مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 722|ئىنكاس: 3

پالۋان [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 27519
يازما سانى: 204
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6623
تۆھپە نۇمۇرى: 589
توردا: 705 سائەت
تىزىم: 2011-1-23
ئاخىرقى: 2014-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-2 12:36:43 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
      ئانا، سەن تەسەۋۋۇر قىلىپ باققىنا، بىز كىتىۋاتىمىز، بىزگە يات بىر زىمىندىن ئۆتۈۋاتىمىز.
     سەن مەپىدە، مەن قىزىل ئارغىماقنى پىنىپ يېنىڭدا چېپىۋاتىمەن. كۈن ئولتۇرۇپ، زاۋال  بولدى. كۆز ئالدىمىزدا  ھالىدىن كەتكەن قاپقاراڭغۇ ياقايەر. ياۋا ئوتلاربېسىپ ئېچىنىشلىق تاشلىنىپ ياتغان زىمىن.
    سەن قورۇقتۇڭ، «نەگە كىلىپ قالغاندىمىز» دەپ ئويلۇدۇڭ.
    مەن ساڭا دىدىم، «قورۇقما ئانا».
    نەشتەردەك ئۆتكۈر تىكەنلەر قەدەمدە بىر ئۇچراپ تۇرىدىغان ئوتلاق، تار ھەم ئىگىز-پەس بىر چىغىريول مۇشۇ ئوتلاققا تۇتاشقان.
    كەڭرى بۇ زىمىندا بىرمۇ كالا كۆرۈنمەيتى؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى كەنىتتىكى قوتانلىرىغا قايتقان ئىدى.
    قاراڭغۇ چۈشتى، ئاسمان-زىمىن خىرەلەشتى، بىز نىشانىمىزنى ئىلغا قىلالمايتۇق.
     توساتتىن سەن مېنى چاقىرىپ ئاستاغىنە سورۇدۇڭ، «دەريا قىرغىقىدا كۆرۈنىۋاتقان نېمە ئوت يالقۇنى؟»
    دەل شۇچاغدا، تۇرۇپلا قورقۇنۇشلۇق چۇقان كۆتۈرىلدى، ئاللاقانداقتۇر كىشىلەرنىڭ كۆلەڭگۈسى بىز تەرەپكە قاراپ يوپۇرلۇپ كەلدى.
    سەن مەپىدە يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ ئاللاھنىڭ نامىنى يېنىش-يېنىشلاپ زىكرە قىلدىڭ.
    مەپىكەشلەر قورۇققىنىدىن غال-غال تىتىرەپ تىكەنلىككە جېنىنى ئاپقاچتى.
    مەن ساڭا قاراپ توۋلۇدۇم، «قورۇقما ئانا، بۇيەردە مەن بار.»
   ئۇلارنىڭ قوللىرىدا توقماق، چاچلىرى چۇۋۇق، بىزگە بارغانسىرى يېقىنداپ كەلدى.
    مەن ۋارقىرىدىم، «ئۆزەڭگە ھېزى بولۇش! ھۇ ئەبلەخلەر! ئالدىڭغا يەنە بىرقەدەم مېڭىشساڭ بارايىرىڭ جەھەننەم بولىدۇ.»
    ئۇلار يەنە چۇقۇقان كۆتۈرۈشۈپ ئېتىلىپ كەلدى.
    سەن مېنىڭ قولۇمنى تۇتىۋېلىپ دېدىڭ، «بالام، ئالاھنىڭ ھەققى ھۆرمىتىدە ئۆزىمىزنى چەتكە ئالايلى.»
    مەن ساڭا دېدىم، « كارامىتىمنى كۆرگىن ئانا.»
    شۇنداق قىلىپ مەن ئېتىمنى قامچىلاپ ئۇلارغا ئوقتەك ئېتىلىپ باردىم، قىلىچ ۋە قالقانلىرىم ئۇرۇلغان ئاۋازدىن چاقماق كەبى چاقنايتى.
    بۇ بىرمەيدان جەڭ شۇنچىلىك شىددەتلىك بولدىكى ئانا، ئەگەر سەن مەپىدە تۇرۇپ كۆرەلىگەن بولساڭ ئىدىڭ، چوقۇم كۆزلىرىڭگە ئىشەنمەي قالغان بولارئىدىڭ.
     ئۇلارنىڭ بەزىلىرى قاچتى، كۆپۈنچىلىرى چېپىپ تاشلاندى.
     مەن بىلىمەن، شۇچاغدا سەن ئاشۇ يەردە ئۆزۈڭ يالغۇز ئولتۇرۇپ، كۆڭلىڭدە بالاڭنى چوقۇم ئۆلدى دەپ ئويلۇدۇڭ.
     ئەمما مەن ئۈستى بېشىم قانغا مىلەنگەن ھالدا قېشىڭغا يۈگۈرۈپ كىلىپ، «ئانا، ئەمدى جەڭ ئاخىرلاشتى» دېدىم.
     سەن مەپىدىن چۈشۈپ، مېنى سۆيۈپ باغرىڭغا باستىڭ، سەن ئۆز-ئۆزۈڭگە پىچىرلايتىڭ، «ئەگەر مېنى سەن قوغىدىمىغان بولساڭ قانداقمۇ قىلار بولغىيتىم.»
     كۈندە دېگۈدەك يۈز بېرىپ تۇرىدىغان نۇرغۇن-نۇرغۇن بىمەنە ئىشلاربار، بۇنداق ئىش نېمەئۈچۈن تاسادىپىي ئۇچراپ قالمىغۇدەك؟
    بۇ بىر كىتاپتىكى بىر ھېكايىگە تولىمۇ ئوخشايدۇ.
    ئاكام شۇنداق دەيدۇ، «بۇنداق بولىشى مۇمكىنمۇ؟ مەن ھەمىشە شۇنداق ئويلايمەن، ئەجىبا ئۇ شۇنچىۋالا ئاجىزمىدۇ؟»
    كەنتىمىزدىكى كىشىلەر ھەيرانلىق ئىچىدە شۇنداق دىيىشىدۇ، « بۇ بالىنىڭ ھازىر ئانىسى بىلەن بىرگە بولالىشى ئۇنىڭ تەلىيى ئەمەسمۇ؟.»

