مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2191|ئىنكاس: 22

قۇياش نىمىشقا يالغۇز [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101912
يازما سانى: 92
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 658
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 105 سائەت
تىزىم: 2014-1-7
ئاخىرقى: 2015-5-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-2 12:38:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

[قۇياش يالغۇز نىمىشقا؟
(مەسەل)

تۇرادىن ئابدۇرېھىم


قۇياش بىلەن ئاي  بۇرۇن،
ياشايدىكەن بىر ئۆيدە.
كېچە-كۈندۈز ئوخشاشلا،
يورۇق ئىكەن ئەسلىدە.

تۇغۇلمىغاچ يۇلتۇزلار،
يالغۇز ئىكەن ئىككىسى.
ئىناق بىر جۈپ ئەر-خوتۇن،
كائىناتنىڭ ئەركىسى.

ئويلاپ بىر كۈن ئاي،قۇياش:
«باستى بىزنى يالغۇزلۇق.
بىزلەر قېرىپ ئۆلسەكمۇ،
زېمىن تۇرسا يوپ-يورۇق.»

ئۆتۈپ شۇنداق نەچچە يىل،
كاتتا دەۋران سۈرۈپتۇ.
پەرزەنت كۆرۈش ئىشقىدا،
گۈلخان بولۇپ كۆيۈپتۇ.

يىغلاۋېرىپ ئاينىڭمۇ،
ئازلاپ قاپتۇ يورۇقى.
بوپتۇ ئاخىر ھامىلدار،
يوغىناپتۇ قورسىقى.

سېزىكلىكتە ئاي خېنىم،
يۈزىگە داغ چۈشۈپتۇ.
بۇنى كۆرۈپ قۇياشباي،
كۆڭلىگە ئىش پۈكۈپتۇ.

سەت كۆرۈنگەچ ئايالى،
قۇياشباينىڭ كۆزىگە.
قوغلار ئىكەن چولپاننى،
جۆرە قىلماق ئۆزىگە.

چىقىدىكەن چولپان قىز،
سەھەردە ئاي پاتقاندا.
بۇزۇلۇپتۇ قۇياشباي،
ئاي تۇغۇتلۇق ياتقاندا.


چولپان ئايغا ئۆچ ئىكەن،
بۇزاي دەپتۇ ئۆيىنى.
كائىناتتا بىر قىلىپ،
كۆرسەتمەكچى ئۆزىنى.

بۇلۇت بوپتۇ سايىۋەن،
ئىككىسىگە ئاسماندا.
ئالداپ ھۈكەر چولپاننى،
قۇياش قاپتۇ ئارماندا.

تۇغۇلۇپتۇ بىر كۈنى،
بەكمۇ ئوماق يۇلتۇزچاق.
ئاي خېنىممۇ ساقىيىپ،
بوپتۇ تولۇن(يۇمىلاق).

قۇياش كۆرۈپ بۇ ئىشنى،
يىغلاپ كەپتۇ يالۋۇرۇپ.
بىراق ئاينىڭ يۈرىكى،
قاتقان ئىكەن مۇز بولۇپ.

ئەگشتۈرۈپ يۇلتۇزنى،
كېتىپتۇ تۈن ئۆيىگە.
قۇياش قاپتۇ يالغۇزلا،
كۈندۈز دېگەن ئۆيىدە.

شۇندىن بېرى تاپالماي،
تولۇن ئايدەك خىلىنى.
كۆرۈنمەستىن ئۆزئارا،
قوغلىشىپ بىر-بىرىنى.

تاڭ ئالدىدا ئازراقلا،
كۆرۈنەركەن چولپان قىز.
خىجىل بولۇپ ئىشىدىن،
مەڭگۈ يالغۇز قالغان قىز.

شۇڭا ھازىر كېچىدە،
ئانا-بالا ئاي-يۇلتۇز.
يورۇتۇپ تۈن-كېچىنى،
قىلىۋېتەر ئاق كۈندۈز.

قۇياش يالغۇز كۈندۈزدە،
يوق يېنىدا بالىسى.
كەچۈرمەپتۇ تەڭرىمۇ،
بولغاچ كۆڭۈل ئالىسى.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-2 10:14 AM  


ئاي بەرگى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98397
يازما سانى: 1155
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4654
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 800 سائەت
تىزىم: 2013-10-2
ئاخىرقى: 2015-5-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-2 05:08:06 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاي بۇ بەت يۈزى قانداق چىقىۋاتىدۇ؟

باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98726
يازما سانى: 644
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3110
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 973 سائەت
تىزىم: 2013-10-16
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-2 07:12:21 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كۆكزات رەسسام بىلوگى :http://kokzat.kawsar.cn/ سىزنى قارشى ئالىدۇ.

ئالپ ئەر تورى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102853
يازما سانى: 995
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3399
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1040 سائەت
تىزىم: 2014-1-27
ئاخىرقى: 2015-5-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-2 09:31:57 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قۇياش يالغۇز لىكىن ئۇنىڭ چوڭلىقى ئوننەچچە يەر شارىدىنمۇ چوڭ.

ئۇيغۇر قىزلىرى پ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38587
يازما سانى: 489
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4982
تۆھپە نۇمۇرى: 196
توردا: 177 سائەت
تىزىم: 2011-4-24
ئاخىرقى: 2015-1-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-2 09:57:56 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى چىقىپتۇ ، تەبئەت جىسىملىرنىڭ ئالاھدىلكى بىلەن قەدىمكى رىۋايەت تۇسىنى ئالغان ھىكايە بىلەن بىرلەشتۇرلۇپ ،بىرخىل تىتىملىق شئىرى ئىجادىيەت بوپتۇ . ئىش قىلىپ ئەدەبياتنىڭ گۇزەللىكى روشەن ئپادىلنىپتۇ

سەن ئەزرائېلنى ئۇنتۇپ قالغان بىلەن ،ئەزرائېل سىنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105713
يازما سانى: 116
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 523
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 170 سائەت
تىزىم: 2014-4-5
ئاخىرقى: 2015-5-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-2 10:45:37 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك   ياخشى چىقىپتۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96511
يازما سانى: 729
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2355
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 582 سائەت
تىزىم: 2013-7-29
ئاخىرقى: 2015-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-2 11:07:33 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ سۇئالغا قاسىم سىدىق (زىيا) ئەپەندى جاۋاپ بەرسە ئەڭ توغرا بولىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82720
يازما سانى: 1185
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5131
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1081 سائەت
تىزىم: 2012-7-10
ئاخىرقى: 2014-8-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-2 02:44:37 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شىئېرغۇ ياخشى چىقىپتۇ ، لىكىن مەزمۇنىنى نەدىن تاپقانسىز ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96287
يازما سانى: 1266
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1406
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1190 سائەت
تىزىم: 2013-7-23
ئاخىرقى: 2015-5-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-2 02:47:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەسەلنى ياخشى يېزىپسىز!

ھەسەنجان ئابدۇراخمان ئۇتغۇر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98661
يازما سانى: 1411
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5499
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1607 سائەت
تىزىم: 2013-10-12
ئاخىرقى: 2015-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-2 03:08:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالمىچى يوللىغان ۋاقتى  2014-6-2 09:31 AM
قۇياش يالغۇز لىكىن ئۇنىڭ چوڭلىقى ئوننەچچە يەر شارىدىن ...

ئوننەچچە ھەسسە ئەمەس . قۇياشنىڭ ھەجىمى يەرشارىنىڭ بىرمىليۇن ئۈچيۈزمىڭ ھەسسىگە باراۋەر  . ئېغىرلىقى يەرشارىنىڭ تەخمىنەن ئۈچيۈز ئوتتۇز ئۈچمىڭ ھەسىگە باراۋەر    زىچلىقى يەرشارنىڭ تۆتدىن بىر ھەسىگە باراۋەر ..

ئالدىمدا يېقىلساڭ مەيلى يۈلەشگە مادارىم يېتىدۇ، قەلبىمدىن يېقىلما تەسگە چۈشدۈ .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش