپ تۇرۇپ ، - قەھۋە ئىچىشكە ئادەتلىنىپ كېتەلمىدىم ، بىز ئادەتتە چاي ئىچىشنى ياخشى كۆرىمىز .
- شۇنداق ، بۇنى بىلىمەن ! تاشكەنتتىن ئۆتكەن قېتىمئالغاچ كەلگەن ياخشى چېيىم بار ، شۇنىڭدىن ئىچىپ بېقىڭ ، ئۆزبېكلەرمۇ ئۇيغۇرلارغا ئوخشاشلا چاي ئىچىشنى ياخشى كۆرىدىكەن . مانا بۇ چەينەك بىلەن پىيالىلەرمۇ تاشكەنتتىن ئالغانمەن .
- ئەمسە ئۆزۈمنى تاشكەنت ياكى ئۈرۈمچىدە ئولتۇرغاندەك ھېس قىلىدىكەنمەن – دە !
- ئەلۋەتتە شۇنداق ھېس قىلسىڭىز بولىدۇ ، لېكىن ئۇزاق ئۆتمەيلا چاينى تاشلاپقەھۋەگە ئۆگىنىپ كېتەمسىزكىن – تاڭ ؟! ئىككى يىل ئاۋۋال قاراقالپاقىستاندىن كەلگەن بىر كىشى بىز بىلەن بىر تەتقىقات تېمىىسى ئىشلەش ئۈچۈن بۇ يەردە ئالتە ئاي تۇرغان . دەسلەپ قەھۋە ئېچەلمەيمەن دەپ كۈندە ئۆزى ئەكەلگەن چاينى ئىچىپ يۈردى ، كېيىن قارىسام چاينى تاشلاپ قەھۋە ئىچكىلى تۇرۇپتۇ . «نېمە بولدى ، سۇلتان بەي ! قەھۋە ئىچەلمەيتتىڭىزغۇ ؟ » دەپ سورىسام ، كۈلۈپ كىتىپ :« شىۋېتلارنى نېمىشقا قەھۋەگە خۇمار بولغاندەك كۈندە ئىچىدىكىن دېسەم مىجەزنى تەڭشەيدىكەن ئەمەسمۇ ! بۇنداق ھاۋاسى نەم سۇغۇق جايدا قەھۋە يارىشىدىكەن » دەپ جاۋاب بەرگىنى ھېلىمۇ ئسىمدە .
- شۇنداق ، مەنمۇ ھەيران قالىمەن ، ياۋرۇپادا ، بۇلۇپمۇ شىمالىي ياۋرۇپادا كىشىلەر قەھۋەدىن ئايرىلالمايدىكەن . خۇددى ئوتتۇرا ئاسيادا كىشىلەر چايدىن ئايرىلالمىغاندەك .
- توغرا ئىيتىسىز ، قەھۋە شېۋىتلار تۇرمۇشىنىڭ مۇھىم بىر تەركىبىي قىسىمى ، بۇ يەردە كىشىلەر كۈندە ئىككى - ئۈچ قىتىم قەھۋە ئىچىشكە ئادەتلەنگەن . كىشىلەر گويا قەھۋەسىز ياشىيالمايدىغاندەكلا . ئەمدى ئىشىمىز مۇنداق ، سۇلايمان بەي ، مەن سىزنى ئىنىستىتوتتىكى خىزمەتداشلارغا تونۇشتۇرماقچىمەن ، بولۇپمۇ ئىنستىتۇت باشلىقى ، باش كاتىپ ۋە بىزنىڭ پېشقەدەمپروفېسسورىمىز سىتافان ئەپەندىلەر بىلەن تونۇشىشىڭىز بەكمۇ زۆرۈر ، باش كاتىب ۋە بىزنىڭ پېشقەدەم پىروفېسورىمىز سىتافان ئەپەندىلەر بىلەن تونۇشىشىڭىز بەكمۇ زۆرۈر . ئاندىن جۇڭگو تىل –ئەدەبىيات فاكولېتىتىنىڭ پروفېسسورى ، مېنىڭ يىقىن دوستۇم مارىيە كايكونېن خانىم سىزنى چۈشلۈك تاماققا تەكلىپ قىلدى . چۈشتە ئۈچىمىز بىللە تاماق يېگەچ پاراڭلىشىدىغان بولدۇق . سىزچە قانداق ؟
- بولىدۇ ، رەھمەت !
مەنبىرگىت خانىمغا ئەگىشىپ ئالدى بىلەن ئىنىستىتوت باشلىقىنىڭ ئىشخانىسىغا كىردىم . ئالمكۇۋېست ئەپەندى مېنىڭ كىرىدىغىنىمنى بىلگەندەكلا ئورنىدىن تۇرۇپ قىزغىن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى . بۇ كىشى سېمىز ھەم يوغان كىشى بولۇپ ، چاچلىرى چۈشۈپ تولۇق ئايپاڭ بولۇپ كەتكەن بېشى چىراغ نۇرىدا مايلاپ قويغاندەك پارقىرايتتى . بىز بەش مىنۇتچە پاراڭلاشقاندىن كېيىن ، كاتىپنىڭ ئىشخانىسىغا كىردۇق . كاتىپ ئايال ئېگىز بوي ، 45 ياشلار چاممىسىدىكىسېرىق چاچلىق ئايال بولۇپ ، پۈتۈن ئىنىستىتۇتىنىڭ مەمۇرىي ئىشلىرىنى ئۆزى يالغۇز بىر تەرەپ قىلىدىكەن . ئۇ ماڭا ئىنىستىتۇت بىناسىنىڭ چوڭ ئىشىكىدىن كىرىدىغان ماگىنىتلىق كارتا بىلەن ئىشخانامنىڭ ئاچقۇچىنى ، پوچتا ساندۇقۇمنىڭ نومۇر كارتىسىنى ۋە باشقا لازىملىق نەرسىلەرنى بەردى . بىز ئۇ يەردىن جۇڭگو تىل – ئەدەبىياتفاكولىتېتىغا ، ھىندى ، ياپۇن ، ئەرەب فاكولىتىتلېرىغا كىرىپ ، بۇ يەردە ئىشلەيدىغان مۇناسىۋەتلىك پىروفېسىرلار ، لېكتورلار ۋە دوكتورانتىلار بىلەن بىرمۇ بىر تونۇشتۇق . بولۇپمۇ جۇڭگو تىل – ئەدەبىيات فاكولېتىتىنىڭ دوكتور ئاسپرانتى فېدرىك فولمان مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى . ئۇ مېنى كۆرۈپلا « ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! » دەپ ئۇيغۇرچە سالام بەردى . ئاندىن ناھايتى راۋان خەنزۇ تىلىدا :
- مەن سىزنىڭ كېلىدىغانلىقىڭىزنى بۇرۇنلا ئاڭلىغان ، ناھايتى ياخشى بولدى . مەن قەشقەر ۋە يەركەنلەرگە بارغانمەن . شىنجاڭنىڭ ئەھۋالىدىن ئاز – تولا خەۋىرىم بار . بىز يەنە تەپسىلىي پاراڭلىشىمىز . مەن شىۋىت مىسسىئونېرلىرىنىڭ 20 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدا خۇبېي ئۆلكىسى بىلەن شىنجاڭ رايونىدىكى پائالىيەتلىرى ھەققىدە بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلغان . سىزگە شۇ ماقالەمنىڭ خەنزۇچە ۋە ئېنگىلىزچە نۇسخىسىدىن كوپىيە قىلىپ بېرەي ! ، - دېدى .
- رەھمەت سىزگە ، سىز بىلەن تونۇشقانلىقىمدىن خۇشالمەن ! . – دېدم مەن ئۇنىڭغا جاۋابەن .
ئۇ يەردىنبىز ئۈچىنچى قەۋەتكە قايتىپ چىقتۇق . ئەمدى بىرگىت خانىم مېنى پىروفېسسور سىتافان رۆسېن ئەپەندىنىڭ ئىشخانىسىغا باشلاپ كىرمەكچى بولدى . مەن بىرگىت خانىمنىڭ تامدىكى ئەينەك ئالدىغا بېرىپ ئۆزىنى قايتا تۈزەشتۈرۋاتقانلىقىغا ھەمدە كەيپىياتىنىڭ بىردىنلا جىددىيلىشىپ كېتۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلدىم . مەن ئىچىمدە بۇ خانىم تەمتىرىگۈدەك قانداق سۈرلۈك كىشى بولغىيدى دەپ ئويلىدىم . ئىشىك بوش چېكىلگەندىن كىيىن « كىرىڭ ،رۇخسەت ! » دېگەن ئاۋاز ئاڭلاندى . بىز ئىچكىرىگە كىردۇق . پىروفېسسور سىتافان ئەپەندى ئورنىدىن لىككىدە تۇرۇپ بىز بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى . بىرگىت خانىم مېنى تونۇشتۇرغاندىن كېيىن سىتافان ئەپەندى كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ ئىنگىلىزچە گەپ قىلدى :
- ھە ، قارشى ئالىمىز ! سىزنىڭ كېلىدىغانلىقىڭىزدىن خەۋىرىم بار . ئەمدى ياخشى بولدى ، ئوتتۇرا ئاسيا بۆلۈمىنىڭ سىز بىلەن ھەمكارلىشىدىغان نۇرغۇن ئىشلىرى بار . مەن شىنجاڭغا بارغان ، 1994-يىلى تەكلىماكان چۆلىدە ئېلىپ بېرىلغان جۇڭگو – شۋېتسىيە بىرلەشمە ئېكىسپېدىتسىيە ئۆمىكى تەركىبىدە خوتەن ۋىلايىتى تەۋەسىدىكى يارتوڭگۇز دەرياسىنى بويلاپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغانمىز . مانا بۇ ئىشلارغىمۇ 10 يىل بولاي دەپتۇ . ھەر قانداق مەسىلە بولسا بىۋاستە دېسىڭىز بۇلىدۇ . بىزنىڭ ئوتتۇرا ئاسيا بۆلۈمىمىز يېڭىلا قۇرۇلغان ، بىز ئۇنى كۈچەيتىشكە تىرىشۋاتىمىز .سىزنىڭ كېلىشىڭىز بىزگە كۆپ جەھەتتىن ياخشى بولدى .
- رەھمەت ، پىروفېسسور !-دېدىم مەمنۇنلىقىمنى بىلدۈرۈپ ، - مەنمۇمۇشۇ بىر يىل جەريانىدا بۇ يەردە كۆپ ھاسىلاتلارغا ئېرىشەلەيمەن دەپ ئىشىنىمەن .
- پىروفېسسور سىتافانئەپەندى مەرھۇم گۇننار ياررىڭنىڭ ھايات چېغىدىكى ئەڭ يىقىن دوستلىرىنىڭ بىرى ، ياررىڭ ئەپەندى باش ئەلچىلىك خىزمىتىدىن بوشاپ پىنسىيىگە چىققاندىن كېيىنسىتافان ئەپەندى بىلەن بىللە مۇشۇ ئىنىستىتۇتتا ئۆزىنىڭ كۆپ ۋاقىتلىرىنى ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيتى ھەققىدىكى تەتقىقاتلارغا سەرپ قىلغان ، - دېدى بىرگىت خانىم قوشۇمچە قىلىپ .
- شۇنداق ، - دېدى سىتافان ئەپەندىمۇ بىرگىت خانىمنىڭ گىپىنى تەستىقلاپ ، - ياررىڭ ئەپەندىنىڭ ماتىرياللىرىنى كۆرمەكچى بولسىڭىز مەندە ھەممىسى تۇلۇق ، خالىغانچە كۆرسىڭىز بۇلىدۇ ، ياررىڭ ئەپەندىنىڭ ۋەسىيتى بويىچە ئۇنىڭ ئۆمىرىدە يغقان ۋە ئۆزى تەتقىق قىلغان بارلىق ماتېرياللىرىنى ئائىلسىدىكىلەر بىزنىڭ ئوتتۇرا ئاسيا بۆلۈمىمزگە تەقدىم قىلدى . ھازىر بىز ئۇنىڭ ياۋرۇپا تىللىرىدىكى ماتېرىياللىرىنىڭ كاتالوگىنى ئىشلەپ تۈگەتكەن بولساقمۇ ، لېكىن زور كۆلەمدىكى ئۇيغۇرچە كىتاب –ماتىرىياللىرىنىڭ كاتالوگى تېخىچە ئىشلەنمىدى . بۇ جەھەتتە بىز ئەلۋەتتە سىزنىڭ ياردىمىڭىزگە مۇھتاج !
- مەن بۇنى خۇشاللىق دەپ بىلىمەن ،- دېدىم مەن قىزغىنلىق بىلەن ،- ياررىڭ ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيتى ساھەسىدە ئېلىپ بارغان بۈيۈك ئىلمىي ئەمگەكلىرىنى كۆرۈش ۋە ئۇنى ئۇيغۇر خەلقىگە تۇنۇشتۇرۇش مېنىڭ بۇ يەردىكى تەتقىقات پىلانلىرىمنىڭ بىرى .
سىتافان ئەپەندى ماڭا گۇننار ياررىڭنىڭ ئۆمىرىنىڭ ئاخىرىدا ،يەنى 95 ياشقا كىرگەن يىلى نەشىر قىلدۇرغان زور ھەجىمىلىك ئەمگىكى « ئوتتۇرا ئاسيا يەر ناملىرى : لوپنور ۋە تارىم ئويمانلىقى مىسالىدا » ناملىق قېلىن بىر توم كىتابنى سوۋغا قىلدى . مەن سىتافان ئەپەندىنىڭ ئىشخانىسىدىن خۇشال كەيپىيات ئىچىدە قايتىپ چىقتىم .
چۈشتە بىرگىت خانىم بىلەن بىللە ئىنىستىتۇتتىن ئانچە يىراق بولمىغان جايدىكى رېستورانغا باردۇق . جۇڭگو تىل –ئەدەبىيات فاكولېتىتىنىڭ پىروفېسسورى مارىيە كايكونېن خانىم بىزنى ساقلاپ تۇرغان ئىكەن ، بىر ئۈستەلنى تاللاپ ئولتۇردۇق .بۇ خېرىدارلار خالىغانچە تاللاپ يەيدىغان غەربچە رېستۇران بولۇپ ، ئازادە ۋە پاكىز ئىدى . مارىيە خانىم مېنىڭ ئىككىلىنىپ تۇرغانلىقىمنى كۆرۈپ قېشىمغا كەلدى ۋە ناھايتى راۋان خەنزۇ تىلىدا :
- كەچۈرۈك ، بۇ ئەتراپتا مۇسۇلمانچە ئاشخانا تېپىش ناھايتى تەس . شۇڭا تاللاپ يەيدىغان بۇ رېستۇراننى تاللىدىم . قاراڭ ، ماۋۇ كالا گۆشى ، ماۋۇ بېلىق ، ئاۋۇ سالات ۋە مىۋە چېۋىلەر ، ئۆزىڭىزنىڭ كۆڭلى كۆتۈرگەن تائاملارنى تاللاپ ئېلىڭ ، ئادەتتە ئەرەب تىلى فاكولتېتىدا ئىشلەيدىغان مىسىرلىق خىزمەتداشلىرىمىزمۇ مۇشۇ ئاشخانىدىن تاماق يەيدۇ ، - دېدى .
دېگەندەك ئۇدۇلدىكى ئۈستەلدە بىر قانچە ئەرەبلەرمۇ غىزالىنىپ ئولتۇراتتى . مېنىڭ دېلىغۇل بولۇۋاتقان كۆڭلۈم سەل ئەمىن تاپقاندەك بولۇپ ، بېلىق گۆشى ، تۇخۇم پوشكىلى ، سالات ۋە مېۋە – چېۋىلەردىن تاللاپ ئالدىم .
پروفىسسور مارىيە كايكونېن خانىم 50 ياشلارغا كىرگەن ئوتتۇرا بوي ، چىرايلىق ئايال ئىدى . قىزغۇچ سېرىق كەلگەن دولقۇنلۇق چاچلىرى بىلەن ئۆزىگە ياراشتۇرۇپ قىلغان گىرىملىرى بۇ ئايالنىڭ ياش چاغلىرىدىكى گۈزەللىكى ۋە ئاياللىق لاتاپىدىن دېرەك بېرىپ تۇراتتى . بۇلۇپمۇ ئۇنىڭ ناھايتى راۋان خەنزۇ تىلى بىلەن سۆزلىشى مېنى خېلىلا ھەيران قالدۇردى .
- كايكونىن خانىم ، خەنزۇچىنى تولىمۇ چىرايلىق سۆزلەيدىكەنسىز !سىز نەدە ئۆگەنگەن ؟ - دەپ سورىدىم ئۇنىڭدىن .
- ماختىغىنىڭىزغا رەھمەت ! مەن فىنلاندىيىلىك ،خەنزۇتىلىنى 60 – يىللارنىڭ ئاخىرلىرى خېلىسىنكى ئۇنىۋېرسىتېدا ئۆگىنىشكە باشلىغانمەن ، كېيىن ، يەنى ، 73 – يىلىدىن 76 –يىلنىڭ باشلىرىغىچە بېيجىڭ ئۇنېۋېرسىتىتىدا داۋاملىق ئۆگەندىم . شۇندىن باشلاپ مۇشۇ ئۇنىۋېرسېىتىتا ئىزچىل ھالدا خەنزۇتىلى ئوقۇتۇشى ۋە جۇڭگو ئەدەبىياتى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىپ كىلىۋاتىمەن .
- بېيجىڭدا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىڭىزدا شىنجاڭغا بېرىپ باقتىڭىزمۇ ؟
- ياق ، بېرىش نىسىپ بولمىدى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ، مەن بېيجىڭدا ئوقۇۋاتقان 70 – يىللارنىڭ بېشىدا چەت ئەللىكلەرنىڭ چېگرا رايونلارغا بېرىشىغا ، بولۇپمۇ شىنجاڭ بىلەن شىزاڭغا بېرىشىغا روخسەت قىلىنمايتتى .
- شۇنداق ، جۇڭگونىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان چېگرا رايونلىرى 80 – يىللاردىن كىيىن ئاندىن چەت ئەللىكلەر ئۈچۈن ئېچىۋىتىلدى . ھازىر بۇ جايلارغا چەت ئەللىكلەرنىڭ ساياھەت ياكى ئىلمىي تەكشۈرۈشكە بېرىش ئىمكانىيتى بار .
- توغرا دەيسىز ، ھازىر ھەممىلا جايغا بېرىش مۇمكىنچىلىقى بار .لېكىن مېنىڭ تەتقىقات يۆنىلىشىم ئاساسەن خەنزۇ ئەدەبىياتى بولغاچقا ،شىنجاڭغا بېرىش ئارزۇيۇم بولسىمۇ ، بىراق ھەر قېتىم جۇڭگوغا بارغىنىمدا ئىچكى ئۆلكىلەردە تەكشۈرۈشتە بولۇپ ، پۇرسەت چىقىرالمىدىم .
- كايكونېن خانىم ، سىز ئاساسلىقى جۇڭگو ئەدەبىياتىنىڭ قايسى دەۋىردىكى بۆلىكىنى تەتقىق قىلىسىز ؟
- مېنى مارىيە دەپ بىۋاستە ئاتىسىڭىزلا بولىدۇ ، - دېدى ئۇ ماڭا قاراپ ، - دەسلەپ چىڭ دەۋىردىكى جۇڭگو ئەدەبىياتىنى ئاساسىي يۆنىلىش قىلىپ تاللىغانىدىم . كېيىنچە ئاستا – ئاستا جۇڭگو ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىغا قاراپ يۈزلەندىم . مەن شىنخەي ئىنقىلابىدىن 1940 – يىللارنىڭ ئاخرغىچە بولغان ئارلىقتىكى جۇڭگوئەدەبىياتىغا بەكمۇ قىزىقىمەن . مۇشۇ ۋاقىتتىكى يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇشنى ياخشى كۆرىمەن . بۇ دەۋىردىكى جۇڭگو يازغۇچىلىرى ئۆلىرىنىڭ سەنئەت قىممىتى يۇقىرى بولغان بىر يۈرۈش ئەسەرلىرى ئارقىلىق جۇڭگو ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈردى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ بۇدەۋىردىكى ئەھۋالى زادى قانداق ، بۇ ھەقتە مەن ھىچقانداق ساۋاتقا ئىگە ئەمەسمەن . ئۇنىڭ ئۈستىگە ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان ئەدەبىي ئەسەرلىرى ناھايتى ئازكەن . ئەگەر خالىسىڭىز ، بىزنىڭ فاكولېتىتتا ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ھەققىدە بىر – ئىككى قىتىم لېكسىيە بەرگەن بولسىڭىز تولىمۇ ياخشى بۇلاتتى . بۇ بىزنىڭ جۇڭگو تىل – ئەدەبىياتىنى يۆنىلىش قىلىپ ئوقۇۋاتقان ئاسپىرانتلىرىمىز ئۈچۈن ياخشى دەرس بۇلۇپ قالاتتى !
- بۇنى ئەلۋەتتە خۇشاللىق دەپ بىلىمەن . لېكسىيىنى ئىنگىلىزچە سۆزلىشىشىم ئۈچۈن بىر ئاز ۋاقىت تەييارلىق قىلىشىم كېرەك .
- سىزگە رەھمەت ! ئالدىرماي تەييارلىق قىلىڭ ، ئىككى قىتىملىق لېكسىيىنى كېلەر يىلى ئاپرې؛ بىلەن سېنتەبىر ئايلىرىغا ئورۇنلاشتۇرايلى .
- كايكونېن خانىم بىلەن بىر ھازا خەنزۇچە پاراڭلاشقاندىن كېيىن ، بىرگىت خانىمنى كۆزدە تۇتۇپ يەنە ئىنگىلىزچە پاراڭلىشىشقا باشلىدۇق . شۇ ئارىدا كايكونېن خانىم مەندىن :
- سىز ئىشلەۋاتقان شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فىلولوگىيە ئىنىستىتوتىدا قانچىلىك ئوقۇغۇچى ئوقۇيدۇ ؟ ، - دەپ سورىدى .
- مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى ئوقۇيدۇ .
- ئۇنداقتا ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى كەسپىدە قانچىلىك ئوقوغۇچى بار ؟
- ھەر يىلى بىر ياكى ئىككى سىنىپ ئوقۇغۇچى ئوقۇش پۈتتۈرىدۇ ، بىرسىنىپتا ئادەتتە 30 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى ئوقۇيدۇ .
- ئۇنداقتا ، ئوقۇش پۈتتۈرگەنلەرنىڭ ھەممىسى خىزمەت تاپالامدۇ ؟
- ئىلگىرى بىر تۇتاش خىزمەتكە تەقسىم قىلاتتى ، ھازىر ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرى خىزمەت ئىزدەيدۇ . بۇلۇپمۇ يىقىنقى يىللاردىن بۇيان بىزنىڭ بۇ كەسىپتە ئوقۇيدىغانلارنىڭ خىزمەت تېپىشى بارغانسېرى تەسلىشىپ كېتىۋاتىدۇ .
- شۇنداق ، مەنمۇ ھەيران قالدىم . شىۋېتسىيىدە ئۇنىۋېرسىتېتقا كىرىپئوقۇيدىغانلار ئالدى بىلەن ئۆزى تاللىماقچى بولغانكەسىپتە ئوقۇسا كەلگۈسىدە خىزمەت تاپالامدۇ – يوق ، مۇشۇ ئىمكانىيەتنى مۇقىملاشتۇرغاندىلا ، ئاندىن شۇ كەسىپنى تاللايدۇ . ئەگەردە سىلەرنىڭ ئىنىستىتۇتنىڭ ئۆزىدىلا ئۇيغۇر ئەدەبىياتى بويىچە يىلدىلا 30 – 60 قىچە ئوقۇغۇچى ئوقۇش پۈتتۈرسە ، شىنجاڭدەك ئۆلكە دەرىجىلىك رايۇندا خىزمەتكە ئورۇنلىشىىش ئەلۋەتتە تەس بۇلۇشى مۇمكىن . قىسقىسى ، مەن بۇنى تەسەۋۋۇر قىلالمايمەن .
بىرگىت خانىممۇ مارىيە كايكونېننىڭ سۆزىنى تەستىقلىدى . مەن رېستۇراندىن قايتىپ چىقىۋىتىپ ، ئۇلارنىڭ سۆزلىرى ھەققىدە ئويلىنىپ قالدىم .
مەنبە: ئەسەت سۇلايماننىڭ « ئۆزلۈك ۋە كىملىك » ناملىق كىتابىدىن ئىلىندى .
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @" \9 R- L4 `. w- X7 g& ? بۇ يازمىنى ئاخىرىدا شەبنەم52 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-5 11:50 AM
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @4 @. B! A, K. j, j/ @بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @$ T. Q: w' u7 v! w% Q, ~9 ~