مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 909|ئىنكاس: 8

بالىلار ئۇيقۇسىغا قانمىسا قان شېكىرى ئۆرلەپ قالىدۇ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106374
يازما سانى: 37
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 463
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 209 سائەت
تىزىم: 2014-4-24
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-2 05:24:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بالىلار ئۇيقۇسىغا قانمىسا قان شېكىرى ئۆرلەپ قالىدۇ





  كۆپلىگەن كىشى قان شېكىرىنىڭ ئۆرلەپ قېلىشىنى دىيابېت كېسىلىنىڭ ئالامىتى ھەمدە بۇ خىل كېسەللىك قۇرامىغا يەتكەنلەردە كۆرۈلىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ خىل قاراشنىڭ ئىلمىي ئاساسىي يوق، قان شېكىرىنىڭ ئۆرلەپ قېلىشىنى دىيابېت كېسىلىنىڭ بىر خىل كېسەللىك ئالامىتى، قان شېكىرى ئۆرلەپ قالسىلا، بۇنى دىيابېت كېسىلى، دەپ ھۆكۈم قىلىشقا بولمايدۇ. دىيابېت كېسىلى قۇرامىغا يەتكەنلەر ئارىسىدا كۆرۈلۈپلا قالماي بالىلار ئارىسىدىمۇ كۆپلەپ كۆرۈلۈۋاتىدۇ، بۇنى ئاساسلىقى بالىلارنىڭ قېنىپ ئۇخلىيالماسلىقى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

   بالىلار ئادەتتە سەككىز سائەت قېنىپ ئۇخلىشى كېرەك، ئۇخلاش ۋاقتىنىڭ قىسقا بولۇشى قان شېكىرىنىڭ ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا ئاتا-ئانىلار بالىلاردا ياخشى تۇرمۇش ئادىتى ھەم يېمەك-ئىچمەك ئادىتىنى يېتىلدۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ساغلاملىقىغا ھەر ۋاقىت كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك.



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سۈمەييە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-2 06:10 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106374
يازما سانى: 37
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 463
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 209 سائەت
تىزىم: 2014-4-24
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-2 05:25:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بوۋاقلار قەۋزىيەت بولۇپ قالسا قانداق قىلىش كېرەك؟

بوۋاقلار قەۋزىيەت بولۇپ قالسا قانداق قىلىش كېرەك؟


قەۋزىيەت بوۋاقلاردا كۆپ ئۇچرايدىغان بىر خىل كېسەللىك بولۇپ، پەيدا بولۇش سەۋەبلىرى ھەر خىل بولسىمۇ، چوڭ جەھەتتىن ئىككى تۈرگە ئايرىشقا بولىدۇ: بىرى، فۇنكسىيەلىك قەۋزىيەت بولۇپ، ياخشى پەرۋىش قىلىنسىلا ساقايتقىلى بولىدۇ؛ يەنە بىرى، تۇغما خاراكتېرلىك ئۈچەي غەيرىلىكى كەلتۈرۈپ چىقارغان قەۋزىيەت بولۇپ، تاشقى كېسەللىكلەر ئوپېراتسىيەسى ئارقىلىقلا ساقايتقىلى بولىدۇ. ئادەتتە بوۋاقلاردىكى قەۋزىيەتنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى فۇنكسىيەلىك قەۋزىيەتكە تەۋە بولۇپ، ئائىلىلەردىمۇ داۋالاپ ساقايتقىلى بولىدۇ.

1. ئوزۇقلۇقنى ئۆزگەرتىش. ئەگەر بوۋاقلاردىكى قەۋزىيەت ئوزۇقلۇقنىڭ يېتىشمەسلىكىدىن بولسا، ئوزۇقلۇق مىقدارىنى كۆپەيتىش كېرەك. ئانا سۈتىدە بېقىلىۋاتقان بوۋاقلارنى پات - پات ئېمىتىش، سۈنئىي بېقىلىۋاتقان بوۋاقلارغا بېرىلىدىغان تەڭشەلگەن سۈتنىڭ مىقدارىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

2. يېمەكلىك ئارقىلىق تالا ماددىسىنى تولۇقلاش. تالا ماددىسى (سېلليۇلوزا) ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى كۈچەيتىپ، تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ. كۆكتات ۋە مېۋىلەردىن باشقا مور (قېرىنقۇلاق)، موگۇ تۈرىدىكىلەر، سۇلۇ يارمىسى، دېڭىز قوغاژايى، لامنارىيە ۋە قۇرۇق مېۋە قاتارلىقلاردىمۇ مول تالا ماددىسى ۋە مىنېرال ماددىلار بولغاچقا، ئۇلارنى بوۋاقلارغا مۇۋاپىق مىقداردا يېگۈزسە پايدىسى بولىدۇ. ئەگەر بوۋاقلارغا تېخى قوشۇمچە يېمەكلىكلەر بېرىلمىگەن بولسا، قايناق سۇ ۋە كۆكتات سۈيىنى كۆپرەك ئىچكۈزسە بولىدۇ. ئەگەر ئانا سۈتىدە بېقىلىۋاتقان بولسا، ئانىمۇ يېمەك - ئىچمەكنى تەڭشىشى، كۆكتات، مېۋە ۋە قارا ئاشلىق يېمەكلىكىنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىشى كېرەك.

3. ئۈچەي پروبىئوتىكلىرىنى كۆپەيتىش. بوۋاقلارغا پروبىئوتىك (پايدىلىق باكتېرىيە) دورىلىرىنى بېرىش، بولۇپمۇ تەركىبىدە قوش ئاچىلىق تاياقچە باكتېرىيەسى، سۈت كىسلاتا باكتېرىيەسى، ئۈچەي شارچە باكتېرىيەسى قاتارلىق پروبىئوتىك (پايدىلىق باكتېرىيە) لەرنى تولۇقلاش كېرەك.

4. قورساقنى ئۇۋۇلاش. بوۋاقنى ئوڭدىسىغا ياتقۇزۇپ ئوڭ ئالقان بىلەن بوۋاقنىڭ قورسىقىنى سائەت ئىسترېلكىسى يۆنىلىشى بويىچە ئۇۋۇلاش ۋە ئىتتىرىش كېرەك، ئۇۋۇلىغاندا بەك كۈچىۋەتمەسلىك، كۈندە ئىككى - ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا ئون مىنۇت داۋاملاشتۇرۇش كېرەك.

5. تەرەت قىلىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش. بوۋاقلارنى ئۈچ - تۆت ئايدىن كېيىنلا قەرەللىك تەرەت قىلدۇرۇپ ئادەتلەندۈرۈش كېرەك. چۈنكى دائىم تاماقتىن كېيىن ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشى كۈچىيىپ تەرەت قىستاش تۇيغۇسى پەيدا بولىدۇ، شۇڭا تاماقتىن كېيىن بوۋاقنى تەرەت قىلدۇرۇپ، تەرەت قىلىشنىڭ شەرتلىك ئىنكاسىنى پەيدا قىلىش كېرەك.

6. مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىش. قورساق مۇسكۇلىنىڭ ھەرىكىتىنى مۇۋاپىق دەرىجىدە كۈچەيتىش قەۋزىيەتنى يوقىتىشقا پايدىلىق. مەسىلەن: ئاددىي ھالدىكى ئۆمىلەش، دومىلاش، زوڭزىيىش، بەدەننى ئالدى - ئارقىغا ئېگىش ياكى بەلنى ئايلاندۇرۇش قاتارلىقلار ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى كۈچەيتىدۇ.

7. مەقئەتنى قىسمەن غىدىقلاش. بارماقنى سوپۇن سۈيىگە ياكى بوۋاقلار مېيىغا چىلاپ بوۋاقلارنىڭ مەقئىتىنى ئۇۋۇلاپ بەرسە، مەقئەتنى غىدىقلاپ مەقئەتتىكى قورۇغۇچى مۇسكۇللارنى بوشىتىپ تەرەت ماڭدۇرۇشقا پايدىسى بولىدۇ.

8. دورا بىلەن داۋالاش. بوۋاقلار قەۋزىيەت دورىسىنى ئىشلەتسە بىرقەدەر مۇۋاپىق بولىدۇ. چۈنكى ئۇ ساپ مالتوزىدىن ياسالغان بولۇپ، مالتوزىنىڭ ئاستا - ئاستا ئېچىتىش رولى ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قەۋزىيەتنى ياخشىلايدۇ، ئەكس تەسىرى بولمايدۇ.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سۈمەييە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-2 06:09 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106090
يازما سانى: 178
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 573
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 179 سائەت
تىزىم: 2014-4-16
ئاخىرقى: 2015-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-2 06:28:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەخمەت،بىلۋېلىشقا تىگىشلىك ئشلاركەن .

ئۈمۈدلىك كەلگۈسۈم ئۈچۈن

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2483
يازما سانى: 613
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10790
تۆھپە نۇمۇرى: 367
توردا: 1439 سائەت
تىزىم: 2010-6-11
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-2 06:31:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى مەزمۇنلاركەن، تېخىمۇ كۆپرەك ئاتا-ئانىلارنىڭ بۇ تېمىدىن مەنپەئەت ئېلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن~رەھمەت!

ئائىلە پۈتكۈل جاھاندىكى ئەڭ سۆيۈملۈك جاي

سۆيۈلۈش ئۈچۈن سۆيۈش كېرەك .

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98944
يازما سانى: 1910
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5103
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1357 سائەت
تىزىم: 2013-10-24
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-2 06:43:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىرقى بالىلارنىڭ ئۇيقۇغا قانمىغانلىقتىن خۇددى گوردىن چىققان ئۆلۈكتەك چىرايى نۇرسىز يۈرگنى بىكار ئەمەسكەندە

ئاللاھ خالىسا مەن چوقۇم قىلالايمەن......!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100776
يازما سانى: 482
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1571
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 87 سائەت
تىزىم: 2013-12-12
ئاخىرقى: 2014-8-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-2 07:02:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالاممۇئەلەيكۇم قېرىنداشلار:

كىچىسى سائەت 12لەرگىچە پەقەتلا ئۇيقۇم كەلمەيدۇ،لىكىن ئەتىسى بالدۇر ئورنۇمدىن تۇرالمايمەن...ھېچ ئىش قىلماي دەم ئالغان ۋاقىتلاردىمۇ ئەتىسى سەھەر تۇراي دىسەم بىر خىل ھارغىنلىق باسىدۇ..

ھەم سەل ئۇنۇتقاق بۇلۇپ قېلىۋاتىمەن..


ئەگەر بىلىدىغانلار بولسا مەڭا قانداق قىلىش توغرۇلۇق مەسلەھەت كۆرسەتكەن بولساڭلار....

كۆپچىلىككە رەخمەت.

misken.cn بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-2 09:22:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

سىزمۇ كۈلۈڭ!!!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18699
يازما سانى: 926
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2716
تۆھپە نۇمۇرى: 452
توردا: 2035 سائەت
تىزىم: 2010-11-23
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-3 11:33:24 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنبە ؟؟؟

مۇھەببەت ۋە تىنچلىق
باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107816
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 31
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 34 سائەت
تىزىم: 2014-6-17
ئاخىرقى: 2014-6-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-22 05:44:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش