_ھە، ھە، قايسىسى؟ _ ئاۋۇ ئوتتۇرىدىكىسى ! _ھە مانا قاراپ باقىلى ھە ! _ئاپلا توغرا تېپىۋاپسىز، ئىلىڭە ما پۇلنى . دۆڭكۆۋرۈك ئالدىدىكى يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋىتىپ، تۇيۇقسىز بۇ ئاۋازلار بىلەن قەدىمىمنى توختىتىپ ئارقىمغا قارىدىم، قارىسام بەش ئالتە كىشى توپلىشىۋاپتۇ، ئالدىدا بىرەيلەن زوڭزىيىپ ئولتۇرغىدەك، دىققەت قىلىپ قارىسام بىرەيلەننىڭ كۆزى ئوڭ سول تەرەپلەرگەخۇددى قارلىغاچ بالىسى ئانا قارلىغاچنىڭ چاققانراق ئوزۇقلۇق ئېلىپ كىلىشىگە تەلمۈرگەندەك قارايتتى. مەن ئارقىمغا بۇرۇلۇپ قىزىقىش ئىلكىدە شۇ كىشىلەر توپىغا يىقىنلاشتىم، مەن بېرىشىمغىلا ئۆزلىكىدىن ئىككەيلەن ئاستاغىنە يول ئېچىپ مېنىڭ ئارىغا ئالدى ۋە ۋاقىراشلىرى تېخىمۇ جانلىنىپ، ئاۋازلارغا ئاۋاز قوشۇلغان ئىدى. قارىسام بىرەيلەن زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ ئۈچ قارتنى ئېچىۋاپتۇ، ئىككى قارت ئوخشاش ، بىر قارت ئوخشىمايدىغان قارت بولۇپ، ئۇ ئويۇن قائىدىسىدە بىرەيلەن ئۇ سورۇندا پۇل تىكىدىكەن، ئاندىن زوڭزىيىپ ئولتۇرغان كىشى ئۇ ئۈچ قارتتى ئالماشتۇرۇپ دۈم قويىدىكەن، ئاندىن ئۇ ئۈچ قارت ئىچىدىن ئوخشىمىغان بىر قارتنى توغرا تاپسا تىككەن پۇلنى بىر ھەسسىلەپ قولىغا تۇتقۇزىدىكەن، تاپالمىسا شۇ پۇل ئەشۇ ئادەمنىڭ بولىدىكەن. مەن قىزىقىپ قاراپ تۇردۇم، قارت ئىچىۋاتقان ئادەم ئورنىدىن تۇرۇپ،تىكىدىغانلار بارمۇ دەپ ماڭىلا قاراپ دەۋاتاتقاندەك قىلاتتى، مەن كۈلۈمسىرەپ تۇردۇم. شۇ ئەسنادا ئارىدىن بىرەيلەن ئاستا ئولتۇرۇپ ئوخشىمايدىغان قارتنىڭ ئۇچى تەرىپىنى كىچىككىنە قاتلاپ قويدى، لىكىن بۇنى قارت ئىچىۋاتقان ئادەم كۆرمىگەنگە سىلىۋالدىمۇ ياكى راست كۆرمىدىمۇ، ئۇ ئادەمنىڭ قىلغان قاقۋاشلىق ھۈنىرى مۇۋەپىققىيەتلىك بولغاندەك قىلاتتى. شۇ چاغدا ئارىدىن بىرەيلەن چىقىپلا 200يۈەننى چىقىرىپ: - مەن تىكىمەن مەن دىدى. ئۇ ئادەممۇ ھە بولىدۇ ئەمىسە دەپ 200 يۈەننى قولىغا ئېلىپ، ئۈچ قارتنى ئاۋالقىدەكلا بىر قىتىم ئالماشتۇرىۋەتتى، پۇل تىككەن ئادەم ماۋۇنى دەپلا قايرىغان قارتىنى تاللىدى، ئۇ توغرا تاللىغان ئىدى، مەن قارت ئىچىۋاتقان ئادەمنىڭ كالۋالىقىنى ئۆزۈمچە مەسخىرە قىلىپ كۈلۈمسىرەپ تۇردۇم، قارت ئىچىلدى، دەرۋەقە ئاشۇ ئوخشىمايدىغان قارت، شۇنىڭ بىلەن پۇل تىككەن ئادەمنىڭ پۇلى400 يۈەن بولدى. قارت ئاچقۇچى،ئاپلا دەپلا 400 يۈەننى ئۇنىڭغا قولىغا بەردى. يىنىمدىكى بىرەيلەن ماڭا قاراپ تۇرۇپ : -ھەي ئىسىت،يىنىمدا پۇل بولغان بولسىچۇ، مەنمۇ ئوينايتىم دەپ ئالدىغا قارىۋالدى. شۇ ھامان مېنىڭمۇ بۇ كۈچ ۋە ئەقىل تەلەپ قىلمايدىغان ئاددىغىنە پۇل تىپىشنىڭ پايدىسىنى كۆرۈپ باققۇم كەلدى دە 100 يۈەن تىكىپ بېقىشنى ئويلاپ، يانچۇغۇمغا قولۇمنى تىقىپ مەنمۇ ئوينايمەن دەپ پۇلنى ئالسام، يانچۇقۇمغا پاتمايۋاتقان 150 يۈەن پۇل چىقىپ قالدى، ئوڭ تەرىپىمدىكى بىرەيلەن : -تىكىڭە بولدى ھەممىنى ، دەپلا قولۇمدىكى 150 يۈەننى تارتىپلا ئولتۇرغان كىشىگە بەردى، مەن قايرىلىپ تۇرغان قارتنى كۆرۈپ تۇرىۋاتقان بولغاچقا ئۇتۇشۇمغا مۇتلەق ئىشىنىپ 300 يۈەنلا ئۇتمايمۇ دەپ ئويلاپ ماقۇل دىدىم، ئاندىن قايرىلغان قارتنى <<مەردانىلارچە>> تاللىدىم. قارت ئىچىلدى، توۋا!!! بۇ نىمە ئىش؟! ئۇ ئوخشاش قارتنىڭ بىرسى بوپ چىقتى، يىنىمدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ھەي... كالۋاكەنسىز، ماۋۇتى ئەمەسمۇ دەپ ماڭا ‹‹كۆڭۈل بۆلۈپ›› ئەيىبلىشىپ كەتتىيۇ، چىرايىدا كۈلكە يۈگرەۋاتقان ئىدى. شۇ ھامان ئەتراپىمدىكىلەرنىڭ ھەممىسى يەنى مېنىڭ ئالدىمغا پۇل تىككەن ئادەم دىن تارتىپ،قارتنى قايرىغان ئادەم، قولۇمدىن پۇلنى تارتىپ ئالغان، پۇلۇم بولغان بولسا ئوينايتتىم دەپ مېنى كۈشكۈرتكەنلەرنىڭ ھەممىسى شېرىكلەر ئىكەنلىكىنى بىلدىم ، ئويلاپ باقسام، مەن يانچۇغۇمدىن ھېلىقى قىن-قىنىغا پاتمىغان 150 يۈەننى ئېلىپ،ئۇنىڭغا بېرىش جەريانىدا، ئەتراپىدىكى قول چۇماقچىلار ئالماشتۇرۇپ بولغان بولسا كېرەك. مېنىڭ بىشىمغا مۇزدەك بىر چىلەك سۇنى قويغاندەك بولىۋاتاتتى، چۈنكى بىز ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن 150 يۈەن تىجەپرەك يسىەك بىر ھەپتە خاتىرجەم يەتكىدەك تاماق پۇلى ئىدى.مەن ئۇلارغا قاراپ تىللاي دىسەم، بۇ ئۆزۈمنىڭ دۆتلىكى ۋەنادانلىقىدىن بولدى، تىللىماي بوپتۇ دەپ كىتەي دىسەم قورسۇقۇم كۆپۈپ گال پىچاق بىلەن ھەممىسىنىڭ ئۆلمەيدىغان يەرلىرىگە توختىماي پىچاق تىققۇم كەلدى. ئاھ خۇدا!!! مەن نىمىدىگەن دۆت!!!بىر نەچچە مىنۇت ئىچىدە قاراپ تۇرۇپ ئاتا-ئانام قىينىلىپ جاپا تارتىپ مېنى قىينىلىپ قالمىسۇن دەپ سالغان پۇلىنى بىر نەچچە ۋىجدانسىز، قارا نىيەتلەرنىڭ چاڭگىلىغا تاشلاپ بەردىم. ئاستا ئارقىمغا بۇرۇلدۇم، ئامالسىزمەن، ئۇلارغا ئوينايمەن دىگەن ئۆزۈم، خاتالىق ئۆزۈمدە، مەن يەنىلا يولۇمغا مېڭىشنى لايىق تاپتىم، تۇيۇقسىز ئارقىمدىن بىرەيلەن، ھەي ئۇكام دەپ توۋلىدى. ئارقىمغا قايرىلىپ قارىسام، ئوتتۇرا ياش كەلگەن بىر ئاكاش ماڭا قاراپ: - سەن بۇلارنىڭ بۇخىل ئالدامچىلىقىنى بۇرۇن كۆرمىگەنما؟ بۇلارنى مۇشۇ يەردىلا ئۇرۇپ ھەيدىۋىتەيلى دىسەك تېخى، گەپ قىلايلى دىسەك تېخى، سەن نىمانداق دۆت دەيمەن، شۇ پۇلنى شۇ يەرگە تاشلاپ بەرگىچە بىر ئىككى كىلو گۆش ئېلىپ ئاپاڭ-داداڭغا شورپا سەپ بەرسەڭ سەندىن قانچە خوش بوپكىتەتتى،-دەپ ئىتتىك مېڭىپ ئالدىمغا ئۆتۈپ كەتتى، بۇ سۆزلەرگە نىمە دەي ئەمدى، بۇسۆز ئەمەس، يۈزلىرىمغا قاتتىق سېلىنغان بىر نەچچە تەستەك بولدى. يول بويى، بوپتىلا بالا-قازا مۇشۇنىڭ بىلەنلا كىتەر دەپ ئۆز-ئۆزۈمگە تەسەللىي بەرگەندەك قىلساممۇ، لىكىن ئەشۇ ۋىجدانىنى ئىت تالىۋەتكەن ئۆزىمىزنىڭ ‹‹قېرىنداشلىرىمىز››غا ئېچىندىم، ئۇلارنى مىڭنى قارغىۋەتتىم، ئۇلارنىڭ شۇ پۇلى سىڭەرمۇ؟ شۇ پۇللاردا نان يىسە ياراتقۇچى ئىگىمىز شۇنى راۋا كۆرەرمۇ؟! دەپ توختىماي ئىچ-ئىچىمدىن قاقشىدىم،لىكىن ئويلاپ باقسام، مەن شۇلارنىڭ قاتارىغا كىرىپ شۇ ھارام 150 يۈەننى ئۇتىۋىلىش نىيىتىدە بولغانلىقىمغا، ئۆزۈمنىمۇ شۇلار بىلەن پەرقىم يوق بولدى دەپ ئەيىبلىدىم. مەندەك نەچچىلىگەن نادان قېرىنداشلىرىمىز، ئەشۇ نىجىسلارنىڭ ئالدامچىلىقىغا ئۇچىراپ قويۇلۇپ يۈرگەندۇ ۋە ياكى يەنە قانچىلىگەن كىشىلەر ئەشۇنداق قويۇلماقچىدۇ؟! ھەيران قالدىم، ئوغىرلىق، بۇلاڭچىلىق قىلغانلارنى، ۋە باشقا جىنايەتلەرنى ئۆتكۆزگەنلەرنى قانۇن جازالايدىكەن، ئەممامۇشۇنداق كۈپكۈندۈزدە، ئۇيغۇرلار ئاۋات بولغان دۆڭكۆۋرۈك ئەتراپىدا ئۆز قېرىنداشلىرىنى قاقتى - سوختا قىلىۋاتقان، ئالدامچىلىق قېلىۋاتقان ساختىپەز ، نومۇسسىز، غورۇرسىز ‹‹ئەركىشى›› لەرنى كىم جازالايدۇ؟؟يەنىلا ئۆزۈمگە قويغان سۇئالىمغا ئۆزۈم جاۋاب بېرىپ :‹‹ ياراتقۇچى ئىگىمىز!!! ››دىدىم ۋە شۇ خىياللار بىلەن يولۇمغا راۋا بولدۇم.
مەنبە : ئۆزۈم 2014-يىلى5-ئاينىڭ30-كۈنى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-1 12:46 AM
|