قۇچتۇق بۈگۈن قەشقەردە ۋىسال
(ساۋاقداشلارنىڭ جەم بولۇش پائالىيتىگە بېغىشلايمەن)
ھالقىغان بولساقمۇ قىرىق ياشلاردىن،
دىللاردا مۇھەببەت بارماقتا ئېشىپ.
گەرچە چېچىمىزغا سانجىلسىمۇ ئاق،
مەي باغلاپ تۇرمۇشتا يىتىلدۇق پىشىپ.
قوللارنى سىقىشقان ئاشۇ دەقىقە،
يۈرەكلەر سامادا ئوينىدى ئۇسۇل.
كۆزلەردىن يالقۇنجاپ يانغان مۇھەببەت،
چاقماقتا ھېجراننىڭ ھەيۋىسنى چۇل-چۇل.
باللىرمىز زوقلۇنۇپ قارىدى ھەۋەستە،
ھەمشىرلەر خىيالى كەتتى مەكتەپكە.
ياتلارمۇ نىمانچە قارايدىغاندۇ؟
ۋەياكى يۈرەكى كۆيەمدۇ دەرتتە.
چاقچاقتىن كۈلكىلەر چىقتى ئەۋجىگە،
بەزىلەر ئۆزىنى قويدىكىن نەگە؟
دۇتارنىڭ يېقىملىق تەڭكەش ئاۋازى،
قەلبىمىز تارىنى چەكتى ئۆزگىچە.
بوۋىمىز قەبرىسنى چىققاندا يوقلاپ،
ھاياجان ياشلىرى كۆرۈندى كۆزدە.
ئاتۇشتا تاماقنىڭ مىزلىك تەمىدىن،
ھېس قىلدۇق ئۆزمىزنى گويا جەننەتتە.
ئاشماقتا قايىللىق ھەربىر دىللاردا،
ئەقىلنىڭ جۇغىنى كۆرۈپ قەشقەردە.
ئالىملار ياشىغان بۇ ئەزىز تۇپراق،
مەس بولۇپ قالغۇسى بارچە مېھرىدە.
شەرقى كۆل باغچىدا كەتتۇق بىراقلا،
قەدىمى،يېڭىلىق سىڭىپ تۈسىگە.
ئۇرغۇغان دىيارنىڭ ھاياتى كۈچى ،
ئەجدادىم روھىنى سالدى ئېسمىزگە.
كۆزىمىزنى يۇمۇپ–ئاچقۇچە بىراق ،
خۇشاللىق بوشاتتى ئازاپقا ئورۇن.
تۈنۈگۈن كۈتكەنتۇق سېلىپ داستىخان ،
بانا بۈگۈن ئۇزتۇشقا راسلىدۇق سورۇن.
خەيرى-خوش دوستلار ،يار بولسۇن ئامان ،
ھەمنەپەس بولغايمىز،مۈشكۈلدە،دەرتتە.
تىنقىمىز تەندە گەر بولسىلا بىر كۈن،
ھېچبىرمىز قالمايلى ئايرىلىپ چەتتە.
مەنبە:ئىجادىيتىم
(چىمەنگۈل مۇھەممەد)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا چىمەنA تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-5-31 11:56 PM