رۇبائىيلار
كىرسە ئازراق يېنىڭغا پۇل ،توختىماي سەكرەيسىنا؟!
ياتلارغا قىپ خۇشامەت،ئۆزگىلەرگە قارمايسىنا؟!
سەت بولسىمۇ خوشناڭ ياخشى، يىراقتىكى تۇققۇنىڭدىن ،
بايلىقىڭ تۈگسە ئەگەر،يالغۇز قېلىپ قاخشايسىنا.
ئەزۋەيلەپ ئەزمەڭنى ئەزدىڭا ئۇززاق،
تاقىتىم قالمىدى،پاڭ بولدى قۇلاق،
‹ئەدەپسىز›دوستۇڭنى خوش قىلاي دىسەڭ،
توختاپتۇر،قېشىڭدىن كىتەي مەن تىزراق.
تۇغۇلدۇق زىمىنغا ئۈمۈتلىك بېقىپ،
تۈگىمەس ئارماننى دىللارغا پۈكۈپ،
ھاياتقا تۈنجى رەت باسقاندا قەدەم،
قاچقانلىق نۇمۇستۇر جاپانى كۆرۈپ.
ئامراقسەن ئۆزگىدىن ئېلىشنى نەپنى،
بىرىشكە قېيىقسەن بىر پۇڭلۇق مالنى،
رەنجىمە بۇ ئەيۋىڭ ئۈچۈن باشقىلار،
كۆكسۇڭگە ياغدۇرسا نەپرەت ئوقىنى.
پۈكتۈممەن قەلبىمگە كۆپتىن-كۆپ ئارمان،
ئارمانسىز قەلبىمدە بولسۇن نە دەرمان،
ۋېساللار قۇچقۇسى جاپاكەش ئاشىق،
بولغۇسى بۇ مىزان مەن ئۈچۈن پەرمان.
پۇلنى دەپ يوقاتما ۋىجداننى ئىنسان،
پۇلنى دەپ چەيلىمە بېغىنى ئىرپان،
پۇلنى دەپ قەددىڭنى كۇمپايكۇم قىلىپ ،
نامەرتنىڭ كۆزىگە تەلمۈرمە ئىنسان!
يوقاتما ئۈمۈتنى كەلگۈسى گۈزەل،
ئازاپلار پايخاندۇر ئۈمۈتتە ئەزەل،
ساقلىما ئاداۋەت،ئىزدىمە قۇسۇر،
قەلبىڭدە پاكلىقنى ساقلىماق ئەۋزەل.
تاپمىسام قەلبىڭدىن خىسلەتنى ئىزلەپ،
باقمىغىن كۆزۈمگە بىر ئۈمۈت تىلەپ،
ئىنساندەك ياشاشنى بىلمەستىن ھەرگىز،
ئويلۇما كۆڭلۈمنى ئۇتۇشنى ئەپلەپ.
كىتاپتۇر-ھەمرايىڭ ، ھەتتا يولباشچىڭ ،
ئەقىلدۇر-قاناتىڭ ،تۈگمەس بايلىقىڭ،
تونۇتقان ئاق-قارا،ياخشى-ياماننى ،
دىلدىكى ئۇستازدۇر، ئۆچمەس چىراغىڭ.
مەنبە:ئىجادىيتىم
(چىمەنگۈل مۇھەممەد)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-1 08:14 PM