مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 7530|ئىنكاس: 32

بىلىمخۇمار: مەكتەپ تاپشۇرۇقلىرى قانچىلىك بولسا ئەڭ مۇۋاپىق؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82221
يازما سانى: 581
نادىر تېمىسى: 12
مۇنبەر پۇلى : 39084
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2200 سائەت
تىزىم: 2012-6-28
ئاخىرقى: 2015-4-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-30 09:24:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەكتەپ تاپشۇرۇقلىرى قانچىلىك بولسا ئەڭ مۇۋاپىق؟

بىلىمخۇمار
2014-يىلى 30-ماي

مەن يېقىندا «ئامېرىكا باشلانغۇچ مەكتەپلىرىدىكى كەسىپ تاللاش پائالىيىتى» دېگەن بىر يازمىنى تورلارغا چىقارغاندىن كېيىن، بەزى قېرىنداشلار مەندىن ئامېرىكا مەكتەپلىرىنىڭ تاپشۇرۇق بېرىش ئەھۋالىنى سورىدى. مەن ئاشۇنداق سوئالغا جاۋاب ئىزدەش جەريانىدا، ئامېرىكا مائارىپ مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن 2003-يىلى 5-ئايدا تەييارلانغان «ئاتا-ئانىلارغا تاپشۇرۇق ھەققىدە مەسلىھەتلەر» [1] دېگەن بىر ھۆججەتنى ئۇچرىتىپ قالدىم. بۇ ھۆججەتتە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 100 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت جەريانىدىكى تەجرىبە-ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ، ئوخشىمىغان يىللىقلاردىكى ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن تاپشۇرۇق مىقدارى قانچىلىك بولسا ئەڭ مۇۋاپىق بولىدىغانلىقىنى مەكتەپ ۋە ئاتا-ئانىلارغا تەۋسىيە شەكلىدە چۈشەندۈرۈپتۇ. مەن مەزكۇر ماقالىدا ئاشۇ ھۆججەتنىڭ مەزمۇنىنى تونۇشتۇرىمەن. شۇنداقلا، ماقالىنىڭ ئاخىرىدا ئامېرىكىدىكى خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى باكالاۋر ئوقۇغۇچىلىرىنى قوبۇل قىلىش ۋاقتىدا ئىمتىھان نەتىجىلىرىدىن باشقا يەنە نېمىلەرگە قارايدىغانلىقىنى تونۇشتۇرىمەن [2]. ئامېرىكىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسخانىدا ئىگىلەيدىغان بىلىمى ۋە ئىقتىدارلىرى بىلەن دەرسخانىنىڭ سىرتىدا ئىگىلەيدىغان بىلىمى ۋە ئىقتىدارلىرىغا ئوخشاش دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىدىغان بولۇپ، خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشلار ئارقىلىق، ئامېرىكا قانداق قىلىپ ھازىرقىدەك كەشپىياتتا دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان بىر ھالەتكە كەلگەنلىكىنى چۈشىنىۋالغىلى بولىدۇ.

مەن بۇ يازمىدا يۇقىرىدىكى مەنبەلەردىكى مەزمۇننى ئىمكانقەدەر ئەينەن بايان قىلىدىغان بولۇپ، ئەگەر ئۆز پىكرىمنى قوشۇپ قويماقچى بولسام، ئۇنى بىر «ئىلاۋە» شەكلىدە كىرگۈزىمەن.

تۆۋەندىكىسى 1-مەنبەدىكى مەزمۇنلار.

ئامېرىكىدا رەسمىي مەكتەپلەر يولغا قويۇلغاندىن تارتىپ، تاپشۇرۇق ئوقۇغۇچىلار ھاياتىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ كەلدى. ئەمما، تاپشۇرۇق مائارىپچىلار بىلەن ئاتا-ئانىلار تەرىپىدىن بەزىدە «توغرا ئىش» دەپ قوبۇل قىلىندى، بەزىدە بولسا «خاتا ئىش» دەپ رەت قىلىندى. بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەب، تاپشۇرۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىم ئېلىشى بىلەن مەكتەپكە بولغان پوزىتسىيىسىگە نىسبەتەن ئىجابىي تەسىرمۇ كۆرسىتىدۇ، ھەمدە سەلبىي تەسىرمۇ كۆرسىتىدۇ.


1. تاپشۇرۇقنىڭ 100 يىللىق تارىخى

يىگىرمىنچى ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، كىشىلەر ئادەمنىڭ ۋۇجۇدىنى روھىي جەھەتتىكى چېنىقىش ئارقىلىق كۈچەيتكىلى بولىدىغان مۇسكۇل، دەپ ھېسابلىدى. ئۇنداق چېنىقىشنى ئۆيلەردە ئېلىپ بارغىلى بولغاچقا، «تاپشۇرۇق ياخشى نەرسە» دەپ قارىدى. 1940-يىللىرى، مەكتەپلەر بىلىملەرنى يادلىتىشنىڭ ئورنىغا مەسىلە يېشىشنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇشقا باشلىدى. تاپشۇرۇق ئىشلەش ئوخشاش مەزمۇنلارنى تەكرارلاش جەريانى بولغاچقا، كىشىلەر ئۇنى ياقتۇرمايدىغان بولدى. 1950-يىللىرى ئامېرىكىلىقلار «مائارىپ يېتەرلىك دەرىجىدە پۇختا ئەمەس، بالىلار كومپيۇتېرغا ئوخشاش يېڭى تېخنولوگىيىگە ماس كېلىدىغان قىلىپ تەربىيىلەنمىدى»، دەپ ئەنسىرەشكە باشلىدى. ھەمدە تاپشۇرۇق بىلىم ئېلىش سۈرئىتىنى تېزلىتىشى مۇمكىن، دەپ قارىدى.

1960-يىللىرى مائارىپچىلار بىلەن ئاتا-ئانىلار «تاپشۇرۇقلار بالىلارنىڭ ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش، سىرتتا كۆڭۈل ئېچىش ۋە ئىجادىي ئىش-ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىش پۇرسەتلىرىنى يوق قىلىۋەتتى»، دەپ ئەنسىرىدى. 1980-يىللىرى تاپشۇرۇق يەنە كىشىلەر ياقتۇرىدىغان نەرسىگە ئايلىنىپ، ئۇ ئامېرىكا مائارىپى يېتىلدۈرگەن كىشىلەر ئىچىدە ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭ كۆپىيىپ كېتىش دولقۇنىنى توسۇشنىڭ بىر چارىسى، دەپ قارالدى. مائارىپ ئۆلچەملىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، تاپشۇرۇققا بارغانسېرى بەكرەك ئەھمىيەت بېرىش 1990-يىللىرىغىچە داۋاملاشتى.


2. تاپشۇرۇق ئىشلەش كېرەكمۇ ياكى ئىشلىمەسلىك كېرەكمۇ؟

تاپشۇرۇقنىڭ ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن كۆپلىگەن پايدىسى بار. ئۇ مەكتەپتە ئۆگەنگەن بىلىملەرنى ئەستە قالدۇرۇش ۋە چۈشىنىشنى ياخشىلايدۇ. ئۇ ئوقۇغۇچىلاردا ئۆگىنىش ماھارىتىنى يېتىلدۈرۈشكە پايدىلىق بولۇپ، بۇنداق ماھارەتنىڭ ئوقۇغۇچىلار مەكتەپتىن ئايرىلغاندىن كېيىنمۇ قىممىتى بار. تاپشۇرۇق ئوقۇغۇچىلارغا ئۆگىنىش پەقەت سىنىپتىلا ئېلىپ بېرىلىدىغان ئىش بولماستىن، ئۇنى قانداق يەردە ئېلىپ بارسا بولۇۋېرىدىغانلىقىنى ئۆگىتىدۇ. تاپشۇرۇقنىڭ ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئومۇمىي جەھەتتىمۇ پايدىسى بار. ئۇ ياش ئۆسمۈرلەردە مۇستەقىل ئىش ئېلىپ بېرىش ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق قاتارلىق ئىجابىي خاراكتېرلەرنى يېتىلدۈرىدۇ. ئۇ بالىلارغا ۋاقىتنى قانداق باشقۇرۇشنى ئۆگىتىدۇ.

ئەمما، ئەگەر تاپشۇرۇق مۇۋاپىق ھالدا بېرىلمەيدىكەن ۋە نازارەت قىلىنمايدىكەن، ئۇ بالىلار ئۈچۈن سەلبىي رولمۇ ئوينايدۇ. مائارىپچىلار بىلەن ئاتا-ئانىلار مۇنداق بىر ئىشتىن ئەنسىرەيدۇ: ئەگەر ئوقۇغۇچىلاردىن تاپشۇرۇق ئۈچۈن ھەددىدىن ئارتۇق ۋاقىت سەرپ قىلىش تەلەپ قىلىنىدىكەن، ئۇلار مەكتەپتىن زېرىكىپ قالىدۇ. تاپشۇرۇق بالىلارغا مۇھىم ئىقتىدارلارنى ئۆگىتىدىغان كۆڭۈل ئېچىش ۋە جامائەتنىڭ ئىش-پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىش ۋاقىتلىرىنى ئىگىلەپ كېتىشى مۇمكىن. ئەگەر تاپشۇرۇق ئىشلەش جەريانىدا بالىلار كۆچۈرمىكەشلىك قىلىدىكەن ياكى ئۇنى باشقىلارغا ئىشلەتكۈزىدىكەن، تاپشۇرۇق بالىلاردا ناچار خاراكتېرلەرنىڭ شەكىللىنىشىگە سەۋەبچى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

مائارىپچىلار بىلەن ئاتا-ئانىلارنىڭ ئالدىغا قويۇلغان مەسىلە تاپشۇرۇقنىڭ ئىجابىي تەسىرلىرى ياكى سەلبىي تەسىرلىرى ئىچىدىكى قايسىلىرى توغرا، دېگەننى ئايرىپ چىقىش ئەمەس. مائارىپچىلار بىلەن ئاتا-ئانىلارنىڭ ۋەزىپىسى تاپشۇرۇقنىڭ پايدىسىنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىسىدە يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئۇنىڭ زىيىنىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىشتىن ئىبارەتتۇر.


3. قانچىلىك تاپشۇرۇق ئەڭ مۇۋاپىق بولىدۇ؟

تاپشۇرۇق ھەققىدىكى ئەڭ ھالقىلىق مەسىلە، تاپشۇرۇق قانچىلىك بولسا ئەڭ مۇۋاپىق بولىدۇ، دېگەندىن ئىبارەتتۇر. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئورتاق پىكرى، تاپشۇرۇق مىقدارىنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېشى بىلەن ئۇلارنىڭ ئىقتىدارىغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ بەلگىلەشتۇر. ئامېرىكىنىڭ مەملىكەتلىك ئاتا-ئانىلار ۋە ئوقۇتقۇچىلار بىرلەشمىسى قاتارلىق نۇرغۇنلىغان مەملىكەتلىك ئوقۇتقۇچىلار تەشكىلاتلىرىنىڭ تەكلىپى مۇنداق:

--يەسلىدىن 3-سىنىپقا كۆچكىچە بولغان ئارىلىقتا، كۈنلۈك تاپشۇرۇق مىقدارى 10-20 مىنۇتتىن ئېشىپ كەتمىسە تاپشۇرۇقنىڭ ئۈنۈمى ئەڭ ياخشى بولىدۇ.

--ئۈچىنچى سىنىپتىن 6-سىنىپنى تاماملىغۇچە كۈنلۈك تاپشۇرۇق مىقدارى 30-60 مىنۇت بولسا ئەڭ مۇۋاپىق بولىدۇ.

--تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تاپشۇرۇقلىرى يۇقىرىقىدىن كۆپرەك بولسا پايدىلىق بولۇپ، تاپشۇرۇقلار ئوخشىمىغان كۈنلەردە ئوخشىمايدىغان مىقداردا بېرىلسە بولۇۋېرىدۇ.

ئۆيىدە كىتاب ئوقۇش كىچىك بالىلار ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. ئۆزلىرى ناھايىتى قىزىقىدىغان كىتابلارنى ئوقۇتۇش تاپشۇرۇقلىرى يۇقىرىدا تەۋسىيە قىلىنغان تاپشۇرۇقلار ۋاقتىدىن باشقا ۋاقىتلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلسا بولۇۋېرىدۇ.

يۇقىرىدىكى تەۋسىيىنامىلەر تاپشۇرۇقنىڭ ئۈنۈملۈك بولۇشى ھەققىدە ئېلىپ بېرىلغان نۇرغۇنلىغان ئىلمىي تەتقىقاتلارنىڭ يەكۈنلىرى ئاساسىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان. تەتقىقات نەتىجىلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، كىچىك بالىلارغا تاپشۇرۇقنىڭ مىقدارىنى ئازايتىپ، قېتىم سانىنى كۆپەيتسە ئېرىشىدىغان ئۈنۈم تاپشۇرۇقنىڭ مىقدارىنى كۆپەيتىپ، قېتىم سانىنى ئازايتقانغا قارىغاندا ياخشىراق بولىدۇ. بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەب، كىچىك بالىلارنىڭ دىققىتىنى بىر ئىشقا يىغالايدىغان ۋاقىت مۇددىتى قىسقىراق بولۇپ، ئۇلار داۋاملىق تۈردە بىر ۋەزىپىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئورۇنلاپ بولغان ھېسسىياتقا ئېھتىياجلىق بولىدۇ.


4. تاپشۇرۇقلارنىڭ تۈرلىرى

ئادەتتە ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارغا تاپشۇرۇق بەرگەندە، بىر ياكى بىر قانچە مەقسەتلەرنى كۆزدە تۇتىدۇ. ئۇلارنىڭ ئەڭ ئاساسلىق مەقسىتى، ئوقۇغۇچىلارغا دەرسخانىلاردا ئۆتۈلگەن دەرسلەرنى تەكرار قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت. ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، تاپشۇرۇقلارنى مۇنداق تۈرلەرگە ئايرىش مۇمكىن:

(1) دەرسلەرنى تەكرارلاش تاپشۇرۇقى: ئوقۇغۇچىلارنى ئۆتۈلگەن دەرسلەرنى قايتا تەكرارلاپ چىقىشقا مەجبۇرلاپ، ئۇلارنىڭ بەزى ئالاھىدە ئىقتىدارلارنى ئىگىلىۋېلىشىغا ياردەم قىلىدۇ.

(2) تەييارلىق قىلىش تاپشۇرۇقى: بۇنىڭدىن كېيىن ئۆتۈلىدىغان دەرسلەرنى ئالدىن تونۇشتۇرىدۇ. بۇ تاپشۇرۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسخانىدا ئۆتۈلىدىغان يېڭى مەزمۇنلارنى ياخشىراق ئىگىلىۋېلىشىغا ياردەم قىلىدۇ.

(3) بىلىمىنى كېڭەيتىش تاپشۇرۇقى: بۇ تاپشۇرۇق ئوقۇغۇچىلاردىن ئىگىلەپ بولغان ئىقتىدارلارنى يېڭى ئەھۋالغا قوللىنىشنى تەلەپ قىلىدۇ.

(4) ئىقتىدارلارنى بىرلەشتۈرۈش تاپشۇرۇقى: بۇنداق تاپشۇرۇق ئوقۇغۇچىلاردىن بۇرۇن ئىگىلەپ بولغان، بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان كۆپلىگەن ئىقتىدارلارنى بىرلا ئىشقا قوللىنىشنى تەلەپ قىلىدۇ. مەسىلەن، بىر كىتابنى ئوقۇپ، ئۇ توغرۇلۇق بىر دوكلات يېزىش، بىر تەبىئىي-پەن تەتقىقات پروجېكتى (تەتقىقات تۈرى، چوڭ تاپشۇرۇق) ئىشلەش، ياكى ئىجادىي يېزىقچىلىق قاتارلىقلار.

تەتقىقات نەتىجىلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، ماتېماتىكا تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە بەكرەك مۇھىم بولۇپ، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئوتتۇرا مەكتەپلەردىكىدەك مۇھىم ئەمەس. ماتېماتىكا باشلانغۇچ 4-سىنىپىدىن باشلاپ مۇھىملىققا ئۆتۈپ، ئۇنىڭ مۇھىملىق دەرىجىسى ئۇنىڭدىن كېيىن تەدرىجىي ھالدا ئۆسۈپ ماڭىدۇ.


5. ئاتا-ئانىلارنىڭ تاپشۇرۇقتىكى ياردىمى

تەتقىقات نەتىجىلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئاتا-ئانىلارنىڭ ياردىمى تاپشۇرۇقنىڭ قىممىتىگە بەزىدە ئىجابىي، ۋە بەزىدە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئاتا-ئانىلارنىڭ ياردىمى بالىلارنىڭ ئۆگىنىش سۈرئىتىنى تېزلىتىشكە پايدىلىق بولىدۇ. تاپشۇرۇق ئاتا-ئانىلارنى مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش ئىشلىرىغا قاتنىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ. ئۇ ئاتا-ئانىلارنىڭ مائارىپنىڭ قىممىتىنى تونۇپ يېتىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. تاپشۇرۇق ئاتا-ئانىلارنىڭ مەكتەپ ئىشلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا نىسبەتەن ئىجابىي پوزىتسىيە نامايان قىلىش پۇرسىتىنى يارىتىپ بېرىدۇ.

ئەمما، تاپشۇرۇققا ئاتا-ئانىلارنىڭ ئارىلىشىشى بالىنىڭ بىلىم ئېلىش جەريانىغا دەخلى قىلىشىمۇ مۇمكىن. مەسىلەن، ئاتا-ئانىلار ئىشلەتكەن ئۆگىتىش ئۇسۇلى دەرسخانىدا قوللانغان ئۇسۇلغا ئوخشىمايدىكەن، بالىلار گاڭگىراپ قېلىشى مۇمكىن. ئەگەر بالا ئۆزى ئىشلىيەلەيدىغان تاپشۇرۇقنى ئاتا-ئانىلار ئىشلەپ تاماملىۋېتىدىكەن، ئۇ ھالدا بۇ ئاتا-ئانا بالىنىڭ بىلىم ئېلىشىغا دەخلى قىلغان بولىدۇ.

ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ تاپشۇرۇقىغا كۆڭۈل بۆلسە، مەكتەپ بىلەن ئائىلە ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە كۈچىيىدۇ. شۇ ئارقىلىق ئاتا-ئانىلار مەكتەپ بالىلىرىدىن نېمىنى كۈتىدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋالالايدۇ. ئاتا-ئانىلار تاپشۇرۇق ئارقىلىق بالىلىرىنىڭ مەكتەپتە نېمىلەرنى ئۆگىنىۋاتقانلىقىنى، ھەمدە بالىلىرىنىڭ دەرسلەرنى ئۆزلەشتۈرۈۋېلىش ئەھۋالىنىڭ قانداقلىقىنى بىۋاسىتە بىلىۋالالايدۇ.

تەتقىقات نەتىجىلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئەگەر بىر بالا تاپشۇرۇق ئىشلەشتە قىينىلىۋاتقان بولسا، ئاتا-ئانىلار بۇنداق ئەھۋالغا ھەر ۋاقىت دىققەت قىلىپ، تاپشۇرۇق ئىشلەش جەريانىغا ئارىلىشىشى كېرەك. بۇنداق ئەھۋالدا ئوقۇتقۇچىلارمۇ ئاتا-ئانىلاردىن تېخىمۇ كۆپ ياردەم سورىشى مۇمكىن. ئەگەر بىر بالىنىڭ مەكتەپتىكى ئوقۇشى ياخشى بولىدىكەن، ئاتا-ئانىلار دىققىتىنى بالىنىڭ تاپشۇرۇق ئىشلەشتىكى تاللىشىنى قوللاش تەرەپكە يۆتكىشى، بالىنىڭ تاپشۇرۇقنى مۇستەقىل ئىشلىشىگە ئارىلىشىۋالماسلىقى كېرەك.

تاپشۇرۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىم ئىگىلەش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنىڭ بىر ئۈنۈملۈك ۋاسىتىسى بولالايدۇ. شۇنداقلا ئاتا-ئانىلار ئۆزلىرىنىڭ مەكتەپنى قەدىرلەيدىغانلىقىنى بالىلىرىغا بىلدۈرۈشنىڭ ئۈنۈملۈك ۋاسىتىسىمۇ بولالايدۇ. تاپشۇرۇق ئارقىلىق ئېرىشىدىغان نەتىجىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان نۇرغۇن ئامىللار مەۋجۇت بولغاچقا، تاپشۇرۇقتىن كۈتىدىغان ئۈمىد ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك.

تاپشۇرۇق بەلگىلىمىلىرى بىلەن تاپشۇرۇقنى ئىشلەش جەريانلىرى، ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ئاتا-ئانىلارغا ئۇلارنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئالاھىدە ئېھتىياجى بىلەن ئالاھىدە ئەھۋالىغا ئاساسەن ئىش كۆرۈش ئەركىنلىكىنى بېرىشى كېرەك. ئاشۇنداق قىلغاندا، ئۇلار تاپشۇرۇقنىڭ ئىجابىي تەسىرىنى ئەڭ زور دەرىجىدە كۈچەيتىپ، سەلبىي تەسىرىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتالايدۇ.


6. تاپشۇرۇق ھەققىدە ئاتا-ئانىلارغا ئومۇمىي تەۋسىيە

(1) بالىڭىزغا تاپشۇرۇق ئىشلەيدىغانغا بىر جىمجىت ۋە يورۇق جاينى ھازىرلاپ بېرىڭ. بالىڭىزنىڭ تېلېۋىزورنى ئېچىپ قويۇپ تاپشۇرۇق ئىشلىشىنىڭ، ھەمدە زېھنىنى چاچىدىغان باشقا ئىشلار يۈز بېرىۋاتقان يەردە، مەسىلەن، كىشىلەر كىرىپ-چىقىۋاتقان يەردە تاپشۇرۇق ئىشلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىڭ.

(2) بالىڭىز ئېھتىياجلىق بولغان قەغەز، قەلەم ۋە لۇغەت قاتارلىق ماتېرىياللارنى تولۇق ھازىرلاپ بېرىڭ. بالىڭىز بەزى پروجېكتلەر ئۈچۈن بەزى ئالاھىدە ماتېرىيالغا ئېھتىياجى بارمۇ-يوق، ئۇلاردىن سوراپ، ئەگەر لازىم بولسا ئۇلارنى ئالدىن تەييارلاپ بېرىڭ.

(3) تاپشۇرۇق ئۈچۈن ھەر كۈندىكى مەلۇم بىر مۇقىم ۋاقىتنى بېكىتىپ بېرىڭ. بالىڭىزنىڭ تاپشۇرۇق ئىشلەشنى كېچىكتۈرۈپ، پەقەت ئۇخلاشنىڭ ئالدىدىلا ئىشلىشىگە يول قويماڭ. ئەگەر قىلىدىغان پروجېكت ياكى چوڭ تاپشۇرۇقلار بار بولىدىكەن، ئۇلارنى شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى چۈشتىن بۇرۇن ياكى چۈشتىن كېيىنكى ۋاقىتلارغا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئويلىشىپ بېقىڭ. ئۇنداق تاپشۇرۇقلارنى باشقا ساۋاقداشلار بىلەن بىللە ئىشلەشكە توغرا كەلسە، ئۇنىڭغا شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى ئەڭ مۇۋاپىق بولىدۇ.

(4) تاپشۇرۇققا نىسبەتەن ئىجابىي پوزىتسىيە تۇتۇڭ. بالىڭىزغا مەكتەپنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى سۆزلەپ تۇرۇڭ. سىزنىڭ تاپشۇرۇقلارغا تۇتقان پوزىتسىيىڭىز بالىڭىزنىڭ تاپشۇرۇققا نىسبەتەن شەكىللىنىدىغان پوزىتسىيىسى ئۈچۈن ئۈلگە بولىدۇ.

(5) بالىڭىزغا ئۇلار ھازىر ئۆگىنىۋاتقان قابىلىيەتلەر، سىز ھازىر بىر چوڭ ئادەم بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن قىلىۋاتقان ئىشلار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ قويۇڭ. بالىڭىز كىتاب ئوقۇغاندا، سىزمۇ كىتاب ئوقۇڭ. ئەگەر بالىڭىز ھېساب ئىشلەۋاتقان بولسا، سىزمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ، ئائىلە ھېسابلىرىنى قىلىڭ.

ئىلاۋە: ئامېرىكىدىكى نۇرغۇن ئىدارىلەر ھەر يىلىدىكى بىر خىزمەت كۈنىنى «بالىلارنى ئىشقا ئەكېلىش كۈنى» (Take the kids to work day) قىلىپ بېكىتىپ، شۇ كۈنى كىچىك بالىلىرى بار خىزمەتچىلەرنىڭ ھەممىسىنى بالىلىرىنى ئىشقا ئەكېلىشكە رىغبەتلەندۈرىدۇ. شۇ كۈنى بالىلار دادىسى ياكى ئاپىسىنىڭ بىر كۈنلۈك خىزمىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرىدۇ. ئاتا-ئانىسىنىڭ قانداق قاتتىق ئىشلەيدىغىنى، نېمە ئىش قىلىدىغىنى، قانداق بىلىم ۋە قابىلىيەتلەرنى ئىشقا سالىدىغانلىقىنى، ۋە پۇلنى قانداق تەستە تاپىدىغانلىقىنى تولۇق چۈشىنىپ يېتىدۇ.
(6) بالىڭىز سىزدىن ياردەم سورىغاندا، سىز ئۇنىڭغا يول كۆرسىتىپ بېرىپ، تاپشۇرۇقتا سورالغان سوئالنىڭ جاۋابىنى دەپ بەرمەڭ. ئەگەر جاۋابىنى سىز دەپ بەرسىڭىز، بالىڭىز تاپشۇرۇقتا سورالغان مەزمۇننى ئۆگىنەلمەيدۇ. ئەگەر بالىڭىزغا ھەددىدىن ئارتۇق ياردەم بېرىپ كەتسىڭىز، بالىڭىزدا «مەن قىينالغان ۋاقتىمدا باشقىلار مېنىڭ ئىشىمنى قىلىپ بېرىدىكەن»، دېگەن ئاڭ شەكىللىنىپ قالىدۇ.

(7) ئەگەر ئوقۇتقۇچى بەزى تاپشۇرۇقلاردا سىزنىڭ ياردەم قىلىشىڭىزنى تەلەپ قىلىدىكەن، سىز چوقۇم ياردەم قىلىڭ. ئوقۇتقۇچى بىلەن ھەمكارلىشىڭ. شۇنداق قىلسىڭىز، بالىڭىز مەكتەپ بىلەن ئائىلىنىڭ ئوخشاش بىر سەپتە تۇرۇپ ئىش قىلىدىغانلىقىنى بىلىۋالالايدۇ. ئوقۇتقۇچىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىش قىلىڭ.

(8) ئەگەر بەزى تاپشۇرۇقلار بالىڭىزنىڭ ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل ئىشلىشىنى تەلەپ قىلىدىكەن، سىز ئۇنىڭغا ئارىلىشىۋالماڭ. ئەگەر ئاتا-ئانىلار ھەددىدىن زىيادە كۆپ ئارىلىشىۋالىدىكەن، تاپشۇرۇق ئۆزىنىڭ ئىجابىي رولىنى يوقىتىپ قويىدۇ. تاپشۇرۇق بالىلاردا مۇستەقىل ۋە ئۆمۈر بويى ئۆگىنىش قىلىش قابىلىيەتلىرىنى يېتىلدۈرۈشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلىدۇر.

(9) مەكتەپتىكى ئىشلاردىن خەۋەردار بولۇپ تۇرۇڭ. بالىڭىزنىڭ مۇئەللىمى بىلەن سۆزلىشىپ تۇرۇڭ. شۇ ئارقىلىق تاپشۇرۇقنىڭ مەقسىتىنى، ھەمدە بالىڭىزنىڭ سىنىپىنىڭ تۈزۈمىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى چوقۇم بىلىپ تۇرۇڭ.

(10) بالىڭىزغا ياردەملىشىپ، ئۇنىڭغا نېمىنىڭ تەس تاپشۇرۇق، نېمىنىڭ ئاسان تاپشۇرۇق ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بېرىڭ. بالىڭىز تەس تاپشۇرۇقنى ئالدىدا ئىشلىسۇن. مۇشۇنداق قىلىش بالىڭىزغا ئەڭ چوڭ قىيىن ئۆتكەلگە دۇچ كەلگەندە ئەڭ ھوشيار بولۇشنى ئۆگىتىدۇ. بالىڭىز ھېرىپ قالغاندا ئاسان تاپشۇرۇقلارنى تېزلا ئىشلەپ بولالايدۇ.

(11) بالىڭىزدىكى ئوقۇشنى ياخشى ئېلىپ ماڭالماسلىق ۋە ئىچى پۇشۇش ئالامەتلىرىگە دىققەت قىلىڭ. ئەگەر بالىڭىز زېھنىنى مەلۇم بىر مەسىلىگە يىغالمايدىكەن، ئۇنى بىر ئاز تەنەپپۇس قىلدۇرۇڭ.

(12) بالىڭىز تاپشۇرۇق ئىشلەشتە ئالغا باسقاندا، ئۇنى مۇكاپاتلاڭ. ئەگەر بالىڭىز تاپشۇرۇق ئىشلەشتە ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىدىكەن ھەمدە قاتتىق تىرىشىدىكەن، ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىنى بىرەر ئالاھىدە ئىش بىلەن تەبرىكلەپ، بالىڭىزنىڭ ئىجابىي تىرىشچانلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىڭ. مەسىلەن، بالىڭىزنى بىرەر باغچىغا ئاپىرىش، بالىڭىز ياخشى كۆرىدىغان بىر نەرسىنى ئېلىپ بېرىش قاتارلىقلار.


7. كىتاب ئوقۇش تاپشۇرۇقى ھەققىدە ئاتا-ئانىلارغا تەۋسىيە

(1) بالىڭىز ھەر كۈنى ئاخشىمى سىزگە ئۈنلۈك ئاۋازدا كىتاب ئوقۇپ بەرسۇن.

(2) بالىڭىزنىڭ ھەر كۈنى ئاخشاملىق كىتاب ئوقۇش تاپشۇرۇقىنى ئىشلىشى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا زېھىننى چاچىدىغان ئىشلاردىن خالىي بىر جىمجىت يەرنى تېپىپ بېرىڭ.

(3) بالىڭىز كىتاب ئوقۇۋاتقاندا، ئۇنىڭغا ئۆي، كۆل ۋە چۆل دېگەندەك سۆزلەرنىڭ قانداق يېزىلىدىغانلىقى، ۋە قانداق ئوقۇلىدىغانلىقىنى دەپ بېرىڭ.

(4) ئەگەر بالىڭىز سىزگە ئۈنلۈك ئاۋازدا كىتاب ئوقۇپ بېرىۋېتىپ بەزى يەرلەرنى خاتا ئوقۇپ قالىدىكەن، بالىڭىزغا خاتالىقنى ۋە ئۇنىڭ توغرا ئوقۇلۇشىنى كۆرسىتىپ بېرىڭ.

(5) بالىڭىز بىر خاتا ئوقۇپ قالغان سۆزنى تۈزىتىش ئۈچۈن توختاپ قالغاندا، ئۇنىڭغا ھېلىقى بىر جۈملە قىسىمنى باشتىن باشلاپ قايتا ئوقۇتۇپ، چوقۇم ئۇ جۈملىنىڭ مەنىسىنى توغرا چۈشىنىۋېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىڭ.

(6) بالىڭىزدىن ھېكايىنىڭ مەزمۇنىنى ئۆزىنىڭ سۆزى بىلەن قايتىدىن تەسۋىرلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلىڭ.

(7) بالىڭىزنىڭ ئوقۇۋاتقان مەزمۇنلارنى قانچىلىك چۈشەنگەنلىكىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن، بالىڭىزنى پات-پات كىتاب ئوقۇشتىن توختىتىپ، ئۇنىڭدىن ھېكايىدىكى ئادەملەر ۋە ۋەقەلەر ھەققىدە سوئال سوراپ تۇرۇڭ.

(8) بالىڭىزدىن ھېكايىدىكى بىر ئادەمنىڭ نېمە ئۈچۈن مەلۇم بىر ئىشنى قىلغانلىقىنى سوراپ، بالىڭىز بەرگەن جاۋابنى ھېكايىدىكى ئۇچۇرلار بىلەن ئىسپاتلاپ بېرىشنى تەلەپ قىلىڭ.

(9) بىر ھېكايىنى ئوقۇپ بولۇشتىن بۇرۇن، بالىڭىزدىن ھېكايىنىڭ كېيىنكى قىسمى قانداق چىقىدىغانلىقىنى، ۋە نېمىشقا شۇنداق بولىدىغانلىقىنى سوراپ تۇرۇڭ.


8. ھېساب تاپشۇرۇقى ھەققىدە ئاتا-ئانىلارغا تەۋسىيە

(1) بالىڭىزنى مەلۇم بىر «كۈنلۈك ھېساب تاپشۇرۇقى» كىتابىنى ئىشلەپ مېڭىشقا رىغبەتلەندۈرۈڭ.

(2) بالىڭىز ھېسابتا ھاسىل قىلىۋاتقان ئىلگىرىلەشنى بىلىپ تۇرۇڭ. بالىڭىزنىڭ ھەر بىر كۈنلۈك ھېساب تاپشۇرۇقىنى ئىشلەش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تۇرۇڭ.

(3) ئەگەر بالىڭىزنىڭ ھېساب تاپشۇرۇقىنى بىلەلمەي قالسىڭىز، ئۇنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بىلەن پات-پات ئالاقىلىشىپ تۇرۇڭ.

(4) ئەگەر بالىڭىز ھېساب دەرسىنىڭ تاپشۇرۇقىدا قىينىلىپ قالغان بولسا، ئوقۇتقۇچى بىلەن ئالاقىلىشىپ، بالىڭىزنىڭ ئۆگىنىۋاتقىنى ئۆزىنىڭ سىنىپ يىللىقىغا توغرا كېلەمدۇ-يوق، بالىڭىزنىڭ ئوقۇشىنى ياخشىلاش ئۈچۈن ئۆيىڭىزدە نېمە ئىشلارنى قىلىشىڭىز كېرەك، دېگەنلەرنى سوراپ بېقىڭ.

(5) ئەگەر بالىڭىز ھەقىقەتەنمۇ ياردەمگە ئېھتىياجلىق بولسا، بالىڭىزنىڭ ئوقۇتقۇچىسىدىن بالىڭىزنى مەكتەپتىن چۈشكەندىن كېيىنكى دەرس تەكرارلاش پائالىيىتىگە قاتناشتۇرۇشنى تەلەپ قىلىڭ.

(6) مەكتەپ مۇدىرى بىلەن بىرلىكتە، مەكتەپتە يۇقىرى يىللىقنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى تۆۋەن يىللىققا دەرس تەكرارلاپ بېرىش پروگراممىسىنى يولغا قويۇش ھەققىدە ئىش ئېلىپ بېرىڭ. بۇنداق دەرس تەكرارلاش پروگراممىلىرى ناھايىتى ياخشى نەتىجە بەرگەن بولۇپ، ئۇنى بالىلارمۇ ناھايىتى ياخشى كۆرىدۇ.

(7) ئۆي ئىچىدىكى تاماق ئېتىش ۋە بىر نەرسىلەرنى رېمونت قىلىش قاتارلىق ئىشلاردىن بالىڭىزنىڭ ھېساب ئىشلەش قابىلىيىتىنى كۈچەيتىدىغان پۇرسەت سۈپىتىدە پايدىلىنىڭ.

(8) بالىڭىزغا ھېساب دەرسى قانداق ئۆتۈلۈۋاتقانلىقىنى بىلىۋېلىشقا تىرىشىڭ، ھەمدە بالىڭىزغا ئوقۇتقۇچىنىڭ دەرس ئۆتۈش مېتودى بىلەن زىددىيەتلىشىدىغان ئۇسۇللارنى ئۆگەتمەڭ. ئوقۇتقۇچى بىلەن پاراڭلىشىپ، بالىڭىزغا قانداق ياردەم قىلسىڭىز بولىدىغانلىقىنى سوراڭ. ئوقۇتقۇچىدىن ئىنتېرنېتتا ئۆيدە پايدىلىنىشقا بولىدىغان قانداق ياخشى مەنبەلەرنىڭ بارلىقىنى سوراڭ.

(9) ھەر يىللىق ئوقۇشنىڭ بېشىدا، سىزنىڭ بالىڭىزغا قانداق ياردەملەرنى بەرسىڭىز بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئوقۇتقۇچىدىن سوراپ، ئۇنىڭ تەۋسىيىسىنى ئېلىۋېلىڭ.

ئامېرىكا مائارىپ مىنىستىرلىقى تەييارلىغان ماتېرىيالنىڭ مەزمۇنى مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى.

ئامېرىكىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى ۋە دۆلەت تۈزۈمى جۇڭگونىڭكى بىلەن ئوخشاش بولمىغاچقا، يۇقىرىدا تەۋسىيە قىلىنغان بەزى ماددىلار ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە يۈزدە-يۈز ماس كېلىپ كەتمەسلىكى مۇمكىن. شۇڭا ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۇلاردىن جانلىق پايدىلىنىشى ئۈمىد قىلىمەن.

كىشىلەر جەمئىيەتتە پايدىلىنىدىغان بىلىملەرنىڭ ھەممىسىنى دەرسخانىدا ئۆگىنەلمەيدۇ. شۇنداق بولغاچقا، ئامېرىكىدىكى داڭلىق مەكتەپلەر باكالاۋر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ لاياقەتلىك ئىكەنلىكى ياكى ئەمەسلىكىنى بېكىتكەندە، ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئوقۇش نەتىجىسى بىلەن دەرستىن سىرتقى ئىشلىرىدىكى ئىپادىسىنىمۇ ئوخشاش دەرىجىدە مۇھىم ئورۇنغا قويىدۇ. مۇشۇنداق ئىشلارنىڭ بىر مىسالى سۈپىتىدە، مەن تۆۋەندە ئامېرىكا خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى يېڭى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغاندا قايسى جەھەتلەرگە قارايدىغانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتىمەن. تۆۋەندىكى ئۇچۇرلار خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تور بېتىدىن ئېلىندى.


9. خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى سىزنىڭ ئىلتىماسىڭىزنى قانداق باھالايدۇ؟

بىز (يەنى خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى) ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش جەريانىدا، ھەر بىر ئىلتىماس قىلغۇچىغا ئايرىم ۋە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىمىز. بىز بىر-بىرى ئۈچۈن ۋە ئۆزىنىڭ پروفېسسورلىرى ئۈچۈن ئەڭ ياخشى مائارىپچى بولالايدىغان ئوقۇغۇچىلارنى، ئالىي مەكتەپتىكى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى ھاياتىدا ئەتراپىدىكىلەرنى رىغبەتلەندۈرۈپ قوزغىتالايدىغان كىشىلەرنى تېپىشقا تىرىشىمىز.

ئىلاۋە: ئامېرىكىدىكى خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوخشاش داڭلىق مەكتەپلەرنىڭ بەزىلىرى باكالاۋر ئوقۇغۇچىسى قوبۇل قىلىشتا ھەر بىر ئىلتىماس قىلغۇچى بىلەن ئايرىم-ئايرىم سۆھبەتلىشىدۇ. بەزىلىرى بولسا بىر قىسىم سوئاللارنى چىقىرىپ بېرىپ، شۇ ئاساستا بىر پارچە ماقالە (Personal Statement) يازغۇزىدۇ.

سىزنىڭ ئىلتىماسىڭىزنى كۆزدىن كۆچۈرگەندە، بىز نۇرغۇن نۇقتىلارغا دىققەت قىلىمىز. ئۇلارنىڭ بىر قىسمى تۆۋەندىكىدەك:


يۇقىرىغا ئۆرلەش ئىقتىدارىڭىز ۋە يوشۇرۇن كۈچىڭىز:

--ئوقۇش ۋە كىشىلىك ھايات جەھەتتە سىز ئۆز ئىقتىدارىڭىزنى ئەڭ يۇقىرى چەككىچە ئىشقا سالالىدىڭىزمۇ؟

--سىز ئۆز ئىقتىدارىڭىزنىڭ دائىرىسىدىن چىقىپ ئىش قىلىپ بېقىشقا ئۇرۇنۇپ باقتىڭىزمۇ؟

--سىز ئوقۇش، پۈتۈن كۈنلۈك خىزمەت، ياكى يېرىم كۈنلۈك خىزمەت جەھەتتە ئۆز ئىمكانىيىتىڭىزنى تولۇق ئىشقا سېلىپ ئىشلەپ باقتىڭىزمۇ؟

--سىزنىڭ تېخىمۇ كۆپرەك ئىشلارنى قىلغۇدەك كۈچىڭىز بارمۇ؟

--ھازىرغىچە ۋاقىتتىن قانداقراق پايدىلىنىپ كەلدىڭىز؟

--سىز بىر ئىشنى ئۆزىڭىز ئويلاپ چىقالامسىز؟ سىز ئۆزلۈكىڭىزدىن بىر ئىشنى باشلىيالامسىز؟ سىزنى بىر ئىش قىلىشقا ئۈندەيدىغان كۈچ نەدىن كېلىدۇ؟

--سىزدە بىر يۆنىلىش بارمۇ؟ بولسا، ئۇ قايسى؟ ئەگەر بولمىسا، سىز ھازىر كۆپ ساھەلەر ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتامسىز؟

--ھازىردىن باشلاپ بىر يىل ئۆتكەندە، 5 يىل ئۆتكەندە، ياكى 25 يىل ئۆتكەندە، سىز قانداق بىر ئادەم بولىسىز؟ سىز ئەتراپىڭىزدىكىلەر ئۈچۈن مەلۇم تۆھپە يارىتىپ بېرەمسىز؟

--سىز ھازىر قانداق بىر ئىنسان؟ كەلگۈسىدە قانداق بىر ئىنسان بولماقچى؟


قىزىقىشىڭىز ۋە ئىش-پائالىيەتلىرىڭىز:

--سىز بىرەر ساھەگە، مەسىلەن، ئەقلىي ئەمگەككە، دەرستىن سىرتقى پائالىيەتلەرگە، ياكى خۇسۇسىي ئىشلارغا، ناھايىتى قاتتىق ئەھمىيەت بېرەمسىز؟

--سىز ئۆزىڭىزنىڭ قىزىقىشىدىن نېمىلەرنى ئۆگەندىڭىز؟ سىز ئۆزىڭىز قىزىقىدىغان ئىشلاردىن قايسىلىرىنى قىلدىڭىز؟ نەتىجىلەرنى قانداق قولغا كەلتۈردىڭىز؟ قانداق مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتىڭىز، ياكى قانداق مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدىڭىز؟ ئاشۇ مۇۋەپپەقىيەت ۋە مەغلۇبىيەتلەردىن نېمىلەرنى ئۆگەندىڭىز؟

--دەرستىن سىرتقى پائالىيەتلەر، تەنتەربىيە، جامائەت، ياكى ئائىلە ئىشلىرىدا سىز پۇرسەتلەردىن تولۇق پايدىلاندىڭىزمۇ؟

--سىزنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىڭىزنىڭ سۈپىتى قانداق؟ سىز بىر ئىشقا پۈتۈن ۋۇجۇدىڭىز بىلەن كىرىشەلەمسىز، ياكى لىدېرلىق (باشلىقلىق) رولىنى ئالالامسىز؟

--ئەگەر ئائىلە ئىشلىرى، خىزمەت، ياكى باشقا مەسئۇلىيەتلەر تۈپەيلىدىن سىز تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە دەرستىن سىرتقى پائالىيەتلەرگە كۆپ قاتنىشىپ كېتەلمىگەن بولسىڭىز، سىز خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆزىڭىزنىڭ ئەركىن ۋاقىتلىرىدا نېمە ئىشلارنى قىلىشنى ئويلاۋاتىسىز؟


كىشىلىك خاراكتېرىڭىز ۋە مىجەزىڭىز:

--ھازىرغىچە ئۆزىڭىز ئۈچۈن قانداق تاللاشلارنى ئالدىڭىز؟ نېمە ئۈچۈن؟

--سىز سەل ياشقا چوڭايغاندا ئاندىن نەتىجە يارىتىدىغان (Late bloomer, [3]) كىشىلەردىنمۇ؟

--سىز يېڭى ئىدىيە ۋە يېڭى كىشىلەرگە قانداق مۇئامىلە قىلىسىز (ئۇلارغا قۇچاق ئاچامسىز ياكى ئاچمامسىز)؟

--سىزنىڭ پىشىپ يېتىلىشىڭىز، خاراكتېرىڭىز، لىدېرلىقىڭىز، ئۆز-ئۆزىڭىزگە بولغان ئىشەنچىڭىز، مىجەزدىكى قىزغىنلىقىڭىز، يۇمۇرلۇقىڭىز، كۈچ ۋە ئىرادىڭىز، باشقىلارغا كۆڭۈل بۆلۈشىڭىز، ۋە بېسىم ئاستىدىكى سىلىقلىقىڭىز (grace) قانداق؟


خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى جامائىتىگە تۆھپە قوشۇشىڭىز:

--سىز ئالىي مەكتەپ ھاياتىنىڭ بېسىمى بىلەن ئەركىنلىكىگە ماسلىشالامسىز؟

--سىز خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە سىزنىڭ ساۋاقداشلىرىڭىزغا بىرەر ئىش قىلىپ بېرەمسىز؟ سىز خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى سەرگۈزەشتلىرىڭىزدىن پايدا ئالالامسىز؟

--باشقا ئوقۇغۇچىلار سىز بىلەن بىر ياتاقتا تۇرسا، سىز بىلەن تاماقنى تەڭ يېيىشىپ بەرسە، بىر لېكسىيىگە سىز بىلەن تەڭ قاتناشسا، سىز بىلەن بىر ئەترەتتە بولسا، ياكى بىر دەرستىن سىرتقى پائالىيەت گۇرۇپپىسىدا سىز بىلەن يېقىندىن ھەمكارلاشسا بولامدۇ؟


10. ئاخىرقى سۆز

مەن ئەسلىدە مەزكۇر ماقالىنىڭ «ئاخىرقى سۆز» بۆلۈمى ئۈچۈن خېلى كۆپ نەرسىلەرنى ئويلاپ قويغان ئىدىم. كېيىن قارىسام، ئۇ گەپلەرنىڭ خېلى كۆپ قىسمى ماقالىنىڭ «خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى سىزنىڭ ئىلتىماسىڭىزنى قانداق باھالايدۇ؟» دېگەن بۆلۈمىدە دېيىلىپ بولۇپتۇ. شۇڭا مەن ئۇلارنى بۇ يەردە قايتا تەكرارلىمايمەن.

ئىنسانلارنىڭ بىئولوگىيىلىك جەھەتتىكى يارىلىش ئەھۋالىغا ئاساسەن، دۇنيادىكى كۆپىنچە ئەللەر چوڭلارنىڭ كۈندىلىك خىزمەت ئىشلەش ۋاقتىنى 8 سائەت قىلىپ بەلگىلىگەن. غەرب ئەللىرىدە بىر ئادەم 18 ياشقا كىرمىگۈچە بىر بالا ھېسابلىنىدۇ. چوڭلار كۈنىگە ئەڭ كۆپ بولسا 8 سائەت ئىشلەيدىغان بولغاندىكىن، بالىلارنىڭ ئىشلەيدىغان ۋاقتى، بولۇپمۇ ئەقلىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىدىغان، ياكى ئۆگىنىش قىلىدىغان ۋە تاپشۇرۇق ئىشلەيدىغان ۋاقتى ھەرگىزمۇ 8 سائەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. شۇڭلاشقا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى باشلانغۇچ مەكتەپ بالىلىرىنىڭ تاپشۇرۇق ئىشلەش ۋاقتىنى 2-سىنىپنى پۈتتۈرگۈچە 20 مىنۇتتىن كۆپ قىلماسلىق، 6-سىنىپقا بارغاندىمۇ ھەرگىزمۇ بىر سائەتتىن كۆپ قىلماسلىقنى تەۋسىيە قىلغان.

مەن ئامېرىكىدىكى مەكتەپلەرنىڭ ھەر خىل پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىش جەريانىدا مۇنداق بىر نەرسىنى ھېس قىلدىم: بالىلارنىڭ دەرسخانىنىڭ سىرتىدا ئۆگىنىدىغان بىلىملىرى ۋە قابىلىيەتلىرى دەرسخانىدا ئۆگىنىدىغان بىلىملىرى ۋە قابىلىيەتلىرى بىلەن ئوخشاش دەرىجىدە مۇھىم. بۇنىڭ بىر ئىسپاتى سۈپىتىدە بىز يۇقىرىدىكى «خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى سىزنىڭ ئىلتىماسىڭىزنى قانداق باھالايدۇ؟» دېگەن مەزمۇنغا قاراپ باقساق بولىدۇ. ئاشۇ بۆلۈمدە كۆرسىتىلگەن نەرسىلەر ئاساسەن دەرسخانىنىڭ سىرتىدا ئىگىلەيدىغان نەرسىلەر ياكى دەرسخانىنىڭ سىرتىدا قىلىدىغان ئىشلاردۇر. ھازىر يېڭىلىق يارىتىشتا ئامېرىكا دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. مېنىڭچە مەزكۇر ماقالىدا تونۇشتۇرۇلغان مەزمۇن ئامېرىكىنىڭ ئاشۇنداق ئورۇنغا ئېرىشەلىشىدىكى بىر قىسىم مۇھىم ئامىللارنى خېلى ئوبدان چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ.

بۇ ماقالىنى ھېچكىمدىن سورىماي، مەنبەسىنى بەرگەن ئاساستا باشقا ھەر قانداق تورغا چىقارسىڭىز، ياكى ئېلكىتابقا ئوخشاش باشقا ھەر قانداق شەكىلدە ئىشلەتسىڭىز بولۇۋېرىدۇ. بۇ ماقالە بارلىق ئۇيغۇرلارغا مەنسۇپ.


پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى:


[1] Homework tips for parents
<http://www2.ed.gov/parents/acade ... omeworktips.pdf>

[2] How Your Application is Considered at Harvard University?
<https://college.harvard.edu/admi ... ss/what-we-look>

[3] Late Bloomer
http://en.wikipedia.org/wiki/Late_bloomer



ھازىرغىچە 5 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
akijan + 100 ماختاشقا تېگىشلىك
quark3140 + 10
okoguqi9 + 10 دەلىللەر يېتەرلىك
zumrettash + 100 ماختاشقا تېگىشلىك
kulpat + 39 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 259   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8501
يازما سانى: 892
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3041
تۆھپە نۇمۇرى: 835
توردا: 916 سائەت
تىزىم: 2010-8-30
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-30 11:08:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەخمەت كۆپ جاپا  چەكتىڭىز  ...
   باش سۈرەتتكى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن بىلەن  سىز  ئوخشىمامسىز؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75010
يازما سانى: 1924
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4734
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1478 سائەت
تىزىم: 2012-2-7
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-30 11:19:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنچىمۇ تاپشۇرۇق بىرىشى ياخشى.بولمىسا ئوقۇغۇچىلار ھورۇن بولۇپ كىتىدۇ.لىكىن نۇرمال بولسا بولاتتى.

ئەركىن ئاكا.ۋاقتىڭىزدىن ۋاقىت چىقىرىپ بىز ئۈچۈن خالىس قىلىۋاتقان ئەمگىكىڭىزگە قۇرۇق بولسىمۇ رەھمەت ئىيتىمىز.سالامەت بولۇڭ.

ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگەن ئادەمنىڭ ئېللىتى خېسلەت بېلىنسە،ئۆزىڭىز يامان كۆرگەن ئادەمنىڭ خېسلىتى ئېللەت بېلىنىدۇ.

ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4232
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20182
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1676 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-30 11:52:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت ئەركىن سىدىق ئاكا........... دېمىسىمۇ بىزنىڭ تاپشۇرۇىلىرىمىز بەكلا كۆپ

ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!

ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4232
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20182
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1676 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-30 11:52:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت ئەركىن سىدىق ئاكا........... دېمىسىمۇ بىزنىڭ تاپشۇرۇىلىرىمىز بەكلا كۆپ

ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!
misken.cn بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-30 11:52:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82720
يازما سانى: 1185
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5131
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1081 سائەت
تىزىم: 2012-7-10
ئاخىرقى: 2014-8-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-30 11:54:44 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزنىڭ تولۇقسىزدىكى ۋاقتىمىزدا تاپشۇرۇق يوق ۋاقىتتا يوق ، بار بولسا 10-15دەرسنى چۇغلاپ بېرىپ ، تەنەپپۇس ، چۈشلۈك ئاراملاردىمۇ دەم ئالماي ئىشلەيدىغىنىمىز ئىسىمدە …

ئېسىل تېمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىگەي

مېركۇرىي ئىسىملىك تورداش

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19369
يازما سانى: 485
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8748
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 2095 سائەت
تىزىم: 2010-11-28
ئاخىرقى: 2015-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-31 12:23:43 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاۋۇ  سۇئاللارنى ئۆزۈمدىن سوراپ سىناپ باقسام بەكلا خىجىل بولۇپ قالدىم ھەي ، ۋاقتىمىز ۋە زىھنىنىزنىڭ كۆپ قىسمىنى دىمىگەندىمۇ يىرىمىنى ئەرزىمەس ئىشلارغا سەرپ قىلىدىكەنمىز .

         مايمۇن كېشى ئۇسسۇل ئوينار خۇشال - خۇرام قامچىغا ،
         تۆگە كىلۇر مەردانە ھەم قوتۇر ئىشەكنىڭ كەينىدە ،
         ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87057
يازما سانى: 495
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 884
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 167 سائەت
تىزىم: 2012-11-10
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-31 09:37:43 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭچە ئوقۇغۇچىلارغا بىرىلىدىغان تاپشۇرۇقنى ئىسلاھ قىلىش ئىنتايىن مۇھىم،باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى تاپشۇرۇقنىڭ ئىغىر بولىشى بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىشىگە يامان تەسىر كۆرسىتىدۇ ئويۇن خاراكتىرلىق تاپشۇرۇق ئىشلەش بالىلارنىڭ تەپەككۇرنى ئويغۇتۇپ قىزىقىشنى ئاشۇرىدۇ،رەھمەت بىلىمخۇمار ئاكا .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 59302
يازما سانى: 291
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5246
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 1211 سائەت
تىزىم: 2011-10-6
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-31 09:45:58 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىرقى مەجبۇرىي مائارىپنى كۆزدە تۇتقاندا، باشلانغۇچتىن باشلاپ كۇنىگە ئىككى سائەت تاپشۇرۇق ئىشلەشنىڭ پايدىسى كۆپ. بىلىش خۇيى شارغا ئوخشايدۇ. تۆت تامغا دوملايدۇ، بىريەردە ئوناشمايدۇ. كىچىگىدىن چىڭ تۇتمىسا مەخسەتكە يەتكىلى بولمايدۇ. ئامرىكا نىسارالىرىنىڭ خۇيى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ خۇيى ئوخشىمايدۇ.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش