نەچچە كۈن ئاۋۋال ئۇيغۇرچە <تەرمىلەر>ژورنىلى2014-5سانىنى ئوقۇۋېتىپ نەجمىدىن نەسىردىن تەرجىمە قىلغان <مەن نېمەئۈچۈن خىزمىتىمدىن ئىستىپا بېرىمەن> ماۋزۇسىدىكى ئەسەرگە كۆزۈم چۈشتى ۋە مۇنبەردىكى قېرىنداشلار بىلەن ئورتاقلىشىش مەقسىتىدە مەزكۇر تېمىنى يوللىدىم
مەن نېمە ئۈچۈن خىزمىتىمدىن ئىستىپا بېرىمەن ؟
<سەن نېمە ئۈچۈن خىزمىتىڭدىن ئىستىپا بېرىسەن؟> نەچچە ئايدىن بۇيان نۇرغۇن كىشىلەر مەندىن بۇ سۇئالنى سورىدى. لېكىن راستىنى ئېيتقاندا، مەنمۇ بۇ توغىىسىدا ئەستايىدىل ئويلىنىپ باقمىغان. لېكىن كۆڭلۈمنىڭ چوڭقۇر قېتىدىكى توسقۇنسىز ئىنتىلىش مېنىڭ ئاخىرقى قەدەمنى بېسىشىمغاتۈرتكە بولغان بولسا كېرەك!
ئەمەلىيەتتە مەن ئويلىغىنىنى قىلالايدىغان <جۈرئەتلىك>لەردىن ئەمەس، مېنى ھەتتا قورقۇنچاق دېيىشكىمۇ بولىدۇ. ئەمما، بۇقېتىمقى ئىستىپا بېرىشتە مەن قەتئىي ھەم كەسكىن بولدۇم. خىزمىتىمدىن ئىستىپا بەرگىنىمگىمۇ تۆت ئايدىن ئاشتى، مەن بۇ قەدەمنى توغرا باسقانلىقىمغا ئىشىنىمەن.
ئالدى بىلەن ئۆزۈمنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي، مەن مەلۇم شەھەردە تۇغۇلغان. ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا شاڭخەيدىكى مەلۇم ئۇنىۋېرسىىتېتقا قۇبۇل قىلىنىپ،ئاسپىرانتلىقنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، شاڭخەيدىكى مەلۇم شەھەر دەرىجىلىك ئورگانغا مەمۇرلىققا قۇبۇل قىلىندىم.شۇنىڭدىن كېيىن، ئاتا-ئانامنىڭ پەخرىگە، جەمەتىمىزنىڭ ئۈلگىسىگەئايلاندىم.
ئورگانداخىزمەتكە چۈشكەن بۇ يەتتە يىلدىن بۇيان، مەندە دەسلەپ شەكىللەنگەن ئاتا-ئانامنىڭ ئىپتىخارى بولۇشتەك ئۆزۈمدىكى شەرەپ تۇيغۇسى بارا-بارا يوقاپ، قىممىتىمنى يوقاتقاندەك، بىخۇدلىشىپ كەتكەندەك ھېس قىلىدىغان بولۇپ قالدىم. شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۆزۈمدىن گۈمانلاندىم، ھاياتىم توغرىسىدا قايتا ئويلاندىم.<بۇ يەردىن كېتىپ ، ئۆزۈمنى بىر سىناپ باقايمۇ؟> دېگەن مەسىلەتوغرىسىدا ئۈچ يىلدىن كۆپرەك ئويلاندىم.
ھالبۇكى،ئاللىقاچان قورقۇنۇنچ ۋە كەلگۈسىنىڭ ئېنىقسىزلىقىغا بولغان ئەنسىزلىك مېنى ئۆزىگەتەسەللىي بەرگۈزۈپ، بىخۇدلاشتۇرۇپ، ئارزۇ-ئىستەكلىرىمنى قەلبىمنىڭ چوڭقۇر يېرىگە كۆمىۋېتەتتى.لېكىن، تۆت ئاينىڭ ئالدىدىكى بىر قېتىملىق سورۇن مېنىڭ بارلىق ھېسىياتىمنىڭ پارتلاپ چىقىشىغا سەۋەب بولدى
ساۋاقداشلار يىغىلىشىدىكى<مەغلۇبىيەتچى>
2013-يىلى ئاۋغۇستنىڭ بىر كۈنى، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلىكىمىزنىڭ 10يىللىقىنى خاتىرلەپ ساۋاقداشلار يىغىلىشى ئۆتكۈزدۇق. بۇ 10يىل جەريانىدا نۇرغۇن ساۋاقداشلىرىمدا زور ئىلگىرلەشلەر بوپتۇ. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بەزىلىرى مەبلەغ سېلىش بانكىلىرىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلىرى، بەزىلىرى چوڭ كارخانىنىڭ قانۇن مەسلىھەتچىسى، يەنە بەزىلىرى تاشقى مەبلەغ ئادۋۇكاتلىق ئورۇنلىرىنىڭ داڭلىق ئادۋۇكاتى ياكى مەبلەغ سېلىش شىركەتلىرىنىڭ تەتقىقاتچىسى بولۇپ يېتىشىپ چىققانىدى. سېتىۋالغان ئۆيلىرمۇ كەم دېگەندىمۇ ئالتە مىليون يۈەندىن يۇقىرى ئالىي دەرىجىلىك ئۆيلەر،پايچەك ھېساباتىدىكى مەبلىغى يەتتە خانىدىن يۇقىرى، بالىلىرى خۇسۇسىي مەكتەپلەردەئوقۇيدىكەن، بەزىلىرى ھەتتائىككىنچى بالا ئېلىشىقا تەييارلىق قىلىۋېتىپتۇ.
سورۇن قىزغىن كەيپىياتتا داۋاملاشماقتا،ماڭا ئەڭ تونۇش بولغان بۇ چىرايلارغا قارىغىنىمدا، يۈرىكىم پۇچىلانغاندەك بولۇپ كەتتى. ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە مەن ئىزچىل سىنىپ ئىتتىپاق ياچېيكىسىنىڭ سېكىرتارلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن ھەمدە سىنىپىمىزدىكى ئاز بىر قىسىم ئاسپىرانتلىققا قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىرسى ئىدىم. ئاسپىرانتلىقنى پۈتتۈرگەندە تېخى شاڭخەي شەھىرى بويىچە مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچى بولۇپ باھالانغانىدىم. شۇ يىلى مەن ئاتا-ئانامنىڭ رايىغا بېقىپ شىركەت، ئادۋۇكاتلىق ئورۇنلىرىغا ئوخشاش <تۆمۈر تاۋاق>ئەمەس ئورۇنلىرنى رەت قىلىپ ، مەمۇرلار قوشۇنىنىڭ بىر قىسىمىغا ئايلاندىم. ھېچقانداق نەتىجىسىز يەتتە يىلنى ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، مەندە قانداق ئۆزگىرىش بولغىنىنى ئۇقمايمەن. مائاشىم يەتتە يىلدىن بېرى ئۆسمىدى، خىزمەت دەرىجەممۇ ھەم. بىردىنبىر قابىلىيىتىم بولسا <قۇلىقى يۇمشاق دوكلات يازغۇچى>،جەمئىيەتتىكى مۇناسىۋەت دائىرەم باشلىق ۋە خىزمەتداشلىرىم بىلەنلا چەكلىنىدۇ. يېشىم 30 دىن ئېشىپ قالدى، مەن ئۆزۈمنى مەغلۇبىيەتچىدەك ھېس قىلىمەن.
رەھىمسىز رېئاللىق
مەن تىرشمىدىممۇ؟ مەن ئەزەلدىن خىزمەتكە كېچىكمىدىم، ئىشتىن بالدۇر قايتمىدىم، سەۋەبسىز رۇخسەت سورىمىدىم، يىللىق دەم ئېلىشىم ھەمىشە يىل ئاخىرىدا ئەمەلدىن قالىدۇ ،يەنە تېخى ئاكتىپلىق بىلەن ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلىدىم. شەھەر دەرىجىلىك چوڭ ئورگاننىڭ ھەر قايسى بۆلىمىدە ئەزەلدىن ئادەم كەم ئەمەس. جاپاغا چىدايدىغان ياشلارمۇ ناھايىتى كۆپ. بۇيەردە بىردىنبىر كەمچىلىك بولىدىغىنى پۇرسەت. ئىدارىنىڭ ئوتتۇرا قاتلامدىكىرەھبەرلىرى ئاساسەن 70-يىللىرى تۇغۇلغانلار، شۇڭاتەرەقىيات بوشلۇقۇم يوق دىيەرلىك.
ئىقتىدارىم يوقمۇ؟ خىزمەت دائىرەم چەكلىك بولغانلىقى ئۈچۈن ، مەن ئىشلىگەچ توختىماي مۇناسىۋەتلىك بىلىملەرنى ئىگىلىدىم.ھەر خىل تاللاپ قويۇش ئىمتىھانى، ئاكسىيەنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ يازمىچە ئىمتىھانلىرىدىن ئۆتتۈم، لېكىن خىلمۇخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن خىزمەت ئالماشتۇرالمىدىم. مەن ئۆي سېتىۋېلىپ، توي قىلغاندىن كېيىن، تۇرمۇش بېسىمى بىردىنلا ئۆرلەپ كەتتى. مائاشىمنىڭ ئۆرلىشىدە چوڭ ئۈمىد بولمىغاچقا ، نەزىرىمنى ئاكسىيە، پايچەك بازىرىغا ئاغدۇردۇم. ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلاردا ئاساسەن پايچېكى تەتقىق قىلدىم. نۇرغۇنلىغان قىيىنچىلىققا باش ئەگمىدىم. شۇنىڭغا تۇشلۇق ئىمتىھاندىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ، ئاكسىيەگە ئائىت بىر قانچە كېنىشكىگە ئېرىشتىم. مەن كەسپىي ئاكسىيە ئانالىزچىسى بولۇشنى ئۈمىد قىلاتتىم. ئەمما بۇ ساھەنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ چۈشىنىشىمگە ئەگىشىپ، بۇ ئىشنى قىلىشقا ماس كەلمەيدىغانلىقىمنى ھېس قىلدىم.
ئارزۇيۇم ئىنتايىن گۈزەل، ئەمما ئەمەلىيەت رەھىمسىز. دەسلەپ ئورگانغاخىزمەتكە چۈشكەندە مەنمۇ ئوتتەك ئىشتىياق ۋە قىزغىنلىق بىلەن خىزمەت قىلاتتىم، بىرەر نەتىجە يارىتشنى ئويلايتتم. لېكىن ئورگاندا قىلغۇدەك ئىش شۇنچىلىكلا-ھۆججەت تاپشۇرۇۋېلىش، ھۆججەت يوللاش. ھەممە ئىش يېزىق ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ. ھۆججەتنى مەيلى قانداق يېزىشىڭىزدىن قەتئىينەزەر،ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلەر ئۆز قابىلىيىتىنىڭ سىزدىن يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن چوقۇم ئۆزگەرتىش كىرگۈزىدۇ. كۈندە يېزىش، يىلدا يېزىش، مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن يەنە شۇ يېزىش. نۇرغۇن يىغىن سۆزى، ھۆججەت سۆزى يېزىپتىمەن. ھەممىسىلا <رەھبەرلەركۆڭۈل بۆلدى>، <...بەل باغلىدى> ، <قىيىنچىلىقنى يەڭدى> ، <مۇۋەپپەقىيەتكەئېرىشتى>. دېگەندەك سۆزلەر ۋاھاكازالار. لېكىن ھەممە ئىش ئۆز ھالىتىدە. ھۆججەت نېمىنى ئۆزگەرتەلەيتتى؟ بۇنداق خىزمەتنى بىر يىل قىلسىلا ئادەم چارچايدۇ، ئۈستەل ئۈستىدىكى ئىشتىن ئادەم قانداقمۇ شان شەرەپ تۇيغۇسى ھېس قىلالىسۇن؟ ئورگاندا قانچە ئۇزاق تۇرسام،ئارزۇيۇمدىن شۇنچە يىراقلىشىپ كېتىدىكەنمەن، مانا بۇ رەھىمسىز رېئاللىق.
قورغاندىن قىچىش
مۇشۇ يىلاردا مەمۇرلۇققا ئىمتىھان بەرگەن سانسىزلىغان كىشىلەرنى كۆرگىنىمدە ئىختىيارسىز خۇرسىنىمەن: مەمۇرلۇق ھەقىقەتەن بىر قورغانغا ئوخشايدۇ-قورغا سىرتىدىكىلەر بىر ئاماللارنى قىلىپ كىرىشكە ئۇرۇنىدۇ؛ قورغان ئىچىدىكىلەر بولسا خىلمۇخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۈمىدسىزلىنىپ قورغاندىن چىققۇسى كېلىدۇ. بولۇپمۇ 80-يىللىرى تۇغۇلغان ياشلارنىڭ ئۆزىنى كۆرسىتىش ئىستىكى كۈچلۈك،ئۇلار ھەمىشە ئۆز قىممىتىنى ئىپادىلەشكە تىرىشىدۇ، ئۇلار ھاياتىنى ئۈن-تىنسىز ئۆتكۈزۈۋېتىشكە رازى بولمايدۇ. ئەمەلىيەتتە بولسا، ئالتە-يەتتە يىلدىن كېيىن پەقەت ئاز بىر قىسىمى- ئىقتىدارى ئالاھىدە يۇقىرىلار ياكى مۇناسىۋەتكە ئۇستىلار ئۆستۈرۈلىدۇ؛ يەنە بىر قىسىم ئىقتىدارى چەكلىكلەر ئۆز خىزمەت ئورنىدا ئۈن-تىنسىز ئىشلەپ پۇرسەت كۈتۈپ تۇرىدۇ؛ پەقەت ئاز بىر قىسىملارلا بۇنداق تۇرمۇشتىن ۋاز كىچىپ ئۆز ئارزۇسىنى قوغلىشىدۇ.
30ياشقا كىرىپتىمەن. ئائىلەم بار، بالام بار. لېكىن، بېسىمىممۇ يېنىك ئەمەس. كەلگۈسۈمدىن ئۈمىد يوق دىيەرلىك، بۇرۇنقى نىشانلىرىم مەندىن كۈنسايىن يىراقلاشماقتا. بۇلارنى ھىس قىلغىنىمدا ئىرادەم تۇيۇقسىز مۇستەھكەملەندى- بىرنەرسىنى بۇزماي، ئۇنى قايتا ياساش مۇمكىن ئەمەس. ئەگەر مەن ئۆزگەرتىشكىمۇ پېتىنالمىسام، تىرىشمىسام، ئۇنداقتا ئارزۇلىرىم مەڭگۈ خام خىيال بولۇپ قېلىۋېرىدۇ. مەن ئۆزۈمنى دەڭسەپ باقتىم، ئورگاندا يەتتە يىل ۋاقىت ئۆتكۈزۈپ ، مەندە ھازىر نېمەقالدى؟ توغرا، مېنىڭ يامان ئەمەس دېپلومىم بار، گۈزەل كەلگۈسىگە بولغان تەلپۈنۈشۈم بار، ئەڭ مۇھىمى مەندە ئۆگىنىشكە بولغان قىزغىن ئىشتىياق، جاپادىن قورقماس ئىرادە-غەيرەت بار.
كۆڭلۈم ۋىللىدە يورۇپ كەتتى-قاچانلا باشلاسا كېچىكمەيدۇ، ئىشەنچ ئالتۇندىن قىممەت. بۇيەردىن ئايرىلسام، يوقىتىپ قويىدىغىنىم پەقەت بىر كىشەن، ئېرىشىدىغىنىم بولساپۈتكۈل دۇنيا. كېتىشنى قارار قىلغاندىن باشلاپ بىر ھەپتە ئىچىدىلا ئىستىپا خېتىمنى تاپشۇردۇم. رەھبەرلىرىم ھەيران قېلىپ مېنى توسىدى، ئاتا-ئاناممۇ كاللىسىدىن زادى ئۆتكۈزەلمىدى. ئەمما، خوتۇنۇم مېنى باشتىن-ئاخىر قوللىدى. مانا،ئىستىپا بەرگىنىمگىمۇ تۆت ئاي بولۇپ قاپتۇ، يېڭى خىزمەت ئورنۇمدا نۇرغۇن نەرسىلەرنى يېڭىباشتىن ئۆگىنىشىمگە توغرا كېلىدۇ. لېكىن، مەن بەك خۇشال، قەلبىم ھاياجان ۋە كۈچ-قۇۋۋەتكە تولدى. مەن ھەر كۈنى يېڭى نەرسىلەر بىلەن ئۇچرىشىمەن، يېڭى بىلىملەرنى ئىگىلەيمەن،ئۆزۈم ئۈچۈن تىرىشىمەن، ئارزۇيۇم ئۈچۈن چېنىقىمەن.
بۇرۇنقى خىزمىتىمدىن ئايرىلىش ئالدىدا، بىر خىزمەتدىشىم مەيۈسلەنگەن ھالدا:<مەمۇرلار خۇددى قىزىتىلىۋاتقان ئىلمان سۇدىكى پاقىغا ئوخشايدۇ، ئۆزىنىڭ ئاستا-ئاستا پىىشىپ قالغىنىنىمۇ تۇيماي قالىدۇ. ئەگەر بېشىدىلا قايناقسۇغا تاشلىۋېتىلگەن بولساق چوقۇم بىر تاقلاپلا چىقىۋالاتتۇق. مانا ھازىر ۋاقىتلىق راھەت بىزنىڭ كۆرەش قىلىدىغان جاسارىتىمىزنى خورىتىپ ئاخىر قىممەتسىز بىر كىشىگە ئايلاندۇرۇپ قويدى> دېگەنىدى. بۇبەلكىم ئۇنىڭ ماڭا قىلغان خوشلىشىش سۆزىدۇرۋە بەلكىم ئۆزىگە قىلغان خىتابىدۇر.
مەنبە: ئۇيغۇرچە <تەرمىلەر> ژورنىلى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا anwar0929 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-4 09:31 PM