يالاقچى
ئەمەلدارغا يېقىن يۈرەر،قەدەم ئاشمايدۇ يالاقچى،
دىلى زەھەر دەقىقىدە چاتاق باشلايدۇ يالاقچى.
ئادىميىلىك دىيانىتى يوقالغاندۇر ۋۇجۇدىدىن ،
شەرىم-ھايا بىئەتىۋا،ئىزاتارتمايدۇ يالاقچى.
بىلى يۇمشاق،ئېغىز بۇژ-بۇژ،خۇشامىتى ئىرۇر دەستەك،
ئەشۇ ئىللەت،تالانىت ئۆزى،يۈرەك ياشنايدۇ يالاقچى.
تىگىپ قالسا تېرىقچە نەپ،بېشى بىلەن ئېلىپ قەدەم،
تەشەككۇرگە ئاتاپ سوۋغا، توشۇپ ھارمايدۇ يالاقچى.
ئېقىن ئاقار ئېرىقلاردىن بىنەملەرگە تېمىمچە يوق،
غوجام ئىچسۇن،تۇتۇشقا يوق ،تاقاق تاشلايدۇ يالاقچى.
ئاتائۆلسە ئۆلىۋەرسۇن،يۈلەنچۈگى ئۆرۈلمىسۇن،
يۈلەنچۈكسىز كۈنى ئۆتمەس،چاناق ياشلايدۇ يالاقچى.
تامۇ-تۇرۇس سۈپۈرمەككە بىرىپ قالسا ئەمىر-پەرمان،
سۈپۈرگىدە ئەمەس تىلدا تامان يالايدۇ يالاقچى.
دىسە باشلىق - «ئۆسۈپ قاپتۇ ساقال» ئەتە ياساپ كەلگىن-
نەدە ئاغرىق،شۇھامانلا يۇلۇپ تاشلايدۇ يالاقچى.
ئۇنى ماختاش خەتەرلىكتۇر،تاماشانى كۈرۈڭ ئاندىن،
قانات ياساپ ئۇچۇپ باقار ،شۇئان شاخلايدۇ يالاقچى.
ئاۋام-ئەلنى شۇلۇپ يىگەن،ئارام-راھەتنى ماختايدۇ،
ھەقىقەتكە كۆزىدىن سوغ چېقىن چاقنايدۇ يالاقچى.
ئىچى زەرداپ ،يۈرەك خۇندۇرئەمەل –مەنسەپنى ئويلاشتىن،
گىزى كەلسە قېرىنداشقا ئۆرەك راسلايدۇ يالاقچى.
ئۇنىڭ بىڭسى قوسۇر ئىزلەش،يامانغا-يانتاياق يۈرمەك،
ئىسىل ناملار ئۇنىڭ بىرلە راۋاج تاپمايدۇ يالاقچى.
ئاپتۇر:كىرىمجان ياسىن(زەپەر)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا سۈمەييە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-5-31 07:48 PM