مەنبە: خەلق نەشىرىياتى نەشىر قىلغان «تاگور تاللانما شىئېرلىرى» دىن تەرجىمە قىلىپ ئېلىندى.
مەن بۇ ئەسەرنى ئوقۇغان بەزى خەنزۇ يولداشلارنىڭ  چۈشىنەلمىگەنلىك توغرىسىدا يازغان تور ئۇچۇرلىرىنى كۆردۈم ھەم شۇئان تەرجىمىسىنى قىلىپ باقتىم. تەرجىمە تاگور ھىسياتىنى ئۇنچە چوڭقۇر ئېچىپ بىرەلمىگەن بولسىمۇ، ھەرھالدا چۈشۈنۈشلۈك دەپ قارايمەن. تاگور ئەسەرلىرىنى ياقتۇرۇپ ئوقۇيدىغان تورداشلارنىڭ چۈشۈنۈپ بېقىشىنى سورايمەن.

Yulghun

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102691
يازما سانى: 619
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2136
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 588 سائەت
تىزىم: 2014-1-23
ئاخىرقى: 2015-2-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-5 02:35:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاجايىپ تەپەككۈر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102691
يازما سانى: 619
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2136
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 588 سائەت
تىزىم: 2014-1-23
ئاخىرقى: 2015-2-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-5 02:35:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاجايىپ تەپەككۈر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100957
يازما سانى: 44
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 187
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 103 سائەت
تىزىم: 2013-12-17
ئاخىرقى: 2015-1-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-18 02:27:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تاگورنىڭ نامىنى كۆپ ئاڭلىغان بولساممۇ شىئېرلىرىنى ئوقۇپ باقماپتىكەنمەن
ھەقىقەتەن ئېسىلكەن

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش