مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 555|ئىنكاس: 4

تۈزىتىشنىڭ يېزىقچىلىقتىكى ئورنى‹ ئوقۇش پۈتتۈرۈش دېسىرتاتسىيسى› [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79414
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3381
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 37 سائەت
تىزىم: 2012-4-27
ئاخىرقى: 2014-6-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-30 07:53:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

تۈزىتىشنىڭ يېزىقچىلىقتىكى ئورنى

‹ئۇقۇش پۈتتۈرۈش دېسىرتاتسىيسى›

تۇنيازغوجاشايارى

       يېزىقچىلىق –جاپالىق بىرئەقلى ئەمگەك جەريانى ھىساپلىندۇ.بۇ جەريان دەل ئادەمنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىغائوخشايدۇ. بىر ئادەم تۇغۇلۇپ-ئۆسۈپ يېتىلىپ مۇكەممەل بىر ئادەمگە ئايلانغۇچەبولغان ئارلىقتا نۇرغۇنلىغان ئەگرى-توقايلىقلارنى باشتىن كەچۈرىدۇ.بىر پارچەئەسەرنىڭ بارلىققا كېلىش جەريانىمۇ شۇنداق.بىر پارچە ئەسەر يېزىشتا ئالدى بىلەن يازغۇچىنىڭ مېڭىسىدە جەميەتتىكى، كىشلىك تۇرمۇشتىكى مەلۇم مەسلىلەرگە نىسبەتەن ئۆزىنىڭ تەپەككۇرىدا ئويغانغان كۆز قارىشىنى ئوتتۇرغا قويغۇسى كېلىدۇ-دە،ياز-

غۇچىدائەسەر يېزىش ئىستىگى تۇغۇلدۇ. ئاپتۇر ئۆزكۆز قارىشىنى سىڭدۈرۈپ، شەرھىلىمەكچى بولغان ئەسەرگە باش تېماتاللايدۇ. باش تېما تاللىنىپ بولغاندىن كېيىن –ئاشۇ تاللىغان باش تېمىنى مۇۋاپپىقىيەتلىك ئىپادىلەپ، ئەسەردە ئوتتۇرغا قويماقچى بولغان كۆز قاراشنى قانداق يۇرتۇپ بىرىش ھەققىدە ئىزدىنىشكە كىرىشىدۇ. ئاپتۇر باش تېمىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن تۇرمۇشتىن نۇرغۇنلىغان خام ماتېرياللارنى تاللاپ چىقىدۇ.ئۇ خام ماتېرياللار ئاپتۇرنىڭ مېڭىسىدە «باش تېمائۈچۈن خىزمەت قىلامدۇ-يوق؟»دېگەن ئۆلچەم بۇيىچە قايتا-قايتا پىششىقلاپ ئىشلىندۇ. ئاپتۇر ئەمەلى تۇرمۇشتىن قېزىپ چىققان ماتېرياللارنى پىششىقلاپ ئىشلەش جەريانىدا،باش تېما ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان بىر قەدەر مۇكەممەل،پىشقان ماتېريالغا ئىگە بولىدۇ. ھەم ئۇ پىشقان ماتېرياللارنى رەتكە تۇرغۇزۇپ چىقىدۇ.ئاپتۇر ئۇنىڭدىن كېيىن قۇلىغا قەلەم ئېلىپ ئەسەرنى يېزىشنى باشلايدۇ. يېزىش جەريانىدا يەنە نۇرغۇن يېڭى ماتېرياللار ئۆزلگىدىن بارلىققا كېلىدۇ. ئىلگىرى مۇھىم دەپ قارىغان بىر قىسىم ماتېرياللار كېرەكسىز بۇلۇپ چىقىشىمۇ مۇمكىن. بۇ خىل ماتېرياللارنىڭ ئۆتۈشمە ھالىتى-دەل ئەسەر قايتا-قايتا تۈزتۈلۈپ، باش تېمىنى ھەقىقى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئاپتۇر ئوتتۇرغا قويماقچى بولغان كۆزقاراشلىرىنى تۇلۇق ئىپادىلەپ بولغىچە بولغان ئارلىقتا ئىزچىل ھالدا داۋاملىشىپ تۇرىدۇ.

     ئاپتۇرنىڭ تەپەككۇرىدا ئەسەر يېزىش ئىستىگى تۇغۇلغاندىن تارتىپ، ئۇ بىر پارچە مۇكەممەل ئەسەر بۇلۇپ

يېزىلغانغا قەدەر قايتا-قايتا تۈزىتىلىدۇ.باش تېمىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈشكە ياردىمى بولغان بىر قىسىم ماتېرياللار قوشۇلدۇ.ئىلگىرى ئاپتۇرنىڭ مېڭىسىدە پىششىقلانغان ماتېرياللار ئىچىدىن باش تېما ئۈچۈن ئانچە چوڭ زۈرۈريىتى بولمىغان، ئوتتۇرغا قويسىمۇ ياكى ئوتتۇرغا قويمىسىمۇ بولىدىغان بىر قىسىم ماتېرياللار چىقىرىپ تاشلىندۇ.

دېمەك، مۇشۇ بىر قاتار جەريانلار ئەڭ مۇۋەپىپىقيەتلىك، سېسىتمىلىق تاماملانغاندا، ئاندىن بىر پۈتۈن ئەسەرنىڭ قىممىتىنى ئاشۇرۇپ، ئەسەرنى ھەقىقى كامالەتكە يەتكەن ئەسەر قىلىپ چىققىلى بولدۇ.

  1.تۈزىتىشنىڭ مۇھىملىقى

يېزىقچىلىقجەريانى –مۇرەككەپ،جاپالىق بىر ئەقلى ئەمگەك جەريانى بولغىندەك،يېزىقچىلىقنىۋايىغا يەتكۈزدىغان،ئۇنىڭ كامالىتىنى ئاشۇردىغان،يېزىقچىلىق جەريانىدا كەم بولسا بولمايدىغان ھەم ئۇنىڭ مۇھىم ئامىللىرىدىن بىرى بولغان تۈزىتىش جەريانىمۇ-بىر خىلمۇرەككەپ،جاپالىق ئەقلى ئەمگەك جەريانى ھىساپلىندۇ.

ھەرقانداقبىر ئەسەر –ئاپتۇرنىڭ تۇنجى قول يازمىسى بىلەن، بىر قېتىممۇ تۈزتىلمەستىن ئۇقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۈرشەلىشى ناتايىن.تۈزىتىشتىن ئىبارەت بۇ غەلۋىردىن ئۆتمىگەن ھەرقانداق بىر ئەسەرنىڭ كىشىلەر قەلبىنى زىل-زىلگە سالالايدىغان، كىشلەر سۈيۈپ ئۇقۇيدىغان، داڭدار، ئۆلمەس ئەسەر بولالىشى ناتايىن. دۇنياغا مەشھۇر روس يازغۇچىسى چىخوپ تۇنجى ھىكايىسىنى20نەچچە يىل تۈزەتكەن ھەم يازغانكەن. چىخوپنىڭ بۇنداق بىر ئەسەرنى تەكرار-تەكرار يېزىشى، تۈزتىشنىڭ مۇھىملىقىنى تۇنۇپ يىتىشى-ئۇنى دۇنياغا مەشھۇر يازغۇچىغا، ئەسەرلىرىنى داڭدار، ئۆلمەس ئەسەرگە ئايلاندۇرغان. دېمەك، بۇنىڭدىن بىز قايتا-قايتا تۈزىتىش ئارقىلىق- ھەممە ئادەم سۈيۈپ ئۇقۇيدىغان، قانچە قېتىملاپ ئۇقۇسىمۇ يەنە ھېچزېرىكىش ھېس قىلماستىن ئۇقۇغۇسى كېلىدىغان،بۈگۈنكىلەرمۇ، كېيىنكىلەرمۇ ياقتۇرىدىغان ،داڭدار، ئۆلمەس، دۇنياغا مەشھۇر

ئەسەرلەرنىبارلىققا كەلتۈرۈپ، خەللىققە بەدىئى ئستېتىك زوق ئاتا قىلىشتا –تۈزىتىشنىڭ ئەھمىيتنىڭ ناھايتى زور ئىكەنلىكىنى كۆرۈپيىېتەلەيمىز.تۈزىتىشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىغانىسبەتەن يەنە مىسال ئالساق،تارىختىن بۈگۈنگىچە بولغان ئارلىقتىكى نۇرغۇن مەشھۇريازغۇچىلارنى مىسال كەلتۈرۈش تامامەن مۇمكىن. ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىزگە تۈزتىشنىڭ يېزىقچىلىق جەريانىدىكى ئەھمىيتىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

بىر يازغۇچى ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، يازماقچى بولغان ئەسىرىگە باش تېما بېكتىش، باش تېمىنى يۇرتۇپ بىرىش ئۈچۈن تېما تاللاش، ئۇلارنى رەتكە تۇرغۇزۇپ چىقىش،مېڭىسىدە قايتا-قايتاپىششىقلاپ ئىشلەپ مۇكەممەللەشتۈرۈش ئارقىلىق -باش تېمىنى ئىپادە قىلىپ بېرەلەيدىغان مۇكەممەل ماتېريالغا ئايلاندۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم. ئاشۇ بىر پۈتۈن يېزىقچىلىق جەريانىدا تۈزتىشتىن ئىبارەت ئاشۇ مۇھىم بىر باسقۇچنى نەزەردىن ساقىت قىلىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس.

تۈزىتىش- يېزىقچىلىقنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭىپ كەتكەن ھەم يازغۇچىغا ھەردائىم ئۆزنىڭ كۆلەڭگىسىدەك ھەمرا بۇلۇپ تۇرىدۇ.ئاپتۇرنىڭ قول يازمىسى-ئاپتۇرنىڭ مېڭىسىدە پىششىقلانغان ماتېرياللارنىڭ ئاساسىدا يېزىلغىنى بىلەن، ئاپتۇر مېڭىسىدە ئانالىز قىلغان،ئويلىغان ماتېرياللارنىڭ مەزمۇنلىرىنىڭ ھەممىسىنى بىراقلا يازالىشى ناتايىن. دېمەك، ئاپتۇر بىرسۆز-بىر سۆزدىن، بىرجۈملە-بىرجۈملىدىن، بىرئابزاس-بىر ئابزاستىن،بىر بۆلەك-بىر بۆلەكتىن يازىدۇ.

بۇنداق بولغاچقا ئاپتۇر يېزىش جەريانىدا بەزى مۇھىم ماتېرياللارنى ئۇنتۇپ كىتىشى ياكى تاسادىبەن چۈشۈرۈپ قۇيۇشى مۇمكىن. كۆڭلىدە ئويلىغانلىرىنى تۇلۇق ئىپادە قىلىپ بېرەلىشىمۇ ناتايىن. ئاددىيسى سۆز جۈملىلەرجايىدا قوللىنىلمايدىغان،جۈملىلەرلوگىكىلىق تەلەپكە ئويغۇن كەلمەيدىغان، ئابزاس-بۆلەكلەرئۇچۇق، ئېنىق بولمايدىغان، باش-ئاخىرى ماسلاشمايدىغان ئەھۋاللارنىڭ يۈزبىرىشىدىن ساقلىنىش تەس.كىچىكىنە سەۋەنلىكنىڭ يۈزبىرىشى،ياكى ئۇنىڭغا يول قۇيۇلۇشى-ئەسەرنىڭ باش تېمىسى ھەرقانچە ياخشى بۇلۇشىدىن قەتئنەزەر ئەسەرنىڭ بىر پۈتۈن مۇۋاپپىقيىتىگە تەسىر كۆرسەتمەي قالمايدۇ.بىز بۇ چاغدا يەنەتۈزىتىشكە موھتاج بولمىز. قايتا-قايتا تۈزتىلمىگەنئەسەرنىڭ-بالاغەتكە يەتكەن،ياخشى ئەسەر بولالىشىدىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. ئەسەرقايتا-قايتاتۈزتىلسە-ئەسەرنىڭ باش تېمىسى بېيىش بىلەن بىرگە، ئەسەرنى ھەممە ئادەم سۈيۈپ ئۇقۇيدىغان، مۇۋاپىقيەتلىك يېزىلغان ياخشى بىر پارچە ئەسەرگە ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ. بىز بۇنىڭدىن بىر پارچە ئەسەرنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ يېزىش ئۈچۈن-تۈزتىشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىغىنى، تۈزتىشنىڭ يېزىقچىلىقتا ئىنتايىن مۇھىم ئۇرۇندا تۇردىغانلىغىنى چۈشنىپ يېتەلەيمىز.

   2.تۈزىتىشنىڭ دائىرسى

   ئادەتتە بىز ئەسەر يېزىپ تاماملىغاندىن كىيىن-قانداق دائىردە تۈزتىشنى ئايدىڭلاشتۇرۋېلىش ھەم شۇدائىرە بۇيچە تۈزتىش ئىنتايىن مۇھىم. ناۋادا ئاپتۇر ئەسىرىنى يېزىپ تاماملىغاندىن كىيىن تۈزتىشكە نىسبەتەن كۆڭلىدە مۇئەييەن بىرسان بولمىسا-ئەسەرنىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىك تۈزتىلىشىدىن سۆز ئېچىش تەس.تۈزتىشنىڭ مەقسىدى ئېنىق بولمايدىكەن-ئەسەرنىڭ باش تېمىسى بىلەن ئەسەرنىڭ مەزمۇنى، ۋەقەلىكى ئوتتۇرسىدا بىر گەۋدىلەشمەسلىك،ئەسەردە ئوتتۇرغا قۇيۇلغان كۆزقاراشلارنىڭ باش تېمىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى ئاجىز بۇلۇپ قېلىش، ئەسەرنىڭ بەددئى ۋە ئىلمى قىممىتى كامالەتكەيەتمەسلىك،ئەسەرنىڭ باش-ئاخىرى ماسلاشماسلىق، ئابزاس-بۆلەكلەرنىڭ باغلىنىشچانلىقى ئاجىز بۇلۇپ قېلىشتىن ئىبارەت بىر قاتارمەسلىلەر كۆرىلىدۇ. شوڭا ئاپتۇر ئەسىرنى تۈزىتىشتە-تۈزىتىشنىڭ دائىرسى قانداق بۇلۇش مەسلىسىنى ھەل قىلۋېلىشى ئىنتايىن زۈرۈر.

    ئاپتۇر يازغان ئەسىرىنى تۈزتىشتە ئەڭ مۇھىمى«ئەسەردە ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن مەزمۇنلار-باش تېما ئۈچۈن خىزمەت قىلدىمۇ-يوق؟»دېگەن مەزمۇنلارنى ۋە«ئەسەردە باش تېما مۇۋەپپىقيەتلىك ھالدا يۇرتۇپ بىرىلدىمۇ-يوق؟»دېگەن مەزمۇنلارنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ، مۇشۇ دائىرە ئىچىدە تۈزىتىش ئېلىپ بېرىش كېرەك.

     باش تېما- ئەسەرنىڭ جېنى، تېمىلار- ئەسەرنىڭ تېنى.

تەندىن ئايرىلغان جان، جاندىن ئايرىلغان تەننىڭ بولالىشى ناتايىن. بىر پۈتۈن ئەسەردە مۇكەممەل بولغان باش تېما بولمىسىمۇ ھەم ئاشۇ باش تېمىنى ياخشى ئىپادە قىلىش ئۈچۈن خىزمەت قىلدىغان تېما بولمىسىمۇ بولمايدۇ. باش تېما پۈتكۈل ئەسەرگە قوماندانلىق قىلىدۇ. تېمىلار باش تېمىنى گەۋدىلەندۈرۈش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ.ئەمەلى يېزىقچىلىق جەريانىدا تۈزىتىش ئارقىلىق ئەسەرنىڭ باش تېمىسىنى تېخىمۇ قىزقارلىق، تېخىممۇ جەلىپكار، تېخىممۇ يېڭى، تېخىممۇ مۇكەممەل ئىپادىلەپ بەرگىلى بولىدۇ.

      يەنە بىر جەھەتتىن ئېيتقاندا«ئاپتۇر ئەسەردە ئەكىس ئەتتۈرگەن مەزمۇنلارنىڭ بەددئى قىممىتى قانچىلىك؟ ئۇ كىشلەرگە قانچىلىك بەددئى زوق ئاتاقىلالايدۇ؟ئەسەرنىڭ ئىلمىي قىممىتى قانچىللىك؟ ئۇ كىشلەرگە قانچىلىك يېڭى،ئىلمىيبولغان كۆزقاراشنى ئاتا قىلالايدۇ؟»دېگەن مەسلىلەرنىمۇ تۈزتىشنىڭ دائىرسى ئىچىگەكىرگۈزۈش كېرەك.

    بەددئىيلىك بولسا-بەددئى ئەسەرنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاھىدلىكى بولسا،ئىلمىيلىك-ئىلمئيئەسەرلەرنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاھىدلىكىدۇر.بەددئى ئەسەرلەردە-بەددئى قىممەت، ئىلمئي ئەسەرلەردە-ئىلمئي قىممەت بولمىسا،ئۇھالدا يازغان ئەسىرىمىز- ياخشى يېزىلغان ئەسەر بولالماي قالىدۇ.

       ئەسەرنىڭ بەددئى،ئىلمئي قىممىتىنى ئاشۇرۇشتا-باش تېمىنىڭ مۇكەممەل بۇلىشىلاكۇپايە قىلمايدۇ.ئەسەرلەردىكى بەدىئى ،ئىلمئي قىممەت-ئەسەرنى يېزىش جەريانىدا، ئەسەرنى قايتا-قايتا تۈزتىش جەريانىدائاندىن كامالەتكە يېتىدۇ.مەسلەن؛ئاپتۇر بىر پارچە ئەسەرنى يېزىپ،تاماملاپ بولغاندىن كىيىن قايتا-قايتا ئۇقۇپ چىقسا-ئەسەرنىڭ بەددئى، ئىلمئي قىممىتى قانچىلىك ئىكەنلىكىنى تۇلۇق ھېس قىلالايدۇ. تۇنجى قول يازما چۇقۇمكى ئاپتۇرنىڭ ئويلىغىنىدەك ياخشى چىقالىشى ناتايىن. ئاپتۇر قايتا-قايتا تۈزتىش جەريانىدا ئەسەرنىڭبەددئى،ئىلمئي قىممىتىنى ئاشۇردىغان يېڭى-يېڭى ماتېرياللار بارلىققا كېلىدۇ.بۇنىئەسەرگە قىستۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ.ئەسەردە ئوتتۇرغا قۇيۇلغان ماتېرياللارنىڭ بەزىلىرىنىڭ ئىلمئي،بەددئي قىممىتى بولماي قالىدۇ.بەزىلىرى-دېسىمۇبولىدىغان،دېمىسىمۇ بولىدىغان مەزمۇنلار بۇلۇپ چىقىدۇ.شوڭا تۈزتىش جەريانىدائەسەرنىڭ كەمچىل تەرەپلىرىنى تۇلۇقلاپ، ئارتۇقچە تەرەپلىرىنى چىقىرۋەتكىلى بولىدۇ. مۇشۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن يازغان ئەسەرلىرمىزنىڭ بەددئي،ئىلمئي قىممىتىئېشىپ-كىشلەرگە بەددئي زوق،ئىلمئي بولغان كۆزقاراش ئاتا قىلىش مەقسىدىگە يەتكىلى بولىدۇ.

   3.تۈزىتىشنىڭ ئۇسۇللىرى

    تۈزىتىشنىڭ ئۇسۇللىرى ھەر خىل بۇلۇپ،ئاپتۇر ئۆز ئالدىغا ئەسىرنى ھەرخىل تۈزىتىشى مۇمكىن.ئۇ- دەل ئەسەرنىڭ قانچىلىك تۈزتىلدىغانلىق مەسلىسىنى بەلگىلەيدۇ.ئەممابىر قەدەر مۇكەممەلىككە ئىگە بولغان تۈزتىش ئۇسۇللىرى بىر قانچە خىلبۇلۇپ،بۇ-ئەسەرنى تۈزتىشتە سەل قارىسا،ئېتبار بەرمىسە بولمايدىغان ئۇسۇللاردۇر.ناۋادا ئۇ ئۇسۇللارغا ئەھمىيەت بىرىلمەي قالسا-ئەسەرنىڭ مەزمۇنىغا تەسىر يېتىدۇ.شوڭا  بۇخىل ئۇسۇللارغا قەتئى سەل قارىمايچۇقۇم شۇ بۇيچە تۈزتىشكە ئەھمىيەت بىرىش كېرەك.

   1› ئەسەرنىڭ تىلىنى تۈزەش ئۇسۇلى

   مەيلىبەددئي ئەسەر بولسۇن ياكى ئىلمئي ئەسەر بولسۇن،ئەسەرنىڭ تىلىنىڭ راۋان،چۈشنىشلىكبۇلۇشى-ئەسەر يېزىقچىلىقىدىكى ئەڭ قاتتىق ئۆلچەملەرنىڭ بىرى.تىلنىڭ جايىدائىشلىتىلىپ، ھەممە ئادەم چۈشنەلەيدىغان بۇلۇشى-ئەسەرنىڭ قىممىتىنى ئاشۇرسا،تىلنىڭراۋان،چۈشنىشلىك بولماسلىقى،تىلنىڭ دەل جايىدا ئىشلىتىلمەسلىكى-ئەسەرنىڭ قىممىتىنىيەرگە ئۇرىدۇ.ھەرقانداق بىر ئەسەر-سىياسى،بەددئي ئۆلچەمدىن ئۆتۈش بىلەن بىرگە تىلئۆلچىمىدىن ياخشى ئۆتۈشى ئىنتايىن مۇھىم.مەسلەن؛روزى سايىت شئېرلىرى،مەمتىمىنھۇشۇر ھىكايلىرى،زۇردۇن سابىر،نۇرمۇھەممەت توختى قاتارلىق يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرى، ئابدۇقادىر جالالىدىن ماقاللىرى-تىلىنىڭ ساپلىغى،راۋانلىقى،چۈشنىشچانلىقى، تىلىنىڭ يەگىللىكلىگى، خەلق تىلىغا يېقىنلىقى بىلەن مەشھۇردۇر.ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ بەددئي،ئىلمي قىممىتى يۇقىرى بۇلۇپلاقالماستىن،بەلكى تىل ماھارىتى ناھايتى ياخشى.بۇلۇپمۇ بەددئي ئەسەرلەر تىل مەسلىسى-ئىنتايىن مۇھىم مەسلە. ئەدەبىيات –تىل سەنئىتى بۇلۇش سۈپتى بىلەن تىل ئارقىلىق ئوبراز يارتىدۇ.ھەم ياراتقان شۇ ئوبرازنى تىل ئارقىلىق كامالەتكە يەتكۈزدۇ.تىلدىن ئايرىلغان ئەدەبىياتنى، 8تىلدىن ئايرىلغان ئەسەرنى،تىلدىن ئايرىلغان ئوبرازنى تەسەۋۇر قىلىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس.ئەسەرنى قايتا-قايتا تۈزتىش ئارقىلىق-ئاناتىلنىڭ ساپلىغىنى ئاشۇرغىلى بولدۇ.مەسلەن؛بەزى ئەسەرلەردە«سەنمۇشۇنچىلىك داۋلىنىمۇ چۈشەنمەمسەن؟»،«گىپىمنى قۇلاق سېلىپ تىڭشىساڭچۇ؟»دېگەنگەئوخشاش جۈملىلەرنى ئۇچىرتىپ قالىمىز.بۇ جۈملىلەردىكى«داۋلى»،«تىڭشا»دېگەن سۆزلەر تىلىمىزغا خەنزو تىلىدىن كىرگەن سۆزلەر بۇلۇپ، بۇ سۆزلەر قوللىنىلسا-ئۇ تىلىمىزنىڭ ساپلىغىنى بۇزۇپلا قالماستىن، بەلكى ئەسەرنىڭ قىممىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.ئەسەرلەردىكى ئانا تىلنىڭ ساپلىغى-ئەڭ چوڭ سەنئەت.تۈزتىش جەريانىدا بۇ مەسلىلەرنى ھەل قىلغىلى بولدۇ.يەنە بىر جەھەتتىن ئەسەرنىڭ تىلىنى تۈزەتكەندە-ئۇمۇمى خەلققە چۈشنىشلىك بولغان تىلنى ئىشلىتىشكە، ئورتاق ئەدەبى تىلنى بۇزىدىغان، ئۇمۇمى خەلق چۈشەنمەيدىغانرايۇن دىئالىكتىلىرىنى قوللۇنۇشتىن ساقلىنىشقا پايدىسى بار. مەسلەن؛كورلىدا«ئۇتەرەپ،بۇ تەرەپ»دېگەن بۇ سۆزنى«ئايزا،مايزا»دەپ ئاتايدۇ. ناۋادا بىز بۇ دىئالىكتىكالارنى ئەسەرلىرىمىزگە ئېلىپ كىرسەك،ئۇ ھالدا يازغان ئەسەرلىرمىز-ئۇمۇمى خەلققە چۈشنىكسىز بۇلۇپ قالىدۇ. شوڭلاشقا دېمەكچىمىزكى ئەسەرنىڭ تىلىنى تۈزەتكەندە«ساپ ئانا تىلىمىزدا يېزىلدىمۇ –يوق؟ ئورتاق ئەدەبى تىلدا ھەممە ئادەم ئۇقۇغان ھامان چۈشنەلەيدىغان قىلىپ يېزىلدىمۇ-يوق؟»دېگەنلەرنىچىقىش قىلغاندا-ئەسەرلەرنىڭ تىل گۈزەللىكىنى ئاشۇرۇپلا قالماستىن،بەلكى تىلىمىزنىڭ گۈزەللىكىنى، ساپلىغىنى، چۈشنىشچانلىقىنى ئۇقۇرمەنلەرگە ھېس قىلدۇرغىلى بولىدۇ.

  2›ئەسەرنىڭ ئابزاس-بۆلەكلىرىنى،باش-ئاخىرنى ماسلاشتۇرۇپ تۈزەش ئۇسۇلى.

    ئەسەرنىڭ باش-ئاخىرنىڭ ماسلىشىشى،ئابزاس-بۆلەكلەرنىڭ ئېنىق، ئۇچۇق بۇلىشى-ئەسەرنىڭ قىممىتىنى ئاشۇردىغان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرسى. ناۋادا ئەسەرنىڭ مەزمۇنىغىلا ئەھمىيەت بىرىپ،ئۇنىڭ قۇرۇلمىسىغا ئەھمىيەت بىرىلمىسە بولمايدۇ. ئەسەرنىڭ قۇرۇلمىسىغا ئەھمىيەت بىرىش-ئەسەر يېزىشتىكى كونكىرتنى تەلەپلەرنىڭ بىرسى.

ئەسەرنىڭ باش-ئاخىرنىڭ ماسلىشىشى ياخشى بولسا-ئەسەرنىڭ بەددئى ،ئىلمئي قىممىتى يۇقىرى كۆتۈرلۈپ كىتابخانىلارنى ئۆزىگە جەلىپ قىلالايدۇ. باش-ئاخىرنى ماسلاشتۇرۇشمۇ بىرسەنئەت. سەنئەت ياخشى لاھىيلەنسە ھەممە ئادەم ئۇنىڭغا جەلىپ بولىدۇ.ئەقەللىسى بىرتىلۋىزيە تىياتىرى ياخشى بۇلۇپ، ئۇنىڭ رىجىسسورى ياخشى بولمىسا-تىياتىرنىڭ مۇۋەپپىقيەتلىك چىقالىشى ناتايىن.دەل-باش-ئاخىرنى ماسلاشتۇرۇشمۇ شۇنىڭغا ئوخشايدۇ. باش-ئاخىرنىڭ ماس بۇلۇش ياكى ماس بولماسلىقى –ئەسەرنىڭ باش تېمىسىنىڭ ياخشى گەۋدىلەنگەن ياكى ياخشى گەۋدىلەنمىگەنلىكى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولدۇ.ئابزاس-بۆلەكلەر-نىڭ ئەسەردىكى بىر پۈتۈن رولىمۇ دەل ئەسەرنىڭ باش تېما ئىدىيسىنى مۇكەممەل يۇرۇتۇپ بىرىش ئۈچۈن بولىدۇ. بىرئەسەر ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا،ئابزاس-بۆلەكلەر ئېنىق، ئۇچۇق بولمىسا، ئەسەردىكى پىكىر قالايمىقانچىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىردۇ. ئاپتۇر ئەسەر يازغاندا،ئەسەرنىڭ باش-ئاخىرنى ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن كۈچ سەرىپ قىلغانغائوخشاش-ئابزاس-بۆلەكلەرنى ئېنىق ئايرىش، مەزمۇننى روشەن گەۋدىلەندۈرۈش زۈرۈر. ئەسەردە ئوتتۇرغا قۇيۇلغان پىكىرلەرنى ئۇقۇرمەنلەر ئوڭايلا چۈشنىۋېلىشى ئۈچۈن –ئاپتۇر ئەسەرنىڭ ھەر

بىر ئابزاس، ھەر بىر بۆلەكنىڭ ئېنىق بۇلىشىغا،شۇ ھەر بىر ئابزاس-ھەر بىر بۆلەكتە باش تېمىنى يۇرتۇپ بېرەلەيدىغان مۇئەييەن مەزمۇننى ئوتتۇرغا قۇيۇشقا ئەھمىيەت بەرمىسە-ئۇقۇرمەنلەر ئەسەرنى ئۇقۇغاندا، ئاپتۇرنىڭ ئەسەردەنېمە دېمكچى بولغىنىنى چۈشنەلمەيلا قالماستىن ،بەلكى ئەسەرنىڭ جەلىپ قىلىش كۈچى ئاجىزلاپ كېتىدۇ.شوڭا ئاپتۇر ئەسەرلىرى ئۈستىدە تۈزتىش ئېلىپ بارغانداچۇقۇم«ئەسىرىمنىڭ باش-ئاخىرى ماسلاشتىمۇ-يوق؟ئابزاس-بۆلەكلەر چۈشنىشلىك،ئېنىق ئايرىلىپ يېزىلدىمۇ-يوق؟»دېگەنلەرنى چىقىش قىلىپ تۈزتىشى كېرەك.بۇنداق قىلغاندائۇقۇرمەنلەرنىڭ ئەسەرنى ئۇقۇغان ھامان-ئۇنىڭ مەزمۇنىنى چۈشنۈپ،

ئەسەردە ئوتتۇرغا قۇيۇلغان يېڭى پىكىر،يېڭى ئىدىيلەرنى ھەزىم قىلىشتا ئەھمىيتى ئىنتايىن زور بولدۇ.

3›ئەسەرنىڭ لوگىكىلىق قۇرۇلمىسىنى چىقىش قىلغان ئاساستا تۈزتىش ئۇسۇلى.

    مەيلى ناتىقلىق سەنئىتى بولسۇن،ياكى يېزىقچىلىق سەنئىتى بولسۇن، ئۇنىڭ ياخشى بۇلۇشى ياكى ياخشى بولماسلىقى لوگىكا بىلەن زىچ باغلىنىشلىق بولىدۇ.

لوگىكىدىن ئايرىلغان تىل،لوگىكىدىن ئايرىلغان يېزىقچىلىقنىڭ بۇلىشى ناتايىن.دېمەك،لوگىكا يېزىقچىلىقنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭگەن بولىدۇ. ھەم ئۇ ئەسەردە يۈزبىرىش ئېھتىماللىقى بولغان ھەرقانداق خاتالىقنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

مەسلەن؛بىز كىشلىك تۇرمۇشتا،مەتبۇئاتلاردىكى ئەسەرلەردە نۇرغۇن لوگىكىلىق خاتالىقلار يۈز بىرىپ قالغانلىقىنى ھېس قىلىمىز.يەنى«پۇتۇمغا ئاياغ پاتمىدى»،«يۈرەكلىرىم پارە-پارە بۇلۇپ كەتتى»،«ئۇنىڭ قورساقلىرى ئاغرىپ كەتكەن ئىدى»، «يۇقۇملۇق سارىسكېسلىنىڭ ئالدىنى ئالايلى»دېگەنگە ئوخشاش.ئۇنداقتا بىز بۇ جۈملىلەرنىڭ لوگىكىلىق قۇرۇلمىسىغا دىققەت قىلىپ باقايلى؛«پۇتۇمغا ئاياغ پاتمىدى»دېگەن جۈملىدە ئاياغنىڭ پۇتقا پاتمىغانلىقى ئىپادە قىلىنغان. بۇنى ئەمەليەتكە باغلىساق-بىز ھەرگىزمۇ

ئاياغنى پۇتىمىزنىڭ ئىچىگە سىغدۇرماستىن، بەلكى پۇتىمىزنى ئاياغ ئىچىگە سىغدۇرمىز.بۇ جۈملىنى«پۇتۇم

ئاياغقا پاتمىدى»دەپ تۈزەتسەك توغرابولىدۇ.«يۈرەكلىرىم»، «قورساقلىرى»دېگەن بۇ سۆزلەر كۆپلۈك سۆزلىرى.بىرئادەمدە-بىر يۈرەك،بىر قورساق بولماي،يەنە قانچە يۈرەك، قانچە قورساق بولماقچىدى؟ بۇسۆزلەرنى«يۈرگۈم»،«قورسىقى»دەپ تۈزتىش كېرەك.نەچچە يىل ئىلگىرى پۈتكۈل مەتبۇئاتنى

قاپلىغان«يۇقۇملۇق سارىس كېسىلىنىڭ ئالدىنىئالايلى»دېگەن بۇ شۇئاردىمۇ خاتالىق بار.«يۇقۇملۇقسارىس»

دېگەندىن بىز يەنە«يۇقمايدىغان سارىس»كېسىلىنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلىپ قالىمىز.بۇ جۈملىنى ئەڭ ياخشىسى

«سارىس كېسلىنىڭ ئالدىنى ئالايلى»دەپ تۈزەتكەن ياخشى.

مىسال ئالساق بۇنداق  سەۋەنلىكلەر تولا.شوڭا مۇشۇنداق ئەخمىقانە خاتالىقنىڭ يۈز بىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئەسەرنى تۈزەتكەندە«ئەسەرنىڭ سۆز-جۈملىرىدەكېسەل بارمۇ-يوق؟كېسەل بولسا -ئۇ كېسەل سۆز-جۈملىلەرنى قانداق تۈزتىش كېرەك؟»دېگەن مەسلىلەر توغرىسىدا ئەستادىل ئويلىنىش، ھەرگىزمۇ لوگىكىلىق خاتالىق يۈزبىرىشكە ئەسلا يول قويماسلىق، تۈزتىشتە لوگىكىنىڭ ئورنىنى توغرا تۇنۇپ مۇئامىلە قىلىش كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن ئاددى سەۋەنلىكلەرنىڭ ئەسەرنىڭ قىممىتىگە تەسىر يەتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

   4›ئەسەردە قوللىنىلغان تىنىش-بەلگىلىرىنىڭ جايىدا قۇيۇلغان ياكى جايىدا قۇيۇلمىغانلىقىنى چىقىش قىلىپ تۈزتىش ئۇسۇلى.

     بىر پارچە ئەسەردە باش تېما،تېمىلار،شۇنداقلا ئەسەرنىڭ بەددئى،ئىلمى قىممىتى،تىل سەنئىتى،لوگىكىلىق قۇرۇلمىسى، باش-ئاخىرنىڭ ماس بۇلۇشى،ئابزاس-بۆلەكلەرنىڭ ئۇچۇق، ئېنىق بۇلۇشى ئىنتايىن مۇھىم بولغىنىدەك-ئەسەردە تىنىش بەلگىلەرنىڭ رۇلىمۇ ئىنتايىن چوڭ.يەنە ئېيتىشقا بولدۇكى ئەسەرنىڭ پەش،چېكىت،سوراق،ئۈندەش....قاتارلىق تىنىش بەلگىلىرى بولماي قالسا-يەنە ئۇ ئەسەردە ئوتتۇر

غا قويغان پىكىرنىڭ زادى نېمە ئىكەنلىكىنىچۈشەنگىلى بولمايلا قالماستىن،بەلكى ئەسەرنىڭ مەزمۇنىدا نۇرغۇنلىغان خاتالىق كېلىپ چىقىدۇ.مەسلەن؛«ئۆگەن داداڭغائوخشاش ئېشەك بولما»دېگەن جۈملىنى ئالساق؛ بۇ يەردە پەش قۇيۇلمىغانلىقتىن جۈملىنىڭ بىر پۈتۈن مەزمۇنى ئەكسىگە ئايلانغان.«داداڭغا ئوخشاش ئېشەك بولما»دېگەننى بىلدۈرگەن.بۇ جۈملىنى «ئۆگەن داداڭغا ئوخشاش، ئېشەك بولما»دەپ يازساق ئاندىن توغرا بولىدۇ. پەش چۈشۈپ قالسا قەتئى بولمايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا بىز ھەرخىل تەشۋىقات ۋاراقلىرىدا بەزىدە«باھاسى چۈشكەن ئاياللار ئايغى سېتىلدۇ»

دېگەن جۈملىلەرنى ئۇچىرتىپ قالمىز.«چۈشكەن»دېگەنبۇ سۆزنىڭ كەينىدىكى پەشنىڭ چۈشۈپ قېلىشى بىلەن –ئاياغنىڭ باھاسى ئەمەس،بەلكى ئاياللارنىڭ باھاسى چۈشكەنلىكىنى ئىپادە قىلغان. بۇ جۈملىنى «باھاسى چۈشكەن، ئاياللار ئايغى سېتىلدۇ»دەپ ئېلىپ«چۈشكەن»دېگەن سۆزنىڭ كەينىگە پەش قويساق ئاندىن ئاياللارنىڭ ئەمەس، ئاياغنىڭ باھاسى چۈشكەنلىكىنى ئىپادە قىلغىلىبولىدۇ.يېزىقچىلىق جەريانىدا بۇنداق مەسلىلەر بىزگە دائىم ئۇچراپ تۇرىدۇ.ئاپتۇر ئەسىرنى تۇنجى قېتىم يازغان چېغىدىلا-تىنىش بەلگىلەرنىڭ قانۇنيىتىگە تۇلۇق ئەمەل قىلدىم دەپ ئېيتالىشى ناتايىن.

شۇ ئەسەرنى تۈزەتكەندە، مۇشۇ تىنىش بەلگىلەرنىڭ قۇيۇلدىغان جايلىرىغا تۇلۇق قۇيۇپ، تىنىش بەلگىلىرى

ئارقىلىق پىكىر سىجىللىغىنى ئاشۇرغىلى، ئەسەردەخاتالىق يۈز بىرىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

  4.تۈزىتىش ماھارىتى

   يېزىقچىلىق،يەنى يېزىش-بىرچوڭ ماھارەت بۇلىشى بىلەن بىرگە،تۈزتىشمۇ-چوڭ بىرخىل جاپالىق ماھارەت بۇلۇپ ھىسابلىندۇ.يېزىش ماھارىتى ئۈستۈن بۇلۇپ،تۈزىتىش ماھارىتى بولمىسا،تۈزتىشنى-تۈزتىش دائىرسى بۇيىچە، تۈزتىشنىڭ ئۇسۇللىرى بۇيچە تۈزتىپ چىققىلى بولمايدۇ. شوڭلاشقا تۈزتىش ماھارىتى بۇلۇش-يېزىشما ھارىتىنى تۇلۇقلايدىغان، تېخىممۇ مۇكەممەللەشتۈردىغان ماھارەت جەريانىدۇر.ئاپتۇر ئۆزىنىڭ يازغان ئەسىرنى خەلق سۈيۈپ ئۇقۇيدىغان ئەسەر قىلىپ چىقىشتا-يەنى ئەسەرنىڭ باش تېمىسى ياخشى بۇلۇشى،تېمىلارنىڭ باش تېمىنى يۇرتۇپ بىرىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى، باش-ئاخىرى ماسلىشىشى، لوگىكىلىق قۇرۇلمىسى مۇكەممەل بۇلۇشى، تىنىش بەلگىلىرىنى جايىدا قۇيۇش قاتارلىقلاردا ئاپتۇرنىڭ مۇكەممەل بولغان بىلىم قۇرۇلمىسى، تۇرمۇش تەجىربىسى، تىل چۈشەنچىسى بۇلۇشى ئالدىنقى شەرت. شوڭلاشقا ئاپتۇر يېزىش ماھارىتىنى يۇقىرى كۆتىرىشى، جۈملىدىن تۈزتىش ماھارىتىنى يۇقىرى كۆترىش ئۈچۈن ئۈزلكسىز تىرشىپ ئۆگنىشى ئىنتايىن

زۈرۈر.

تۈگدى. شنجاڭ ئۇنۋېرسىتى.

‹قەلەمتەۋرەتكۈچى؛شايار ناھىيە يېڭى مەھەللە ئوتتۇرا

مەكتەپ ئۇقۇتقۇچىسى؛تۇنيازغوجا.يانفۇن؛15099555791

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @2 b! ^4 }" E# ]  I& j" I" D2 [
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-31 01:19 AM  بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @2 H- [: d+ `+ z. H9 g. E' {

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @- \% N: Q6 g( F; {. ?+ T; a# |

تەبەسسۇم بىلەن كەلگۈسىگەنەزەر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96454
يازما سانى: 73
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 284
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 34 سائەت
تىزىم: 2013-7-27
ئاخىرقى: 2014-7-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-30 08:54:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسەر ياخشى يېزىلىپتۇ. لىكىن بەزى گەپ-سۆزلەر ئايرىۋىتىلمەپتۇ. مەسىلەن: ماھارىتىنىيۇقىرى... دىگەندەك. شۇڭا مۇمكىن بولسا ئەسەر تۈزىتىلىپ قايتا يوللانسا

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104917
يازما سانى: 645
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2304
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 115 سائەت
تىزىم: 2014-3-16
ئاخىرقى: 2014-6-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-30 09:18:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

قەدىرلىنىش ئۈچۈ

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2003
يازما سانى: 1647
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 21762
تۆھپە نۇمۇرى: 1042
توردا: 9310 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2014-7-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-30 09:31:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @* B$ T) X* n( w6 W2 Kتۇنىياز غوجا شايارى ئەپەندى:
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @+ q$ b% \. E' X1 K# E4 Iماقالىڭىزنى تەپسىلى كۆرۈپ چىقتىم، ماقالىڭىزدا مەلۇم بىر ئەسەرنى تۈزىتىش ھەققىدە ناھايىتى ئەتراپلىق پىكىر يۈرگۈزۈپسىز. بىراق ئۆزىڭىز تۈزىتىش توغرۇلۇق پىكىر يۈرگۈزۈپ تۇرۇپ ماقالىڭىزدە ئىپادە قىلىنغان تۈپ مەركىزى ئىدىيەگە قىلچىمۇ ئەمەل قىلماپسىز.(تۈزىتىش نۇرغۇن كونكىرىت تەرەپلەرگە چېتىلىدۇ. ئىملا قائىدىسى ۋە سۆزلەرنىڭ توغرا يېزىلىشىمۇ مۇشۇنىڭ ئىچىدە.) بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 Q* P7 v' A6 P2 o
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @( B; c: p$ e# }+ f2 s
سىز خۇددى بەزى ھەرىپلەر بىلەن ئۇرۇشۇپ قالغاندەك، نۇرغۇن سۆزلۈكلەردە قىسمەن ھەرىپلەرنى چۈشۈرۈپ قويۇپسىز.(يۇقارقى ماقالىڭىزدىكى قىزىل بۇيالغان سۆزلۈكلەر بۇنىڭ ئەمەلىي مىسالى). يېزىقىمىزدا مەلۇم مەنا ئىپادىلەيدىغان سۆزلۈكلەردە ھەرىپلەر چۈشۈپ قالسا، شۇ سۆزلۈكنىڭ ئىپادە قىلىدىغان مەناسى ئۆزگىرىپ ئوقۇرمەنلەرنىڭ چۈشىنىشىگىمۇ زور تەسىر يېتىدۇ. بۇ نوقتىلارغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشىڭىزنى تەۋىسىيە قىلىمەن.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @! `2 y. z; n5 d; y$ J+ a
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @8 n: e9 g3 Y4 ~1 x* M
ئەسكەرتىش: كومپىيوتېر مەشغۇلاتى سەۋەبلىك كېلىپ چىققان سۆزلەرنىڭ قۇشۇلۇپ كېتىشى ۋە بوشلۇقلارنىڭ مۇۋاپىق قۇيۇلماسلىقى ھازىر تەھرىرلىنىۋاتىدۇ.  بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @5 V# q. [. p6 C7 M2 K" f& \+ I
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-30 10:42 PM  
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @3 n$ z& Z- [# t7 p1 R
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @  ?0 t  X- n7 E: L0 z3 g% z) |

ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
musilina + 20 ماختاشقا تېگىشلىك
hujayin1 + 10 نادىر ئىنكاس.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 30   باھا خاتىرىسى

ھېسسىيات قارىشىڭنى ئەقلىڭنىڭ ئۈستىگە قويغان كۆنۈڭ، سېنىڭ خاتالىشىشقا يول قويغان تۇنجى كۈنۈڭدۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 54225
يازما سانى: 431
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9784
تۆھپە نۇمۇرى: 689
توردا: 211 سائەت
تىزىم: 2011-9-1
ئاخىرقى: 2014-7-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-31 12:18:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
؛بىز كىشلىك تۇرمۇشتا،مەتبۇئاتلاردىكى ئەسەرلەردە نۇرغۇن لوگىكىلىق خاتالىقلار يۈز بىرىپ قالغانلىقىنى ھېس قىلىمىز.يەنى«پۇتۇمغا ئاياغ پاتمىدى»،«يۈرەكلىرىم پارە-پارە بۇلۇپ كەتتى»،«ئۇنىڭ قورساقلىرى ئاغرىپ كەتكەن ئىدى»،
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @& d- c8 I0 o6 w
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @/ M# ?5 Y' i3 F! @6 z% E( Z   بۇ ئۈچ جۈملىدە لوگىكىلىق خاتالىق باردەك كۆرۈنگەن بىلەن تىلنىڭ جانلىق ئوبرازلىق ئىشلىتىشى نۇقتىسىدىن توغرا ئېتىلغان جۈملىلەر ھېساپلىنىدۇ . يۈرەكلىرىم ، قورساقلىرى ...دېگەن سۆزلەردىكى كۆپلۈك قوشۇمچىسى ھەرگىزمۇ بىرنەچچە ئادەمنى بىلدۈرىغان كۆپلۈك ئەمەس بەلكى چوڭلۇقنى ، شۇ ئىشنىڭ تەسىرىنىڭ كەڭلىكىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن كۆپلۈك قوشۇمچىسىدۇر . بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @+ f7 J- |) {' I5 G; C
مەسىلەن بىز تۇرمۇشتا ‹‹ بىزنىڭ خوتۇن ›› ‹‹بىزنىڭ ماشىنا ›› دېگەندەك گەپلەرنى ئىشلىتىمىز بۇنىڭدىكى كۆپلۈق قوشۇمچىسىمۇ ئوخشاشلا ئۆزىنى چوڭ كۆرسىتىش مەنىسىدە كەلگەن بولۇپ بۇنىڭ سان جەھەتتىكى كۆپلۈك بىلەن ئالاقىسى يوق . ‹‹بۇ يول نەگە بارىدۇ ›› دېگەن سۆزنىمۇ لوگىكىغا سېلىپ خاتا دېگەنلەر بولدى ، يول ھېچنەگە بارمايدۇ دەپ چاقچاقلارمۇ بولدى . ئەمما بۇ جۈملىمۇ ناھايىتى جانلىق ئورۇنلۇق ئىشلىتىلگەن خەلق ئىچىدىكى جۈملە ئىدى . تۈركچىدىمۇ بۇ جۈملىنى ئوخشاش ئىشلتىدۇ ئەمما ھېچكىم لوگىكىدا خاتا دېمەيدۇ .بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @! y4 i1 h' G3 V) r9 y9 R
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @. H, G- F. P0 N5 Q/ i, Z& [6 b. R- X

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @4 X0 A2 M# k: x: |& Q6 Y& e. [
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @6 ~+ Y6 n! S0 q: A. Q  y

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش