مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1027|ئىنكاس: 12

پەلسەپىنىڭ ئەھمىيتى بارمۇ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79364
يازما سانى: 414
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8922
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 707 سائەت
تىزىم: 2012-4-26
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-1 08:18:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

كانت پەلسەپىسىنىڭ ئەھمىيتى

مەقسۇت ئەمىن ئەركيار تەرجىمىسى

1-بۆلۈم



   ھەممىگە مەلۇم،كانت پەلسەپىسى غەرب پەلسەپىسىدە ئالاھىدە كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدۇ.كانت پەلسەپىسى ھەققىدىكى ماقالە،يازمىلارمۇ ھازىرغىچە ئىنتايىن كۆپ يېزىلغان. ئادەتتىكى ھەۋەسكارلارلا ئەمەس كانت پەلسەپىسىنى تەتقىقات يۆنىلىشى قىلغان ھەرقانداق كىشى ئەنە شۇ ماقالە-يازمىلار،ماتېرىياللار ئارىسىدا «تۇنجۇقۇپ»قېلىشتىن ئېھتىيات قىلمىسا بولمايدۇ.كانت پەلسەپىسىنىڭ زامانىمىزدا ئەھمىيەتلىك ئىكەنلىگىدە گەپ يوق.ئەمما،كانت پەلسەپىسى18-ئەسىرنىڭ ئاخىرى19-ئەسىرنىڭ باشلىرىنىڭ مەھسۇلى ،200يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە يەنى21-ئەسىردە ئالدىنقى ئەسىردىكى پەلسەپىدە بارلىققا كەلگەن ئېقىملارمۇ بۇغدايدەك كۆپ تۇرسا، 200يىل ئاۋۋالقى كانت پەلسەپىسىنىڭ ئەھمىيتىنى سۆزلەپ ئولتۇرۇپتىمىز!ۋەھالەنكى،كانت پەلسەپىسىنىڭ زامانىۋى ئەھمىيتى مەسلىسى ئۇچۇقراق ئېيتقاندا كانت پەلسەپىسىنىڭ بىزبىلەن نېمە مۇناسىۋىتى بارلىقى مەسلىسى يەنىلا مۇھىم نەزەرىيۋى مەسىلىدۇر.
كانت پەلسەپىسىنىڭ بىزبىلەن نېمە مۇناسىۋىتى بار؟ بۇ سۇئالغا يەنىمۇ ئىچكىرلىسەك،تارىختىكى پەيلاسوپلارنىڭ ئىدىيسىنىڭ بىزبىلەن نېمە مۇناسىۋىتى بار؟ يۈزەكى قارىغاندا،بۇ ھەقتىكى بايانلار ئۆزىمىزنى ئاقلىغاندەك تۇيۇلسىمۇ،چۇڭقۇرراق ئويلىساق،بۇ يەردىكى مەسىلە پەلسەپە ۋە پەلسەپە تارىخىنىڭ ئەھمىيتى مەسلىسى بولۇپ چىقىدۇ.
   كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى،كانت پەلسەپىسىنىڭ ئەھمىيتىنى مۇھاكىمە قىلىش كانتنى مۇھاكىمە قىلىش بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ.شۇڭا،بۇ يازمىنىڭ مەقسىدى كانت پەلسەپىسىنىڭ ئەھمىيتىنى تۇتقا قىلىپ تۇرۇپ پەلسەپە تارىخى تەتقىقاتىنىڭ ئەھمىيتى مەسلىسىگە جاۋاب تېپىش ۋە بۇ ئارقىلىق يېڭىچە پەلسەپە تارىخى قارىشى ئەندىزىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇش.
بىرىنچى،پەلسەپە مەسلىسى
    نېمىشقا تارىختا ئۆتكەن پەيلاسوپلار ئاللىبۇرۇن ئالەمدىن ئۆتكەن،نەزەرىيە ۋە تەلىماتلىرىنىڭمۇ ۋاقتى ئۆتكەن تۇرۇقلۇق،ئۇلارنى ئۆگىنىمىز ۋە ئۇلارنىڭ ئىدىيسىنى تەتقىق قىلىمىز؟ چۈنكى،پەلسەپە- پەلسەپە تارىخى دېمەكلىكتۇر.پەلسەپە تارىخى دېمەك پەلسەپە دېمەكلىكتۇر.پەلسەپە تارىخىغا ئىزقالدۇرغان پەيلاسوپلارنىڭ ئىدىيسى،تەلىماتلىرى ياكى نەزەرىيلىرىنىڭ ئەھمىيتى ۋە قىممىتى يوقالمايدۇ.مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا،ئۇلار زامان-ماكاندىن ھالقىيالىغان،مەيلى قايسى ۋاقىت قانداق ئەھۋال ئاستىدا بولسۇن ئۆزقىممىتىنى يوقاتماي كېلىۋاتىدۇ.ئەمما،ھەممىمىز بىلىمىز  پەيلاسوپلار  پەلسەپە مەسلىلىرىنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك ئورتاق ئاساسىي قاراشقا ئىگە ئەمەس،پەلسەپىدىكى بۇخىل«كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى پىكىر بايان قىلىش،بىرلىككە كېلەلمەسلىك»ۋەزىيتى ھۇببىسنىڭ گېپى بىلەن ئېيتقاندا«ھەممە ھەممىگە قارشى»جەڭ مەيدانىغا ئوخشايدۇ. ھەربىر پەيلاسوپنىڭ ئىدىيسى مەلۇم مەزگىلدىن كېيىنلا يېڭىلانسا،پەلسەپە ئېقىملىرىنىڭ ئالمىشىشى شۇنچە تېز تۇرسا قانداقسىگە ئۇلارنىڭ ئىدىيسىنى ئەھمىيەتلىك،شۇنداقلا مەڭگۈ ئەھمىيەتلىك دېيەلەيمىز؟!!
    پەيلاسوپلارنىڭ مەسلىلەردە بىرلىككە كېلەلمەيدىغانلىقى پاكىت.ھالبۇكى،قارىشىمىزچە ئۇلار پەلسەپە مەسلىلىرىدە ئورتاق ئاساسى تۇنۇشقا كېلىشكە ئىلاجسىزلىقى تۈپەيلىدىنلا ئۇلارنىڭ ئىدىيسى مەڭگۈلۈك ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان.سەۋەب، پەلسەپە مەسلىلىرى قەدىمدىن ھازىرغىچە يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ،مەڭگۈ يېشىمسىز.يەنى،پەلسەپە مەسلىلىرىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى جاۋابى بولمايدۇ،تارىختا ئۆتكەن پەيلاسوپلار يۇلۇققان مەسلىلەر بىزئۈچۈنمۇ ئوخشاش مەسىلە.پەلسەپە مەسلىلىرىنىڭ ۋاقتى ئۆتمىگەن ئىكەن،ئۇنداقتا ھەربىر پەيلاسوپنىڭ بۇ مەسلىلەر ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويغان ھەل قىلىش چارىسى بىزگە مەڭگۈ بىرخىل مۇمكىن بولىدىغان تاللاش.ئەلۋەتتە،بىردىنبىر تاللاش ئەمەس،نۇرغۇنلار ئىچىدىن بىرخىل تاللاش.بۇ مەنىدىن پەلسەپە تارىخى بىزگە ئاشكارىلىغىنى چۇقۇمكى تارىختىن بۇيانقى پەيلاسوپلارنىڭ پەلسەپە مەسلىلىرىدىكى ئوخشاش بولمىغان ھەل قىلىش ئۇسۇللىرى.بىزنىڭ پەلسەپە تارىخىنى ئۆگىنىش،تەتقىق قىلىش مەقسىدىمىز دەل  بۇ ھەل قىلىش ئۇسۇللىرى ئىچىدىن ئۆزىمىزنىڭ يولىنى تاللاش ياكى مۇشۇ ھەل قىلىش ئۇسۇللىرىدىن سىرت ئۆزىمىزنىڭ يولىنى ئېچىش.
توغرا،كانت پەلسەپىسى200يىل بۇرۇنقى ئىدىيە،كانتمۇ ئاللىبۇرۇن ئالەمدىن ئۆتتى.ئۇنىڭ تەلىماتلىرىنىڭمۇ ۋاقتى ئۆتتى. ھالبۇكى،بىرپەيلاسوپنىڭ پەلسەپە تارىخىدىكى ئورنى ئۇنىڭ نېمە دېگەنلىكىگە باغلىق ئەمەس.ئۇلارنىڭ دېگەنلىرىنىڭ ھامان ۋاقتى ئۆتىدۇ.ئۇلار يۈزلەنگەن مەسلىلەر ۋە بۇ مەسلىلەرنى ھەل قىلىش ئۇسۇلىغا قاراپ ئۇلارنىڭ پەلسەپە تارىخىدىكى ئورنىنى دەڭسىيەلەيمىز.
تەيلىسنىڭ«زېمىن سۇنىڭ ئۈستىدە لەيلەپ تۇرىدۇ،سۇ كائىناتنىڭ مەنبىيى» دېگەن سۆزىنىڭ ئاللىبۇرۇن ۋاقتى ئۆتتى.ھازىر بۇ گەپكە ھېچكىم چىن پۈتمەيدۇ.ئەمما،تەيلىس ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىنىڭ ،يەنى كائىناتنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبىيى مەسلىسىنىڭ ۋاقتى ئۆتكىنى يوق. ئوخشاشلا،كانت ئىككى خىل«ئۇمۇميۈزلۈك مۇقەررەر»پەننىي بىلىم يەنى ئېۋكىلىت گىئومىتىرىيسى ۋە نىيۇتۇن فىزىكىسىنى مودېل قىلىپ تۇرغۇزۇپ چىققان ئەزەلىيەت پەلسەپىسىنىڭ ئاللىقاچان ۋاقتى ئۆتتى.ئەمما،ئۇنىڭ مەسىلە ھەل قىلىش ئۇسۇلى ھازىرغىچە كەم بولسا بولمايدىغان بىرخىل تاللاشتۇر.پەلسەپە بارلىققا كېلىپ ھازىرغىچە2600يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت بولدى،«ئەزىم دەريا شەرققە ئاقار،دۇلقۇنىدا ئىلغاندى سانسىز قەھرىمان»دېگەندەك،پەلسەپە تارىخىدا ۋاقىتنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلىگەن پەيلاسوپلارنىڭ ئىدىيسى نەچچە يۈزيىللار ھەتتا نەچچە مىڭ يىللار ئۆتسىمۇ چۇڭقۇر نەزەرىيۋى يېتەكچىلىك ئورنىنى ساقلاپ كەلدى.بۇ ئۇلارنىڭ «ھەقىقەت»نى دېگەنلىكىدىن بولماستىن،ئۇلار بېرىلىپ تەتقىق قىلغان مەسىلەر قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە ئۆزلۈكسىز يېڭىلىنىپ تۇرۇۋاتقان يېڭى مەسلىلەردۇر.بۇ مەسلىلەر ئۇلارنىڭلا مەسلىسى بولماستىن،بىزنىڭمۇ مەسلىمىز،ھەتتا پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ مەڭگۈلۈك مەسلىسىدۇر.شۇڭا،ئۇلارنىڭ بۇ مەسلىلەرنى ھەل قىلىشتىكى ئۇسۇلى تىپىكلەشكەن ۋە كېينكىلەر ئۈچۈن «يول بەلگىسى»،«ئابىدە» بولۇپ قالغان.
پەلسەپە مەسلىلىرى يېڭىلىنىپ تۇرىدىكەن، ئەڭ ئاخىرقى جاۋابى بولمايدىكەن ، خوش، ئۇنداقتا بىز بۇ مەسلىلەرگە شۇنچە يېپىشىۋالىمىز؟ مەنتىقى دەلىلچىلىك(پوۋىتىزم)تە «ئەھمىيەت ئۆلچىمى»ۋە«دەلىللىنىش پىرىنسىپى»بويىچە پەلسەپە مەسلىسىنىڭ ئەھمىيتى باھالىنىدۇ. مەلۇم ئەھمىيەتلىك مەسىلە ياكى ئانالىتىك مەسىلەياكى ئۇنىۋېرسال مەسىلە دەپ قارىلىدۇ.ئانالىتىك مەسىلە تائۇتولوگ(tautology) دەپ ئاتىلىپ «راست،ساختا»دەپ لوگىكىلىق خۇلاسە چىقىرىلىدۇ.ئۇنىۋېرسال مەسىلە تەجرىبىدىن ئۆتكۈزۈلۈپ چىن ياكى يالغانلىقى ئېچىپ بېرىلىدۇ.بۇنىڭدىن باشقا مەسلىنىڭ ئەھمىيتى يوق. ھالبۇكى،مەڭگۈ بىرلىككە كەلگەن جاۋابى بولمىغان پەلسەپە مەسلىلىرى ئانالىتىك مەسلىمۇ،ئۇنىۋېرسال مەسلىمۇ ئەمەس،يۇقىرىقى ئۆلچەم بويىچە بولغاندا پەلسەپىدىن تازىلاپ چىقىرىش كېرەك.دەلىلچىلەرنىڭ ئاتالغۇسى بويىچە ئېيتقاندا،«مېتافىزىكىنى رەت قىلىش»كېرەك. قارىشىمىزچە،پەلسەپە مەسلىلىرى ھەقىقەتەن مەڭگۈ بىرلىككە كەلگەن جاۋابقا ئىگە ئەمەس.ئەمما،مەڭگۈ بىرلىككە كەلگەن جاۋابى بولماسلىق بۇ مەسلىلەرنىڭ ئەھمىيەتسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەيدۇ.ئەمەلىيەتتە،بۇ مەسلىلەر بىزبىلەن ئىنتايىن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ،ئىزدەنمىسەك بولمايدىغان مەسىلەردۇر.
نېمە ئۈچۈن؟
بىز يۇلۇققان مەسلىلىرىمىزنى «ئادەتتىكى مەسىلە» ۋە «قىيىن مەسىلە»دەپ ئىككىگە بۆلەلەيمىز.ئادەتتىكى مەسىلە دېگىنىمىزنىڭ جاۋابى شۇنداقلا بىرلىككە كەلگەن جاۋابى بولىدۇ.مەسىلەن،پەننىي بىلىملەر شۇنىڭ جۈملىسىدىن.قىيىن مەسلىگە كەلسەك،ئۇمۇمەن بىرلىككە كەلگەن جاۋابى بولمايدۇ،بەلكى پەقەت بىرقىسىم ھەتتا نۇرغۇن ئوخشاش بولمىغان جاۋاب تېپىش ئۇسۇلى بولىدۇ.ئەمەلىيەتتە،رىئال تۇرمۇشىمىزدا يۇلۇققان مەسلىلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ بىرلىككە كەلگەن جاۋاب بولمايدۇ.
پەلسەپە مەسلىلىرى ئادەتتىكى مەسىلە بولماستىن قىيىن مەسلىلەردۇر
ئەمەلىيەتتىن ئالايلى ياكى نەزەرىيە بويىچە قارايلى،پەلسەپە مەسلىلىرى قىيىن مەسلىلەردۇر.ئەمەلىيەتتىن ئالغاندا،پەيلاسوپلارنىڭ پەلسەپە مەسلىلىرىدە جاۋابلىرى ھەرخىل،بىرلىكى يوق،ئۇمۇميۈزلۈك ئورتاق تۇنۇش سەۋىيسىدىكى بىرمۇ مەسىلە يوق. نەزەرىيە جەھەتتىن قارىغاندا،پەلسەپىنىڭ مەنىسى (philo-sophia) «ئەقىلنى سۆيۈش»دېگەنلىك بولۇپ،پەلسەپە دەسلەپ بارلىققا كەلگەن مەزگىللەردە پەيلاسوپلار جەزمەن(ياكى چۇقۇم)ئىنتايىن كەمتەر كىشىلەر،ئۇلار ئەقىل-پاراسەتنىڭ بىلىمدىن پەرقلىنىدىغانلىقىنى بىلىدۇ،ئەقىل مەڭگۈ چېكى يوق ئىدىئال  كامالەت.شۇڭا،ئىنسان ئۆمرى يېتىشسىز بولغاچقا،بىز ئەقىلنى پەقەتلا سۆيەلەيمىز،  ئېرىشەلىشىمىز مۇمكىن ئەمەس.
ئەمما، پەلسەپە مەسلىلىرىنىڭ جاۋابى بولمىسىمۇ،ھېچبولمىغاندا پەلسەپە مەسلىلىرىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى جاۋابى بولمايدىغانلىقىنى بىلەلىدۇق. ئۇنداقتا،نېمىشقا جاۋابسىز مەسلىلەرگە جاۋاب ئىزدەشكە شۇنچە ئىنتىلىمىز؟ بۇ پەلسەپىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا،ئىنسانىيەت روھىيتىدىكى ئاتالمىش«ئاخىرىغا كۆڭۈل بۆلۈش»كە بېرىپ چېتىلىدۇ.
ئىنجىلنىڭ «يېڭى ئەھد»دۇنيانىڭ يارىتىلىش بابىدا «ئېرەمباغ»ھېكايىسى سۆزلىنىدۇ.ئېيتىلىشىچە،تەڭرى ئادەمنى ياراتقاندىن كېيىن شەرقتىن ئۇنىڭ تۇرۇشىغا بىر باغ بىنا قىلىپ بېرىپتۇ،بۇ باغ ئېرەمباغ دەپ ئاتىلىپتۇ.ئېرەمباغدا ھەرخىل مېۋىلەر بارئىكەن.بۇلارنىڭ ئىچىدە ئىككى تۈپ ئالاھىدە مېۋىلىك دەرەخ بار بولۇپ، بىرى«ھاياتلىق دەرىخى»ئىكەن، يەنە بىرى«پاراسەت دەرىخى»ئىكەن.ھاياتلىق دەرىخىنىڭ مېۋىسىنى يېسە قېرىماي ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدىكەن،پاراسەت دەرىخىنىڭ مېۋىسىنى يېسە پاراسەتكە ئېرىشىدىكەن.تەڭرى ئادەمگە بۇ باغدىكى مېۋىلەرنىڭ ھەممىسىنىلا يېگىلى بولىدىغانلىقىنى،پەقەت پاراسەت دەرىخىنىڭ مېۋىسىنىلا يېيىشكە بولمايدىغانلىقىنى،يېسىلا ئۆلۈپ قالىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ.ھالبۇكى،ئادەم يىلاننىڭ ئېزىقتۇرۇشى بىلەن ئاخىرى پاراسەت دەرىخىنىڭ مېۋىسىنى يەپتۇ.شۇنىڭ بىلەن ئېرەمباغدىن قوغلاندى قىلىنىپتۇ.ئەگەر بۇ ھېكايە راست بولىدىغان بولسا بىز ئادەم ئۈچۈن پۇشايمان قىلىمىز،ئۇنىڭ گۇناھ ئۆتكۈزۈشى پەقەتلا يېيىشتىكى تەرتىپ خاتالىقىدۇر.ئەگەر ئۇ ھاياتلىق دەرىخىنىڭ مېۋىسىنى ئاۋۋال يەپ بولۇپ،ئاندىن پاراسەت دەرىخىنىڭ مېۋىسىنى يېگەن بولسا قېرىماي ئۇزۇن ياشاپلا قالماستىن پاراسەتكىمۇ ئىگە بولغان بولاتتى.چۈنكى،تەڭرى ئۇلارنى ھاياتلىق دەرىخىنىڭ مېۋىسىنى يېيىشتىن چەكلىمىگەن ئىدى.شۇنداق بولسا تەڭرىمۇ ئۇنىڭغا ئىلاجسىز ئىدى.بۇغۇ بىر مەسەل.بىز بۇ مەسەلدىن سىمۇۋۇللۇق قىلىپ ئادەمنىڭ ئادەم بولۇپ قېلىشىدىكى ئىچكى زىددىيەتنى كۆرۈۋالالايمىز.ئادەم بىرجەھەتتىن تەبىئىي مەۋجۇدىيەت،يەنە بىرجەھەتتىن ئىدراكقا ئىگە سەۋەبلىك پاراسەت ئىزدەيدىغان مەۋجۇدىيەت.كانتنىڭ گېپى بىلەن ئېيتقاندا،ئادەم ــ «چەكلىك بولغان ئەقلىي مەۋجۇتلۇق».ئادەمنى ئادەملىكى بىلەن مەۋجۇت دەپ قارىغاندا، ئۇنىڭ كۆزئالدىغا كېلىدىغىنى چۇڭقۇر ھاڭ.ئادەم چەكلىك بىلەن چەكسىزلىك،ۋاقىتلىق بىلەن ئەبەدىيلىك،بۇ قىرغاق بىلەن ئۇ قىرغاق،رېئاللىق بىلەن غايە،مۇقەررەرلىك بىلەن ئەركىنلىك...ۋەھاكازالارنىڭ ئۆز-ئارا قارىمۇ-قارىشىلىقىدا تۇرىدۇ.ھامىنى ئۆلۈپ كېتىدىغان بولغاچقا مەڭگۈلۈككە ئىنتىلىدۇ،مەڭگۈلۈككە ئېنتىلىپ تۇرۇپ ھامىنى ئۆلۈپ كېتىدۇ.مانا بۇ ھاياتنىڭ ئەڭ چوڭ ھەم ئەڭ ئاساسلىق زىددىيتىدۇر.دەل مۇشۇ زىددىيەت تۈپەيلى ئادەمدە«ئاخىرىغا كۆڭۈل بۆلۈش»بولىدۇ.ئۇ ئۆزىدىكى چەكلىمدىن ھالقىشنى،چەكسىز ئەركىن پەللىگە يېتىشنى تەلەپ قىلىدۇ،شۇنىڭ بىلەن پەلسەپە بارلىققا كېلىدۇ.ئۇچۇقراق ئېيتقاندا،پەلسەپە مەسلىلىرى بارلىققا كېلىدۇ. ئەلۋەتتە،بۇ ئەڭ ئاساسلىق ھەم ئەڭ چۇڭقۇر قاتلامدىكى مەسلىلەر دائىم نۇرغۇن مەسلىلەر تەرىپىدىن تۇسۇۋېلىنىدۇ ۋە بۇنىڭدىن نۇرغۇن كونكېرت مەسلىلەر كېلىپ چىقىدۇ.ئەمما،يىلتىزىدىن ئېيتقاندا،بۇ پەلسەپەنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسىدۇر.شۇنداق بولغاچقا،ئادەم بىركۈن ھايات بولسا بىركۈن پەلسەپە مەسلىلىرىگە جاۋاب خالىي بولالمايدۇ. پەقەت ئادەملا بولىدىكەن،ھاياتلىقىدا بۇ مەسلىلەرنى ھەل قىلالىشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكى پۈتۈلگەن.ئادەمنىڭ چەكلىك مەۋجۇتلۇقىدىلا ئەمەس،ئىنسانىيەت چەكسىز داۋاملاشتۇرسىمۇ بۇ مەسلىنى يېشەلىشى مۇمكىن ئەمەس.بۇ دەل ئادەملىك قىسمەت! قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدىغان قىسمەت!
بۇ مەنىدىن پەلسەپە ئىنسانىيەت بىلەن تەڭ ياشاپ تەڭ تۈگەيدۇ.
شۇڭا،نام قالدۇرغان ھەرقانداق پەيلاسوپ ۋە ئۇنىڭ ئىدىيسى مەڭگۈلۈك قىممەتكە ئىگە.تارىخى ئەھمىيەتكىلا ئەمەس،بۈگۈنكى زامان مەنىسىدىكى ئەھمىيەتكىمۇ ئىگە.ئەلۋەتتە،بۇنداق دېگەنلىك ئۇلارنىڭ دېگەنلىرىنىڭ ۋاقتى ئۆتمىدى،ئۆچمەس ھەقىقەت دېگەنلىك ئەمەس،بۇنداق «ھەقىقەت» ئەسلا مەۋجۇت ئەمەس! پەقەت ئۇلار ئەينى زاماندا دۇچ كەلگەن پەلسەپە مەسلىلىرى بۈگۈن بىزلەر دۇچ كەلگەن پەلسەپە مەسلىلىرى بىلەن ئوخشاش،مۇشۇ نۇقتىدىن شۇنداق دېيەلەيمىزكى،پەلسەپە مەلۇم پەلسەپە نەزەرىيسىدە ياكى پەلسەپە سېستىمىسدا مەۋجۇت بولماستىن،ئۆتمۈش،ھازىر ھەتتا كېلەچەكتە،ئىنسانىيەت چەكسىز ئەقىل-پاراسەت كامالىتىگە ئۆتمەكچى بولغان بارلىق يوللاردا مەۋجۇت.شۇڭا،پەلسەپە بىرلا يول ئەمەس،بەلكى سانسىز يوللاردۇر.يەنە كېلىپ پەلسەپە مەڭگۈ مەنزىلگە يېتەلمەيدۇ،ئۇ مەڭگۈ«يول ئۈستىدە»دۇر. ھەيدىگىر ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ئەسەرلىرىگە تەرتىپ بەلگىلىگەندە (Wege――nicht Werke) دەپ بەلگە سالغان،مەنىسى «يوللار، ئەسەر ئەمەس»،بۇ يەردە «يول»سۆزىنى كۆپلۈك شەكلىدە (يوللار)دەپ ئىشلەتكەن.دېمەكچى،بىرلا يول ئەمەس،نۇرغۇن يوللار.شۇڭا،پەلسەپە پەنگە ئوخشاش تۈزسىزىقلىق ھالەتتە بىلىملەرنىڭ توپلىنىش جەريانى ئەمەس،پەلسەپىنى ئەبەدىيلىككە يۈزلەنگەن قىيىن مەسىلىگە ئوخشاش بولمىغان يول ئىزدەيدىغان جەريان دەپ قارىساق بولىدۇ. ئۇ چەمبەر مەركىزى(پاراسەت)نى چۆرىدەپ ئېلىپ بېرىلىۋاتقان چەمبەر بويلىما ھەرىكەتكە تېخىمۇ ئوخشايدۇ.بۈگۈن، خالىغان بىر تىببى ئىنىستىتۇت ئوقۇغۇچىسى ئىگەللىگەن بىلىملەر تىببى ئىلىم ئاتىسى ھىپوكراتنىڭكىدىن كۆپ.ھالبۇكى،ھەرقانچە كاتتا پەيلاسوپمۇ ئۇنى ئەپلاتون ياكى ئارىستوتىلدىن ئەقىللىق دېيەلمەيدۇ،سەۋەب دەل مۇشۇ يەردە. شۇڭا،پەلسەپە تارىخى دەل پەلسەپىدۇر،پەلسەپە دەل پەلسەپە تارىخىدۇر.
قىستۇرۇپ قويىدىغان گەپ،« پەلسەپە تارىخى دەل پەلسەپىدۇر،پەلسەپە دەل پەلسەپە تارىخىدۇر» بۇ بىزنىڭ ئىجادىيتىمىز بولماستىن گېگىل ئەڭ دەسلەپ ئوتتۇرىغا قويغان.شۇ تۈپەيلى بىز ئەكسىچە بىرخىل پەلسەپە تارىخى قارىشىغا ئىگە بولدۇق.گېگىلنىڭ قارىشىچە،پەلسەپە تارىخىدا پەقەت بىرخىل پەلسەپە بار،باشقا بارلىق پەلسەپە پەقەتلا مۇشۇ پەلسەپىنىڭ تەرەققىيات جەريانىنىڭ ئوخشاش بولمىغان باسقۇچىدىن ئىبارەت.قانچە ئارقىغا تىزىلگەن پەلسەپە ئىدىيىلەر شۇنچە«ئىلگىرلىگەن»،ئەڭ ئاخىرىدا شەكىللىنىدىغىنى بارلىق پەلسەپىنى ئۆزئىچىگە ئالغان«پۈتۈن گەۋدە».شۇڭا،پەلسەپىمۇ پەنگە ئوخشاش(ئەلۋەتتە،گېگىل پەلسەپىنى پەنلەردىن مۇھىم ئۇرۇنغا قويىدۇ)بىلىمنىڭ توپلىنىش جەريانى.ھالبۇكى، پەلسەپىنى پەلسەپە تارىخى دېگەن ۋاقتىمىزدا ئوخشاش بولمىغان پەلسەپىلەر بار دېگەنلىكى بولىدۇ.ھەربىرخىل پەلسەپىنىڭ ئۆزىگە خاس مەۋجۇتلۇق قىممىتى بولىدۇ.
كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى،پەلسەپە ياكى پەلسەپە مەسلىلىرى ئىنساننىڭ قىيىن ئەھۋالىدىن شەكىللەنگەن.شۇڭا،ۋىتگېنىستىن «پەلسەپە تەتقىقاتى»دا مۇنداق ياخشى ئوخشاتقان:«پەلسەپە مەسلىسى ئىگە بولغان شەكىل بولسا – چىقىش يولىنىڭ قەيەردىلىكىنى بىلمەيمەن».پەيلاسوپلار«قۇتىدىكى چىۋىنگە ئوخشايدۇ»،كۆرىۋاتقىنى چەكسىز كەڭ بوشلۇق،ھەرئاماللار بىلەن چىقىش ئېغىزى ئىزدەيدۇ،ئەمما مەڭگۈ ئۇچۇپ چىقىپ كېتەلمەيدۇ. كانت مۇنداق دەيدۇ:« مېتافىزىكلار سەبىي بالىغا ئوخشايدۇ،كەڭرىلىككە كۆزتىكىپ ئاسمان-زېمىن كېسىشكەن ئۇپۇق سىزىقىنى باقىدۇ،-دە شۇ يەردىن ئاسمانغا مېڭىپ چىقىپ كەتمەكنى ئويلايدۇ.كىم بىلسۇن،ئۇ بىرقەدەم ئالدىغا ماڭسا ئۇپۇق كەينىگە بىرقەدەم چېكىنىدۇ.ئۇ بۇ ئۇسۇل بىلەن ئۇپۇق بىلەن ئۆزى ئارىسىدىكى ئارىلىقنى مەڭگۈ قىسقارتالمايدۇ.مېتافىزىكلار دەل شۇنداق،ئۇلار تەجرىبسىنىڭ ئۇچىدىن تەجرىبىدىن ھالقىغان ئەسلى گەۋدىگە ئۆتىدۇ،ئەمەلىيەتتە ئۇلار ۋە ئاتالمىش ئەسلى گەۋە ئارىسىنى تەجرىبە يېپىنچىسى ئايرىپ تۇرغان بولىدۇ.بۇلاردا دېيىلگىنى ئادەمدىكى چەكلىمىلىك بولۇپ،كانت ۋە ۋېتگېنستىن پوزىتسىيەدە ئوخشىمايدۇ.ۋېتگېنىستىن(ھېچبولمىغاندا ئىلگىرى)بۇ «قۇتا»(دۇنيا)غا«چەك»بەلگىلەيدىغىنى تىل،بىز تىلنىڭ چىگرىسى سىرتىدىكى نەرسىلەرگە سۈكۈت ساقلىشىمىز زۆرۈر،دەپ قارايدۇ.كانت بولسا «قۇتا»سىرتىدىكى ئىشلارنى بىلىش مۇمكىن بولمىسىمۇ بۇ بىزنىڭ ئويلىشىمىزغا دەخلى قىلمايدۇ،بۇخىل ئويلاش ئادەم ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم،چۈنكى،ئادەمنىڭ ئادەملىكى ھەردەقىقە بۇ«قۇتا»دىن قۇتۇلۇشنى ئويلايدىغانلىقىدىدۇر،ئېھتىما ئۇ «قۇتا»دىن ئۇچۇپ چىقالماس،ئەمما ئۇ«قۇتا»دىن چىقىشنى ئۆزىگە غايە قىلىدۇ،دەپ قارايدۇ. بىز ھەممىمىز «قۇتا»ئىچىدە ياشايمىز،ھەممىمىز ئۆزىمىزنىڭ«قۇتا»سىدا ياشايمىز.ھەربىرىمىزنىڭ قۇتىسى نۇرغۇن جەھەتتىن ئوخشىمايدۇ،ئەمما «قۇتا»بەرىبىر «قۇتا».ئاتالمىش «قۇتا» ــ ئىنساننىڭ چەكلىمىلىكىدۇر.ئەگەر«قۇتا»دىن چىقىپ كەتكىلى بولمايدىغاننى بىلسەكمۇ،قۇتا سىرتىدىكى رەڭدارلىققا قاراپ ئۇچۇپ چىقىپ كېتىشنى ئويلىماي مۇمكىنمۇ؟ئەگەر ھاياتنىڭ پەقەت بىرلا قېتىم ئىكەنلىكىنى ۋە  ئۆلۈمنى ئويلىغاندا ، ئۆلگەندىن كېيىنكى ھاياتلىق مەسلىسىنى ئويلىماي قالامسىز؟روھ ئۆلمەسلىك مەسلىسىگە كۆڭۈل بۆلمەي قالامسىز؟ئەگەر سىز بىر نېتزىنىڭ«خۇدا ئۆلدى»دېگەن گېپىنى بىلسەك ئېتىقادنى كېرەك قىلمامسىز؟ناتايىن. ھېچكىممۇ «قۇتا»ئىچىدە ئارامبەخىش ياشىمايدۇ.چۈنكى،ئادەم كېلەچەككە مەڭگۈ ئۈمىد باغلاپ ياشايدىغان جانلىق.ئەلۋەتتە،پەلسەپە دىن ئەمەس،ئۇ مەڭگۈلۈك ھاياتلىققا ۋەدە قىلمايدۇ.ئەمما،ئۇ بىزنى تەپەككۇر قىلدۇرىدۇ:بىز مۇشۇنداق قىين ئەھۋالدا قالغان ۋاقىتتا،قانداق ھاياتنى تاللاشتا ۋە قانداق غايە،ئۈمىدنىڭ بولۇشىدا بىزنى تەپەككۇر ئارقىلىق يۇرۇقلۇققا يەتكۈزىدۇ.
بىز «قۇتا»ئىچىدىن «قۇتا»سىرتىنى كۆزلەيمىز،«قۇتا» بولسا «رېئاللىق»،چىقىپ كېتىش«غايە».بۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدىكى زىددىيەت ۋە قارشىلىق دەل كانت پەلسەپىسىنىڭ چىقىش نۇقتىسىدۇر.ئەمەلىيەتتە،بۇ ھەم بىزنىڭ پەلسەپە مەسلىلىرى ئۈستىدە پىكىرقىلىشىمىزنىڭ چىقىش نۇقتىسىدۇر.ئۇنداقتا،كانت پەلسەپىسى ھەل قىلغىنى پەلسەپىدىكى قايسى مەسىلە؟كانت يۈزلەنگەن مەسىلىگە بىزمۇ يۈزلەنگەنمۇ؟

2 -بۆلۈم           كانت پەلسەپىسىدىكى مەسلىلەر

داۋامى بار     
                                                                     
   
پايدىلانغان مەنبە:
http://www.exam8.com/lunwen/zhex ... 200705/1268207.html

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   baywetqe تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-1 08:19 PM  


مەنىۋى تەرەققيياتنىڭ ئۈچ شېخى:ئىلىم-پەن،پەلسەپە،دىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 4826
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18517
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 6083 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-1 09:05:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تېما،ھارمىغايسىز.

misken.cn بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-1 09:11:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96271
يازما سانى: 31
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 26
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 95 سائەت
تىزىم: 2013-7-23
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-1 10:09:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىرقى دۇنيادا پەلسەپەنىڭ بىردىنبىر ۋەزىپىسى تىلنى تەتقىق قىلىش بوپقالدى مىنىڭچە

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101952
يازما سانى: 409
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1039
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 56 سائەت
تىزىم: 2014-1-7
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-2 09:55:19 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3890
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8197
تۆھپە نۇمۇرى: 347
توردا: 39 سائەت
تىزىم: 2010-7-13
ئاخىرقى: 2015-2-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-2 11:24:56 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تېما،ھارمىغايسىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78611
يازما سانى: 1499
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6589
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 499 سائەت
تىزىم: 2012-4-10
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-2 06:06:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چوڭ ئەھمىيتى بار

كېيىنكى ئەۋلاتل

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95
يازما سانى: 1301
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13606
تۆھپە نۇمۇرى: 798
توردا: 4805 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-4 07:37:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىلگەن ئادەم ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدۇ ما مۇنبەردىكىلەر ئۈچۈن قۇرۇق پاراڭدىن باشقا نەرسى ئەمەس ..........................................

قۇياش مەڭگۈ زىمىننىڭ بىرتەرىپىنىلا يۇرۇتمايدۇ ،تىرىشساڭلا ، مۇۋەپىقىيەت قۇچىقىنى كەڭ يايىدىغان پۇرسەت كېلىدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7906
يازما سانى: 604
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9150
تۆھپە نۇمۇرى: 350
توردا: 503 سائەت
تىزىم: 2010-8-26
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-4 08:04:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
555rikabatqi يوللىغان ۋاقتى  2014-6-4 07:37 PM
بىلگەن ئادەم ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدۇ ما مۇنبەردىكىلە ...

،،،توغرا  دېدىڭىز،،

مۇھەببەتتىن سانجىلغان تىكەن دەرتكە داۋا بولدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93166
يازما سانى: 171
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1286
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 665 سائەت
تىزىم: 2013-3-12
ئاخىرقى: 2015-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-4 09:00:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جەمئىيەتشۇناسلىق پېنىنىڭ ئاساسچىسى

مىللەتنىڭ يىلتىزى ئانىلار باغرىدا شاخلايدۇ،ئاتىلار ئەجىرىدە مېۋە بېرىدۇ.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش