ئەرقال كارخانچىلار كۇلۇبى
يېڭى فىلىمى
http://v.qq.com/boke/page/l/0/l/l012931xjkl.html
كۇلۇب ھەققىدە
ئەرقال كارخانىچىلار كۇلۇبى شىنجاڭدىكى سودا ساھەسىدىكى داڭلىق كارخانىچىلارنىڭ يېڭى ئىدىيەلىرىنىڭ باشلىنىش مەنبەسى ۋە پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى. ئەرقال كارخانىچىلار كۇلۇبى2013-يىلى9 -ئايدا ئىشقا كىرىشكەن بولۇپ،ئەرقال كاپىتالى قارمىقىدىكى ئىككى كۇلۇبنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.
بۈگۈنگەقەدەر 50تىن كۆپرەك كارخانىچى ئەزا بولۇپ، ئەزاكارخانىلار يېمەكلىك ، كىيىم-كېچەك، ئۆي-مۈلۈك، قاتناش-ترانسپورت، سەھىيە، ئۇچۇر-ئالاقە، ئېنېرگىيە، خوتەن قاشتېشى قاتارلىق ساھەلەرگە تارالغان. كۇلۇبتا سودا ساھەسىدىكى زاتلار ئۆز-ئارا ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىستراتېگىيىلىك سوداھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، ئەڭ يۇقىرى چەكتە بىر-بىرىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەپ، بىرگەۋدە سۈپىتىدە بىرلىكتە تەرەققىي قىلىپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇكۆپ ئىقتىسادىي قىممەت يارىتىدۇ.
1500 كۋادىرات مېتىر كۆلەمدىكى بەش يۇلتۇزلۇق سوداكۇتۇپخانىسى، ئامېرىكىچە ئالىي قەھۋەخانا، ئالىي دەرىجىلىك چېنىقىش زالى، كۆپ ۋاستىلىق چوڭ-كىچىك مۇنبەر زاللىرى سەپلەنگەن.
ئەرقال كارخانىچىلار كۇلۇبى يېڭى ئەزالار بىلەن يۈزتۇرانە كۆرۈشۈپ، كۇلۇبنىڭ تەلىپىگە ماس كەلگەنلىرىنى قوبۇل قىلىدۇ، قوبۇل قىلىنغان ئەزالاردا ماس كەلمەسلىك ئەھۋاللىرى بايقالسا، ئەزالىق سالاھىيىتى بىكار قىلىنىدۇ.
كۇلۇبتىن ئېرىشىدىغىنىڭىز :
مۇناسىۋەت تورى: 50 تىن ئارتۇق پۇل-مۇئامىلە، مەبلەغ سېلىش،ئۆي مۈلۈك، يېمەكلىك، ئىچىملىك، داۋالاش ۋە ساغلاملىق قاتارلىق ئوخشىمىغان ساھەلەردىكى كارخانىچىلاربىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتالايسىز.
سودا بىلىملىرى : كارخانىچىلار بىلەن بىرلىكتە ھازىرقى زامان كارخاناباشقۇرۇش مەبلەغ سېلىش ئىستراتېگىيىسى ۋە دۆلەت ئىچى- سىرتىدىكى ئىقتىسادىي مۇھىت ھەققىدىكى بىلىملىرىڭىزنى تولۇقلىيالايسىز.
سودا ئۇچۇلىرى : ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان ساھەلەرنىڭ ئىچكى ئۇچۇرلىرىدىن ئەڭ ئاۋال خەۋەردار بولۇپ، كارخانىڭىزنىڭ ئىستراتېگىيىسىگەۋاقتىدا تەڭشەش ئېلىپ بارالايسىز.
كارخانا مەسلىھەتى : خارۋارد (Harvard)،سىتانفورد (Stanford) قاتارلىق ئۇنىۋېرسىتېتلارنى پۈتتۈرۈپ، دۇنياۋى كارخانىلاردا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان باشقۇرغۇچىلارۋە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كەسپىي مەسلىھەتىدىن بەھرىمان بولالايسىز.
كۇلۇب ئەسلىھەلىرى: 1500 كۋادىرات مېتىر كۆلەمدىكى سودا كۇتۇپخانىسى، ئامېرىكىچە ئالىي قەھۋەخانا، ئالىي دەرىجىلىك چېنىقىش زالى، كۆپ ۋاستىلىق يىغىن زالى ۋە مۇنبەر زالى
ئەرقال كارخانىچىلار كۇلۇبىغا ئەزا ۋەكىل كارخانىلارتۆۋەندىكىچە :
1-پۇل مۇئامىلە ساھەسى
شىنجاڭ ئەرقال كاپىتالى
2-ئۆي مۈلۈك ساھەسى
شىنجاڭ خەلىپە مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى
شىنجاڭ كۈنپىڭ بىناكارلىق قۇرۇلۇش مەسئۇلىيەت شىركىتى
خوتەن بوستان بىناكارلىق قۇرلۇش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى
شىنجاڭ قەدىمىي شەھەر بىناكارلىق قۇرۇلۇش شىركىتى
شىنجاڭ قەدىمىي شەھەر ئۆي-مۈلۈك شىركىتى
شىنجاڭ دوڭشەن بىناكارلىق قۇرۇلۇش مەسئۇلىيەت شىركىتى
خوتەن خەيرلىك قاشتېشى ئۆي-مۈلۈك ۋاستىچىلىك شىركىتى
ئۈرۈمچى شەھەرلىك بايلىق بازىرى سودا چەكلىك شىركىتى
شىنجاڭ ئانا تۇپراق مەبلەغ سېلىش شىركىتى
3-يېمەكلىك ۋە ئىچىملىك
خوتەن ئابىدە يىمەكلىك تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى
قارا شەھەر ياسىنجان (قايدۇ) يېمەكلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى
شىنجاڭ ئېھسان مايچىلىق چەكلىك شىركىتى
شىنجاڭ ئادىل خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
خوتەن شەھىرى بۇلاق سودا چەكلىك شىركىتى
خوتەن بۇغراخان سودا چەكلىك شىركىتى
ئۈرۈمچى گۈلدىيار يېمەكلىك زاۋۇتى
4-ئېلېكترون ئۈسكۈنىلىرى ۋە ئۆي جاھازىلىرى
خوتەن ئۇدۇن سودا چەكلىك شىركىتى
شىنجاڭ دىلئاي سودا چەكلىك شىركىتى
خوتەن «نۇرلۇق ئالاقىسى»
5 - ياسىمىچىلىق
شىنجاڭ شەۋكەت كۆن-خۇرۇم چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى
شىنجاڭ ئابىدە ئورالما ماتېرىياللىرى چەكلىك شىركىتى
6 - مېھمانخانا، تېز تاماقخانا
شىنجاڭ تۇمارىس ئالىي مېھمانخانىسى
شىنجاڭ خەلقئارا تاشقى سودا ئالىي مېھمانخانىسى
شىنجاڭ ئەلبېك يېمەك-ئىچمەك شىركىتى
شىنجاڭ قەدىمىي شەھەر يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيەت شىركىتى
7 - ئۇچۇر- تېخنىكا ۋە تاراتقۇ
شىنجاڭ ئەرقال ئۇچۇر تېخنىكىسى
شىنجاڭ ئەرقال كارخانىچىلار تاراتقۇسى
8 - مائارىپ
ئۈرۈمچى نوبىل قوش تىل بالىلار باغچىسى
9 - داۋالاش ۋە ساغلاملىق
شىنجاڭ ئابلىمىت بەش ئەزا كېسەللىك دوختۇرخانىسى
شىنجاڭ ئۇيغۇر دورىگەرلىك چەكلىك شىركىتى
شىنجاڭ بىلىگ تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسى
خوتەن يېڭى يۇلتۇز بالىلار كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى
شىنجاڭ قەدىمىي شەھەر دوختۇرخانا باشقۇرۇش شىركىتى
شىنجاڭ تاشقىن خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
شىنجاڭ تېببي ھېكمەت بىئو-پەن تېخنىكا چەكلىك شىركىتى
10 -گىرىم بۇيۇملىرى
شىنجاڭ گۆھەرخەلقئارا سودا چەكلىك شېركىتى
پائالىيەت مەزمۇنى
دەرس / لېكسىيە :
— تۈر: تۈر ئوربىتىسىنى بېكىتىش ئىستراتېگىيىسىنى تەڭشەش، ئىشلەپچىقىرىشنى يۈرۈشتۈرۈش جەريانىنى كونترول قىلىش، ماركىتىڭ ئىستراتېگىيىسىنى ئەلالاشتۇرۇش، سېتىش يوللىرىنى ئەلالاشتۇرۇش، خېرىدار باشقۇرۇش سىستېمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش، ئىستراتېگىيە تۈزۈش ۋە تاللاش، ئىستراتېگىيىنى ئىجرا قىلىش، كونترول قىلىش ۋە باھالاش، ئىسلاھات ۋە رىقابەت قاتارلىقلار
— قوشۇن: تەشكىلىي قۇرۇلمىنى ئەلالاشتۇرۇش، خىزمەت ئۈنۈمىنى تەكشۈرۈپ باھالاشنى ئەلالاشتۇرۇش، ئوخشىمىغان مەسلىگە قارىتا مۇۋاپىق باشقۇرۇش قورالى، ئىستراتېگىيە ۋە ئۇسۇلى تاللاش، رىقابەت ئەۋزەللىكىنىڭ يېڭى ئۇسۇللىرىنى ئىزدەش، رەھبەرلىك قابىليىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، رەھبەرلىك كۈچى جەھەتتىكى رىقابەت قاتارلىقلار
— مەبلەغ : مالىيە سىستېمىسى، مالىيە ھېسابات جەدۋىلى ۋە قوللىنىلىشى، ئۈچ چوڭ مالىيە ھېسابات جەدۋىلى ئانالىزى، بوغالتىرلىق سىستېمىسى، مۈلۈك باھالاش، كاپىتال يۈرگۈزۈش، مەبلەغ ئۇيۇشتۇرۇش ئىستراتېگىيىسى، قوشۇۋېلىش ئىستراتېگىيىسى، پېيىنى بازارغا سېلىش ئىستراتېگىيىسى، دۆلەت ھالقىغان تىجارەت، مەبلەغ زەنجىرىنى باشقۇرۇش، تاشقى پېرېۋوت باشقۇرش قاتارلىقلار
— ئىقتىساد: دۇنيا ئىقتىساد تارىخى، جۇڭگو ئىقتىسادتارىخى، شىنجاڭ ئىقتىساد تارىخى، نۆۋەتتىكى دۇنيا ئىقتىسادى، نۆۋەتتىكى جۇڭگوئىقتىسادى، نۆۋەتتىكى شىنجاڭ ئىقتىسادى، دۇنيانىڭ كەلگۈسى ئىقتىساد يۈزلىنىشى، جۇڭگونىڭ كەلگۈسى ئىقتىساد يۈزلىنىشى، شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى ئىقتىساد يۈزلىنىشى، ساھەلەر ئانالىزى، خەلقئارا سودا، ئىقتىسادىي كرىزىس قاتارلىقلار
پىكىر ئالماشتۇرۇش: كارخانىچىلار بىرلىكتە قەھۋە ئىچىش، كىتاب ئوقۇش، پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە بەدەن چېنىقتۇرۇش ئارقىلىق دوستلۇق ئورنىتىپ، مۇناسىۋەت چەمبىرىكى ۋە نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىدۇ، سودا ئۇچۇرلىرى ۋە تەجرىبىلىرىنى ئورتاقلىشىدۇ.
ھەمكارلىق پۇرسىتى: تۈر - قوشۇۋېلىش، شېرىكلىشىش ، سوداھەمكارلىقى، ئىستراتېگىيە ھەمكارلىق ئۇچرىشىش يىغىلىشى
قوشۇن-ھەمكارلاشقۇچى، يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچى، يۇقىرى دەرىجىلىك تېخنىك خادىملار ئۇچرىشىشى
مەبلەغ -مەبلەغ ئۇيۇشتۇرۇش، مەبلەغ سېلىش ئۇچرىشىشى
كارخانا زىيارىتى: شىنجاڭ، دۆلەت ئىچى ۋە چەتئەلدىكى داڭلىق كارخانىلار ۋە سودا مەركەزلىرىنى زىيارەت قىلىش
دالا پائالىيتى: تاغقا چىقىش، ئېكىسپېدىتسىيە، قار تېيىلىش، گولف توپ ئويناش ۋە زەيتۇن توپ مۇسابىقىسى
يىغىلىش/ كۆرگەزمە: كارخانىچىلارمۇنبىرى، كارخانىچىلار يىللىق يىغىلىشى، كارخانا كۆرگەزمىسى، كارخانىچىلار ئىختىساسلىق خادىم تەكلىپ قىلىش يىغىلىشى
مۇتەخەسسىسلەر قوشۇنى
خەلقئارا: خارۋارد (Harvard)، يالې (Yale) قاتارلىق دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلارنى پۈتتۈرۈپ، دۇنياۋى داڭلىق كارخانىلاردا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان باشقۇرغۇچىلار ۋە مۇتەخەسسىسلەر
دۆلەت ئىچى: دۆلەت ئىچىدىكى داڭلىق كارخانىچىلار، باشقۇرغۇچىلار ۋە مۇتەخەسسىسلەر
شىنجاڭ: رايونىمىزدىكى سودا ساھەسىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان مۇتەخەسسىسلەر
ئەزالىق سالاھىيىتى
ھەر بىر كۇلۇب ئەزاسى كۇلۇبتىكى بارلىق ئەزالارغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدىغان بولغاچقا، كۇلۇب ئەزالىرى تۆۋەندىكىدەك شەرتلەرگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك :
— ئىلتىماس قىلغۇچىلار كارخانىچى، مەبلەغ سالغۇچى ياكى سودا ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەر بولۇشى
— يۇقىرى بولغان ئەخلاق ساپاغا ئىگە بولۇشى
— چىقىشقاق، مۇناسىۋەتكە ماھىر بولۇشى
— باشقا كارخانىچىلار بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىش ئارزۇسى بارلار
— كارخانىچىلىققا ئائىت ئاساسىي بىلىمى بولۇشى تەلەپ قىلىنمايدۇ، ئەمما لوگىكىلىق تەپەككۇر قىلىشقا، مەسىلە ئانالىز قىلىشقا ماھىر بولۇشى
— سودا-ئىقتىساد ئاساسىي بىلىملىرى بولۇشى تەلەپ قىلىنمايدۇ، ئەمما زامانىۋىي كارخانا باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئۆگىنىش قىزغىنلىقى كۈچلۈك بولۇشى كېرەك
كۇلۇب ئەسلىھەلىرى
سودا كۇتۇپخانىسى
سودا قەھۋەخانىسى
ئالى دەرىجىلىك چېنىقىش زالى
كۆپ ئىقتىدارلىق يىغىن زالى، مۇنبەر زالى
پائالىيەت ۋاقتى
ھەر ئايدا بىر قېتىم، ھەر قېتىم ئىككى كۈن، ئۈرۈمچى شەھەرئەرقال كۇلۇبىدا ئۆتكۈزىلىدۇ
كۇلۇب ئەزالىق ھەققى
يىللىقى 30 مىڭ يۈەن
ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى
ئادرېسى: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى -389نومۇر (تاشقى سودا ئالىي مېھمانسارىيى 4-،5-قەۋەت)
تېلېفون:2887000-0991
ئېلخەت:club@erqal.com
تور ئادرېسى:
www.erqal.com
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا yultuz920 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-4 12:56 PM