شاھزادە چارلىس پۇتىننى گىتلېرگە ئوخشاتتى
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلدى
لوندون مېترو گېزىتىنىڭ 23- ماي خەۋرى
Joel Taylor
روسىي ھوكۇمىتى بىرتانىيە شاھزادىسى چارلىسنىڭ پۇتىننى گىتلېرگە ئوخشۇتۇپ مەسخىرە قىلغانلىغا قاتتىق نارازلىق بىلدۇردى.
روسىيە ھوكۇمىتى بىرتانىيە ۋەلىس كىنىزلىكىنىڭ شاھزادىسى چارلىسنىڭ ۋىلادىمىر پۇتىننى ئادلوف گىتلېرگە ئوخشاتقانلىغىغا چۇشەنچە بېرىشنى تلەپ قىلدى. روسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىگى بۇ ئىشقا قاتتىق نارازى بولۇپ، بۇ قىلمىشنى " ھەددىدىن ئاشقانلىق، شەرەپسىزلىك ۋە قەتتىي قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ" دەپ ئەيىپلەپ، "روسىيە مۇندىن كېيىن بىرىتانىيە پادىشاھلىقىنى ھۆرمەت قىلمايدۇ" دەپ ئىپادە بىلدۇردى.
بۇ ئىشقا قارىتا روسىيە تەرەپتىن بىلدۇرۇلگەن كۇچلۇك نارازلىقلارنىڭ بىرى بولسا روسىيەنىڭ بۇيۇك بىرتانىيەدە تورۇشلۇق بىر دىپلوماتىدن كەلگەن بولۇپ، ئۇ بۇ ئىشقا قارىتا بۇيۇك بىرتانىيەنىڭ رەسمى چۇشەنچە بېرىشىنى تەلەپ قىلغان. ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا روسىيەنىڭ سۆزچىسى ئالېكساندىر لۇكاشىۋېچ مۇنداق دىدى "مۇنداق بىر سەزگۇر خەلقارالىق مەسىلىدە غەرىپ مېدىياسى بىرىتانىيە خان جەمەتىنى كوزۇر قىلىپ روسىيەگە قارشى تەشۋىقات ئېلىپ باردى".
بۇ جەدەل ئەسلى شاھزادە چارلىس كانادالىق بىر يەھۇدى ئايالنىڭ ئائىلىسىنىڭ 2- دۇنيا ئۇرشىدا ناسىس گېرمانىيەسىدىن قانداق قىلىپ قېچىپ كەتكەنلىگى توغرسىدا پاراڭلاشقاندا روسىيە پرېزىدېنتى پۇتىننى گېتلىرگە ئوخشاتقانلىغى بىلەن باشلانغان ئىدى. ئەمما بۇ خىلدىكى ئوخشۇتۇش روسىيە فېدىراتسىيەسى ئۇچۇن ناھايىتى سەزگۇر مەسىلە بولۇپ، روسىيە گېتلىر گېرمانىيەسى بىلەن بولغان ئۇرۇشتا ناھايىتى كوپ بەدەل تولىگەن ئىدى. (تارىخىي سانلىق مەلۇماتلارنىڭ كۆرسىتىىشىچە سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپتىن 2- دۇنيا ئۇرشىدا تەخمىنەن 22 مىللىيۇندىن ئارتۇق ئادەم ئۆلگەن - تەرجىماندىن).
شاھزادە چارلىس بۇ يىل - ئىيۇن "نورماندىيەدىن قورۇقلۇققا چىقىش ئۇرۇشى" نىڭ 70 يىللىق خاتىرە كۇنىدە (70th anniversary of Normandy's landings) پرېزىدېنت پۇتىن بىلەن كۆرۇشىدۇ. بۇيۇك بىرتانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىگى سىئان ماكلئود بۇ ئىش مۇناسىۋىتى بىلەن روسىيەنىڭ بىرتانىيەدىكى باش ئەلچىسى ئالېكساندىر كرامارىن بىلەن سۆزلىشىدۇ. ئەمما ئۇ (سىئان ماكلئود - ئايال) مۇنداق دىدى "بىز خۇسۇسىي سورۇنلاردا بولۇنغان سۆھبەتلەر توغرسىدا باھا بەرمەيمىز بەلكى بىز ئۇكرائىنيە ۋەزىيىتى توغرسىدا سۆزلىشىمىز". بۇيۇك بىرتانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىگى مۇنداق بايانات ئېلان قىلدى "بۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرىدا ئۇكرائىنىيە خەلقى تارىخىدىكى ئەڭ مۇھىم بولغان بىر سايلام ئېلىپ بارىدۇ. بۇيۇك بىرتانىيە ھوكۇمىتى روسىيەنى پۇتۇن دۇنيانىڭ ئەيىپلىشىگە ئۇچۇراۋاتقان ھەركەتلىرىنى توختىتىشقا يەنى ئۇكرائىنىيە چىگراسىدىن ئەسكەرلىرىنى چېكىندۇرىشكە، ئۇكرائىنىيەدە مۇقۇمسىزلىق پەيدا قىلماسلىققا چاقىرىدۇ".
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەلكۇيى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-3 06:21 AM