تەقدىرنىڭ مەنىسى ۋە ئۇنىڭغا ئىشىنىشنىڭ مۇھىملىقى
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @- R# Y! \, b& @
«قازا» ئاللاھنىڭ ئىلىم ۋە ئىرادە سۈپىتى بىلەن سۈپەتلگەنلىكىنىڭ تارمىقى، «تەقدىر» بولسائاللاھنىڭ قۇدرەت سۈپىتى بىلەن سۈپەتلگەنلىكىنىڭ تارمىقىدۇر.
قازا ۋە تەقدىرنىڭ تونۇشتۇرۇلۇشى:
«قازا» : ئاللاھنىڭ ئەزەلدىن تارتىپ نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ كەلگۈسىدە قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلىشى دېگەنلىك بولىدۇ.
«تەقدىر»:ئاشۇ نەرسىلەرنى ئاللاھنىڭ ئەزەلى ئىلمىگە ئۇيغۇن ھالەتتە بارلىققا كەلتۈرۈش دېگەن بولىدۇ.
دېمەك، تەقدىردىن مەقسەت: ئۆزلۈك، سۈپەت، زامان، ماكان، ھۆكمى ۋە ھەممە نەرسىنىڭ مىقدارىنى بەلگىلەش كۆزدە تۇتۇلىدۇ. چۈنكى ھەممە نەرسە ئاللاھنىڭ نەزىرىدە مىقدار ۋە ئۆلچەم بويىچە بولىدۇ. تەقدىردىن مەقسەت: بىلىمى ۋە ھېكمىتى بويىچە مىقدارى بەلگىلەنگەن نەرسىلەرنى ئىرادىسىگە ئۇيغۇن ھالدا جارى قىلدۇرۇش دېگەن بولىدۇ.
قازا ۋە تەقدىرگە ئىشىنىشنىڭ مەنىسى:ئاللاھنىڭ ئىنسانلارنىڭ بارلىق ئىشلىرىنى، مەخلۇقاتلارغا ئالاقىدار بولغان ئىشلارنى ۋە كەلگۈسىدە يۈز بېرىدىغان ئىشلارنى ئالدىن بىلىدىغانلىقىغا ئىمان كەلتۈرۈش دېگەن بولىدۇ.
مۇشۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا قازا ۋە تەقدىرنىڭ مەجبۇرلاش بىلەن مۇتلەق ئالاقىسى يوق. چۈنكى ئاللاھ ئىلاھلىق سۈپىتى بىلەن بەندىلەرنىڭ نېمە ئىشلارنى قىلىدىغانلىقىنى ۋە نېمىنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى بىلىشى كېرەك، ئەگەر ئۇنداق بولمىسا ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرىدە نوقسان بولۇپ قالىدۇ. ئاندىن يەنە بۇ ئىشلار ئاللاھنىڭ ئىلمىگە ئۇيغۇن ھالدا سادىر بولىشى كېرەك. ئۇنداق بولمىسا، ئۇ بەزى ئىشلارنى بىلمەي قالغان بولۇپ بولىدۇ، بۇ ئاللاھ ھەققىدە مۇمكىن بولمايدىغان مەسىلە.
ئاللاھنىڭ «بىلىش» سۈپىتىنىڭ ئىنسانلار تەرىپىدىن سادىر بولىدىغان ئىشلارنىڭ مەجبۇرى ياكى ئىختىيارى ھالدا سادىر بولۇشى بىلەن ئالاقىسىنىڭ يوقىلىقىمۇ ئېنىق. ئاللاھنىڭ بىلىش سۈپىتى پەقەت ئىشلارنىڭ ئاقىۋىتىنى ئېچىپ بېرىدۇ. ئۇ سۈپەت(يەنى بىلىش)پەيدا بولغان ياكى پەيدا بولماقچى بولغان ئىشلارنى ئۆز ماھىيىتى بويىچەئېچىپ بېرىدۇ، بۇ سۈپەتنىڭ مەجبۇرلۇق ياكى ئىختىيارلىق مەسىلىسى بىلەن ئالاقىسى يوق.
يەنى بۇنىڭ مەنىسى ئاللاھنىڭ بەندىلەرنىڭ ئىشلىرىنى ئالدىن بىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلغانلىقتىن ئىبارەت.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @6 U- v+ Z$ u& ]5 A
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @# h0 p- i' q* w' A1 k2 F4 u ^+ Y7 o(1)
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @% ^5 ?1 v( h/ u
ئاللاھنىڭ ئىنساننىڭ ئىشلىرىنى ياراتقانلىقى ئىنساندىن ئىختىيارلىقنى تارتىۋالمايدۇ
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @+ L' k' x: d+ \5 \
ئەگەر سەن بۇنى بىلگەن بولساڭ، بىرسى ساڭا: ئاللاھنىڭ «بىلىش» سۈپىتىنىڭ نەرسىلەرنى ئېچىپ بېرىشتىن باشقا ئالاقىسى يوق دەپ پەرەز قىلىپ باقايلى، لېكىن ئاللاھ يارىتىشنى ھۆكۈم قىلغان نەرسىلەر ئاللاھنىڭ يارىتىشى ۋە ئۇنىڭ ئىرادىسى بىلەن بولمىدىمۇ؟ ئۇنداقتا مەسىلە «بىلىش» سۈپىتىگەمۇناسىۋەتلىك بولمىسىمۇ، يارىتىش ۋە ئىرادىگەمۇناسىۋەتلىك بولغانلىقى ئۈچۈن مەجبۇرلاش ۋە زورلاش سۈپىتىگە بېرىپ قالىدۇ، دەپ سورىشى مۇمكىن.
جاۋاب: كائىناتتىكى ھەممەنەرسە ئاللاھنىڭ يارىتىشى ۋە شەكىللەندۈرۈشى بىلەن مەۋجۇد بولىدۇ، ھەر قانداق نەرسە ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن يارىتىلىدۇ. ئەمما مەجبۇرلاش ۋە زورلاشتىن ئىبارەت سېنىڭ كاللاڭغا پەيدا بولۇپ قالغان نەرسىنىڭ ئورۇنسىزلىقىنى ساڭا بايان قىلىپ بېرەي. بىرىنچىدىن يارىتىش مەسىلىسى، ئىككىنچىدىن ئىرادە مەسىلىسى ئۈستىدە توختىلىمىز.
ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتلىرى ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ:
بىرىنچى تۈرى :ھېچ بىرسى ئۆز ئىختىيارى بىلەن كەسىپ قىلالمايدىغان مەخلۇقاتلاردۇر. ئۇ ئوربىتلارنىڭ ھەرىكىتى، يىل پەسىللىرى، ئۆسۈملۈك ۋەئىنساننىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى؛ ئىنساننىڭ ئۇخلاش، ئويغىنىش، تىترەش ۋە ئۆلۈشكە ئالاقىدار ۋەزىپىلىرى ۋە ھەرىكەتلىرىگەئوخشاش كائىناتتا مەجبۇرى تۈردە سادىر بولىدىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىدۇر. بىز مەخلۇقاتلارنىڭ بۇ قىسمىدا توختالمايمىز، چۈنكى بۇ ھەممىگە چۈشىنىشلىك ئېنىق مەسىلە. بولۇپمۇ ئىنسان يۇقىرىقىغا ئوخشاش مەجبۇرى تۈردە سادىر بولىدىغان قىلمىشلىرىنىڭ ھېچقايسىسىدا مەسئۇلىيەتكە تارتىلمايدۇ، ساۋاب ياكى جازاغا ھەقلىق بولمايدۇ.
ئىككىنچى تۈرى : ئىنسان ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن كەسىپ قىلىدىغان ۋە ھەرىكەت قىلىدىغان ئىشلار. مەسىلەن،تاماق يېيىش، ئىچىش، مۇزاكىرە قىلىش، ئويناش ۋە ئۇندىن باشقا ئۆزى تاللايدىغان ئىستىل ۋە ئىشلارغا ئوخشاش.
دەسلەپتە شۇنى بىلىش كېرەككى، ئىنساننىڭ ئىختىيارى ئىشلىرى ئاللاھ ياراتقان مەخلۇقاتلارنىڭ قاتارىدىن. چۈنكى ئاللاھ سەندە دەرس ئوقۇش ۋە ئوقۇماسلىق قىزىقىشىنى يارىتىدۇ، ئۇ سېنىڭ قىلمىشلىرىڭدىكى ئىتائەت ۋە ئاسىيلىق ياكى ياخشى ۋەيامان قىلمىشلىرىنى ياراتقۇچىدۇر. ئەگەر يامان ئىشلارمۇ ئاللاھنىڭ يارىتىشى ۋە قۇدرىتى بىلەن بولمىسا، ئۇ چاغدا ئاللاھ كامالەت سۈپىتى بىلەن سۈپەتلەنمىگەن بولاتتى. ئۇ چاغدا يامان ئىشلار ئۆزى مۇستەقىل پەيدا بولۇپ قالغان بولاتتى،بىراق نەرسىلەرنىڭ ئۆزى پەيدا بولۇپ قېلىشى مۇمكىن بولمايدىغان مەسىلە. ئاللاھ قۇرئان كىرىمدە:«ئاللاھ ھەممە نەرسىنى ياراتتى، ئاندىن (ئۆزىنىڭ خاھىشى بويىچە) ئۇنىڭغا مۇناسىپ ئۆلچەمنى بەلگىلىدى»(فۇرقان سۈرىسى، 2-ئايەت)دەيدۇ.
يەنە:«ھالبۇكى، سىلەرنىۋە ياسىغان(قىلغان)نەرسەڭلارنى ئاللاھ ياراتقاندۇر»، (سافات سۈرىسى، 96-ئايەت) دەيدۇ.
ئىش ھەرىكەتمۇ شەكسىز ھالدائاللاھ ياراتقان نەرسىلەرنىڭ قاتارىدىن. ئاللاھنىڭ سېنىڭ قىلمىشلىرىنى ياراتقانلىقى، سېنى شۇ ئىشلارنى قىلىشقا مەجبۇرلاشنى تەقەززا قىلمايدۇ. يارىتىش بىر گەپ، ئىختىيارلىق بىلەن قىلىش يەنە ئايرىم گەپ.
چۈنكى سېنىڭ بىر ئىشنى قىلىشىڭ ئىككى ئىشقا باغلىق. بىرسى سەن قىلماقچى بولغان ئىشنىڭ سىرتقى مەۋجۇتلۇقى (يەنى ماددى ۋە مەنىۋى قىممەت قارىشىنىڭ) نىڭ تېپىلىشى، ئاندىن سېنىڭ ئۇ ئىشنى ئۆز قىزىقىشىڭ بىلەن قىلىشىڭدىن ئىبارەت. ئەلۋەتتە سەن بۇ مەسىلىدە-ياراتقۇچى ۋە ئامىللىرىنى يوقتىن پەيدا قىلغۇچى سۈپىتىڭ بىلەن ئەمەس-قىلغۇچى ۋە ئىنتىلگۈچى بولۇش سۈپىتىڭ بىلەن ئىرادە قىلغۇچى ۋە تاللىغۇچى.
مىسال ئېلىپ كۆرەيلى:
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @* e/ G' N C* U5 Kمەسىلەن، بىر ئادەم زەھەر قاچىلانغان شېشىنى كېسەل ئادەمنىڭ دورىلىرى بار ئورۇنغا قويۇپ قويسا، كېسەل كىشى ئۇ زەھەرنى بىلمەي يەپ ئۆلۈپ قالسا، ئۇ ئادەم-گەرچە كېسەلنى بىۋاستە ئۆلتۈرگۈچى بولمىسىمۇ-شۇ ئىشنى قىلغۇچى ۋە ئۇنىڭ بىلەن چېتىشلىقى بولغانلىقى ئۈچۈن جازاغا تارتىلىدۇ ۋە قىساس ئېلىنىدۇ. يەنى كېسەلنى ئۆلتۈرگەن نەرسە زەھەر، بىراق ئۆلتۈرۈشنى نىيەت قىلغۇچى ۋە كېسەلنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىگە سەۋەب بولغۇچى زەھەرنى قويۇپ قويغان كىشىدۇر.
يەنە بىر مىسال:ماشىنىسى بىلەن بىر ئادەمنى ئۇرۇۋېتىپ ئۆلتۈرۈپ قويغان كىشى، ئىشنىڭ ئۆزىگە ھېسابقا تارتىلمايدۇ، چۈنكى ئۇ ئۆلتۈرگۈچى ئەمەس، ھەقىقى ئۆلتۈرگۈچى ماشىنا، لېكىن ئۇئادەم شۇ ئىشقا سەۋەب بولغانلىقى ئۈچۈن ھېسابقا تارتىلىدۇ.
ئاللاھ تائالا بەندىلەرنى كەسىپ قىلىش يەنى بىر ئىشنى قىلىشقا پىسخىكا جەھەتتىن ھەرىكەتلىنىش دېگەن نەرسىگەئاساسەن ھېسابقا تارتىدۇ:«كىشىنىڭ قىلغان ياخشىلىقى(نىڭ ساۋابى)ئۆزىگىدۇر، يامانلىقى(نىڭ جازاسى مۇ) ئۆزىگىدۇر»، (بەقەرسۈرىسى، 286-ئايەت).
دېمەك، مۇكاپات ۋە جازائىنساننىڭ كەسىپ قىلغان يەنى ئىنتىلىپ قىلغان ئىشىغا قارىتا بولىدۇ.
مەقسەت قىلىش، نىيەت قىلىش ۋە كەسىپ قىلىش ئىنساندىن بولىدۇ. ئىشنى يارىتىش، ئۇنىڭ يېقىن ۋە يىراق سەۋەبلىرىنى يارىتىش ئاللاھ تەرەپتىن بولىدۇ.
دېمەك، ئاللاھنىڭ بارلىق نەرسىلەرنى يارىتىش سۈپىتى مەجبۇرلاش ياكى زورلاشتىن ھېچ نەرسىنى تەقەززا قىلمايدۇ.
ئاللاھنىڭ ئىرادىسى سېنىڭ ۋۇجۇدۇڭدا ئىرادە ۋە ئىختىيارلىق سىرىنى يارىتىشقا ئالاقىدار. ئاللاھ ساڭا بەرگەن ئىرادىنىڭ تەقەززاسى بويىچە سەن تاللاۋاتقان ۋە ئىختىيار قىلىۋاتقان ئىشلار ئاللاھنىڭ ئىرادىسگە مۇناسىۋەتلىك.سېنىڭ ئىشلىرىڭنىڭ ئاللاھنىڭ ئىرادىسىگە باغلىنىشى ياكى مۇناسىۋەتلىك بولىشى سېنىڭ مەجبۇرى ھالدا قىلىشڭىنى ياكى ئىختىيارلىقىڭنى يوقىتىشنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ.ئاللاھ ساڭا ئىختىيارلىق ۋە ئىرادە قىلىش سىرىنى بېرىپ تۇرۇپ، سېنى مەجبۇرلاپ قويسا، ئۇ چاغدا زىتلىق كېلىپ چىقمامدۇ!
ئەلۋەتتە سەن يۇقىرىقى بايانلاردىن كېيىن ئاللاھنىڭ كىتابىدا، ئىنساننىڭ ئىرادىسىنى ئاللاھنىڭ چاڭگىلىدا ئەسىر قىلىپ قويىدىغان ئايەت بار ئىكەن:«مۇبادائاللاھ خالىسا ئىدى، سىلەرنىڭ ھەممىڭلارنى ئەلۋەتتە توغرا يولغا سالغان بولاتتى» ،(نەھل سۈرىسى،9-ئايەت)بۇنى قانداق چۈشىنىمىز؟، دەپ سوراپ قالىسەن.
جاۋاب شۇكى، بۇ ئايەتنىڭ بىز ئىزدىنىۋاتقان تېما بىلەن چېتىشلىقى يوق، ئۇ ئايەت باشقا بىر مۇستەقىل ھەقىقەت ئۈستىدە توختىلىۋاتىدۇ. يەنى ئەگەرئاللاھ خالىغان بولسا، بارلىق كىشىلەرنى ھاۋايى-ھەۋەس، ئازدۇرۇش ئامىللىرى ۋە شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىلىرىگە ئاۋاز قوشماي ئىماننى تاللايدىغان قىلغان بولاتتى ياكى ئىشەنچىگە ئىختىيارسىز ھالدا مەجبۇرى ماڭدۇرغان بولاتتى، لېكىن ئاللاھ بۇنى خالىمىدى. ئىنساننىڭ ئاللاھغا ئىتائەت قىلىشتىكى نەپسى بىلەن كۆرەش قىلىشى ۋە مەسئۇلىيەتنىڭ مەنىسىنىڭ نامايان بولىشى ئۈچۈن ئاللاھ ئىنساننى نەپسىنىڭ شەھۋىتى ۋە ئەقلى ئارىسىدا تارتىشىپ تۇرىدىغان ئىككى رېئاللىق ئارىسىدائىختىيارلىققا ئىگە بولىشىنى خالىدى. ئىختىيارلىق بولمىغان بولسا نەپسى بىلەن كۆرەش قىلغۇچىلار ئەجىرگە ئېرىشەلمىگەن بولاتتى.
مانا بۇ يۇقىرىقى ئايەتنىڭ ئىپادىسى، بۇ ئايەتنىڭ بىز توختىلىۋاتقان تەقدىر مەسىلىسى بىلەن ئالاقىسى يوق.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @- ]( f" Y, e) k) x: S/ J(2)
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @# o! B; E& _5 p7 m3 H: i7 p) Sئىنساننىڭ ئىرادىسى ئاللاھنى رەھمىتى ۋە غەزىپىگە بويسۇنىدۇ
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @' v8 o- ?1 b8 @6 @2 a
شۇنى بىلىش كېرەككى، سېنىڭ ئىرادەڭ ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە غەزىپىگە ئۇچراپ تۇرىدۇ. بەزى ئىنسان ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىدۇ، ئاللاھ ئۇنىڭغا ياخشىلىق قىلىش ۋە ھەق يولغا ئىنتىلىشتىن ئىبارەت رىغبىتىگە مۇۋەپپەقىيەت ئاتا قىلىدۇ. بەزى ئادەم دۇنيادا ئاللاھنىڭ غەزىپىگە ئۇچراپ قالىدۇ، چۈنكى ئۇ ئادەم يامانلىقتىن باشقىسىنى ئويلىمايدۇ. ئاللاھ بەندىلىرىگە قارىتا قانۇنىيىتى ئۆزىنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشكىلى بولىدىغان مۇئەييەن سەۋەبلەرنى ۋە غەزەپكە دۇچار قىلىدىغان مۇئەييەن سەۋەبلەرنى بەلگىلەپ بەرگەن.
شۇڭا قايسى بىر ئادەم يولنىڭ دەسلىپىدە ھەقىقەتكە تەرسالىق قىلماسلىق ۋە ئاللاھ ئاتا قىلغان ئەقلىنى كېرەكسىز قىلىپ قويماسلىققا بەل باغلاپ، ئاللاھغا ئىمان كەلتۈرۈپ، ئۇنىڭ ئىلاھلىقى ۋە ئۆزىنىڭ بەندىلىكىنى ھېس قىلىپ يېتىپ، ئاللاھغا ئىككى قولىنى سوزۇپ تۇرۇپ،ئىبادەت ۋە ھاياتلىق ئىشلىرىغا مۇۋەپپەقىيەت بېرىشنى تەلەپ قىلسا، ئاللاھنىڭ رەھمىتى ئۇنىڭغا ياغىدۇ، ئۇنىڭ كۈچ-قۇۋۋىتىنى تېخىمۇ ئاشۇرىدۇ، ئۇنىڭغا ھىدايەت ئەقلىدىن ئىبارەت يەنە بىر ئەقىلنى قوشۇپ بېرىدۇ، ئىرادىسىنى ئۆتكۈر ۋە چىداملىق قىلىدۇ:«ھىدايەت تاپقانلارنى ئاللاھ تېخىمۇ ھىدايەت قىلىدۇ، ئۇلارغا تەقۋادارلىقنىڭ مۇكاپاتىنى بېرىدۇ»، (مۇھەممەدسۈرىسى،17-ئايەت).
يەنە:«ئاللاھ شۇ كىتاب(يەنى قۇرئان)ئارقىلىق رازىلىقىنى تىلىگەنلەرنى سالامەتلىك يوللىرى(ئاللاھنىڭ شەرىئىتى ۋە ئۇنىڭ ئەھكاملىرى)غايېتەكلەيدۇ، ئىرادىسى بويىچە ئۇلارنى(كۇفرى) قاراڭغۇلۇقىدىن(ئىماننىڭ) نۇرىغا چىقىرىدۇ»، (مائىدە سۈرىسى، 15-ئايەت).
دېمەك، ئاللاھ ھەقىقەتنى تونۇشقا ھەقىقى يۈزلەنگەن ۋە ئاللاھغا دۇئا قىلىپ تەلپۈنگەن ئادەمگە ئىككىنچى ئەقىلنى ئاتا قىلىدۇ.
قايسى بىر ئادەم يولنىڭ دەسلىپىدىلا توغرا پرىنسىپ ۋە گۈزەل ئىستىللارغا تەرسالىق قىلىدىغان، ئەقلىنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە كۆز يۇمىدىغان، نەپسى ۋە ھەۋىسىنىڭ ئارقىسىدىن يۈگۈرىدىغان، مۇشۇ ئازغۇن يولدا كەسكىن ئىرادە بىلەن ماڭىدىغان ئادەمگە كەلسەك، ئاللاھ بۇنداق ئادەملەرنى زالالەت ۋە ئەقلى ئازغۇنلۇق قاينىمىغا تېخىمۇ تاشلايدۇ، ئۇلاردا شەھۋەت ۋە يېنىپ تۇرغان ھەۋەس ئوتلىرىنى ئۇلغايتىپ، ئىرادىسىنى ئېرىتىپ تاشلايدۇ ۋە ئۇلارنى نەسىھەت قىلغۇچىلارنىڭ نەسىھىتىدىن تېخىمۇ يۈز ئۆرۈش بىلەن سىنايدۇ:«پەرۋەردىگارىنىڭ ئايەتلىرى بىلەن پەند-نەسىھەت قىلىنغان، ئۇ ئايەتلەردىن يۈز ئۆرۈگەن ۋە ئۆزىنىڭ قىلغان گۇناھلىرىنى ئۇنتۇغان كىشىدىنمۇ زالىم كىشى بارمۇ؟ شۈبھىسىزكى،بىزئۇلارنىڭ دىللىرىغا قۇرئاننى چۈشىنىشكە توسقۇنلۇق قىلىدىغان پەردىلەرنى تارتتۇق،قۇلاقلىرىنى ئېغىر قىلدۇق، ئەگەر ئۇلارنى ھىدايەتكە دەۋەت قىلساڭ، ئۇلار ھەرگىز ھىدايەت تاپمايدۇ (يەنى ئۇلارنى ئىمانغا، قۇرئانغا دەۋەت قىلساڭ، ئۇلار دەۋىتىڭنى ھەرگىز قوبۇل قىلمايدۇ)»،(كەھف سۈرىسى،57-ئايەت).
يەنە:«يەر يۈزىدە ناھەق تەكەببۇرلۇق قىلىدىغانلارغا مېنىڭ ئايەتلىرىمنى چۈشىنىش ئىقتىدارىنى بەرمەيمەن، ئۇلار بارلىق مۆجىزىلەرنى كۆرگەندىمۇ ئۇنىڭغا ئىشەنمەيدۇ، ئۇلار ئەگەر توغرا يولنى كۆرسە، ئۇنىڭدا ماڭمايدۇ، گۇمراھلىق يولىنى كۆرسە ئۇنىڭدا ماڭىدۇ. بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئۇلار بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلدى ۋە ئۇنىڭدىن غاپىل بولدى»، (ئەئراف سۈرىسى،146-ئايەت).
مانا بۇ ئىلاھى قانۇنىيەت ئاللاھنىڭ «ئاللاھ ھەقىقەتەن خالىغان كىشىنى ئازدۇرىدۇ، خالىغان كىشىنى ھىدايەت قىلىدۇ»،(فاتىر سۈرىسى،8-ئايەت)دېگەن سۆزىنىڭ ئەمەلىيئىزاھاتى.
ئاللاھ ئازغۇنلۇق سەۋەبلىرىگە دۇچار بولغان ۋە ھىدايەت سەۋەبلىرىدىن يۈز ئۆرۈگەن ئادەمدىن باشقىسىنى ئازدۇرمايدۇ. ئاللاھنىڭ پەرمانى ۋە كۆرسەتمىسىگە بويسۇنۇشقا ئىرادە باغلىغان ھەر قانداق ئادەمگە ھىدايەت ۋە مۇۋەپپەقىيەت سەۋەبلىرىنى يېقىنلاشتۇرۇپ بېرىدۇ.
ئازغۇن پاسىق ئادەمنىڭ تۇغما خاراكتېرى ۋە ئىنسانپەرۋەرلىكى ئويغانغاندا، ئۇنىڭدىن بىرەر ياخشى خىسلەتلەر چىقىپ قالىدۇ، مۇشۇ ياخشى خىسلەت ئاللاھنىڭ ئۇنى ھىدايەت قىلىش سەۋەبى ۋە ھايات يولىنى ئۆزگەرتىشتىكى چوڭ ئامىل بولۇپ قالىدۇ.
بەزىدە ياخشى ئادەمدىن چوڭ قەبىھ ئىشلاردىن بىرەرسى يۈز بېرىپ قالىدۇ، ياخشى ئادەم ئۇ يامان ئىشنى پىسەنت قىلماي تەكرار قىلىۋېرىدۇ، ئاندىن قىلغان يامان ئىشلىرىغا تەۋبە ۋە پۇشايمان قىلىش دېگەن چاقىرىقنى ھېس قىلمايدۇ، شۇ سەۋەبلىك ئاللاھنىڭ غەزىپىگە ئۇچرايدۇ ۋە بۇ ئىش ھايات يولىنىڭ باشقا ئېقىمغا ئۆزگىرىپ كېتىشىنىڭ چوڭ ئامىلى بولۇپ قالىدۇ.
مانا بۇ رەسۇلۇللاھنىڭ مۇنۇ ھەدىسىدىكى مەقسەتتۇر، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن ئىدى:«ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، سىلەرنىڭ بىرىڭلار جەننەت ئەھلىنىڭ ئىشىنى قىلىپ كېتىۋېتىپ، جەننەتكە كىرىشكە بىر گەز قالغاندا، كىتاۋى(يەنى تەقدىرى يەنى ئاللاھنىڭ بىلىشى)ئىلگىرى كېلىپ قالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن دوزىخىلارنىڭ ئىشىنى قىلىپ دوزاخقا كىرىپ كېتىدۇ. سىلەرنىڭ بىرىڭلار دوزىخىلارنىڭ ئىشىنى قىلىپ كېتىۋېتىپ، دوزاخقا كىرىشكە بىر گەز مىقدارى قالغاندا، تەقدىر ئىلگىرى كېلىپ، جەننەت ئەھلىنىڭ ئىشىنى قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن جەننەتكە كىرىدۇ».(بۇخارى ۋە مۇسلىم بايان قىلغان).
ھەدىستىكى ئاللاھنىڭ كىتاۋى دېگەن سۆزدىن مەقسەت، ئاللاھ ئۇنىڭ شۇ مەزگىلگە كەلگەندە، ئۇنىڭ ياخشى ياكى يامان يولنى تاللاپ سالىدىغانلىقىنى بىلەتتى، شۇنى يېزىپ قويغان دېمەكچى. ئاللاھنىڭ يېزىپ قويغانلىقى ئۇنىڭ ھايات يولىنىڭ ئۆزگىرىپ كېتىش سەۋەبى ئەمەس، چۈنكى ئاللاھ ئۇنى مۇئەييەن ئىشنى قىلىشقا مەجبۇرلىمىدى، ئۇ ئىنسان ئىشلىرىنى ئۆز ئىختىيارى بىلەن قىلدى.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @9 I, \& C6 t4 X4 C+ q4 c% V/ D' iئابدۇراخمان جامال كاشىغەرى
(دوكتۇر ئاسپىرانتى)
بۇ ماقالە 2007- يىلى 6- ئاينىڭ، 25- كۈنى يېزىلغان.
قاھىرە شەھىرى، مىسىر.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @8 n) W7 G5 Y- [4 @9 i
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @ O) D! K4 W2 \. {5 P( M
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kashgari تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-5-31 03:31 AM بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @ { U8 Q* Y2 q; L* q3 d# j
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @1 [1 [2 `, [4 r# V$ I, }# L+ l