كېچە ، بارغانسېرى ئېغىرلاپ كېتىۋاتقان قەدىمىم مېنى يەنە دەردىمنى تۆكىدىغان كۈلبىگە سۆرەپ كەلدى . ھەممە ئەلەملىرىمنى بىر رۇمكا ۋىسكىيدا ئاستا -ئاستا ئېرىتىپ ، بىر كۆتۈرۈشۈمدىلا تۈگىتەتتىم ، يۈرىكىمنى ، مەيدەمنى كۆيدۈرۈپ ...
بۈگۈن كېچە ئۇيقۇ يوق .
كىچىك بالىلىق مېجەزىم ئاللىقاچان نەلەرگىدۇر غايىب بولغان ، كىشىلەر تەرىپىدىن ئۇنتۇلۇپ كەتكەن روھىم ، ئېغىر قەدەملىرىمگە سۆرىلىپ ، بۇ كاتتا شەھەرنىڭ ھەربىر بۇلۇڭ پۇچقاقلىرىدا ئاداشقان ئىدى .
كېلىشكەن يېگىت ، نۇرلۇق چىرايىنىڭ كەينىدە ئېيتقۇسىز ئازابلار ، ھېچكىم بىلىپ يەتمەس ھېسلار .
ئەسلى ، ئۆزۈمدىن بۇنداقلا ۋاز كەچمەسلىك كېرەك ئىدى . لېكىن دەل ئۇنتۇلغان روھىمنى بۇلۇڭ پۇچقاقلاردىن تېرىۋېلىپ جىسمىمغا ئورناتماقچى بولغاندا ، يۈرىكىمنىڭ ماڭا ئاسىيلىق قىلغىنىنى سېزىپ قالدىم .
ھەممىگە ۋاقىت كېرەك ، بىر جەريان بولۇشى كېرەك . مەن بىر ئادەم ، بۇنداق داۋاملاشماسلىقى كېرەك .
ئۆزىگە تەلىپى بار ئەر ، ئېيتقۇسىز ئازابلىرىنىڭ كەينىدە ، نۇرلۇق روھ .
بەلكىم ، نۇرغۇن كىشىلەر مەڭگۈ كۆزىنى ئېچىپ بۇ كاتتا شەھەرگە تىكىلىپ قاراشقا جۈرئەت قىلالماسلىقى مۇمكىن ، ئۇلار مەندىنمۇ بەختسىز بولۇشى مۇمكىن ، مەن ، پەقەت ئۇخلىمىدىم خالاس .
رۇمكىنى كۆتۈرۈپ ئۇلاپ ئۇلاپ ئىچمەكتىمەن ، كۈچلۈك ھاراق كۆيدۈرۈپ ، يۈرەكنى ، تارتىشىشقا ئايلىناتتى . بۇ خىل تارتىشىش ئاللىكىملەرنىڭ سىماسىنى كۆز ئالدىمغا ئەكىلىپ يەنە تېز -تېز قېچىپ كېتەتتى . ئۇ سىمانى قەتئىي كۆرگۈم يوق ئىدى .
غۇۋا چىراغ نۇرى پەقەت يۈزۈمنىڭ يېرىمىنىلا يورۇتۇپ تۇراتتى . ئۇدۇلدىكى ئورۇندۇقتا ماڭا تىكىلىپ قاراپ ئولتۇرغان گۈزەل قىز ، مېنىڭ يەنە بىر تەرەپ يۈزۈمدە ئۇيۇشقان ياش ۋە قاننى كۆرمىدى بولغاي ، مېنىڭ چىراغ نۇرى ئاستىدىكى بىر تەرەپ يۈزۈم بىلەن كۈلۈشۈپ قارىشاتتى .
غۇۋا چىراغ نۇرى دۈمبەمدىن چۈشۈپ ئەزالىرىمدىن كېسىپ ئۆتۈپ قولۇمدىكى رۇمكىنى يورۇتتى . مەن شۇندىلا رۇمكىنىڭ لېۋىمنى كېسىۋەتكەنلىكىنى بايقىدىم . تامچىپ ئاققان قان كۆز ئالدىمدىن كەتمەيۋاتقان يىراقتىكى قىزىل ياغلىقتەك ، سۈپسۈزۈك مەينىڭ ئىچىدە ئاستا ئاستا كېڭىيىپ تارقالماقتا ئىدى ...
نەزىرىمدىكى دۇنيا ، شۇنچىلىك تار ، ۋە شۇنچىلىك بىپايان ...
تاركوچىدىكى بىر قېتىملىق تاساددىپىي ئۇچرىشىشتىن كېيىن ، سىزگە بولغان سېغىنىشىم كۈندە ھەسسىلەپ ئاشقىنىغا ئۆزۈم ئىقرار ، پىنھانە ، يىگانىمەن .
مۇشۇ مىنۇتلاردا قەلەم تۇتۇشتىن ئىرەنگەن قوللار قورۇلۇپ شاپتۇل قېقىدا سىياقلانغان ئىلھام كۇمىلىچىنى سىقىپ ئالقانلاردا مۇجۇماقتا . سىز زادى ئۇ يەردە نېمە ئىش قىلىسىز ؟ سىزنىڭ خىزمىتىڭىز شۇ يەردىمۇ ؟ ياكى ئاشنىڭىزنىڭ ئۆيىدىن ئوغرىلىقچە قېچىپ چىققان ئالدىراش قەدەملىرىڭىز ئۈستىدە ئۇچرىدىڭىز ماڭا ؟ تەمەنناسىز كۆزلىرىڭىز ھاكلىرى سۈرۈلۈپ چۈشكەن كونا تاملاردىن ئىرغىپ ، يەرگە ياتقۇزۇلغان پۇچۇلغان كونا خىشلارغا ، ئاندىن ئايىغىڭىزنىڭ قونجىغا سەل سىڭايان دەسسىگەن پايپاقسىز ئاپئاق پۇتىڭىزغا ئېتىبارسىز قاراپ ، شامال ئۇچۇرغان چېكىڭىزدىكى چاچلارنى تۈزەپ ئۆتۈپ كەتكەن شۇ دەقىقە ، ئوڭ قولىڭىز گۈزەلگە ئىنتىلگەن كۆز نۇرۇمنى نېمىدېگەن ئۇستاتلىق بىلەن توسقان-ھە ؟!
نەزىرىمدىكى دۇنيا شۇنچىلىك ئىللىق ، ۋە شۇنچىلىك سوغۇق . ئۇنىڭ ئىللىقلىقى ساھىبجاماللارنىڭ كېلىشكەن قەددى بىلەن مېھىر ئوتىدا بولسا ، ئۇنىڭ سوغى كۈندە مىڭلاپ ، مىڭلاپ ، مىڭلاپ شەھەرلەردە ھارماي-تالماي ئۆتۈشۈپ تۇرۇۋاتقان ئالدىراش كىشىلەرنىڭ ئاسفالىت يول ئۈستىدىكى غەمكىن ۋە غەمسىز قەدەملىرىدە . ئەنە !
قەشقەر كوچىلىرى خۇددى كىچىكىمدە تىنماي ئۇزاقتىن ئۇزاققا تىكىلىپ قاراپ ئولتۇرۇپ كېتىدىغان گىلەم نەقىشلىرىدەك بىر-بىرىگە چىرمىشىپ ئۆتۈشكەندە ، بەلكىم ، سىز ئەنە شۇ ئەتىرگۈلدىن چىقىپ كېلىۋاتىسىز ، مەنمۇ ھەم سىزگە ئۇدۇل ھالدا تەگدىكى ھالقىدىن .
سىزنىڭ نەزىرىڭىزدىكى دۇنيا ، شۇنچىلىك ساددا ۋە شۇنچىلىك بىۋاپا ! ساددىلىقتا ۋە ھەتتا ئۇ سىزنىڭ يۈرىكىڭىزگە قادالغان خەنجەر ئىكەنلىكىنى بىلمەي قالغاچقا ، شۇ رەت ، ئاندىن بىزگە شۇ كېسىشكەن نۇقتىدا بىر دىدار راۋا بولغان بەلكىم . سىزنىڭ نەزىرىڭىزدىكى دۇنيا خۇددى لىققىدە خاتالىق قاچىلانغان بىر سۈنئىي تالالىق خالتا ! ئۇنىڭ خاتالىق بەزىدە گىلەم يۈرۈشلىرىدىكى بىر-ئىككى بارماق يىپ ئۈستىدە ، ۋە يەنە بەزىدە ئىرەنگەن قوللىرىم بىلەن توردا ئۆز خاتىرەمنى بايان ئەتكىنىمدە ، شېئىر ۋە نەسىرىي ئەسەرنىڭ بىر سەھىپە قىلىنىپ قويۇلغانلىقىدەك كومېدىيەدە .
دوستلاردىن سۆيگۈ سېلىنىڭ سۇلىرى قېيىپ ۋىسال كۆلىگە توشقانلىقىدىن ئىبەرسەم خەبەر ، ئەپسۇس خىجالىتىڭ ئىچرە دەپسەن كېچىكتىم 。
ئىزتىراپ ئىشتكەن قەلب كەتتى مىڭ پۇشايمان بىرلە ئۇزاپ ، كەتكەن شۇ يولۇڭدا توسسام ، قوللىرىمنى سىقىمداپ ئېيتتىڭ كېچىكتىم .
ئۆتكەن شۇ كەبى جەننەت تاغۇ-باغلاردا ھەسەل ۋاقتىمىز مۇھەببەتكە چىلىشىپ ، ئەمدى شىرنەسى ئېقىپ مەي بولغاندا تۇتسام بىر قەدەھ ، يەنە دەيسەن كېچىكتىم .
كۆرۈشتۇق بۈگۈن خالىيدا نەزەردىن دۈشمەن كۆزى چۈشمەستە ، خىيال ئەيلەپ يېڭىباشتىن قۇرايلى بۇ بەختنى دېگەن ئىستەكتە ، شۇ خىيالىمنى قوبۇل ئەتمەك تۇرۇپ ، نىچۈن دەيسەن كېچىكتىم ؟
ئەنلىرىڭدىن بىھۇش بولۇپ ، دۇنيا مېھرىگە ئۈنۈڭدىن قېنىپ ، مەڭگۈلۈككە قولۇڭدىن رازىمەنلىك بىلەن تارتقىنىمدا ، ئازابلىق ياشلىرىڭ كۆزۈڭدىن سىرغىدى .
بۇ ئەھۋالدىن يۈرەك ئىرغىدى ، ئېيتتىم : ئەي جانان نېمە دەردىڭ سۆزلەيلى ، قايغۇنى قوي تاشلاپ بىز بەختنى كۆزلەيلى . بولامدۇ ؟ كىرپىكلىرىڭ ئارىسىدىن توختىتالماي سىرغىپ ئېقىۋاتقان ئۈنچىلەر يۈگەنسىز ئاتلار توپىدەك تەكلىماكان ساھىلىدىكى يېشىللىقلار ئارىسىغا چاڭ توزىتىپ باشچىلاپ كىرىپ كېتىۋاتسىمۇ ، يەنە باتۇر يىلقىچى بولۇپ بۇ شاش قەلبىڭنى تىزگىنىم ئاستىغا ئالماقچى ئىدىم .
شۇنداق كېچىكمەيمەن ، كېچىكمەيسەن !
ئەمدى كېچىكتىم دېمە ماڭا ، شەھلا كۆزلىرىڭدىن ئۆزرە ئەيلەپ ھەر بىر تىكىلگىنىڭدە ، ياش قونغان كىرپىكىڭ مۇز تۇتقان خەنجەردەك يۈرىكىمگە قادالغىنىنى سەزمىسەڭمۇ ، ئەمدى مەڭگۈ كېچىكمەيسەن !
ئەمدى رەت قىلما مېنى ، نازۇك بىلەكلىرىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر رەت ئىستېھكامىڭنى مۇستەھكەم ئىرادەڭ بىلەن ساقلاپ تۇرغان بولسىمۇ ، سۆيگۈمىزگە بىر سالغىن نەزەر ، ئەمدى مەڭگۈ كېچىكمەيسەن .
دېڭىزدەك كۆڭۈل بولمىسا بىزدە ، نەدىكەن رىشتىدىن سۆيگۈ ، يەنە سۆيگۈدىن بەخت ؟ سىغقىنىدا ئالەمچە قايغۇ ، كەتسەڭمۇ يىراقلارغا ، ئوكيانلار بىلەن ئايرىلىپ تۇرغاندىمۇ ، كۆڭلىمىز بىر يەردە قالدى باغلىنىپ ، شۇڭا مەڭگۈ كېچىكمەيسەن !
سەن قاياقتىن كېلىسەن ئاھ چىرايلىقىم يايرىم ، مەن شۇ مەنزىلدە ساقلىدىم ، سۈكۈتسىز ۋە سۈكۈتتىن ئۆزگە چارىسىز .
ئىككى پارچە قەغەزنى قولۇمغا ئالدىم ۋە ئۈستىگە”ئۇ ، گويا قىلىچىدىن قان تېمىپ تۇرغان جاللات“ دەپ يازدىم . بۇ ماڭا بىر ئاگاھلاندۇرۇش ، كەچمىشىمدىكى ھەممە ساددىلىق ۋە تەدانلىق ، ھەممە ئادىللىق ۋە خاتالىقلىرىمغا بولغان ئىلاۋە سۈپىتىدە ، مېنىڭ بۇ بىر جۈملە نۇقتىئىنەزىرىمنى ئىككى پارچە قەغەزگە ئوخشاش قىلىپ يازدىم . بىر پارچىسىنى كارىۋېتىمنىڭ بېشىغا ، يەنە بىر پارچىسىنى ئۈستەلنىڭ ئۈستىگە چاپلىدىم ، يازغانلىرىمنى كۈندە ئوقۇپ تۇرماقچىمەن .
يەرشارى ”غىچ-غىچ“ قىلىپ كالا ھارۋىسىدەك ئەنسىز غىچىرلاپ ، خۇددى كىچىكىمدە شۇ تار كوچىدىكى دۇنيادا چۆرگىلەتكەن نۇردەك ، ئۆز ئوقىدا ، يەنە باشقا ئوقلاردا چۆرگىلىگەندەك ، چۆرگىلىمەكتە . مەنمۇ ھەم بەزىدە شوخلۇقنى تاشلىمىغان پەيلىمدە قامچامنى چىقىرىپ ئېكۋاتورغا قارىتىپ كۈچەپ ئۇرىمەن .
يازغانلىرىمنى ئوقۇدۇم :
-- ئۇ ، سۇ بىلەن ھاۋا ...
-- ئۇ ، سۇ بىلەن ھاۋا ...
تويلۇق رومالدا باغلاندى كۆزۈم ، كۆز يېشىم يۇيغاندا قىزىل شايىنى .
ئېھ ، ساختا دۇنيا ئۇزلۇقى ئوخشايدۇ ساڭا ،ئالدىغاندەك ئۆزۈڭنى ئالدايسەن مېنى . ئېسەدەپ يالۋۇرسام يەشمەيسەن يەنە ،باغلاقتىن كۆزۈمنى ، پۇت-قوللىرىمنى .كۆرسەتمەي ئۆزۈڭنى قاچاي دېدىڭمۇ كىم بىلەن قاياققا ئېلىپ سۆيگۈڭنى .
ئۆتكەندە بىر كېچە پەريادىم بىلەن ،رەھىمدىل شاماللار سۈرتۈپ يېشىمنى ،ئۇچۇرتۇپ يەشكىنىدە ماڭا قالدۇرغان
:ئېھ ، يالداماڭ ، شايى رومالنى ،كۆردۈم مەن مېھىرسىز تۆمۈر يۈزۈڭنى .ئىپپىتىڭ قاياندا ؟ ۋەدەڭچۇ جېنىم ؟ ئالدىما ! ئىشەنمەيمەن ئەمدى ئۆزۈمگە ،كىم شۇ ئېلىپ قاچقان گۈزەللىكىڭنى ؟ماڭىلا سادىق دەپ ئويلىغاندىمەن ،شۇ ساددا سۈزۈك سۇدەك باھار پەسلىمدە خەنجىرى ئۇرۇلدى ناتونۇش ئۇ قۇچىقىمدىن سۇغۇرۇپ ئالغان سۆيگۈمنى .
ئېھ ...
نېمىسى ياشلىرىڭ ئەگىپ يەنە تامغىنى ؟ چۈشەنمەي قالدىمغۇ بۈگۈن مەن سېنى .خوش دېدىم ، بۇرۇلدۇم ، قەدەمنى ئالدىم ،كۆرمەسمەن يۇرتۇمنى ، سېنىڭ يۇرتۇڭنى .كوچىلار ناتونۇش سوغۇقتۇرئەمدى ،ياشلىرىم تۆمۈردىن ئىز سېلىپ
ئېھ ، رېلىس بولۇپ قېتىپتۇ ئۇپۇققا مەڭگۈ ...
شايى رومىلىڭ رەڭسىز دۇنيادا ئايلىنىپ بىردىنبىر ھەسەن-ھۈسەنگە ،ئۇچماقتا سوزۇلۇپ يىراق ئاسماندا ...
2003-يىلى
(بېيجىڭ)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Azizan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-4 07:19 PM