.ئەسسالام مىسرانىمدىكى تورداشلار ئالدىنقى قېتىم ئادوب شىركىتىنىڭ ئاۋاز دېتالىدا ناخشىدىكى ئادەم ئاۋازىنى يوقىتىشنى سۆزلەپ ئۆتكەن .ھازىر بۇدېتالدا ئاۋاز ئېلىش ۋە ئاۋازدىكى شاۋقۇننى يوقىتىش ھەققىدە سۆزلەپ ئۆتەي
ئادەتتىكى ئۈسكىنە بىلەن ئاۋاز ئالغاندا مۇھىت شاۋقۇنى يۇقىرى بولۇپ بەزى ئالاھىدە ئشلارغا ئىشلەتكىلى بولمايدۇ.بەزىدە يۇقىرى سۈزۈكلىكتىكى ئاۋازغا مۇھتاج بولىمىز.ئەمما ئاۋاز ئالىدىغان ئىلغار ئۈسكىنىلەر يوق.مەسىلىن ئۆزىڭىز ئوقۇغان بىرئەسەرگە مۇزىكنى ئاككوردلاشتۇرماقچى بولغاندا دېگندەك.گەپنىڭ پوس كاللىسىغاكەلسەك. قورال تەييارلىقى ئالدى بىلەن بۇ دېتالنى تەييارلاڭ.تەپسىلاتىنى ئالدىنقى يازمامدىن كۆرەلەيسىز مۇھىت تەييارلىقى ئامال بار تېنچ مۇھىتتا ئاۋازغائېلىڭ،بۇنىڭدا خىزمىتىمىز ئاسانراق بولىدۇ. ئاۋاز ئېلىش ئاسان .شاۋقۇن يوقىتىش بولسا سەل مۇرەككەپ.پرىنسىپى ،مۇھىت شاۋقۇنىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى بىلىۋېلىپ موشۇ ئالاھىدلىككەئىگە ئاۋاز لارنى يوقىتىش.
يۇمشاق دېتالنى قوزغىتىپ تىزىملىكتىن
新建 文件 نى تاللاپ يېڭى بىر ھۆججەت قۇرىمىز .بىز ئالماقچى بولغان ئاۋاز بۇ ھۆججەتكە ساقىلىنىدۇ.
بۇبولسا تېنچ مۇھىتتا ئېلىنغان مۇھىت ئاۋازى. ھېچقانداق مەزمون توق.بىزگە تېنچ تويۇلسىمۇ شاۋقۇن يەنىلا مەۋجۇت.شۇڭا كىچىك دولقۇنلارنى كۆرەلەيسىز.
ئاندىن ئورگىنالىڭىزنى ۋە مىىكروفونىڭىزنى تەييارلاڭ.تەييارلىق پۈتكەندىن كىيىن سول تەرەپ ئاستىدىكى قىزىل كونۇپكىنى بېسىپ ئاۋاز ئېلىشنى باشلاڭ.ئەۋال ئۈچ سكونت توختاپ ئاندىن باشلاڭ.ھەربىر مەزمون تۈگىگەندە يەنە ئۈچ سىكونت توختاڭ چۈنكى بۇ كىيىنكى قەدەمدىكى تەھرىرلەشكەقولايلىق بولۇش ئۈچۈن.
ئاۋاز ئېلىش ئاخرلاشقاندىن كىين، بوشلۇق كونۇپكىسى بىلەن تەكشۈرۈپ مەزموننىڭ تولۇق بولىشىغا كاپالەتلىك قىلىڭ.ئاندىن تەھرىرلەشنى باشلايمىز. ئالدى بىلەن ئاۋاز ئېلىشتىن بۇرۇنقى ئۈچ سىكونت قۇرۇق جاينى تاللاڭ.بۇ جاي قۇرۇق ئەمەس.بۇيەردە مۇھىت شاۋقۇنى بار. تىزىملىكتىكى 效果 修复 降噪器进程 نى ئېچىڭ ،
رەسىمدىكى كۆزنەك كۆرۈنگەندىن كىيىن .ئاندىن بۇجايدا 获取特征 دېگەن كونۇپكا بار.بۇ ئارقىلىق بايا تاللىغان جاينىڭ ئاۋاز ئالاھىدىلىكىگە ئېرىشكە بولىدۇ.بۇ خىل ئالاھىدىلىكنى ھۆججەت قىلىپ ساقلىۋېلىپ كىيىن ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ.باياتتىنقى ئۈچ سكونت سۈكۈت دەل مۇشۇ سان سفېرلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن.ئاندىن ئاۋز بار جاينى تاللاپ يەنە مۇشۇ كۆزنەكنى ئچىپ 载入 نى بېسىپ باياتىنقى ئالاھىدىلىك بارھۆججەتنىۋ قاچىلايمىز.ئاندىن جەزىملەشتۈرۈپ شاۋقۇننى يوقاتساق بولىدۇ ياكى باشتىلا ئاۋاز ئالاھىدىكىنى ئېلىپ بولۇپ ئاستىدىكى 波形全选 .نى بېسىپ ئاۋاز نى تاللىساق ئاندىن بىۋاستە جەزىملەشتۈرسەك بولىدۇ .ئاۋز تاللاش ئۈچۈن Ctrl + A
نى بېسىڭ،شۇنى بايقايمىزكى ئەسلى كىچىك دولقۇن بار جايلار تۈز سىزىققا ئايلانغان .دېمەك شاۋۇن يوقىدى .باشقا جايلاردىكى شاۋقۇنمۇ تەڭ يوقىدى ئەمما ئادەم ئاۋازى يوقىمىدى.بوشلۇق كونۇپكسنى بېسىپ ئاڭلاپ باقساق بولىدۇ،خېلىلا يېقىملىق بوپ قالدى.ئەمما يەنە بەزى پاكىز ئېلىنمىغان جايلا بار .مائۇسنىڭ چەمبىرىكىنى دۈگلەتسىڭىز ئاۋاز دولقۇنىنى چوڭلاتقىلى تېخىمۇ ئىنچىكە كەسكىلى بولىدۇ.
ئەمدى مۇزىكىدىكى سۈكۈتنى ۋە پاكىز بولمىغان جايلارنى كېسىپ ئېلىۋىتىمىز.ناھايىتى ئاددىي.مائۇس بىلەن تاللاپ كونۇپكا تاختىسىدىكى Ctrl + X بېسىپ كەسسىڭىز بولىدۇ.
ئاندىن ھۆججەتنى ساقلاش . ساقلاشنىڭ تەپسىلاتىنى ئالدىنقى تېمامدىن كۆرۈڭ. .مۇزىكنى ئاككوردلاشتۇرۇشقا قىزىقامسىز ؟ كىلەر قېتىىمقى يازمىغا نەزەر سېلىڭ. ئۈندىداردا قۇرۇق گەپ قىلغاننىڭ ئورنىدا ئانچە مۇنچە بىر نەسە ئۆگىنىپ قوياي دېسىڭىز ،ئۇيئەپنى ئىزدەڭ نۇمىرىمىز Uiapps مەنبەسى :سەرسان
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا muzliganyurak1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-2 01:33 PM
|