مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2377|ئىنكاس: 6

ئىنسانىيەت ئىنتىلىۋاتقان ھەزارەت ئىسلام ھەزارىتى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106141
يازما سانى: 47
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 1923
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 98 سائەت
تىزىم: 2014-4-17
ئاخىرقى: 2014-7-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-3 07:29:18 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئىنسانىيەت ئىنتىلىۋاتقان ھەزارەت ئىسلام ھەزارىتى

(1)

ئىسلام دىنى ئىلىم-پەن دىنى بولۇپ، ئالەمنىڭ ھەقىقىتىنى ھېس قىلىش ئۈچۈن ئىلمىي ئىزدىنىش ۋە تەتقىقاتقا مۇتلەق چەكلىمە قويمايدۇ. دىن بىلەن ئىلىم- پەن ئارىسىدىكى ھالقىلىق ئالاقىنى بىلىش، ئىلمىي ئەقىل بىلەن خۇراپات ئەقلى ئارىسىدىكى كەڭرى پەرقنى تونۇش ۋە بىلىم- مەرىپەت ئېلىش ھەزارەت قۇرۇپ چىقىشتىكى ئىككى ھەقىقەت.  

مۇسۇلمانلارنىڭ قايتىدىن ھەزارەت تىكلەشكە قادىر ئىكەنلىكىنىڭ مۇھىم سەۋەبلىرىدىن بىرى ساپ تەۋھىد ئەقىدىسى. بۇ ئەقىدە ئەقىلنى ھۆرمەتلەيدۇ، پايدىلىق دەپ قارالغان ھەر قانداق ساھەدە ئىلمي تەتقىقات ئېلىپ بېرىشقا تەشەببۇس قىلىدۇ، مەرىپەت يولىدا توسالغۇ پەيدا قىلمايدۇ.

ئىسلام دىنى رېئاللىققا ئۇيغۇن كېلىدىغان ئۇزۇن تارىخى تەجرىبىنى بېشىدىن كەچۈرگەن ئالىي ئىنسانىي ھەزارەتنى ياراتتى. بۇ ھەزارەت ئىسلام دىنىنىڭ خەلقئارالىق دىن ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى، ئىسلام ھەزارىتى ھەقىقەت، ياخشىلىق ۋە گۈزەللىك ئامىللىرىغا-مەنبەسى ۋە ئورنى قەيەردە بولۇشتىن قەتئىي نەزەر- دەرۋازىلىرىنى ئاچىدۇ.

ئىسلام ھەزارىتى ئالەمگە ئوچۇق ھەزارەت بولۇپ، باشقا ھەزارەتلەر بىلەن ئېھتىرام ۋە ھەمكارلىق ئىچىدە مۇئامىلە قىلىپ كەلدى. باشقا ھەزارەتلەردىن تەسىرلەنگەندەك باشقىلارغىمۇ تەسىر بەردى، ئىلمىي ۋە ھەزارەت ئوزۇقلىرى بىلەن تەمىنلىدى.

ئىسلام ھەزارىتى ھەمكارلىشىش ھەزارىتى بولۇپ، باشقا ھەزارەتلەرگە قول ئۇزىتىدۇ، پايدايەتكۈزىدۇ ۋە پايدىلىنىدۇ. ئىسلام ھەزارىتىنىڭ تونۇشۇش ۋە ھەمكارلىشىش خۇسۇسىيىتى ئىسلام ھەزارىتىنى جۇغراپىيلىك دائىرىسىدىن ھالقىپ ئوتتۇرىغا تاشلىغان. ئىسلام ھەزارىتى باشقا ھەزارەتلەرنىڭ ھەقىقەتكە ئۇيغۇن تەرەپلىرى بولسا قوبۇل قىلغان ۋەرەھمەت ئېيتقان. ئەگەر ھەقىقەتكە ئۇيغۇن بولمىسا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ قويغان.

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @- [% {  V% c+ ^( c. I8 I2 F

ئىسلام دىنى ئىنسانىيەتكە نىجاتلىق يولى ۋە چىقىش يولى كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ. ئىنسانىيەت ئارزۇ قىلىۋاتقان ھەزارەت پەقەت ئىسلام دىنىدا مۇجەسسەملەشكەن.

ئىنسانىيەت دىننى بېرىدىغان ئىلىم-پەندىن مەھرۇم قىلمايدىغان، ئىمان ئاتا قىلىدىغان ۋەئەقىلگە چەكلىمە قويمايدىغان، روھ ئاتا قىلىدىغان ماددىدىن مەھرۇم قىلمايدىغان،ئاخىرەتنى بېرىدىغان دۇنيادىن مەھرۇم قىلمايدىغان ۋە ئەخلاق ئاتا قىلىدىغانئەركىنلىكنى بوغمايدىغان يېڭى ھەزارەتكە جىددى مۇھتاج.

ئىنسانىيەت زېمىننى ئاسمانغا تۇتاشتۇرىدىغان، ئىلاھىي مەقسەتلەر بىلەن ئىنسانىي مەنپەئەتلەر گۆرە سېلىشقان، مۇتەپەككۇر ئەقىل بىلەن مۆمىن قەلب قېرىنداش بولغان، ئىلاھىي ۋەھىي نۇرى ۋە ئىنسانىي ئىدىيە نۇرى بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان ھەزارەتكە مۇھتاج.ئىلاھىي ۋەھىي بىلەن ئەقىلنىڭ تەپەككۇرى ھەر بىرسى ئاللاھنىڭ پەزلى ۋە رەھمىتى.

بۇ «ھەزارەت» ئىسلام ھەزارىتىدىن ئىبارەت. ئىسلام ھەزارىتىدە تەڭپۇڭلۇق ۋە مۇكەممەللىك نامايان بولغان. ئىسلام دىنى ھەزارەت ۋەزىپىسىدىن ئىبارەت، ئىسلام دىنى ئىمان ۋە ئىلىم- پەن دىنىدۇر، ئىسلام دىنى ئىمان ۋە ھەزارەت دىنىدۇر، ئىسلام دىنى ئوتتۇراھال ۋە تەڭپۇڭ يول تۇتقان دىندۇر.

ئىسلام «دىن»بولۇش ئېتىبارى بىلەن ھەزارەت ياراتتى، مەدەنىيەت شەكىللەندۈردى، ئىجتىمائىي ئىنسان تەربىيىلىدى ۋە ئىنساندا دىننىڭ خاراكتېرى بىلەن بويالغان ھەزارەت يارىتىدىغان تەڭپۇڭلۇق ۋە مۆتىدىللىكنى ۋۇجۇتقا چىقاردى.

ئىسلام دىنى مۇسۇلمانلارنىڭ تەرەققى قىلىش، ھەزارەت ئويغىنىش ۋە مەدەنىيەت گۈللىنىش ھەرىكىتىنىڭ سەۋەبى بولسا،بۈگۈنكى كۈنلۈكتە مۇسۇلمانلارنى ئارقىدا قالدۇرغان سەۋەب نېمە؟ بولمىسا ئىسلام دىنى ئۆزگىرىپ قالمىدى، ئىسلام ھاياتىدا تەرەققىيات بۇلاقلىرىنى گۈللەندۈرگەن ئىسلامنىڭ دەل ئۆز شۇ؟!

مۇسۇلمانلارنىڭ ئارقىدا قېلىش ۋە ھەزارەت چېكىنىشنىڭ ھالقىلىق سەۋەبى ئىسلام ھەزارىتىدىن ئىسلام روھىنىڭ يوقالغانلىقى، ئىسلام دىنى بىلەن مۇسۇلمانلار ھەزارىتىنىڭ ئارىسىدائۈزۈلۈش ئەھۋالىنىڭ يۈز بەرگەنلىكىدۇر. ئىسلام دىنىنىڭ روھى ئىسلام ھەزارىتىنى ياراتقان ۋە ئىسلام خاراكتېرى بىلەن خاراكتېرلەشتۈرگەن ئىدى.


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @& F6 D* L7 y9 T* C, A! r" J) d

(2)

ئىسلام ھەزارىتىنىڭ قىممەت-قاراشلىرى


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @) T' l" `$ o& Z( m

ھەر قانداق ھەزارەتنىڭ ئىنسانغا ئوخشاش جىسمى ۋە روھى بولىدۇ، ھەزارەتنىڭ جىسمى ئىمارەت قۇرۇلۇشى، زاۋۇت، سايمانلىرىدىكى ماددى مەھسۇلاتلىرىدا، كەڭ تاشا تۇرمۇش ۋە دۇنيا ھاياتىنىڭ لەززىتىنى ھېس قىلدۇرىدىغان ئىشلاردا كۆرۈنىدۇ. ھەزارەتنىڭ روھى شەخس ۋە كوللېكتىپنىڭ ئىستىلى ۋە ئالاقىسىدا؛ دىن، ھايات، كائىنات، ئىنسان، شەخس ۋە جەمئىيەتكە قارىتا كۆز قارىشىدا مۇجەسسەملەشكەن ئەقىدە، ئۇقۇم، ئەدەپ-ئەخلاق ۋەئۆرپ ئادەتلەرنىڭ يىغىندىسى. مانا مۇشۇ ئامىللار ئىسلام ھەزارىتىنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىنى شەكىللەندۈرىدۇ.

ئىسلام ھەزارىتىنىڭ بەش تۈرلۈك خۇسۇسىيىتى بار:

1.ئىسلام ئەقىدىسىدىنى شەكىللەنگەن ئىمانىي ھەزارەت.

2.جۇغراپىيە رايونى ياكى مۇئەييەن مىللەت ياكى تارىخى باسقۇچ بىلەن باغلىنىپ قالماي بارلىق خەلق ۋە مىللەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان خەلقئارالىق ئىنسانىي ھەزارەت. ئىسلام ھەزارىتى ئىنساننىڭ بەختى ۋە راھەت تۇرمۇشىنى ئارزۇ قىلىدىغان ئىنسانىي ھەزارەت.

3.ئىسلام ھەزارىتى ھەزارەت سوۋغىتى. ئىسلام ھەزارىتى ئىلگىرى ھەزارەت ۋە مەدەنىيەتلەردىن پايدىلاندى. ئىلىم-پەن،مەرىپەت ۋە يۇقىرى ئىنسانىي سەنئەت سوۋغاتلارنى سۇندى. ياخشىلىق، ئادالەت،باراۋەرلىك، پەزىلەت ۋە گۈزەللىك قىممەت -قاراشلىرىنى تەقدىم قىلدى.

4.روھى تەرەپ بىلەن ماددى تەرەپنى بىرلەشتۈرگەن ئوتتۇراھال تەڭپۇڭ ھەزارەت.

5.يەر شارى مەۋجۇتلا بولىدىكەن مۇنقەرز  بولمايدىغانۋە يوقالمايدىغان ھەزارەت. بۇ ھەزارەت مەۋجۇتلۇقىنى ئىسلام دىنىدىن ئالىدۇ. ئاللاھ ئىسلام دىنىنىڭ بىرىنچى مەنبەسى قۇرئاننى قىيامەتكىچە ئۆزۈم قوغدايمەن دەپ ۋەدە بەردى. مۇسۇلمانلار ئاجىزلاپ كەتسىمۇ، ئىسلام ئاجىزلاپ قالمايدۇ، تەسىرى چېكىنمەيدۇ. دېمەك،  ئىسلام ھەزارىتى دائىم نۇر چېچىپ تۇرىدىغان، باسقۇچلىرى يېڭىلىنىپ داۋاملىشىپ تۇرىدىغان ھەزارەت.

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @# c2 \9 u; k, B; M+ T$ M7 N

ئىسلام ھەزارىتىنىڭ قىممەت-قاراشلىرى تۆۋەندىكىچە:

1.ئىنساننىڭ تەبىئىتىگە ئۇيغۇن ئەقىدە ۋەزىپىسى.

2.تەرەققىياتقا ئۈندەيدىغان ئىبادەت ۋەزىپىسى.

3.ۋەھىي بىلەن ھىدايەت تاپقان ئەقىل ۋەزىپىسى.

4.ئىمان بىلەن باغلانغان ئىلىم-پەن ۋەزىپىسى.

5.خىزمەت ۋە ئەمەلگە چېتىلغان ئىمان ۋەزىپىسى.

6.تەشۋىقاتقا باغلانغان ئەمەل ۋەزىپىسى.

7.ئاخىرەتكە ئاساس سالىدىغان دۇنيالىق ۋەزىپىسى.

8.روھ بىلەن تەمىنلەنگەن جىسىم ۋەزىپىسى.

9.ھەقىقەتنى مۇداپىئە قىلىدىغان كۈچ- قۇۋۋەت ۋەزىپىسى.

10.ياخشى ئادەملەرگە كۆپ ھالال مال ۋەزىپىسى.

11.مەجبۇرىيەتلىرى بىلەن باراۋەر ھوقۇق ۋەزىپىسى.

12.پەزىلەتكە خىزمەت قىلىدىغان ئەركىنلىك ۋەزىپىسى.

13.ئىنساننى تەرەققى قىلدۇرىدىغان ئەخلاق ۋەزىپىسى.

14.ئائىلە ۋە جەمئىيەت بىلەن ئىنتىزامغا سېلىنغان يەككە شەخس ۋەزىپىسى.

15.كىشىلەرگە تاجاۋۇز قىلمايدىغان جەمئىيەت ۋەزىپىسى.

16.دۇنياغا ئېچىلغان ئۇممەت ۋەزىپىسى.

17.دىننى بەربا قىلىدىغان دۆلەت ۋەزىپىسى.

18.مەنپەئەتلەرنى قولغا كەلتۈرىدىغان شەرىئەت ۋەزىپىسى.

19.ياخشىلىقبىلەن كۈچلەنگەن ئادالەت ۋەزىپىسى.

20.ئېسىل قىممەت قاراشقا ئېسىلغان سەنئەت ۋەزىپىسىدىن ئىبارەت.

مانا بۇلار ئىسلام ھەزارىتىنىڭ قىممەت قاراشلىرى.

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @" S; T3 t" T4 m  Z! b5 O; h

(3)

ئىسلام ھەزارىتىنىڭ خۇسۇسىيىتى


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 p4 r8 F2 v3 ?

ئىسلام ھەزارىتىنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى:نەقىلبىلەن ئەقىلنى، ئوتتۇراھاللىق بىلەن مۆتىدىللىكىنى، ئومۇملۇق بىلەن تەڭپۇڭلۇقنى،رېئاللىق بىلەن ئېنىقلىقنى، مۇقىملىق بىلەن ئېلاستىكىلىقنى بىرلەشتۈرگەن.(ئىسلام ئىدىيىسىدىكى تەپەككۇر ئۆلچىمى) ناملىق ماقالىگە قاراڭ.

ئىسلام ئىنسانىيەتكە مۆتىدىل ۋە مۇكەممەللىشىش بىلەن ئالاھىدە بولغان مېتودنى تەقدىم قىلالايدىغان بىردىن بىر دىن.

مۆتىدىللىك=تەڭپۇڭلۇق:چېكىدىن ئاشۇرۇۋېتىش بىلەن سەل قاراشنىڭ ئوتتۇرىدا تۇرۇش دېگەنلىك بولىدۇ.بۇ ئىككى ئىللەتتىن ئىسلامدىن باشقا ھېچقانداق مېتود سالامەت بولالمىغان. قۇرئان كىرىم تەڭپۇڭلۇقنى«توغرا يول» دەپ سۈپەتلىگەن.

تۆۋەندە«مۆتىدىللىك ۋە تاكامۇللۇق» خۇسۇسىيىتىنى قىسقىچە ئىزاھلايمەن:


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @9 P$ E: Z" k4 v+ `$ w

1.ئىسلامنىڭ ئوتتۇراھال ۋە تەڭپۇڭلۇق ۋەزىپىسى:

مەنبەسى ئىلاھي خۇسۇسىيەت بىلەن ئىدىيىسى ئىنسانىي خۇسۇسىيەت ئارىسىدا،

ۋەھىي بىلەن ئەقىل ئارىسىدا،

روھ بىلەن ماددا ئارىسىدا،

دۇنيا بىلەن ئاخىرەت ئارىسىدا،

يەككىلىك بىلەن كوللېكتىپ ئارىسىدا،

نەمۇنىلىك بىلەن رېئاللىق ئارىسىدا،

ئۆتمۈش بىلەن كەلگۈسى ئارىسىدا،

مەسئۇلىيەتبىلەن ئەركىنلىك ئارىسىدا،

دەلىلگەئەگىشىش بىلەن ئىجادىيەت ئارىسىدا،،

مەجبۇرىيەتبىلەن ھوقۇق ئارىسىدا،

مۇقىملىق بىلەن ئۆزگىرىش ئارىسىدا،

ئۆزىنى ئەزىز تۇتۇش بىلەن كەڭ قورساق بولۇش ئوتتۇرىسىدا ئادىل ئۆلچەم قويىدۇ.

مۇشۇ تەڭپۇڭلۇق، مۆتىدىللىك ۋە ئوتتۇراھاللىق بىلەن مۇسۇلمانلار ئۇممىتى باشقا مىللەتلەردىن ئالاھىدە. بۇ مۆتىدىللىك ۋە ئوتتۇراھاللىق ئىسلام ھەزارەت يۆنىلىشىدە ئېنىق كۆرۈنىدۇ.


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @' L+ h+ E8 s( w& v4 b

2.ئىسلامنىڭ بىر بىرىنى تولۇقلاش خۇسۇسىيىتى:

تاكامۇللۇقتىن مەقسەت: ئىنساننىڭ زېمىننى گۈللەندۈرۈش ۋە ئىبادەت قىلىشتىكى ۋەزىپىسىنى تولۇق ئىجرا قىلىشى ئۈچۈن بىر بىرىنى تولۇقلايدىغان ۋە بىر بىرىدىن بىھاجەت بولالمايدىغان ئىشلارنىڭ بىرلىشىشى مەقسەت.

مەسىلەن:

ئىلىم-پەن بىلەن ئىمان ئارىسىدا،

ھەقىقەت بىلەن كۈچ-قۇۋۋەت ئارىسىدا،

ئەقىدە بىلەن ئەمەل ئارىسىدا،

دەۋەت بىلەن دۆلەت ئارىسىدا،

تەربىيە بىلەن قانۇن ئارىسىدا،

ئىمان تۈرتكىسى بىلەن سۇلتان تۈرتكىسى ئارىسىدا،

ھەربى كۈچ بىلەن مەنىۋى روھ ئارىسىدا،

ماددى ئىجادىيەت بىلەن مەنىۋى روھ ئارىسىدىكى بىرلىشىش ۋە تاكامۇللۇقتىن ئىبارەت.

چۈنكى ئىسلام پەلسەپىسىدە ئىلىم-پەن ئىمانغا زىت ئەمەس، ھەقىقەت كۈچ- قۇۋۋەتكە زىت ئەمەس،ئەقىدە ئەمەلگە ۋە تەربىيە قانۇنغا زىت ئەمەس. بۇ ئۇقۇملار بىر بىرىنى تولۇقلايدۇ،بىر بىرىدىن ئايرىلالمايدۇ. ئىسلام تەلەپ قىلىۋاتقان ھايات مۇشۇ ئىشلار بىرلەشمىسە توغرا بولمايدۇ ۋە مۇكەممەللەشمەيدۇ.

ئاللاھ يولغا قويغان ھايات مېتودى «ئىسلامدىنى» ئىنساننىڭ جىسمانىي، ئەقلى ۋەروھىنى قاندۇرۇشقا كۆڭۈل بۆلىدۇ. ئىنساننىڭ يەككە ھالىتى، ئائىلە ۋە جەمئىيەت ئەزاسى بولسۇن ياكى دۆلەت ۋەتەندىشى بولغان بارلىق ئەھۋاللىرىدا بولسۇن ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئىنساننىڭ ئۆسمۈرلۈك، ياشلىق، قېرىلىق ھالىتى، ئەر ياكى ئايال، باي ياكى كەمبەغەل، ھاكىم ياكى پۇقرالىق باسقۇچلىرىنىڭ ھەممىسىدە كۆرسەتمە  بېرىپ تۇرىدۇ.


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @( W2 z" J: f3 v/ \بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @3 d; [7 [. H4 m' \. n( f: W5 h+ `

3. ئىسلام دىنىدا ئىلىم-پەن بىلەن ئىمان بىر بىرىنى تولۇقلايدۇ:

ئىسلام دىنىدا ئىلىم- پەن بىلەن ئىماننىڭ مۇكەممەشلەنكەنلىكى بىر بىرىنى تولۇقلايدىغان مەيدانلارنىڭ مۇھىملىرىنىڭ بىرى. ئىسلام دىنىدا ئىلىم- پەن بىلەن ئىمان تەڭ خىزمەت قىلىدۇ، ھەمكارلىشىدۇ ۋە بىر بىرىنى تولۇقلايدۇ. ئىلىم-پەن، تەرەققىيات ۋە گۈللىنىشكە چاقىرىق قىلىش بىلەن ئىسلام دىنىنىڭ ئىچى سىقىلىپ قالمايدۇ، بەلكى قارىشى ئالىدۇ، ئالقىشلايدۇ ۋە تەشەببۇس قىلىدۇ.

ئىسلام دىنى ئىنساننىڭ ھاياتىنى ئاسانلاشتۇرۇپ، ئەقلى ۋە جىسمانىي كۈچىنى ئاياپ قالىدىغان ئىلمىي تەرەققىيات ۋە پايدىلىق تېخنىكىنى مۇسۇلمان شەخسكە قارىتا ئىبادەت دەپ قارايدۇ. مۇسۇلماننىڭ ھاياتىنى ئاسانلاشتۇرىدىغان ۋە مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان پايدىلىق تېخنىكىلارنى ئىجات قىلىش ئىسلام پەلسەپىسىدە «پەرز كۇپايە» دەپ قارىلىدۇ. ناۋادا ھەر جەمئىيەتتىكى بىر بۆلەك مۇسۇلمانلار مۇسۇلمان جەمئىيىتىنىڭ تۈرلۈك ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، مۇشۇ ئىشلارنىڭ ھۆددىسىدىن چىقمىسا جەمئىيەتنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ ئالدىدا شۇ سەۋەبلىك گۇناھكار ھېسابلىنىدۇ.

ئىسلام دىنى بىرىنچى قېتىم چۈشكەن ئايەتلىرى ئارقىلىق ئەقىلنى ھۆرمەتلىدى، تەپەككۇر قىلىش، ئىزدىنىش ۋە تەتقىق قىلىشقا چاقىردى. بىلىم- مەرىپەت ئۆگىنىشكە قىزىقتۇردى، ئالىملار ۋە ئەقىل ئىگىلىرىنى قوللاپ قۇۋۋەتلىدى. قاتماللىق، نادانلىق ۋە ئاڭسىزلىققا قاتتىق ھۇجۇم قوزغىدى. ئوقۇش، يېزىقچىلىق ۋەقەلەمنى ئالقىشلىدى.

ئىسلامدىكى بىلىم-مەرىپەت ئىمان ئۇقۇمى ئاساسىدا مەيدانغا كېلىدۇ. ئىمان ئاساسىدا ئوقۇش بىلىم-مەرىپەتنىڭ ئاچقۇچى. ئىمان پەلسەپىسى روھى بىلەن ئوقۇش كىشىلەرگە ياخشىلىق ۋە بەرىكەت ياغدۇرىدۇ.

ئىسلام دىنى كۆزۈڭنى يۇمۇپ تۇرۇپ ئىمان كەلتۈر دېمەيدۇ. تەقۋالىق ياكى نادانلىقنىڭ بىرىنى تاللا دېمەيدۇ. يەنى مۇسۇلمان بولۇپمۇ مۇتەپەككۇر، پروفېسسور، مۇتەخەسسىس ۋە ئىنژېنېر بولغىلى بولىدۇ. ئىسلامدا ئەقىل نەقىلنىڭ ئاساسىي. ئەقىل ئارقىلىق ئاللاھنىڭ بارلىقى، ۋەھىينىڭ راستلىقى، پەيغەمبەرلىكنىڭ ھەقلىقى ۋە قۇرئاننىڭ مۆجىزلىرى ئىسپاتلانغان.

ئوتتۇرا ئەسىرلەردە چېركاۋ تارىخىدا ئەقىل ۋەھىيگە زىت، ئىلىم-پەن دىننىڭ دۈشمىنى، ئىدىيەئىماننىڭ خۇسۇمەتچىسى ۋە شەرىئەت ھېكمەت(پەلسەپە)نىڭ قارشىسىدا بولغان بولسا،ئىسلام دىنىدا بۇ خىل مۇشكۈل ۋە قىيىنچىلىق مەۋجۇت ئەمەس. ئىسلامدا ئەقىل بىلەن ۋەھىي ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنىڭ تەسىرى بولۇپ، بىر بىرى بىلەن زىتلاشمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ۋەھىي ئەقىلنى ئۇلۇغلاپ، ئەقىلدىن پايدىلىنىشقا تەشەببۇس قىلىپ چۈشتى. ئەقىل ۋەھىينىڭ راستچىللىقىنىڭ پاكىتى ۋە ۋەھىينى چۈشىنىشنىڭ ۋاستىسى.

شۇ سەۋەبتىن ئىسلام ئالىملىرى: توغرا نەقىل بىلەن كەسكىن ئەقلى يەكۈن ئارىلىقىدا زىتلىق مەۋجۇت ئەمەس. بەزى كىشىلەر زىت دەپ قاراپ قالسا، ئەقىل ياكى نەقىلدىكى نەرسىنى خاتا چۈشىنىشتىن كېلىپ چىققان دەپ مۇقەررەرلەشتۈرگەن.

مانا قۇرئان كىرىم زېمىنغا چۈشكەن 1400 يىلدىن بۇيان بىرەر ئايەت كەسكىن ئىلمىي ھەقىقەتكە زىتلىشىپ قالمىدى، مانا بۇ قۇرئان كىرىمنىڭ مۆجىزلىكىنىڭ دەلىل پاكىتى.

قۇرئان كىرىم -كۆرسەتمىلىرى ئارقىلىق- خۇراپاتنى ئىنكار قىلىدىغان، گۇمانغا ئەگىشىشنى رەت قىلىدىغان، دورامچىلىق ۋە يات ئىدىيىگە تەۋە ياشاشنى قوبۇل كۆرمەيدىغان، ئەقلى پاكىت ۋە نەقلى ھۆججەتكە ئىشىنىدىغان، ماددى نەرسىلەردە تەجرىبە ۋە مۇلاھىزىگە تايىنىدىغان، ئەقىلنى كائىناتنى تەپەككۇر قىلىپ پايدىلىنىش ۋە تارىختىن ئىبرەت ئېلىش ئۈچۈن ئىنسانغا بېرىلگەن ئۇلۇغ نېمەت دەپ قارايدىغان «ئىلمىي ئەقىل»نىيېتىشتۈرۈپ چىقىدۇ.

قۇرئان كىرىم كۆپلىگەن ئايەتلىرىدە ئالىملارنى قوللاپ قۇۋۋەتلىگەن: «بىلىدىغانلار بىلەن بىلمەيدىغانلار باراۋەر بولامدۇ؟پەقەت (ساغلام) ئەقىل ئىگىلىرى ئىبرەت ئالىدۇ»(زۇمەر، 9-ئايەت). ئاللاھدىن بەك قورقىدىغانلار ئالىملار دەپ كۆرسەتكەن:«شۇنىڭدەك ئىنسانلارنى، ھايۋانلارنى،چاھارپايلارنىمۇ خىلمۇ خىل رەڭلىك قىلىپ ياراتتى، ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ئىچىدە ئاللاھدىن پەقەت ئالىملارلا قورقىدۇ» (فاتىر سۈرىسى، 28-ئايەت).

ئاسمان، سۈ،تاغ، ھايۋان ۋە ئىنسانلاردىن كېيىن ئالىملارنى بايان قىلغان. دېمەك، قۇرئان كىرىم قەدىرلەيدىغان ۋە ھۆرمەتلەيدىغان ئالىملار ھەر ساھە ئالىملىرى. شەرئى بىلىملەردە ۋە  كائىنات پەنلىرىدە راۋۇرۇس يېتىشكەن ئالىملاردۇر.

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @& v, N( G: [0 J: P6 N# F6 d

(4)

ئىلىم- پەن ۋە ئىمان ھەزارىتى


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @9 ]4 T  a6 c8 `" z# F

يۇقىرىقى قىممەت قاراش ۋە چۈشەنچىلەر ئاساسىدا ئىسلام ھەزارىتىنىڭ ساھەسىدە بۈيۈك ئىلمىي ئويغىنىش شەكىللەنگەن. مۇسۇلمانلار بۇرۇنقىلارنىڭ ماتېماتىكا ۋە ئىلىم- پەنگەئالاقىدار كىتابلىرىنى تەرجىمە قىلىپ پايدىلانغان. ئۇ كىتابلارنى تۈزىتىپ،شەرھىلەپ ۋە مۇھىم نۇقتىلارنى قوشقان. ئالگېبراغا،جۇغراپىيە، خېمىيە، گېئولوگىيە ۋە ئىلمىي مېتود... گە ئوخشاش پەنلەرنى ئىجات قىلغان. «ئومۇميۈزلۈك تەتقىق» ۋە «تەجرىبە مېتودى» نى كەشىپ قىلىپ، ھاياتنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىدە ئەمەلىي تەتبىقلىغان.«ئومۇميۈزلۈك تەتقىق» ۋە «تەجرىبە مېتودى»دىن غەرب دۇنياسى پايدىلىنىپ يېڭى غەرب ھەزارىتىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. مانا بۇ غەربلىك ئىنساپلىق ئالىملار گۇۋاھلىق بەرگەن ئىسلام ھەزارىتىنىڭ ياخشىلىق تەرەپلىرىنىڭ بىر قىسمى.

غەرب دۇنياسى 17-ئەسىرگە قەدەر نادانلىق ۋە زۇلمەتتە ياشاۋاتقان ۋاقتىدا ئىسلام ھەزارىتى شۇ كۈنلەردە دۇنيادىكى بىردىن بىر يەككە-يىگانە ھەزارەت ئىدى. باغداد، قاھىرە، دەمەشىق، قۇرتىبە ۋە ئىسپانىيەدىكى ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتلىرى دۇنيانىڭ ھەممە جايلىرىدىن ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىدىغان ئىسلام دۇنياسىدىكى چوڭ ئۇنىۋېرسىتېتلار ئىدى. ئىسلام ئىلىم- پەنگە چاقىرىق قىلىش ئارقىلىق ھەزارەت ئەربابلىرىنى، ئىلىم- پەن يېتەكچىلىرىنى، دۇنيا ئۇستازلىرىنى ۋە كاتتا ئالىملارنى يېتىشتۈرۈپ چىقارغان.

دۇنيادىكى مېدىتسىنا، دورىگەرلىك، ئاسترونومىيە، نۇر ئىلىمى(ئوپتىكا) خېمىيە، ماتېماتىكا ۋەجۇغراپىيە... پەنلەردىكى ئىلمىي مەنبەلەر ئىسلامچە مەنبەلەر ئىدى. خاۋارىزمى،بەيرۇنى، ئىبنى ھەيسەم، ئىبنى ھەييان، ئىبنى نەپىس، ئىبنى بەيتار...غا ئوخشاش ئالىملارنىڭ ئىسىملىرى ئىلىم-پەن ساھەسىدە چاقناپ تۇرغان مەشھۇر ئىسىملار ئىدى. مەسىلەن،  ئىبنى سىنانىڭ«قانۇن»، رازىنىڭ«ھاۋى»، ئىبنى رۇشدىنىڭ «كۇللىيات»، زەھراۋىنىڭ« تەسرىپ» ناملىق كىتابلىرى بىر قانچە ئەسىر دۇنياغا ئىلمىي مەنبە بولۇپ كەلگەن.

فارابى،كىندى، ئىبنى باجە، ئىبنى تۇفەيل، ئىبنى مىسكەۋىي، ئىبنى تەيمىيە ۋە ئىبنى خەلدۇن...غا ئوخشاش ئالىملار «دىن ۋە شەرىئەت»پەنلىرىدىن سىرت پەلسەپە، تەبىئىي پەن ۋە ئىجتىمائىي پەنلەردە يېتىشكەن ئالىملار ئىدى.

ئىسلام دۇنياسىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ تۈرلۈك شەھەرلىرى بۇ كاتتا ئىلمىي ئويغىنىشقا قۇچاق ئاچقان. بۇ ئويغىنىشنىڭ ماددى تەسىرلىرى مەسچىت، مەدرىسە، ئوردا، قەلئە،دوختۇرخانا ۋە ھاياتنىڭ تۈرلۈك تەرەپلىرىدە نامايان بولغان.

بۇ ھەزارەتنىڭ مەنىۋى تەرىپى مۇسۇلمانلارنىڭ ئاللاھ بىلەن بولغان ئالاقىسى، ناماز،روزا، زاكاتلىرىدا، پوند جەمئىيەتلىرى، ئىنسانپەرۋەرلىكى، ئەخلاقى، ۋە جەڭلىرىدە  نامايان بولغان.

مۇسۇلمانلارنىڭ ھەزارىتى ھەممە نەرسىنى ئاللاھغا باغلايدىغان ئىلاھىي ۋەھىي ھەزارىتى ئىدى. يەنە بىرتەرەپتىن ئىنساننىڭ پايدىسى ۋە بەخت-سائادىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ئىنسانىي ھەزارەت ئىدى. شۇنداقلا ئىنساننىڭ ھۆرمىتى،ھوقۇقى، خاراكتېرى ۋە ئەركىنلىكىگە ئەھمىيەت بېرەتتى. بۇ ھەزارەت ئىلىم-پەن،ئىقتىساد، سىياسەت ۋە جەڭنى ئەخلاقتىن ئايرىلمايدىغان ئەخلاق ھەزارىتى ئىدى.

مۇشۇنداق ھەزارەتنى ياراتقان مۇسۇلمانلار يەنە يېڭىدىن ھەزارەت يارىتىشقا ئەلۋەتتە قادىر.چۈنكى ھەزارەتنىڭ بارلىق قىممەت-قاراشلىرى ۋە سەۋەبلىرى ئىسلام دىنىدا ئەينەن بار. مۇسۇلمانلار غەرب ھەزارىتىنىڭ ئىلىم-پەن، تېخنىكا، ئىدارە تۈزۈمى ۋە باشقا پايدىلىق تەرەپلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئۇنىڭغا ئىمان ۋەئەخلاق قىممەت قاراشلىرىنى قوشۇپ، ھايات سەپىرىنى ۋەھىي كۆرسەتمىلىرى بىلەن ئۆلچەملەشتۈرۈپ ھەزارەت يارىتىشقا قادىر.

روھ بىلەن ماددا بىرلەشكەندە، دۇنيا بىلەن ئاخىرەت ئۇلاشقاندا، تەرەققىيات بىلەن ئەخلاق باغلانغاندا، ئىلىم-پەن بىلەن ھەزارەت بىرلەشكەندە ئىسلام ھەزارىتى ھازىرقى غەرب ھەزارىتىنىڭ كەمچىل تەرىپىنى تولۇقلايدۇ، بوشلۇق ئورۇنلىرىنى تولدۇرىدۇ.

ئىنسان ئىمانغا تايانماي يالغۇز ئىلىم-پەن بىلەن ياشىيالمايدۇ، چۈنكى ئەقىل ۋە ئىلىم-پەننىڭ ھالقىپ كېتەلمەيدىغان مەيدانى بار. مەۋجۇدىيەت سىرلىرى ۋە ھايات غايىلىرى،كائىناتنىڭ باشلىنىشى ۋە ئاقىۋىتىگە ئالاقىدار مەسىلىلەرنى ئەقىل ئۆزىگە تايىنىپ ھەل قىلالمايدۇ.

بۇمەسىلىلەرنى بىلىش ئۈچۈن  ئىلاھىي ۋەھىي ۋەئىمانغا تايىنىش لازىم. پەقەت ئىمان بۈيۈك مەۋجۇدىيەت مەسىلىلىرىنى توغرا ئىزاھلاپ بېرىدۇ، ئىنساننى ياراتقۇچى بىلەن باغلايدۇ، ئىنساننىڭ ھاياتىغا نىشان ۋە غايە بەلگىلەپ بېرىدۇ. ئىنسانغا روھى خاتىرجەملىك ۋە كۆڭۈل ئازادچىلىقىنى ئاتا قىلىدۇ. ئىمان يول كۆرسىتىپ بېرىدىغان يېتەكلىگۈچى كۈچ- قۇۋۋەت، ياخشىلىققا ئىتتەرگۈچى تۈرتكە كۈچ-قۇۋۋىتى، يامانلىقتىن توسقۇچى ئىنتىزامغا سالغۇچى كۈچ-قۇۋۋىتى ۋە ئىماننى توغرا يول بىلەن بىرلەشتۈرىدىغان كۈچ قۇۋۋەتتىن ئىبارەت.

ئىسلامنىڭ ئاچقۇچى بىلىم- مەرىپەت ۋە چۈشەنچ بولسا، ئىسلامنىڭ جەۋھىرى ئىمان، ئىماننىڭ جەۋھىرى تەۋھىد ئېتىقادى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىنسان ۋە ھاياتلىقتا بارلىق ئۇسۇل-چارىلەر بىلەن ئىمانىنى يېڭىلىشى كېرەك. ئىمان ھايات سەپىرىدىكى ۋەزىپىمىزنى ئادا قىلىشقا تۈرتكە بولىدىغان مەنىۋى كۈچ- قۇۋۋىتىمىز. ئىمان دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بەخىتلىك بولۇشنىڭ يولى.ئىنسانغا كۆڭۈل خاتىرجەملىكى ۋە بەخت روھىنى ئاتا قىلالايدۇ. ھەقىقى ئىمان ئىنسانىيەتنىڭ قۇتۇلۇش يولى ۋە قۇتقۇزۇش كېمىسى.

مانا بۇ ئىسلام ھەزارىتىنىڭ يۆلىنىشى ۋە كۆرسەتمىسى. مۇسۇلمانلار ئۇيقۇسىدىن ئويغىنىپ،مۇشۇ كۆرسەتمىلەرنى پارچىلىۋەتمەي ۋە زىتلاشتۇرماي تۇتۇپ ماڭسا، قىممەت قاراشقا ۋە ھەزارەت يارىتىش شەرتلىرىگە ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن يەنە پارلاق ھەزارەت يارىتالىشىدا شەك يوق. مەسىلە، ئىسلام ئىدىيىسىنى ئەسلى مەنبەسىدىن توغرا چۈشىنىپ ۋە ھەزارەت قىممەت-قارىشىنى ئۆزلەشتۈرۈپ، ھەرىكەت قىلىشتا قېلىپ قالدى.


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @* w9 y$ T) \  Z1 R1 J5 ]

ئابدۇراخمان جامال كاشىغەرى

(دوكتۇرئاسپىرانتى)

2014-5- 28 كۈنى

قاھىرەشەھىرى، مىسىر.

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @, q, z4 N! D9 c; o
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kashgari تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-3 07:43 AM  بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @3 n7 {. \. B7 f5 ~
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @4 [3 [/ [# p7 R  X' G* i

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
kulak + 10 قالتىس...

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78611
يازما سانى: 1394
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6221
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 460 سائەت
تىزىم: 2012-4-10
ئاخىرقى: 2014-7-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-3 04:24:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىلىم ئىلىش كېرەك

بېيجىڭ جىلى ئونۋىرسستىتى ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىدۇ.تەپسىلاتى بۇ يەردە ،بۇيەرنى بىسىڭ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19032
يازما سانى: 515
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8220
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 664 سائەت
تىزىم: 2010-11-25
ئاخىرقى: 2014-7-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-3 11:15:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇستازىمىزنىڭ يەنە بىر مىۋىسىگە ئىغىز تىگىشكە مۇۋەپپەق بوپتۇق .ئاللاھ ئىلمىڭىزنى بەرىكەتلىك ۋە مەنپەئەتلىك قىلسۇن !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100211
يازما سانى: 746
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2294
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 612 سائەت
تىزىم: 2013-11-28
ئاخىرقى: 2014-7-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-3 11:30:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ئېسىل پايدىلىق يازما بوپتۇ،،،ئۇستازنىڭ ئەجرىگە ئاپىرىن

گۈل ئۈزەي دېگەنتىم سانجىلدى تىكەن
تىكەنلىك بولاركەن ئەسلى گۈل دېگەن.
ئارقىمغا يانغانتىم دېدى گۈل كۈلۈپ،
تىكەندىن قورققانغا گۈل قەيەردىكەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98621
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 62
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 13 سائەت
تىزىم: 2013-10-11
ئاخىرقى: 2014-7-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-4 11:58:45 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئېسىل تېمىكەن .ئۇستازغا ئاللاھ رەخمەت قىلسۇن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105979
يازما سانى: 108
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 345
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 182 سائەت
تىزىم: 2014-4-13
ئاخىرقى: 2014-7-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-4 07:33:09 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇستازنىڭ   تېمىسىغا رەھمەت   ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83960
يازما سانى: 673
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4316
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 662 سائەت
تىزىم: 2012-8-15
ئاخىرقى: 2014-7-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-7 04:57:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىسىل  تىما بوپتۇ  ...........           

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش