‹كۆڭۈلدىن كۆڭۈللەرگە يول›
مەن ياقتۇرغان جۈملىلەر
مەن ياقتۇرغاننى دوستلىرىممۇ ياقتۇرامدىغاندۇ؟؟؟
ھاياتلىقتا بىر بىرىگە ماس كەلمەسلىك مەۋجۇت ئەمەس پەقەت بىر بىرىنى چۈشەنمەسلىك،قانائەت قىلماسلىق،قەدىرلەشكە شۈكرى قىلماسلىق مەۋجۇت.
تاللىغىنىڭ پىياز بولسا يىغلاتتى دەپ قاقشىما.
قەدىرلەنمىگەن كۆڭۈلنى تارتىۋال چۈنكى سۆيگۈ ئەسلىدىنلا قەدىرلىكتۇر.
مىنى چۈشەنگەن بولسىدىڭ،جاھاندا مۇشۇنداق سۆيگۈ باركەن دەردىڭ.
بىرسىگە كۆيۈپ قالساڭ مەيلى ھامان بىر كۈنى ئۇ سېنى چۈشىنىپ قالىدۇ..ئەمما ھەرگىزمۇ بىرسىگە كۆنۈپ قالما چۈنكى ئۇسېنى ھەممە نەرسەڭدىن مەھرۇم قالدۇرىدۇ.ئەڭ ئاخىرىدا ....يالغۇز قالىدىغىنى يەنىلا سەن.
مەن ھېچكىمگە نەپرەتلەنمەيمەن ،چۈنكى نەپرەتلىنىش بىرسىنى ياخشى كۆرۈپ قالغاندىنمۇ ئازاپلىقتۇر.
شۇنداق ئازاپلانغان،غېرىپسنغان ۋاقىتلىرىڭ بولىدۇ،يېنىڭدا شۇ كىشىنىڭ بولۇشىنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىسەن ئەمما ئۇ ئۆز خۇشاللىقى بىلەن ئالدىراش.
u ھامان بىر كۈن چۈشىنىسەن ئەمما كىچىكىسەن! مىنى ئىزدەيسەن ئەمما تاپالمايسەن،يا قەبرەمدە بولىمەن يا مىنى سەندىنمۇ بەك سۆيىدىغانلارنىڭ يېنىدا بولىمەن.
ئىھتىمال بىر كۈنى بۇ ئاۋات شەھەرنىڭ قايسىدۇر بىر كوچىسىدا يانمۇيان ئۆتۈپ كېتىشىمىز مۇمكىن،ئۆرۈلۈپ كەينىمىزگە قاراپ بىر چاغلاردا ياخشى ئۆتكەنتۇق-ھە دەپ ئويلاپ قالارمىز.
بەزى كىشىلەردىن زىرىكىنىم ئۈچۈنلا ئەمەس قاتتىق ئۈمۈدسىزلەنگىنىم ئۈچۈن ئارىلىق ساقلايمەن؛بەزى كىشىلەردىن بىزار بولغىنىم ئۈچۈنلا ئەمەس ماڭا ئىشەنچ بىرەلمىگەنلىكى ئۈچۈن ئارىلىق ساقلايمەن.
ئۆزۈڭ كىچەلمەيدىغان ئادەمنى مەندىمۇ كىچەلمەيدۇ دەپ ئويلىما،بېلىق سۇسىز ياشىيالمايدۇ ئەمما سۇدا بېلىق بولمىسا سۇ تېخىمۇ سۈزۈك بولىدۇ.
پۈتۈن دۇنيا پاتقان كۆزگە بىر تامچە ياش پاتمايدىكەن.
باشقىلارغا قىلىنغان ھۆرمەت ئەمەلىيەتتە ئۆزۈڭگە قىلىنغان ھۆرمەتتۇر.
يۈرۈكىمنى مۇزلىتىپ قويما چۈنكى ئۇنىڭ ئىچىدە ئۆزۈڭ تۇرىسەن،ئاخىرى مۇزلايدىغىنى يەنىلا ئۆزۈڭ.
بۇ دۇنيادا ياشىغان ئىكەنسەن باشقىلارغا ھەۋەس قىلىپ ئەمەس، باشقىلارنىڭ ھەۋېسى كەلگۈدەك ياشا.
ھەركۈنى يۈرۈكىمگە چىدىغىن يۈركۈم بۇ كۈنلەرمۇ ھامان ئۆتۈپ كىتىدۇ دىسەم ماقۇل دەيتى ئەمما بۈگۈن شۇنداق دىسەم مىنى يەنە ئالداۋاتىسەن ھە دەيدۇ.
ئازاپلىق ئۆتمۈشنى ئۇنتىيالمىسىڭىز ئۇنى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ تۇرۇڭ، ئۇ سەۋەپلىك سىزنىڭ ھازىرقى ئىشلىرىڭىز توسالغۇغا .ئۇچرىمىسۇن.
ئىنسان ئېرىشىش ئىچىدە يوقىتىپ يوقىتىش ئىچىدە ئېرىشىدۇ.
سۆيۈشنى بىلمەي تۇرۇپ سۆيۈلۈشتىن ئۈمىد كۈتمە .
قەدىرلىگەندىن ياتلاشما ئۇۋالىغا قالىسەن،قەدىرلىمىگەنگە چاپلاشما خار بولىسەن.
99قېتىم توغرا قىلىپ بىر قېتىم خاتالاشساڭ 99 نى تاشلاپ ئاشۇ بىر قېتىملىق خاتالىقىڭ بىلەن سىنى ئەيىپلەيدۇ چۈنكى ئۇلار ئىنسانلار؛99قېتىم خاتالىشىپ بىرنى توغرا قىلساڭ 99نى كەچۈرۈپ ئاشۇ بىرنى قوبۇل قىلىدۇ چۈنكى ئۇ رەببىڭ ئاللاھتۇر.
ئادەمدىكى ئەڭ قۇدرەتلىك نەرسىمۇ يۈرەك،ئەڭ قۇدرەتسىز نەرسىمۇ دەل يۈرەك.
ئەرنىڭ بەختى ۋاپادىن كىلىدۇ،ئايالنىڭ بەختى ھايادىن(كىلىدۇ).
ئادەم ئادەمگە مېھمان جان تەنگە مېھمان.
سەن ئۇتۇق قازانغاندا چاۋاك چالغان مىڭ قولدىن،سەن يىقىلغاندا يۆلىگەن بىر قول ياخشى.
خۇشال يۈرسەڭمۇ ئۆتىدۇ بىر كۈن، قايغۇرساڭمۇ ئۆتىدۇ بىر كۈن ئەجىبا ھاياتىڭنىڭ خۇشاللىق ئىچىدە ئۆتۈشىنى خالىمامسەن، ھاياتىڭنى خۇشاللىقىڭ بىلەن زىننەتلىگىن.
ياشلىقىڭغا ئىشەنمە، ئۆلگەننىڭ ھەممىسى قېرىلار ئەمەس.
ھايات بىر مۆجىزە ،تۇرمۇش بىر جەريان،مۇھەببەت بىر دەرس،ۋاقىت بىر سىناق،سەن ۋە مەن بىر نىشان،كىسەل بىر سىگىنال،ئۆلۈم بىر خاتىمە،قىسقىسى ياشاش بىر ئىنئام.....
ئادەم تەغدىرى تۈپەيلىدىن ئەمەس،تاللىشى تۈپەيلىدىن ۋەيران بولىدۇ..
يۈز ئادەمنىڭ سىزنى ياقتۇرۇپ قالغىنى بىر ئادەمنىڭ سىزنى ھەقىقى چۈشەنگىنىگە يەتمەيدۇ...مەيلى ئۇ مۇھەببەتكە نىسبەتەن بولسۇن ياكى دوستلۇققا نىسبەتەن بولسۇن.
مۇھەببەتنىڭ دۈشمىنى- بويۇن قاتتىقلىق ؛دوستلۇقنىڭ دۈشمىنى –ئېلىم بېرىم؛ نىكاھنىڭ دۈشمىنى ساداقەتسىزلىك؛قېرىنداشلىقنىڭ دۈشمىنى-مېراس؛تۇققاندارچىلىقنىڭ دۈشمىنى-ئالدىراشلىق.
كىچىككىنە مېھىر-مۇھەببەت، كىچىككىنە چۈشىنىش ۋە كىچىككىنە كەڭ قورساقلىىقنىڭ كەملىكى تۈپەيلى،ئىنسان ئاجايىپ يېقىن ئادەملىرى ۋە ئاجايىپ قىممەتلىك نەرسىلەردىن مەھرۇم قالىدۇ.
ئارىلىق كۆڭۈلنى يىراقلاشتۇرالمايدۇ بەلكى كۆڭۈل ئارلىقنى يىراقلاشتۇرىدۇ.
مەنبە: ئۈندىدار ساقلانمىللىرى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا nawa02 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-5 11:55 AM