مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2945|ئىنكاس: 11

راست -يالغان مونولوگ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 2904
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 16346
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2504 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-4 02:05:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راست -يالغان مونولوگ
قاراخان
سەپتىن ،رەتتىن قالغانلىرىم راست ،
گەپتىن،نەپتىن  قالغىنىم يالغان،
ئەلدىن بىر رەڭ  تالاشقىنىم راست،
بارچە رەڭگە كۆيگىنىم يالغان.

رەڭلىك سورۇن  ئولتۇرغىنىم راست،
بۇرۇت تولغاپ يۈرگىنىم يالغان.
ساڭىلا رام بولغىنىم ھەم  راست،
كۆڭۈل ئوۋلاپ يۈرگىنىم يالغان.

ياغلىق قاپاق بولغىنىممۇ راست،
ياغلىما گەپ قىلغىنىم يالغان.
يەرنى سىجاپ ئولتۇرغىنىم راست،
سېنى يەردەك قىلغىنىم يالغان.

يولدا سېنى قويغىنىم  ھەي!راست،
ئەمما يولدىن چىققىنىم يالغان.
يۇقۇرى تامان قارىغىنىم راست،
ياماشماق بوپ يۈرگىنىم يالغان.

يۈرىكىمگە  تۇتاشقان ئوت راست،
يۈرىكىڭنى سۇ قىلغىنىم يالغان.
ئاي يۈزۈڭنى ئاچقان ئىدىم راست،
يۈز ئۆرۈدى دىگەنلەر يالغان.

يېغىرىڭنى ئاچقانلىرىم راست،
يېغىرىڭدىن قاچقىنىم يالغان.
يىپسىز ساڭا باغلانغىنم راست،
يىپنى ئاتلاپ كەتكىنىم يالغان.

يىلىكىڭنى شورىغىنىم راست،
قۇرۇتقىنىم يالغاندۇريالغان.
ئېرىقىڭنى ياقىلىغىنىم راست،
يات ياقىلىدى دىگىنى يالغان.

كۆز قۇلاق بوپ يۈرگەنلىرىم راست،
ئەستىن چىقىپ كەتكىنىڭ يالغان.
بوسۇغاڭدا ئىت بولغىنىم راست،
بوسۇغاڭدىن تانغىنىم يالغان.

خام سۈت ئەمگەن بەندىلىكىم راست،
سۈت ئۇيقۇدا ياتقىنىم يالغان.
قەسەم پۇراپ تۇرغانلىرىم راست،
قەسەمخور بوپ قالغىنىم يالغان.

ئوماچ باردۇر قورسىقىمدا  راست،
جىن بارلىقى ئەسلىدىن يالغان.
قۇيرۇقۇمنى قۇم باسقىنى راست،
ئامما ئۇنى قىسقىنىم يالغان.

قىيىن كېچىك كەچكەنلىرىم راست،
كەش بازاردا قالغىنىم يالغان.
ئاتاق ئېلىپ يۈرگەنلىرىم  راست،،
ساناقتا بەس بارلىقىم يالغان.


تەتۈر چاپان كىيگەنلىرىم راست،
تەقسىراتقا كەتكىنىم يالغان.
بەڭگە خىيال سۈرگەنلىرىم راست،
بەيگە ئالدى بولغىنىم يالغان.

پۇۋلەپ قويسا ئۇچقانلىرىم راست ،
‹‹پىلسىرات››تىن ئۆتكۈنۈم يالغان.
تاللىق باغقا كىرگەنلىرىم راست،
جىگدە شېخى ئەگكىنىم يالغان.

ئەللىك ياشقا كىرگەنلىرىم راست،
سايەم ئىككى بولغىنى يالغان.
نېسىۋىگە قول سوزغىنىم راست،
شۈكۈر قىلىپ ياتقىنىم يالغان.
2014يىلى 4-ماي
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-4 09:34 PM  


ئۇلۇغ ئاللاھتىن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50822
يازما سانى: 2191
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 24159
تۆھپە نۇمۇرى: 1448
توردا: 3723 سائەت
تىزىم: 2011-1-7
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-4 04:14:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىپسىز ، ياندىشاي دىسەممۇ ئىلھام يوق .

بىر مىنۇت ئۆتتى دىگەنلىك ، ئۈلۈمگە بىر مىنۇت يېقىنلاشتىڭىز  دىگەنلىك . ھەرۋاقىت ئۈلۈمنى ئۇنۇتمايلى ، ئاللاھنى يات ئىتەيلى . نامازنى تۇلۇق ئادا قىلايلى قېرىنداشلار .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100211
يازما سانى: 782
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2746
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 905 سائەت
تىزىم: 2013-11-28
ئاخىرقى: 2015-2-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-4 04:45:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ئېسىل مىسرالاركەن   ،بەك ياقتۇردۇم

گۈل ئۈزەي دېگەنتىم سانجىلدى تىكەن
تىكەنلىك بولاركەن ئەسلى گۈل دېگەن.
ئارقىمغا يانغانتىم دېدى گۈل كۈلۈپ،
تىكەندىن قورققانغا گۈل قەيەردىكەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19191
يازما سانى: 101
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6613
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 1210 سائەت
تىزىم: 2010-11-26
ئاخىرقى: 2014-9-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-4 10:52:30 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يىزىپسىز

http://bbs.basbas.cn/read.php?tid=39669

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12365
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32777
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4430 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-4 11:08:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئېسىل مىسرالاردىن تۈزۈلگەن راست-يالغانلار......


قەلىمىڭىز ھارمىغاي...

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

سۇيۇش ئۈچۈن ساق قالسۇن يۈرەك.

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36033
يازما سانى: 540
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6385
تۆھپە نۇمۇرى: 104
توردا: 728 سائەت
تىزىم: 2011-4-2
ئاخىرقى: 2015-2-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-4 11:47:40 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پېچەت يېزىپسىز

كەچۈرۋىتىش مۇمكىن بولمىسىمۇ ئەمما كەچۈرۈم سورىماي كىتىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس..........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93781
يازما سانى: 38
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 55
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 84 سائەت
تىزىم: 2013-3-23
ئاخىرقى: 2014-8-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-5 02:18:18 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆرۈپ زوق ئالغىنىم راس،
تەسىرلەنمەي تۇرغىنىم يالغان.

يۈرەك ئويغاندى يۇ بەدەن غەپلەتتە،
سوقماقتا ئۇ بەدەن بىلەن ئۆزگەنىيەتتە.
بەدەن قىيماس،تارتىشارئۇيقا غەپلەتكە،
يۈرەك قان يىغلار،بەدەن سەزمەس كۈلپەتتە.
                                               ر.ئۇيغۇر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97733
يازما سانى: 416
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1444
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 582 سائەت
تىزىم: 2013-9-9
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-5 02:35:55 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشىكەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81628
يازما سانى: 1667
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7571
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1774 سائەت
تىزىم: 2012-6-15
ئاخىرقى: 2015-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-6 07:43:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك قاملىشىپتۇ

قۇياش نۇرى پاسكىنا يەرگە چۈشكەن بىلەنلا قەدىرسىز بولۇپ قالمايدۇ....

سۆيۈلۈش ئۈچۈن سۆيۈش كېرەك .

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98944
يازما سانى: 1885
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5092
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1227 سائەت
تىزىم: 2013-10-24
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-6 07:48:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر يالغاندا 41 يالغان.....راستىنلا ئېىل يېزىپسىز

ئاللاھ خالىسا مەن چوقۇم قىلالايمەن......!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش