بايرام بۈگۈن
ھەسەنجان ئۆنەر
ئۆسمۈر دوستلار، غۇنچىلار بىزگە ھېيت-بايرام بۈگۈن،
قۇتلاپ خۇشال بايرامنى ئارزۇلار جەۋلان بۈگۈن،
قىزىلگۈلدەك ئېچىلدۇق، خۇشپۇراق بوپ چېچىلدۇق،
خۇددى جەننەتتەك گۈزەل تاغ -دالا،ھەريان بۈگۈن.
باقتى ھەممە بېزلەرگە،كۈلكە ھەمرا يۈزلەرگە،
تەپتى ئەركىن يۈرەكلەر،كەڭ-تاشا مەيدان بۈگۈن.
سالام دەيمىز چوڭلارغا،مېھرى ئىسسىق ئانىلارغا،
ئانىلارنىڭ رىغبىتى بېزگە كۈچ-دەرمان بۈگۈن.
ئۇشبۇ بايرام پۇرسەتتە، ئەلگە تۇتساق گۈلدەستە،
نۇرلىنىپ ئاچقاي چېچەك دىلدىكى ئارمان بۈگۈن.
مەنبە؛ئىجادىيىتىم