|
|
|
|
كەتمە دىمەيمەن...
__ ئەلى تۇرسۇن سىرلىق....
مەندىن كېچىپ سۆيسەڭمۇ باشقا،
ئاشىق كۆزۈم تولسىمۇ ياشقا .
تالاي دەتلەر كەلسىمۇ باشقا،
كۆنۈپ كەتتىم سەنسىز ياشاشقا،
يېلىنمايمەن ھەرگىزمۇ گۈلۈم،
يورۇق تاڭغا ئايلاندى تۈنۈم.
سەن يوقتىمۇ ئۆتكەن بۇ كۈنۈم،
كۆنۈپ كەتتىم سەنسىز ياشاشقا،
مەن يوق خۇشال يۈرەلمەيدۇ دەپ،
مەن يوق ۋىسال تاپالمايدۇ دەپ.
ئويلىمىغىن كۆنەلمەيدۇ دەپ،
كۆنۈپ كەتتىم سەنسىز ياشاشقا،
مەيلى كەتسەڭ كەتمە دىمەيمەن،
قەدرىمگە ھەم يەتمۇ دىمەيمەن.
ھەممىنى بىر رەت قايتا باشلايمەن،
كۆنۈپ كەتتىم سەنسىز ياشاشقا،
كۆنۈپ كەتتىم يالغۇز ياشاشقا،
كۆنۈپ كەتتىم يارسىز ياشاشقا.
كۆنۈپ كەتتىم يار كۆنۈپ كەتتىم،
كۆنۈپ كەتتىم سەنسىز ياشاشقا،
تەكلىپ پىكرىڭىز بولسا
ئۈندىدار :
1169214636
كوت كوت :
ئاپتورى : ئۆزەم 2013-يىلى 11-ئايدا يېزىلغان....
2014-يىلى06-ئاينى01كۈنى قايتا
تەھرىرلەندى....
قەشقەر ....
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ali1234 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-1 08:28 PM
|
|
|
|
|
|