|
|
|
|
تاڭنۇر : ئۇلۇغ ئانام بالام دەپ ئاپتورى : خەيرۇللا قۇربان ‹ تاڭنۇر ›
چاچلىرىغائاق كىردى ، ماڭلىيىدا تەر قۇردى ، ئۆمۈرئېتى ھالسىردى ، ئۇلۇغ ئانام، بالام دەپ .
تۈن كىچىدە ئۇخلايدۇ ، راھەت نىمە ئۇقمايدۇ ، پەرزەنىت مىھرى چاقنايدۇ ، ئۇلۇغ ئانام ، بالام دەپ.
ئىنتىلمەستىن راھەتكە ، قۇل بولماستىن ئامەتكە ، ئېزىقمىدى غەپلەتكە ، ئۇلۇغ ئانام بالام دەپ .
ھەقنى سۆزلەپ ھارمىدى ، جاپادىن ھەم قاچمىدى ، ۋىجدان، غورۇر ساتمىدى ، ئۇلۇغ ئانام بالام دەپ .
ھارام يولدا ماڭمايدۇ ، غەپلەت بىلەن ياتمايدۇ ، مەنپئەت سۈيىدە ئاقمايدۇ ، ئۇلۇغ ئانام ، بالام دەپ .
قولى قاداق يېرىلدى ، بىلى ياردەك ئىگىلدى ، پاكلىق ھىدى چېچىلدى ، ئۇلۇغ ئانام ، بالام دەپ .
ئۇلۇغ ئانام ئاشۇنداق ، ياشاۋاتىدۇ بالام دەپ ، ھۆرمەت تازىم قىلىمەن ، مېنىڭ ئانام ئۇلۇغ دەپ .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا تاڭنۇر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-4 10:37 AM
|
|
|
|
|
|