ھۆكىمىتىمىزنىڭ ئىشىكنى سىرىتقا ئېچىۋېتىش شۇنداقلا سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش سىياسىتىنىڭ تۈرۈتكىسىدە ،سودا كۈندىن كۈنگە روناق تېپىپ خەلقىمىزنىڭ تۇرمۇشى ياخشىلانماقتا بۇنىڭغا ئەگىشىپ خەلقىمىزنىڭ ئىستىمال سەۋېيىسىمۇ ئېشىپ بارماقتا ،بۇ ئېشىشلار بىرقىسىم ناكەستى ساختىپەزلەرگىمۇ پۇرسەت ئېلىپ كەلدى ،شۇنىڭ بىلەن پۇلنىلا تۇنۇيدىغان ساختىپەزلەر نۇرغۇن ساھەگە سىڭىپ كىرىپ ساختا مال ئىشلەپ بازارنى قالايمىقان قىلىشقا تۇتۇش قىلدى .ھۆكىمىتىمىز ساختا مالغا زەربە بېرىشنى باشلىۋېدى بۇلار سۇ ئۈستىدىكى كۈپۈكتەك مانا مەن دەپلا پاش بولۇشقا باشلىدى .بۇ ئەھۋاللارنى كۆرگەن ئىستىمالچىلار دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن مەھسۇلاتتا مەسىلە بارمۇ قانداق دەپ گۇمانلىنىپ تۇرىشىغا ،بۇ پۇرسەتنىمۇ قولدىن بەرمىگەن توردىن چۈشۈپ قالغان يەنە بىرقىسىم ساختىپەزلەر چەتئەلدە ساختا مال يوق دەپ باشقىلارنىڭكىنى كۆپتۈرۈپ تەشۋېققىلىشقا تۇتۇش قىلدى ،يالغان گەپنىمۇ 3 قېتىم دىسە راسقا ئايلىنىپتۇ دىگەندەك بۇلارنىڭ تەشۋېقاتىنىڭ ئۈنۈمى ئالاھىدە بولدى .
بۇ يالغان ياۋىداقلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلار بەلكىم شىنجاڭ دىيارىدا ئەڭ كۆپ بولسا كېرەك دەپ قارايمەن چۈنكى بۇيەردىكى خەلىقلەرنىڭ دىنى ئېتىقاتى ئۆرۈپ ئادىتى ئۆزگىچە مەدىنىيىتى باشقىلارغا زادىلا ئوخشىمايدىغان ئۆزىگە خاس بىر ھالەتنى شەكىللەندۈرگەن ئىدى ،بىرزامانلاردا داھىمىزنىڭ رەسىمى، ئىزنىكى قاتارلىقلارنى ئۆينىڭ ھەممە يىرىگە ھەتتا بەدەنلىرىگە ئورنىتىۋالىدىغان ھالەتنى شەكىللەندۈرگەن بۇ خەلىق ھازىر ئەتراپىدىكى ھەممە نەرسىدن شۈبھىلىنىپ تۇرغان بۇ خەلىققە«مۇسۇلمانچە »«ھالال»«شۈبھىدىن خالى» دىگەن سۆز ئىبارىلەرگە ئالاھىدە ئىشتىياق باغلىغان ئىدى .بۇنى پۇرسەت دەپ بىلگەن بىرقىسىم ناكەستى ساختىپەز تىجارەتچىلەرگە بولۇپلا بەردى ،ئۇلار مۇسۇلمانلار ئىسلامدىنى بىلەن ھىچقانداق مۇناسىۋېتى بولمىغان ياكى بولسىمۇ ئالاھىدە دۈشمەنلىك بىلەن قارايدىغان زىمىندىكى خەلىقلەرنىڭ بىرنىمىلىرىنى دىيارىمىزغا ئېلىپ كىرىپ ،مۇسۇلمانچە شۈبھىدىن خالى دەپ بۇيەردىكى خەلىقنىڭ ھىسسىياتىدىن ناتوغرا پايدىلىنىپ دىنىمىزغا ئېغىر ئاقارەت كەلتۈرۈدىغان ئەھۋاللار ماڭدامدا بىر ئۇچرايدىغان بولدى .بەلكىم تۆۋەندىكى سۆز ئىبارىلەرنى سىزمۇ ئاڭلىغان بولۇشىڭىز مۈمكۈن .
گىرمانىيەدە مەلۇم بىر ئايال ئىسلام دىنىغا كىرىپ مۇلۇلمانچە گىرىم بۇيۇمى ئىشلەپتۇ ،بۇ شۇ ئايال ئىشلىگەن گىرىم بۇيۇمى. – ئوكرانىيە مۇسۇلمانلىرى ئىشلىگەن ........نەرسىلەر .-تايلاندا ئىشلىگەن مۇسۇلمانچە شۇبھىدىن خالى سۇننەت مەلھىمى -دىيارىمىزدا ئىشلەنگەن مۇسۇلمانچە ھاراق .-مۇسۇلمانچە تازىلىق قەغىزى شۈبھىدىن خالى...... .بۇ يۈزماينى ئىشلەتسىڭىز بالىڭىز شۈبھىدن خالى چوڭ بولىدۇ ،ھەي توۋا ما ئېلانلارنىڭ لاۋزىلىقى ما بىرقىسىملارنىڭ ئۆزى ھاراق سورىنىدىن نېرى كېتەلمەي باشقىلارنىڭكى مەھسۇلاتىنى ھارم دىيىشلىرىچۇ تېخى .
دەپ كەلسە بۇ مۇسۇلمانچە ئىسىمنى ئىشلىتىۋاتقانلارغا ھەيرانلا قالىدۇئادەم، بىرقىسىملارنىڭ دىنى ئىسىملارنى مەھسۇلات ئىسمى قىلىشتىن ئېشىپ شىركەتلەرنىڭ ئىسمى قىلىشلىرىچۇ ۋادەرىخا بۇلار بىلمەي قىلامدىغاندۇ ياكى باشقۇرىدىغان ئادەم بولمىغاندىكىن دىنىمىزنى كەمسىتىپ قىلامدىغاندۇ .ھازىرغۇ ئاشخانا رىستۇرانلاردا ساقالنى قۇيۇپ يۈزىنى يوگەپ بىرۋاق نامازدىن خەۋېرى يوق خەلقىمىزنىڭ ھىسسىياتىدىن پايدىلىنىپ تىجارەت قىلىدىغان ئىشلار ئادەتتىكى ئىش بولۇپ قالدى .
چەتنىڭ نەرسىلىرى شۇنداق ئىشەنچىلىك دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلار راس ناچارمۇ ؟ مەلۇم بىر دوستۇم تۆركىيەنىڭ مەھسۇلاتلىرىغا ئالاھىدە قىزىقاتتى ئۇ تۈركىيەدىن گىرىم بۇيۇمى ئەكىرىپ سېتىشنى ئويلاپ شۇيەردە ئۇقىۋاتقان سىڭلىسىغا تېلفۇن قىلغاندا ئۇ بۇرادىرىمىزنىڭ سىڭلىسى .-ئاكا مەن مۇشۇ توغرىدا قىزىقىپ نۇرغۇن گىرىم بۇيۇملىرى زاۋۇتى دىگەن يەرلەرنى سۈرۈشتۈردۇم ئۇيەرلەردە ئىچقانداق گىرىمبۇيۇملىرى ئىشلەنمەيدىكەن ئوبدانراقلىرىنى دۆلىتىمىزنىڭ گۇاڭجۇ شەھىرىدىكى گىرىم بۇيۇملىرى زاۋۇتىغا ھاۋالە قىلىدىكەن ئادەتتىكىسىنى فىرانسىيەگە ھاۋالە قىلىپ ياسىتىدىكەن مايەردە پەقەت قېپىنى ياساپ ئۆزىنىڭ زاۋۇت ئادرىسىنى سېلىپ بازارغا سالىدىكەن بۇنى ئوبدان ئويلۇنىڭ دەپتۇ.
مەنمۇ ئىچكىرىدىكى يەرمەنكىلەردە نۇرغۇن چەتئەللىكلەرنى ئۇچرىتىمەن ئۇلاربىلەن پاراڭلىشىش جەريانىدا ئۇلارنىڭ دۆلىتىمىزگە مەھسۇلاتىنى ئېلىپ كەلگەنلەر بولماستىن مەھسۇلات ئىشلىتىش ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى بىلدىم بىرقىسىم كورىيە شىركەتلىرىمۇ گىرىم بۇيۇملىرىنى ئىشلىگەندە ئاشۇ تۈركىيە سودىگەرلىرىگە ئوخشاش ئۇسۇل قوللانغانلىقىغا شاھىتمۇ بولغانمەن .
بىر مەھسۇلات دۆلىتىمىزدىن چىقىپ ئايلىنىپ كېلىپ يۈرتىمىزغا كەلگەندە ھارام نەرسىمۇ ھالال بولۇپ قېلىشتىن ساقلانسا ئاۋۇ مۇسۇلمانچە ھاراققا ئوخشاش نەرسىلەرنىڭ بازارغا كىرىشىدىن ئاگاھ بولساق !.نىمە ھارام نىمە ھالال تىجارەتچىلەر ئالدىراپ پەتىۋا پىچمىساق، ئىستىمالچىلارمۇ بۇنداق ئەھۋاللارنى كۆرگەندە ۋاقتىدا تورغا يوللاپ پاش قىلساق بۇ ۋاقىتتا ئىشلار سەل ئوڭشالغانمۇ بولاتتى.
ئاخىرقى پاراڭ دولىتىمىزدە ئىشلەنسۇن ياكى چەتئەلدە ئىشلەنسۇن ئىشلەتكەن خوجايىن بۇنەرسىلەرگە پۇل خەجلەشتىن ئىلگىرى ئۆزىنىڭ تەلىپىنى قويىدۇ ،تەلىپىگە ماس كەلمەيدىكەن ھەرگىز ئالدىراپ مەبلەھ سالمايدۇ .
مەنبە :قەلەم
http://www.husnigul.com/ShowNews.asp?id=47
.