تۇرسۇنگۈلنىڭ تويلىقى
(سانائىل ھەرىپتىن تۈزۈلگەن سۆز ئويۇنى)
تېمىمىزدىكى «تۇرسۇنگۈلنىڭ تويلىقى»توغرسىدا توختىلىشىمىزدا تەكىتلەيدىغىنىم؛تويلۇق توغرسىدىكى تۈرلۈك تالاش-تارتىشلار توغرىسىدىندۇر.تويلۇقتىكى تالاش-تارتىشلار تۈپەيلىدىن، تويلىشىشقا توختالغانلارنىڭ تويلىرىمۇ توختايدۇ.تېخىمۇ تەپسىلى تەكىتلىسەم؛توي توختاپلا تۈگىمەستىن،توي توغرسىدىكى تۈرلۈك تەلەپ،تۈگىمەس تەگىشىشلەر،تىلىشىشلار تۈپەيلىدىن،توي توختالماستىكى تۇققاندارچىلىق تۈگەپ، تۇنۇشىدىغانلارمۇ تۇنۇماسلىشىپ، توختىماي، تىنىمسىز تىپىشىۋاتىدۇ. تۆۋەندە تۈگىمەس تويلۇق تۈپەيلى تۈگەشكەن توي،تۈگەشكەن تۇققاندارچىلىق توغرسىدا تەپسىلى توختالماقچىمەن.
تەۋەيىمىزدىكى تۇرسۇنگۈل تىيەنجىندە تىبابەتچىلىك تەزكىرسى،تىبابەتچىلىك تەلىماتىنى تولۇق تۈگۈتۈپ، تەۋەيىمىزنىڭ تىبابەتچىلىك تارماقلىرىغا تىزىملىنىپ تىبابەتچىلىكتە تۇنۇلغاندا تويى توغرۇلۇق توختالدى.تۇرسۇنگۈل تەۋەيىمىزدىكى تەجرىبىلىك تېۋىپ تۇرسۇن تالىپنىڭ تەلىۋىدە تۇرسۇن تالىپقا تويلىشىشقا تەرەددۇتلاندى.تۇرسۇنگۈل تۇرالغۇسىدىكلەر توينىڭ تۈنجى تەييارلىقىنى تاماملاپ تويلۇققا توختىلىپ،تۇرسۇن تالىپقا تۇرسۇنگۈلنىڭ تويلۇقىغاتوققۇز توقماق تىزىنى تايىن تاپتى.تاجگۈل تىپىرلىغىنىچە تەرسالىشىپ تىبابەتتىكى تەرىپلىرىدە توختىلىپ،توققۇز توقماق تىزىغا تۆپىلەپ تويلۇق تەرتىۋىنى تىزدى.تويلۇق تىزىملكى تۆۋەندىكىچە:
1. تېۋىپ تۇرسۇنجان تالىپ تۇرسۇنگۈلنڭ تويلۇقىغا تۆت تۈمەن تاراقشىپ تۇرىدىغان تىزا تەقلەيدۇ.
2. تۆت تۈمەن تىزىدىن تاشقىرى،تۇرسۇنگۈلنىڭ تۇرالغۇسىدىكىلەرگە تېلېۋىزۇر، توڭلاتقۇ، تومپۇچكا، تۆت تالدىن تىرە تون،تىۋىتلىق تون، تۆت تال تىللا تەڭلىكىدە تۇرسۇنگۈل تاقايدىغاننى تەييارلايدۇ.
3. تۇرسۇنگۈلنىڭ تويلىقىدىن تاشقىرى تۇرسۇنگۈلنىڭ تۇققانلىرىغا تاشلايدىغانلا؛تۆت توپتىن تەتىللا،تۆت توپتىن تاۋار،توقسان تال تەلپەك، تەييارلايدۇ.
4. تاۋار،تەتىللادىن تاشقىرى تويدا تىزىدىغانغا توقسان تال تەلەڭگە، تائاملارنى تەييارلادىغانغا توقسان تاختا تۇخۇم،تۆت توپاق،توقسان توخو،توقسان تال تۇز،توقسان تاۋۇز،تۇرسۇنگۈلنڭ تۇنۇشلىرىغا تورت،تاڭكىس،تۈلكە تىرىسىدىن تىكىلگەن تۆت تال تۇماق،تۆت تال تاشپاختا تون تەييارلانسۇن.
5. توي تارقاشقا تەرەددۇتلانغا تۇرسۇنجان تالىپ تۇرسۇنگۈلنى تانسىغا تارتسۇن،تانسدا تۇرسۇنگۈلگە،تۇرسۇنگۈلنىڭ تۇنۇشلىرىغا تاراقشىپ تۇرىدىغان تىزىدىن تۆتتىن تارقاتسۇن.
6. تۇرسۇنگۈلنى تۇرالغۇسىدىن تاكى تۇرسۇنجان تالىپنىڭ تۇرالغۇسىغىچە توشۇيدىغانغا توقسان تاكسى تەييارلانسۇن. تاكسىلارغا تۆت تالدىن تاۋار تۈگەل تارتىلسۇن.توققۇز تەمبۇرچى توختىماي تەمبۇرنى تىرىڭلىتىپ توۋلاپ تەڭكەشلىسۇن.
7. تويلۇق تېخى تۈگىمىگەن،توينى تىزراق تۈگۈتۈشنى تاين تاپقاچقا تىزىملىككە تىزىملانمىغان تويلوقلارنى تۇرسۇنجان تالىپ توي تۈگىگەندە تولۇقلىۋەتسۇن.تويلۇقنى تىزدىن تەييارلىسۇن. تويلۇقنى تەييارلىيالمىسا تۇرسۇنگۈل تۇرسۇنجانغا تەگمەيدۇ.تىزىملىك تامام.
تۇرسۇنجان تالىپ تويلۇق تىزىملىكىتىن تىتىردى.تۇرسۇنجان تالىپنىڭ تۇرالغۇسىدىكىلەرمۇ تويلۇقتىن تەمتىرەپ تويلۇقنى تەييارلىيالمايدىغانلىقىنى،توينى توختىتىشنى تەكىتلىۋىدى،- تۇرسۇنجان تالىپ تىپىچەكلىدى.تۇرسۇنگۈلگە تويلاشمىسا تۈگىشىدىغانلىقىنى ،تۇرسۇنگۈلدىنمۇ تۈزۈكرەك تويلىشىدىغانلارنىڭ تېپىلمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ،تىرەجەپ تۇرۇۋالدى.تۇرسۇنجاننىڭ تۇرالغۇسىدىكىلەرمۇ تەسلىكتە تويغا تۇتۇندى.تۇرسۇنجان تارتمىسىدىكى تىزىلارنى تۈپلىدى، تۇنۇشلىرىدىن،تۇققانلىرىدىن تەمتىلەپ ،تىلەمچىدەك تىلەپ تەسلىكتە تۆت تۈمەننى تىزدى.تىزىملىكتى تويلۇقلارنى تاپمىسا تېخى.تۇرسۇنجان تەمتىرىدى.تۇرالغۇسىنىڭ تۆۋەن تەرپىدىكى توقسان تۈپ تىرەكتىن تارتىپ،توققۇز تاغار تېرىققىچە تىزىغا تىگىشىپ،تۇرالغۇسىدىكى تەئەللۇقاتىنى تۈگىتىۋەتتى.تەنتەنىلىك توي-تاماشا تۈگىگىچە تۇرسۇنجان تەرلەپ- تەپچىرىدى.تويمۇ تۈگىدى.تۇرسۇنگۈل تۇرسۇنجان تالىپنىڭ تۇرالغۇسىدا تۈپتىن توشىيالمىدى. تۈگىمەس تاپا-تەنىلەر،تەگىشىشلەر توختىمىدى.تەگىشىشلەرنىڭ تەكتى.تۇرسۇنجان تالىپ تۇرالغۇسىنىڭ تۈگەشكەنلىكى.تۇيغۇدەك،تېتىغۇدەك تائام تېپىلمىدى.تەكچە،تام-تۇرۇسلار تاپتاقىر، تارتقۇدەك تەڭلىمات،تاۋارلار تۈگىگەن.تۇرسۇنجان تالىپنىڭ تاپاۋىتى تۇرالغۇنىڭ، تۇرسۇنگۈلنىڭ تۈرلۈك تاپشۇرمىىلرىغا توشىمىغاندىن تاشقىرى،تۇرسۇنجان تالىپ توي تەييارلىقىغا تىلىگەن تىزىلارنى تىز تاپشۇرۇشقا تۇشمۇ-تۇشتىن تەكرارلىنىۋاتقان تەھدىتلەرتۈگىمىگەچكە تۇرسۇنگۈل تىزلا تەپتىشكە تۇرسۇنجاندىن تويلاشقانلار تىزىملىكىدىن تازلىۋىتىش تەلىۋىنى تۇتتى.تۇرسۇنجان،تۇرسۇنگۈللەر تىزلا تەنھالاشتى. تەنھالىشىشقۇ تاينلىق.تويلىشىدىغانلارنى تاپالايدۇ.تېخىمۇ تەسلەشكىنى.تۇرسۇنگۈل،تۇرسۇنجانلارنىڭ تۇققاندارچىلىقىمۇ تۈگەشتى.تۇققانلار تۇرسۇنگۈل،تۇرسۇنجانلار تاشلىشىپلا تەڭلا تاشلاشقان.تۇنۇماسلىشىپ،توختىماي تەگىشىپ «تاللاپ-تاللاپ تازغا تىپىپتىمەن»نى تەكىتلەپ،تىللاشتى.تۇنۇماسلاشتى.
تىمىنى تارايتىپ تۈگەتسەممكىن.تەگەۋەرسەم توغراتاپمايسىلەر..تەكىتلەيدىغىنىم تىمامدىن تويلۇق تۈپەيلىدىن،تاشلاشقان تۇققانلار..تاشلاشقان تۇنۇشلار..تويلۇقنى تۆپە-تۆپىلەپ تىزىۋەرسە، تويلاشقانغا تويىمىزمۇ؟تويلۇقنى تەييارلايدىغانلىرىمىز تويلۇقنى تەييارلىيالماي تەمتىرسەك،تەييارلىياساقمۇ تەئەللۇقاتىمىزنى تۈگىتىمەۋەتسەك،تۇرالغمىزنى تۇتالايمىزمۇ؟تويلىشىشقا تەييارلىنىۋاتقانلارمۇ تويلۇقنى تۆۋەنرەك تىزىملاپ،تويلىشىدىغانلارنىڭ توي تۈگىگەندە تىللاشماسلىقى،تەمتىرمەسلىكىگە،تەمىنات تاپالماسلىقتەك تەمتىرەشلىرىنى تۈگىتىڭلار، تويلاشقانلارنىڭ تۇرالغۇسىنى تەڭ تۇتۇشغا،تەمىناتىنى،تەئەللۇقاتىنى تۇلۇقلىۋېلىشقا، تۇققانلىرىغا، تۇرالغۇسىدىكلەرگە تاينىۋلماسلىققا ،تەڭ تىرشىشقا تەربىيلەڭلار...
تەۋسىيەم تۈگىدى..
ئاپتۇر«كىرىمجان ياسىن زەپەر)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-4 10:16 PM